ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «ئەگەر پەيغەمبىرىڭلارنىڭ سۈننىتىنى (يەنى بۇيرۇقلىرىنى، چەكلىمىلىرىنى ۋە دىن جەھەتتە تۇتقان يولىنى) تەرك ئەتسەڭلار چوقۇمكى ئېزىپ كېتىسىلەر.» hedisim.com (مۇسلىم 1045)
نافىئتىن بايان قىلىنىدۇ، ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇمەر رەسۇلۇللاھنىڭ ئۆزىگە مۇنداق دېگەنلىكىنى ئېتقان: «شۈبھىسىزكى، بۇ رەسىم – سۈرەتلەرنى بەرپا قىلغانلار قىيامەت كۈنى جازاغا ئۇچرايدۇ. ئۇلارغا (مەسخىرە يۈزىسىدىن) ‹بەرپا قىلغان رەسىمىڭلارغا جان كىرگۈزۈڭلارچۇ قېنى› دېيىلىدۇ.» hedisim.com (بۇخارى 5951)
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر ئىشنى قەتئىي تۈردە چەكلىگەن، ئۇنى قىلغۇچىغا دوزاخ بىلەن تەھدىت سالغان بولسا، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم چەكلىگەن شۇ ئىش گۇناھى كەبىرە ھېسابلىنىدۇ. بۇ ھەقتە ئەھلى ئىلىم ئارىسىدا ھېچبىر ئىختىلاپ يوق. بۇ ۋەجىدىن جانلىقنىڭ سۈرىتىنى ياكى ھەيكىلىنى ھاسىل قىلىش گۇناھى كەبىرىلەردىن بولۇپ، بۇ خىل ھاسىل قىلىشنىڭ قەلەم ئارقىلىق بولۇش بىلەن سۈنئىي ئەقىل ئارقىلىق بولۇشىنىڭ ئارىسىدا ھېچبىر پەرق يوق.
ئىمام ئابدۇرراھمان سەئدى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: بۇ ئايەت ئاللاھنى ھەقىقىي مەنادا ياخشى كۆرگىچىلەر بىلەن ئاللاھنى ياخشى كۆرىمىز دەپ ئېغىزلىرىدا داۋا قىلىپ قويىدىغانلارنى ئايرىشتىكى ئۆلچەمدۇر. چۈنكى، ئاللاھنى ياخشى كۆرۈشنىڭ ئالامىتى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە ئەگىشىشتۇر. ئۇلۇغ ئاللاھ رەسۇلۇللاھقا ۋە ئۇ زات دەۋەت قىلغان ئىشلارنىڭ بارچىسىغا ئەگىشىشنى — بەندىنىڭ ئاللاھنىڭ مۇھەببىتىگە ۋە رازىلىقىغا ئېرىشىشتىكى يول قىلىپ بەلگىلىگەن. ئاللاھنىڭ ياخشى كۆرۈشىنى، رازىلىقىنى ۋە مۇكاپاتىنى قولغا كەلتۈرۈش پەقەت ۋە پەقەت ئاللاھنىڭ رەسۇلى ئېلىپ كەلگەن كىتاپ ۋە سۈننەتنى تەستىقلاش بىلەن، كىتاب ۋە سۈننەتتىكى بۇيرۇقلارغا ئەمەل قىلىپ، كىتاب ۋە سۈننەتتىكى چەكلىمىلەردىن يېنىش بىلەنلا مۇمكىن بولىدۇ. (تفسير السعدي)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېدى: «ئۈممىتىمنىڭ ھەممىسى جەننەتكە كىرىدۇ، ئەمما (مېنى) رەت قىلغان كىشى جەننەتكە كىرمەيدۇ.» بۇنىڭ بىلەن ساھابىلەر «ئى رەسۇلۇللاھ! رەت قىلغۇچى كىم؟» دەپ سورىدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «كىم ماڭا ئىتائەت قىلسا جەننەتكە كىرىدۇ. كىم ماڭا (ئەگىشىشتە) ئاسىيلىق قىلسا (مېنى) رەت قىلغان بولىدۇ.(ئەنە شۇلار جەننەتكە كىرمەيدۇ)» دېدى. hedisim.com (بۇخارى 7280)
شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىييە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: (من اجتهد في طاعة الله ورسوله بحسب استطاعته كان من أهل الجنة) «كىم بار كۈچى بىلەن ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىتائەت قىلىشقا تىرىشچانلىق كۆرسەتسە جەننەت ئەھلىدىن بولىدۇ.» mujtehid.com (منهاج السنة ٣\٥٠٥)
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «سىلەردىن ھايات ياشايدىغانلار نۇرغۇن ئىختىلاپلارنى كۆرىدۇ. (ئۇ ھالدا) سىلەر مېنىڭ سۈننىتىمگە ۋە ھىدايەتكە ئېرىشكەن راشىد خەلىپىلىرىمنىڭ سۈننىتىگە ئەگىشىشىڭلار، سۈننىتىمگە مەھكەم ئېسىلىڭلار، سۈننىتىمنى ئېزىق چىشىڭلار بىلەن چىڭ چىشلەڭلار. دىندا يېڭىدىن ئوتتۇرىغا چىققان ئىشلاردىن ھەزەر ئەيلەڭلار. چۈنكى، دىندا يېڭىدىن ئوتتۇرىغا چىققان ھەر قانداق ئىش بىدئەتتۇر، بارچە بىدئەت ئازغۇنلۇقتۇر.» hedisim.com (ئەبۇ داۋۇد 4607؛ تىرمىزى 2676؛ ئەھمەد 17142، 17044؛ ئەھمەد شاكىر ۋە باشقا مۇھەددىسلەر سەھىھ دېگەن)
ئىمام ئىبنى قەييىم مۇنداق دېگەن: «ئىمام ئەھمەد رەھىمەھۇللاھ (ۋە باشقا سەلەپ ئالىملىرى) ھەدىسكە ئېسىلمايدىغان، كۆز قارىشىنى سەھىھ ھەدىسكە ئۇيغۇنلاشتۇرمايدىغان كىشىلەردىن پەتىۋا سوراشنى چەكلەيتتى؛ بۇنداقلارنىڭ پەتىۋاسىنى تۇتۇشنى دۇرۇس ئەمەس دەيتتى.» mujtehid.com (ئىئلامۇل مۇۋەققىئىين،1-68)
ئىمام ئەھمەد رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: (من رد حديث رسول الله ﷺ فهو على شفا هلكة) «كىم ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ ھەدىسىنى قوبۇل قىلمىسا، ئۇ ھالاكەتنىڭ بوسۇغىسىدىدۇر.» mujtehid.com (ابن الجوزي في المناقب (ص ١٨٢)
ئىمام ئىبنى ھەجەر ئەسقالانىي مۇنداق دېگەن: «مەيلى يۈكسەك ئىرادە تەلەپ قىلىنىدىغان ئىشلاردا بولسۇن، مەيلى رۇخسەت قىلىنغان ئىشلاردا بولسۇن ياخشىلىق دائىما رەسۇلۇللاھقا ئەگىشىشتە بولىدۇ.» mujtehid.com (بۇخارى 7301-ھەدىسكە فەتھۇل بارى شەرھى)
ئىمام ئەبۇ ھەنىفە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن:(إذا صح الحديث فهو مذهبي) «ئەگەر ھەدىس سەھىھ بولسا، ئۇ مېنىڭ مەزھىبىمدۇر.» mujtehid.com (ابن عابدين في «الحاشية» ١ / ٦٣)
كۈنىمىزدە ساھابىلەرنىڭ ھاياتىنى تونۇشتۇرىمەن دەپ مەيدانغا چۈشكەن بەزى كىشىلەر رەسۇلۇللاھ چەكلىگەن، يەنە كېلىپ ئېچىنىشلىق دوزاخ ئازابى بىلەن ئاگاھلاندۇرغان ئىشقا — يەنى جانلىقنىڭ رەسىم – سۈرەتلىرىنى ياساش، سىزىش چەكلىمىسىگە قارشى قاپيۈرەكلىك قىلىپ، ساھابىلەرنى ياساپ بازارغا سالماقتا. ئەسلىدە ساھابىلەرنى تونۇشتۇرىمەن دېگەن ئادەم ساھابىلەرنى ئەڭ ئاۋۋال ئۆزى ياخشى تونۇشى كېرەك ئىدىغۇ؟ ساھابىلەر رەسۇلۇللاھنىڭ بىر ھەدىسىنى ئاڭلىغان ھامان، بىر بۇيرۇقىنى ياكى بىر چەكلىمىسىنى ئاڭلىغان ھامان، دەرھال ئۇ چەكلىمىدىن يېنىشقا ئالدىرايتتى. ئەگەر بىرەر بۇيرۇقىنى ئاڭلىسا، رەسۇلۇللاھنىڭ بۇيرۇقىغا دەرھال ئەمەل قىلىشقا باشلايتتى. رەسۇلۇللاھنىڭ بۇيرۇق – چەكلىمىسىگە ھېچقانداق قارشىلىقسىز ئىتائەت قىلىش ساھابىلەرنىڭ ئورتاق خۇيى ئىدى. ساھابىلەرنى تونۇشتۇرۇۋاتقانلىقىنى دەۋا قىلىۋاتقان تۇرۇقلۇق، رەسۇلۇللاھنىڭ چەكلىمىسىگە چۈشۈپ قېلىشتىن ساھابىلەرنىڭ نەقەدەر قاچىدىغانلىقىنى، رەسۇلۇللاھ چەكلىگەن بىرەر ئىشنى قىلىشتىن ساھابىلەرنىڭ نەقەدەر ئۇزاق ئىكەنلىكىنى ئەسلا ئاڭقىرالماستىن، ساھابىنى تونۇشتۇرماقچى بولۇش — يول بىلمىگەن ئادەمنىڭ يول باشلىغۇچى بولۇشىدىن، ئوغرىنىڭ خەزىنە مۇھاپىزەتچىسى بولۇشىدىن پەرقسىز ئەجەپلىنەرلىك ھادىسىدۇر.
ئەمما، ئۆز ھۆكمىنىڭ قارشىسىدا ئونلارچە كۈچلۈك سەھىھ دەلىل تۇرسىمۇ، ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ پېىشۋا مۇجتەھىد ئۆلىمالارنىڭ بۇ ھەقتىكى ھۆكۈملىرى ئېنىق تۇرسىمۇ، يەنىلا ئۆزىنى ھەق يولدا دەۋېلىپ، دەلىلگە ئەگەشكەنلەرنى باتىل يولدا، ئەقىلسىزلىك يولىدا دەپ ئەيىپلەيدىغان بۇ خىل كىشىلەردە دىندىكى سەمىمىيەتتىن ئەسەرمۇ يوق.
ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «رەي ئەھلى (دىنىي مەسىلىلەردە سۈننەتكە تايانماي، ئۇنى تولغاش ياكى ئىككىلەمچى ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويۇش ئارقىلىق شەخسىي كۆز قارىشىغا تايانغۇچىلار) سۈننەتنىڭ دۈشمەنلىرىدۇر. ھەدىسلەرنى ئاڭقىرىش ئۇلارغا قىيىن كېلىدۇ. ئۇلار ھەدىسلەرنى قولدىن قاچۇرۇپ قويغانلىقى ئۈچۈن چۈشىنەلمىگەن، ئاقىۋەتتە ئۆزىنىڭ شەخسىي پىكىرى بويىچە سۆزلەپ ھەم ئۆزى ئازىدۇ، ھەم باشقىلارنى ئازدۇرىدۇ.» (ئەششەرھۇ ۋەلئىبانە 122؛ ناسىر ئىبنى ئەقىل: مەفھۇمۇس سۇننە ۋەلجامائە 37)
ئىمام ئىبنى قەييىم مۇنداق دېگەن: «كىتاب ۋە سۈننەتتىن يۈز ئۆرۈپ، ئۇنىڭغا ئۆزىنى ئۇيغۇنلاشتۇرمىغان كىشىنىڭ ئىلىمى شەيتاندىندۇر. بىر ئىلىمنىڭ رەھمان تەرىپىدىن بېرىلگەنلىكى پەقەت رەسۇلۇللاھنىڭ ئېلىپ كەلگىنىگە ئۇيغۇن بولۇش بىلەنلا بىلىنىدۇ.» (ئىمام ئىبنى قەييىم «مەدارىجۇس سالىكىن»،881)
﴿فَلَا وَرَبِّكَ لَا يُؤْمِنُونَ حَتَّىٰ يُحَكِّمُوكَ فِيمَا شَجَرَ بَيْنَهُمْ ثُمَّ لَا يَجِدُوا فِي أَنفُسِهِمْ حَرَجًا مِّمَّا قَضَيْتَ وَيُسَلِّمُوا تَسْلِيمًا﴾
﴿(ئى پەيغەمبەر!) رەببىڭ بىلەن قەسەمكى، ئۇلار ئۆز ئارىسىدىكى تالاش تارتىشقا سېنى ھۆكۈم چىقىرىشقا تەكلىپ قىلمىغۇچە، ئاندىن سېنىڭ چىقارغان ھۆكۈمىڭگە ئۇلارنىڭ دىللىرىدا قىلچە قارشىلىق بولمىغۇچە ۋە ئۇنىڭغا پۈتۈنلەي بويسۇنمىغۇچە ئۇلار مۆمىن بولالمايدۇ.﴾ (نىسا سۈرىسى 65-ئايەت)
﴿وَمَا كَانَ لِمُؤْمِنٍ وَلَا مُؤْمِنَةٍ إِذَا قَضَى اللَّهُ وَرَسُولُهُ أَمْرًا أَن يَكُونَ لَهُمُ الْخِيَرَةُ مِنْ أَمْرِهِمْ ۗ وَمَن يَعْصِ اللَّهَ وَرَسُولَهُ فَقَدْ ضَلَّ ضَلَالًا مُّبِينًا﴾
﴿ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بىرەر ئىشتا ھۆكۈم چىقارغان چاغدا، ئەر ـ ئايال مۆمىنلەرنىڭ ئۆز ئىشىدا ئىختىيارلىقى بولمايدۇ. كىمكى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە (ئاللاھ ۋە رەسۇلى بەرگەن ھۆكۈمنى چۆرۈپ تاشلاش ئارقىلىق ئاسىيلىق قىلىدىكەن) ئوپئوچۇق ئازغان بولىدۇ.﴾ (ئەھزاب سۈرىسى 36-ئايەت)
مۇھەددىس ئىمام ھاكىم نىساپۇرى رەھىمەھۇللاھ ئەھلى ھەدىس ھەققىدە مۇنداق دېگەن: ئىمام ئەھمەد سەھىھ ھەدىستىكى قىيامەتكىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان پىرقىنى، يەنى «نىجات تاپقۇچى پىرقە» دەپ ناملانغانلارنى چۈشەندۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئەھلى ھەدىس (يەنى سەھىھ ھەدىسلەرگە خىلاپلىق قىلىشتىن قېچىپ، سەھىھ ھەدىسلەرگە قەتئىي ئەمەل قىلىدىغان كىشىلەر) ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ ياخشى قىلغان. «نىجات تاپقۇچى پىرقە» دەپ ئاتىلىشقا بىزدىن ئىلگىرى ياشىغان سەلەپ-سالىھىننىڭ ئىزىنى بېسىپ مېڭىپ، ئۇلارنىڭ سۆز-ھەرىكەتلىرىگە ئەگەشكەن كىشىلەردىن لايىقراق باشقا كىم بار؟ «نىجات تاپقۇچى پىرقە» دەپ ئاتىلىشقا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ سۈننەتلىرىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ باتىل يولىنى ئاشكارىلاپ بەرگۈچى مەزكۇر كىشىلەردىن لايىقراق كىم بار؟ معرفة علوم الحديث » للحاكم النيسابوري ( ص 2 ، 3 )
رەسۇلۇللاھ سۈنئىي ئەقىل ھەققىدە سۆز قىلمىغان دەپ بۇ ھەقتە كاللاڭغا كەلگەننى قىلساڭ ياكى شەيخىڭ سۆزلەپ بەرگەن دەلىلگە زىت گەپنى كۆتۈرۈپ يۈرسەڭ، ئاسماندىن پەرىشتە چۈشۈپ، سېنى يېتىلەپ ھەق ئەھلىنىڭ ئارىسىغا ئەكىرىپ قويمايدۇ. ھۆكۈملەر چىقىرىلىپ بولدى، قەلەم قۇرۇدى، مۆمىن ئۈچۈن تاكى قىيامەتكە قەدەر ئاللاھ ۋە رەسۇلى بەرگەن ھۆكۈمنى ئۆز زامانىسىغا ماسلاشتۇرۇپ ئەمەل قىلىشلا قالدى.
بەزى كىشىلەر «ساھابىلەرنىڭ سۈرىتىنى ياساش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ھاياتىنى تونۇشتۇرساق، كىشىلەرنىڭ ساھابىنى تونۇشى ئاشىدۇ، بۇ كىشىنىڭ دىنىغا پايدىلىق» دەۋالىدۇ. ھالبۇكى، ئۆلىمالارنىڭ ئارىسىدىكى مەشھۇر بىر فىقھى قائىدە شۇكى «زىياندىن (يەنى ھارامدىن) ساقلىنىش مەنپەئەتكە ئېرىشىشنىڭ ئالدىن تۇرىدۇ.» (دفع المضار مقدم على جلب المنافع.) بۇ قائىدە بويىچە، بىر ئىشتا ھەم مەنپەئەت ھەم زىيان بار بولسا، شۇ زىياندىن ساقلىنىش قولغا كېلىدىغان مەنپەئەتتىن مۇھىم دەپ قارىلىدۇ. چۈنكى ھارامدىن تامامەن يىراق تۇرۇش شەرىئەتنىڭ ئاساسلىق تەلىپىدۇر. بىر پايدىلىق ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارماقچى بولغان ئادەم بىر ھارامغا چۈشىدىغان بولسا، ئۇ پايدىنى ۋۇجۇدقا چىقارمىغان تەقدىردە، ئۇ كىشى ھارامغا چۈشمەيدىغان بولسا، ئۇ ھالدا ھارامغا باغلانغان ئۇ پايدىنى تاشلاش كىشى ئۈچۈن پەرز بولىدۇ. سۈنئىي ئەقىل ئارقىلىق ئادەم سۈرىتى ياسىتىش — ھارامدىن ساقلىنىشنى ئەمەس، ھارامغا چۈشۈشنى تەقەززا قىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭدىن كېلىدىغان ئاتالمىش پايدىدىن سۆز ئېچىشنىڭ شەرىئەتتە قوبۇل قىلىنىدىغان ھېچبىر تەرىپى يوق. ساھابىلەرنى تونۇشنى ئاللاھ ۋە رەسۇلى ھارام قىلغان سۈرەت ياساش ئىشىغا چۈشمەستىن، شۇ ھەقتىكى مۆتىۋەر كىتابلارنى ئوقۇش ئارقىلىق يۈزدە يۈز ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولىدۇ. ئېكراننىڭ بالىلارغا بولغان زىيىنى بارغانچە ئېشىپ كېتىۋاتقان، ئىنسانلار كىتابنى تاشلاپ ئېكرانغا يۈزلىنىش مودىغا ئايلانغان بۇ دەۋردە، ئېكراندىن ئامال بار ئۇزاق تۇرۇپ، كىتابقا ۋە ھەقىقىي ئىلىمگە يۈزلىنىش ئاقىللارنىڭ، ئايەت ھەدىسنى توغرا چۈشىنەلەيدىغان، دىننىڭ مەقسىتىنى توغرا ئاڭقىرالايدىغان ئەقىل ئىگىلىرىنىڭ ئىشىدۇر. ساھابىلەرنى تونۇش كىتابلارنى ئوقۇش ئارقىلىق ھاسىل بولۇشى تامامەن مۇمكىن ئىكەن، ئۇلارنىڭ سۈرىتىنى ياسىغۇزۇش ئارقىلىق ساھابىنى تونۇتماقچى بولۇش ھېكمەتكە، تەقۋاغا ۋە شەرىئەتنىڭ زىياندىن ئۇزاق تۇرۇش پىرىنسىپىغا تامامەن زىت.
ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز مۇنداق دېگەن: «ئۆزۈڭلاردىن ئىلگىرى كەلگەنلەرنىڭ (يەنى ساھابە ۋە تائىبىنلارنىڭ) دىن چۈشەنچىسىنى تۇتۇڭلار، ئۇلارنىڭ دىن چۈشەنچىسىگە خىلاپ بولغان ھۆكۈملەرنى تۇتماڭلار. چۈنكى، ئۇلار (يەنى ساھابە، تابىئىنلار) سىلەردىن ياخشىدۇر ۋە سىلەردىن ئالىمراقتۇر.» (حلية الأولياء 4\219)
بىر مەسىلىنىڭ ھاراملىقىنى بىلدۈرىدىغان سەھىھ ھەدىسلەر بار تۇرۇقلۇق، ئۇ مەسىلىنى ھالالغا چىقىرىشقا ئورۇنغۇچىلارنى ئىسلام ئۆلىمالىرى «ھاۋايى-ھەۋەس ئەھلى» دەپ ئاتىغان.
ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېگەن: (لا تجُالسْ أهلَ الأهواء؛ فإن مُجالَسَتَهُم ممرضَة للقَلْب) «ھاۋايى-ھەۋەس ئەھلى بىلەن ئولتۇرما. چۈنكى، ئۇلار بىلەن ئولتۇرۇپ قوپۇش قەلبنى كېسەل قىلىدۇ.» (أخرجهما الإمام اللالكائي في «شرح أصول اعتقاد أهل السنة والجماعة»، وابن بطة في«الإبانة»)
ھاۋايى-ھەۋەس ئەھلى — قۇرئان ۋە سۈننەتتىكى ھۆكۈملەرنىڭ ئۆز ئارزۇ-ھەۋىسىگە توغرا كېلىدىغانلىرىغا ئەگىشىپ، قۇرئان ۋە سۈننەتتىكى ھۆكۈملەردىن قايسى بىر ئارزۇ-ھەۋىسىگە خىلاپ بولۇپ قالسا، ئۇ ھۆكۈمنى تۇتمايدىغان، ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈيدىغان كىشىلەردۇر. (ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزاننىڭ تەبىرى)
ئەسلىدە، كىشى سەھىھ ھەدىسلەرگە قانچە مەھكەم ئەگەشسە، شۇنچە مۆتىدىل ، شۇنچە ئېسىل يول تۇتقان بولىدۇ. سەھىھ ھەدىسلەرگە خىلاپ يول تۇتقان كىشى رەسۇلۇللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققان، ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققان پاسىق ھېسابلىنىدۇ. بۇنداق كىشىدە مۆتىدىللىكتىن، دىنغا توغرا ئەگىشىشتىن ئەسەرمۇ يوقتۇر. سەھىھ ھەدىسلەرگە نەپسىگە خۇش ياقسا ئەگىشىپ، نەپسىگە ياقماي قالسا دەرھال ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈيدىغانلار ئاقىل ئەمەس، ئۆز دىنىنى زېدىلەيدىغان ئەخمەق كىشىلەردۇر.
ئىمام ئەبۇ ئۇبەيد قاسىم ئىبنى سەللام رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «سۈننەتكە (ھەقىقىي رەۋىشتە) ئەگەشكۈچى ئالقىنىدا چوغ تۇتقان كىشىگە ئوخشاشتۇر. مېنىڭ نەزىرىمدە، كۈنىمىزدە سۈننەتكە مەھكەم ئەگىشىش ئاللاھ يولىدا قىلىچ يالىڭاچلىغاندىنمۇ ئەۋزەل ھالەتتىدۇر.» (سابۇنى: ئەسھابۇل ھەدىسنىڭ ئەقىيدىسى 70)
شەيخۇل ئىسلام ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: بىر مەسىلىدە سەھىھ ھەدىس كەلگەن ۋە بۇ سەھىھ ھەدىسنىڭ ھۆكمىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدىغان باشقا سەھىھ ھەدىس بولمىغان تەقدىردە بىزگە ۋە ئۈممەتكە پەرز بولغىنى شۇ سەھىھ ھەدىسنى قوبۇل قىلىش ۋە ئۇنىڭغا قارشى كۆز قاراشلارنى تەرك ئېتىشتۇر. (ئىئلامۇل مۇۋەققىئىين 3/74)
تابىئىن ئىمام مەسرۇق رەھىمەھۇللاھتىن «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ھەدىسىگە خىلاپ ھەرىكەت قىلغۇچىنى يامان كۆرۈش كىشىنى ساۋابقا نائىل قىلامدۇ؟» دەپ سورالغاندا، مەسرۇق رەھىمەھۇللاھ «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، شۇنداق» دەپ جاۋاپ بەرگەن. (ئىمام ئىبنى قەييىم: ئىئلامۇل مۇۋەققىئىين 2\590)
ساھابىلەر رەسۇلۇللاھنىڭ بىر چەكلىمىسىنى ئاڭلىغان ھامان، شۇ چەكلىمىگە ئەمەل قىلىشنى بىر مىنۇتمۇ كېچىكتۈرمەيتتى.
پالانى مەسىلە توغرىسىدا شامدىكى پالانچى ساھابىدىن رەسۇلۇللاھنىڭ مۇنۇ ھۆكمىنى ئاڭلىدىم، دېيىلسە، بۇنى ئاڭلىغان ساھابە تۆگىسىگە مىنىپ مەدىنىدىن شامغا ئاتلىناتتى، مەسىلىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن ئايلارچە يول يۈرەتتى ۋە سۆزى بولۇنغان ساھابىنى تېپىپ «سەن رەسۇلۇللاھنىڭ مۇشۇنداق دېگىنىنى ئاڭلىغانمىتىڭ؟» دەپ سورايتتى. ئەگەر سورالغۇچى ساھابە سورىغۇچى ساھابىگە «شۇنداق» دەپ جاۋاب بەرسە، سورىغۇچى ساھابە بۇ جاۋابقا قانائەت تېپىپ، تۆگىسىگە مىنىپ يەنە ئايلارچە يول يۈرۈپ مەدىنىگە قايتىپ كېلەتتى ۋە ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە رەسۇلۇللاھنىڭ ئاشۇ چەكلىمىسىگە ئىككىنچىلەپ دەسسىمەيتتى. جاۋابنى ئالغاندىن كېيىن رەسۇلۇللاھنىڭ شۇ ھۆكمىگە ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا سەپەر قىلغانغا قەدەر شەكسىز ئەمەل قىلاتتى. بۇ ئەھۋال تابىئىنلار دەۋرىدىمۇ، ئەتبائۇت تابىئىنلار دەۋرىدىمۇ دەل مۇشۇنداق ئىدى. ئۇلاردىن ھېچبىرى رەسۇلۇللاھنىڭ ئېنىق چەكلىمىسى بولغان بىر ئىشنى دۇرۇس، ياكى ھالال دېيىشكە جۈرئەت قىلمايتتى. رەسۇلۇللاھقا پۈتۈن ئەسلى ۋەسلى بويىچە ئىتائەت قىلغۇچى زاتلار ئەنە شۇ ئۈچ ئەۋلاد ئەجداد مۇسۇلمانلار ئىدى. شۇڭا، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇلارنى «ئەڭ ياخشى كىشىلەر» دەپ ئاتىغان.
ئىمام نەۋەۋى مۇنداق دېگەن: ئىلىم ئەھلى مۇنداق دېگەن: جانلىققا سۈرەت ياكى شەكىل بېرىش قاتتىق ھارام ۋە چوڭ گۇناھلار جۈملىسىدىن. چۈنكى، جانلىققا سۈرەت ياكى شەكىل بەرگۈچى توغرۇلۇق ھەدىستە ئېغىر تەھدىت (يەنى قىيامەت كۈنىدىكى قاتتىق ئازاب) بايان قىلىنغان. جانلىققا سۈرەت ياكى شەكىل بەرگۈچى جانلىقنىڭ رەسىمىنى ياكى شەكلىنى مەيلى ئۇنى خورلاش، ھاقارەت قىلىش ئۈچۈن سىزغان ياكى ياسىغان بولسۇن، مەيلى باشقا مەقسەدتە سىزغان ياكى ياسىغان بولسۇن، ئۇنىڭ بۇ قىلمىشى بەرىبىر چوڭ گۇناھ ھېسابلىنىدۇ. كىشىنىڭ جانلىقنىڭ رەسىمىنى سىزىشى ياكى ھەيكىلىنى ياسىشى ھەر قانداق ئەھۋالدا ھارام. سىزغان رەسىمى مەيلى كىيىمدە، مەيلى سېلىنچا، مەيلى دىرھەم، مەيلى دىناردا، مەيلى باشقا نەرسە ئۈستىدە بولسۇن بەرىبىر ھارامدۇر. ئەمما جانسىز نەرسىلەرنىڭ رەسىمىنى سىزىش ھارام ئەمەس (رۇخسەت). (فەتھۇل بارى)
ئاندىن بىزگە قاراپ:«مەن ئۆيۈمگە كەلگەنلەردىن مۇشۇنىڭدىن باشقىسىغا بۇنداق سۆزنى دەپ باقمىغانمەن» دېدى. (سابۇنى: ئەسھابۇل ھەدىسنىڭ ئەقيدىسى)
ئىمام بارباھارى مۇنداق دېگەن: (واعلم – رحمك الله – أن العلم ليس بكثرة الرواية [والكتب]، إنما العالم من اتبع العلم والسنن، وإن كان قليل العلم [والكتب] ومن خالف الكتاب والسنة فهو صاحب بدعة، وإن كان كثير العلم [والكتب] .) «بىلگىنكى — ئاللاھ ساڭا رەھمەت قىلسۇن — ئىلىم ھەرگىزمۇ كۆپ رىۋايەت قىلىش بىلەن ياكى كۆپ كىتابقا ئىگە بولۇش بىلەن بولمايدۇ. ئالىم دېگەن — مەيلى ئىلىمى ياكى كىتاپلىرى ئاز بولۇشىدىن قەتئىينەزەر — ئىلىمگە ۋە سۈننەتكە ئەمەل قىلغان كىشىدۇر. كىم قۇرئان ۋە سۈننەتكە خىلاپلىق قىلسا، ئۇنداق كىشى — ئىلىمى ياكى كىتابلىرى كۆپ بولغان تەقدىردىمۇ — بىدئەتچىدۇر.» (شرح السنة للبربهاري)
ئىمام ئەۋزائى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «كىشىلەرگە شۇنداق بىر زامان كېلىدۇكى، ئۇ چاغدا ئەڭ ئاز تېپىلىدىغان نەرسە سەمىمىي دوست، ھالال كىرىم ۋە سۈننەتكە ئۇيغۇن ئەمەلدۇر.» (ئىمام ئەھمەد: زۇھد كىتابى 964)
خۇلاسىكالام، جانلىق نەرسىلەرنىڭ شەكىلنى ياساش، رەسىمىنى سىزىش ياكى سۈنئىي ئەقىلگە سىزغۇزۇش رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بۇ ھەقتىكى ئونلارچە سەھىھ ھەدىسىگە زىت. سەھىھ سۈننەتلەرگە زىت يول تۇتقۇچىلارنىڭ ئۆلىمالار تەرىپىدىن نەقەدەر ئېغىر ئەيىبلەشكە ۋە تەنقىدكە ئۇچرىغانلىقى يۇقىرىقى بايان قىلىندى. كىشى ئۆزىنى ئەقىللىق چاغلاپ كېتىپ، رەسۇلۇللاھنىڭ چەكلىمىسىنى بىكار قىلىشقا ئۇرۇنۇشى، سەھىھ سۈننەتتىكى چەكلىمىلەرگە رىيائە قىلىشنى تەرغىپ قىلغۇچىلارنى «ئەقىلسىزلىك، دۆتلۈك، گالۋاڭلىق» بىلەن ئەيىبلىگۈچى يەر يۈزىدە پىتنە-پاسات تېرىغۇچىدۇر. رەسۇلۇللاھنىڭ ھەر قانداق چەكلىمىسى قىيامەتكە قەدەر كۈچكە ئىگە، سۈنئىي ئەقىل دەۋرىدىمۇ رەسۇلۇللاھنىڭ چەكلىمىسى ئوخشاشلا كۈچكە ئىگە. بەزىلەرنىڭ سۈنئىي ئەقىلنىڭ ئوتتۇرىغا چىققىنىدىن ھاياجانلىنىپ كېتىپ، ئەقلىنىپ پۈتۈنلەي يوقىتىپ، سۈنئىي ئەقىلنى رەسۇلۇللاھنىڭ چەكلىمىسىنى دەسسەپ-چەيلەش ئۈچۈن قورال قىلىۋېلىشى — ئۇنىڭ دىن چۈشەنچىسىنىڭ تېيىز، سۈننەتكە ئەگىشىش ھېرىسمەلىكىنىڭ زەئىپ، ئاللاھنى ياخشى كۆرۈشىنىڭ ئاجىز ئىكەنلىكىنىڭ ئاشكارا ئىپادىسىدۇر. ھەدىس سەھىھلا بولىدىكەن ئۇ بىزنىڭ مەزھىبىمىزدۇر، ئۇنىڭغا ئەگىشىش بىزنىڭ يولىمىزدۇر. رەسۇلۇللاھنىڭ سۆزىنىڭ ئالدىغا ھېچبىر ئىنساننىڭ سۆزىنى ئۆتكۈزۈۋالماسلىق ئىماننىڭ شەرتىدۇر.
ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا قۇرئاندا مۇنداق دەيدۇ:
﴿يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تُقَدِّمُوا بَيْنَ يَدَيِ اللَّهِ وَرَسُولِهِ ۖ وَاتَّقُوا اللَّهَ ۚ إِنَّ اللَّهَ سَمِيعٌ عَلِيمٌ﴾
﴿ئى (ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا 1) ئىمان ئېيتقانلار! (ھەر قانداق ئەھۋالدا) ئاللاھنىڭ ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ ئالدىغا ئۆتۈۋالماڭلار. (يەنى دىنىڭلاردا ھۆكۈمى بار بولغان ھەر قانداق مەسىلىدە2 سۆز ياكى ئەمەللىرىڭلار ئارقىلىق ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى مۇھەممەد ئەلەيھى سالاتۇ ۋەسسەللەمنىڭ بۇيرۇق-چەكلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلىشتىن ساقلىنىڭلار3.) ئاللاھتىن قورقۇڭلار. (يەنى سۆز ۋە پېئىللىرىڭلارنىڭ ئاللاھنىڭ ۋە رەسۇلىنىڭ بۇيرۇق ۋە چەكلىمىلىرىگە زىت بولۇپ قېلىشىدىن ساقلىنىڭلار4). شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.﴾ (ھۇجۇرات سۈرىسى، 1-ئايەت)
(1.2. تفسير الميسر 3. تفسير البغوي، تفسير السعدي، تفسير الميسر 4.تفسير السعدي)
