ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:
﴿قُلْ إِن كُنتُمْ تُحِبُّونَ اللَّهَ فَاتَّبِعُونِي يُحْبِبْكُمُ اللَّهُ وَيَغْفِرْ لَكُمْ ذُنُوبَكُمْ ۗ وَاللَّهُ غَفُورٌ رَّحِيمٌ﴾
﴿(ئى پەيغەمبەر!) ئېيتقىنكى: «سىلەر ئەگەر ئاللاھنى (ھەقىقىي) ياخشى كۆرسەڭلار، ئۇنداقتا ماڭا ئەگىشىڭلار.(يەنى مەن ئېلىپ كەلگەن شەرىئەتكە ۋە مېنىڭ سۈننىتىمگە ئەمەل قىلىڭلار.1 شۇندىلا) ئاللاھ سىلەرنى ياخشى كۆرىدۇ، گۇناھلىرىڭلارنى مەغفىرەت قىلىدۇ. ئاللاھ (رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننەتلىرىگە مەھكەم ئېسىلغان مۆمىنلەرنى) بەكمۇ مەغفىرەت قىلغۇچىدۇر، (ئۇلارغا) بەكمۇ مېھرىباندۇر.﴾ (ئالى ئىمران سۈرىسى، 31-ئايەت) | (1.تفسير البغوي)
ئىمام ئىبنى كەسىر مۇنداق دېگەن: بۇ ئايەت ئاللاھنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى داۋا قىلىدىغان، ئەمما رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ يولىدا ماڭمايدىغان ھەر قانداق كىشىگە قارشى ھۆججەتتۇر. mujtehid.com (تفسير ابن كثير)
