كىشى قانداق شەرتلەرنى ھازىرلىسا مۇجتەھىد بولالايدۇ؟
ئەللامە ئىبنى جۇزەي ئەندەلۇسىي رەھىمەھۇللاھنىڭ «تقريب الوصول إلي علم الأصول» ناملىق ئەسىرىدىن مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
دىققەت: ئەللامە ئىبنى جۇزەي ئەندەلۇسى ئىمام ئىبنى تەيمىييە بىلەن دەۋرداش ياشىغان (ئىبنى تەيمىييەدىن 30 يىلدەك كېيىن تۇغۇلغان) مەشھۇر مۇجتەھىد ئالىم بولۇپ، ئۆزى ئەندەلۇسلۇق. بۇ ئالىم خىرستىيانلار بىلەن بولغان بىر قېتىملىق جىھادتا شەھىد بولۇپ كەتكەن. ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن، ئۇنى مەغفىرەت قىلسۇن، ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن.
مۇجتەھىد بولۇشنىڭ شەرتلىرى ئومۇمىي جەھەتتىن تۆتتۇر:
بىرىنچى، بالاغەتكە يەتكەن بولۇش
ئىككىنچى، ئادىللىق (تەقۋادارلىق)
ئۈچىنچى، زېھنىنىڭ ئۆتكۈر بولۇشى
تۆتىنچى، ئىجتىھاد قىلىش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان بىلىملەرنى بىلىش.
ئىجتىھاد قىلىش ئۈچۈن زۆرۈر ئىلىملەر تۆۋەندىكى بەش تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
[1] ئاللاھ تائالانىڭ كىتابى قۇرئان كەرىمنى يادلىغان بولۇش. يەتتە قىرائەتنىڭ ھېچبولمىغاندا بىرى بويىچە قۇرئاننى تەجۋىدلىك ھالدا توغرا ئوقۇش، ئايەتلەرنىڭ مەنىلىرىنى — خۇسۇسەن ئەھكام ئايەتلىرىنى — چۈشىنىش، مەككىي ۋە مەدەنىي ئايەتلەرنى، مۇھكەم ئايەتلەرنى، ناسىخ ۋە مەنسۇخ ئايەتلەرنى، ھەمدە قۇرئانغا ئالاقىدار باشقا ئىلىملەرنى بىلىش شەرت.
بەزى ئۇسۇلۇل فىقھى ئالىملىرى: «مۇجتەھىدنىڭ قۇرئاننى ياكى ئەھكام ئايەتلىرىنى يادلىشى شەرت ئەمەس، بەلكى ئېھتىياج چۈشكەندە قاراش ئۈچۈن شۇ ئايەتلەرنىڭ ئورنىنى بىلسە كۇپايە قىلىدۇ» دېگەن. لېكىن بۇ قاراش ئىككى جەھەتتىن خاتا.
بىرىنچىدىن، شەرئىي ھۆكۈملەر بەزىدە مەشھۇر ئەھكام ئايەتلىرىدىن باشقا ئايەتلەردىنمۇ چىقىشى مۇمكىن، شۇڭا مۇجتەھىد بولغۇچى قۇرئاننىڭ ھەممىسىنى يادلاشقا مەجبۇر بولىدۇ.
ئىككىنچىدىن، ئاللاھنىڭ كىتابىنى يادلاشقا قىزىقمىغان كىشىنىڭ قانداقمۇ ئاللاھنىڭ دىنىدا ئىمام (يېتەكچى) بولالىسۇن؟ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن تۇرسا: «ئاللاھنىڭ كىتابى ئاللاھنىڭ مەھكەم ئارغامچىسىدۇر، ئۇ توغرا يولدۇر. ئۇنىڭدا سىلەردىن ئىلگىرىكىلەرنىڭ خەۋىرى، سىلەردىن كېيىنكىلەرنىڭ بېشارىتى ۋە ئاراڭلاردىكى ئىشلارنىڭ ھۆكمى باردۇر. كىمدەكىم ئۇنى تەرك ئەتسە، ئاللاھ ئۇنى ھالاك قىلىدۇ؛ كىمكى ھىدايەتنى ئۇنىڭدىن باشقىسىدىن تەلەپ قىلسا، ئاللاھ ئۇنى ئازدۇرىدۇ.» قۇرئاننى تەرك ئەتكەن ۋە ھىدايەتنى باشقىدىن ئىزدىگەنلەرگە قارىتىلغان بۇ تەھدىت سىزگە كۇپايە قىلغۇسى.
[2] ھەدىس ئىلمى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەدىسلىرىنى ۋە ساھابىلەرنىڭ سۆزلىرىنى يادلاش، ئۇلارنىڭ سەنىدلىرىنى (رىۋايەت زەنجىرىنى) بىلىش ۋە رىۋايەت قىلغۇچىلارنى (راۋىيلارنى) تونۇش. گەرچە مۇھەددىس ئىماملار — ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن ۋە ياخشىلىق بىلەن مۇكاپاتلىسۇن — راۋىيلارنى تونۇش، ئۇلارنىڭ ئىشەنچلىكلىكىنى تەكشۈرۈش، سەھىھ ھەدىسنى باشقىسىدىن ئايرىش خىزمەتلىرىنى ئادا قىلىپ، كېيىنكىلەر ئۈچۈن سەنەد ۋە راۋىيلارنى تەتقىق قىلىش يۈكىنى يەڭگىللىتىپ بەرگەن بولسىمۇ، بۇ بىلىملەرگە ئىگە بولۇش مۇجتەھىد ئۈچۈن يەنىلا بىر كامالەت سۈپىتىدۇر.
بەزى كىشىلەر: «مۇجتەھىد ئۈچۈن ھەدىس يادلاش شەرت ئەمەس» دېگەن، بۇمۇ خاتا. چۈنكى ھۆكۈملەرنىڭ كۆپىنچىسى ھەدىسلەردە بايان قىلىنغان. ئەگەر مۇجتەھىد ھەدىسنى بىلمىسە، قىياس قىلىش ياكى باشقا ئاجىز دەلىللەر بىلەن پەتۋا بېرىپ قويىدۇ-دە، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئېنىق سۆزىگە (نەسكە) خىلاپلىق قىلىپ قالىدۇ.
[3] فىقھ ئىلىمى. فىقھىنى پىششىق بىلىش ۋە (ئىمام مالىك، ئىمام شافىي … قاتارلىق) پېشىۋا ئالىملارنىڭ شەرئىي ھۆكۈم – پەتىۋالىرىنى يادقا بىلىش. بۇنىڭ بىلەن مۇجتەھىد ئۆز قاراشلىرىدا سەلەف – سالىھلارغا ئەگىشەلەيدۇ، ئۇلارنىڭ سۆزلىرى ئىچىدىن ئەڭ سەھىھ ۋە كۈچلۈك بولغىنىنى تاللىيالايدۇ. شۇنداقلا ئالىملارنىڭ سۆزلىرىدىن پۈتۈنلەي چىقىپ كېتىپ، «ئىجمائ»نى (ئالىملارنىڭ بىرلىككە كەلگەن ھۆكمىنى) بۇزۇپ قويۇشتىن ساقلىنىدۇ. ئىمام مالىك ئۆزىنىڭ شۇنچە بۈيۈك مەرتىۋىسىگە قارىماي، ئۆزىدىن ئىلگىرىكى ئالىملارغا ئەگىشەتتى ۋە ئۇلارنىڭ يولى بويىچە ماڭاتتى.
[3] ئۇسۇلۇل فىقھى (فىقھى ئاساسلىرى). بۇنى بىلىش زۆرۈردۇر، چۈنكى ئۇ ئىجتىھاد قىلىپ ھۆكۈم چىقىرىشقا يەتكۈزىدىغان ئاساسلىق قورالدۇر.
[4] ئەرەپ تىلى. ئەرەپ تىلىنىڭ گىرامماتىكا (نەھۋى) ۋە لۇغەت بىلىملىرىنى بىلىش. چۈنكى قۇرئان ۋە ھەدىس ئەرەب تىلىدا نازىل بولغان بولۇپ، ئۇلارنى چۈشىنىش ئۈچۈن بۇ تىلنى بىلىش شەرتتۇر.
يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئىلىملەردىن باشقا ئىلىملەرنى بىلىش شەرئىي ھۆكۈملەردە ئىجتىھاد قىلىشنىڭ (ۋاجىپ) شەرتى ئەمەس، بەلكى پەقەت بىر كامالەت سۈپىتىدۇر. كىمكى مەلۇم بىر پەن (ساھە)دە ئىجتىھاد قىلماقچى بولسا، شۇ پەننى ۋە ئۇنىڭ بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ مېتودىنى جەزمەن پىششىق بىلىشى كېرەك.
ئەللامە ئىبنى جۇزەي ئەندەلۇسىي رەھىمەھۇللاھنىڭ «تقريب الوصول إلي علم الأصول» ناملىق ئەسىرىدىن مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
