ئىسلامدا تەسەۋۋۇپنىڭ (سوپىلىقنىڭ) ھۆكمى نېمە؟

سوئال: ئىسلامدا سوپىلىقنىڭ ھۆكۈمى نېمە؟

پەتىۋا بەرگۈچى: ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزان ھافىزەھۇللاھ

جاۋاب:
سوپىلىق، ئىسلامدا سوپىلىق يوق. سوپىلىق (يەنى تەسەۋۋۇپ) يېڭىدىن پەيدا قىلىنغان بىدئەتتۇر. سوپىلىق بىدئەت بولۇپ، ئىسلامدىن ئەمەس. كىمكى تەسەۋۋۇپ (سوپىلىق) يولىغا كىرىپ قالغان بولسا، ئاللاھ ئەززە ۋەجەللىگە تەۋبە قىلىشى كېرەك. شۇنداقلا، سۈننەتكە قايتىپ، سەلەف سالىھلەر (بۇرۇنقى ئۆتكەن ياخشىلار) ماڭغان ئاللاھنىڭ دىنىدا توغرا يولدا مېڭىشى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ۋە ئۇنىڭ راشىد خەلىپىلىرىنىڭ (توغرا يولدىكى خەلىپىلىرىنىڭ) يولىغا قايتىشى كېرەك.

توغرا يول (مەنھەج) مۇشۇدۇر — يەنى سەلەپ – سالىھىننىڭ يولىدۇر. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «بۇ ئۈممەت 73 پىرقىگە بۆلۈنۈپ كېتىدۇ، بىرىدىن باشقا ھەممىسى دوزاخقا كىرىدۇ.» ساھابىلەر: «ئى رەسۇلۇللاھ! ئۇ (دوزاخقا كىرمەيدىغان پىرقە) قايسى پىرقە؟» دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئۇلار مەن ۋە مېنىڭ ساھابىلىرىم ماڭغان يولدا بولغانلاردۇر» دېگەن.

شۇڭا، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋە ئۇنىڭ ساھابىلىرىنىڭ يولىدىن باشقا يولدا ئامانلىق ۋە نىجاتلىق يوقتۇر.

سوپىلىق پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يولى ئەمەس، ساھابىلەرنىڭمۇ يولى ئەمەس، ۋە شۇنداقلا بۇرۇنقى ئەۋزەل ئەسىرلەرنىڭمۇ (يەنى دەسلەپكى ئۈچ ئەسىرنىڭمۇ) يولى ئەمەستۇر. بەلكى ئۇ ئىسلامغا يېڭىدىن پەيدا بولغان بىدئەتتۇر.

تەسەۋۋۇپتا (يەنى سوپىلىقتا) نۇرغۇن ئازغۇنلۇقلار بار. تەسەۋۋۇپتا قەبرىگە چوقۇنۇش، ئاللاھ ئەززە ۋەجەللىگە شىرك كەلتۈرۈش، ئۆلۈكلەرگە ئېتىقاد قىلىش (ئۆلۈكلەر پايدا-زىيان يەتكۈزەلەيدۇ دەپ ئىشىنىش) ئەھۋاللىرىمۇ مەۋجۇت. بۇ خىل ئەھۋالدا سوپىلىق يولى — ئاللاھقا شىرك كەلتۈرۈش يولى بولۇپ قالىدۇ.

— مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ