مەۋلۇت تەبرىكلەش — ئاللاھقا ۋە رەسۇلىغا قىلىنغان بۈيۈك ئاسىيلىقتۇر
قوشۇمچە ماۋزۇ 1: مەۋلۇت تەبرىكلەشنىڭ ئىسلامدىكى ھۆكمى نېمە؟
قوشۇمچە ماۋزۇ 2: رەسۇلۇللاھنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەش دۇرۇسمۇ؟
ئىمام ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ
قۇدرەت بارات تەرجىمىسى
بارلىق ھەمدۇسانا ئاللاھقا خاستۇر! پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىگە ۋە ئۇ زاتنىڭ ھىدايەت يولىغا ئەگەشكەنلەرگە سالات ۋە سالاملار بولسۇن.
مەقسەتكە كەلسەك، نۇرغۇن كىشىلەردىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەش (يەنى مەۋلۇد تەبرىكلەش، مەۋلۇد پائالىيىتى ئۆتكۈزۈش) ھەققىدە، مەۋلۇد پائالىيىتى جەرياندا ئۇ زات ئۈچۈن ئورنىدىن تۇرۇش، ئۇنىڭغا سالام يوللاش ھەققىدە ۋە مەۋلۇت پائالىيەتلىرىدە قىلىنىدىغان باشقا ئىشلارنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا سوئاللار تەكرار سورالدى. بۇ ھەقتىكى سوئاللارغا جاۋابىمىز تۆۋەندىكىدەك:
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى (مەۋلۇتىنى) تەبرىكلەش جائىز ئەمەس. چۈنكى، رەسۇلۇللاھنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەش (يەنى مەۋلۇت تەبرىكلەش) دىندا يېڭىدىن پەيدا قىلىنغان بىدئەتلەردىن بىرىدۇر. بۇنىڭ بىدئەتلىكىنىڭ سەۋەبى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم، توغرا يولدىكى خەلىپىلەر، باشقا ساھابىلەر ۋە پەزىلەتلىك ئەسىرلەردە ئۇلارغا ياخشىلىق بىلەن ئەگەشكەن تابىئىنلار قاتارلىقلاردىن ھېچقايسى بىرى رەسۇلۇللاھنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىمىگەن. ھالبۇكى ئۇلار سۈننەتنى ئەڭ ياخشى بىلىدىغان، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى ھەممىدىن بەك ياخشى كۆرىدىغان ۋە ئۇنىڭ شەرىئىتىگە ئۆزلىرىدىن كېيىنكىلەرگە قارىغاندا ئەڭ ياخشى ئەگىشىدىغان كىشىلەردۇر. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن مۇنداق دېگەن: ((من أحدث في أمرنا هذا ما ليس منه فهو رد)) «كىمكى بىزنىڭ بۇ ئىشىمىزدا (يەنى دىنىمىزدا) ئۇنىڭدا بولمىغان بىرەر نەرسىنى يېڭىدىن پەيدا قىلىدىكەن، پەيدا قىلغان ئۇ ئىش رەت قىلىنىدۇ.»
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: ((عليكم بسنتي وسنة الخلفاء الراشدين المهديين من بعدي، تمسكوا بها وعضوا عليها بالنواجذ وإياكم ومحدثات الأمور، فإن كل محدثة بدعة وكل بدعة ضلالة)) «مېنىڭ سۈننىتىمگە ۋە مەندىن كېيىنكى توغرا يول تۇتقۇچى، ھىدايەت تاپقۇچى خەلىپىلەرنىڭ سۈننىتىگە مەھكەم ئېسىلىڭلار. ئۇنىڭغا ئېزىق چىشلىرىڭلار بىلەن چىشلەپ تۇرۇپ مەھكەم يېپىشىڭلار. دىندا يېڭىدىن پەيدا قىلىنغان ئىشلاردىن ھەزەر قىلىڭلار، چۈنكى دىندا يېڭىدىن پەيدا قىلىنغان ھەر بىر ئىش بىدئەتتۇر، ھەر بىر بىدئەت ئازغۇنلۇقتۇر.»
بۇ ئىككى ھەدىستە بىدئەتلەرنى پەيدا قىلىشتىن ۋە ئۇنىڭغا ئەگىشىشتىن قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش بار. ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتەئالا ئۆزىنىڭ ئوچۇق-رۇشەن كىتابىدا مۇنداق دېگەن: {وَمَا آتَاكُمُ الرَّسُولُ فَخُذُوهُ وَمَا نَهَاكُمْ عَنْهُ فَانْتَهُوا} {پەيغەمبەر سىلەرگە بەرگەننى ئېلىڭلار، ئۇ چەكلىگەن نەرسىدىن يېنىڭلار} [ھەشىر سۈرىسى 7-ئايەت].
ئاللاھ ئەززە ۋە جەللە يەنە مۇنداق دېگەن: {فَلْيَحْذَرِ الَّذِينَ يُخَالِفُونَ عَنْ أَمْرِهِ أَنْ تُصِيبَهُمْ فِتْنَةٌ أَوْ يُصِيبَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ} {پەيغەمبەرنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلار ئۆزلىرىگە بىرەر بالا نازىل بولۇشىدىن، ياكى قاتتىق ئازابقا دۇچار بولۇشىدىن ھەزەر قىلسۇن.} [نۇر سۈرىسى 63-ئايەت]. ئاللاھ سۇبھانەھۇ يەنە مۇنداق دېگەن: {لَقَدْ كَانَ لَكُمْ فِي رَسُولِ اللَّهِ أُسْوَةٌ حَسَنَةٌ لِمَنْ كَانَ يَرْجُو اللَّهَ وَالْيَوْمَ الْآخِرَ وَذَكَرَ اللَّهَ كَثِيرًا} {ئاللاھنى، ئاخىرەت كۈنىنى (يەنى ئاللاھنىڭ ساۋابىنى ۋە ئاخىرەت كۈنىدىكى بەخت-سائادەتنى) ئۈمىد قىلىدىغان ۋە ئاللاھنى كۆپ ياد ئېتىدىغان كىشىلەر ئۈچۈن، رەسۇلۇللاھتا ھەقىقەتەن ياخشى ئۈلگە بار.} [ئەھزاب سۈرىسى 21-ئايەت].
ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دېگەن: {وَالسَّابِقُونَ الْأَوَّلُونَ مِنَ الْمُهَاجِرِينَ وَالْأَنْصَارِ وَالَّذِينَ اتَّبَعُوهُمْ بِإِحْسَانٍ رَضِيَ اللَّهُ عَنْهُمْ وَرَضُوا عَنْهُ وَأَعَدَّ لَهُمْ جَنَّاتٍ تَجْرِي تَحْتَهَا الْأَنْهَارُ خَالِدِينَ فِيهَا أَبَدًا ذَلِكَ الْفَوْزُ الْعَظِيمُ} {(ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرۈشتە ۋە رەسۇلۇللاھقا ئەگىشىشتە) ھەممىنىڭ ئالدىدا بولغان مۇھاجىرلار ۋە ئەنسارلاردىن (يەنى مۇھاجىر ۋە ئەنسار ساھابىلەردىن) ۋە ئۇلارغا ياخشىلىق بىلەن ئەگەشكەنلەردىن ئاللاھ رازى بولدى، ئۇلارمۇ ئاللاھتىن رازى بولدى. ئاللاھ ئۇلارغا ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرنى تەييارلىدى، ئۇلار جەننەتتە مەڭگۈ قالىدۇ، بۇ زور مۇۋەپپەقىيەتتۇر} [تەۋبە سۈرىسى 100-ئايەت].
ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دېگەن: {الْيَوْمَ أَكْمَلْتُ لَكُمْ دِينَكُمْ وَأَتْمَمْتُ عَلَيْكُمْ نِعْمَتِي وَرَضِيتُ لَكُمُ الْإِسْلَامَ دِينًا} {بۈگۈن سىلەرنىڭ دىنىڭلارنى پۈتۈن قىلدىم، سىلەرگە نېمىتىمنى تاماملىدىم، ئىسلام دىنىنى سىلەرنىڭ دىنىڭلار بولۇشقا تاللىدىم.} [مائىدە سۈرىسى 3-ئايەت].
بۇ مەنىدىكى ئايەتلەر ناھايىتى كۆپ. مەۋلۇت ۋە باشقا بىدئەتلەرنى پەيدا قىلىشتىن « ئاللاھ سۇبھانەھۇ بۇ ئۈممەت ئۈچۈن دىننى مۇكەممەل قىلىپ بەرمىگەن، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام ئۈممەت ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك بولغان نەرسىلەرنى تولۇق يەتكۈزمىگەن» دېگەن مەنە چىقىپ قالىدۇ. مەۋلۇت قاتارلىق بىدئەتلەرنى پەيدا قىلغۇچىلار ئاللاھنىڭ شەرىئىتىدە ئاللاھ ئىزىن بەرمىگەن ئىشلارنى پەيدا قىلغان ھېسابلىنىدۇ، ئاقىۋەتتە «مۇشۇ ئارقىلىق ئاللاھقا يېقىنلىشىمىز» دەپ دەۋا قىلغان، بولۇپ قالىدۇ. شەك-شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا ناھايىتى چوڭ خەتەر بار بولۇپ، مەۋلۇت تەبرىكلەش — ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالاغا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە قىلىنغان ئاسىيلىقتۇر.
ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا ئۆز بەندىلىرى ئۈچۈن دىننى مۇكەممەل قىلغان ۋە ئۇلارغا نېمىتىنى تاماملىغان. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەق دىننى ئىنسانىيەتكە ئوچۇق رەۋىشتە تولۇق يەتكۈزگەن، جەننەتكە ئېلىپ بارىدىغان، دوزاختىن يىراق قىلىدىغان ھېچبىر يولنىڭ بىرىنىمۇ قالدۇرۇپ قويماي، ئۈممەتكە تولۇق بايان قىلىپ بەرگەن.
سەھىھ مۇسلىمدا ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان سەھىھ ھەدىستە كەلگىنىدەك، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: ((ما بعث الله من نبي إلا كان حقًا عليه أن يدل أمته على خير ما يعلمه لهم، وينذرهم شر ما يعلمه لهم)) «ئاللاھ ئەۋەتكەن ھەرقانداق بىر پەيغەمبەرنىڭ ئۆز ئۈممىتىنى ئۇلار ئۈچۈن ياخشى دەپ بىلگەن نەرسىگە يېتەكلىشى ۋە ئۇلار ئۈچۈن يامان دەپ بىلگەن نەرسىسىدىن ئاگاھلاندۇرۇشى ئۇنىڭ زىممىسىدىكى مەجبۇرىيەتتۇر.» (مۇسلىم)
مەلۇمكى، بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى ۋە ئەڭ ئاخىرقىسىدۇر. شۇنداقلا ۋەھىينى يەتكۈزۈشتە ۋە نەسىھەت قىلىشتا ئەڭ مۇكەممەل زاتتۇر. ئەگەر مەۋلۇت تەبرىكلەش ئاللاھ سۇبھانەھۇ رازى بولىدىغان ئىش بولغان بولسا، ئەلۋەتتە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنى ئۈممەتكە بايان قىلىپ بەرگەن ياكى ھايات ۋاقتىدا ئۆزى تەبرىكلىگەن، ۋەياكى ساھابىلىرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇم تەبرىكلىگەن بولاتتى.
بۇلارنىڭ ھېچقايسىسى يۈز بەرمىگەن ئىكەن، مەۋلۇت تەبرىكلەشنىڭ ئىسلام بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوقلۇقى، بەلكى مەۋلۇت تەبرىكلەشنىڭ — رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۆز ئۈممىتىنى ئاگاھلاندۇرغان يېڭىدىن پەيدا قىلىنغان ئىشلاردىن ئىكەنلىكى مەلۇم بولىدۇ. يۇقىرىدىكى ئىككى ھەدىستە بۇ زىكىر قىلىنىپ ئۆتتى. بۇ مەنىدە يەنە باشقا ھەدىسلەرمۇ كەلگەن. مەسىلەن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ (ھەر) جۈمە خۇتبىسىدە: ((فإن خير الحديث كتاب الله وخير الهدي هدي محمد ﷺ، وشر الأمور محدثاتها وكل بدعة ضلالة)) «سۆزلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئاللاھنىڭ كىتابىدۇر، يوللارنىڭ ئەڭ ياخشىسى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يولىدۇر. ئىشلارنىڭ ئەڭ يامىنى دىندا يېڭىدىن پەيدا قىلىنغان بىدئەتلەردۇر، ھەرقانداق بىدئەت ئازغۇنلۇقتۇر» دېگەنلىكىگە ئوخشاش. (مۇسلىم)
بۇ جەھەتتىكى ئايەت ۋە ھەدىسلەر ناھايىتى كۆپ. بىر تۈركۈم ئۆلىمالار يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ۋە باشقا دەلىللەرگە ئاساسەن مەۋلۇتلارنى ئىنكار قىلىپ ۋە ئۇنىڭدىن ئاگاھلاندۇرۇپ كەسكىن پىكىر بايان قىلغان. كېيىنكى دەۋردىكى بەزى كىشىلەر بۇنىڭغا خىلاپلىق قىلىپ، ئەگەر ئۇنىڭدا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ھەددىدىن ئېشىش، ئەر-ئاياللار ئارىلىشىپ كېتىش، مۇزىكا ئەسۋابلىرىنى ئىشلىتىش ۋە پاك شەرىئەت ئىنكار قىلىدىغان باشقا مۇنكەر ئىشلار بولمىسا، ئۇنى جائىز دەپ قارىغان ۋە ئۇنى «ياخشى بىدئەت» (بىدئەتى ھەسەنە) دەپ گۇمان قىلغان.
شەرئىي قائىدە شۇكى، كىشىلەر ئىختىلاپ قىلىشقان مەسىلىلەرنى ئاللاھنىڭ كىتابىغا ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننىتىگە قايتۇرۇش كېرەك. ئاللاھ ئەززە ۋەجەللە مۇنداق دېگەن: {يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا أَطِيعُوا اللَّهَ وَأَطِيعُوا الرَّسُولَ وَأُولِي الْأَمْرِ مِنْكُمْ فَإِنْ تَنَازَعْتُمْ فِي شَيْءٍ فَرُدُّوهُ إِلَى اللَّهِ وَالرَّسُولِ إِنْ كُنْتُمْ تُؤْمِنُونَ بِاللَّهِ وَالْيَوْمِ الْآخِرِ ذَلِكَ خَيْرٌ وَأَحْسَنُ تَأْوِيلًا} {ئى مۆمىنلەر! ئاللاھقا ئىتائەت قىلىڭلار، پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىڭلار ۋە ئۆزۈڭلاردىن بولغان ئىش ئىگىلىرىگىمۇ ھەم. ئەگەر بىرەر ئىشتا ئىختىلاپ قىلىشىپ قالساڭلار، ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىدىغان بولساڭلار، ئۇنى ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەرگە قايتۇرۇڭلار. (يەنى ئۇ ئىشقا ھۆكۈم چىقارغۇزۇش ئۈچۈن ئاللاھنىڭ كىتابىغا ۋە پەيغەمبەرنىڭ سۈننىتىگە قايتىڭلار.) بۇنداق قىلىش سىلەر ئۈچۈن خەيرلىكتۇر، نەتىجىسى ئەڭ گۈزەلدۇر.} [نىسا سۈرىسى 59-ئايەت]
ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دېگەن: {وَمَا اخْتَلَفْتُمْ فِيهِ مِنْ شَيْءٍ فَحُكْمُهُ إِلَى اللَّهِ} {سىلەر ئىختىلاپ قىلىشقان ھەرقانداق ئىشنىڭ ھۆكمى ئاللاھقا مەنسۇپتۇر.} [شۇرا سۈرىسى 10-ئايەت]
بىز مەۋلۇت تەبرىكلەش مەسىلىسىنى ئاللاھ سۇبھانەھۇنىڭ كىتابىغا قايتۇرۇپ كۆردۇق، نەتىجىدە ئاللاھنىڭ كىتابىنىڭ بىزنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئېلىپ كەلگەن نەرسىلەرگە ئەگىشىشكە بۇيرۇيدىغانلىقىنى، رەسۇلۇللاھ چەكلىگەن نەرسىلەردىن ئاگاھلاندۇرىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا ئاللاھ سۇبھانەھۇنىڭ بۇ ئۈممەت ئۈچۈن دىنىنى مۇكەممەل قىلىپ بەرگەنلىكىدىن خەۋەر بېرىدىغانلىقىنى بايقىدۇق. مەۋلۇت تەبرىكلەش پائالىيىتى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئېلىپ كەلگەن ئىشلاردىن ئەمەس، شۇڭا ئۇ ئاللاھ بىز ئۈچۈن مۇكەممەل قىلىپ بەرگەن ۋە رەسۇلۇللاھقا ئەگىشىشكە بۇيرۇغان دىندىن ھېسابلانمايدۇ.
شۇنىڭدەك، بىز مەۋلۇت تەبرىكلەش مەسىلىسىنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننىتىگە قايتۇرۇپ كۆردۇق، ئۇنىڭدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇنى قىلغانلىقىنىمۇ، ئۇنىڭغا بۇيرۇغانلىقىنىمۇ، ساھابىلىرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمنىڭ ئۇنى قىلغانلىقىنىمۇ تاپالمىدۇق. شۇنىڭ بىلەن بىز مەۋلۇت تەبرىكلەشنىڭ دىن جۈملىسىدىن ئەمەسلىكىنى، بەلكى يېڭىدىن پەيدا قىلىنغان بىدئەتلەردىن ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئەھلى كىتاب بولغان يەھۇدىي ۋە ناسارالارنىڭ بايراملىرىغا ئوخشىۋېلىشقا ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى كۆردۇق.
يۇقىرىقى بايانلار ئازراقلا بەسىيرىتى بار، ھەقنى خالايدىغان ۋە ھەقنى ئىزدەشتە قىلىشتا ئىنساپلىق بولغان ھەر بىر كىشىگە ئېنىق بولىدۇكى، مەۋلۇت تەبرىكلەش — ئىسلام دىنىدىن ئەمەس، بەلكى ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تەرك ئېتىشكە ۋە ھەزەر ئەيلەپ ئۇزاق تۇرۇشقا بۇيرۇغان يېڭىدىن پەيدا قىلىنغان بىدئەتلەردىن بىرىدۇر.
ئەقىللىق كىشىنىڭ ھەرقايسى ئەللەردىكى مەۋلۇت تەبرىكلىگۈچىنىڭ كۆپلۈكىگە ئالدىنىپ قېلىشى دۇرۇس بولمايدۇ. چۈنكى ھەق كۆپلۈك بىلەن تونۇلمايدۇ، بەلكى شەرئىي دەلىللەر بىلەن تونۇلىدۇ. ئاللاھ تائالا يەھۇدى – ناسارالار ھەققىدە مۇنداق دېدى: {وَقَالُوا لَنْ يَدْخُلَ الْجَنَّةَ إِلَّا مَنْ كَانَ هُودًا أَوْ نَصَارَى تِلْكَ أَمَانِيُّهُمْ قُلْ هَاتُوا بُرْهَانَكُمْ إِنْ كُنْتُمْ صَادِقِينَ} {ئۇلار: «يەھۇدى ياكى ناسارا بولمىغان ئادەم ھەرگىز جەننەتكە كىرەلمەيدۇ» دېيىشتى. (يەنى «يەھۇدىلار — «يەھۇدى بولمىغان ئادەم جەننەتكە كىرەلمەيدۇ» دەۋېلىشتى. ناسارالار بولسا «ناسارا بولمىغان ئادەم جەننەتكە كىرەلمەيدۇ» دەۋېتلىشتى.) بۇ ئۇلارنىڭ قۇرۇق ئارزۇسىدۇر. ئېيتقىنكى: «ئەگەر سۆزۈڭلاردا راستچىل بولساڭلار، دەلىلىڭلارنى كەلتۈرۈڭلار»} [بەقەرە سۈرىسى 111-ئايەت] (شەيخ بۇ ئايەتنى دەلىل قىلىش ئارقىلى، ھەقىقەت — ئېغىزدىكى داۋا ئارقىلىق ئىسپاتلانمايدۇ، ئاللاھ ۋە رەسۇلى ئېلىپ كەلگەن قەتئىي دەلىل بىلەن بولىدۇ، مەۋلۇت تەبرىكلىگۈچىلەر بۇ قىلمىشىنىڭ ئاللاھنىڭ دىنىدا بار ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن قۇرئان-سۈننەتتىن ئېنىق دەلىل ئېلىپ كېلىشى كېرەك، دېمەكچى.)
ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا يەنە مۇنداق دېگەن: {وَإِنْ تُطِعْ أَكْثَرَ مَنْ فِي الْأَرْضِ يُضِلُّوكَ عَنْ سَبِيلِ اللَّهِ} {ئەگەر يەر يۈزىدىكى كىشىلەرنىڭ كۆپچىلىكىگە ئىتائەت قىلساڭ، ئۇلار سېنى ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازدۇرىدۇ.} [ئەنئام سۈرىسى 116-ئايەت].
ئۇنىڭ ئۈستىگە، مەۋلۇت تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنىڭ كۆپىنچىسى — ئۇنىڭ بىدئەت بولۇشىغا قوشۇلۇپ — ئەر-ئاياللار ئارىلىشىپ كېتىش، مەۋلۇت پائالىيىتى جەريانىدا ناخشا-مۇزىكىلارنى ياڭرىتىش، مەست قىلغۇچى ۋە زەھەرلىك چېكىملىكلەرنى ئىستىمال قىلىش ۋە باشقا نۇرغۇنلىغان يامان – مۇنكەر ئىشلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشتىن خالىي بولالمايدۇ.
ھەتتا مەۋلۇت تەبرىكلەشتە بۇنىڭدىنمۇ چوڭراق بولغان ئىش، يەنى چوڭ شىرك سادىر بولۇپ قېلىشىمۇ مۇمكىن. ئۇ بولسىمۇ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ياكى ئەۋلىيالار دەپ ئاتىلىدىغان باشقا كىشىلەرگە نىسبەتەن ھەددىدىن ئېشىش، (ئاللاھقا ئەمەس) ئۇلارغا دۇئا قىلىش ۋە ئۇلاردىن ياردەم-مەدەت تىلەش، ئۇلارنى غەيبنى بىلىدۇ دەپ ئېتىقاد قىلىش قاتارلىق شىرك ئەمەللەر ئوتتۇرىغا چىقىدىغان ئەھۋاللار كەڭرى مەۋجۇت، شۇنداقلا نۇرغۇن كىشىلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋە ئۇلار ئەۋلىيالار دەپ ئاتايدىغان كىشىلەرنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىگەن ۋاقىتلىرىدا قىلىدىغان يۇقىرىقىدىغان باشقا كۇفرىي قىلمىشلارمۇ ئوتتۇرىغا چىقىشتىن خالىي ئەمەس. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: ((إياكم والغلو في الدين فإنما أهلك من كان قبلكم الغلو في الدين)) «دىندا ھەددىدىن ئېشىشتىن ساقلىنىڭلار، چۈنكى سىلەردىن بۇرۇنقىلارنى ھالاك قىلغان نەرسە دەل دىندا ھەددىدىن ئېشىشتۇر.» (مەۋلۇت تەبرىكلەش — دىندا ھەددىدىن ئاشقانلىقتۇر.)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە مۇنداق دېگەن: ((لا تطروني كما أطرت النصارى ابن مريم إنما أنا عبد، فقولوا: عبد الله ورسوله)) «مېنى خۇددى ناسارالار مەريەم ئوغلى ئىسانى ھەددىدىن ئاشۇرۇپ ماختىغىنىدەك ماختىماڭلار، مەن پەقەت بىر بەندىمەن، شۇڭا مېنى ‹ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە رەسۇلى› دەڭلار». (بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى ئۆزىنىڭ سەھىھ كىتابىدا ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىسىدىن رىۋايەت قىلغان)
ئەڭ ئەجەبلىنەرلىك ۋە غەلىتە ئىشلاردىن بىرى شۇكى، نۇرغۇن كىشىلەر بىدئەت ھېسابلىنىدىغان بۇنداق تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىشقا تىرىشىدۇ ۋە ئۇنى (توغرا دەپ) قوغدايدۇ، ئەمما ئاللاھ ئۇلارغا پەرز قىلغان جۈمە ۋە جامائەت نامازلىرىغا قاتنىشىشتىن ئارقىدا قالىدۇ، بۇنىڭغا پەرۋامۇ قىلمايدۇ؛ ھەمدە ئۆزىنى ناھايىتى چوڭ بىر مۇنكەر ئىش قىلدىم دەپمۇ قارىمايدۇ. شەك-شۈبھىسىزكى، بۇ ئىماننىڭ كەمتۈكلۈكىدىن، بەسىيرەتنىڭ ئاجىزلىقىدىن ۋە تۈرلۈك گۇناھ-مەئسىيەتلەر سەۋەبلىك قەلبلىرىنىڭ قاساۋەتلىشىپ كەتكەنلىكىدىن بولىدۇ. ئاللاھتىن بىزگە ۋە بارلىق مۇسۇلمانلارغا ئامانلىق تىلەيمىز.
بەزىلەر رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى مەۋلۇتقا ھازىر بولىدۇ دەپ ئويلايدۇ. شۇڭا ئۇلار رەسۇلۇللاھقا سالام بېرىش، قارشى ئېلىش ئۈچۈن ئورنىدىن تۇرۇشىدۇ. بۇ ئەڭ چوڭ باتىل ۋە ئەڭ قەبىھ جاھىللىقتۇر. چۈنكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قىيامەت كۈنىدىن بۇرۇن قەبرىسىدىن چىقمايدۇ. كىشىلەردىن ھېچكىم بىلەن ئالاقە قىلمايدۇ ۋە ئۇلارنىڭ يىغىلىشلىرىغا ھازىر بولمايدۇ. بەلكى ئۇ قىيامەت كۈنىگىچە قەبرىسىدە تۇرىدۇ. رەسۇلۇللاھنىڭ روھى رەببىنىڭ دەرگاھىداىكى كەرامەت دىيارى بولغان «ئىللىييىن» نىڭ ئەڭ ئالىي مەرتىۋىسىدە بولىدۇ. ئاللاھ تائالا «مۇئمىنۇن» سۈرىسىدە مۇنداق دېگەندەك: {ثُمَّ إِنَّكُمْ بَعْدَ ذَلِكَ لَمَيِّتُونَ * ثُمَّ إِنَّكُمْ يَوْمَ الْقِيَامَةِ تُبْعَثُونَ} {ئاندىن سىلەر چوقۇم ئۆلىسىلەر. * ئاندىن قىيامەت كۈنى چوقۇم تىرىلدۈرۈلىسىلەر.} [مۇئمىنۇن سۈرىسى 15-16-ئايەتلەر]
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: ((أنا أول من ينشق عنه القبر يوم القيامة وأنا أول شافع وأول مشفع)) «قىيامەت كۈنى قەبرىسى تۇنجى بولۇپ يېرىلىدىغان (يەنى چىقىدىغان) ئادەم مەن، تۇنجى شاپائەت قىلغۇچى ۋە شاپائىتى تۇنجى قوبۇل قىلىنغۇچىمۇ مەن.» ئۇ زاتقا رەببىدىن ئەڭ ئەۋزەل دۇرۇت ۋە سالاملار بولسۇن.
بۇ ئايىتى كەرىمە، ھەدىس شېرىپ ۋە بۇ مەنىدە كەلگەن باشقا ئايەت-ھەدىسلەرنىڭ ھەممىسى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ۋە باشقا ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ پەقەت قىيامەت كۈنىلا قەبرىلىرىدىن چىقىدىغانلىقىغا دالالەت قىلىدۇ. بۇ ئىسلام ئالىملىرى ئارىسىدا بىردەك ئىجما قىلىنغان، ھېچقانداق تالاش-تارتىش بولمىغان ئىشتۇر. شۇڭلاشقا ھەر بىر مۇسۇلمان بۇ ئىشلارغا دىققەت قىلىشى، جاھىللار ۋە شۇلارغا ئوخشايدىغانلار ئاللاھ ھېچقانداق دەلىل چۈشۈرمىگەن يېڭىدىن پەيدا قىلىۋالغان بىدئەت ۋە خۇراپاتلاردىن ھەزەر ئەيلىشى كېرەك. ياردەم سورىلىدىغان زات ئاللاھتۇر، تەۋەككۈل قىلىنىدىغان زاتمۇ يەنىلا ئاللاھتۇر. گۇناھتىن يېنىش ۋە تائەتكە قۇۋۋەت تېپىش پەقەت ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەنلا بولىدۇ.
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە دۇرۇت ۋە سالام يوللاش — كىشىنى ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرىدىغان ئەڭ ئەۋزەل ئىبادەتلەردىن ۋە ياخشى ئەمەللەردىندۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەندەك: {إِنَّ اللَّهَ وَمَلَائِكَتَهُ يُصَلُّونَ عَلَى النَّبِيِّ يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا صَلُّوا عَلَيْهِ وَسَلِّمُوا تَسْلِيمًا} {ئاللاھ پەيغەمبەرگە رەھمەت قىلىدۇ، پەرىشتىلەرمۇ پەيغەمبەرگە مەغپىرەت تەلەپ قىلىدۇ. ئى مۆمىنلەر! سىلەر پەيغەمبەرگە دۇرۇت ئېيتىڭلار ۋە ئامانلىق تىلەپ سالام يوللاڭلار.} [ئەھزاب سۈرىسى 56-ئايەت] پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «كىمكى ماڭا بىر قېتىم دۇرۇت ئېيتىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا ئون قېتىم رەھمەت قىلىدۇ.» سالات ئېيتىش ھەممە ۋاقىتلاردا شەرىئەتتە كۆرسىتىلگەن بولۇپ، ھەر بىر نامازنىڭ ئاخىرىدا (يەنى ناماز ئىچىدىكى ئاخىرقى تەشەھھۇدتا) سالات ئېيتىش تەكىتلەنگەن، بىر تۈركۈم ئالىملارنىڭ نەزەرىدە ھەر بىر نامازنىڭ ئاخىرقى تەشەھھۇدىدا (ئەتتەھىيياتتا) سالات ئوقۇش (يەنى سەللى، بارىك دۇئاسىنى) ئوقۇش ۋاجىپتۇر. نۇرغۇنلىغان سەھىھ ھەدىسلەر دالالەت قىلغىنىدەك، نۇرغۇن ئورۇنلاردا، جۈملىدىن ئەزاندىن كېيىن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنغاندا، جۈمە كۈنى ۋە جۈمە كېچىسىدە دۇرۇت ئېيتىش تەكىتلەنگەن سۈننەتتۇر.
ئاللاھتىن بىزنى ۋە بارلىق مۇسۇلمانلارنى ئۆز دىنىنى چۈشىنىشكە، ئۇنىڭدا مۇستەھكەم تۇرۇشقا مۇۋەپپەق قىلىشىنى، ھەممەيلەنگە سۈننەتكە مەھكەم ئېسىلىشنى، بىدئەتتىن ھەزەر قىلىشنى نېمەت قىلىپ بېرىشىنى سورايمىز. ئاللاھ بەكمۇ سېخىيدۇر، بەكمۇ كەرەملىكتۇر. ئاللاھنىڭ سالات ۋە سالامى بىزنىڭ نەبيمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ساھابىلىرىگە بولسۇن. (ئىمام ئىبنى بازنىڭ مەۋلۇت تەبرىكلەشنىڭ ھۆكمى ھەققىدىكى جاۋابى مۇشۇ يەردە تۈگىدى، قۇدرەت بارات تەرجىمە قىلدى.)
مەنبە:
https://binbaz.org.sa/fatwas/20/في-حكم-الاحتفال-بالموالد-النبوية-وغيرها
