جاھالەت سەۋەبلىك ئۆلۈپ كەتكەن سالىھ كىشىلەرگە دۇئا قىلىپ ياردەم سورايدىغان ئانام ئۈچۈن مەغفىرەت سورىسام بولامدۇ؟

ئانام ئۆلۈپ كەتتى، ئۇ جاھالىتى سەۋەبلىك ئۆلۈپ كەتكەن سالىھ كىشىلەرگە دۇئا قىلىپ ياردەم سورايتتى، ئانام ئۈچۈن مەغفىرەت سوراپ دۇئا قىلسام بولامدۇ؟
پەتىۋا بەرگۈچى: پروفىسور، دوكتور سالىھ ئەلفەۋزان
تەرجىمە قىلغۇچى: قۇدرەت بارات
سوئال: ئانام ئۆلۈپ كەتتى، ئۇ جاھالەت سەۋەبلىك ئۆلۈپ كەتكەن سالىھ كىشىلەرگە دۇئا قىلىپ ياردەم سورايتتى، ئانام ئۈچۈن مەغفىرەت سوراپ دۇئا قىلسام دۇرۇس بولامدۇ؟
جاۋاب:
ياق. ئۇنىڭغا مەغفىرەت تىلەپ دۇئا قىلسىڭىز بولمايدۇ.
ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ:
{مَا كَانَ لِلنَّبِيِّ وَالَّذِينَ آمَنُوا أَنْ يَسْتَغْفِرُوا لِلْمُشْرِكِينَ وَلَوْ كَانُوا أُولِي قُرْبَى}
{مەيلى پەيغەمبەرنىڭ ۋەياكى مۆمىنلەرنىڭ مۇشرىكلار ئۈچۈن مەغفىرەت تىلىشى دۇرۇس ئەمەس. ئۇ مۇشرىكلار ئۇلارنىڭ يېقىن تۇغقىنى بولغان تەقدىردىمۇ شۇنداق.}
— سۈرە تەۋبە، 113-ئايەت
بۇنداق ئاتا-ئانىغا ئۆلگەندىن كېيىن مەغفىرەت تىلەش دۇرۇس ئەمەس. (شەيخنىڭ پەتىۋاسى تۈگىدى)

ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((من مات وهو يدعو لله ندا دخل النار)) «كىمكى (بىرەر نەرسىنى ياكى شەخىسنى) ئاللاھقا شىرك قىلىۋالغان ھالەتتە ئۆلسە دوزاخقا كىرىدۇ.» hedisim.com (بۇخارى 1238، مۇسلىم)

— مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ