يولدىشىنىڭ بالىلىرىنىڭ تالاق قىلىنغان ئۆگەي ئانىسىغا مەھرەم بولۇش مەسىلىسى
سوئال:
بىر ئايال مۇنداق دەپ سورايدۇ: ئاجرىشىپ كەتكەن ئۆگەي ئانىنىڭ، ئۆزىنى تالاق قىلغان ئېرىنىڭ بالىلىرىنىڭ (ئوغۇللىرىنىڭ) ئالدىدا ئوچۇق يۈرۈشى (يەنى ھىجابلانماسلىقى) دۇرۇس بولامدۇ؟
پەتىۋا بەرگۈچى: ئىمام ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ
جاۋاب:
شۇنداق، ئۇ ئايالنىڭ ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئوچۇق يۈرۈشى دۇرۇس بولىدۇ؛ چۈنكى ئۇ ئايال ئۇلارنىڭ ئاتىسىنىڭ ئايالى (يەنى ئۆگەي ئانىسى) دۇر. ئاللاھ تائالا (قۇرئان كەرىمدە) مۇنداق دەيدۇ: «ئاتىلىرىڭلار نىكاھىغا ئالغان ئاياللارنى نىكاھىڭلارغا ئالماڭلار» [نىسا سۈرىسى 22-ئايەتنىڭ بىر قىسمى].
دېمەك، ئاتىسىنىڭ ئايالى ئۇلار ئۈچۈن مەھرەمدۇر. گەرچە تالاق قىلىنغاندىن كېيىن ۋە ئۆلۈمدىن كېيىنمۇ، يەنى ئاتىسى ئۇ ئايالنى تالاق قىلىۋەتكەن ياكى ئاتىسى ۋاپات بولۇپ كەتكەن تەقدىردىمۇ، ئۇ ئايال ئۇلارغا (ئۆگەي بالىلىرىغا) نىسبەتەن مەھرەمدۇر. — مۇجتەھىد تورى تەرجىمىسى | mujtehid.com
