كۇفۇر دىيارىدىن ھىجرەت قىلىش پەرزمۇ؟ كۇفۇر دىيارىدا نىكاھلىنىش دۇرۇسمۇ؟
پەتىۋا بەرگۈچى: ئەللامە، مۇھەددىس، فەقىھ ئابدۇلكەرىم ئەلخۇدەير ھافىزەھۇللاھ
(سوئال سورىغۇچى مۇنداق دەيدۇ):
«ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋە رەھمەتۇللاھى ۋە بەرەكاتۇھۇ، غەيرى مۇسۇلمان دۆلەتتە ياشاۋاتقان كىشى بىلەن نىكاھلىنىشنى قوبۇل قىلىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟»
ئەللامە ئابدۇلكەرىم ئەلخۇدەير ھافىزەھۇللاھ جاۋاب بېرىپ مۇنداق دەيدۇ:
ئەگەر بۇ يەردىكى «قوبۇل قىلىش» تىن مەقسەت، مەسىلەن: قىز تەرەپنىڭ ۋەلىيسى ‹قىزىم پىلانىنى ساڭا نىكاھلاپ بەردىم› دەپ، ئوغۇل تەرەپ ‹بۇ نىكاھنى قوبۇل قىلدىم، مەنمۇ رازى بولدۇم› دېگەندىكى، يەنى نىكاھتىكى قوبۇل قىلىش بولسا، ھەمدە بۇ نىكاھ ئەھدىسى مۇسۇلمانلار دۆلىتىدىن باشقا بىر دۆلەتتە بولغان بولسا، بۇ نىكاھ كېلىشىمى توغرا ۋە كۈچكە ئىگە بولىدۇ.
ئەمما، مېنىڭچە بۇ سوئالدىن كۆزلەنگەن مەقسەت: ‹غەيرىي مۇسۇلمان دۆلەتتە ياشاۋاتقان كىشىنىڭ توي قىلىش تەلىپىنى قوبۇل قىلىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟› دېگەن بولۇشى مۇمكىن. يەنى، كاپىرلار دۆلىتىدە تۇرۇۋاتقان بىر كىشى مۇسۇلمان بىر قىزغا ئەلچى قويۇپتۇ. ئۇ كىشى مۇسۇلمان، قىزمۇ مۇسۇلمان ئىكەن. لېكىن، ئۇ كىشى كاپىرلار دۆلىتىدە ياشايدىكەن.
بۇ ئەھۋالدا توي قىلىش دۇرۇس بولامدۇ؟ — ئەلۋەتتە، نىكاھ توغرا بولىدۇ. لېكىن، ھېچقانداق ھاجەت ياكى زۆرۈرىيەت بولماستىن كاپىرلار دۆلىتىدە ياشاشنىڭ (تۇرۇشنىڭ) ھۆكمى نېمە؟
شەرىئەتتە كاپىرلار دۆلىتىدە ياشاش چەكلەنگەن ۋە ئۇ يەردىن ھىجرەت قىلىش (مۇسۇلمانلار دۆلىتىگە كۆچۈپ كېتىش) ۋاجىپتۇر. پەقەتلا ھىجرەت قىلىشقا قادىر بولالمىغانلار ئۈچۈنلا كۇفۇر دۆلىتىدە (ھىجرەتكە قادىر بولالىغانغا قەدەر) تۇرۇش رۇخسەت قىلىنىدۇ. يەنى، (مۇسۇلمانلارنىڭ يۇرتىغا) ھىجرەت قىلىشقا كۈچى يەتمەيدىغانلارغا كۇفۇر دىيارىدا تۇرۇش چەكلىمىسى (ھىجرەتكە كۈچى يەتكەنگەن قەدەر) دۇرۇس بولىدۇ.
ئەمما، نىكاھنىڭ ئۆزىگە كەلسەك، كاپىرلار دۆلىتىدە ياشاشنىڭ نىكاھنىڭ ھۆكمىگە ھېچقانداق تەسىرى بولمايدۇ. ئەگەر نىكاھنىڭ شەرتلىرى ۋە رۇكۇنلىرى تولۇق تېپىلسا، نىكاھ توغرا بولىدۇ.
ئاندىن ھىجرەت قىلىش مەسىلىسى كېلىدۇ. يەنى، ئۇلارنىڭ باشقا بىر مۇسۇلمان دۆلىتىگە كۆچۈپ كېتىش مەسىلىسى قىيامەتكىچە ۋاجىپتۇر. ھېچقانداق ھاجەت ياكى زۆرۈرىيەت بولماستىن كاپىرلار دۆلىتىدە ياشاشقا بولمايدۇ. شۇڭا، ئۇ كۇفرى دۆلەتتىكى كىشىنىڭ (ئىسلام دىيارىغا) ھىجرەت قىلىشى ۋاجىپ بولىدۇ. پەقەتلا ئاللاھ تائالا قۇرئاندا بايان قىلغىنىدەك، «ھېچقانداق ئامال تاپالمىغان، ھىجرەت قىلىشقا قادىر بولالمىغان ئاجىز-ئورۇق، چارىسىز قالغان ئەرلەر، ئاياللار ۋە بالىلارلا بۇنىڭدىن مۇستەسنا.»
— مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
