مۇناپىقلار نېمىشقا كاپىرلاردىنمۇ ئېغىر جازاغا ئۇچرايدۇ؟
پەتىۋا بەرگۈچى: ئەللامە ئابدۇلكەرىم ئەلخۇدەير ھافىزەھۇللاھ
«ھۆرمەتلىك شەيخ، يەنە بىر سوئالدا مۇنداق دېيىلگەن: قۇرئان كەرىمدە بايان قىلىنغىنىدەك، مۇناپىقلار دوزاخنىڭ ئەڭ ئاستىنقى قەۋىتىدە بولىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ ئىسلامنى قەتئىي بىلمەيدىغان كاپىرلارغا قارىغاندا تېخىمۇ قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرەمدۇ؟»
(شەيخ ئابدۇلكەرىم ئەلخۇدەير جاۋاب بېرىپ مۇنداق دەيدۇ):
«شۇنداق، ئۇلارنىڭ دوزاخنىڭ ئەڭ ئاستىنقى قەۋىتىدە بولۇشىنىڭ تەقەززاسى شۇكى، ئۇلار كىشىلەر ئىچىدە ئەڭ قاتتىق ئازابلىنىدىغانلاردۇر.
شۇنداقلا، كاپىرلارنىڭ بەزى تۈرلىرى، شەخسلىرى ۋە گۇرۇھلىرى ھەققىدىمۇ ئۇلارنىڭ ئەڭ قاتتىق ئازابلىنىدىغانلىقى بايان قىلىنغان. ھەتتا بەزى مۇسۇلمانلار (مەسىلەن: جانلىقلارنىڭ سۈرىتىنى سىزغۇچىلار/ھەيكەلتىراشلار) ھەققىدىمۇ ئۇلارنىڭ ئەڭ قاتتىق ئازابلىنىدىغانلاردىن ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان.
ھەر قانداق ئەھۋالدا، ھەقىقەتنى بىلگەن ۋە ئۇلارغا ھۆججەت (دەلىل-ئىسپات) ئوچۇق-ئاشكارە تىكلەنگەن مۇناپىقلارنىڭ، ئۆزلىرىگە ھۆججەت تىكلەنمىگەن (ياكى يېتەرلىك يەتمىگەن) كاپىرلارغا قارىغاندا تېخىمۇ قاتتىق ئازابلىنىدىغانلىقىدا شەك يوق.
شۇڭلاشقا، ئەبۇ تالىب ھەققىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا شاپائەت قىلغاندا، ئۇنىڭ ئازابلىنىدىغانلىقى، دوزاخنىڭ تېيىز بىر يېرىدە بولىدىغانلىقى، يەنە بىر رىۋايەتتە دوزاخ ئوتىدىن بولغان ئىككى ئاياغ كىيدۈرۈلۈپ، شۇ سەۋەبتىن مېڭىسىنىڭ قاينايدىغانلىقى بايان قىلىنغان. ئۇ كاپىرلار ئىچىدە ئەڭ يېنىك ئازابلىنىدىغان ياكى ئازابى ئەڭ يېنىكلەردىن بىرىدۇر. بەلكى شاپائەتنىڭ تەقەززاسى بويىچە ئۇ ئەڭ يېنىك ئازابلىنىدىغان كىشىدۇر. شۇنداق تۇرۇقلۇقمۇ، بۇ ئىككى ئاياغ سەۋەبىدىن ئۇنىڭ مېڭىسى قاينايدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئەگەر مەن بولمىغان بولسام، ئۇ دوزاخنىڭ ئەڭ ئاستىنقى قەۋىتىدە بولاتتى» دېگەن. يەنى، ئەگەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام (نىڭ شاپائىتى) بولمىغان بولسا، ئەبۇ تالىب دوزاخنىڭ ئەڭ ئاستىنقى قەۋىتىدە بولاتتى.
نېمە ئۈچۈن؟ ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ياردەم بەرگەن، پىداكارلىق كۆرسەتكەن، ئۇنى قوغدىغان ۋە ھىمايە قىلغان تۇرسا، نېمە ئۈچۈن شۇنداق بولىدۇ؟ چۈنكى ئۇ خۇددى مۇناپىقلارغا ئوخشاش ھەقىقەتنى يېقىندىن بىلگەن، ھەقىقەتنى يېقىندىن تونۇغان ۋە ئېتىراپ قىلغان ئىدى. لېكىن، ھاياتىنىڭ ئاخىرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا شاھادەت كەلىمىسىنى ئېيتىشنى تەۋسىيە قىلغاندا، ئۇنى قوبۇل قىلىشتىن نېمە توسۇپ قالدى؟ (ئۇ ئۆز شېئىرىدا مۇنداق دېگەن): «ئەگەر ئەيىبلىنىش ياكى سۆكۈلۈشتىن قورقمىغان بولسام، مېنىڭ بۇنى (ئىسلامنى) ئوچۇق-ئاشكارە، خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلغىنىمنى كۆرەتتىڭ». ئۇ ھەقىقەتنى بىلىپ تۇرۇپمۇ، ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ دىنىنى ۋە ئابدۇلمۇتتەلىبنىڭ مىللىتىنى ھەقىقەتتىن ئۈستۈن كۆردى.
(ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن): «مەن مۇھەممەدنىڭ دىنىنىڭ ئىنسانىيەت دىنلىرى ئىچىدىكى ئەڭ ياخشى دىن ئىكەنلىكىنى جەزمەن بىلدىم». دېمەك، ئىنساننىڭ (ھەقىقەتنى) بىلىپ تۇرۇپ قوبۇل قىلماسلىقىنىڭ جازاسى، بىلمەيدىغان ئادەمنىڭكىدىن ئېغىرراق بولىدۇ.
شۇڭلاشقا، ھەقىقەتنى دەلىللىرى بىلەن بىلىپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا خىلاپلىق قىلغان ۋە ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈگەن مەلۇم بىر ئالىمنى، ھۆكۈملەرنى دەلىللىرى بىلەن بىلمەيدىغان، شۇ سەۋەبتىن خىلاپلىق قىلىپ قالغان ئادەتتىكى بىر ئاۋام بىلەن ئوخشاش دېگىلى بولمايدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ، يەھۇدىي ۋە ناسارالار ھەققىدە: يەھۇدىيلارنىڭ غەزەپكە ئۇچرىغانلار، ناسارالارنىڭ بولسا ئازغانلار ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان. شۇڭا بىز ئۇلارنىڭ يولىدىن پاناھ تىلەشكە بۇيرۇلغانمىز: «بىزنى توغرا يولغا باشلىغىن. غەزەپكە ئۇچرىغانلارنىڭ ۋە ئازغانلارنىڭ يولىغا ئەمەس، سەن نېمەت بەرگەنلەرنىڭ يولىغا (باشلىغىن)». غەزەپكە ئۇچرىغانلار — يەھۇدىيلاردۇر، چۈنكى ئۇلار ھەقىقەتنى بىلىپ تۇرۇپ ئەگەشمىگەن. ئازغانلار — ناسارالاردۇر، چۈنكى ئۇلار ئاللاھقا جاھىللىق بىلەن (بىلمەستىن) ئىبادەت قىلغان.
دېمەك، بۇ ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا پەرق بار. ھەقىقەتنى بىلگەن، مۇسۇلمانلار بىلەن ئارىلىشىپ (ھەقنى ئاڭلىغان)، سىرتقى كۆرۈنۈشتە ئۇلارغا قوشۇلۇپ، ئەمما ئىچىدە كۇپۇرلۇقتا چىڭ تۇرغان مۇناپىق بىلەن؛ مۇسۇلمانلارغا ئارىلىشىپ ياشىمىغان، ئۇلاردىن يىراقتا ياشىغان ۋە ھەقىقەتنى مۇناپىقلار بىلگەندەك بىلەلمىگەن كاپىرنىڭ ئەھۋالى پەرقلىقتۇر.
— مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
