ئايال كىشى قولى ئوچۇق ھالدا سىرتقا چىقسا بولامدۇ؟ | ئىمام ئەھمەد پەتىۋاسى
ئىمام ئەھمەدتىن مۇنداق سورالدى: «بىر كىشى بازاردا سودا-سوتۇق قىلىۋاتقاندا، بىر ئايال ئۇنىڭ يېنىغا بىر نەرسە سېتىۋېلىشقا كېلىدۇ، كىشى ئايالنىڭ قولىنى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئەزالىرىنى كۆرۈپ قالىدۇ.» ئىمام ئەھمەد بۇنى يامان كۆردى ۋە: «ئايال كىشىنىڭ ھەممە يېرى (يات ئەرگە نىسبەتەن) ئەۋرەتتۇر» دېدى.
ئۇنىڭدىن: «ئۇنداقتا يۈزىچۇ؟» دەپ سورالغان ئىدى، ئىمام ئەھمەد دېدى: «ئەگەر ئۇ ياش ئايال بولسا، (ئۇنىڭ يۈزى ئوچۇق چىقىشىنى ۋە ئەرلەرنىڭ ئۇنىڭغا قارىشىنى) يامان كۆرىمەن. ئەگەر ئۇ ياشانغان ئايال بولسا، (يۈزىنى ياپماسلىقىدا گۇناھ بولماسلىقىنى) ئۈمىد قىلىمەن.» mujtehid.com ( الجامع لعلوم الإمام أحمد 13\297)
ئىمام ئەھمەدتىن بىر كىشىنىڭ ئۆزى تالاق قىلغان ئايالى بىلەن بىللە تاماق يېيىشى ھەققىدە سورىلىۋىدى، ئۇ زات مۇنداق جاۋاب بەردى: «ياق، ئۇ ئەر تالاق قىلغان ئايالىغا نىسبەتەن يات ئەر ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ئەرنىڭ ئاشۇ ئايالنىڭ بىرەر يېرىگە قارىشى ھالال ئەمەس تۇرسا، قانداقمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە تاماق يەيدۇ ۋە قولىغا قارايدۇ؟! بۇ ئۇنىڭغا ھالال ئەمەس.» mujtehid.com ( الجامع لعلوم الإمام أحمد 13\297)
ئىمام ئەھمەد مۇنداق دېگەن: «ئايال كىشىنىڭ تىرنىقىمۇ ئەۋرەتتۇر. ئەگەر ئۇ سىرتقا چىقسا، ئۇنىڭ قولىمۇ، تىرنىقىمۇ، مەيسە – پايپىقىمۇ كۆرۈنمەسلىكى كېرەك. چۈنكى مەيسە – پايپاق پۇتنىڭ شەكلىنى كۆرسىتىپ قويىدۇ. مەن ئۈچۈن ئەڭ سۆيۈملۈك (ياخشى) بولغىنى، ئايال كىشىنىڭ كىيىمى قولىنى يېپىپ تۇرۇشى كېرەك. شۇنداق بولغاندا قولى ئوچۇق بولسىمۇ (يەنى قولىغا پەلەي كىيمىگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭدىن ھېچنەرسە كۆرۈنمەيدۇ.» mujtehid.com ( الجامع لعلوم الإمام أحمد 13\298)
ئىمام ئەھمەد مۇنداق دېگەن: «ئايال كىشىنىڭ ھەممە يېرى ئەۋرەتتۇر، ھەتتا تىرنىقىمۇ شۇنداق.» mujtehid.com ( الجامع لعلوم الإمام أحمد 13\298)
ئىمام ئەھمەدنىڭ شاگىرتلىرىدىن مۇھەننا رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: مەن ئىمام ئەھمەدتىن ئايال كىشىنىڭ (ئېھرامدا ياكى سىرتتا) مەيسە – پايپىقىنى يېپىشى (يەنى كىيىمىنىڭ مەيسە ياكى پايپىقىنى يېپىپ تۇرۇشى) ھەققىدە سورىدىم. ئۇ: «ھەئە (يېپىشى كېرەك)» دېدى. مەن: «نېمە ئۈچۈن؟» دەپ سورىسام، ئۇ: «چۈنكى مەيسە – پايپاق پۇتنىڭ شەكلىنى بىلنەشتۈرۈپ (سۈرەتلەپ) قويىدۇ» دەپ جاۋاب بەردى. mujtehid.com (الجامع لعلوم الإمام أحمد 13\298)
ئىمام ئەھمەد يەنە مۇنداق دېگەن: ئايال كىشىنىڭ تىرنىقىمۇ ئەۋرەتتۇر. شۇڭا ئايال كىشى سىرتقا چىققاندا، ئۇنىڭدىن ھېچ نەرسە كۆرۈنۈپ قالماسلىقى كېرەك. ھەتتا مەيسە – پايپىقىمۇ كۆرۈنمىسۇن، چۈنكى مەيسە – پايپاق پۇتىنىڭ شەكلىنى بىلنەشتۈرۈپ قويىدۇ. مەن ئۈچۈن سۆيۈملۈك بولغىنى، ئايال كىشى كىيىمىنىڭ يېڭىنىڭ قول چىقىدىغان يېرىنى تۈگمە بىلەن ئېتىپ قويۇشىدۇر، بۇنداق بولغاندا قولىنىڭ ھېچيېرى كۆرۈنۈپ قالمايدۇ. mujtehid.com (الجامع لعلوم الإمام أحمد 13\300)
بەزى ئەرلەر خانىم – قىزلىرىنى يۈز يېپىشقا تەۋسىيە قىلسىمۇ، قولىنى يېپىشقا تەۋسىيە قىلمايدۇ. ھالبۇكى، ئايال كىشىنىڭ قولى بىلەن يۈزىنىڭ ھۆكمى ئوخشاش، ھەر ئىككىسى نامەھرەمگە نىسبەتەن ئەۋرەت. كۈنلەمچىلىكى بار، شەرىئەتكە ئەمەل قىلىدىغان مۇسۇلمان ئەركەك — بولۇپمۇ بۈگۈنكىدەك زىنا – پاھىشە كۈچىيىپ كەتكەن، پاسىقلىق مىسلىسىز دەرىجىگە چىققان بىر پىتنە دەۋرىدە، يات ئەرلەر نەدە يات ئايالنى كۆرسە قاراپ لەززەتلىنىدىغان بىر دەۋردە — قانداقسىگە يات ئەرلەرنىڭ ئۆز ئايال – قىزلىرىنىڭ يۈزىگە ياكى قولىغا قاراپ لەززەت ئېلىشىغا چىداپ، سۈكۈت قىلىپ تۇرالايدىغاندۇ؟
— مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
مۇناسىۋەتلىك پەتىۋالار:
ئايال كىشى قوللىرىنى يات ئەرلەرگە كۆرسەتسە بولامدۇ؟ | ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىن پەتىۋاسى
يۈزىنى ئېچىپ سىرتقا چىققان ئايال گۇناھكار بولامدۇ؟ | ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزان پەتىۋاسى
ئايالىم يۈز يېپىشنى رەت قىلىدۇ، قويۇپ بېرەيمۇ؟ | ئەللامە سالىھ فەۋزان پەتىۋاسى
خانىم – قىزلار يات ئەر بار يەردە يۈزىنى ياپامدۇ؟ | ئەللامە ئابدۇللاھ ئىبنى غۇدەييان رەھىمەھۇللاھ
ئايال كىشى ئون ياشتىن ئاشقان ئوغۇل بالىنىڭ ئالدىدا يۈز يېپىش كېرەكمۇ؟
تۆت مەزھەپ ئاياللارنىڭ پىتنە دەۋرىدە يۈز يېپىشىنى پەرز دەمدۇ؟ | مۇھەددىس ئابدۇلئەزىز تەرىفى
قۇرئان ۋە سەھىھ ھەدىسلەردىن يۈز يېپىشنىڭ پەرزلىكىگە دەلىللەر
