رەسۇلۇللاھ ئەلەيھى ۋەسەللەم قەبرىسىدە ئۆزىگە نىدا قىلغانلارنى ئاڭلامدۇ؟ | ھەرەم پەتىۋا ئورگىنى

رەسۇلۇللاھ ئەلەيھى ۋەسەللەم قەبرىسىدە ئۆزىگە نىدا قىلغانلارنى ئاڭلامدۇ؟

مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

ئىمام ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ باشچىلىقىدىكى ھەرەم ئالىملىرى پەتىۋا ئورگىنىدىن مۇنداق پەتىۋا سورالدى:

سوئال: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۆزىنىڭ مۇبارەك قەبرىسى يېنىدا قىلىنغان ھەر بىر دۇئا ۋە نىدانى، ياكى ئۆزىگە ئوقۇلغان سالاۋاتلارنى ئاڭلامدۇ؟ چۈنكى ھەدىستە: «كىم قەبرەم يېنىدا ماڭا سالاۋات ئېيتسا، مەن ئۇنى ئاڭلايمەن» دەپ كەلگەن. بۇ ھەدىس سەھىھمۇ، زەئىپمۇ ياكى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە نىسبەت بېرىلگەن توقۇلمىمۇ؟

جاۋاب: بۇ مەسىلىدىكى ئاساسلىق قائىدە شۇكى، ئۆلۈكلەر ئومۇمەن تىرىك ئىنسانلارنىڭ نىدالىرىنىمۇ، دۇئالىرىنىمۇ ئاڭلىمايدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «سەن قەبرىلەردىكى (ئۆلۈكلەرگە) ئاڭلىتالمايسەن.» (سۈرە فاتىر، 22 – ئايەت). 

قۇرئان ۋە سەھىھ سۈننەتتە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بىرەر ئىنساننىڭ دۇئاسىنى ۋە نىداسىنى ئاڭلايدىغانلىقىغا دەلىل بولىدىغان، ھەمدە بۇنى رەسۇلۇللاھقا خاس بىر خۇسۇسىيەت قىلىدىغان ھېچقانداق نەس (دەلىل) يوق. ئەمما سالاۋات ۋە سالام يوللىغۇچىنىڭ سالاۋات – سالاملىرىنىڭ ئۇ زاتقا يەتكۈزۈلىدىغانلىقى ئېنىقتۇر. سالاۋات ئېيتقۇچىنىڭ قەبرە يېنىدا بولۇشى ياكى يىراقتا بولۇشى ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق پەرىق يوق. ئەلى ئىبنى ھۈسەين ئىبنى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن سابىت بولغان بىر ئەسەردە بايان قىلىنىشىچە، ئۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قەبرىسى يېنىدىكى بىر يوچۇققا كىرىپ دۇئا قىلىۋاتقان بىر ئادەمنى كۆرگەن ۋە دەرھال ئۇنى توسۇپ مۇنداق دېگەن: «سىلەرگە دادامدىن، ئۇ بوۋامدىن، بوۋام رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن ئاڭلىغان بىر ھەدىسنى سۆزلەپ بېرەيمۇ؟ رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: ‹مېنىڭ قەبرەمنى ھېيت ئورنىغا، ئۆيلىرىڭلارنى قەبرىستانلىققا ئايلاندۇرۇۋالماڭلار. ماڭا سالاۋات ئېيتىڭلار، چۈنكى سىلەر قەيەردە بولۇڭلار، سالاۋاتىڭلار ماڭا يەتكۈزۈلىدۇ.›» (ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى).

«كىم قەبرەم يېنىدا ماڭا سالاۋات ئېيتسا مەن ئۇنى ئاڭلايمەن، كىم يىراقتا تۇرۇپ سالاۋات ئېيتسا ئۇ ماڭا يەتكۈزۈلىدۇ» دېگەن ھەدىسكە كەلسەك، بۇ ھەدىس ئىلىم ئەھلىلىرى نەزىرىدە زەئىپ ھەدىستۇر. ئىمام ئىبنى تەيمىييە مۇنداق دېگەن: «بۇ ھەدىس، ھەدىس ئەھلىنىڭ ئىتتىپاقى بىلەن ئەئمەشنىڭ نامىدىن توقۇلغان بىر رىۋايەتتۇر.» (مەجمۇئۇل فەتاۋا 27\241) ئەبۇ داۋۇد ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن ھەسەن سەنەد بىلەن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ماڭا سالام بەرگەن ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ سالامىغا جاۋاب بېرىشىم ئۈچۈن، ئاللاھ مېنىڭ روھىمنى قايتۇرىدۇ.» (ئىمام ئەھمەد، ئەبۇ داۋۇد) بۇ ھەدىستىمۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ سالاۋات – سالاملىرىنى (بىۋاسىتە) ئاڭلايدىغانلىقىغا ئائىت ئېنىق (سەرىھ) بىر ئىپادە يوق. بەلكى پەرىشتىلەر سالاۋات – سالامنى ئۇ زاتقا يەتكۈزگەندە، ئۇنىڭغا جاۋاب قايتۇرۇشى ئېھتىمالغا يېقىن. مۇسۇلمانلارنىڭ سالامىنى ئاڭلايدۇ دەپ پەرەز قىلغان تەقدىردىمۇ، بۇ ئەھۋال ئۇنىڭ دۇئا ۋە نىدالارنىمۇ ئاڭلايدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ.

پەتىۋا بەرگۈچى ئالىملار: ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز، ئابدۇللاھ ئىبنى قۇئۇد، ئابدۇللاھ ئىبنى غۇدەييان، ئابدۇررەززاق ئەفىيفىي [فەتاۋا لەجنەتۇد دائىمە، 1/2/472]

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ