«مەن مۆمىن ئىنشائاللاھ» دېگۈچىنىڭ ھۆكمى
پەتىۋا بەرگۈچى: ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزان
سوئال سورىغۇچى:
پەزىلەتلىك شەيخ، ئاللاھ سىلىنى ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن. بىر سوئال سورىغۇچى مۇنداق دەيدۇ: «مەن، ئىنشائاللاھ مۆمىنمەن» دېگەن سۆزنى قىلغۇچىنىڭ بۇنداق دېيىشى ئىنكار قىلىنامدۇ؟
ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزاننىڭ جاۋابى:
بۇ ئالىملار ئارىسىدا ئىختىلاپلىق بار مەسىلە. (بۇ سۆزنى قىلىشقا) رۇخسەت قىلىدىغانلارنىڭ دەلىلى شۇكى، بۇنى دۇرۇس دەيدىغان ئالىملار: «ئەگەر ئۇ بۇ سۆزى ئارقىلىق ئۆزىنى پاكلاشتىن (يەنى ئۆزىدىن پەخىرلىنىپ كېتىشتىن) ساقلىنىش ئۈچۈن قىلغان بولسا، بۇنداق دېسە بولىدۇ» دەيدۇ. ئەمما (بۇ سۆزنى قىلىشنى) چەكلەيدىغانلار: «‹ئىنشائاللاھ› دېگەن سۆز شەكلىنىشنى بىلدۈرۈپ قويىدۇ، شۇڭا ئۇنداق دېمەسلىكى كېرەك» دېيىشىدۇ.» (شەيخنىڭ پەتىۋاسى تۈگىدى)
مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
