ئايەت: «ئاللاھنىڭ ۋە رەسۇلىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈۋالماڭلار»

ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا قۇرئاندا مۇنداق دەيدۇ:

﴿يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تُقَدِّمُوا بَيْنَ يَدَيِ اللَّهِ وَرَسُولِهِ ۖ وَاتَّقُوا اللَّهَ ۚ إِنَّ اللَّهَ سَمِيعٌ عَلِيمٌ﴾

﴿ئى (ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا 1) ئىمان ئېيتقانلار! (ھەر قانداق ئەھۋالدا) ئاللاھنىڭ ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ ئالدىغا ئۆتۈۋالماڭلار. (يەنى دىنىڭلاردا ھۆكۈمى بار بولغان ھەر قانداق مەسىلىدە2 سۆز ياكى ئەمەللىرىڭلار ئارقىلىق ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى مۇھەممەد ئەلەيھى سالاتۇ ۋەسسەللەمنىڭ بۇيرۇق-چەكلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلىشتىن ساقلىنىڭلار3.) ئاللاھتىن قورقۇڭلار. (يەنى سۆز ۋە پېئىللىرىڭلارنىڭ ئاللاھنىڭ ۋە رەسۇلىنىڭ بۇيرۇق ۋە چەكلىمىلىرىگە زىت بولۇپ قېلىشىدىن ساقلىنىڭلار4). شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. (ھۇجۇرات سۈرىسى، 1-ئايەت)
(1.2. تفسير الميسر 3. تفسير البغوي، تفسير السعدي، تفسير الميسر 4.تفسير السعدي)

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ