پەيغەمبەر ﷺ نىڭ ۋە ساھابىلىرىنىڭ سۆزلىرىنى ئۇلۇغلاش
رەسۇلۇللاھنىڭ ۋە ساھابىلەرنىڭ سۆزلىرىنى ئۇلۇغلايدىغان، ئۆز ئەقىدىسىنى، پېئىلىنى ۋە ئەخلاقىنى رەسۇلۇللاھنىڭ ۋە ساھابىلەرنىڭ ئەقىدىسىگە، پېئىلىغا ۋە ئەخلاقىغا ماسلاشتۇرۇشقا تىرىشىدىغانلار سۈرە فاتىھەدە ماختالغان «سىراتۇل مۇستەقىم» ئۈستىدىكى كىشىلەردۇر. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم «دوزاختىن قۇتۇلۇپ نىجات تاپقۇچى كىشىلەر» دەپ ماختىغان كىشىلەر دەل مۇشۇنداق كىشىلەردۇر.
شەيخ ئابدۇلئەزىز تەرىفىنىڭ تۆۋەندىكى بايانلىرى بۇ مەسىلىدە مۇسۇلمانلارغا ناھايىتى ياخشى چۈشەنچە ئاتا قىلىدۇ.
شەيخ ئابدۇلئەزىز تەرىفىنىڭ «التفسير والبيان لأحكام القرآن» ناملىق ئەسىرىدىن مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلدى
پەيغەمبەر ﷺ نىڭ ۋە ساھابىلىرىنىڭ سۆزلىرىنى ئۇلۇغلاش
بىرەر كىشىنىڭ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەدىسىنى ئاڭلاپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ ئالدىغا باشقا بىرەر كىشىنىڭ سۆزىنى ئۆتكۈزۈشى جائىز ئەمەس. ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿لَا تَرْفَعُوا أَصْوَاتَكُمْ فَوْقَ صَوْتِ النَّبِيِّ وَلَا تَجْهَرُوا لَهُ بِالْقَوْلِ كَجَهْرِ بَعْضِكُمْ لِبَعْضٍ أَنْ تَحْبَطَ أَعْمَالُكُمْ وَأَنْتُمْ لَا تَشْعُرُونَ﴾ ﴿ئى مۆمىنلەر! ئاۋازىڭلارنى پەيغەمبەرنىڭ ئاۋازىدىن يۇقىرى كۆتۈرمەڭلار، بىر-بىرىڭلارغا ۋارقىراپ سۆز قىلغاندەك ئۇنىڭغا ۋارقىراپ سۆز قىلماڭلار، بولمىسا ئۆزۈڭلار سەزمەستىنلا ئەمەللىرىڭلار بىكار بولۇپ كېتىدۇ﴾ دېگەن سۆزى ئەبۇ بەكرى ۋە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلار ھەققىدە نازىل بولغان. ھالبۇكى، ئۇلار بۇ ئۈممەتنىڭ پەيغەمبىرىدىن كېيىنكى ئەڭ ئەۋزەل كىشىلىرىدۇر. ئۇلارنىڭ شۇنچە يۇقىرى مەرتىۋىسى ۋە پەزىلىتىگە قارىماي، بۇ مەسىلىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇلغان بولسا، ئۇنداقتا باشقىلارنىڭ ئەھۋالى قانداق بولار؟!
سەھىھۇلبۇخارىدا ئىبنى ئەبى مۇلەيكەدىن رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئۇ مۇنداق دېگەن: «بۇ ئىككى ياخشى كىشى — ئەبۇ بەكرى بىلەن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلار ھالاك بولايلا دەپ قالغان ئىدى. بەنى تەمىم قەبىلىسىنىڭ ۋەكىللىرى كەلگەندە، ئۇلار پەيغەمبەر ﷺ نىڭ يېنىدا ئاۋازلىرىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتى. بىرى ئەقرە ئىبنى ھابىسنى (باشلىق قىلىشقا) ئىشارەت قىلدى، يەنە بىرى باشقا بىر كىشىنى (نافىئ ئۇ كىشىنىڭ ئىسمىنى يادىمدا تۇتالمىدىم دېگەن) ئىشارەت قىلدى. ئەبۇ بەكرى ئۆمەرگە: <سەن پەقەت مەن بىلەن زىتلىشىشنىلا خالايسەن> دېدى. ئۆمەر: <مەن سەن بىلەن زىتلىشىشنى خالىمىدىم> دېدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ مەسىلىدە ئۇلارنىڭ ئاۋازى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ كەتتى. ئاندىن ئاللاھ تائالا: ﴿يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تَرْفَعُوا أَصْوَاتَكُمْ…﴾ ئايىتىنى نازىل قىلدى». ئىبنى زۇبەير مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ئايەت نازىل بولغاندىن كېيىن، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ﷺ گە بىرەر سۆز قىلسا، پەيغەمبەر ﷺ ئۇنىڭدىن نېمە دېگەنلىكىنى قايتا سورىمىغۇچە ئاڭلىيالمايدىغان دەرىجىدە تۆۋەن ئاۋازدا سۆزلەيتتى». رىۋايەتچى ئەبۇ بەكرى ھەققىدە بۇنداق تەسۋىرنى تىلغا ئالمىغان. (بۇخارى 4845)
پەيغەمبەر ﷺ نى ئۇلۇغلاشنىڭ بىر تۈرى — ئۇنىڭ ساھابىلىرىنىڭ، خۇسۇسەن خۇلەفائى راشىدىنلارنىڭ سۆزلىرىنى ئۇلۇغلاشتۇر. چۈنكى ئۇلار پەيغەمبەر ﷺ نىڭ مەقسىتىنى ئەڭ ياخشى بىلىدىغان كىشىلەردۇر. ئۇلارنىڭ سۆزلىرى ۋە قىلمىشلىرى پەيغەمبەر ﷺ نىڭ ئومۇمىي سۆزلىرىنى تەپسىرلەيدۇ ۋە يۆنىلىش بېرىدۇ. چۈنكى ئۇلار باشقىلار بىلمەيدىغان نۇرغۇن نەرسىلەرنى بىلىدۇ. شۇنداقلا ئۇلارنىڭ پەزىلىتى ۋە دىندارلىقى ئۇلارنىڭ بىلىپ تۇرۇپ پەيغەمبەرگە ئاسىيلىق قىلىشىغا يول قويمايدۇ. بىرەر كىشىنىڭ «ئۇلارمۇ خاتادىن خالىي (مەئسۇم) ئەمەس» دېگەن باھانە بىلەن خۇلەفائى راشىدىنلارنىڭ سۆزلىرىنى تەرك ئېتىشى جائىز ئەمەس. ھېچبىر مۇسۇلمان ئۇلارنى خاتادىن خالىي دېمەيدۇ، لېكىن ئۇلار رەسۇلۇللاھ ﷺ نى ئەڭ ياخشى بىلىدىغان كىشىلەردۇر. ئۇلارنىڭ قەدرىنى بىلمىگەن كىشىلەردىن باشقا ھېچكىم ئۆز چۈشەنچىسىنى ئۇلارنىڭ چۈشەنچىسىدىن ئۈستۈن قويمايدۇ.
مالىك ئىبنى ئەنەس تابىئىنلارنىڭ — ئۇلارنىڭ پەزىلىتى شۇنچە ئۇلۇغ بولسىمۇ — سۆزلىرىنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا ئوخشاش خۇلەفائى راشىدىنلارنىڭ سۆزلىرىدىن ئۈستۈن قويۇشتىن توساتتى، ھەتتا بۇنداق قىلغۇچىلارنى تەۋبىگە چاقىرىشقا بۇيرۇيتتى. ئىبنى ھەزم ھەيسەم ئىبنى جەمىيلدىن رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «مەن مالىك ئىبنى ئەنەسكە: <ئى ئەبۇ ئابدۇللاھ! بىز تەرەپتە بەزى كىشىلەر كىتابلارنى يېزىپ چىقىپ، مۇنداق دەيدىكەن: پالانچى پۇستانچىدىن، ئۇ ئۆمەر ئىبنى خەتتابتىن مۇنداق مۇنداق دەپ رىۋايەت قىلدى، يەنە پالانچى ئىبراھىمدىن (نەخەئىي) مۇنداق دەپ رىۋايەت قىلدى دەپتۇ-دە، ئىبراھىمنىڭ سۆزىنى قوبۇل قىلىپتۇ؟> دېسەم، مالىك: <ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ئۆمەرنىڭ سۆزى سەھىھمىكەن؟> دەپ سورىدى. مەن: <شۇنداق، ئىبراھىمنىڭ سۆزى سەھىھ بولغاندەك ئۇمۇ سەھىھ بىر رىۋايەت> دېسەم، مالىك: <بۇنداق قىلىدىغانلار (ھەقتىن ئۆز جايىغا قويماي، ساھابىنىڭ ھۆكمىدىن چىقىپ كەتكەنلىكى، كېيىنكىلەرنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە چىقىرىۋالغانلىقى ئۈچۈن) تەۋبىگە چاقىرىلىشى كېرەك> دېدى». ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر.
بۇ ئەھۋال فىقھىدا ناھايىتى يۇقىرى مەرتىۋىگە ئىگە، ھەتتا بەزىلەر تەرىپىدىن ئەتبائۇت تابىئىنلاردىن دەپ سانىلىدىغان كېيىنكى دەۋر تابىئىن فەقىھى (ئىبراھىم نەخەئى) ھەققىدە بولسا، ئۇنداقتا ئۇنىڭدىن كېيىن كەلگەنلەرنىڭ سۆزىنى ئۈستۈن قويغانلار تېخىمۇ قاتتىق ئەيىبلىنىشكە لايىقتۇر.
ساھابىلەرنىڭ سۆزلىرى ئومۇمىي جەھەتتىن تابىئىنلارنىڭ سۆزىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ، تابىئىنلارنىڭ سۆزى ئەتبائۇت تابىئىنلارنىڭ سۆزىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. چۈنكى پەيغەمبەر ﷺ نىڭ دەۋرىگە قانچە يېقىن بولسا، سۆز ھەقىقەتكە شۇنچە يېقىن ۋە نەپسى – خاھىشتىن شۇنچە ساقلانغان بولىدۇ.
ساھابىلەرنىڭ سۆزلىرىدىكى ئەسلى قائىدە شۇكى، ئۇلار پەيغەمبەر ﷺ نىڭ سۆزىگە، قىلمىشىغا، تەستىقلىشىغا ياكى پەيغەمبەر ﷺ سۈكۈت قىلىپ ئېنىق بىر نەرسە دېمىگەن ئىشلارغا تايىنىدۇ. ئەگەر ساھابىلەر ئۆزئارا بىر مەسىلىدە ئىختىلاپ قىلىپ قالسا، بۇ ئىختىلاپ پەيغەمبەر ﷺ دىن كەلگەن بىر مەنىگە دالالەت قىلىدۇ، ئۇ بولسىمۇ شۇ مەسىلىنىڭ قىيىن ئەمەس، بەلكى كەڭرى (تاللاش پۇرسىتى بار) مەسىلە ئىكەنلىكىدۇر.
تابىئىنلارنىڭ سۆزلىرىدىكى ئەسلى قائىدە بولسا، ئۇلار ساھابىلەردىن (مەيلى بىر ياكى بىر نەچچە بولسۇن) كەلگەن رىۋايەتلەرگە تايىنىدۇ. شۇڭا ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل مۇنداق دەيدۇ: «تابىئىنلاردىن كەلگەن سۆزلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك پەيغەمبەر ﷺ نىڭ ساھابىلىرىدىمۇ تېپىلىدۇ».
ئەۋزەل دەپ قارالغان تۇنجى ئەسىرلەر پەقەت پەيغەمبەر ﷺ گە يېقىن بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئۇلۇغلانغان؛ شۇڭا كىشىنىڭ ياشىغان دەۋرى رەسۇلۇللاھنىڭ ياشىغان دەۋرىگە يېقىن بولۇش بىلەن ئۈستۈن بولدى.
ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿أَنْ تَحْبَطَ أَعْمَالُكُمْ وَأَنْتُمْ لَا تَشْعُرُونَ﴾ ﴿سەزمەستىنلا ئەمەللىرىڭلار بىكار بولۇپ كېتىدۇ﴾ دېگەن سۆزىدە شۇ بېشارەت باركى: ئەمەللەرنى بىكار قىلىۋېتىدىغان ئەڭ چوڭ سەۋەبلەرنىڭ بىرى — پەيغەمبەر ﷺ نىڭ سۈننىتىنى ئۇلۇغلىماسلىق، سۈنەتنى ئاڭلىغاندا ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈش، سۈنەت ئالدىدا ئاۋازنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ياكى كىشىلەرنىڭ سۆزلىرىنى سۈنەتتىن ئۈستۈن قويۇشتۇر. بۇ ئايەتتە يەنە، گۇناھ-مەئسىيەتلەرنىڭ مەلۇم مىقداردىكى ياخشى ئەمەللەرنى يۇيۇپ تاشلايدىغانلىقىغا دەلىل باردۇر، بۇ مەسىلە ئىلگىرى بايان قىلىنىپ ئۆتتى. (التفسير والبيان لأحكام القرآن 4\2063)
