ئىمام شافىي: ئايال كىشىنىڭ ھەج – ئۆمرىدە يۈز يېپىشى ھەققىدە


ئىمام نەۋەۋى «المجموع شرح المهذب» ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دېگەن:

ئىمام شافىي «ئەلئۇم» ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دېگەن، شۇنداقلا بۇ شافىي مەزھىبى ئالىملىرىنىڭمۇ ھۆكمىدۇر: «ئايال كىشىنىڭ (سەفا بىلەن مەرۋە ئارىسىدا) كېچىسى مېڭىشى مۇستەھەبتۇر. چۈنكى كېچىسى (بۇ ئىبادەتنى قىلىش) ئاياللارنى يات ئەرلەردىن تېخىمۇ يوشۇرىدۇ، ئەزالىرىنىڭ يات ئەرلەرگە كۆرۈنمەسلىكى ئۈچۈن تېخىمۇ بىخەتەر بولىدۇ، شۇنداقلا ئاياللارنىڭ كېچسى سەئىي قىلىشى ئۆزى ۋە باشقىلار ئۈچۈن پىتنىدىن تېخىمۇ ئۇزاق بولىدۇ. شۇنداقتىمۇ، ئايال كىشىنىڭ كۈندۈزى تاۋاپ قىلىشىمۇ جائىز. لېكىن، ھەج – ئۆمرە قىلغۇچى ئايال يۈزنى يېپىپ تۇرىدىغان رەخت قاتارلىقلارنى، يۈز تېرىسىگە چاپلىۋالمىغان ھالدا (بېشىنىڭ ئۈستىدىن ساڭگىلىتىش ئارقىلىق يۈزىنى ياپىدۇ.» mujtehid.com (المجموع شرح المهذب 8\75)

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ