سوپىلار قانداق كىشىلەر، ئۇلارنىڭ يولى توغرىمۇ؟
سوئال: سوپىلار قانداق كىشىلەر، ئۇلارنىڭ يولى توغرىمۇ؟
پەتىۋا بەرگۈچى: ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزان ھافىزەھۇللاھ
(مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى)
جاۋاب: سوپىلارنىڭ ئەسلى — ئىبادەتكە، زاھىدلىققا ۋە دۇنيادىن قول ئۈزۈشكە تىرىشىدىغان ئىبادەتگۇيلار ۋە زاھىدلار ئىدى. دەسلەپتە ئۇلار شۇنداق بولغان ۋە ئىستىقامەت ئۈستىدە بولغان. ئەمما، ئۇلارنىڭ بۇ (شەرىئەتتە بولمىغان ئارتۇقچە) ئەمەللىرى ۋە زاھىدلىقتىكى قاتتىق قول يولى ماختىغۇدەك ئىش ئەمەس ئىدى. تەسەۋۋۇپ دەسلىۋىدە گەرچە ھەر جەھەتتىن ماختىغۇدەك بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇ چاغلاردا ئۇنىڭغا تېخى (كېيىنراق سوپىلار \ تەسەۋۋۇپچىلار ئارىسىدا ئوتتۇرىغا چىققان) ئاللاھقا شىرك كەلتۈرۈش ۋە دىنىي چەك – چېگرالاردىن بۆسۈپ ئۆتۈپ كېتىش قىلمىشىلىرى يوق ئىدى.
ئەمما، تەسەۋۋۇپقا شىرك ۋە كۇفرىنىڭ سىڭىپ كىرىشى بىلەن ئۇ ئۆزگەردى. ئۇلار گويا «ئاللاھقا يەتكەن ۋە ئاللاھنى تونۇغان» ئەۋلىيالار بار، ئۇلارنىڭ پەيغەمبەرگە ئەگىشىشىگە ھاجەت يوق، دەپ ئېتىقاد قىلىشقا باشلىدى. ئۇلار گويا ئاللاھتىن بىۋاسىتە بۇيرۇق ئالىدىغانلىقىنى دەۋا قىلىدۇ، مۇرىتلىرى بولسا ئۇلارغا قەتئىي ئىتائەت قىلىدۇ. ئۇلار: «مۇرىت شەيخىنىڭ ئالدىدا خۇددى غەسسالنىڭ (ئۆلۈك يۇيغۇچىنىڭ) قولىدىكى ئۆلۈكتەك تۇرۇشى كېرەك» دەيدۇ. يەنى مۇرىت شەيخىگە ھېچقانداق قارشى چىقمايدۇ ۋە ئۇ نېمە بۇيرۇسا قوبۇل قىلىدۇ. مانا تەسەۋۋۇپ مۇشۇ ھالغا يەتتى. ئاللاھ ساقلىسۇن، بۇ شەك-شۈبھىسىز كۇفرىدۇر.
ھەتتا بۇ ئىش «ۋاھدەتۇل ۋۇجۇد» (ۋۇجۇدنىڭ بىرلىكى) ئېتىقادىغىچە بېرىپ يەتتى. بۇ — «كائىناتتىكى ھەممە نەرسە ئاللاھنىڭ ئۆزىدۇر، ياراتقۇچى بىلەن يارىتىلغۇچى ئوتتۇرىسىدا پەرق يوق» دېگەن سۆزدۇر. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە: «كائىناتتا بىر ياراتقۇچى ۋە ئۇنىڭ يارىتىلغان مەخلۇقلىرى بار» دېگەن كىشى مۇشرىكتۇر. ئۇلارنىڭچە تەۋھىدنىڭ مەنىسى — سېنىڭ بۇ كائىناتتىكى ھەممە نەرسىنى ئاللاھنىڭ ئۆزى دەپ بىلىشىڭدۇر. شۇڭا، بىرەر نەرسىگە چوقۇنغان كىشى ئەمەلىيەتتە ئاللاھقا چوقۇنغان ھېسابلىنىدۇ (دەيدۇ ئۇلار). بۇتلارغا، تاشلارغا، دەرەخلەرگە چوقۇنغۇچىلار ئەسلىدە ئاللاھقا چوقۇنغانمىش، چۈنكى ئۇلار بۇ كائىناتتىكى بىر نەرسىگە چوقۇنۇۋاتقانمىش. ئىبنى ئەرەبى، ھەللاج، تىلمىسانى، ئىبنى سەبئىن ۋە باشقا تاغۇتلار تەسەۋۋۇپنى مۇشۇ ھالغا ئېلىپ كەلدى. ئاللاھ ساقلىسۇن، ئۇلار ئىشنىڭ ئاخىرىنى مۇشۇنداق يىرگىنچلىك كۇفرىغا ئاپاردى.
بۈگۈنكى كۈندە بولسا، سوپىلارنىڭ ئىبادەتلىرى ئومۇمەن شەرىئەتتە رۇخسەت قىلىنمىغان بىدئەتلەردىن ئىبارەتتۇر. ئۇلار بىدئەتلەر بىلەن ئەمەل قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا. «سادات»لىرى (پىر-شەيخلىرى) نېمىنى بۇيرۇسا شۇنى قىلىدۇ. «پەيغەمبەرگە ئەگىشىشىمىز كېرەك» دېمەيدۇ. «پەيغەمبەرلەر ئادەتتىكى كىشىلەر (ئاۋام) ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن، بىز بولساق خاۋاسلارغا (ئالاھىدە تاللانغانلارغا) ئەگىشىمىز» دەيدۇ.
بەزىلىرى بولسا: «ئەگەر كىشى مەرىپەتتە (ئاللاھنى تونۇشتا) ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتسە، ئۇنىڭ ئۈستىدىكى مەجبۇرىيەتلەر ساقىت بولىدۇ» دەيدۇ. يەنى ئۇنىڭغا نە ناماز، نە روزا، نە زاكات فارىز ئەمەسمىش. شۇنىڭغا ئوخشاش، بۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭغا ھېچقانداق نەرسە ھارام بولماسمىش؛ نە زىنا، نە لىۋاتە (بەچچىۋازلىق) ھارام ئەمەسمىش، چۈنكى ئۇ گويا ئاللاھقا يەتكەنمىش! ئاللاھ ساقلىسۇن، بۇنىڭدىن ئارتۇق كۇفرى بارمۇ؟ بۇ كۇفرىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى چېكىدۇر. ئۇلارنىڭ دەۋاسىچە، تەرىقەت شەيخلىرى كائىناتتا خالىغانچە تەسەررۇپ قىلىپ، ياشىتىش، ئۆلتۈرۈش، نېئمەت بېرىش ياكى مەنئى قىلىش ھوقۇقىغا ئىكەنمىش. مانا تەسەۋۋۇپ ۋە ئۇلار ماڭغان يول!
ئازغۇنلۇق مانا مۇشۇنداق «ياخشى نىيەت» بىلەن باشلىنىپ، كېيىن تەرەققىي قىلىپ مۇشۇنداق يامان ئاقىۋەت بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. قاچانكى ئۇلارنىڭ زاھىدلىقى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يولىغا خىلاپ بولدى، ئىشنىڭ ئاخىرى مۇشۇ نۇقتىغا كېلىپ يەتتى. ئىبادەتلىرىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئېلىپ كەلگەن شەرىئەتكە چىڭ يېپىشقانلارغا كەلسەك، ئەلھەمدۇلىللاھ، ئۇلاردا ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى ۋە شەرىئەتكە خىلاپلىق قىلىشمۇ سادىر بولمىدى. چۈنكى ئۇلار توغرا يولدا ماڭدى. كېيىن پەيدا بولغان بۇ بىدئەتلەر ئۈستىدە ماڭغانلارنىڭ ئاقىۋىتى بولسا، ئاللاھ ساقلىسۇن، مانا مۇشۇنداق بولىدۇ.
مەنبە: «شَرْحُ رِسَالَةِ مَعْنَى الطَّاغُوتِ»، سوئال-جاۋاب قىسمى.
