ئىمام مالىك ئايال كىشىنىڭ يۈزى يات ئەرگە نىسبەتەن ئەۋرەت دەپ قارايدۇ
ئىمام مالىكتىن مۇنداق سورالغان: ئەگەر ئەر كىشى ئايالىغا «سەن ئۈچ تالاق» دېسە، لېكىن كېيىن (ئۆز سۆزىنى) ئىنكار قىلسا (يەنى «سەن ئۈچ تالاق» دېگەن سۆزىدىن يېنىۋالسا، ئايال نېمە قىلىشى كېرەك)؟ ئىمام مالىك مۇنداق جاۋاب بەرگەن: < لَا تَتَزَيَّنُ لَهُ وَلَا يَرَى لَهَا شَعْرًا وَلَا صَدْرًا وَلَا وَجْهًا إنْ قَدَرَتْ عَلَى ذَلِكَ> «بۇ ئايال ئۇ ئەر ئۈچۈن ياسىنىپ – زىننەتلەنمەيدۇ. ئەگەر قادىر بولالىسا ئۇ ئەرگە چېچىنى، كۆكرىكىنى ۋە يۈزىنى كۆرسەتمىسۇن.» mujtehid.com (المدونة ٢/٩٥)
