ئىلىم ۋە دەۋەت - مۇجتەھىد پەتىۋا تورى
ناخشا – مۇزىكا ھالال دەپ پەتىۋا بەرگۈچىلەرنىڭ ھۆكمى | ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزان
ناخشا – مۇزىكا ھالال دەپ پەتىۋا بەرگۈچىلەرنىڭ ھۆكمى | ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزان
سوئال سورىغۇچى:
مۆھتەرەم شەيخ، زامانىمىزدا ناخشا – مۇزىكا ھالال دەپ پەتىۋا بېرىدىغان كىشىلەر ئوتتۇرىغا چىقتى. بۇ ھۆكۈم توغرا ھۆكۈممۇ؟
ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزان:
بۇ ھۆكۈم باتىل. مۆتىۋەر ئالىملار ناخشا – مۇزىكا ھالال دەپ پەتىۋا بەرمەيدۇ. ناخشا – مۇزىكىنى ھالاللاشتۇرۇپ پەتىۋا بېرىدىغانلار چوقۇمكى يا ئازغۇن كىشىلەردۇر ۋەياكى جاھىل، قارا قورساق كىشىلەردۇر. قۇرئاندىكى «بىھۇدە سۆز» ناخشىنى كۆررسىتىدۇ.
ئۇلۇغ ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتەئالا قۇرئاندا مۇنداق دەيدۇ:
﴿وَمِنَ النَّاسِ مَن يَشْتَرِي لَهْوَ الْحَدِيثِ لِيُضِلَّ عَن سَبِيلِ اللَّهِ بِغَيْرِ عِلْمٍ وَيَتَّخِذَهَا هُزُوًا ۚأُولَٰئِكَ لَهُمْ عَذَابٌ مُّهِينٌ ﴾
{ئىنسانلار ئارىسىدا شۇنداق كىشىلەر باركى، ئۇلار (ئۆزلىرى ئازغاننى ئازپ دەپ، ۋەھىينى ئاساس قىلغان، ئاللاھقا ئىتائەت ۋە ئىبادەتنى ۋۇجۇدقا چىقىرىدىغان ھەقىقىي توغرا ئىلىمدىن مەھرۇملۇق ئىچىدە،) ئىلىمسىز ھالدا ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازدۇرۇش ئۈچۈن ۋە ئاللاھنىڭ يولىنى مەسخىرە قىلىش ئۈچۈن باتىل سۆزلەرنى سېتىۋالىدۇ (ۋاقىت، زېھىن-پۇل مېلىنى باتىل سۆزلەر ئۈچۈن سەرپ قىلىدۇ.) بۇنداقلارغا (دوزاختا) خور قىلغۇچى جازا بار.} (لوقمان سۈرىسى، 6-ئايەت)
قۇرئاننى تاشلاپ، ناخشا – مۇزىكىنى تاللايدىغان گەپمۇ؟ بۇنداق قىلىش توغرا يولدىن ئېزىشتۇر. لاھەۋلە ۋەلا قۇۋۋەتە ئىللابىللاھ. (شەيخنىڭ پەتىۋاسى تۈگىدى)
مەنبە: https://www.youtube.com/watch?v=g-qBZIUTeuY
مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى | mujtehid.com
مەھشۇر ھەنەفىي ئالىمى، تەپسىرشۇناس ئەبۇ بەكرى جەسساس رەھىمەھۇللاھ بۇ ئايەتنى تەپسىرلەپ مۇنداق دېگەن: ئىبنى ئابباس ئاللاھ تائالانىڭ {كىشىلەر ئارىسىدا بىھۇدە سۆزنى سېتىۋالىدىغانلار بار} ئايىتىنى «ناخشىچى قىز-ئاياللارنى سېتىۋالغۇچىلار» دەپ تەپسىرلىگەن. ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇدمۇ مۇشۇنداق تەپسىرلىگەن. (أحكام القرآن للجصاص 3\448) mujtehid.com
بۈيۈك ساھابە ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇشۇ ئايەتتىكى {لَهْوَ الْحَدِيثِ}{باتىل سۆز} نى، «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بۇ ناخشىدۇر، دەپ ئۈچ قېتىم ئاللاھ نامىدا قەسەم قىلغان.» (قاراڭ: تەپسىر تەبەرى، تەپسىر بەغەۋى، تەپسىر ئىبنى كەسىر ۋە باشقىلار) mujtehid.com
ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا سۈرە فۇرقاندا تەقۋادار مۆمىنلەرنى سۈپەتلەپ مۇنداق دېگەن:
{وَالَّذِينَ لا يَشْهَدُونَ الزُّورَ} {ئۇلار زۇرغا شاھىد بولمايدۇ.}
مەھشۇر ھەنەفىي ئالىمى، تەپسىرشۇناس ئەبۇ بەكرى جەسساس رەھىمەھۇللاھ بۇن ئايەتنىڭ تەپسىرىدە مۇنداق دېگەن: ئايەتتىكى «زۇر» نى ئىمام ئەبۇ ھەنىفە «ناخشا» دېگەن. (أحكام القرآن للجصاص 3\448) mujtehid.com
ماترۇدىيلارنىڭ ئىمامى ئەبۇ مەنسۇر ماترۇدى (ھەنەفىي) (ۋاپاتى: 333) ئۆز تەپسىرىدە ﴿وَالَّذِينَ لا يَشْهَدُونَ الزُّورَ﴾ {ئۇلار زۇرغا شاھىد بولمايدۇ} دېگەن ئايەتنى «زۇر» دېگەن ناخشىدۇر، مەنىسى: (ئاللاھنىڭ ئىتائەتمەن بەندىلىرى) ناخشا ئېيتىلىدىغان جايلاردا ھازىر بولمايدۇ، دەپ تەپسىرلىگەن. (تفسير الماتريدي – تأويلات أهل السنة ٨/٤٣) mujtehid.com
ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((صوتان ملعونان في الدنيا والآخرة: مزمار عند نعمة ورنة عند مصيبة)) «دۇنيادىمۇ، ئاخىرەتتىمۇ لەنەتلەنگەن ئىككى خىل ئاۋاز باردۇر. ئۇلاردىن بىرى نېمەت-خۇشاللىق پەيتىدىكى سۇناي (قاتارلىق چالغۇ ئەسۋاپلىرىنىڭ) ئاۋازى، يەنە بىرى مۇسىبەت پەيتىدىكى نالە-پەرياد ئاۋازىدۇر.» hedisim.com (مۇسنەد بەززار 1\377؛ ئەلبانى «چالغۇ ئەسۋاپلىرىنىڭ ھاراملىقى» ناملىق ئەسىرىدە سەھىھ دېگەن) mujtehid.com
ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ شاگىرتى مۇھەممەد ئىبنى ھەسەن شەيبانى (ۋاپاتى: 159) «ھاراق-شاراپنى ئىچىشنى داۋام قىلغۇچىنىڭ، خېنىم مىجەز\ غىتمەك ئەركىشىنىڭ، كەپتەرۋازنىڭ، ناخشا بىلەن شۇغۇللانغۇچىنىڭ، ناخشىكەش ئايالنىڭ (ۋە ئەرنىڭ)، پۇل بەرسە ھازا تۇتۇپ يىغلاپ بېرىدىغان ھازىكەشنىڭ گۇۋاھلىقى قوبۇل قىلىنمايدۇ» دېگەن. (الأصل لمحمد بن الحسن، 11\511) mujtehid.com
The post ناخشا – مۇزىكا ھالال دەپ پەتىۋا بەرگۈچىلەرنىڭ ھۆكمى | ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزان first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
The post ناخشا – مۇزىكا ھالال دەپ پەتىۋا بەرگۈچىلەرنىڭ ھۆكمى | ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزان appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
سەھىھ ھەدىسلەرنى ئىخلاس بىلەن تارقاتقۇچۇلارغا رەسۇلۇللاھتىن بۈيۈك خۇشخەۋەر
ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم: ((نضَّر الله امرأً سمع منا شيئًا فبلّغه كما سمعه، فَرُبَّ مُبلَّغٍ أوْعى من سامعٍ)) «مەندىن بىر ھەدىسنى ئاڭلاپ، ئۇنى (باشقىلارغا) مەندىن ئاڭلىغىنى بويىچە يەتكۈزگەن كىشىنىڭ يۈزىنى ئاللاھ (قىيامەت كۈنى) نۇرلاندۇرۇپ، گۈزەللەشتۈرۈۋەتسۇن. ئۆزىگە ھەدىس يەتكۈزۈلگەن نۇرغۇن كىشىلەر باركى، ئۇ ھەدىسنى يەتكۈزگۈچىدىنمۇ بەكراق ياخشى چۈشىنەلەيدۇ.» hedisim.com (ئەھمەد 5\49؛ ئەبۇ داۋۇد 3175؛ تىرمىزى 2581؛ رىيازۇس سالىھىن 2581)
بۇ ھەدىس سەھىھ سۈننەتنى يەتكۈزگۈچىلەر ئۈچۈن بۈيۈك خۇش خەۋەردۇر.
ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەدىسنىڭ شەرھىدە مۇنداق دېگەن: بۇ ھەدىستىكىسى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ بىر ھەدىسىنى ئاڭلاپ، ئۇنى باشقىلارغا ئاڭلىغىنى بويىچە ئۆز پېتى يەتكۈزگەن كىشىنىڭ يۈزىنى ئاللاھنىڭ قىيامەت كۈنى نۇرلاندۇرۇپ، گۈزەللەشتۈرۈۋېتىشى ئۈچۈن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ قىلغان دۇئاسىدۇر.
«ئۆزىگە ھەدىس يەتكۈزۈلگەن نۇرغۇن كىشىلەر باركى، ئۇ ھەدىسنى يەتكۈزگۈچىنمۇ بەكراق ياخشى چۈ (شىنەلەيدۇ» — ھەدىسلەرنى ياخشى يادلاپ، باشقىلارغا يەتكۈزىدىغان ئالىملار بولغىنىدەك، ئۆزىگە يەتكۈزۈلگەن ھەدىسنى ئۆزىگە نەقىل قىلغۇچىلاردىنمۇ ياخشى چۈشەنگەن ۋە ئۇ ھەدىستىن نۇرغۇن ھۆكۈملەرنى چىقىرىپ، (مۇسۇلمانلارغا) تېخىمۇ مەنپەئەتلىك بولىدىغان ئالىملارمۇ بار. (شرح رياض الصالحين 4\523)
The post سەھىھ ھەدىسلەرنى ئىخلاس بىلەن تارقاتقۇچۇلارغا رەسۇلۇللاھتىن بۈيۈك خۇشخەۋەر first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
The post سەھىھ ھەدىسلەرنى ئىخلاس بىلەن تارقاتقۇچۇلارغا رەسۇلۇللاھتىن بۈيۈك خۇشخەۋەر appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
يېرىم-يالىڭاچ ئاياللارنىڭ رەسىمى بولغان ۋە باتىل مەزمۇنى بولغان كىتاب-ماتېرىياللارنى ئېلىپ-سېتىشنىڭ ھۆكمى
يېرىم-يالىڭاچ ئاياللارنىڭ رەسىمى بولغان ۋە باتىل مەزمۇنى بولغان كىتاب-ماتېرىياللارنى ئېلىپ-سېتىشنىڭ ھۆكمى
سوئال: بەزى گېزىتلەردە\ كىتاب-ماتېرىياللاردا يېرىم-يالىڭاچ ئاياللارنىڭ رەسىمى بار، ياكى ئىسلامغا قارشى يېزىلغان ماقالە-ئەسەرلەر بار، بۇنداق كىتاپ-ماتېرىياللارنى ئېلىپ-سېتىش دۇرۇسمۇ؟
پەتىۋا بەرگۈچى: ئەللامە ئابدۇلئەزىز راجىھىي رەھىمەھۇللاھ
جاۋاب:
(بۇ خىل كىتاب-ماتېرىياللارنى) ئېلىپ-سېتىش جائىز ئەمەس. ئەكسىچە، بۇنداق كىتاپ-ماتېرىياللارنى يوق قىلىۋېتىش ۋاجىپ. يېرىم-يالىڭاچ ئاياللارنىڭ رەسىملىرى بولغان گېزىت-ژۇرنال، كىتاب-ماتېرىياللارنى يوق قىلىۋېتىش، ياكى كۆيدۈرۈۋېتىش ۋاجىپ. شۇنىڭدەك، ئىسلامغا شۈبھە تاشلايدىغان كىتاب-ماتېرىياللارنى، ۋەياكى بىدئەتچىلەر يازغان كىتاپ-ماتېرىياللارنى يوق قىلىش ياكى كۆيدۈرۈۋېتىش ۋاجىپ. ئەمما، شەرئىي ئىلىمگە ئىگە بولغان تالىبۇل ئىلىم\ئەھلى ئىلىمنىڭ كۇفۇر ۋە بىدئەت مەزمۇن بولغان كىتاب ماتېرىياللاردىكى بۇزۇقلۇقنى، بىدئەتنى بايان قىلىپ ئاۋامنى بۇنىڭدىن ھەزەر ئەيلىتىش، ياكى شۇ كىتابنى يازغان بىدئەتچىگە رەددىيە بېرىش مەقسىتىدە، بۇنداق كىتابنى سېتىۋېلىشى جائىز بولىدۇ. (ئىلىم ساھىبىنىڭ رەددىيە بېرىش مەقسىتىدىن باشقا ھەر قانداق ئەھۋالدا بۇنداق كىتاپ-ماتېرىياللارنى ئېلىش ياكى سېتىش ھارام. شەھۋانىي مەزمۇندىكى، مۇھەببەت تېمىسىدىكى ھېكايە-رومانلارنى — مەيلى ئۇنىڭ قىسمەن بۆلىكىدە شەھۋانىي مەزمۇن بولسۇن، ياكى كۆپ مىقداردا شەھۋانىي مەزمۇن بولسۇن — ئېلىش-سېتىش ۋە ئوقۇشنىڭ ھۆكمىمۇ يۇقىرىقىغا ئوخشاش، ھارام.) (فتاوى منوعة – الراجحي 2\33) — مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى | mujtehid.com
The post يېرىم-يالىڭاچ ئاياللارنىڭ رەسىمى بولغان ۋە باتىل مەزمۇنى بولغان كىتاب-ماتېرىياللارنى ئېلىپ-سېتىشنىڭ ھۆكمى first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
The post يېرىم-يالىڭاچ ئاياللارنىڭ رەسىمى بولغان ۋە باتىل مەزمۇنى بولغان كىتاب-ماتېرىياللارنى ئېلىپ-سېتىشنىڭ ھۆكمى appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
پۇلۇمنى سەدىقە قىلايمۇ ياكى پايدىلىق شەرئىي كىتابلارنى سېتىۋالايمۇ؟ | ئىمام ئىبنى باز پەتىۋاسى
پۇلۇمنى سەدىقە قىلايمۇ ياكى پايدىلىق شەرئىي كىتابلارنى سېتىۋالايمۇ؟ | ئىمام ئىبنى باز پەتىۋاسى
ئىمام ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ بۇ سوئالغا مۇنداق پەتىۋا بەرگەن:
مەلۇم پۇل-مالغا ئىگە بولغان، شۇنداقلا شەرئىي ئىلىمگە ئېھتىياجى بولغان كىشى بۇ پۇلىغا ئۆزى ئۈچۈن پايدىلىق شەرئىي كىتابلارنى — مەسىلەن، سەھىھۇل بۇخارى، سەھىھۇل مۇسلىم، قىرىق ھەدىس، تەپسىر ئىبنى كەسىر، تەپسىر بەغەۋى، تەپسىر ئىبنى جەرىر، ئەلمۇغنى قاتارلىق كىتابلارنى — سېتىۋېلىپ پايدىلانسا، ياكى مەدرىس، مەكتەپ، جامىيلارغا ياكى بۇ خىل پايدىلىق شەرئىي كىتابلارغا ئېھتىياجى بولغان ئۆز پەرزەنتىگە، ياكى شەرئىي ئىلىم تەلەپ قىلغۇچىلارغا بەرسە، بۇنداق قىلىشى ئۇ پۇلنى سەدىقە قىلغاندىن ئەۋزەل. ئەمما، ئۇ پۇلنى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئارىسىدىكى پېقىر كىشىلەرگە، ياكى باشقا ھاجەتمەن كىشىلەرگە بەرسە بۇمۇ ياخشى، بۇنداق قىلىش سالىھ ئەمەل ئارقىلىق ئاللاھقا يېقىنلىشىش جۈملىسىدىن ھېسابلىنىدۇ. لېكىن، پايدىلىق شەرئىي كىتابلارغا ھاجەت بولغان ئەھۋال ئاستىدا، پايدىلىق شەرئىي كىتابلارغا پۇل-مال چىقىم قىلىش، ئۇ پۇلنى سەدىقە قىلىشتىن ئەۋزەلدۇر، بۇنىڭ پايدىسى تېخىمۇ ئۈستۈندۇر. [ئىمام ئىبنى باز: أفضلية اقتناء كتب العلم على الصدقة] — مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى | mujtehid.com
The post پۇلۇمنى سەدىقە قىلايمۇ ياكى پايدىلىق شەرئىي كىتابلارنى سېتىۋالايمۇ؟ | ئىمام ئىبنى باز پەتىۋاسى first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
The post پۇلۇمنى سەدىقە قىلايمۇ ياكى پايدىلىق شەرئىي كىتابلارنى سېتىۋالايمۇ؟ | ئىمام ئىبنى باز پەتىۋاسى appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسۇشنىڭ پەزىلىتى كېچىلىك ناماز ئوقۇشتىن ئەۋزەل | ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزان پەتىۋاسى
ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزان ھافىزەھۇللاھ مۇنداق پەتىۋا بەرگەن:
ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسۇشنىڭ پەزىلىتى كېچىلىك نامازنىڭ پەزىلىتىدىن ئۈستۈن. چۈنكى، بۇنىڭ پايدىسى كېچىلىك نامازنىڭ پايدىسىدىن كۆپ. ئەمما، كېچىلىك نامازنىڭ پايدىسى ئۇنى ئوقۇغۇچى شەخس بىلەنلا چەكلىنىدۇ. شەرىئەت كۆرسەتكەن شەكىلدە، ھېكمەتلىك ئۇسلۇبتا ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسۇشنىڭ پەزىلىتى كېچىلىك نامازنىڭ پەزىلىتىدىن ئۈستۈن. شۇنداقلا، شەرئىي ئىلىم تەلەپ قىلىشنىڭ — ئاللاھنىڭ دىنىنى ياخشى چۈشىنىشكە كۈچەشنىڭ پەزىلىتىمۇ كېچىلىك نامازنىڭ پەزىلىتىدىن ئۈستۈن. چۈنكى، بۇ (نىيەت دۇرۇس بولغانلا تەقدىردە) ھەم شۇ كىشى ئۈچۈن، كىشىلەر ئۈچۈن پايدىلىق.   ھەدىستە كەلگىنىدەك، ئالىمنىڭ پەزىلىتى ئابىدنىڭ پەزىلىتىگە نىسبەتەن ئاينىڭ يۇلتۇزلارغا نىسبەتەن ئۈستۈن پەزىلىتىگە ئوخشايدۇ. يۇلتۇزلارنىڭ نۇرى ئۆزى بىلەن، ئەمما ئاينىڭ نۇرىدىن بارچە ئىنسانلار مەنپەئەتلىنىدۇ. پايدىسى ھەسسىلىنىپ، باشقىلارغىمۇ مەنپەئەتى يېتىدىغان ئەمەل  — پايدىسى يەككە شەخس بىلەنلا چەكلىنىدىغان ئەمەلدىن  ئۈستۈن. بۇ ئەھلى ئىلىم ئارىسىدىكى قائىدىدۇر. [ئەللامە سالىھ فەۋزان: ما الأفضل قيام الليل أم الأمر بالمعروف والنهي عن المنكر] — مۇجتەھىد پەتىۋا تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى | mujtehid.com
The post ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسۇشنىڭ پەزىلىتى كېچىلىك ناماز ئوقۇشتىن ئەۋزەل | ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزان پەتىۋاسى first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
The post ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسۇشنىڭ پەزىلىتى كېچىلىك ناماز ئوقۇشتىن ئەۋزەل | ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزان پەتىۋاسى appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
شەرئىي ئىلىم ئۆگىنىش ۋە ئەمەل قىلىش كىشىنى ئاللاھقا ھەممىدىن بەك يېقىنلاشتۇرىدۇ
ھەقىقىي بەخىتلىك مۇسۇلمان شەرئىي ئىلىمگە ئۆزىنى ئاتىغان ۋە ئۆگەنگىنىگە قولىدىن كېلىشىچە ئەمەل قىلغان مۇسۇلماندۇر. شەرئىي ئىلىم ئۆگىنىش ۋە ئۆگەنگەنلىرىگە پۈتۈن كۈچى بىلەن ئەمەل قىلىش كىشىنى ئاللاھقا ھەممىدىن بەك يېقىنلاشتۇرىدۇ.
ئاللاھ قۇرئاندا مۇنداق دەيدۇ: {وَقُل رَّبِّ زِدْنِي عِلْمًا} {«ئى پەرۋەردىگارىم! ئىلمىمنى زىيادە قىلغىن!» دېگىن} (سۈرە تاھا، 114)
كۈنىمىزنىڭ ئەڭ كەم بىر سائىتىنى شەرئىي ئىلىم ئۈچۈن ئاجرىتىش بىزنى دۇنيادىكى نۇرغۇن مۇسىبەتلەردىن ۋە ئاخىرەتتىكى قاتتىق ئازابتىن قۇتقۇزۇپ قېلىشتىكى ئەڭ مۇھىم دىنىي ئىبادەتتۇر.
ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ قۇرئان يادلاڭ ۋە ئەمەل قىلىڭ، ھەدىس يادلاڭ ۋە يادلىغان ھەدىسلىرىڭىزگە ئەمەل قىلىڭ. ئىسلام دۇنياسىغا داڭلىق مۆتىۋەر فىقھى كىتابلىرىنى ئوقۇپ ئىبادەتنى توغرا قىلىشقا، ئېتىقادىڭىزنى رۇسلاشقا ۋە كۈچەيتىشكە تىنىمسىز تىرىشىڭ. شەرئىي ئىلىمدىن ھېچنەرسىنى كىچىك كۆرمەڭ.
دۇنيا ۋە ئۇنىڭ ئەرزىمەس نېمەتلىرى كۆزىڭىزگە كىچىك كۆرۈنسۇن، دىنىي ئىلىم، ئەمەل ئىبادەت ۋە ئاخىرەت يۇرتىدىكى مەڭگۈلۈك بەخت سائادەت سىز ئۈچۈن ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرسۇن.
دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ پۈتكۈل بەخت-سائادىتى مانا مۇشۇنىڭدىدۇر.
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: صاحب العلم يستغفر له كل شيء حتى الحوت في البحر «ئۆگەنگەن شەرئىي ئىلىمىگە ئەمەل قىلىدىغان ئىلىم ئىگىسى ئۈچۈن دېڭىزدىكى بېلىقلارغا قەدەر، ھەممە نەرسە ئۇنىڭ ئۈچۈن مەغفىرەت تەلەپ قىلىدۇ.» (الصحيحة ٣٠٢٤؛ السراج المنير في ترتيب أحاديث صحيح الجامع الصغير ٢٣٩؛ سەھىھ ھەدىس)
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: طلب العلم فريضة على كل مسلم «شەرئىي ئىلىم ئۆگىنىش بارچە مۇسۇلمانلارغا پەرز ئەيندۇر.» (المشكاة ٨٦؛ السراج المنير في ترتيب أحاديث صحيح الجامع الصغير ٢٤٠)
— فۇرقان دەۋەت مەركىزى تەييارلىدى
The post شەرئىي ئىلىم ئۆگىنىش ۋە ئەمەل قىلىش كىشىنى ئاللاھقا ھەممىدىن بەك يېقىنلاشتۇرىدۇ first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
The post شەرئىي ئىلىم ئۆگىنىش ۋە ئەمەل قىلىش كىشىنى ئاللاھقا ھەممىدىن بەك يېقىنلاشتۇرىدۇ appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
ئېسىل ئىسلام ئالىملىرىنىڭ تور بەتلىرى (ئەرەپچە)
ئەرەپچىدىن پايدىلىنالايدىغانلار ئۈچۈن
رەببانىي ئالىملارنىڭ پەتىۋا، ماقالە، رىسالە، ئەسەرلىرىنى ئىزدىگۈچىلەر ئۈچۈن بەك مۇھىم مەنبەلەر:
ئىمام ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھنىڭ تور بېتى (زىيارەت قىلىش ئۈچۈن چېكىڭ)
ئىمام مۇھەممەدسالىھ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھنىڭ تور بېتى (زىيارەت قىلىش ئۈچۈن چېكىڭ)
ئىمام مۇھەممەد ناسىرۇددىن ئەلبانى رەھىمەھۇللاھنىڭ تور بېتى (زىيارەت قىلىش ئۈچۈن چېكىڭ)
ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزاننىڭ تور بېتى (زىيارەت قىلىش ئۈچۈن چېكىڭ)
ئەللامە ئابدۇراھمان ناسىر ئەلبەرراكنىڭ تور بېتى (زىيارەت قىلىش ئۈچۈن چېكىڭ)
ئەللامە ئابدۇلكەرىم خۇدەيرنىڭ تور بېتى (زىيارەت قىلىش ئۈچۈن چېكىڭ)
The post ئېسىل ئىسلام ئالىملىرىنىڭ تور بەتلىرى (ئەرەپچە) first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
The post ئېسىل ئىسلام ئالىملىرىنىڭ تور بەتلىرى (ئەرەپچە) appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
مەشھۇر ئالىمنىڭ ھۆكمى بىلەن سەھىھ ھەدىسنىڭ ھۆكمى زىت كەلسە قانداق قىلىمىز؟ | ئىمام ئىبنى قەييىم
شەيخۇل ئىسلام، ئىمام ئىبنى قەييىم بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن:
ئاللاھنىڭ بىزدىكى ھەققى ھېسابلانغان، ئەمەل قىلماسلىقىمىز مۇمكىن بولمىغان پرىنسىپ شۇكى، بىر مەسىلە ھەققىدە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن سەھىھ ھەدىس كەلگەن بولسا، ئۇ سەھىھ ھەدىسنىڭ ھۆكمى ئەمەلدىن قالدۇرىدىغان باشقا بىر سەھىھ ھەدىس بولمىغانلىكى تەقدىردە، بىزگە ۋە ئۈممەتكە پەرز بولغىنى — سەھىھ ھەدىسنى قوبۇل قىلىش، سەھىھ ھەدىسكە زىت كەلگەن ھۆكۈم-كۆز قاراشلارنى تەرك ئېتىشتۇر. ئۆزى سەھىھ بولغان، ئۇنى ئەمەلدىن قالدۇرىدىغان باشقا سەھىھ ھەدىس بولمىغان ئەھۋالدا، بىز مەزكۇر سەھىھ ھەدىسنىڭ ھۆكمىگە زىت ھۆكۈم-كۆز قاراشنى بەرگۈچى كىم بولىشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇنىڭ سەھىھ ھەدىسكە زىت ھۆكمىنى قوبۇل قىلىش ئارقىلىق سەھىھ ھەدىسنى رەت قىلىش ھەققىمىز بولمايدۇ. ئەگەر بىر سەھىھ ھەدىس بىر ھەدىس راۋىيسى، ھەدىس ئالىمى تەرىپىدىن نەقىل قىلىنغان، ئەمما، شۇ  ھەدىسنى رىۋايەت قىلغان شۇ ھەدىس، فىقھ ئالىمى ھۆكۈم \ پەتىۋا بەرگەندە ئۆزى باشقا يەردە، باشقا سورۇندا رىۋايەت قىلغان سەھىھ ھەدىسنىڭ ھۆكمىگە زىت ھۆكۈم بېرىپ قويغان بولسا، بەلكىم ئۇ ھۆكۈم بەرگەن چاغدا ئۆزى رىۋايەت قىلغان سەھىھ ھەدىسنى ئۇنتۇپ قالغان بولۇشى مۇمكىن. پەتىۋا بەرگەندە ئۆزى باشقا چاغدا رىۋايەت قىلغان سەھىھ ھەدىس يادىغا كەلمىگەن بولۇشى مۇمكىن بولغىنىدەك، ئۇ ھەدىسنى شۇ ھەقتىكى ھۆكۈمگە دەلىل بولىدۇ، دەپ قارىمىغان بولۇشىمۇ مۇمكىن؛ شۇنداقلا، باشقا بىر ھەدىسنىڭ شۇ مەزمۇندىكى ئۆزى رىۋايەت قىلغان ھەدىس بىلەن زىت كېلىدىغانلىقى قانائىتىگە بېرىپ، ئۆزى رىۋايەت قىلغان سەھىھ ھەدىس بويىچە ھۆكۈم بەرمىگەن بولۇشىمۇ مۇمكىن. ۋەياكى، ھەدىسكە زىت پەتىۋا بەرگەن بىرىنىڭ پەتىۋا بېرىلگەن مەسىلىنى ئۆزىدىنمۇ ياخشى بىلگەن بولۇشىغا قانائەت كەلتۈرۈپ، ھەدىسنى قويۇپ، ئاشۇ كىشىنىڭ قارىشى بويىچە پەتىۋا بەرگەن بولۇشى مۇمكىن. بۇلارنىڭ ھېچبىرى مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى نەزەرگە ئالغان تەقدىردىمۇ، ھەدىس رىۋايەت قىلىدىغان راۋىيلارنىڭ خاتالىقتىن ۋە گۇناھتىن خالىي ئەمەسلىكى ھەممىگە ئايدىڭ مەسىلىدۇر. شۇ ۋەجىدىن، ھەدىسنى رىۋايەت قىلغان كىشىنىڭ ئۆزى رىۋايەت قىلغان ھەدىسكە زىت ھەرىكەت قىلىشى ياكى زىت پەتىۋا بېرىشى، ئۇنىڭ يامانلىقلىرىنىڭ ياخشىلىقلىرىدىن كۆپ بولۇپ كەتكەن ھالەتكە كەلمىگۈچە، ئۇنى ئادالەتسىز ھەدىس راۋىيسى قىلىۋېتەلمەيدۇ. يالغۇز بىر سەھىھ ھەدىسكە زىت ھەرىكەت ياكى ھۆكۈمدە بولغان ھەدىس راۋىيسى ھەدىسىنىڭ قوبۇل قىلىنىش شەرتىدىن بىرى بولغان «ئادالەت» شەرتىدىن مەھرۇم ھېسابلانمايدۇ. [ئىمام ئىبنى قەييىم: ئىئلامۇم مۇۋەققىئىين 2\74]
[خۇلاسىكالام، سەھىھ ھەدىسكە ھەممىنىڭ ئەمەل قىلىشى پەرز، قانچە بۈيۈك ئالىم بولسۇن، سەھىھ ھەدىسكە زىت ھۆكۈم بېرىپ قويغان بولسا، خاتالىشىپ قالغان بولىدۇ. سەھىھ ھەدىسنى تاشلاپ، ئالىمنىڭ ياكى ئالىم بولىۋالغۇچىنىڭ سەھىھ ھەدىسكە زىت ھۆكمىنى تۇتۇش ھېچبىر زامان توغرا بولمايدۇ. بىردىنبىر توغرا بولغىنى، سەھىھ ھەدىسكە زىت ھەر قانداق ھۆكۈم، كۆز قاراشلارنى تاشلاپ، سەھىھ ھەدىسنىڭ ھۆكمىنى تۇتۇشتۇر.]
ئىمام ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھنىڭ بۇيرۇقىغا ئىتائەت قىلىش پەرز بولغانلىقتىن – ئۇ بۇيرۇقنىڭ مۇستەھەبلىككە ياكى باشقا ھۆكۈمگە ماڭىدىغانلىقىغا ئېنىق دەلىل بولمىغانلا تەقدىردە -رەسۇلۇللاھنىڭ بۇيرۇقىنى بەجا كەلتۈرمەسلىك ھارام ھېسابلىنىدۇ.(فەتھۇل بارى 13/425)
ئىمام ئىبنى باتتال رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: ھەر قانداق كىشى بىلمەستىن ياكى خاتالىشىپ قېلىپ سۈننەتكە ئۇيغۇن ئەمەس ھۆكۈم چىقارسا ئۇنىڭ سۈننەتكە قايتىشى، سۈننەتكە زىت نەرسىنى تاشلىشى پەرز. مانا بۇ سۈننەتكە ئېسىلىشنىڭ دەل ئۆزىدۇر.»(فەتھۇل بارى 13/405)
تابىئىن ئىمام مەسرۇق رەھىمەھۇللاھتىن «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ھەدىسىگە خىلاپ ھەرىكەت قىلغۇچىنى يامان كۆرۈش كىشىنى ساۋابقا نائىل قىلامدۇ؟» دەپ سورىغاندا، مەسرۇق رەھىمەھۇللاھ «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، شۇنداق» دەپ جاۋاپ بەرگەن. (ئىمام ئىبنى قەييىم: ئىئلامۇل مۇۋەققىئىين 2\590)
— مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
The post مەشھۇر ئالىمنىڭ ھۆكمى بىلەن سەھىھ ھەدىسنىڭ ھۆكمى زىت كەلسە قانداق قىلىمىز؟ | ئىمام ئىبنى قەييىم first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
The post مەشھۇر ئالىمنىڭ ھۆكمى بىلەن سەھىھ ھەدىسنىڭ ھۆكمى زىت كەلسە قانداق قىلىمىز؟ | ئىمام ئىبنى قەييىم appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
مەزھەپكە ئەگىشىش پەرزمۇ ياكى سەھىھ ھەدىسكە ئەگىشىشمۇ؟ | ئىمام ئىبنى قەييىم
مەزھەپكە ئەگىشىش پەرزمۇ ياكى سەھىھ ھەدىسكە ئەگىشىش پەرزمۇ؟
شەيخۇل ئىسلام، ئىمام ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ «ئىئلامۇل مۇۋەققىئىين» ناملىق ئەسىرىدە بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن:
«ئاۋام خەلقنىڭ ھەممىگە مەشھۇر بولغان فىقھىي مەزھەپلىرىدىن بىرىگە ئەگىشىشى كېرەكمۇ يوق» دېگەن مەسىلى ھەققىدە ئىككى خىل كۆز قاراش مەۋجۇت. بىرىنچىسى، «كىشىنىڭ مۇئەييەن بىر مەزھەپكە ئەگىشىشى كېرەك ئەمەس» دېگەن ھۆكۈم بولۇپ، شەكسىز توغرا بولغىنى مۇشۇ ھۆكۈمدۇر. چۈنكى، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى مەجبۇرىيەت قىلمىغان بىر ئىشنى باشقا ھېچكىمنىڭ مەجبۇرىيەت قىلىش ھوقۇقى بولمايدۇ. ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى ھېچقاچان بۇ ئۈممەتنىڭ مەزھەپلەردىن بىرىگە ئەگىشىشى كېرەكلىكىنى، ئۆزى ئەگەشكەن مەزھەپكە مەھكەم باغلىنىپ، باشقا مەزھەپلەردىن ئۇزاق تۇرۇشى كېرەكلىكىنى بۇيرۇغان ئەمەس. پەزىلەتلىك دەۋرلەر (يەن ساھابە، تابىئىن، ئىزباسار تابىئىن دەۋرلىرى) بۇنداق («مەزھەپتىن بىرىگە چىڭ ئېسىلىش كېرەك» دەيدىغان ۋە كىشىنى بۇنىڭغا مەجبۇر قىلىدىغان) ئىجرائاتلاردىن خالىي ھالدا ئۆتكەن. ئەگەر ئاۋام بىرەر مەزھەپكە باغلانغان تەقدىردىمۇ، ئاۋامنىڭ مەزھەپكە باغلىنىشى توغرا بولمايدۇ. ئاۋام خەلقنىڭ مەزھىپى بولمايدۇ. چۈنكى، مەزھەپ تۇتۇش — شەرئىي ھۆكۈم ۋە كۆز قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئىمكانىغا ئىگە بولغان، ئىمكانىغا يارىشا مەزھەپلەرنى تەتقىق قىلغانلارغا، ياكى مۇئەييەن بىر مەزھەپنىڭ فىقھى كىتابلىرىنى ئوقۇپ، مەزھەپ ئىماملىرىنىڭ پەتىۋا، كۆز قاراشلىرىنى بىلگەن كىشىلەرگە مۇناسىۋەتلىك ئىشتۇر. (ئاۋام خەلقنىڭ بۇنداق ئىمكانى بولمايدۇ.) بۇنداق بىر ئىمكان ۋە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولمىغان تۇرۇپمۇ «مەن شافىي مەزھىپىدە»، «مەن ھەنبەلىي مەزھىپىدە» («مەن ھەنەپىي مەزھىپىدە») دەپ قويۇش بىلەنلا، كىشى شافىي ياكى ھەنبەلىي بولۇپ قالمايدۇ. شۇنىڭدەك، كىشى «مەن فەقىھ»، «مەن گرامماتىكىشۇناس»، «مەن يازغۇچى» دەپ قويۇش بىلەنلا، راست مۇشۇنداق بولۇپ قالمايدۇ.
مەن شافىي، مەن مالىكىي، مەن ھەنەفىي دېگەن كىشى ئۆزىنىڭ ئۆزى داۋا قىلغان ئىمامغا تەۋە ئىكەنلىكىگە، ئۇنىڭ يولىدىن ماڭغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. بۇ داۋالار پەقەت ئىلىم، مەرىپەت ۋە ئىستىدلال جەھەتلەردە ئىماملاردىن بىرىنىڭ يولىنى تۇتقان كىشى ئۈچۈن كۈچكە ئىگە بولۇشى مۇمكىن. بۇلاردىن خەۋەرسىز ھالدا، ئۆزى داۋا قىلغان ئىمامنىڭ ئىلىم، يول ۋە مەنھىجىدىن بەكمۇ ئۇزاق ھالەتتە تۇرۇپ، «مەن پالانچى مەزھەپتە» دەپ داۋا قىلىپ، ئۆزىنى مۇئەييەن بىر مۇجتەھىد ئىمامغا نىسبەت بېرىشى قانداقمۇ توغرا بولسۇن؟
ئاۋام خەلقنىڭ سەھىھ بىر مەزھىپىنىڭ بولۇشىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ. تەسەۋۋۇر قىلىنغان تەقدىردىمۇ، بۇ تەسەۋۋۇرنىڭ ھېچبىر قىممىتى يوقتۇر. ھېچكىشىنىڭ بىر مەزھەپنى تۇتۇپ، بىر مەزھەپنى تاشلاش\ ئۇنىڭدىن ئۇزاق تۇرۇش ئارقىلىق بۇ ئۈممەتنىڭ مۇجەھىد ئالىملىرىدىن بىرىنىڭ مەزھىبىگە تەۋە بولۇشى كېرەك ئەمەس.
مۇئەييەن مەزھەپتىن بىرىگە ئەگىشىش پەرز، دېگەن بۇ داۋا بۇ ئۈممەتنىڭ ئارىسىدا ئوتتۇرىغا چىققان، بەكمۇ قەبىھ بىدئەتتۇر. مۇجتەھىد ئىماملاردىن ھېچبىرى «كىشىنىڭ فىقھىي مەزھەپلەردىن بىرىگە ئەگىشىشى پەرز» دېگەن ئەمەس. مۇجتەھىد ئىماملار ئۈممەتكە بۇنداق پەرزنى  زورلاپ تېڭىشتىن ئۇزاق؛ ئاللاھ ۋە رەسۇلىنى بىلىدىغان، ئاللاھنىڭ ۋە رەسۇلىنىڭ ھۆكۈملىرىنى بىلىدىغان؛ دەرىجە، مەرتىۋە جەھەتتە ئۆزىدىن كېيىنكى ھەر كىمدىن ئۈستۈن زاتلار ئىدى. «مۇجتەھىد ئالىملاردىن بىر ئالىمنىڭ مەزھىپىگە باغلىنىش ۋاجىپ»، «تۆت مەزھەپتىن بىرىگە باغلىنىش ۋاجىپ» دېگەن سۆزلەرنىڭ ھەممىسى رەت قىلىنىدىغان، ئاساسسىز سۆزلەردۇر.
نەقەدەر ھەيران قالارلىق-ھە! رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ، تابىئىن ۋە تەبەئىي تابىئىنلارنىڭ، شۇنداقلا باشقا ئىماملارنىڭ مەزھەپلىرى يەر يۈزىدىن تامامەن يوقۇلۇپ كېتىپ، بارچە ئىمام ۋە فەقىھلەرنىڭ ئارىسىدا پەقەت تۆت ئالىمنىڭ مەزھىپىلا قېلىپ قالغانمىكىنە؟! ئىماملاردىن تۆت مەزھەپكە ئەگىشىش پەرز دېگەن، بۇنداق بىر تەشۋىقاتقا يەڭ شىمايلىغان، ئېيتقان سۆزلىرىنىڭ بىرەر جۈملىسى مۇشۇ مەناغا ماڭىدىغان بىرەر ئىمام بارمۇ؟ ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى ساھابە، تابىئىن ۋە تەبەئىي تابىئىنغا پەرز قىلغان ئىش — قىيامەتكە قەدەر كېلىدىغان بارچە ئىنسانلارغىمۇ پەرز قىلىنغاندۇر. ۋەزىپە-مەسئۇلىيەتلەرنىڭ شەكىل ۋە مىقدارى ئىمكان، ئىمكانسىزلىق، زامان ۋە ماكانغا يارىشا ئۆزگەرسىمۇ، ۋەزىپە-مەسئۇلىيەتلەر ئۇل ئاساس نۇقتىسىدىن ئۆزگەرمەيدۇ، (مەلۇم بىر دەۋردە ياشىغان مۇسۇلمانلار ئىسلامدا شەرىئەت قىلىپ بەلگىلەنگەن مۇئەييەن بىر مەسىلىدە مۇئەييەن بىر يولنى، باشقا بىر دەۋردە ياشىغان مۇسۇلمانلار ئۇ مەسىلىدە باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان يەنە بىر يولنى تۇتىدىغان شەكىلدە) پەرقلىق بولمايدۇ. كىشى قايسى دەۋردە ياشىغان بولسا بولسۇن، ئۇلارنىڭ مەسئۇلىيىتى ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى پەرز قىلىپ بەلگىلىگەن قانۇن، شەرىئەتكە بويسۇنۇشتۇر. (پەزىلەتلىك ئۈچ ئەۋلاد ئەجداد مۇسۇلمانلار دەۋرىدە مۇئەييەن بىرەر مەزھەپكە ئەگىشىش پەرز بولمىغىنىدەك، باشقا دەۋرلەردىمۇ ئوخشاشلا پەرز بولمايدۇ.)
ئاۋام خەلقنىڭ مۇئەييەن بىر مەزھەپكە ئەگىشىشى كېرەكلىكى مەيدانىنى تۇتقانلار «مۇئەييەن مەزھەپكە ئەگەشكەن ئاۋام-خەلق ئۆزى باغلانغان مەزھەپنى ھەق دەپ قارايدۇ. شۇ سەۋەبلىك، مۇشۇ قەتئىي چۈشەنچىسىگە ئەمەل قىلىشى (مەزھەپلەردىن بىرىگە باغلىنىشى) كېرەك» دېيىشكەن. بۇنداق دەيدىغان كىشىلەرنىڭ بۇ سۆزلىرى توغرا بولغان تەقدىردە، مەزھەپكە ئەگەشكەن كىشىنىڭ ئۆز مەزھىپىگە تەۋە ئالىملاردىن باشقىسىدىن پەتىۋا سورىشى، مەزھەپ ئىمامىغا تەڭداش ياكى ئۈستۈن بولغان باشقا بىر ئىمامنىڭ مەزھىپىگە كۆچۈشى قاتارلىقلارنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى سۆزلىشىمۇ توغرا بولغان ۋە كېرەك بولغان بولاتتى. (بۇنداق دېيىش ھېچبىر ئالىمنىڭ نەزىرىدە توغرا ئەمەس.) شۇ ۋەجىدىن، كىشىلەرگە بۇنداق پەرزلەرنى تېڭىشنىڭ خاتا بولۇشى، تېڭىلغان بۇ پەرزلەردىن مەيدانغا كېلىدىغان نەتىجىلەرنىڭ خاتا بولۇشىغا يول ئاچىدۇ. ئۆزى ئەگەشكەنلىكىنى داۋا قىلغان مەزھەپنىڭ  تامامەن ھەقلىقىگە شەكسىز ئىشەنچ قىلغان كىشى، ئۆزى ھەق دەپ ئەگەشكەن مەزھەپتىكى بىرەر ھۆكۈم رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ شۇ ھەقتىكى بىرەر سەھىھ ھەدىسى بىلەن، ياكى تۆت خەلىپىنىڭ بىرەر ھۆكمى بىلەن قارشىلىشىپ قالسا، رەسۇلۇللاھتىن كەلگەن دەلىل بىلەن ساھابىلەردىن كەلگەن دەلىلنى تاشلاپ، ئۆزى ئەگەشكەن ئىمامنىڭ ھۆكمىنى تۇتۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. (بۇنداق قىلىش ھەر قانداق ئەھۋالدا ھارامدۇر، ئېغىر جىنايەتتۇر، رەسۇلۇللاھقا ئاسىيلىق قىلىپ، رەسۇلۇللاھقا ئىتائەتتىن ۋە رەسۇلۇللاھقا ئەگىشىشتىن يۈز ئۆرىگەنلىكتۇر. ئىسلام ئۆلىمالىرىنىڭ بىردەك ئىتتىپاقى بىلەن، رەسۇلۇللاھتىن كەلگەن سەھىھ ھۆكۈمگە ئەگىشىش ۋاجىپ، بۇنىڭ ئەكسىنى تۇتۇۋېلىش جىنايەتتۇر.)
كىشىنىڭ تۆت مەزھەپ ئىمامىدىن ياكى باشقا ئالىملاردىن پەتىۋا سورىشى توغرا. مەيلى پەتىۋا سورىغۇچىنىڭ، مەيلى پەتىۋا بەرگۈچى مۇپتىنىڭ تۆت مەزھەپ ئىمامىدىن بىرەرسى بىلەن ئۆزىنى چەكلىۋېلىشى ۋاجىپ ئەمەس، ئۈممەتنىڭ بۇ ھەقتىكى ئىجمائى (ئىتتىپاقى) مۇشۇنداقتۇر. شۇنىڭدەك، بىر ئالىمنىڭ ئۆزى بىلەن يۇرتداش بولغان مۇھەددىسلەرنىڭ ھەدىسىنى قوبۇل قىلىپ، باشقا يۇرتنىڭ مۇھەددىسلىرىنىڭ ھەدىسلىرىنى تەرك ئېتىشىمۇ ۋاجىپ ئەمەس. دەل ئەكسىچە، ئەگەر ھەدىس سەھىھلا بولسا، مەيلى ھىجازلىق، مەيلى ئىراقلىق، مەيلى شاملىق، مەيلى مىسىرلىق ۋە ياكى يەمەنلىك، جۈملىدىن بارچە مۇسۇلماننىڭ شۇ ھەدىسنىڭ ھۆكمى بويىچە ئەمەل قىلىشى پەرز بولىدۇ. [ئىمام ئىبنى قەييىم: ئىئلامۇل مۇۋەققىئىين 2\684] [ئىمام ئىبنى قەييىمنىڭ سۆزلىرى مۇشۇ يەردە ئاياقلاشتى.]
ئىمام ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھنىڭ بۇيرۇقىغا ئىتائەت قىلىش پەرز بولغانلىقتىن – ئۇ بۇيرۇقنىڭ مۇستەھەبلىككە ياكى باشقا ھۆكۈمگە ماڭىدىغانلىقىغا ئېنىق دەلىل بولمىغانلا تەقدىردە -رەسۇلۇللاھنىڭ بۇيرۇقىنى بەجا كەلتۈرمەسلىك ھارام ھېسابلىنىدۇ.(فەتھۇل بارى 13/425)
ئىمام ئىبنى باتتال رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: ھەر قانداق كىشى بىلمەستىن ياكى خاتالىشىپ قېلىپ سۈننەتكە ئۇيغۇن ئەمەس ھۆكۈم چىقارسا ئۇنىڭ سۈننەتكە قايتىشى، سۈننەتكە زىت نەرسىنى تاشلىشى پەرز. مانا بۇ سۈننەتكە ئېسىلىشنىڭ دەل ئۆزىدۇر.»(فەتھۇل بارى 13/405)
— مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
The post مەزھەپكە ئەگىشىش پەرزمۇ ياكى سەھىھ ھەدىسكە ئەگىشىشمۇ؟ | ئىمام ئىبنى قەييىم first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
The post مەزھەپكە ئەگىشىش پەرزمۇ ياكى سەھىھ ھەدىسكە ئەگىشىشمۇ؟ | ئىمام ئىبنى قەييىم appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
ئائىلەمنى بېقىش ئۈچۈن دىنىي ئىلىم ئېلىشنى توختاتسام بولامدۇ؟ | سالىھ فەۋزان پەتىۋاسى
ئائىلەمنى بېقىش ئۈچۈن دىنىي ئىلىم ئېلىشنى توختاتسام بولامدۇ؟
پەتىۋا بەرگۈچى: ئەللامە سالىھ فەۋزان
سوئال: مەن بىر شەرئىي ئىلىم تەلەپ قىلىۋاتقان تالىپ. ئائىلەمنىڭ ئىقتىسادىي شارائىتى ناھايىتى ناچار. بۇ ۋەجىدىم، مېنىڭ رىزق ئىزدەپ ئىشلەپ، تىجارەت قىلىشىم، بۇ ئارقىلىق ئائىلەمگە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم بېرىشىم ئىلىم تەھسىل قىلىشىمغا قارىغاندا ياخشى بولامدۇ؟
شەيخ بۇ سوئالغا مۇنداق جاۋاپ بەرگەن:
شۇنداق. ئەگەر ئەھۋال مۇشۇنداق بولسا، سىزنىڭ ئۆزىڭىز ۋە ئائىلىڭىز ئۈچۈن رىزق تەلەپ قىلىپ ئىشلەپ-خىزمەت قىلىشىڭىز ئىلىم ئۆگىنىشىڭىزدىن ئەۋزەلدۇر.
ئەگەر شەرئىي ئىلىم تەھسىل قىلىش بىلەن رىزق تەلەپ قىلىشنى تەڭ ئېلىپ بارالىسىڭىز، شۇنداق قىلسىڭىز بولىدۇ. دەرس پەيتىدە دەرسكە قاتنىشىپ، ئاندىن قايتىپ بېرىپ ئىشلىسىڭىز، مۇشۇ ھالەتتە رىزق تەلەپ قىلىش بىلەن ئىلىم تەلەپ قىلىشنى بىرلەشتۈرسىڭىز بولىدۇ. [ئەللامە سالىھ فەۋزان پەتىۋاسى]
— مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
سەلەپ سالىھىننىڭ دىننى دۇنيا تېپىشقا ۋاسىتە قىلىشنى قاتتىق ئەيىپلىشى، ھالالدىن ئىشلەپ تېپىپ يېيىشكە تەرغىپ قىلىشى
مۇجتەھىد تورى تەييارلىدى | mujtehid.com
ئىمام سۇفيان سەۋرى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «ئەركەكلەرنىڭ يولىنى لازىم تۇتۇپ، كىرىمىڭنى ھالال يولدىن ھۈنەر-كەسىپ قىلىش بىلەن تاپ ۋە ئائىلە بالا-چاقىلىرىڭغا (ھالال تاپقىنىڭدىن) خىراجەت قىل.» mujtehid.com (حلية الأولياء 5\229)
سۇفيان سەۋرى مۇنداق دېگەن: «ئى قۇرئان يادقا ئالغۇچىلار! بېشىڭلارنى كۆتۈرۈڭلار! ئاللاھتىن قورقۇشتا بەدىنىڭلاردا ئىزھار بولغىنى قەلبىڭلاردا يىلتىز تارتقىنىدىن ئارتۇق بولۇپ قالمىسۇن. (يەنى، قەلبىڭلاردا ئاللاھتىن بوشراق قورقۇپ تۇرۇغلۇق، سۆز-ھەرىكىتىڭلاردا ئاللاھتىن بەك قورقىدىغاندەك بولىۋالماڭلار.) رىزق يوللىرى ئوچۇق ئاشكارىدۇر، رىزق تەلەپ قىلىشتا (ھالالدىن ھۈنەر-كەسىپ قىلىپ ئىشلەش ئارقىلىق) گۈزەل يول تۇتۇڭلار. (ئىشلىمەي يېتىۋېلىپ) مۇسۇلمانلارغا يۈك بولۇپ قالماڭلار.» mujtehid.com (حلية الأولياء 5\288)
سۇفيان سەۋرى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق بايان قىلىدۇ: بەسرەگە بارغىنىمدا شەيخ يۇنۇس ئىبنى ئۇبەيدنىڭ يېنىدا ئولتۇردۇم. ئۇ يەردە بەئەينى بېشىغا قۇش قونىۋالغاچقا قۇش ئۇچۇپ كەتمىسۇن دەپ مىدىر-سىدىر قىلماي تۇرغان كىشىلەردەك جىمجىت ئولتۇرغان، مىسكىن ياشلارنى كۆردۈم. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا «ئەي قۇرئان ھافىزلىرى! بېشىڭلارنى كۆتۈرۈپ ھەرىكەتلىنىڭلار! ئىشلەپ جاننى قامداش يوللىرى ئوپئوچۇق رەۋىشتە كۆرسىتىلگەندۇر. ئىشلەپ ھۈنەر-كەسىپ قىلىڭلار. ھالال يول بىلەن جان قامداشنى تاشلاش سەۋەبلىك كىشىلەرگە يۈك بولىۋالماڭلار» دېدىم. شۇنىڭ بىلەن، يۇنۇس ئىبنى ئۇبەيد ئۇلارغا بۇرۇلۇپ «تۇرۇڭلار، ئۆز كۈچۈڭلارغا تايىنىپ ھۈنەر-كەسىپ قىلىپ كۈنۈڭلارنى قامدىمىغۇچە، سىلەردىن ھېچكىم مەن بىلەن ئولتۇرمىسۇن» دېدى. سۇفيان سەۋرى مۇنداق دېگەن: «ۋاللاھى، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ياشلارنىڭ يۇنۇسنىڭ يېنىدا ئولتۇرغانلىقىنى كۆرمىدىم.» mujtehid.com (حلية الأولياء 5\288)
ئىمام سۇفيان سەۋرى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «كەينىمدە قىيامەت كۈنى ھېسابىنى بېرىشىم كېرەك بولغان ئون مىڭ دىرھەم قالدۇرۇپ قويۇشۇم، مەن ئۈچۈن (دۇنيادا) ئىنسانلارغا موھتاج بولۇشۇمدىن بەكراق سۆيۈملۈكتۇر.» mujtehid.com (حلية الأولياء 5\228)
بىر ئادەم سۇفيان سەۋرىنىڭ يېنىغا كېلىپ «ئى ئەبۇ ئابدۇللاھ! بۇ دىنارلارنى قولىڭدا تۇتۇپ يۈرىسەنغۇ؟» دېۋىدى، سۇفيان سەۋرى مۇنداق دېدى: «ئاغزىڭنى يۇم. ئەگەر بۇ دىنارلار بولمىغان بولسا، پادىشاھلار بىزنى قول سۈرتكۈچ جامبا ئورنىدا قوللانغان بولاتتى.» ئاندىن سۇفيان سەۋرى مۇنداق دېدى:«كىمنىڭ قولىدا پۇل بولسا، ئۇنى زايە قىلمىسۇن ۋە ئۇنىڭ مۇۋاپىق رەۋىشتە ئىشلەتسۇن. بۇ شۇنداق زامانكى، موھتاجلىققا چۈشكەن كىشىنىڭ ئەڭ ئاۋۋال خەجلەيدىغان نەرسىسى ئۆزىنىڭ دىنىدۇر.» mujtehid.com (حلية الأولياء 5\288)
ئىبنى ئەبۇ نەجىھ رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: (تابىئىن ئالىم، بۈيۈك مۇپەسسىر) مۇجاھىد {وَلَا تَتَبَدَّلُوا الْخَبِيثَ بِالطَّيِّبِ} {پاكنى ناپاكقا ئالماشتۇرماڭلار} (نىسا سۈرىسى، 2-ئايەت) ئايىتىنى تەپسىرلەپ مۇنداق دېگەن: «ساڭا تەقدىر قىلىنغان ھالال رىزق قولۇڭغا چۈشۈشتىن بۇرۇن ئالدىراپ كېتىپ ھارام رىزىقنى قولغا چۈشۈرۈش كويىدا بولما.» mujtehid.com (ئىمام بەيھەقى: شۇئبۇل ئىيمان 2\240)
ئەبۇ دەردا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «كىشى ئۆزىگە پۈتۈلگەن رىزقتىن ئۆلۈمدىن قاچقاندەك قاچقان تەقدىردىمۇ، ئۆلۈم ئۇنى تاپقاندەك، رىزىقىمۇ ئۇنى تاپىدۇ.» دەل مۇشۇ مەزمۇندا سەھىھ ھەدىس كەلگەن. ھەزىرتى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىنمۇ مۇشۇنداق سۆز نەقىل قىلىنغان. mujtehid.com (ئىمام بەيھەقى: شۇئبۇل ئىيمان 2\240)
مۇئاۋىيە ئىبنى قۇررە رەھىمەھۇللاھ مۇنۇ ۋەقەلىكنى بايان قىلغان: ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىر توپ كىشىنىڭ يېنىغا كېلىپ «نېمە ئادەملەر سىلەر؟» دەپ سورىۋىدى، ئۇلار «بىز مۇتەۋەككىلۇنلارمىز (يەنى ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلغۇچىلارمىز)» دېيىشتى. ھەزىرتى ئۆمەر ئۇلارغا «ھالبۇكى سىلەر مۇتتەككىلۇنلارسىلەر. (كىشىلەرنىڭ قولىدىكى پۇل-مالغا تەلمۈرۈپ تاما قىلغۇچىلارسىلەر.) ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلغۇچىلارنىڭ كىملىكىنى سىلەرگە دەپ بېرەيمۇ؟ ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلغۇچىلار — داننى زېمىنغا كۆمۈپ بولۇپ، ئاندىن (ئۇنىڭدىن ئاشلىق چىقىرىپ بېرىدىغانلىقى جەھەتتە) رەببىگە ئىشەنگەن كىشىلەردۇر» دېدى. mujtehid.com (ئىمام بەيھەقى: شۇئبۇل ئىيمان 2\258)
سەھل ئىبنى ئابدۇللاھ رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: كىم ھالالدىن پۇل-مال تېپىشنى ئەيىپلىسە سۈننەتنى ئەيىپلىگەن بولىدۇ. كىم، ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىشنى ئەيىپلىسە ئىماننى ئەيىپلىگەن بولىدۇ.» (ئىمام بەيھەقى: شۇئبۇل ئىيمان 2\293)
ئەلى ئىبنى ئەسسام رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «مۇسۇلمان كىشىنىڭ ھۈنەر-كەسىپ ئەھلى بولۇشى مېنىڭ ئۈچۈن بەكمۇ سۆيۈملۈكتۇر. چۈنكى، كىشى مۇھتاجلىقتا قالسا، تۇنجى بولۇپ خەجلەيدىغان نەرسىسى دىنى بولىدۇ.» mujtehid.com (ئىمام بەيھەقى: شۇئبۇل ئىيمان 2\269)
مۇسا ئىبنى مۇكرەم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: بىرەيلەن ھەسەن بەسرىدىن «ئەي ئەبۇ سەئىد! مەن قۇرئانىمنى ئېچىپ تاكى كەچ كىرگۈچە ئۇنى ئوقۇش بىلەن مەشغۇل بولىمەن» دېۋىدى، ھەسەن بەسرى ئۇنىڭغا:«قۇرئاننى ئەتىگەن، ئاخشاملىرى، كېچىلىرى ئوقۇ. ئۇنىڭدىن باشقا چاغدا ھۈنەر-كەسىپىڭ بىلەن، ساڭا ئۇيغۇن كەلگەن ئىشلار بىلەن شۇغۇللان» دېدى. mujtehid.com (ئىمام بەيھەقى: شۇئبۇل ئىيمان 2\269) * ئۆزىنى ئىلىم-ئىبادەتكە ئاتىسا دۇنيالىق جەھەتتە ئۆزى ۋە ئائىلىسى خەقكە مۇھتاج بولۇپ قالىدىغان كىشىنىڭ ھالال-ھۈنەر كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشى پەرز بولىدۇ. ئۆزىنى ئىلىم-ئىبادەتكە ئاتىغان تەقدىردىمۇ، ئۆزىنىڭ، ئائىلىسىنىڭ ۋە ئۆزىگە قاراشلىق كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجىدىن چىققۇدەك پۇلدار، پۇل-مالغا ئېھتىياجى يوق كىشىنىڭ ئىلىم-ئىبادەتكە ئۆزىنى بېرىشى ئەۋزەل بولىدۇ.
ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەك رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «ئەر كىشىنىڭ ئۆز ئائىلىسىنىڭ خەج-خىراجىتى ئۈچۈن ھالالدىن ھۈنەر-كەسىپ قىلىشىدىنمۇ ئەۋزەل ئەمەل يوقتۇر. ھەتتا، ئاللاھ يولىدىكى نەپلە جىھادتىنمۇ ئۈستۈندۇر.» mujtehid.com (ئىمام بەيھەقى: شۇئبۇل ئىيمان 2\282) * يەنى، ئۆزىنىڭ ۋە ئائىلىسىنىڭ مال-دۇنياغا ئېھتىياجى بار ئەر كىشىنى دېمەكچى. پۇلدار، مال-دۇنياسى كۆپ، باي ئەر كىشىنى دېمەكچى ئەمەس.
ئىمام بەيھەقى مۇنداق دېگەن: (من زهد منهم في الدنيا ورغب في الآخرة، اكتفى بأقلّ ما يكون قوتا، وتصدّق بالباقي، كما كان القراء من أصحاب النبي ﷺ يصنعونه، أو اقتصر على اكتساب أقلّ ما يكون قوتا ثمّ اشتغل بعد ذلك في العبادة والله أعلم) «كىشى دۇنياغا نىسبەتەن زاھىت بولۇپ، ئاخىرەتكە رىغبەت كۆرسەتسە، ئازغا قانائەت قىلىپ، كۆپىنى سەدىقە قىلسا، يەتكۈدەك خەج-خىراجەتىنى تېپىش ئۈچۈن تىرىشىپ، باشقا ۋاقتىنى ئىبادەتكە ئايرىسا، ياكى (ھالال كۈچى بىلەن ئىشلەش بىلەن بىرگە) ئەڭ تۆۋەن چەكتىكى يېمەك-ئىچمەك ۋە لازىمەتلىكلەرگە ئېرىشىش يولىنى تۇتۇپ، بۇنىڭدىن باشقا ۋاقتىنى ئاللاھقا ئىبادەتكە ئايرىسا، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ قۇرئان ھاپىزى ساھابىلىرىدەك يول تۇتقان بولىدۇ. ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر.» mujtehid.com (ئىمام بەيھەقى: شۇئبۇل ئىيمان 2\282)
سۇفيان سەۋرى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «ئەگەر نەپلە ئىبادەت بىلەن شۇغۇللانماقچى بولساڭ، باشتا ئۆيۈڭدە يېمەك-ئىچمەك بارمۇ-يوق، بۇنىڭغا قارا. ئەگەر يېمەك-ئىچمەك بارسا، ئۇ چاغدا نەپلە ئىبادىتىڭنى قىل. ئەگەر يېمەك-ئىچمەك بولمىسا، ئۇ ھالدا باشتا يېمەك-ئىچمەكنى ھەل قىل، ئاندىن نەپلە ئىبادەت قىل.» mujtehid.com (ئىمام بەيھەقى: شۇئبۇل ئىيمان 2\282)
ئىبراھىم ئەلخەۋۋاس رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىشنىڭ ئۈچ ئەدەبى بار: (1) كارۋانغا يېنىدا ئوزۇق-تۈلۈك بار ھالەتتە قېتىلىش. (2) كېمىگە ئوزۇق-تۈلۈكى بار ھالەتتە چىقىش. (3) ئۆيىدە يېمەك-ئىچمەكنى بار قىلىپ بولۇپ، ئاندىن مەسجىدتە ئولتۇرۇش.» mujtehid.com (ئىمام بەيھەقى: شۇئبۇل ئىيمان 2\282)
چوڭ تابىئىنلاردىن ئەبۇ ھازىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «مېلىمنىڭ ئەيڭ ياخشىسى ئاللاھقا ئىشىنىشىم ۋە كىشىلەرنىڭ قولىدىكىدىن ئۈمىدىمنى ئۈزۈشۈمدۇر.» mujtehid.com (ئىمام بەيھەقى: شۇئبۇل ئىيمان 2\298)
تابىئىنلاردىن ئەبۇ ھازىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن:«ئىلگىرىكى ئالىملارنى ۋالىيلار يېنىغا چاقىراتتى، لېكىن ئۇ ئالىملار ۋالىيلاردىن قاچاتتى. بۈگۈنكى ئالىملار بولسا ئىلىمنى ئەتراپلىق تەھسىل قىلغاندىن كېيىن، ۋالىيلارنىڭ ئىشىكىگە باردى. ۋالىيلار ئۇلاردىن قاچتى، ئۇلار بولسا ۋالىيلارنىڭ (باشلىق، ھوقۇقدارلارنىڭ) ئارقىسىدىن يۈگۈرۈشتى.» mujtehid.com (بەيھەقى: شۇئبۇل ئىيمان 2\633)
سۇفيان سەۋرى مۇنداق دېگەن:«ئەگەر سەن نان ۋە سەۋزە-چامغۇر بىلەن قانائەت قىلساڭ، ئاشۇلار (يەنى خان-پادىشاھلار، باشلىقلار ۋە بايلار) سېنى قۇل قىلالمايدۇ.» (حلية الأولياء 5\221)
(ساھابە زۇبەير ئىبنى ئاۋۋامنىڭ نەۋرىسى، ھەزىرتى ئەبۇ بەكرى سىددىقنىڭ چەۋرىسى) ھىشام ئىبنى ئۇرۋە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: ((ما شر شيء من البطالة في العالم)) «ئالىم ئۈچۈن ھورۇنلۇقتىنمۇ يامان نەرسە يوق.» mujtehid.com (الزهد لأبي داود ١/٣٥٦، شعب الإيمان ٢/٣١٣) * ئالىم ھورۇن بولسا دۇنياۋى جەھەتتە ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىشلەشتىن باش تارتىپ، بايلارغا، باشلىقلارغا ۋە خەلققە يۆلىنىۋالىدۇ. دىننى ۋە مۇسۇلمانلارنى جانلاندۇرۇشنىڭ يولىغا ئەمەس، دىن ۋە مۇسۇلمانلار ئارقىلىق ئۆزىنىڭ دۇنيالىقىنى جانلاندۇرۇشنى كەسىپ قىلىۋالىدۇ، دىنىي تاپاۋەت يولىغا كىرىۋالىدۇ. دىنىي جەھەتتە بولسا، ئىبادەتلەرگە سۇس قاراپ پاسىقلىشىپ كېتىدۇ.
ئىمام سۇفيان سەۋرى ئىبنى مۇندەكىر رەھىمەھۇللاھنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلغان: «قىيامەت كۈنى بەندە ئاللاھنىڭ ئالدىغا دۇنيادا ئۆزى قىلىشى كېرەك بولغان دىنىي ۋاجىباتلارنى ئورۇندىغان ھالەتتە كەلسە، ئەمما بۇ بەندە دۇنيانى ياخشى كۆرگەن بەندە بولغان بولسا، ئاللاھ بىر نىدا قىلغۇچىغا مۇنداق دەپ نىدا قىلىشىنى بۇيرۇيدۇ: «بىلىڭلاركى، بۇ پالانچىنىڭ بالىسى پالانچىدۇر، ئاللاھ ياخشى كۆرمىگەن نەرسىنى ياخشى كۆرگەن كىشىدۇر.» mujtehid.com (حلية الأولياء 5\225)
شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىييە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: من اجتهد في طاعة الله ورسوله بحسب استطاعته كان من أهل الجنة «كىم بار كۈچى بىلەن ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىتائەت قىلىشقا تىرىشچانلىق كۆرسەتسە جەننەت ئەھلىدىن بولىدۇ.» mujtehid.com (منهاج السنة ٣\٥٠٥)
The post ئائىلەمنى بېقىش ئۈچۈن دىنىي ئىلىم ئېلىشنى توختاتسام بولامدۇ؟ | سالىھ فەۋزان پەتىۋاسى first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
The post ئائىلەمنى بېقىش ئۈچۈن دىنىي ئىلىم ئېلىشنى توختاتسام بولامدۇ؟ | سالىھ فەۋزان پەتىۋاسى appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
شەرئىي ئىلىمنى يېڭى باشلىغان تالىپ ئۆز خەلقىگە دەۋەت قىلىشى كېرەكمۇ؟ | ئەللامە سالىھ فەۋزان
شەرئىي ئىلىمنى يېڭى باشلىغان تالىپ ئۆز خەلقىگە دەۋەت قىلىشى كېرەكمۇ؟
پەتىۋا بەرگۈچى: ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزان ھافىزەھۇللاھ
سوئال: شەرئىي ئىلىم ئوقۇشنى يېڭى باشلىغان تالىپ ئۆز دۆلىتىدىكى كىشىلەرگە دەۋەت قىلىشى كېرەكمۇ، كىشىلەرگە نەبەۋىي سۈننەت ئۈستىدىكى ئالىم، دەۋەتچىلەرنى تەشۋىق قىلىپ، تونۇتۇشى كېرەكمۇ؟
شەيخ بۇ سوئالغا مۇنداق جاۋاب بەرگەن:
ھەئە، شۇنداق قىلىشى كېرەك. شەرئىي ئىلىمنى يېڭى باشلىغان تالىپ ئۆز ئىلىم سەۋىيەسىگە ماس ھالدا كىشىلەرنى ئىسلامغا چاقىرىشى كېرەك. شۇنداقلا، ئۇ يەنە كىشىلەرگە ھەق ئۈستىدىكى ئالىملارنى ۋە دەۋەتچىلەرنى تونۇشتۇرۇپ، كىشىلەرنى ئۇلاردىن مەنپەئەتلىشىشكە تەشۋىق قىلىشى كېرەك. بۇنداق قىلغاندا كىشىلەر ھەق ئۈستىدىكى ئالىم ۋە دەۋەتچىلەرنى تونۇپ، مەنپەئەتلىنەلەيدۇ ۋە ئۇلاردىن سوئال سوراش ئارقىلىق دىنىنى ئۆگىنىپ، ھەق بىلەن ناھەقنى ئايرىيالايدۇ.
— مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
The post شەرئىي ئىلىمنى يېڭى باشلىغان تالىپ ئۆز خەلقىگە دەۋەت قىلىشى كېرەكمۇ؟ | ئەللامە سالىھ فەۋزان first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
The post شەرئىي ئىلىمنى يېڭى باشلىغان تالىپ ئۆز خەلقىگە دەۋەت قىلىشى كېرەكمۇ؟ | ئەللامە سالىھ فەۋزان appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
ھەر بىر مۇسۇلمان ئايەت ھەدىسلەرنى باشقىلارغا تارقىتىشى كېرەكمۇ؟ | ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزان پەتىۋاسى
ھەر بىر مۇسۇلمان ئايەت ھەدىسلەرنى باشقىلارغا تارقىتىشى كېرەكمۇ؟
پەتىۋا بەرگۈچى: ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزان ھافىزەھۇللاھ
سوئال: ئاللاھ سىلىگە ياخشى مۇكاپات بەرسۇن. سوئال سورىغۇچى مۇنداق يېزىپتۇ: ئاللاھ سىلىگە ياخشىلىق ئاتا قىلسۇن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ «مەندىن بىر ئايەت بولسىمۇ يەتكۈزۈڭلار» ھەدىسىنىڭ مەنىسى نېمە؟ چۈنكى بەزى ئىنسانلارنىڭ ئىلىم سەۋىيەسىنىڭ تۆۋەنلىكىگە باقماي، بۇ ھەدىسنى دەلىل قىلىپ تۇرۇپ، كىشىلەرگە دەۋەت قىلىۋاتقىنىنى كۆرىۋاتىمىز.
شەيخ بۇ سوئالغا مۇنداق جاۋاب بەرگەن:
ئىسلام شەرئىتىنى تارقىتىش پەرزدۇر. لېكىن، ئىسلام شەرىئىتىنى تارقىتىش بەزىدە ئايەتلەرنى ۋە ھەدىسلەرنى باشقىلارغا ئۆز پېتى، ئۆز لەۋزى بويىچە يەتكۈزۈش بىلەن بولىدۇ. ئايەتلەرنىڭ ۋە ھەدىسلەرنىڭ مەنىسىنى چۈشەنمىگەن ياكى ئۆز رەيى بويچە يۈزەكى چۈشەنگەن كىشى ئايەت ۋە ھەدىسلەرنىڭ لەۋزىنى ئەينى پېتى يەتكۈزىدۇ. كىشى قۇرئاننىڭ بىر قىسىمىنى ياكى ھەممىسىنى يادلىغان بولسا، ئۇنى ئوقۇشنى باشقا كىشىلەرگە ئۆگىتىدۇ ۋە يادلاتقۇزىدۇ. ئىسلام شەرىئىتىنىڭ ئاساسى بولغان ئايەت ھەدىسلەرنىڭ لەۋزىنى تارقىتىش دېگىنىمىزدىن مەقسەت مانا بۇدۇر.
كىشىنىڭ فىقھىي ئىلىمى بولمىسا، ئايەت ۋە ھەدىسلەرنى يەتكۈزگەندە ئۇ ئايەتلەرنى ۋە ھەدىسلەرنى ئۆز كاللىسى بويىچە تەپسىرلىمەيدۇ، چۈشەندۈرۈپ شەرھلىمەيدۇ، ھالبۇكى شەرئىي دەلىلنىڭ لەۋزى قانداق بولسا شۇ پېتى يەتكۈزۈش بىلەنلا بولدى قىلىدۇ. فىقھىي ئىلىمى يوق كىشى ئىنسانلارغا قۇرئان ئايەتلىرىنى ئوقۇيدۇ ۋە قۇرئاننى ئوقۇشنى ئۆگىتىدۇ، ھەدىسلەرنى يادلاتقۇزىدۇ، شۇنداقلا ئىنسانلارغا ۋەز-نەسىھەت بولسۇن ئۈچۈن ئۆزى ئىگىلىگەن ئايەت ھەدىسلەرنى ئوقۇپ بېرىدۇ. بۇنداق قىلىشتا، يەنى ئايەت ھەدىسلەرنىڭ تەپسىرىنى ۋە شەرھىنى مەخسۇس ئۆگەنمىگەن كىشىنىڭ ئايەت ھەدىسلەرنى ئۆز لەۋزى بويىچە، ئۆز پېتى باشقىلارغا يەتكۈزىشىدە ھېچبىر چەكلىمە يوق.
ئىسلام شەرىئىتىنى يەتكۈزۈشنىڭ ئىككىنچى تۈرى بولسا، ئايەت ھەدىسلەرنىڭ مەنىسىنى ئىنسانلارغا يەتكۈزۈشتۇر. تەبلىغ-دەۋەتنىڭ بۇ قىسىمىنى پەقەت ئالىملار قىلىدۇ.
ئايەت ھەدىسلەرنىڭ مەنىسىنى ئىنچىكە ۋە توغرا رەۋىشتە چۈشەنمىگەن، ئالىم بولمىغان كىشىنىڭ قۇرئاننى تەپسىر قىلىشىغا، ھەدىسلەرنى شەرھلىشىگە بولمايدۇ. ھالال ھارام مەسىلىلىرىدە پەتىۋا بېرىشىگە تېخىمۇ بولمايدۇ. بۇلار پەقەتلا ئالىملارنىڭ ئىشىدۇر.
بۇ ئىككى ئەھۋالنى ياخشى چۈشىنىۋېلىشىڭلار لازىم. ئايەت ھەدىسنى باشقىلارغا يەتكۈزۈش ئەلۋەتتە شۇ ئايەت ھەدىس يېتىپ كەلگەنلىكى ھەر كىمگە پەرزۇدر. لېكىن، ئالىم بولمىغان كىشى ئايەت ھەدىسنىڭ زاھىرىي مەنىسىنى يەتكۈزۈش بىلەنلا بولدى قىلىدۇ، مەنىسى ھەققىدە سۆز قىلمايدۇ. ئالىم كىشى بولسا ھەم ئايەت ھەدىسلەرنىڭ لەۋزىنى يەتكۈزىدۇ، ھەم ئۇنىڭ مەنىسىنى يەتكۈزىدۇ.
ئايەت ھەدىسلەرنى ئۆز پېتى يەتكۈزۈش — ئاللاھنىڭ كىتابىدىن ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىدىن قانچىلىك خەۋەردار بولسا شۇنچىلىك دەرىجىدە ئۆز لەۋزى بويىچە يەتكۈزۈش ھەر كىمگە پەرزدۇر. بۇ خىل كىشىلەر شەرئىي دەلىللەرنى\ ئايەت-ھەدىسلەرنى مەنە بەرمەستىن كىشىلەرگە ئۆز پېتى يەتكۈزىدۇ، (يادلاتقۇزۇشقا قۇربى يەتسە) يادلاتقۇزىدۇ.
ئالىم كىشى بولسا، ئايەت ھەدىسلەرنىڭ لەۋزىنى يەتكۈزۈش بىلەن بىرگەن، مەنىسىنىمۇ يەتكۈزىدۇ، كىشىلەرنىڭ ئايەت ھەدىسلەرنى توغرا چۈشىنەلىشى ئۈچۈن تەپسىرلەپ، شەرھلەيدۇ.
مانا بۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ «مەندىن بىر ئايەت بولسىمۇ يەتكۈزۈڭلار» ھەدىسىنىڭ مەنىسىدۇر.
— مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
The post ھەر بىر مۇسۇلمان ئايەت ھەدىسلەرنى باشقىلارغا تارقىتىشى كېرەكمۇ؟ | ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزان پەتىۋاسى first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
The post ھەر بىر مۇسۇلمان ئايەت ھەدىسلەرنى باشقىلارغا تارقىتىشى كېرەكمۇ؟ | ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزان پەتىۋاسى appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
ئاياللارنىڭ شەرئىي ئىلىم ئېلىش يولى قانداق بولىدۇ؟ | ئىمام ئىبنى باز
ئاياللارنىڭ شەرئىي ئىلىم ئېلىش يولى قانداق بولىدۇ؟
پەتىۋا بەرگۈچى: ئىمام ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ
سوئال: ئۆيلىرىدە ئولتۇرىدىغان خانىم-قىزلارنىڭ شەرئىي ئىلىم تەلەپ قىلىشى قايسى شەكىلدە مۇمكىن بولىدۇ؟ كىتابلارنى ئوقۇش، ئۈنئالغۇ لېنتىلىرى \ ئىنتېرنېت ۋاسىتى ئارقىلىق ئالىملارنىڭ دەرس-لېكسىيىلىرىنى ئاڭلاش شەرئىي ئىلىم تەلەپ قىلىش ھېسابلىنامدۇ؟
ئىمام ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ بۇ سوئالغا مۇنداق جاۋاب بەرگەن:
شۇنداق، لېنتىلاردىن \ ئىنتېرنېتتىن ئىسلام ئالىملىرىنىڭ دىنىي دەرسلىرىنى، ئىلمىي لېكسىيەلىرىنى ئاڭلاش، قۇرئان راديوسىدا تارقىتىلىدىغان نۇرۇن ئەلەددەرب پروگراممىسىنى ئاڭلاش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى شەرئىي ئىلىم تەلەپ قىلىش جۈملىسىدىندۇر. پايدىلىق دىنىي ئەسەرلەرنى ئوقۇش، ئالىملاردىن تېلفۇن ياكى مەكتۇپ يېزىش ۋاسىتىسى ئارقىلىق سوئال سوراش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى شەرئىي ئىلىم يولى جۈملىسىدىن ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا مۇنداق دېگەن:{فَاسْأَلُوا أَهْلَ الذِّكْرِ إِنْ كُنْتُمْ لا تَعْلَمُونَ}{ئەگەر بىلمىسەڭلار ئەھلى ئىمىلەردىن سوراڭلار.} (نەھل سۈرىسى 43-ئايەت) رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«كىم شەرئىي ئىلىم ئېلىش يولىنى تۇتسا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ئۈچۈن جەننەتنىڭ يولىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىدۇ.»
ئالىملاردىن تېلفون ياكى مەكتۇپ ئەۋەتىش ئارقىلىق ياكى يۈزمۇ يۈز ھالدا سوئال سوراش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئىلىم تەلەپ قىلىش جۈملىسىدىن ھېسابلىنىدۇ. شۇنداقلا، پايدىلىق شەرئىي كىتابلارنى ئوقۇشمۇ ئىلىم تەلەپ قىلىش ھېسابلىنىدۇ. قۇرئان تىلاۋىتى ئاڭلاش، قۇرئان كەرىمنى كۆپ ئوقۇش ئەڭ ئۈستۈن ئىلىم تەلەپ قىلىش يوللىرىدىن ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى، قۇرئان ئاللاھنىڭ كىتابىدۇر، قۇرئان ئىلىم جەھەتتە ئەڭ ئۈستۈن دەلىلدۇر، قۇرئان ئەڭ ئۈستۈن يولباشلىغۇچى. ئىلىم تەلەپ قىلغۇچىنىڭ قۇرئاننى مەنىلىرىگە كۆڭۈل قويغان ھالدا كۆپ قىرائەت قىلىشى، قۇرئان ئايەتلىرىنى چۈشىنىشكە تىرىشىشىشى (مۆتىۋەر قۇرئان تەپسىرلىرىنى ئوقۇپ ئۆگىنىشى)، مەنە ۋە تەپسىرلىرىنى بىلەلمىگەن قۇرئان ئايەتلىرى ھەققىدە سالاھىيەتلىك ئالىملاردىن سوراش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئىلىم يولىنىڭ جۈملىسىدىندۇر.
قۇرئان رادىيوسى قانىلى ئىلىم ھاسىل قىلىشتىكى ئەڭ ئەۋزەل ۋاسىتىلەردىن بولۇپ، مەن مۇسۇلمانلارغا پايدىلىق ئىلىملەرنى تارقىتىدىغان، نۇرۇن ئەلەد دەرب پەتىۋالىرى  ۋە باشقا نۇرغۇن شەرئىي ئىلىمگە ئالاقىدار مەزمۇنلار تارقىتىلىدىغان قۇرئان راديوسى قانىلىنى ئاڭلاشقا ئەھمىيەت بېرىشىنى تەشەببۇس قىلىمەن. (مەنبە: ئىمام ئىبنى باز: نۇرۇن ئەلەد دەرب پەتىۋالىرى)
— مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
ئەسكەرتىش: تور بېتىمىزدە شەيخ تەۋسىيە قىلغان نۇرۇن ئەلەد دەرب دىنىي پروگراممىسىدا بېرىلگەن نۇرغۇنلىغان پەتىۋالار تور بېتىمىز تەرىپىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان. ئىشەنچىلىك دىنىي توربەتلەردىكى دىنىي مەزمۇنلارنى ئوقۇپ ئىلىم ۋە ھىدايىتىنى ئاشۇرۇشمۇ ئوخشاشلا شەرئىي ئىلىم تەلەپ قىلىش جۈملىسىدىندۇر.
كيفية طلب المرأة للعلم
The post ئاياللارنىڭ شەرئىي ئىلىم ئېلىش يولى قانداق بولىدۇ؟ | ئىمام ئىبنى باز first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
The post ئاياللارنىڭ شەرئىي ئىلىم ئېلىش يولى قانداق بولىدۇ؟ | ئىمام ئىبنى باز appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
ئاللاھنىڭ يولىغا دەۋەت قىلىش جىھاد ھېسابلىنامدۇ؟ | ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزان
ئاللاھنىڭ يولىغا دەۋەت قىلىش جىھاد ھېسابلىنامدۇ؟
پەتىۋا بەرگۈچى: ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزان ھافىزەھۇللاھ
شەيختىن مۇنداق سورالغان:
ئى ھۆرمەتلىك ئاتا! كىشىلەرنى ئاللاھ يولىغا دەۋەت قىلىش، دەۋەت ئۈچۈن كۇفۇر زېمىنلىرىغا ۋە مۇسۇلمان زېمىنلىرىغا بېرىش، سۈننەتنى تارقىتىش قاتارلىقلار ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىش جۈملىسىدىن ھېسابلىنامدۇ؟
شەيخ بۇ سوئالغا مۇنداق پەتىۋا بەرگەن:
ئەلۋەتتە شۇنداق. بۇلار جىھاد جۈملىسىدىندۇر. يۇقىرىقىلار جىھادتىن ئاۋۋال كېلىدۇ. كىشىلەرنى ئاللاھقا دەۋەت قىلىش جىھادنىڭ ئالدىدۇر. ئاۋۋال دەۋەت قىلىنىدۇ، ئارقىدىن جىھاد كېلىدۇ. دەۋەتنىڭ جىھادنىڭ ئەڭ ئەۋزەل تۈرى ئىكەنلىكىدە شەك يوقتۇر.
[پەتىۋانىڭ ئەرەپچە مەنبەسى ئۈچۈن چېكىڭ]
The post ئاللاھنىڭ يولىغا دەۋەت قىلىش جىھاد ھېسابلىنامدۇ؟ | ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزان first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
The post ئاللاھنىڭ يولىغا دەۋەت قىلىش جىھاد ھېسابلىنامدۇ؟ | ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزان appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
كىشىنىڭ ئۆزىنى «مەن مالىكى» ياكى «مەن ھەنبەلى» دېيىشى دۇرۇسمۇ؟ | ئەللامە سالىھ فەۋزان پەتىۋاسى
كىشىنىڭ ئۆزىنى «مەن مالىكى» ياكى «مەن ھەنبەلى» دېيىشى دۇرۇسمۇ؟
پەتىۋا بەرگۈچى: ئەللامە سالىھ فەۋزان
سوئال: پەزىلەتلىك شەيخ! كىشىنىڭ ئۆزىنى «مەن مالىكى» (يەنى مەن مالىكىي مەزھىپىدە) دېيىشى، ياكى «مەن ھەنبەلى» (مەن ھەنبەلى مەزھىبىدە) دېيىشى دۇرۇسمۇ؟ چۈنكى، بەزى ئىلىم تالىپلىرى بۇنداق دېيىشنى دۇرۇس ئەمەس دېيىشىۋاتىدۇ.
ئەللامە سالىھ فەۋزان:
ئۇنىڭ نېمە دېيىشىنى كۈتىسەن؟
كىشىنىڭ ئۆزىنى «مەن ھەنبەلى، مەن شافىي، مەن مالىكى» دېيىشىدە ھېچبىر مەسىلە يوق. بۇلار ئەھلى سۈننەت مەزھىپىدۇر. كىشىنىڭ ئەھلى سۈننەتنىڭ مەزھەپلىرىنى ئىنكار قىلىشى دۇرۇس ئەمەس.
بىراق، ئۆزىنى مەزھەپكە تەۋە قىلغان كىشى مەسىلەن «ھەق ھەنبەلى مەزھىپىدىن باشقىسىدا ئەمەس» دېسە، بۇ دۇرۇس ئەمەس.
تۆت مەزھەپنىڭ ھەممىسى ئەھلى سۈننەتكە تەۋە مەزھەپلەردۇر ۋە ياخشىلىق ئۈستىدىدۇر دېيىلسە، بۇنىڭدا ھېچبىر خاتالىق يوق. [ئەللامە سالىھ فەۋزاننىڭ بۇ ھەقتىكى پەتىۋاسى مۇشۇ يەردە تۈگىدى.]
شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىييە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن:
ومَعْلُومٌ أنَّ أهْلَ المَذاهِبِ كالحَنَفِيَّةِ والمالِكِيَّةِ والشّافِعِيَّةِ والحَنْبَلِيَّةِ دِينُهُمْ واحِدٌ. وكُلُّ مَن أطاعَ اللَّهَ ورَسُولَهُ مِنهُمْ بِحَسَبِ وُسْعِهِ كانَ مُؤْمِنًا سَعِيدًا بِاتِّفاقِ المُسْلِمِينَ.
مەلۇمكى، ھەنەفىي، مالىكىي ، شافىئىي ۋە ھەنبەلىي ھەزھىپىگە ئەگەشكۈچىلەرنىڭ دىنى بىر. ئۇلارنىڭ ئىچىدىن تاقىتىنىڭ يېتىشىچە ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىتائەت قىلغانلارنىڭ ھەممىسى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىتتىپاقى بىلەن بەختلىك مۆئمىندۇر. (ئىمام ئىبنى تەيمىييە، مەجمۇئۇل فەتۋا 27-جىلد، 462-بەت)
— مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى | mujtehid.com
The post كىشىنىڭ ئۆزىنى «مەن مالىكى» ياكى «مەن ھەنبەلى» دېيىشى دۇرۇسمۇ؟ | ئەللامە سالىھ فەۋزان پەتىۋاسى first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
The post كىشىنىڭ ئۆزىنى «مەن مالىكى» ياكى «مەن ھەنبەلى» دېيىشى دۇرۇسمۇ؟ | ئەللامە سالىھ فەۋزان پەتىۋاسى appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
تۆت مەزھەپتىن بىرەرسىگە ئەگىشىش پەرزمۇ؟ | ئىمام ئىبنى باز پەتىۋاسى
تۆت مەزھەپتىن بىرەرسىگە ئەگىشىش پەرزمۇ؟
پەتىۋا بەرگۈچى: ئىمام ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ
سوئال: كىشىنىڭ بىرەر مەزھەپكە ئەگىشىشى پەرزمۇ؟ «مەزھەپسىزلىك ئىسلام شەرىئىتىگە تاشلانغان ئەڭ خەتەرلىك بىدئەتتۇر» ماۋزۇلۇق بىر كىتاپ مەۋجۇت. مەزھەپسىزلىك راستتىنلا بىدئەتمۇ؟
شەيخ بۇ سوئالغا مۇنداق جاۋاب بەرگەن:
مەزھەپكە ئەگىشىش پەرز ئەمەس. كىمكى «كىشى مەزھەپلەردىن بىرەرسىگە ئەگىشىشى پەرز، يەنى ئىمام ئەھمەدنىڭ، ئىمام مالىكنىڭ ياكى ئىمام شافىينىڭ مەزھىبىدىن بىرەرسىگە ئەگىشىشىنى پەرز» دېسە، خاتا سۆزدۇر.
مەزھەبلەر ساھابە ۋە تابىئىنلار دەۋرىدە يوق بولۇپ، ئۇلاردىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان. بۇ ۋەجىدىن، مەزھەپكە ئەگىشىش ھېچكىم ئۈچۈن پەرز ھېسابلانمايدۇ.
مەزھەپلەرنى شەكىللەندۈرگۈنى (ئىلىم-پەزىلەتتە) مەشھۇر بولغان ئالىملارنىڭ سۆزلىرىدۇر. مەزھەپ ئىماملىرىنىڭ سۆزلىرى يېزىپ قالدۇرۇغان، شۇڭا مەۋجۇت مەزھەپلەر مەشھۇر بولۇپ تونۇلغان.
ئىمام ئەھمەد رەھىمەھۇللاھ، ئىمام مالىك رەھىمەھۇللاھ، ئىمام شافىي رەھىمەھۇللاھ، ئىمام ئەبۇ ھەنىفە رەھىمەھۇللاھ قاتارلىقلار ئىسلام ئۆلىمالىرىدۇر. سۇفيان سەۋرى، ئەۋزائىي، ئىسھاق ئىبنى راھۇۋەيھ قاتارلىقلارمۇ ئۇلارنىڭ دەرىجىسىدىكى ئۆلىمالاردۇر. بىزنىڭ سەۋرىنىڭ، ئىبنى ئۇيەينەنىڭ، ئىسھاق ئىبنى راھۇۋەيھنىڭ ياكى ئەۋزائىنىڭ، ياكى ئۇلاردىن باشقا مۇجتەھىد ئۆلىمالارنىڭ پەتىۋالىرىنى تۇتۇشىمىز پەرز ئەمەس. شۇنىڭدەك، ئىمام ئەھمەدنىڭ، ئىمام مالىكنىڭ، ئىمام شافىينىڭ ياكى ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ پەتىۋالىرىنى تۇتۇشىمىزمۇ پەرز ئەمەس.
لېكىن، بىز ئىختىلاپلىق فىقھى مەسلىلەردە بۇ ئىماملارنىڭ پەتىۋالىرىغا نەزەر سالىمىز، قايسىسىنىڭ پەتىۋاسى ھەقكە — يەنى قۇرئان ۋە سۈننەتنىڭ شۇ ھەقتىكى مۇرادىغا — ئۇيغۇن كەلسە، ئۇنىڭ پەتىۋاسىنى قوبۇل قىلىمىز، كىمنىڭ پەتىۋاسى ھەقكە زىت كەلسە، ھەقكە زىت پەتىۋانى تەرك ئېتىمىز.
ئەگەر بىرەر مەسلىدە بۇ ئىلگىرى ئۆتكەن سەلەپ ئۆلىمالىرى ئىتتىپاققا (ئىجمائقا) كەلگەن بولسا، ئۇ ھالدا سەلەپ ئۆلىمالىرىنىڭ ئىجمائىغا ئەگىشىش پەرزدۇر، ئىجمائقا خىلاپلىق قىلىشقا يول يوق.
سەلەپ ئۆلىمالىرى ئىجمائقا (ئىتتىپاققا) كەلگەن مەسىلىدە، ئىجمائقا ئەگىشىش پەرزدۇر.
تۆت ئىمام ۋە شۇلارغا تەڭداش مۇتلەق مۇجتەھىد ئۆلىمالار ئىختىلاپلاشقان مەسىلە قۇرئان-سۈننەتكە قايتۇرۇلىدۇ. ئايەتتە دېيىلگىنىدەك: {ئەگەر بىرەر ئىشتا ئىختىلاپلىشىپ قالساڭلار، ئۇ ئىشتا قۇرئان ۋە سۈننەتكە مۇراجىئەت قىلىڭلار.} (سۈرە نىسا،59-ئايەت)
بۇ ۋەجىدىن، كىتاپ ۋە سۈننەتكە مۇۋاپىق كەلگەن ھۆكۈملەرنى قوبۇل قىلىپ، زىت كەلگىنىنى بولسا تەرك ئېتىمىز.
مەزھەپسىزلىك سۆزىگە كەلسەك، مەزھەپسىزلىكنى تىلغا ئالغان كىشى بۇ سۆزى ئارقىلىق «مەزھەپكە ئەگىشىش پەرز ئەمەس» دېمەكچى بولسا، ئۇ ھالدا بۇ گەپ توغرا.
ئەگەر، مەزھەپسىزلىكنى تىلغا ئالغان كىشى بۇ سۆزى ئارقىلىق كىشىنىڭ ئۆزىنى مەزھەپكە تەۋە قىلىشى دۇرۇس ئەمەس دېمەكچى بولسا، ئۇ ھالدا بۇ سۆز خاتا سۆزدۇر.
كىشىنىڭ ئۆزىنى مەزھەپكە تەۋە قىلىشى دۇرۇس.كىشى بىرەر مەزھەپ تەلىماتى تەسىرى ئاستىدا ئۆسۈپ يېتىلگەنلىكى ياكى مۇئەييەن بىرەر مەزھەپكە ئەگىشىدىغان شەيخنىڭ قولىدا ئىلىم تەھسىل قىلغانلىقى سەۋەبلىك ئۆزىنى مەزھەپلەردىن بىرەرسىگە نىسبەت بېرىپ، ئۆزىنى شافىي، ياكى ھەنبەلىي، ياكى مالىكىي ۋە ياكى ھەنەفىي دەپ ئاتىسا، ئۇ ھالدا ئۆزىنى بۇ شەكىلدە مەزھەپكە تەۋە قىلىشىدا چەكلىمە يوق. ئۆزىنى مەزھەپكە تەۋە قىلىش زەرەرلىك ئىش ئەمەس.
مەزھەپكە ئەگەشكەن كىشى قارىسىغا تەقلىد قىلغۇچى بولۇپ قالماسلىقى، ياكى ئۆز مەزھىپىنى مۇتلەق ھەق دەپ تۇرۇۋالماسلىقى لازىم.
ئەگەر ھەق ئۆزىگە ئاشكارا بولسا، ۋە ئاشكارا بولغان بۇ ھەق ئۇنىڭ مەزھىپىدىكى مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمگە زىت بولغان تەقدىردىمۇ، كىشى (مەزھەپتىكى خاتا كەتكەن ھۆكۈمگە ئەمەس،) ھەقكە ئەگىشىشى كېرەك.
مەزھەپ مۇتىئەسسىپلىكى ياكى قارىغۇلارچە تەقلىد قىلىش دۇرۇس ئەمەس.
دېمەك، «مەزھەپ تۇتماسلىق» دېيىش بىلەن «مەزھەپ مۇتىئەسسىپلىكى قىلىش ۋە قارىغۇلارچە تەقلىد قىلىش دۇرۇس ئەمەس» دېگەننى مەقسەت قىلغان بولسا، ئۇ ھالدا بۇ توغرا.
ئەگەر، ئۇ بۇ ئارقىلىق كىشىنىڭ ئۆزىنى مەزھەپكە تەۋە قىلىشىنى دۇرۇس ئەمەس دېمەكچى بولسا، ئۇ ھالدا بۇ كىشى ئەھلى ئىلىمنىڭ يولىغا خىلاپلىق قىلغان بولىدۇ، بۇنىڭ ئاساسى يوق.
ھەقىقىي رەت قىلىدىغان ئىش — پالانچىغا ياكى پوكۇنچىغا، ئۇنىڭ ھۆكمى خاتا بولۇپ قالغان تەقدىردىمۇ، «ھەق مۇتلەق شۇنىڭدا» دەپ ئېسىلىۋېلىشتۇر.
بۇنداق قارىغۇلارچە تەقلىد قىلىش چۈشەنچىنىڭ تېيىزلىقىدىن، شەرئىي دەلىللەرنى كۆزدىن كەچۈرۈشنىڭ يېتەرسىزلىكىدىن كېلىپ چىقىدۇ. قارىغۇلارچە تەقلىد قىلىش چەكلىنىدۇ.
كىشى بىرەر مەزھەپكە ئەگەشسە، لېكىن ئۆز مەزھىبىدىكى ھۆكۈم ھەقكە زىت بولۇپ قالغاندا، ئۆز مەزھىبىدىكى خاتا ھۆكۈمنى تاشلاپ، ھەقنى قوبۇل قىلسا، ئىشنىڭ توغرىسى مانا بۇدۇر.
— مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
The post تۆت مەزھەپتىن بىرەرسىگە ئەگىشىش پەرزمۇ؟ | ئىمام ئىبنى باز پەتىۋاسى first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
The post تۆت مەزھەپتىن بىرەرسىگە ئەگىشىش پەرزمۇ؟ | ئىمام ئىبنى باز پەتىۋاسى appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.