مەۋلۇت مەسىلىسى ئىختىلاپىي مەسىلە ئەمەس
مەۋلۇت مەسىلىسى ئىختىلاپىي مەسىلە ئەمەس، شىئەلەر رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى سەسەللەمنىڭ ۋاپاتىدىن ئۈچ-تۆت ئەسىر كېيىن ئوتتۇرىغا چىقارغان ئىش.
ساھابىلەر ئارىسىدا، تابىئىنلار ئارىسىدا، خۇسۇسەن تۆت ئىمام ۋە ئۇلارنىڭ مۆتىۋەر شاگىرتلىرى ئارىسىدا مەۋلۇت جائىزمۇ بىدئەتمۇ دېگەن تالاش تارتىش بولغان بولسا، ئاندىن مەۋلۇت ئىختىلاپلىق دېسىلە توغرا بولىدۇ. ئۇنداق بىر ئىش بولمىغان ئىكەن «مەۋلۇت مەسىلىسى ئىختىلاپلىق مەسىلە» دېيىشلىرى سەلەپنىڭ يولىنى تاشلاپ، خەلەپنىڭ ئويدۇرغان بىدئەت-ئازغۇنلۇقلىرىغا ئەگىشىش بولۇپ قالىدۇ.
ئىمام ئىبنى ھەجەر مۇنداق دېگەن: بەخىتكە ئېرىشىدىغان كىشى – سەلەف ئالىملىرىنىڭ يولىغا ئەگەشكەن، خەلەفنىڭ (كېيىنكى كىشىلەرنىڭ) ئويدۇرغانلىرىدىن قاچقان كىشىدۇر. (بۇخارى 7288-ھەدىسكە ئىبنى ھەجەر شەرھى، فەتھۇلبارى 14/334)
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ رەبىئۇۇل ئەۋۋەل ئېيىنىڭ 12-كۈنى تۇغۇلغانلىقى ئىلمىي ئىسپاتلانغان ئەھۋال ئەمەس، ئەمما ئۇ زاتنىڭ رەبىئۇل ئەۋۋەلنىڭ 12 كۈنى ۋاپات بولغانلىقى ئىسپاتلانغان، ئېنىق ئىشتۇر.
ساھابىلەر رەسۇلۇللاھ ۋاپات تاپقان كۈنى قاتتىق قايغۇغا چۆمگەن، ھەزىرتى ئەنەس دېگەندەك، رەسۇلۇللاھ ۋاپات بولغان كۈنى مەدىنە بەئەينى زۇلمەت ئىچىدە قالغاندەك بولغان.
رەسۇلۇللاھنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزدۇق دېگۈچىلەر ئەسلىدە رەسۇلۇللاھنىڭ ئۆلۈم كۈنىدە داپ چېلىپ، ئۇسۇل ئوينىماقتا، ياكى رەسۇلۇللاھنىڭ ئۆلۈم كۈنىنى خۇشاللىق كۈنى بىلىپ، ئۇ كۈننى بايرام كۈنى قىلىۋالماقتا. بىر مۇسۇلمان ئۈچۈن بۇنىڭدىن ئۆتە ھەقتىن ئېزىش بارمۇ؟
رەسۇلۇللاھ نېمە دېگەن؟
«مېنىڭ سۈننىتىمگە ۋە راشىد خەلىپىلىرىمنىڭ سۈننىتىگە مەھكەم ئەگىشىڭلار… بىدئەتلەردىن ئۇزاق تۇرۇڭلار» دېگەن.
بەزى كىشىلەر «رەسۇلۇللاھ قۇرئاننى كىتاپ قىلىپ جەملىمىگەن، لېكىن ئۇنى ھەزىرتى ئوسمان جەملىگەن، شۇڭا مەۋلۇت بىدئەت ئەمەس» دەيدىغان
دەرىجىدە ئەقىل ۋە چۈشەنچە كىرزىسىغا مۇپتىلا بولغان.
يۇقىرىقى ھەدىسكە بىنائەن، رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتى ۋە راشىد خەلىپىلەر — يەنى تۆت خەلىپە ئوتتۇرىغا قويغان ئىشلار دىندا بىدئەت ئەمەس، بەلكى سۈننەت ھېسابلىنىدۇ.
بەزىلەر «رەسۇلۇللاھ مەۋلۇت بىدئەت دەپتىكەنمۇ؟» دەپ ئۆكتە قوپىدۇ.
رەسۇلۇللاھتىن ئۈچ-تۆت ئەسىر كېيىن ئىسلامغا دۈشمەنلىك قىلغۇچى شىئەلەر تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان ئىش، يەنى دىندا يېڭىدىن پەيدا قىلىنغان ئىش.
رەسۇلۇللاھ «دىندا يېڭىدىن پەيدا بولغان ئىشلارنىڭ ھەر قاندىقى بىدئەت» دېيىشى سىزگە يەتمەمدۇ؟ مەۋلۇتنىڭ رەسۇلۇللاھ ۋە ساھابىلەرنىڭ دەۋرىدە يوقلۇقى، رەسۇلۇللاھنىڭ دىندا يوق ئىشلارنى دىن قىلىۋېلىشتىن چەكلىشى مەۋلۇتنىڭ بىدئەتلىكىگە، قانۇنسىزلىقىغا ۋە ئازغۇنلۇق ئىكەنلىكىگە يەتمەمدۇ؟
رەسۇلۇللاھقا ۋە تۆت خەلىپە باشچىلىقىدىكى ساھابىلەرگە خىلاپ يول تۇتۇش كىشىنىڭ ھەق دىندىن ئېزىپ كەتكەنلىكىنىڭ ئېنىق ئالامىتى.
ھاياتىنى رەسۇلۇللاھنىڭ ھەدىسلىرىنى ئۆگىنىش، توپلاش ۋە تارقىتىشقا ئاتىغان ئىمام بۇخارى، ئىمام مۇسلىم، ئىمام ئەبۇ داۋۇد…دارىمىي، داراقۇتنىي، ھاكىم، بەيھەقى …. قاتارلىق يۈزلەرچە ھەدىس ئىمامى دەۋرىدە مەۋلۇت دەيدىغان نەرسە يوق ئىدى. بۇ ئىماملار مەۋلۇت تەبرىكلەپ باقمىغان، ئەكسىچە بارچە بىدئەتلەرنى رەت قىلىش ئۈچۈن نەچچە مىڭ بەتلىك ھەدىس كىتابلىرىنى تۈزۈپ ئۈممەتكە قالدۇرغان. ساھابە، تابىئىن ۋە تۆت ئىمامنىڭ دەۋرىدە مەۋلۇت تېخىمۇ يوق ئىدى. ئۇنداقتا مەۋلۇت كىمگە تەۋە ئىش؟
مەۋلۇت — دىنىنى ئويۇن-كۈلكە قىلىۋالغان ئازغۇن بىدئەتچىلەرنىڭ كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىدۇر.
ئاللاھ قۇرئاندا دىننى ئويۇن كۈلكە قىلىۋالماسلىققا بۇيرۇپ مۇنداق دېگەن:
{وَذَرِ الَّذِينَ اتَّخَذُوا دِينَهُمْ لَعِبًا وَلَهْوًا}
{دىنىنى ئويۇن-كۈلكە قىلىۋالغانلار تەرك ئەت.}
— ئەنئام سۈرىسى، 70 – ئايەت
كېيىنكى دەۋرلەردە پەيدا بولغان بىر ئىككى سوپىنىڭ مەۋلۇتنى توغرىغا چىقىرىپ قويۇشى بىلەن مەۋلۇت قانۇنلۇق بولۇپ قالامدىكەن؟ رەسۇلۇللاھ دەۋرىدە بولمىغان، ساھابىلەر ۋە تابىئىنلار دەۋرىدە بولمىغان قانۇنسىز سوپىزىم پىرقىسى — ئۇلارنىڭ دەۋرىدە بولمىغان مەۋلۇتنى توغرىغا چىقىرىپ، مەۋلۇت تەبرىكلىدۇق دەپ داپ چېلىپ، ئۇسۇل ئوينىسا، ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشى توغرا بولۇپ قالامدىكەن؟
ھەق ئەھلى بۇنداق باتىل ئەھلىدىن ۋە بۇ خىل بىدئەت قىلمىشلاردىن ھەر دائىم ئۇزاقتۇر.
رەسۇلۇللاھ ۋە ساھابىلەر دىن دەپ قىلمىغان ھەر قانداق ئىشنىڭ دىندا ئورنى يوق. دىندا يوق ئىشنى دىنغا ئېلىپ كىرىش — ئىسلام شەرىئىتىنى دەسسەپ-چەيلەش، ئاللاھنىڭ دىنىنى بۇزۇش ھېسابلىنىدۇ. تۆت ئىمام باشچىلىقىدىكى مۇجتەھىدلەر ۋە ئالتە ئىمام باشچىلىقىدىكى مۇھەددىسلەر دەل مۇشۇنداق دەسسەپ-چەيلەشلەر باش كۆتۈرۈشكە باشلىغان دەۋرلەردە ئوتتۇرىغا چىقىپ، دىننى ساپ ھالەتتە قوغداپ قالغان.
ئەقىللىق كىشىلەر تۆت ئىمام باشچىلىقىدىكى سەلەپ مۇجتەھىدلىرىنىڭ يولىدا ماڭىدۇ، ئۇلار بىدئەتلەرنىڭ ھەممىسىگە قارشى ئىدى ۋە بىدئەتلەرنىڭ ھەممىسىدىن ئۇزاق ئىدى.
ئەقىلسىز كىشىلەر رەسۇلۇللاھنىڭ ھەر جۈمە كۈنى خۇتبىدە جېكىلەيدىغان «بىدئەتلەردىن ئۇزاق تۇرۇش» تەلىماتىنى چۆرۈپ تاشلاپ، كېيىن پەيدا بولغان شىئە ۋە سوپىزىم پىرقىسىنىڭ يولىدا بارغانچە ئازىدۇ.
ئاللاھ بىزلەرنى ھەقتىن ئېزىپ كەتكەن بارچە بىدئەتچى-ئازغۇن پىرقىلەردىن ئۇزاق قىلسۇن.
— قۇدرەت بارات
