قەبرىگە ئىبادەت قىلغۇچىلار جاھالىتى سەۋەبلىك ئۆزۈرلۈك ھېسابلىنامدۇ؟
پەتىۋا بەرگۈچى: ئىمام ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ
تەرجىمە قىلغۇچى: قۇدرەت بارات (2025\07\29)
رىياسەتچى: مۆھتەرەم شەيخ! پروگراممىمىزنى باسىم ئەمىن ئىسىملىك بىر قېرىندىشىمىزنىڭ سوئالى بىلەن باشلايمىز. بۇ قېرىندىشىمىزنىڭ ئەقىدە ھەققىدە تەپسىلىي ئىزاھاتقا ئېھتىياجى بولغان سوئاللىرى بار. ئاللاھ سىلىگە ياخشى مۇكاپات بەرسۇن. بۇ قېرىندىشىمىز سوئالىدا مۇنداق سوراپتۇ:
مۆھتىرەم شەيخ! بىزنىڭ يۇرتىمىزدا سوپىزىم تەرىقەتلىرى سەۋەپلىك نۇرغۇنلىغان كىشى ئازغۇنلۇققا مۇپتىلا بولدى. بۇ كىشىلەر قەبرىلەرگە ئىبادەت قىلىدۇ (يەنى قەبرىدىكى ئۆلۈكتىن مەدەت تىلەيدۇ، قەبرە بېشىغا بېرىپ قۇربانلىق قىلىدۇ) ۋە دۇئالىرىدا ئاللاھتىن باشقىسىغا دۇئا قىلىپ ھاجەتلىرىنى سورايدۇ. بۇنداق قىلىدىغانلار ئارىسىدا قۇرئان كەرىم يادقا ئالغان، ھەتتا مەسجىدلەردە ئىماملىق قىلىدىغان كىشىلەرمۇ بار.
مۆھتەرەم شەيخ! سوئالىم بىر نەچچە قىسىمغا بۆلىنىدۇ.
بۇ كىشىلەر تەۋھىدنى بىلمەسلىكى يۈزىسىدىن ئاللاھقا شىرك كەلتۈرگەنلىكى ئۈچۈن كاپىر ھېسابلىنامدۇ؟ لائىلاھە ئىللەللاھنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى بىلمىگەن تەقدىردە، مۇشۇ جاھالىتى سەۋەبلىك ئۆزۈرلۈك ھېسابلىنامدۇ ياكى كاپىر بولامدۇ؟ بۇ ھەقتە بىزگە مەلۇمات بەرگەن بولسىلا. قالغان سوئاللىرىمنى جاۋابلىرىدىن كېيىن سورايمەن.
شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق جاۋاب بەرگەن:
بىسمىللاھىرراھمانىررەھىم. جىمىي ھەمدۇسانا ئاللاھقا خاستۇر. ئاللاھنىڭ سالات ۋە سالامى ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا، ئائىلىسىگە، ساھابىلىرىگە ۋە ئاللاھ ھىدايەت قىلغان بەندىلەرگە بولسۇن.
مەقسەتكە كەلسەك:
ئۇلۇغ كىتابىمىز قۇرئان كەرىم ۋە پاك سۈننەت ئاللاھقا تەۋھىد ئاساسىدا ئىبادەت قىلىنىشى لازىملىقىنى ۋە چوڭ شىركلەرنىڭ تۈرلىرىنى بايان قىلغان. ئۆزلىرىگە قۇرئان ۋە سۈننەت يېتىپ كەلگەن، مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىدا ياشىغان كىشىلەردىن ھەر كىم چوڭ شىرك سادىر قىلغان بولسا، ئۇنىڭغا «مۇشرىك بولدى» دەپ ھۆكۈم قىلىنىدۇ.
ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا مۇنداق دەيدۇ:
{وَأُوحِيَ إِلَيَّ هَٰذَا الْقُرْآنُ لِأُنذِرَكُم بِهِ وَمَن بَلَغَ}
{سىلەرنى ۋە قۇرئان يېتىپ بارغان كىشىلەرنى قۇرئان بىلەن ئاگاھلاندۇرۇشۇم ئۈچۈن ماڭا بۇ قۇرئان ماڭا ۋەھىي قىلىندى.} (ئەنئام سۈرىسى، 19-ئايەت)
ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ:
{يَا أَيُّهَا الرَّسُولُ بَلِّغْ مَا أُنزِلَ إِلَيْكَ مِن رَّبِّكَ}
{ئى پەيغەمبەر! ئاللاھتىن ساڭا نازىل قىلىنغاننى تەبلىغ قىل!} (مائىدە سۈرىسى، 67-ئايەت)
ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا مۇنداق دەيدۇ:
{فَإِنَّمَا عَلَيْكَ الْبَلَاغُ وَعَلَيْنَا الْحِسَابُ}
{يەتكۈزۈش سېنىڭ ۋەزىپەڭدۇر، ھېسابقا تارتىش بىزگە ئائىتتۇر.} (رەئىد سۈرىسى، 40-ئايەت)
بۇنىڭغا بىنائەن، بىر كىشىگە قۇرئان ۋە سەھىھ سۈننەت يېتىپ كەلگەن تۇرۇقلۇق ئاللاھقا شىرك كەلتۈرگەن بولسا، ئۇنىڭغا مۇشرىك دەپ ھۆكۈم قىلىنىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى، بۇنداق كىشى ئاللاھ ئۇنىڭغا پەرز قىلغان دىندا توغرا چۈشەنچە ساھىبى بولۇش ۋە بەسىيرەت ساھىبى بولۇش ۋاجىپىنى ئادا قىلمىغان ۋە بۇ جەھەتكە ئەھمىيەت بەرمىگەنلىكى ئۈچۈندۇر. كىشىنىڭ ئۆلۈپ كەتكەن كىشىدىن ھاجىتىنى سوراپ ئۇنىڭغا دۇئا قىلىشى؛ ئۆلۈكلەردىن، يۇلتۇزلاردىن، ياغاچ-تاشلاردىن ۋە ياكى جىنلاردىن ياردەم-مەدەت تىلىشى، ئۇلارغا دۇئا قىلىپ يالۋۇرۇشى، ۋەياكى ئۇلارغا مال بوغۇزلاپ-قان قىلىشى (كىشىنى كاپىر قىلىۋېتىدىغان) چوڭ شىرك ھېسابلىنىدۇ. بۇنداق كىشى بۇ خىل چوڭ شىركلىرىدىن ھەر قانداق بىرىنى سادىر قىلغانلىقى سەۋەبلىك تەۋبىگە دەۋەت قىلىنىدۇ. مۇسۇلمانلارنىڭ ھۆكۈمدارلىرى ئۇنى تەۋبىگە چاقىرىدۇ، ئەگەر بۇ خىل چوڭ شىركلەردىن تەۋبە قىلسا ئۇنىڭغا چېقىلىشقا بولمايدۇ. ئەگەر تەۋبە قىلغىلى ئۇنىمىسا، ئاللاھقا شىرك قوشقانلىقى سەۋەبلىك ئۆلتۈرۈلۈشى (مۇسۇلمان ھۆكۈمدارلارغا) پەرز بولىدۇ. چۈنكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «دىنىنى ئۆزگەرتىۋالغۇچىنى ئۆلتۈرۈڭلار.» (بۇخارى)
ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنى ئاللاھقا دەۋەت قىلىشى ئۈچۈن ۋە مۇشرىكلارغا قارشى جىھاد قىلىشى ئۈچۈن ئەۋەتتى.
ئەگەر بىر كىشى مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىدا ياشايدىغان كىشى بولسا، ياكى ئاھالىسى مۇسۇلمان بىر دۆلەتتە ياشايدىغان كىشى بولسا، ۋەياكى ئۇ كىشى قۇرئان ۋە سۈننەت ئۆزلىرىگە يېتىپ كەلگەن كىشىلەر ئارىسىدا ياشايدىغان كىشى بولسا، مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق (تەۋھىد ئاساسىدا ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشقا) سەل قاراپ، شىرك ئەمەللەرنى قىلىشنى داۋام قىلسا، ئۇنىڭ مۇشرىك ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلىنىدۇ.
بۇنداق كىشى ئەگەر ئۆلۈكلەرگە دۇئا قىلىپ ھاجىتىنى ئۆلۈكلەردىن سورىسا، ياكى پەرىشتىلەردىن، جىنلاردىن ياكى پەيغەمبەرلەردىن ياردەم تەلەپ قىلسا، ياكى ئۇلار ئۈچۈن قان قىلىپ، مال بوغۇزلىسا، ياكى «ئەي پالانچى سەييىدىم! مېنى مەغفىرەت قىل! ئەي ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى مېنى مەغفىرەت قىل! مېنى جەھەننەم ئازابىدىن قۇتقۇز، ماڭا ياردەم قىل، كېسىلىمگە شىپا بەر، يوقاتقان نەرسەمنى ماڭا ئەكىلىپ بەر، مەن سېنىڭ يېنىڭدىمەن، سەن ماڭا يېتەرلىكسەن» دېگەندەك دۇئا-تەلەپلەرنى قىلسا، بۇ دۇئا-تەلەپلەرنى مەيلى ئۆلگەنلەرگە، ياكى پەرىشتىلەرگە، ياكى جىنلارغا قىلسا، ئۇ ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەن بولىدۇ، بۇ قىلمىشى چوڭ شىرىك ھېسابلىنىدۇ.
چۈنكى ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا مۇنداق دېگەن:
{فَلَا تَدْعُوا مَعَ اللَّهِ أَحَدًا}
{(دۇئادا ھاجەت سورىماقچى بولساڭلار) ئاللاھقا قوشۇپ باشقا ھېچكىمگە دۇئا قىلماڭلار.} (جىن سۈرىسى، 18-ئايەت)
ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا يەنە مۇنداق دېگەن:
{وَمَن يَدْعُ مَعَ اللَّهِ إِلَٰهًا آخَرَ لَا بُرْهَانَ لَهُ بِهِ فَإِنَّمَا حِسَابُهُ عِندَ رَبِّهِ ۚ إِنَّهُ لَا يُفْلِحُ الْكَافِرُونَ}
{كىمكى ئاللاھقا قوشۇپ، (ئاللاھتىن باشقىسىغا دۇئا ياكى ئىبادەت قىلىشنىڭ) ھەقىلىقىدە ھېچبىر دەلىل بولمىغان تۇرۇقلۇق باشقا بىر باتىل ئىلاھقا دۇئا-ئىبادەت قىلسا، ئۇنىڭدىن ھېساب سوراش ئاللاھقا ئائىتتۇر. شەكسىزكى، بۇنداق كاپىرلار مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايدۇ.} (مۇئمىنۇن سۈرىسى، 117-ئايەت)
ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا يەنە مۇنداق دېگەن:
{ذَٰلِكُمُ اللَّهُ رَبُّكُمْ لَهُ الْمُلْكُ ۚ وَالَّذِينَ تَدْعُونَ مِن دُونِهِ مَا يَمْلِكُونَ مِن قِطْمِيرٍ} {إِن تَدْعُوهُمْ لَا يَسْمَعُوا دُعَاءَكُمْ وَلَوْ سَمِعُوا مَا اسْتَجَابُوا لَكُمْ ۖ وَيَوْمَ الْقِيَامَةِ يَكْفُرُونَ بِشِرْكِكُمْ ۚ وَلَا يُنَبِّئُكَ مِثْلُ خَبِيرٍ}
{مانا بۇ (لارنىڭ ھەممىسىنى سىلەرنىڭ مەنپەئەتىڭلار ئۈچۈن يارىتىپ بەرگۈچى) رەببىڭلار ئاللاھتۇر. ھۆكۈمرانلىق يالغۇز ئاللاھقىلا تەئەللۇقتۇر. ئاللاھنى قويۇپ ئىبادەت قىلىۋاتقانلىرىڭلار خورما ئۇرۇقىنىڭ پوستىكى (چاغلىق ئەڭ ئاددىي نەرسە) نىڭمۇ ئىگىسى ئەمەس.} {ئەگەر (سىلەر ئاللاھنى قويۇپ باشقا باتىل مەبۇدلارغا) دۇئا قىلساڭلار، (ئۇ باتىل مەبۇدلار) دۇئايىڭلارنى ئاڭلىمايدۇ. ئاڭلىغان تەقدىردىمۇ، دۇئايىڭلارنى ئىجابەت قىلالمايدۇ. ئۇلار قىيامەت كۈنى سىلەرنىڭ ئۆزلىرىنى ئاللاھقا شىرك قوشقانلىقىڭلارنى (ئەيىپلەپ) ئىنكار قىلىدۇ. (ئى پەيغەمبەر!) ھېچكىممۇ ساڭا ھەممە نەرسىنى بىلىدىغان ۋە ھەممىدىن خەۋەردار بولغان ئۇلۇغ ئاللاھتىنمۇ توغرا خەۋەرنى بېرەلمەيدۇ.} (سۈرە فاتىر، 13-14-ئايەتلەر)
ئۇلۇغ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا مۇشرىكلارنىڭ دىن ۋە تەۋھىد جەھەتتە جاھىل بولۇشىغا قارىماي، ئۇلار ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ:
{وَيَعْبُدُونَ مِن دُونِ اللَّهِ مَا لَا يَضُرُّهُمْ وَلَا يَنفَعُهُمْ وَيَقُولُونَ هَٰؤُلَاءِ شُفَعَاؤُنَا عِندَ اللَّهِ ۚ قُلْ أَتُنَبِّئُونَ اللَّهَ بِمَا لَا يَعْلَمُ فِي السَّمَاوَاتِ وَلَا فِي الْأَرْضِ ۚ سُبْحَانَهُ وَتَعَالَىٰ عَمَّا يُشْرِكُونَ}
{ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) ئاللاھنى قويۇپ، ئۆزلىرىگە زىيانمۇ كەلتۈرەلمەيدىغان، پايدىمۇ بېرەلمەيدىغان (باتىل ئىلاھلارغا) دۇئا-ئىبادەت قىلىشىدۇ. ئۇلار «مانا بۇلار ئاللاھ بىلەن بىزنىڭ ئارىمىزدىكى ۋاسىتىچىلىرىمىزدۇر» دېيىشىدۇ. (ئى نەبىي! بۇنداق ئېتىقادتىكى مۇشرىكلارغا) ئېيتقىنكى: ئاسمانلاردا ياكى زېمىندا ئاللاھنىڭ شېرىكلىرى بار بولۇپ، ئاللاھ بۇنى بىلمەي قالغان بولسا، سىلەر ئۇنى ئاللاھقا ئېيتىپ بەرمەكچىمۇ؟ ئاللاھ مۇشرىكلارنىڭ (ئىبادەتتە) ئۆزىگە شېرىك كەلتۈرگەنلىرىدىن پاكتۇر ۋە ئۈستۈندۇر.} (يۇنۇس سۈرىسى 18-ئايەت) (يەنى ئاللاھ شىركنىڭ نېمىلىكىنى، تەۋھىدنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيدىغان كىشىلەرنى، ئاللاھقا شىرك قوشقانلىقى ئۈچۈن «مۇشرىك» دەپ ئاتاۋاتىدۇ.)
ئۇلۇغ ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا مۇنداق دەيدۇ:
{أَلَا لِلَّهِ الدِّينُ الْخَالِصُ ۚ وَالَّذِينَ اتَّخَذُوا مِن دُونِهِ أَوْلِيَاءَ مَا نَعْبُدُهُمْ إِلَّا لِيُقَرِّبُونَا إِلَى اللَّهِ زُلْفَىٰ إِنَّ اللَّهَ يَحْكُمُ بَيْنَهُمْ فِي مَا هُمْ فِيهِ يَخْتَلِفُونَ ۗ إِنَّ اللَّهَ لَا يَهْدِي مَنْ هُوَ كَاذِبٌ كَفَّارٌ}
{بىلىڭلاركى، خالىس دىن پەقەتلا ئاللاھنىڭدۇر. (يەنى شىركتىن پاك بولغان كامىل ئىتائەت پەقەت ئاللاھقىلا قىلىنىدۇ.1) ئاللاھنى قويۇپ، ئۆزلىرى ئۈچۈن بىر تۈركۈم ۋەلىيلەرنى (مەدەتكار) قىلۋالغانلار «بىز پەقەت بىزنى ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرۇشى ئۈچۈنلا بۇلارغا ئىبادەت قىلىمىز» دېيىشتى. (ئاقىۋەتتە بۇ ئېتىقادى ۋە بۇ جەھەتتىكى ئەمەللىرى ئارقىلىق ئاللاھقا شىرك كەلتۈرۈپ كاپىر بولدى.2) ئاللاھ (قىيامەت كۈنى ئۆزىگە تەۋھىد ۋە ئىخلاس ئاساسىدا ئىبادەت قىلىدىغان مۆمىنلەر بىلەن ئاللاھقا باشقىسىنى شىرك كەلتۈرىدىغان مۇشرىكلار ئارىسىدا3) ئۇلار ئىختىلاپ قىلىشقان ئىشتا (ئىبادەت مەسلىسىدە4) ھۆكۈم چىقىرىدۇ (ۋە ھەركىمگە تېگىشلىك مۇكاپاتىنى ياكى جازاسىنى بېرىدۇ.5) ئاللاھ (ئۆزىگە شىرك قوشقان، نالايىق سۈپەتلەرنى چاپلىغان ۋە ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغان6) يالغانچىلارنى، (ھەق كەلگەندىن كېيىن ئۇنى ئىنكار قىلىپ يۈز ئۆرۈيدىغان7) كاپىرلارنى ھىدايەت قىلمايدۇ. (يەنى توغرا يولنى تېپىشقا مۇۋەپپەق قىلمايدۇ.8)} (زۇمەر سۈرىسى، 3-ئايەت) (1.2.3.4.5.6.7.8. تفسير الميسر)
مۇشرىكلار بۇتلىرىنى ئۆزلىرىنى ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرىدىغان ۋاستىچى دەپ داۋا قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئاللاھ ئۇلارنى «يالغانچىلار» دەپ سۈپەتلىگەن. بۇتلارغا ئىبادەت قىلغانلىقى ۋە ئاللاھقا شىرك قوشقانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنى كاپىرلار دەپ ئاتىغان.
رىياسەتچى: مۆھتەرەم شەيخ! سوئال سورىغۇچى قېرىندىشىمىز سوئالىنىڭ ئىككىنچى بۆلىكىدە مۇنداق سوراپتۇ: مۆھتەرەم شەيخ! بۇ كىشىلەر، يەنى قەبرىپەرەس سوپى-ئىشانلار بار يۇرتتا تەۋھىد دەۋەتچىلىرى بولغان تۇرۇقلۇقمۇ، (دىن ۋە تەۋھىد ھەققىدىكى) جاھالىتى سەۋەبلىك ئۆزۈرلۈك ھېسابلىنامدۇ؟
شەيخ ئىبنى باز:
يۇقىرىدا بايان قىلغىنىمىزدەك، ئۇلار ئۆزۈرلۈك ھېسابلانمايدۇ. ئەكسىچە، ئۇلار (تەۋھىد ۋە ئەقىدە) ئىلىمىنى ئۆگىنىشى، دىندا توغرا چۈشەنچە ئىگىسى بولۇشى، ئۆزىگە مۈجمەل بىلنەشكەن مەسىلىلەرنى (ئالىملاردىن) سورىشى لازىم. ئۇلارغا پەرز بولغىنى مانا بۇ.
ئەگەر ئۇلار تەۋھىد دەۋىتىگە قۇلاق سالماي قەبرىدىكى ئۆلۈكلەردىن، تاش-تۇپراقلاردىن، پەرىشتىلەردىن، جىنلاردىن ياكى پەيغەمبەرلەردىن ھاجەت تىلەپ ئۇلارغا دۇئا قىلىشنى داۋام قىلسا، ئۇلارغا دۇئا قىلىپ ھاجىتىنى تىلىگەنلىكى ئۈچۈن، كېسەللىرىگە شىپالىق تەلەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن، ياكى بۇ باشقا تۈردىكى ھاجەتلىرىنى سورىغانلىقى ئۈچۈن كاپىر ھېسابلىنىدۇ.
رىياسەتچى: ئاللاھ سىلىگە گۈزەل مۇكاپات بەرسۇن. سوئال سورىغان كىشى ئاخىرىدا مۇنداق سوراپتۇ:
مۆھتىرەم شەيخ! ئاللاھتىن باشقىسىغا دۇئا قىلىپ ھاجەت سورايدىغان كىشىنىڭ ئارقىسىدا ناماز قىلىش دۇرۇس بولامدۇ؟ بۇنداق كىشىنىڭ ئارقىسىدا ناماز ئوقۇشنىڭ ھۆكمى نېمە؟
شەيخ ئىبنى باز:
ئاللاھقا شىرك قوشىدىغان كىشىنىڭ ئارقىسىدا ناماز ئوقۇغان كىشىنىڭ نامىزى دۇرۇس بولمايدۇ. ئاللاھتىن باشقىسىغا دۇئا قىلىپ ھاجىتىنى سورىغانلىكى مۇدەتتە، ئاللاھتىن باشقىسىغا مال بوغۇزلاپ قان ئېقىتقانلىكى مۇددەتتە ئۇنىڭ ئارقىسىدا ناماز ئوقۇلمايدۇ. چۈنكى، ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ نەزىرىدە كاپىرنىڭ كەينىدە ناماز ئوقۇلمايدۇ. كاپىرغا ئەگىشىپ ئوقۇلغان ناماز دۇرۇس بولمايدۇ. ئەھلى ئىلىم ئارىسىدا كاپىرنىڭ ئارقىسىدا ناماز ئوقۇشقا بولمايدىغانلىقى ھەققىدە ئىختىلاپ يوق. ئىختىلاپ بولغىنى، پاسىقنىڭ (يەنى دىندىن چىقمىغان، ئەمما بەزى گۇناھلارنى ياكى كۆپ خىل گۇناھلارنى يانماي قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ) ئارقىسىدا ناماز ئوقۇشقا بولامدۇ-بولمامدۇ، مەسلىسىدۇر.
رىياسەتچى: مۆھتەرەم شەيخ! ئاللاھ سىلىنى گۈزەل مۇكاپات بىلەن مۇكاپاتلىسۇن.
مەنبە: (شەيخ ئىبنى باز: نۇرۇن ئەلەد دەرب پەتىۋالىرى)
شەيخنىڭ بۇ پەتىۋاسىنىڭ ئاۋازلىق مەنبەسى:
Post Views: 0
شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ