سالاملىشىشتا ۋە مېھمانغا تائام سۇنۇشتا كىمدىن باشلايمىز؟

سالاملىشىشتا ۋە مېھمانغا تائام سۇنۇشتا كىمدىن باشلايمىز؟

پەتىۋا بەرگۈچى: ئىمام ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ

سوئال:
بىر كىشى بىر سورۇنغا كىرسە، ئۇ يەردە بىر ياشانغان (چوڭ) كىشى بولسا، ئۇ كىشى سالاملىشىشنى ئوڭ تەرەپتىن باشلامدۇ ياكى ئۇ ياشانغان كىشى سورۇننىڭ ئوتتۇرىسىدا بولسا بىۋاسىتە شۇ كىشىدىن باشلاپ سالام قىلامدۇ؟

جاۋاب:
كۆپچىلىككە ئومۇمىي سالام قىلىدۇ، ئاندىن سورۇننىڭ رەئىسىدىن، سورۇننىڭ چوڭىدىن باشلاپ كۆرۈشىدۇ. چۈنكى ساھابىلەر بىرەر سورۇنغا كىرسە، (كۆرۈشۈشنى) ئاۋۋال سورۇننىڭ رەئىسى بولغان پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن باشلايتتى، ئاندىن ئۇ زاتنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكىلەردىن، ئاندىن سول تەرىپىدىكىلەردىن باشلايتتى.
ئەگەر بۇنداق قىلىشتا بىرەر قىيىنچىلىق \ بىئەپلىك بولسا، ياكى كىشىلەر بۇنى غەلىتە ھېس قىلىپ قالسا، ياكى خاتا چۈشىنىپ قېلىش ئېھتىمالى بولسا، ئۇنداقتا كۆپچىلىككە ئومۇمىي سالام قىلىدۇ-دە، سورۇننىڭ ئاخىرىدا بوش ئورۇن قەيەردە بولسا شۇ يەردە ئولتۇرىدۇ.
شۇڭا، كىشى بىر سورۇنغا كىرگەندە، ئاۋۋال سورۇندىكى چوڭ كىشىگە، ئاندىن ئۇنىڭ ئەتراپىدىكىلەرگە سالام قىلىشنى ئەدەپ-ئەخلاققا تېخىمۇ ئۇيغۇن دەپ قارىسا، شۇنداق قىلىدۇ.

سوئال:
مېھمانغا چاي ۋە قەھۋە (تاماق) سۇنۇشتىچۇ؟

جاۋاب:
بۇمۇ ئوخشاش. ئاۋۋال سورۇننىڭ چوڭىدىن باشلايدۇ، ئاندىن ئۇنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى كىشىگە سۇنىدۇ. خۇددى ساھابىلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن باشلاپ، ئاندىن ئۇ زاتنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى كىشىگە سۇنغىنىغا ئوخشاش. پەقەت ئوڭ تەرەپتىكى كىشى سول تەرەپتىكى كىشىگە بېرىشكە رۇخسەت قىلسا، ئۇنداقتا سول تەرەپتىكى كىشىگە چاي-تائام سۇنسا ھېچقىسى يوق.

— مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
مەنبە: https://binbaz.org.sa/fatwas/22092/%D9%85%D9%86-%D8%A7%D9%8A%D9%86-%D9%8A%D8%A8%D8%AF%D8%A7-%D9%81%D9%8A-%D8%A7%D9%84%D8%B3%D9%84%D8%A7%D9%85-%D9%88%D9%83%D8%B0%D8%A7-%D8%A7%D9%84%D8%B6%D9%8A%D8%A7%D9%81%D8%A9

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ