سەلەپىيلىك — تۆت ئىمامنىڭ يولىدۇر

سەلەپىيلىك — تۆت ئىمامنىڭ يولىدۇر

قۇدرەت بارات

بۈگۈن بىر تېمىغا كۆزۈم چۈشۈپ قالدى. بۇ ئۇيغۇرچە يېڭى چىققان بىر كىتاب ھەققىدىكى تېما بولۇپ، كىتاب ئاپتورى تاھىرجان ئەپەندى فىيسبۇكتا ئۆزى يازغان بىر كىتابنى تونۇشتۇرۇپ كېلىپ، ئىسلام ئېتىقاد سېستىمىسىنىڭ ئۇلى دەپ «ئەشئەرىيلىك، ماترۇدىيلىق، مۆتەزىلىلىك ۋە جەھمىيلىك»نى تىلغا ئاپتۇ.

فىقھىي مەزھەپلەرنى تونۇشتۇرۇپ كېلىپ، ئىسلامدىكى قانۇنلۇق تۆت فىقھىي مەزھەپنى تىرناق ئىچىدە ئالاھىدە بايان قىلىپ بولۇپ، ئاندىن تىرناق سىرتىدا «سەلەپىيلىك، خاۋارىجلىق، شىئىلىك» دېگەن ئاتالغۇلارنى يانمۇ يان تىزىپتۇ.
تاھىرجان ئەپەندىم بۇ تونۇشتۇرۇش يازمىسىدا سەلەپىيلىكنى خاۋارىجلىق ۋە شىئىلىك بىلەن بىر قاتارغا تىزىپتۇ.
مېنىڭ دىققىتىمنى تارتقان ۋە مېنى ھەيران قالدۇرغان يەر دەل بۇ زاتنىڭ بۇ خىل ناھەق «تىزىش» ئۇرۇنىشىدۇر.

تاھىرجان ئەپەندىنىڭ سەلەپىيلىكنى شىئە ۋە خاۋارىجلارنىڭ قاتارىغا تىزىپ؛ ئەشئەرىيلىك، ماترۇدىيلىق، مۆتەزىلىلىك ۋە جەھمىيلىكتىن ئىبارەت بىر – بىرىگە ئۇستاز-شاگىرت ھېسابلىنىدىغان قانۇنسىز باتىل ئەقىدىلەرنى «ئىسلام ئېتىقاد سېستىمىسىنىڭ ئۇل – ئاساسى» قاتارىغا تىزىشى ھەقنى پۈتۈنلەي ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋەتكەنلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس.

تاھىرجان ئەپەندى بايان قىلغاندەك «ئىسلام ئېتىقاد سېستىمىسىنىڭ ئۇلى ئەشئەرىيلىك، ماترۇدىيلىق، مۆتەزىلىلىك ۋە جەھمىيلىك» بولسا، بۇ قانۇنسىز بىدئەت ئەقىدىلەر تۆرىلىشتىن ئىلگىرى ياشىغان تۆت مۇجتەھىد ئىمام ۋە ئىمام بۇخارىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالتە بۈيۈك مۇجتەھىد مۇھەددىسنىڭ ئەقىدىسى نېمە ئىدى؟
تەبئىيكى ئۇلار ئەشئەرىيمۇ ئەمەس، ماترۇدىيمۇ ئەمەس؛ جەھمىيمۇ ئەمەس، مۆتەزىلمۇ ئەمەس ئىدى. چۈنكى، ئۇ مۇجتەھىد ئىماملار ياشىغان چاغدا شەيخ ئەبۇ مەنسۇر ماترۇدىي ۋە ئەبۇلھەسەن ئەشئەرىيلەر تېخى ئانىسىنىڭ قورسىقىغىمۇ تۆرەلمىگەن ئىدى. ھېچكىشى ئۆزى بىلمەيدىغان، ئۆزى كۆرۈپ، ئاڭلاپ باقمىغان بىر ئەقىدىنىڭ ئەگەشكۈچىسى بولۇپ قالمايدۇ.

ئەشئەرىيلىك ۋە ماترۇدىيلىق ئىسلام ئېتىقادىنىڭ ئۇلى بولسا، بۇ ئىككى ئېتىقاد تۆرىلىشتىن، ئىنسانلار تەرىپىدىن ئىجاد قىلىنىشتىن ئىلگىرىكى دەۋرلەر، مۇجتەھىد ئىماملار ياشىغان دەۋرلەر ئىسلام ئېتىقادىنىڭ ئۇلى شەكىللەنمىگەن، ئۇلسىز، ئاساسسىز، لىڭشىپ قالغان ئېتىقاد بويىچە ياشىغانمۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس.
ھەر بىر مۇسۇلمان شۇنى بىلىۋېلىش لازىمكى، سەلەپ ئەقىدىسى — ئاللاھ رەسۇلۇللاھقا يەتتە قات ئاسماننىڭ ئۈستىدىن نازىل قىلغان، خاتالىقتىن، ئازغۇنلۇقتىن خالىي، سۈزۈك – ساپ ئىسلام ئەقىدىسىدۇر. سەلەپ ئەقىدىسى ئىنسان ئىجاد قىلىشتىن پاك، ئىنساننىڭ بۇرمىلىشىدىن ئۇزاق ئىسلام ئەقىدىسدۇر ۋە قىيامەتكە قەدەر قانۇنلۇقتۇر. ئاللاھنىڭ نەزىرىدىكى مەقبۇل دىن بولغان ئىسلام — سەلەپ ئەقىدىسىنىڭ دەل ئۆزىدۇر.

ئەشئەرىي، ماترۇدىي ئەقىدىلىرىگە كەلسەك، بۇ ئەقىدىلەر ئاللاھ نازىل قىلغان قانۇنلۇق ئىلاھىي ئەقىدە ئەمەس، ئىنسان ئىجاد قىلغان قانۇنسىز پەلسەپىۋىي ئەقىدىدۇر. سەلەپ ئەقىدىسىدىكىلەر — ئەقىلىنى شەرىئەتنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئىشلەتسە، ئەشئەرىي ۋە ماترۇدىي ئەقىدە پېشىۋالىرى — ئەقىلنى شەرىئەتكە مەلۇم نەرسىلەرنى قېتىپ، يەنە مەلۇم نەرسىلەرنى چىقىرىۋېتىش ئۈچۈن ئىشلەتكەن.

ئەقىل ئىگىلىرىگە مەلۇم بولغىنىدەك — ئاللاھ ئەقىلنى ئىلاھىي ئىسلام ئەقىدىسىنى ۋە ئىسلام شەرىئىتىنى چۈشىنىشىمىز ئۈچۈن ياراتتى. ھەرگىزمۇ ئىلاھىي ئىسلام ئەقىدىسىگە ئۇ خىل ۋە بۇ خىل باتىل پىكىرلەرنى قېتىپ، سۈزۈك ئىسلام ئەقىدىسىنى دۇغلاشتۇرۇش ۋە بۇرمىلاش ئۈچۈن ياراتمىدى. ئاللاھ ئىنسانلارنى سۈزۈك ئىسلام ئەقىدىسىنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئەقىل ئىشلىتىشكە بۇيرۇغان بولۇپ، قۇرئاندىكى «ئەقلىڭلارنى ئىشلەتمەمسىلەر» مەزمۇنىدىكى ئايەتلەرنىڭ ھەممىسى «ئاللاھ نازىل قىلغان ئىلاھىي ۋە توغرا شەرىئەتنى بىلىش ۋە چۈشىنىش ئۈچۈن ئەقلىڭلارنى ئىشقا سالمامسىلەر» مەنىسىدە كەلگەن.


ئەقىل دېگەن بىر قورال. كىشى ئەقلىنى خار قىلاي دېسە، ئۆز ئەقلىنى باشقىلارنىڭ قولىدىكى پۇل – مالنى قانداق قاقتى – سوقتى قىلىشقا ئىشلىتەلەيدۇ. ئەگەر ئەقلىنى يۈكسەلدۈرەي دېسە — ئۇنى سۈزۈك ئىسلام ئەقىدىسىنى، ئىلاھىي ئىسلام شەرىئىتىنى ئۆگىنىش ۋە چۈشىنىشكە ئىشلىتەلەيدۇ. ئەقلىنى قانداق ئىشلىتىش ئىنساننىڭ ئۆز ئىختىيارلىقىدا. ئەقىلنى — ئاللاھ نازىل قىلغان ئىسلام ئەقىدىسىنى، ئىسلام شەرىئىتىنى ئۆگىنىش ۋە چۈشىنىش ئۈچۈن ئىشلىتىش — ئەقىلنى ئەڭ تاكامۇل شەكىلدە ئىشلىتىش ھېسابلىنىدۇ. يەنى، ئەقىلنى ئەڭ يۇقىرى چەكتە، ئەڭ خەيرلىك يولدا ئىشلىتىش ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا، ئاللاھ ئەقلىنى ئىسلام شەرىئتىىنى ئۆگىنىش ۋە ئۇنى قوغداش يولىدا ئىشلەتكەن رەببانىي ئۆلىمالارنى قۇرئاندا ئۆزىنىڭ بىرلىك ۋە بارلىقىغا گۇۋاھچى قىلغان. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەقلىنى ئىسلام شەرىئىتىنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئىشلەتكەن ئالىملارنى «پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋارىسى» دەپ ئاتىغان.
ئەقىلنى ئاللاھ نازىل قىلغان ئىسلام شەرىئىتىنى ئۆگىنىش، چۈشىنىش
 ۋە ئۆگىتىش ئۈچۈن ئىشلەتكەن كىشى ئاللاھ قۇرئاندا «ئى ئەقىل ئىگىلىرى» دەپ خىتاپ قىلغان كىشىلەرنىڭ دەل ئۆزىدۇر.
دېمەك ئەقىل ئىنسانغا بېرىلگەن ئەڭ بۈيۈك نېمەتلەردىن بىرى. ھەتتا ئىش شۇ دەرىجىدىكى، ئەقلى يوق، ئەقلى جايىدا ئەمەس كىشى — ناماز، زاكات، روزا، ھەج قاتارلىق ھېچقانداق شەرئىي تەكلىپكە بۇيرۇلمايدۇ. ئەقلى جايىدا ئەمەس كىشى ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويسا، ئۇنىڭدىن قىساس ئېلىنمايدۇ. زىنا قىلسا رەجىم قىلىنمايدۇ، ئوغرىلىق قىلسا قولى كېسىلمەيدۇ.
شۇڭا، ئسىلامدا ئەقىلنىڭ رولى ئىتايىن مۇھىم. كىشىنىڭ ئسىلام ئالىمى بولۇشى ئۈچۈنمۇ ئاقىل (يەنى ئەقىل ئىگىسى) بولۇش شەرتى بار. بەغەرەز، ئەقىلسىز، ئەخمەق ئادەم كاللىسىغا بارچە ئايەت ھەدىسنى قاچىلىۋالغان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ ئالىملىق سالاھىيىتى بولمايدۇ.


ئەقىل ئىسلامدا ئەنە شۇنداق مۇھىم. ئەمما، بۇ ھەرگىزمۇ  ئاللاھ نازىل قىلغان سۈزۈك ئىسلام ئەقىدىسىنى ئەقلىڭنى تارازا قىلىپ تارت دېگەنلىك ئەمەس. ئەشئەرىي ئەقىدىسىنىڭ ئاساسچىسى ئەبۇلھەسەن ئەشئەرىي دەل ئاشۇ ئەقىلنى «ئايەت ۋە ھەدىسنىڭ توغرا خاتالىقىنى ئايرىشتىكى مىزان» قىلىپ قوللانغان مۆتەزىلە پىرقىسىگە 40 يىل باش ئاتامان بولغان بولۇپ، بۇ پىرقە قىيامەت كۈنى ئەمەللەرنى ئۆلچەيدىغان مىزاننى ئىنكار قىلىدۇ، قىيامەت كۈنى ئاللاھنى كۆرۈشنى ئىنكار قىلىدۇ… كېيىن ئەبۇلھەسەن ئەشئەرىي مۆتەزىلە ئەقىدىسىدىن تەۋبە قىلىپ، ئەھلى سۈننەت ئەقىدىسىگە قايتقانلىقىنى جاكارلىغان. كېيىن يەنىمۇ بۇرۇلۇش ياساپ، ئۆزى ئىجاد قىلغان ئەشئەرىي ئەقىدىسىدىن يېنىپ، ئەقىدىدە ئىمام ئەھمەد ۋارىسلىق قىلغان سەلەپ ئەقىدىسىگە قايتقانلىقىنى ئېلان قىلغان ۋە بۇ ھەقتە كىتاپلار يازغان. دېمەك، ئىمام ئەبۇلھەسەن ئەشئەرىي سەلەپىي ئەقىدىسى ئۈستىدە ۋاپات تاپقان. ئۇنىڭ ئاتالمىش ئەقىدە ئىزباسارلىرى، يەنى «بىز ئەقىدىدە ئەشئەرىيمىز» دەيدىغانلار ئىمام ئەبۇلھەسەن ئەشئەرىينىڭ تەۋبە قىلىشتىن بۇرۇنقى خاتا ئەقىدىسىنى كۈنىمىزگىچە كۆتۈرۈپ يۈرۈشمەكتە، ھەم بۇ ئەقىدە كۈن ئۆتكەنسېرى تېخىمۇ بىدئەتلىشىپ، تېخىمۇ قەبىھلىشىپ ماڭماقتا. ئىش شۇ دەرىجىدىكى، قەدىمكى ئەشئەرىيەلەر تىرىلىپ قوپقان بولسا – زامانىمىزنىڭ ئاساسەن جەھمىيلىشىپ كەتكەن ساختا ئەشئەرىيلىرىگە: «بىز جەھمىيلەرگە قارشى كۈرەش قىلىش ئۈچۈن ئەشئەرىيلىك يولىنى تۇتمىغانمىدۇق ھەر قايسىڭ دۈشمەننىڭ ئەقىدىسىنى ئەشئەرىي ئەقىدىسى سۈپىتىدە بازارغا سېلىشقا نېمە ھەققىڭ؟!» دەپ قارشى قوپقان، ئۇلارغا قارشى كۈچلۈك مۇجادىلە قىلغان بولاتتى.


ئەشئەرىيلىك بىلەن ماترۇدىيلىق بىر – بىرى بىلەن قوشماق ئاچا – سىڭىلدەك يېقىن قانۇنسىز بىدئەت ئەقىدە بولۇپ، ئۇلار ئەقىلنى ئۆز ئورنىدىن يۆتكەپ ئىشلىتىپ، ئەقىلنى ئايەت ھەدىسنى قوبۇل قىلىش ياكى قوبۇل قىلماسلىق، بۇرمىلاش ياكى ئۆز پېتى ئىمان ئېيتىش ئىشىدا ھۆكۈم قىلىدىغان ھاكىم قىلىۋالغان. ئايەت-ھەدىسلەر ئەقىلدىن ئۆتسە قوبۇل قىلىپ، ئەقلىمگە تاقاشتى دەپ قارىغان ئايەت ھەدىسلەرنى يا بىۋاستە، ياكى تولغاپ تۇرۇپ رەت قىلغان. ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرىنىڭ ئاھاد ھەدىسنى قوبۇل قىلماسلىق، ئەقىدە مەسىلىسىدە ئاھاد ھەدىسنى رەت قىلىش باتىل مەيدانىغا ئىمام شافىي «رىسالە» ناملىق ئەسەرنى يېزىپ رەددىيە بەرگەن. بۇ نۇقتىدىن ئيتېقاندا، ئەشئەرىيلەر سەھىھ ھەدىسلەرگىمۇ قوش بىسلىق مۇئامىلە قىلىدىغان بولۇپ، ئەقلىگە سىغمىغان ھەر قانداق ھەدىسنى — بولۇپمۇ ئەقىدە مەسىلىسدە «ئاھاد ھەدىس» دەپ تۇرۇپ رەت قىلىش يولىنى تۇتۇپ، ئۆزىمۇ سەزمىگەن ئاساستا مەخپىي ھەدىس ئىنكارچىلىرىغا ئايلىنىپ كەتكەن. كىچىك بالىغا دالا ماشىنىسى ھەيدىگىلى قويسا ئەتراپتىكى ئادەم، ماشىنا ۋە جانلىقلارنى بېسىپ، دەسسەپ – چەيلىگەندەك، ئەشئەرىي – ماترۇدىيلار ئەقىل-مەنتىق نامى ئاستىدا ئايەت – ھەدىسلەرنى ۋە سەلەپنىڭ ئجىمائىنى دەسسەپ – چەيلەپ، دىندا بۆلىنىش، ئىختىلاپ ۋە تەپرىقچىلىك پەيدا قىلغان.


ئەشئەرىي ماترۇدىيلارنىڭ ۋە شۇ قاتاردىكى قانۇنسىز بىدئەت پىرقىلەرنىڭ ئەقلىنى ئىسلام شەرىئىتىنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئەمەس، ئىسلام شەرىئىتىنىڭ ئاساسى بولغان قۇرئان ئايەتلىرىنى ۋە سەھىھ ھەدىسلەرنى تاللاش ۋە شاللاش ئۈچۈن، ۋەياكى بۇرمىلاش ئۈچۈن ئىشلىتىشى — ئەقىلنى ئاللاھ بۇيرىغان رەۋىشتە ئەمەس، ئاللاھ بەلگىلىگەن چەكتىن ۋە ئاللاھ ياراتقان مەقسەتتىن باشقا ئىشقا ئىشىلىتىپ، سۈيئىستېمال قىلغانلىقتۇر.
ئەشئەرىي ۋە ماترۇدىيلار ئەقلىنى قۇرئان ۋە سۈننەتتىكى دەلىللەرنىڭ ئۈستىگە قويغان بولۇپ، ئەقلىنى ئايەت ھەدىسكە بويسۇنۇرۇشتىن ھالقىپ ئۆتۈپ، ئايەت – ھەدىسنى ئۆزىنىڭ چاكىنا، يوقىلاڭ ئەقلىگە بويسۇندۇرۇشقا پۈتۈن كۈچىنى ئىشقا سالغان. ئاقىۋەتتە سۈزۈك ئىسلام ئەقىدىسىگە تۈپتىن زىت كېلىدىغان بىر قاتار بۇزۇق تەلىماتلارنى مەيدانغا چىقىرىپ، ئىسلام ئۈممىتىنى پىتنىگە سېلىپ، پىرقىلەرگە ئايرىۋەتكەن.

يەنە بىرىگە، تاھىرجان ئەپەندى يازمىسىدا سەلەپىيلىكنى شىئەلىك ۋە خاراۋىجلىق بىلەن بىر قاتاردا تىزغان.
مۇجتەھىد سەلەپ ئىماملىرىنىڭ ئەقىدىسى ھەققىدە قىسمەن بولسىمۇ ئىلمىي چۈشەنچىگە ئىگە، تەرەپبازلىق، پارتىزانلىق، مۇتىئەسسىپلىك ۋە قارىغۇلارچە تەقلىدۋازلىقتىن ئىچى سىقىلىدىغان، ئازراق بولسىمۇ ئادالەت ئەخلاقىغا ئىگە ئادەم سەلەپىيلىكنى ھەرگىزمۇ خاۋارىجلىق ۋە شىئەلىك بىلەن بىر قاتارغا تىزمايدۇ.
تاھىرجان ئەپەندىنىڭ بۇ خىل تىزىشى بىلەن سەلەپىيلىك — خاۋارىجلىق ۋە شىئەلىك بىلەن بىر قاتارغا چۈشۈپ قالماسلىقى ئېنىق.
ئەمما، ئېقىم ۋە مەزھەپلەرنى كاتېگورىيەگە ئايرىشتا سەلەپىيلىكنى قانۇنسىز ئېقىملارنىڭ ئەڭ قانۇنسىزلىرىنىڭ قاتارىغا تىزىش، بۇنى ئاز كەلدى دەپ جەھمىي ۋە مۆتەزىلە ئەقىدىسىنى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ شاگىرتى سۈپىتىدىكى ئەشئەرىي ۋە ماترۇدىي ئەقىدىسىنى ئىسلامنىڭ ئېتىقادىي ئاساسى دەپ بايان قىلىش — ئەسلىدە كىشىنىڭ ھەق – ناھەق پوزىتسىيىسىدىكى ناقىسلىقتىن، مەسىلىگە باھا بېرىشتىكى ئادالەتسىزلىكىدىن، ھەقىقەتنى ئەسلى پېتى چۈشىنىشكە ئاجىز كەلگەن جاھالەتتىن باشقا نەرسە ئەمەس.

 

سەلەپىيلىك دېگەن نېمە؟

سەلەپىيلىك — ئەقىدىدە، فىقىھتا ۋە ئەخلاقتا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم باشچىلىقىدىكى ساھابە، تابىئىن ۋە ئەتبائۇت تابىئىندىن ئىبارەت سائادەتمەن مۆمىنلەر ياشىغان ئۈچ ئەسىردىكى پېشىۋالارنىڭ دىن چۈشەنچىسى بويىچە دىن تۇتۇش دېگەنلىكتۇر.
سەلەپىيلىك — ھەر قانداق بىر ئايەتنى، ھەر قانداق بىر ھەدىسنى رەسۇلۇللاھنىڭ ۋە ساھابىلەرنىڭ، شۇنداقلا ئۇ زاتلارنىڭ قانۇنلۇق ئىزباسارلىرى بولغان تۆت ئىمامنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يۈزلەرچە سەلەپ مۇجتەھىدلىرىنىڭ چۈشەنگىنى بويىچە چۈشىنىش دېگەنلىكتۇر. يەنى، سەلەپىيلىك ئايەت ۋە ھەدىسلەرنى ئۆزىنىڭ شەخسىي چۈشەنچىسى بويىچە ئەمەس، سەلەپ – سالىھىننىڭ چۈشەنچىسى بويىچە چۈشىنىش دېگەنلىكتۇر.
سەلەپىيلىك — رەسۇلۇللاھنىڭ ۋە ساھابىلەر دىن دەپ تۇتقان ساپ، سۈزۈك، بۇلغانمىغان ئىسلام ئەقىدىسىگە ھېچقانداق شەخسىي پىكىرنى قوشماسلىق، شۇنداقلا ئۇنىڭدىن ھېچنەرسىنى چىقىرىۋەتمەسلىك؛ كىم مۇشۇنداق قىلسا ئۇنى ئىنكار قىلىش دېگەنلىكتۇر. تۆت ئىمام دەل مۇشۇنداق يول تۇتقان بولۇپ، ئۇلار ئۆزىدىن ئىلگىرىكى سەلەپلەرگە نىسبەتەن سەلەپىيدۇر. ئۆزىدىن كېيىنكىلەرگە نىسبەتەن سەلەپتۇر.

سەلەپىيلىككە مۇشت – پەشۋا ئاتقانلار — مۆتەزىلىلەر، مۇرجىيلار ۋە جەھمىيلەر بولۇپ، تۆت سەلەپىي ئىمام — يەنى ئىمام مالىك، ئىمام ئەبۇ ھەنىفە، ئىمام شافىي ۋە ئىمام ئەھمەد، شۇنداقلا دىنىي بىلىمدە شۇلارنىڭ دەرىجىسىدىكى باشقا يۈزلەرچە مۇجتەھىد سەلەپ ئىمامى ئەنۇ شۇ جەھمىي، مۆتەزىلە، مۇرجىي قاتارلىق دىن يولىدىكى قانۇنسىز ئوغرى – قاراقچىلارنىڭ ئىسلام ئېتىقادىنى بۇزۇشىغا قارشى تىغمۇ تىغ جىھاد قىلغان.
سەلەپىي بولۇش نومۇس قىلىدىغان يول ئەمەس، پەخىرلىنىدىغان يولدۇر. سەلەپنىڭ يولىدا تەۋرەنمەي مېڭىپ سەلەپىي بولۇش (يەنى سەلەپنىڭ ئىزباسارى بولۇش) نومۇس ئەمەس، شەرەپتۇر.

كىم تۆۋەندىكى ھەدىستە بايان قىلىنغاندەك رەسۇلۇللاھنىڭ ۋە ساھابىلەرنىڭ يولىدا مۇستەھكەم ماڭسا، سەلەپنىڭ يولىدا ماڭغان بولىدۇ. سەلەپنىڭ يولىدا ماڭغۇچىنىڭ ھەر بىرى ئۆزىنى سەلەپىي دەپ ئاتىسۇن، ئاتىمىسۇن ئوخشاشلا سەلەپىي بولىدۇ. گەپ سەلەپىي دەپ لەقەم قويۇۋېلىشتا ئەمەس، سەلەپكە ھەقىقىي رەۋىشتە ئىزباسار بولۇشتىدۇر.

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «يەھۇدىيلار يەتمىش بىر پىرقىگە، ناسارالار يەتمىش ئىككى پىرقىگە بۆلۈنۈپ كەتكەن. چوقۇمكى، مېنىڭ ئۈممىتىم يەتمىش ئۈچ پىرقىگە بۆلۈنىدۇ. ئۇلارنىڭ بىر پىرقىسىلا جەننەتتە، قالغىنى دوزاختا بولىدۇ. ئۈممىتىمدىن جەننەتكە كىرىدىغان بىر پىرقە — مېنىڭ ۋە ساھابىلىرىمنىڭ يولىدا ماڭغۇچىلاردۇر.» hedisim.com (بۇ ئىمام ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى، ئىبنى ماجە، ھاكىم قاتارلىق ھەدىس ئىماملىرى توپلىغان سەھىھ ھەدىستۇر)

بىز ھەر نامازدا سۈرە فاتىھەدە «بىزنى سىراتىل مۇستەقىم ئۈستىدە قىل» دەپ ئاللاھتىن تىلەيمىز. ئۆزىمىز تىلەۋاتقان ئاشۇ «سىراتىل مۇستەقىم» دەل مۇشۇ ھەدىستە بايان قىلىنغان رەسۇلۇللاھنىڭ ۋە ساھابىلەرنىڭ يولىدۇر. يەنى، {اهْدِنَا الصِّرَاطَ الْمُسْتَقِيمَ} دەپ ئايەت ئوقۇۋاتقىنىمىزدا، بۇنىڭ مەنىسى «ئى رەببىم! مېنى رەسۇلۇللاھ ۋە ساھابىلەر باشچىلىقىدىكى سەلەپنىڭ يولىغا ھىدايەت قىلغىن» دېگەنلىك بولىدۇ. {صِرَاطَ الَّذِينَ أَنْعَمْتَ عَلَيْهِمْ غَيْرِ الْمَغْضُوبِ عَلَيْهِمْ وَلَا الضَّالِّينَ} دېگىنىمىز «ئى ئاللاھ! مېنى يەھۇدى ۋە ناسارالاردىن ئىبادەت ھەقنىڭ دۈشمەنلىرىنىڭ يولىدا قىلما. شۇنداقلا، ئىسلام تونىغا ئورنىۋېلىپ تۇرۇپ، رەسۇلۇللاھ ۋە ساھابىلەر باشچىلىقىدىكى سەلەپلىرىمىزنىڭ يولىغا زىت يول تۇتقان ئازغۇن بىدئەتچىلەرنىڭ يولىدا قىلما. ھالبۇكى پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋە ساھابىلەرنىڭ يولىدا قىل» دېگەنلىك بولىدۇ. سەلەپىي — رەسۇلۇللاھ ۋە ساھابىلەر باشچىلىقىدىكى سەلەپنىڭ يولىدا ماڭغۇچى دېگەنلىكتۇر. سەلەپىيلىك دەل مۇشۇ يولدا تەۋرەنمەي مېڭىشنى كۆرستىدۇ.

ئۈممەتنىڭ ئەڭ ئاۋانگارت دىن ئىماملىرى ھېسابلىنىدىغان ئىمام بۇخارى، ئىمام مۇسلىم، ئىمام ئەبۇ داۋۇد قاتارلىق كۇتۇبى سىتتە ئاپتورلىرى، ئىمام دارىمى، ئىمام ئىبنى خۇزەيمە، ئىمام تەبەرى قاتارلىق سەلەفىي ئىماملار «سەھىھۇل بۇخارى»، «سەھىھۇل مۇسلىم»، «سۇنەن ئەبۇ داۋۇد» … «مۇسنەد دارىمى»، «سەھىھ ئىبنى خۇزەيمە»، «تەۋھىد»، «سۈننەت»، «مۇستەدرەك» قاتارلىق ناملاردىكى يۈزلەرچە مۆتىۋەر ھەدىس كىتابلىرىنى رەسۇلۇللاھ ۋە ساھابىلەر باشچىلىقىدىكى سەلەپ يولباشچىلارنىڭ ئەقدىسىنى ۋە فىقھىنى قوغداش، ئىسلام شەرىئىتىنى بايان قىلىش ئۈچۈن يازغان. بۇ كىتابلارنىڭ يېزىلىشتىكى يەنە بىر مەقسىتى سۈزۈك ئىسلام ئېتىقادىنىڭ قارشىسىدىكى مۇرجىي، مۆتەزىلە، شىئە ۋە جەھمىيلەرنىڭ ئىلاھىي ئەقىدىگە قارشى ئاچقان ئۇرۇشلىرىغا ئەزىمەتلەرچە تاقابىل تۇرۇشتۇر.


ئىمام شافىي «رىسالە» ناملىق ئەسىرىنى، ئىمام ئەھمەد «جەھمىيلەرگە ۋە زىندىقلارغا رەددىيە» ناملىق ئەسىرىنى، ئىمام بۇخارى «سەھىھۇل بۇخارى»، «بەندىلەرنىڭ قىلمىشلىرىنىڭ يارىتىلغانلىقى» ناملىق ئەسەرلىرىنى، ئىمام مۇسلىم «سەھىھۇل مۇسلىم» ناملىق ئەسىرىنى … سەلەپنىڭ ئەقدىسىگە ۋە فىقھىغا زىت يول تۇتقان جەھمىي، مۇرجىي، مۆتەزىلە قاتارلىق ئىلاھىي ئىسلام ئەقىدىسىنىڭ دۈشمەنلىرىگە قارشى تۇرۇش، ئۇلارغا رەددىيە بېرىش ۋە ئىسلام شەرئىتىنى قوغداش ئۈچۈن يازغان.

مالىكىي مەزھىبىدىن ئىمام ئىبنى ئابدۇلبەرنىڭ ۋە ئىمام شاتىبىينىڭ سەلەپىيلىكى؛ شافىي مەزھىبىدىن ئىمام بەغەۋىنىڭ، ئىمام نەۋەۋىينىڭ، ئىمام زەھەبىينىڭ، ئىمام ئىبنى كەسىرنىڭ سەلەپىيلىكى؛ ھەنبەلىي مەزھىپىدىن ئىمام ئىبنى قۇدامە، ئىمام ئىبنى تەيمىييە، ئىمام ئىبنى قەييىم ۋە ئىمام ئىبنى بازنىڭ سەلەپىيلىكى؛ ھەنەفىي مەزھىپىدىن ئىمام ئەبۇ مۇزەففەر سەمئانىينىڭ (كېيىن شافىي مەزھىپىگە ئۆتكەن)، ئىمام ئىبنى ئەبىلئىز ھەنەفىينىڭ سەلەپىيلىكى — ئەقىل، ئىلىم ۋە ئىنساپ ئىگىلىرى ئۈچۈن سىر ئەمەس. (تۆت مەزھەپنىڭ سەلەپىي مۇجتەھىدلىرى يۇقىرىقى ئالىملار بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ. ئۇلار نەچچە مىڭدىن ئاشىدۇ. يۇقىرىقى ئىماملارنىڭ ئىسىملىرى پەقەت ئۆرنەك سۈپىتىدىلا بايان قىلىندى.)

سالاھىددىن ئەييۇبى دەۋرىدە ياشىغان مەشھۇر ھەدىسشۇناس ئەبۇ تاھىر سەلەفىينىڭ مىسىرغا كۆچۈپ بېرىپ، ئۇ يەردىكى نەچچە يۈز يىللار مابەينىدە يىلتىز تارتىپ كەتكەن قانۇنسىز شىئە ئەقىدىسىنىڭ ئورنىغا ئىلاھىي ئىسلام ئەقدىسىنى دەسسىتىش يولىنى باشلاپ بەرگەنلىكىمۇ بىلگەنلەرگە سىر ئەمەس. ئەگەر ئىمام ئەبۇ تاھىر سەلەپىي قاتارلىق ئالىملارنىڭ مىسىردا ئېلىپ بارغان سەھىھ سۈننەتنى باتىل ئەقىدىلەرنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش تىرىشچانلىقى بولمىغىنىدا، مىسىر دىيارىدا توغرا ئىسلام ئەقىدىسىنىڭ قانۇنلىشىشى ئۇزاق ئەسىر كەينىگە سۈرۈلۈپ كەتكەن، بەلكىم مىسىر دىيارى كۈنىمىزگە قەدەر شىئە ئەقىدىسىنىڭ زۇلمىتى ئاستىدا قالغان بولاتتى.
تۆت قانۇنلۇق مەزھەپ بىلەن سەلەپىيلىكنى دۈشمەنلەشتۈرۈش كېيىنكى دىن دۈشمەنلىرى تېپىپ چىققان، پەقەت جاھىللارنى ۋە قارىغۇلارچە تەقلىدچىلەرنىلا ئالدىيالايدىغان شەيتانىي مۇجادىلىدۇر.

ئەمدىلىكتە تاھىرجان ئەپەندىچە بولغاندا، تۆت ئىمامنىڭ ئورتاق يولى بولغان سەلەپىيلىك — شىئەلەر ۋە خاۋارىجلار بىلەن بىر قاتاردا سانىلىدىغان ھالغا چۈشۈپ قاپتىمۇ؟
تاھىرجان ئەپەندى تۆت ئىمامنىڭ ئەقىدىسى ھەققىدە قانچىلىك ئىزدەندى؟ ئۇلارنىڭ نەقىلنى ئاساس قىلغان سۈزۈك سەلەپىي ئەقىدىسى بىلەن بۇ ئىلاھىي ئەقىدىگە قارشى بولغان — ئۆزلىرىنىڭ يېرىم يارتا، دۆلەش، دەلدۈش ئەقلىنى ئاساس قىلغان جەھمىيلىك، مۆتەزىلىلىك، ئەشئەرىيلىك ۋە ماترۇدىيلىق قاتارلىق قانۇنسىز – باتىل ئەقىدىلەرنىڭ پەرقى ھەققىدە ئىنساپ بىلەن كىتاپ ۋاراقلاپ باقتىمۇ؟
سەلەپىيلىك ھەققىدە «ئاق، كۆك» دەيدىغانلار ئۆزىنىڭ قېنىنىڭ نەدىن كەلگىنىنى بىلەلمەي، دادىسىدىن گۇمانلىنىپ، ئۆز دادىسىنىڭ يۈزىگە تۈكۈرۈپ، ئانىسىغا مۇش ئاتقان «نائەھلى ئەۋلاد»تىن باشقا نەرسە ئەمەس.

تۆت ئىمام ۋاپات بولۇپ بىر-ئىككى ئەسىرگە قەدەر — تۆت ئىمامنىڭ شاگىرتلىرى ئەشئەرىيلىك، ماترۇدىيلىق دېگەن نەرسىنى بىلمەيتتى. چۈنكى، تۆت ئىمامنىڭ ئەقىدىسى ئاللاھ رەسۇلۇللاھقا نازىل قىلغان، بىر تال ھەرپمۇ ئۆزگىرىپ كەتكمىگەن ساپ سەلەپىي ئەقىدە بولۇپ، تارىختىكى ۋە بۈگۈنكى راست سەلەپىيلەر ئەنە شۇ تۆت ئىمامنىڭ ھەم ئەقىدىسىنى، ھەم فىقھىنى مىراس ئالغان. ئەشئەرىي ۋە ماترۇدىيلار بولسا مۇجتەھىد ئىماملارنىڭ چوڭلىرىدىن بىر-ئىككى ئەسىرچە كېيىن ئوتتۇرىغا چىقىپ، تۆت ئىمامنىڭ سەلەپ ئەقىدىسىنى چۆرۈپ تاشلاپ، فىقھىنى قىسمەن مىراس ئالغان. ئاندىن «بىز ئەقىدىدە ماترۇدى، فىقىھتا ھەنەفىي» دەيدىغان، ياكى «بىز ئەقىدىدە ئەشئەرىي، فىقھتا شافىي» دەيدىغان قانۇنسىز شوئار ئوتتۇرىغا چىققان. بۇ دېگەنلىك «مەن ئىمامىم ئەبۇ ھەنىفەنىڭ، ئىمام شافىينىڭ ئەقىدسىنى چۆرۈپ تاشلىدىم. ئىمامىمغا ئەقىدىدە ئاسىيلىق قىلىپ، فىقىھتا ساداقەت كۆرسەتتىم» دېگەنلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس. بۇ خىل تۇتۇپ بەئەينى «تۇزىنى يەپ، تۇزلۇقىغا سىيىش»تىن ئىبارەتتۇر.


سەلەپىيلەر: «بىز ئەقىدىدە تۆت ئىمامنىڭ ئەقىدىسىدە، فىقىھتىمۇ تۆت ئىمامنىڭ فىقھىدىمىز» دەيدۇ. مانا بۇ ھەقىقىي ئىنساپ، ھەقىقىي ئادالەت، ۋە ھەقىقىي ۋاپادۇر.

شۇڭا، سەلەپىيلىك — تۆت ئىمامغا ھەم ئەقىدىدە، ھەم فىقىھتا ئەينەن ۋارىسلىق قىلىش دېگەنلىكتۇر.
كۆپ قىسىم ئەھلى سۈننەت دەۋاچىلىرى «ئەھلى سۈننەتنىڭ ئۈچ ئەقىدىسى بار، ئۇلار سەلەپ ئەقىدىسى، ئەشئەرىي ۋە ماترۇدىي ئەقىدىسى» دېيىشەتتى. تاھىرجان ئەپەندى كىتاپ تونۇشتۇرۇشىدا، ئۇزاق ئەسىرلەردىن بېرى ئەنئەنىگە ئايلانغان بۇ «ئۈچ ئەقىدە شوئارى»دىنمۇ ھالقىپ ئۆتۈپ، سەلەپ=سەلەپىي ئەقىدىسىنى خاۋارىج ۋە شىئە قاتارلىق شەيتان ئەقىدىسى تەۋەسىگە تىزىۋېتىپتۇ. ئاللاھ بۇ زاتقا تەۋپىق، ھىدايەت ۋە ياخشىلىق ئاتا قىلسۇن.

سەلەپىيلىك — قۇرئاننى، سۈننەتنى ساھابە، تابىئىن ۋە ئەتبائۇت تابىئىندىن ئىبارەت رەسۇلۇللاھ ماختىغان ئۈچ دەۋرىكى ئىسلام پېشىۋالىرىنىڭ چۈشەنچىسى بويىچە چۈشىنىمىز، ساپ ئىسلام ئەقىدسى ھېسابلانغان رەسۇلۇللاھ، ساھابە ۋە تابىئىنلارنىڭ ئەقىدىسىگە ھېچنەرسە قوشمايمىز ۋە ئۇنىڭدىن ھېچنەرسىنى چىقىرىۋەتمەيمىز، بۇ يولدىن جېنىمىز چىقىپ كەتكەنگەن قەدەر ھەرگىز ئايرىلمايلىز، دەپ ئەھدە ئىچكەنلەرنىڭ يولى، دېگەنلىكتۇر.
سەلەپ دەۋرىنىڭ ئوتتۇرا – ئاخىرقى مەزگىللىرىدىكى پېشۋالىرى دەل تۆت ئىمام بولۇپ، ئۇلار يۈز پىرسەنتلىك ساپ سەلەپىيلەر ئىدى. تۆت ئىمام ئۆزىدىن ئىلگىرىكىلەرگە نىسبەتەن سەلەپىي ئىدى، يەنى ئۆزىدىن ئىلگىرىكى تابىئىن ۋە ساھابىلەرنىڭ يولىنى تۇتقۇچىلار ئىدى. ئۆزىدىن كېيىنكىلەر ئۈچۈن بولسا سەلەپ ئىدى. سەلەپىيلىككە تىل ئۇزارتىش – تۆت ئىمامغا ۋە ئۇلارنىڭ ئۇستاز، شاگىرتلىرى ھېسابلانغان مىڭلارچە بۈيۈك ئىسلام ئۆلىماسىغا تىل ئۇزارتىش ۋە تۆھمەت چاپلاش دېگەنلىكتۇر.

سەۋبان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:
((لا تَزالُ طائِفَةٌ مِن أُمَّتي ظاهِرِينَ علَى الحَقِّ، لا يَضُرُّهُمْ مَن خَذَلَهُمْ، حتَّى يَأْتِيَ أمْرُ اللهِ))
«مېنىڭ ئۈممىتىمدىن بىر تائىپىنىڭ ھەق ئۈستىدە ئوچۇق-ئاشكارە بولغان ھالدا1 ھەقتە مېڭىشى داۋاملىشىدۇ. ئۇلارنى تەرك ئەتكەنلەر ئۇلارغا زىيان سالالمايدۇ. بۇ ھال قىيامەت قايىم بولغانغا قەدەر داۋام قىلىدۇ.»
— مۇسلىم 1920 | 1. ھافىز ئىبنى ھەجەرنىڭ تەبىرى
مۇشۇ ھەدىستىكى «ھەق ئۈستىدە بولىدىغان پىرقە» دەل تۆت ئىمامنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سەلەپىيلىك پىرقىسىدۇر. ئۇلار ھېچقانداق ئايەت ۋە ھەدىسكە قەستەن خىلاپلىق قىلمايدۇ. ئايەت – ھەدىسنى سەلەپنىڭ چۈشەنگىنى بويىچە چۈشىنىشتە چىڭ تۇرىدۇ. ئايەت، ھەدىس ۋە ئىجماغا زىت يول تۇتۇشنى ئۆلۈمدىنمۇ بەتتەر بەخىتسىزلىك دەپ قارايدۇ.

ئەگەر سەلەپىيلىككە غۇمى بارلار بولسا، بوشاپ كەتكەن ھىممەت كەمىرىنى قايتىدىن چىڭىتىپ سەلەپىيلەرنىڭ پېشىۋاسى ئىمام مالىك ئىبنى ئەنەس، ئىمام شافىي، ئىمام ئەھمەد ۋە ئىمام ئەبۇ ھەنىفە مانا ماۋۇ ئايەتكە، ماۋۇ ھەدىسكە خىيانەت قىلغان، ماۋۇ ئىجماغا قارشى چىققان، ماۋۇ يەردە يولدىن چىققان، دەپ ھەقنى بايان قىلسا بولىدۇ. ئەگەر بۇنىڭغا تىلى بارمىسا، تۆت ئىمامنىڭ زامانىمىزدىكى ھەقىقىي ۋارىسلىرىدىن ئىمام ئىبنى باز، ئىبنى ئۇسەيمىن، ئەلبانى ۋە سالىھ فەۋزان قاتارلىقلار مانا ماۋۇ ئايەتكە قارشى چىققان، ماۋۇ ھەدىسنى كۆرمەسكە سېلىۋالغان، ماۋۇ ئىجماغا قارشى قوپقان دەپ دەلىل پاكىتلىق بايانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويسا بولىدۇ.

سەلەپىيلىككە تۆھمەت تاشلىرىنى ئاتىدىغانلار سەلەپىيلىكنىڭ — يەنى ساپ ئىسلامنىڭ قانۇنلۇق ۋەكىللىرىنىڭ بىرەر ئايەت ياكى سەھىھ ھەدىسكە خىلاپ پەتىۋاسىنىمۇ ئالدىراپ تاپالمايدۇ. ئاقىۋەتتە، ئۇلارنىڭ دىنىي دەلىللەرنى چۈشىنىش ۋە تەدبىقلاشتا قېيىپ كەتكەنلىكىنى ئىسپاتلاشقا ئاجىز كېلىپ، ئۇلارنىڭ كەينىدە غەرپ بار، ئىنگىلىزلار بار، ئامېرىكا بار دەپ بىلجىرلاپ، ئۆز كۆڭلىنى خۇش قىلىپ يۈرۈشىدۇ.

سەلەپىيلەر ئاقچى، سەلەپىيلەر كۆكچى دەپ ئاشكارا تىللاش، ياكى تاھىرجان ئەپەندىدەك سەلەپىيلىكنى شىئە ۋە خاۋارىجلارنىڭ قاتارىغا تىزىپ قويۇش ئارقىلىق «سامان ئاستىدىن سۇ يۈگۈرتۈش» ھېچنەرسىنى ھەل قىلالمايدۇ. سەلەپىيلەر زادى قايسى دەلىلگە خىيانەت قىلدى ياكى قارشى چىقتى، بۇنى پاكىتلىق ئوتتۇرىغا قويۇپ «سەن ماۋۇ ئايەتكە، ماۋۇ ھەدىسكە خىلاپ يول تۇتتۇڭ، تارىختا ئۆتكەن ماۋۇ سەلەپ ياكى خەلەپ ئالىملىرىنىڭ يولىنى ئۆزگەرتىۋەتتىڭ» ، «ماۋۇ ئايەت ياكى ھەدىسنى سەلەپنىڭ چۈشەنچىسى بويىچە چۈشەنمىدىڭ» دەپ سەلەپىيلىككە ھەقىقىي ۋەكىللىك قىلالايدىغان ئالىملارنىڭ ياقىسىغا ئېسىلسا بولىدۇ.

ھەممە نەرسىنىڭ راستى ۋە ساختىسى بولغاندەك، سەلەپىيلىك داۋاگەرلىرىنىڭ ئارىسىدىمۇ دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە ساختا سەلەپىيلەر مەۋجۇت. سەلەپنىڭ — جۈملىدىن تۆت ئىمامنىڭ — ئەقىدىسىگە، فىقھىغا ۋە ئەخلاقىغا ھەقىقىي ۋارىسلىق قىلغانلار راست سەلەپىيلەردۇر. بۇنداق قىلمىغانلار ساختا سەلەپىيلەردۇر. ھەم ئېتىقادتا، ھەم فىقىھتا تۆت ئىمامدىن ئايرىلمىغانلار — مەزھىپى تۆت مەزھەپتىن قايسى بىرى بولسۇن — راست سەلەپىيلەردۇر.

ئەگەر كىم ھەم ئەقىدىدە، ھەم فىقىھتا تۆت ئىمامنىڭ يولىغا ھەقىقىي ئەگەشسە، ئەنە شۇ بەخىت – سائادەت يولىنى تۇتقان سەلەپىيدۇر؛ مەيلى ئۇنىڭ مەزھىپى ھەنەپىي بولسۇن، شافىي بولسۇن، مالىكىي ياكى ھەنبەلىي بولسۇن، ھېچبىر پەرقى يوق.
تۆت ئىمام كېيىنكىلەرگە نىسبەتەن سەلەپ ئىماملىرى بولۇش بىلەن بىرگە، ئۇلار ھېچقايسى بىر پىرقە – مەزھەپنىڭ تەشەببۇسچىلىرى ئەمەس. ئەكسىچە، قۇرئان ۋە سۈننەتكە ئاللاھ ۋە رەسۇلى مۇراد قىلغاندەك ئىمان ئېيتىش ۋە ئەگىشىش تەشەببۇسچىسى پېشىۋالار ئىدى. سەلەپىيلىك تۆت مەزھەپنىڭ بىرەرسىگە خاس بولغان، ياكى تۆت مەزھەپنىڭ ھەممىسىدىن چەك ئايرىغان ئايرىم بىر يول ئەمەس، بەلكى تۆت ئىمامنىڭ بىردەك يولىدۇر. تۆت مەزھەپنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك سەلەپىيلىك چۈشەنچىلىرى بىلەن تولۇپ تاشقاندۇر.

مۇسۇلمانغا سەلەپنىڭ ئەقىدىسىنى، فىقھىنى ۋە ئەخلاقىنى تۇتۇپ مېڭىشى پەرز ئەين. ئۆزى تۇتۇپ مېڭىشى ۋاجىپ بولغان يولغا ئۆزى پەشۋا ئېتىش «تۈلكىنىڭ ئۆز ئىنىغا قۇسۇشىدىن»، «بەغەرەز پەرزەنتنىڭ ئۆزىنى تاپقان دادىسىغا پەشۋا ئېتىشىدىن» باشقا نەرسە ئەمەس.

سەلەپىيلىك — رەسۇلۇللاھنىڭ ۋە ساھابىلەرنىڭ يولىغا ساداقەتمەنلىك كۆرسىتىش، ئۇ يولدىن يۈز ئۆرۈمەسلىك يولى دېگەنلىكتۇر. رەسۇلۇللاھ ئېلىپ كەلگەن سەھىھ سۈننەتكە ئىلغاپ تۇرۇپ مۇئامىلە قىلىپ، ساھابىلەرنىڭ ئەقىدىسىدىن بۇرۇلۇپ كېتىش تۆۋەندىكى ئايەتتىكى «مۆمىنلەرنىڭ يولىدىن باشقا يولغا ئەگىشىش» ھېسابلىنىدۇ.
ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا قۇرئاندا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَمَن يُشَاقِقِ الرَّسُولَ مِن بَعْدِ مَا تَبَيَّنَ لَهُ الْهُدَىٰ وَيَتَّبِعْ غَيْرَ سَبِيلِ الْمُؤْمِنِينَ نُوَلِّهِ مَا تَوَلَّىٰ وَنُصْلِهِ جَهَنَّمَ ۖ وَسَاءَتْ مَصِيرًا﴾

﴿كىمكى ئۆزىگە توغرا يول ئېنىق بولغاندىن كېيىن، پەيغەمبەرگە (يەنى ئۇنىڭ يولىغا) مۇخالىپەتچىلىك قىلىىپ، مۆمىنلەرنىڭ (يەنى ساھابىلەرنىڭ) يولىدىن باشقا يولغا ئەگىشىدىكەن، ئۇنى ئۆز (ىنىڭ باتىل) يولىغا قويۇپ بېرىمىز. ئۇنى (ئاخىرەتتە) جەھەننەمگە كىرگۈزىمىز، جەھەننەم نېمىدېگەن يامان جاي!﴾
— نىسا سۈرىسى، 115-ئايەت

سەلەپىيلىك — سەلەپكە توغرا رەۋىشتە ئەگىشىش دېگەنلىك بولۇپ، ئۇ تۆت ئىمامنىڭ يولىدۇر، ئىنسانلار ئارىسىدا ھېچكىمنىڭ سۆزىنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۆزىنىڭ ئۈستىگە قويۇۋالماسلىقتۇر.
سەلەپىيلىك — بىر مەسىلىدە رەسۇلۇللاھتىن ۋە ساھابىلەردىن كەلگەن سەھىھ بايانلا بولسا، ئۇنىڭ ئۈستىگە سۆز سۆزلىمەستىن، شۇ ھەدىس ۋە ئەسەرگە ئەينى پېتى ئەگىشىشتۇر.
سەلەپىيلىك — ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا، كىتابىغا ۋە ئىسلام ئۈممىتىگە ساداقەت كۆرسىتىشتۇر.
سەلەپىيلىك — تەقۋاغا ۋە زۇھدقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئاللاھ ۋە رەسۇلى يامان كۆرىدىغان، كىشىنىڭ دىنىغا، ئەخلاقىغا زىيان سالىدىغان بارچە ئىش – ھادىسە ۋە ئىنسانلاردىن ئۇزاق تۇرۇشتۇر.
سەلەپىيلىك — بارچە شىركتىن، بارچە بىدئەتتىن، جىمىي ھاراملاردىن قېچىپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئاللاھقا يۈزلىنىشتۇر.
سەلەپىيلىك — شىرك ۋە كۇفۇرغا چۈشۈپ قېلىشتىن ئۆلۈمدىن قاچقاندەك قېچىش، بىدئەت – خۇراپاتلارغا چۈشۈپ قېلىشتىن باشتىن ئاياق ئۇزاق تۇرۇشتۇر.
مانا بۇ سىراتىل مۇستەقىم يولىدا ماڭغۇچىلارنى تىللايدىغان، تۆھمەتلەيدىغان، ئۇلارغا قارشى تۇرغۇچىلار ئۇلارغا زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. رەسۇلۇللاھ ۋە ساھابىلەرگە ئەسلى پېتى ئەگەشكەن، بۇلغانمىغان سۈزۈك ئىلاھىي ئىسلام ئەقىدىسىگە ئەگەشكەن بۇ خىل كىشىلەر سەھىھ ھەدىستە كەلگىنىدەك، ئۆزلىرى ئاخىر زاماندا ياشىسىمۇ، ھەر بىرى ساھابىلەردىن ئەللىك شەھىدنىڭ ئەجرىگە ئېرىشىدىغان كىشىلەردۇر.
ئەبۇ سەئلەبە ئەلكۇشانى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن نەقىل قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم: ((إِنَّ مِنْ وَرَائِكُمْ أَيَّامَ الصَّبْرِ، الصَّبْرُ فِيهِ مِثْلُ قَبْضٍ عَلَى الْجَمْرِ، لِلْعَامِلِ فِيهِمْ مِثْلُ أَجْرِ خَمْسِينَ رَجُلًا يَعْمَلُونَ مِثْلَ عَمَلِهِ، قَالَوا يَا رَسُولَ اللهِ! أَجْرُ خَمْسِينَ مِنْهُمْ؟! قَالَ: أَجْرُ خَمْسِينَ مِنْكُمْ))«چوقۇمكى، كەلگۈسىدە سەبر زامانى كېلىدۇ. ئۇ چاغدىكى سەبر بەئەينى كۆيۈپ تۇرغان ئوتنى قاماللاپ تۇتۇپ تۇرغاندەك (قىيىن) بولىدۇ. ئۇ چاغدا (قۇرئان ۋە سۈننەتكە ئۇيغۇن) ئەمەل-ئىبادەتلەردە چىڭ تۇرغۇچىغا ئەللىك كىشىگە بېرىلىدىغان ساۋاب بېرىلىدۇ» دېۋىدى.
ساھابىلەر «ئى رەسۇلۇللاھ! (شۇنداق بىرىگە) شۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەللىك كىشىگە بېرىلىدىغان ئەجر بېرىلەمدۇ؟» دەپ سورىدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېدى: «سىلەردىن (يەنى ساھابىلەردىن) ئەللىك كىشىنىڭ ئەجرى بېرىلىدۇ.» hedisim.com (ئەبۇ داۋۇد 4341؛ تىرمىزى 3058؛ تىرمىزى سەھىھ دېگەن؛ ئەلبانى «سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى» 494 دە سەھىھ دېگەن؛ ئىمام ئىبنى ھەجەر تەخرىج مىشكات مەسابىھتا – 4\486-سەھىھ دېگەن)
ئاللاھ بۇ پەيغەمبەر ۋە ساھابە ۋارىسلىرىغا مۇنداق خۇش بىشارەت بەرگەن:
إِنَّ ٱلَّذِينَ قَالُوا۟ رَبُّنَا ٱللَّهُ ثُمَّ ٱسْتَقَٰمُوا۟ تَتَنَزَّلُ عَلَيْهِمُ ٱلْمَلَٰٓئِكَةُ أَلَّا تَخَافُوا۟ وَلَا تَحْزَنُوا۟ وَأَبْشِرُوا۟ بِٱلْجَنَّةِ ٱلَّتِى كُنتُمْ تُوعَدُونَ
30. شۈبىھسىزكى، «بىزنىڭ رەببىمىز ئاللاھ» دەپ، (ئاللاھنىڭ ۋە رەسۇلىنىڭ ئەمىرلىرىنى ئورۇنداش، چەكلىمىلىرىدىن ئۇزاق تۇرۇش ئارقىلىق) ئىستىقامەت يولىنى تۇتقۇچىلارغا (ئۆلۈم پەيتىدە) پەرىشتىلەر (خۇش بېشارەت بېرىش ئۈچۈن) چۈشىدۇ (ۋە ئۇلارغا مۇنداق دەيدۇ): «(ئۆلۈمدىن كېيىنكى ئىشلاردىن) قورقماڭلار، (دۇنيادا قالدۇرۇپ قويغانلىرىڭلار ئۈچۈن) قايغۇرماڭلار. (دۇنيادىكى چېغىڭلاردا ئىگە بولغان توغرا ئىمانىڭلار ۋە قىلغان سالىھ ئەمەللىرىڭلارنىڭ مۇپاكاتى سۈپىتىدە) سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان جەننەت بىلەن خۇشال بولۇڭلار.»
نَحْنُ أَوْلِيَآؤُكُمْ فِى ٱلْحَيَوٰةِ ٱلدُّنْيَا وَفِى ٱلْـَٔاخِرَةِ وَلَكُمْ فِيهَا مَا تَشْتَهِىٓ أَنفُسُكُمْ وَلَكُمْ فِيهَا مَا تَدَّعُونَ
31. «بىز دۇنيادىمۇ، ئاخىرەتتىمۇ سىلەرنىڭ دوسلىرىڭلارمىز. جەننەتتە سىلەر ئۈچۈن كۆڭلۈڭلار خالايدىغان ھەممە نەرسە بار، سىلەرگە (ئاللاھ ۋە ئاللاھ سىلەرگە ئەۋەتكەن نەبىي تەرىپىدىن) ۋەدە قىلىنغان (تۈرلۈك-تۈمەن بۈيۈك نېمەتلەر) بار.»
نُزُلًا مِّنْ غَفُورٍ رَّحِيمٍ
32. بۇ (گۇناھلىرىدىن تەۋبە قىلغۇچىنى) مەغفىرەت قىلدىغان، (بەندىلىرىگە) چەكسىز مېھرىبان ئاللاھتىن بېرىلگەن سوۋغاتتۇر.
وَمَنْ أَحْسَنُ قَوْلًا مِّمَّن دَعَآ إِلَى ٱللَّهِ وَعَمِلَ صَٰلِحًا وَقَالَ إِنَّنِى مِنَ ٱلْمُسْلِمِينَ
33. ئاللاھقا دەۋەت قىلىدىغان، سالىھ ئەمەللەرنى قىلىدىغان ۋە «مەن ئاللاھقا ئىتائەت قىلىپ، (ئاللاھ ۋە رەسۇلىنىڭ ئەمىر – پەرمانلىرىغا) تەسلىم بولغۇچىلاردىنمەن» دەيدىغان كىشىدىنمۇ گۈزەل سۆزلۈك كىم بار؟
— فۇسسىلەت سۈرىسىنىڭ 31 – 33 – ئايەتلىرى (قۇدرەت بارات تەرجىمىسى)

 

 

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ