توي تەكلىپى قويغۇچى يىگىتنىڭ قىز بىلەن سىرتتا كۆرۈشۈپ يۈرۈشى دۇرۇسمۇ؟

توي تەكلىپى قويغۇچى يىگىتنىڭ قىز بىلەن سىرتتا كۆرۈشۈپ يۈرۈشى دۇرۇسمۇ؟

سوئال سورىغۇچى:
پەزىلەتلىك شەيخ، ئاللاھ سىزنى ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن. بىر سوئال سورىغۇچى مۇنداق دەيدۇ: توي قىلىش مەقسىتىدە كۆرۈشۈۋاتقان (ۋەدىلەشكەن) يىگىت بىلەن قىزنىڭ بىر-بىرىنى تولۇق چۈشىنىش (تونۇشۇش) ئۈچۈن بىللە سىرتقا چىقىشى دۇرۇسمۇ، ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى بۇ مۇناسىۋەتنىڭ ھۆكمى نېمە؟

شەيخ سالىھ ئەلفەۋزان (جاۋابەن):
بۇ ئەسلا دۇرۇس ئەمەس. (دىققەت: ئۆلىمالارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس ئەمەس، دېگەنلىك «ھارام» دېگەنلىككە باراۋەر. بۇ ھەقتە تور بېتىمىزدە مەخسۇس پەتىۋا بار.) ئەگەر ئۇ قىزغا ئەلچى قويماقچى بولسا، قىزنىڭ ۋەلىيسىنىڭ (ئىگىسىنىڭ) ئالدىغا بېرىپ قىزنى ۋەلىيسنىڭ نازارىتى ئاستىدا كۆرسە ۋە (شۇ ھالەتتە دۇرۇس پاراڭلارنى قىلسا) بولىدۇ. ۋەلىيسىنىڭ يېنىدا قىزغا قارىسا (كۆرسە) چاتاق يوق. ياكى بولمىسا، قىز ئۇنى كۆرمەيدىغان ۋە ئۇنىڭدىن خەۋەرسىز بولغان (ئۆزىنىڭ كۆزىتىلىۋاتقانلىقىنى بىلمەيدىغان) بىر ئەھۋالدا پايلاپ تۇرۇپ كۆرسىمۇ بولىدۇ. (ئەمما، سىرتلاردا كۆرۈشۈپ يۈرۈش جائىز ئەمەس.)

مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

مەنبە: https://www.youtube.com/watch?v=XMh80W0lcFU

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ