ھەدىسلەرنىڭ شەرھى - مۇجتەھىد پەتىۋا تورى
«كىشىلەر بىر مەجلىستە ئاللاھنى زىكىر قىلىپ ئولتۇرغانلىكى مۇددەتتە، پەرىشتىلەر ئۇلارنى قورشاپ تۇرىدۇ، ئۇلارنى رەھمەت ئورايدۇ، ئاللاھ ئۇلارنى ئۆز دەرگاھىدىكىلەرگە زىكىر قىلىدۇ» ھەدىسى ۋە شەرھى
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: مَا جَلَسَ قَوْمٌ مَجْلِسًا، يَذْكُرُونَ اللَّهَ إِلَّا حَفَّتْ بِهِمُ الْمَلَائِكَةُ، وَغَشِيَتْهُمُ الرَّحْمَةُ، وَذَكَرَهُمُ اللَّهُ فِيمَنْ عِنْدَهُ «كىشىلەر بىر مەجلىستە ئاللاھنى زىكىر قىلىپ ئولتۇرغانلىكى مۇددەتتە، پەرىشتىلەر ئۇلارنى قورشاپ تۇرىدۇ، ئۇلارنى رەھمەت ئورايدۇ، ئاللاھ ئۇلارنى ئۆز دەرگاھىدىكىلەرگە زىكىر قىلىدۇ.» (مۇسلىم 2700، بۇلۇغۇلمەرام 1522) hedisim.com
ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ بۇغۇلمەرام شەرھىدە مۇنداق دېگەن: بۇ يەردىكى «زىكىر» — يا پەرز نامازلاردىن كېيىن ئوقۇلىدىغان «سۇبھانەللا، ئەلھەمدۇلىللاھ، ئاللاھۇ ئەكبەر» قاتارلىق زىكىرلەردىن ئىبارەتتۇر؛ ياكى بولمىسا بۇ يەردىكى «زىكىر» — قۇرئان كەرىمنى تىلاۋەت قىلىشتۇر. ئاللاھ قۇرئاندا مۇنداق دېگەن: {إِنَّا نَحْنُ نـزلْنَا الذِّكْرَ وَإِنَّا لَهُ لَحَافِظُونَ} «شەكسىزكى زىكىرنى بىز نازىل قىلدۇق، شەكسىزكى زىكىرنى قوغدايمىز.» (ھىجر سۈرىسى، 9-ئايەت) (بۇ ئايەتتىكى زىكىر قۇرئاندۇر.) قۇرئان تىلاۋەت قىلىش زىكىردۇر، زىكىرنىڭ يىلتىزىدۇر. ياكى بۇ يەردىكى «زىكىر» — شەرئىي ئىلىمنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى، شەرئىي ئىلىم زىكىر جۈملىسىدىندۇر. ئاللاھ قۇرئاندا مۇنداق دېگەن:{فَاسْأَلُوا أَهْلَ الذِّكْرِ إِنْ كُنْتُمْ لا تَعْلَمُونَ}  {ئەگەر (بىر ئىشنىڭ ھالال-ھاراملىقىنى، سۈننەت ياكى بىدئەتلىكىنى، بىر ئىبادەتنىڭ قانداق قىلىنىدىغانلىقىنى) بىلمىسەڭلار زىكىر ئەھلىدىن سوراڭلار.} (سۈرە ئەنبىيا، 7-ئايەت) شەرئىي ئىلىمنى ئۆگىنىش، ئۆگىتىش ياكى مۇزاكىرە قىلىش بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار (زىكىر ئەھلى بولۇپ، ئۇلار)  بۇ ئارقىلىق ئىسلام شەرىئىتىنى قوغداشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئاللاھ قۇرئاندا مۇنداق دەيدۇ:{يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا إِذَا نُودِيَ لِلصَّلَاةِ مِن يَوْمِ الْجُمُعَةِ فَاسْعَوْا إِلَىٰ ذِكْرِ اللَّه} {ئىي ئىمان ئېيتقانلار! ئەگەر جۈمە كۈنى ناماز ئۈچۈن ئەزان ئوقۇلسا، ئاللاھنىڭ زىكىرىگە ئالدىراڭلار} (سۈرە جۇمۇئە، 9-ئايەت) بۇ ئايەتتىكى «زىكىر» جۈمە خۇتبىسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. جۈمە خۇتبىسى (ئىسلام شەرىئىتىنى) تەلىم بېرىش ھېسابلىنىدۇ. ئايەتتىكى زىكىردىن مەقسەت نامازدۇر.
«پەرىشتىلەر ئۇلارنى قورشاپ تۇرىدۇ» — يەنى، يا ئۇلارنى ھۆرمەتلەش يۈزىسىدىن قورشاپ تۇرىدۇ، ياكى پەزىلەتتە ئۇلارغا شىرىك بولۇش ئۈچۈن قورشايدۇ، ياكى ھەر ئىككىسىنى تەڭ مەقسەت قىلىپ قورشايدۇ. «ئۇلارنى رەھمەت ئورايدۇ» — يەنى ئاللاھنىڭ رەھمىتى ئۇلارنى ئورايدۇ. «ئاللاھ ئۇلارنى ئۆز دەرگاھىدىكىلەرگە زىكىر قىلىدۇ» — يەنى پەرىشتىلەرگە زىكىر. بۇ ھەدىس ئاللاھنىڭ زىكىرى ئۈچۈن يىغىلىشنىڭ بۈيۈك پەزىلىتىنى كۆرسىتىدۇ. لېكىن، بىر سورۇنغا يىغىلىپ، ئوخشاش ئاۋازدا، بىردەك ھالدا ئاللاھنى زىكىر قىلىش سوپىلار ئوتتۇرىغا چىقارغان بىدئەت بولۇپ، ئۇلار ئوڭغا ياكى سولغا تولغىنىپ تۇرۇپ بىردەك ئاۋازدا «زىكىر» قىلىدۇ. (ياكى، نامازدىن كېيىن بىر ئىمامنىڭ يېتەكچىلىكىدە زىكىرلەرنى ئوپچە ئوقۇيدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىگە مۇخالىپ بىدئەت ئىشلاردۇر.) مۇھىم قائىدە شۇكى، ھەر قانداق ئىبادەت رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىگە ئەگەشكەن ئاساستا قىلىنىشى كېرەك. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ۋە ئۇزاتنىڭ ساھابىلىرى بىردەك ئاۋاز بىلەن ئوپچە زىكىر قىلغانمۇ؟ ياق. بىر سورۇندا ئولتۇرۇپ ئاللاھنى زىكىر قىلىمىز، لېكىن ھەر بىرىمىز ئۆز ئالدىمىزغا زىكىر قىلىمىز. (شرح حديث أبي هريرة ما جلس قوم مجلسا يذكرون الله – الشيخ محمد بن صالح العثيمين)
ئىمام ئىبنى بەتتال رەھىمەھۇللاھ سەھىھۇل بۇخارى شەرھىدە مۇشۇ مەزمۇندىكى ھەدىسنى شەرھلەپ «ئاللاھنىڭ بەندىنى زىكىر قىلىشى بەندىگە رەھمەت قىلىشىنى كۆرسىتىدۇ» دېگەن. بۈيۈك تابىئىن سۇددى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «ھەر قانداق ئىنسان ئاللاھنى زىكىر قىلسا ئاللاھمۇ مۇتلەق ئۇنى زىكىر قىلىدۇ. مۆمىن بەندە ئاللاھنى زىكىر قىلسا ئاللاھ ئۇنى رەھمىتى بىلەن زىكىر قىلىدۇ. كاپىر ئاللاھنى زىكىر قىلسا ئاللاھ ئۇنى ئازابى بىلەن زىكىر قىلىدۇ.» (ئىبنى بەتتال: سەھىھۇل بۇخارى شەرھى 10\136) | مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى | فۇرقان دەۋەت مەركىزى
The post «كىشىلەر بىر مەجلىستە ئاللاھنى زىكىر قىلىپ ئولتۇرغانلىكى مۇددەتتە، پەرىشتىلەر ئۇلارنى قورشاپ تۇرىدۇ، ئۇلارنى رەھمەت ئورايدۇ، ئاللاھ ئۇلارنى ئۆز دەرگاھىدىكىلەرگە زىكىر قىلىدۇ» ھەدىسى ۋە شەرھى first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
The post «كىشىلەر بىر مەجلىستە ئاللاھنى زىكىر قىلىپ ئولتۇرغانلىكى مۇددەتتە، پەرىشتىلەر ئۇلارنى قورشاپ تۇرىدۇ، ئۇلارنى رەھمەت ئورايدۇ، ئاللاھ ئۇلارنى ئۆز دەرگاھىدىكىلەرگە زىكىر قىلىدۇ» ھەدىسى ۋە شەرھى appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
قىيامەت كۈنى ئاللاھ ياراتقان سايىدە سايىدايدىغان يەتتە تۈرلۈك كىشى ھەدىسىنىڭ شەرھى | ئىمام ئىبنى ھەجەر
عَنْ أَبِي هُرَيْرَةَ، عَنِ النَّبِيِّ صلى الله عليه وسلم قَالَ سَبْعَةٌ يُظِلُّهُمُ اللَّهُ فِي ظِلِّهِ يَوْمَ لاَ ظِلَّ إِلاَّ ظِلُّهُ الإِمَامُ الْعَادِلُ، وَشَابٌّ نَشَأَ فِي عِبَادَةِ رَبِّهِ، وَرَجُلٌ قَلْبُهُ مُعَلَّقٌ فِي الْمَسَاجِدِ، وَرَجُلاَنِ تَحَابَّا فِي اللَّهِ اجْتَمَعَا عَلَيْهِ وَتَفَرَّقَا عَلَيْهِ، وَرَجُلٌ طَلَبَتْهُ امْرَأَةٌ ذَاتُ مَنْصِبٍ وَجَمَالٍ فَقَالَ إِنِّي أَخَافُ اللَّهَ. وَرَجُلٌ تَصَدَّقَ أَخْفَى حَتَّى لاَ تَعْلَمَ شِمَالُهُ مَا تُنْفِقُ يَمِينُهُ، وَرَجُلٌ ذَكَرَ اللَّهَ خَالِيًا فَفَاضَتْ عَيْنَاهُ
* «ئۆزى ياراتقان سايە بىلەن» دېگەن مەزمۇندا تىرناق ئىچىدىگە ئېلىنغان ئىزاھات ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھنىڭ بۇ ھەقتىكى شەرھىدۇر. (رىيازۇس سالىھىن شەرھى)
«ئادىل» ئاتالغۇسى، ئاللاھنىڭ ۋە رەسۇلىنىڭ بۇيرۇق-چەكلىمىلىرىنى ئورۇنداشتا ئاشۇرىۋېتىش ياكى كېمەيتىۋېتىشتىن خالىي ھالدا ھەر ھۆكۈمنى ئاللاھ ۋە رەسۇلى تەلەپ قىلغىنى بويىچە ئۆز ئورنىغا قويۇپ يۈرگۈزگەن كىشىدۇر. ئادالەتلىك بولۇشنىڭ پايدىسى ھەممە كىشىگە يېتىدىغانلىقى ئۈچۈن (ھۆكۈمدار مۇسۇلمان ئادالەتلىك بولسا، ئۇنىڭ ئادالىتىدىن مۇسۇلمانلاردىن تارتىپ كاپىرغىچە، جانلىق ھايۋاناتتىن تارتىپ جانسىز نەرسىلەرگىچە پايدىغا ئېرىشىدىغانلىقى، زۇلۇمغا ئۇچرىمايدىغانلىقى ئۈچۈن)، ھەدىستە ھۆكۈمدارنىڭ ئادىل بولۇشى ھەممىدىن ئاۋۋال تىلغا ئېلىنغان. (فەتھۇل بارى)
سەلەپ ئالىمىرىدىن بەزىلىرى «ئەگەر مېنىڭ بىرلا دۇئانى قىلىش پۇرسىتىم قالغان تەقدىردە، ھۆكۈمدارنىڭ ئىسلاھى ئۈچۈن (يەنى ئادالەتلىك، تەقۋادار بولۇشى ئۈچۈن) دۇئا قىلغان بولاتتىم» دېيىشكەن. (بەيھەقى: شۇئبۇل ئىيمان)
كىشىنىڭ جىمىي ئىشلاردا ئادىل بولۇشى پەرزدۇر. (ئىبنى ئۇسەيمىن: رىيازۇس سالىھىن شەرھى)
«قەلبى مەسجىدلەرگە باغلانغان كىشى»
مەسجىدلەر ناماز ئوقۇلۇپ، سەجدە قىلىنىدىغان جايلاردۇر. بۇنداق كىشىڭ قەلبى دائىما ناماز ئوقۇشقا مايىل بولىدۇ، بىر پەرز نامازنى ئوقۇپ بولسا، يەنە بىر پەرز نامازنى ئارزۇلايدۇ. (ئىبنى ئۇسەيمىن: رىيازۇس سالىھىن شەرھى)
ئەللامە ئابدۇلكەرىم خۇدەير ھەدىستىكى بۇ جۈملىنى شەرھلەپ مۇنداق دېگەن: بۇنداق كىشى مەسجىدتە بىر ۋاخ  پەرز نامىزىنى ئوقۇپ بولۇپ، ئائىلىسىگە قايتىپ، خوتۇن-بالىلىرى بىلەن بىللە تۇرغان پەيتلىرىدىمۇ قەلبىدە كېيىنكى نامازغا بولغان ئىشتىياق ئوخچۇپ تۇرىدۇ، نامازغا ئىنتىزار بولۇپ تۇرىدۇ. كېيىنكى نامىزىنى مەسجىدتە ئوقۇۋېلىش ئۇنىڭغا ئەڭ قىممەتلىك ۋە ئەڭ سۆيۈملۈك تۇيىلىدۇ. ئۇنىڭ نامازغا بولغان ئىنتىزارلىقى كىشىلەرنىڭ ئەڭ ئۈستۈن ماقاملىقىنىڭ ئۆزىنى زىيارەتكە كېلىشىدىنمۇ بەك سۆيۈملۈكتۇر. (يەنى ئۇ ھەممە پەرز نامازلىرىنى مەسجىدتە ئوقۇشقا بەك ئەھمىيەت بېرىدۇ ۋە بۇنى بەك ياخشى كۆرىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن جىمى كۈچىنى ۋە ئىمكانىنى ئىشقا سالىدۇ.) [معنى (ورجل قلبه معلّق في المساجد)]
ھەدىستە تىلغا ئېلىنغان ئايال (مەسىلەن، پادىشاھنىڭ، ۋەزىرنىڭ، چوڭ باشلىقنىڭ قىزى ياكى ئايالى دېگەندەك چوڭ چوڭ ئىشلارغا چىشى پاتىدىغان، بىر ئېغىز سۆز بىلەن ئادەتتىكى كىشىلەر زىنھار ھەل قىلالمايدىغان، قىيىن دەپ قارالغان ئىشلارنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرەلەيدىغان دەرىجىدە) ئۈستۈن مەرتىۋىگە ۋە بايلىققا ئىگە، بۇنىڭ بىلەن بىرگە ناھايىتى گۈزەل ھۆسۈنلۈك ئايالدۇر. (فەتھۇل بارى)
«مەن ئاللاھتىن قورقىمەن»  — ئىمام قۇرتۇبى بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: بۇ سۆز ئاللاھتىن قورقۇشىنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىسى، تەقۋاسىنىڭ كۈچلۈك بولۇشى ۋە ھاياسىنىڭ ئۈستۈن بولۇشى سەۋەبلىك سۆزلەنگەن سۆزدۇر. (فەتھۇل بارى)
«ئاللاھنى زىكىر قىلىپ» — مەيلى تىلى بىلەن، ياكى پەقەتلا قەلبى بىلەن زىكىر قىلىپ، مەنىسىدىدۇر. (فەتھۇل بارى)
«كۆزلىرى ياشقا تولىدىغان» — يەنى كۆزىدىن ياش ئاقىدىغان، مەنىسىدىدۇر. (فەتھۇل بارى)
ھەدىستە تىلغا ئېلىنغان يەتتە تۈرلۈك كىشى ئىچىدە «ئادىل ھۆكۈمدار» بىلەن «قەلبى مەسجىدكە باغلانغان كىشى» دىن باشقا بەش تۈرلۈك كىشى ئايال كىشىگىمۇ ئورتاقتۇر. ئەمما، ئائىلىدە بالا-چاقىسى ئارىسىدا (ئائىلىۋى مەسىلىلەردە) ئادالەتلىك بولغۇچى ئايال — ئادالەتلىك ھۆكۈمدار دائىرىسىگە كىرىپ كېتىدۇ. (فەتھۇل بارى) (چۈنكى، ئايال ئائىلىۋى ئىشلاردىن مەسئۇل بولۇپ، ئائىلىدە ئەر يوق چاغدا ئائىلىنى ئايال كىشى باشقۇرىدۇ، يەنى ئائىلىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ، ئائىلىنىڭ ھۆكۈمدارى بولىدۇ. بالا-چاقىلىرى ئارىسىدا مەيلى ئۆگەي، مەيلى ئۆز بولسۇن، ياكى ھامىيلىقىدا تۇرۇۋاتقان كىچىك بالىلار بولسۇن، ئۇلارغا  ئاللاھ ياخشى كۆرىدىغان شەكىلدە ئادالەتلىك بولسا، ھەدىستە بايان قىلىنغان مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ.)
«قەلبى مەسجىدكە باغلانغان كىشى» ئايال كىشىنىمۇ تەڭ ئۆز ئىچىگە ئالماستىن، ئەرلەرگىلا خاس. چۈنكى، ئايال كىشىنىڭ نامازلىرىنى ئۆيىدە ئوقۇشى مەسجىدتە ئوقۇشىدىن ئەۋزەل. (فەتھۇل بارى)
«نەسەپلىك ۋە گۈزەل جاماللىق ئايال ئۆزىگە چاقىرسا» —  بۇ ھۆكۈمدە ئايال كىشىمۇ ئورتاقتۇر. ئەگەر ئايال كىشىنى يۇقىرىقى سۈپەتتىكى بىر نامەھرەم ئەر ئۆزىگە چاقىرسا، ئايال (پۇرسەت كەڭرى تۇرۇپ ئاللاھتىن قورقۇشى، تەقۋاسى ۋە ھاياسى سەۋەبلىك) ئۇنىڭ بۇ چاقىرىقىنى رەت قىلسا، ھەدىستىكىدەك ئاللاھ ياراتقان سايىدە سايىدايدىغان يەتتە تۈرلۈك كىشىلەر ئارىسىغا كىرىپ كېتىدۇ. (فەتھۇل بارى)
— مۇجتەھىد تورى تەييارلىدى
The post قىيامەت كۈنى ئاللاھ ياراتقان سايىدە سايىدايدىغان يەتتە تۈرلۈك كىشى ھەدىسىنىڭ شەرھى | ئىمام ئىبنى ھەجەر first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
The post قىيامەت كۈنى ئاللاھ ياراتقان سايىدە سايىدايدىغان يەتتە تۈرلۈك كىشى ھەدىسىنىڭ شەرھى | ئىمام ئىبنى ھەجەر appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
«دۇنيا ـــ مۆمىننىڭ تۈرمىسىدۇر، كاپىرنىڭ جەننىتىدۇر» ھەدىسىنىڭ شەرھى
بۇ ھەدىستە شەك بارمۇ؟
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((الدُّنْيَا سِجْنُ الْمُؤْمِنِ ، وَجَنَّةُ الكَافِرِ))«دۇنيا ـــ مۆمىننىڭ تۈرمىسىدۇر، كاپىرنىڭ جەننىتىدۇر.» (مۇسلىم 734)
بۈيۈك تابىئىن ھەيسەمە ئىبنى ئابدۇراھماننىڭ تۆۋەندىكى سۆزى يۇقىرىقى ھەدىسنىڭ ناھايىتى گۈزەل شەرھى بولالايدۇ:
مەشھۇر تابىئىن ئالىم ئەئمەش رەھىمەھۇللاھ، ھەيسەمە ئىبنى ئابدۇراھمان رەھىمەھۇللاھنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى نەقىل قىلغان: ھەيسەمە مۇنداق دېدى: پەرىشتىلەر ئاللاھقا «ئى رەببىم! مۆمىن بەندەڭدىن مال-دۇنيانى قىسىسەن، يەنى تېخى مۆمىن بەندەڭنى بالا-مۇسىبەتلەرگە مۇپتىلا قىلىسەن» دېيىشىدۇ. ئاللاھ پەرىشتىلەرگە «مۆمىن بەندەمگە تەييارلاپ قويغان ساۋاب، مۇكاپاتلارغا قاراڭلار» دەيدۇ. پەرىشتىلەر ئاللاھنىڭ بۇ خىل مۆمىن بەندىلەرگە تەييارلاپ قويغان ساۋاب، مۇكاپاتلىرىنى كۆرگەندىن كېيىن «ئى رەببىم! دېمەك، مۆمىن بەندەڭگە دۇنيادا كەلگەن ئېغىرچىلىق، بالا-مۇسىبەتلەر زىيان سالالمايدىكەن» دېيىشىدۇ. ئاندىن، پەرىشتىلەر ئاللاھقا «ئى رەببىم! كاپىرلارنى بالا-مۇسىبەتلەردىن ئۇزاق قىلىدىكەنسەن، ئۇنىڭغا قوشۇپ مال-دۇنيانى ئۇلارنىڭ پۇتلىرىنىڭ ئاستىغا كەڭرى يېيىپ بېرىدىكەنسەن» دېيىشىدۇ. ئاللاھ پەرىشتىلەرگە «ئاخىرەتتە ئۇنىڭغا بېرىدىغان جازايىمغا قاراڭلار» دەيدۇ. پەرىشتىلەر كاپىرغا ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ بېرىدىغان جازاسىنى كۆرگەندىن كېيىن «ئى رەببىم! كاپىرلارنىڭ دۇنيادا قولغا كەلتۈرگەنلىرى ئۇلارغا ھېچقانداق پايدا بەرمەيدىكەن» دېيىشىدۇ. (ئىبنۇل جەۋزى: صفة الصفوة 2\53)
ئاللاھنىڭ مۆمىنلەرنى پۇل-مالدىن قىسىشى — يەر يۈزىدىكى مۆمىنلەرنىڭ كۆپچىلىكى پۇل-مېلى كۆپ بولمىغان، دۇنيالىق ئېھتىياجلىرىنى تەستە ياكى ئاران-ئاران قامدايدىغان كىشىلەردۇر. پۇلدار، باي مۆمىنلەر تارىختىن بۇيان ئاز نىسبەتنى ئىگىلەيدۇ. «مۆمىن بەندەڭنى پۇل-مالدىن قىسىسەن» دېيشىتىن قىسمەن باي مۆمىنلەر ئەمەس، كۆپ ساندىكى بايلىقى ئاز مۆمىنلەر كۆزدە تۇتۇلغاندۇر.
ئىمام ئىبى ھەجەر جاۋابەن مۇنداق دەپتۇ:
«ھەدىسنىڭ سەھىھلىكىدە، ھەقلىقىدە ۋە توغرىلىقىدا شەك يوق. سېنىڭ نەزىرىڭدە بىز راھەت – پاراغەت، ئىززەت – ھۆرمەت ئىچىدە ھايات كەچۈرۈۋاتىمىز. سەن بولساڭ خارلىق ۋە پېقىرلىق ئىچىدە ھايات كەچۈرۈۋاتىسىەن. ئەمما، مۆمىننىڭ ئاخىرەتتە ئېرىشىدىغان راھەت – پاراغەتكە سېلىشتۇرغاندا بىزنىڭ دۇنيادىكى راھەت – پاراغەتلىرىمىز پەقەت تۈرمىدىكى ئادەمنىڭ راھەت – پاراغىتىگە ئوخشايدۇ. بىزنىڭ دۇنيادىكى ئۈستۈنلىكىمىز ۋە راھەت – پاراغىتىمىز ئاخىرەتكە سېلىشتۇرغاندا ھېچنەرسىگە ئەرزىمەيدۇ. بۇنىڭغا قارىغاندا، بىزنىڭ دۇنيادىكى ھاياتىمىز ئاخىرەتتىكى ھاياتىمىزغا سېلىشتۇرغاندا بەئەينى تۈرمىدىكى ئادەمدەك چەكلىمە ۋە قىيىنچىلىق ئىچىدىدۇر.
ئەمدى، سېنىڭ دۇنيادىكى بۇ پېقىرلىقىڭ ۋە خارلىقىڭ — ئاخىرەتتە تارتىدىغان جازايىڭ ۋە قىينچىلىقىڭ ئالدىدا ھېچنېمە ئەمەس. سەن ھازىر دۇنيادا بەئەينى جەننەتتە ياشىغاندەك ياشاۋاتىسەن، ئەمىنلىك ئىچىدە، خاتىرجەملىك ئىچىدە ياشاۋاتىسەن. ھېچكىم جېنىڭغا ۋە مېلىڭغا چېقىلالمايدۇ. ھېچكىم سېنى شەخسىي ئەركىنلىكىڭدىن توسالمايدۇ. ئۆيۈڭدەخالىغىنىڭنى قىلىسەن، سىرتقا چىقىپ خالىغان يەرگە بارالايسەن. خالىغان تامىقىڭنى يەپ، خالىغان ئايال بىلەن ئۆيلىنەلەيسەن. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاخىرەت ھاياتىڭغا سېلىشتۇرغاندا سەن ئۈچۈن بەئەينى جەننەتتە ياشاۋاتقاندەك بىر ئىش. مۇشۇ ھالىتىڭدە، ئىسلامدىن باشقا دىن ئۈستىدە ئۆلسەڭ، ئاخىرەتتە تارتىدىغان جازايىڭ بەك شىددەتلىك بولىدۇ، ئاقىۋەتتە دۇنيادا بەئەينى جەننەتتە ياشىغاندەك ياشاپتىكەنمەن دەپ قالىسەن. شۇڭا، ھەدىس توغرا. سەن ھەر قانچە پېقىر ۋە خار ھالەتتە ياشاۋاتقاندەك تۇرساڭمۇ، بۇ ھاياتىڭ ئاخىرەت ھاياتىڭغا سېلىشتۇرغاندا سەن ئۈچۈن جەننەتتەك كەڭرى ۋە راھەت ھايات. بىز ھەر قانچە راھەت – پاراغەت ۋە ئىززەت ھۆرمەت ئىچىدە ياشاۋاتقاندەك تۇرساقمۇ، دۇنيادىكى بۇ ھاياتىمىز ئاخىرەتتىكى نازۇ – نېمەتلەر ۋە ئىززەت – ئېكراملارغا سېلىشتۇرغاندا بەئەينى دوزاختەك تار ھايات ھېسابلىنىدۇ.»
يۇقىرىدا ئىككى مىسال بېرىلدى. بىرىنچىسى، دۇنيادا قىينچىلىق ئىچىدە ياشىغان مۆمىن بىلەن كەڭچىلىك ئىچىدە ياشىغان كاپىرنىڭ سېلىشتۇرمىسى. ئىككىنچىسى، دۇنيادا كەڭچىلىك ئىچىدە ياشىغان مۆمىن بىلەن تارچىلىقتا ياشىغان كاپىرنىڭ سېلىشتۇرمىسى. «دۇنيا مۆمىننىڭ تۈرمىسى، كاپىرنىڭ جەننىتى» دېگەن سەھىھ ھەدىس ھەر ئىككىلى ھالەتتىكى كىشىنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن بولۇپ، ئاللاھ بىزلەرنى مۆمىنلىك ھالىتىدە ياشاپ، مۆمىنلىك ھالىتىدە ۋاپات تېپىشقا نېسىپ قىلسۇن.
— قۇدرەت بارات تەييارلىدى
The post «دۇنيا ـــ مۆمىننىڭ تۈرمىسىدۇر، كاپىرنىڭ جەننىتىدۇر» ھەدىسىنىڭ شەرھى first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
The post «دۇنيا ـــ مۆمىننىڭ تۈرمىسىدۇر، كاپىرنىڭ جەننىتىدۇر» ھەدىسىنىڭ شەرھى appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
ھەر بىر مۇسۇلمان ئايەت ھەدىسلەرنى باشقىلارغا تارقىتىشى كېرەكمۇ؟ | ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزان پەتىۋاسى
ھەر بىر مۇسۇلمان ئايەت ھەدىسلەرنى باشقىلارغا تارقىتىشى كېرەكمۇ؟
پەتىۋا بەرگۈچى: ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزان ھافىزەھۇللاھ
سوئال: ئاللاھ سىلىگە ياخشى مۇكاپات بەرسۇن. سوئال سورىغۇچى مۇنداق يېزىپتۇ: ئاللاھ سىلىگە ياخشىلىق ئاتا قىلسۇن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ «مەندىن بىر ئايەت بولسىمۇ يەتكۈزۈڭلار» ھەدىسىنىڭ مەنىسى نېمە؟ چۈنكى بەزى ئىنسانلارنىڭ ئىلىم سەۋىيەسىنىڭ تۆۋەنلىكىگە باقماي، بۇ ھەدىسنى دەلىل قىلىپ تۇرۇپ، كىشىلەرگە دەۋەت قىلىۋاتقىنىنى كۆرىۋاتىمىز.
شەيخ بۇ سوئالغا مۇنداق جاۋاب بەرگەن:
ئىسلام شەرئىتىنى تارقىتىش پەرزدۇر. لېكىن، ئىسلام شەرىئىتىنى تارقىتىش بەزىدە ئايەتلەرنى ۋە ھەدىسلەرنى باشقىلارغا ئۆز پېتى، ئۆز لەۋزى بويىچە يەتكۈزۈش بىلەن بولىدۇ. ئايەتلەرنىڭ ۋە ھەدىسلەرنىڭ مەنىسىنى چۈشەنمىگەن ياكى ئۆز رەيى بويچە يۈزەكى چۈشەنگەن كىشى ئايەت ۋە ھەدىسلەرنىڭ لەۋزىنى ئەينى پېتى يەتكۈزىدۇ. كىشى قۇرئاننىڭ بىر قىسىمىنى ياكى ھەممىسىنى يادلىغان بولسا، ئۇنى ئوقۇشنى باشقا كىشىلەرگە ئۆگىتىدۇ ۋە يادلاتقۇزىدۇ. ئىسلام شەرىئىتىنىڭ ئاساسى بولغان ئايەت ھەدىسلەرنىڭ لەۋزىنى تارقىتىش دېگىنىمىزدىن مەقسەت مانا بۇدۇر.
كىشىنىڭ فىقھىي ئىلىمى بولمىسا، ئايەت ۋە ھەدىسلەرنى يەتكۈزگەندە ئۇ ئايەتلەرنى ۋە ھەدىسلەرنى ئۆز كاللىسى بويىچە تەپسىرلىمەيدۇ، چۈشەندۈرۈپ شەرھلىمەيدۇ، ھالبۇكى شەرئىي دەلىلنىڭ لەۋزى قانداق بولسا شۇ پېتى يەتكۈزۈش بىلەنلا بولدى قىلىدۇ. فىقھىي ئىلىمى يوق كىشى ئىنسانلارغا قۇرئان ئايەتلىرىنى ئوقۇيدۇ ۋە قۇرئاننى ئوقۇشنى ئۆگىتىدۇ، ھەدىسلەرنى يادلاتقۇزىدۇ، شۇنداقلا ئىنسانلارغا ۋەز-نەسىھەت بولسۇن ئۈچۈن ئۆزى ئىگىلىگەن ئايەت ھەدىسلەرنى ئوقۇپ بېرىدۇ. بۇنداق قىلىشتا، يەنى ئايەت ھەدىسلەرنىڭ تەپسىرىنى ۋە شەرھىنى مەخسۇس ئۆگەنمىگەن كىشىنىڭ ئايەت ھەدىسلەرنى ئۆز لەۋزى بويىچە، ئۆز پېتى باشقىلارغا يەتكۈزىشىدە ھېچبىر چەكلىمە يوق.
ئىسلام شەرىئىتىنى يەتكۈزۈشنىڭ ئىككىنچى تۈرى بولسا، ئايەت ھەدىسلەرنىڭ مەنىسىنى ئىنسانلارغا يەتكۈزۈشتۇر. تەبلىغ-دەۋەتنىڭ بۇ قىسىمىنى پەقەت ئالىملار قىلىدۇ.
ئايەت ھەدىسلەرنىڭ مەنىسىنى ئىنچىكە ۋە توغرا رەۋىشتە چۈشەنمىگەن، ئالىم بولمىغان كىشىنىڭ قۇرئاننى تەپسىر قىلىشىغا، ھەدىسلەرنى شەرھلىشىگە بولمايدۇ. ھالال ھارام مەسىلىلىرىدە پەتىۋا بېرىشىگە تېخىمۇ بولمايدۇ. بۇلار پەقەتلا ئالىملارنىڭ ئىشىدۇر.
بۇ ئىككى ئەھۋالنى ياخشى چۈشىنىۋېلىشىڭلار لازىم. ئايەت ھەدىسنى باشقىلارغا يەتكۈزۈش ئەلۋەتتە شۇ ئايەت ھەدىس يېتىپ كەلگەنلىكى ھەر كىمگە پەرزۇدر. لېكىن، ئالىم بولمىغان كىشى ئايەت ھەدىسنىڭ زاھىرىي مەنىسىنى يەتكۈزۈش بىلەنلا بولدى قىلىدۇ، مەنىسى ھەققىدە سۆز قىلمايدۇ. ئالىم كىشى بولسا ھەم ئايەت ھەدىسلەرنىڭ لەۋزىنى يەتكۈزىدۇ، ھەم ئۇنىڭ مەنىسىنى يەتكۈزىدۇ.
ئايەت ھەدىسلەرنى ئۆز پېتى يەتكۈزۈش — ئاللاھنىڭ كىتابىدىن ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىدىن قانچىلىك خەۋەردار بولسا شۇنچىلىك دەرىجىدە ئۆز لەۋزى بويىچە يەتكۈزۈش ھەر كىمگە پەرزدۇر. بۇ خىل كىشىلەر شەرئىي دەلىللەرنى\ ئايەت-ھەدىسلەرنى مەنە بەرمەستىن كىشىلەرگە ئۆز پېتى يەتكۈزىدۇ، (يادلاتقۇزۇشقا قۇربى يەتسە) يادلاتقۇزىدۇ.
ئالىم كىشى بولسا، ئايەت ھەدىسلەرنىڭ لەۋزىنى يەتكۈزۈش بىلەن بىرگەن، مەنىسىنىمۇ يەتكۈزىدۇ، كىشىلەرنىڭ ئايەت ھەدىسلەرنى توغرا چۈشىنەلىشى ئۈچۈن تەپسىرلەپ، شەرھلەيدۇ.
مانا بۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ «مەندىن بىر ئايەت بولسىمۇ يەتكۈزۈڭلار» ھەدىسىنىڭ مەنىسىدۇر.
— مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
The post ھەر بىر مۇسۇلمان ئايەت ھەدىسلەرنى باشقىلارغا تارقىتىشى كېرەكمۇ؟ | ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزان پەتىۋاسى first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
The post ھەر بىر مۇسۇلمان ئايەت ھەدىسلەرنى باشقىلارغا تارقىتىشى كېرەكمۇ؟ | ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزان پەتىۋاسى appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
«ئوغرىلىق قىلسىمۇ، زىنا قىلسىمۇ…» ھەدىسىنىڭ شەرھى | ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ
«ئوغرىلىق قىلسىمۇ، زىنا قىلسىمۇ…» ھەدىسىنىڭ شەرھى
ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ
تۆۋەندىكى ھەدىسنىڭ سەھىھ ياكى ئەمەسلىكىنى بىلىۋالماقچىمەن.
سوئالىم شۇكى: بۇ ھەدىس سەھىھمۇ يوق؟ ھەدىسنىڭ مەنىسىنى تەپسىلىي ئىزاھلاپ بەرگەن بولسىلىرى. ئاللاھ سىلىگە ئەجر ئاتا قىلغاي.
جاۋاب:
بۇ سەھىھ ھەدىستۇر. بۇ ھەدىسنىڭ مەنىسى مۇنداق: ئەگەر كىشى ئىسلام ئۈستىدە ۋاپات تاپسا زىنا قىلغان، ئوغرىلىق قىلغان بولسىمۇ، ئاقىۋەتتە جەننەتكە كىرىدۇ.
بىراق، ئاللاھ ئۇنىڭ گۇناھلىرىنى مەغفىرەت قىلمىغان بولسا، ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ خالىشى بويىچە گۇناھلىرى سەۋەبلىك ئاللاھنىڭ جازالىشىغا ئۇچرايدۇ.
بۇ ھەدىس چوڭ-كىچىك گۇناھلاردىن ساقلانمىسىمۇ بولىدۇ، دېگەن مەنىنى بىلدۈرمەيدۇ. ئەكسىچە، بۇ ھەدىس كىشىنىڭ ئۆزىدە مۇستەھكەم ئىسلام ئەقىدىسى شەكىللەدۈرۈشىنى تەشۋىق قىلىدۇ.
شەكسىزكى، كىشىنىڭ ئىسلامى ئۇنى دوزاختا مەڭگۈ قېلىشتىن ساقلاپ قالىدۇ. (يەنى ئىسلام ئۈستىدە ۋاپات تاپقان كىشى، ئاخىرەتتە گۇناھلىرى جىق كېلىپ كېتىپ دوزاخقا كىرگەن تەقدىردىمۇ، دوزاختا گۇناھلىرىنىڭ جازاسىنى تارتىپ بولۇپ، ئاقىۋەتتە ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن جەننەتكە كىرىدۇ.)
لېكىن ئىنسان شۇنى بىلىشى لازىمكى، ئۆلىمالارنىڭ دېگىنىدەك، گۇناھلار كۇفۇرنىڭ ۋاستىچىسىدۇر. كىشى گۇناھ ئىشلەشنى داۋام قىلىۋېرىپ، ئاقىۋەتتە كاپىرلىق دەرىجىسىگىچە يېتىپ بېرىشى مۇمكىن. بۇنداق بولۇپ قېلىشتىن ئاللاھتىن پاناھ تىلەيمىز.
ئاللاھقا ئىتائەت ۋە ئىبادەت قىلىشنىڭ مىسالى سۇنىڭ دەل-دەرەخنى سۇغۇرىشىغا ئوخشايدۇ.
كىشى دەل-دەرەخنى سۇغۇرۇشنى داۋاملاشتۇرسا، دەرەخ ياشناپ كۆكلەيدۇ.
گۇناھلار بولسا دەرەخنىڭ شېخىنى كېسىپ تاشلاشقا ئوخشايدۇ.
ئىنسان قاچانلىكى دەرەخنىڭ بىر شېخىنى كېسىپ تاشلىسا، دەرەخ كېسىلگە مىقداردا كىچىكلەپ ئاجىزلايدۇ. دەرەخ شاخلىرىنى كېسىپ تاشلاش داۋاملاشسا، ئاقىۋەتتە دەرەخنىڭ پۈتۈن شاخلىرى يوق بولىدۇ.
بۇ ھال ئاخىردا دەرەخنىڭ يىلتىزىغىچە قۇرۇپ كېتىشىگە سەۋەب بولىدۇ.
ئىماننى مۇھاپىزەت قىلىش بىلەن گۇناھلاردا داۋام قىلىشنىڭ مىسالى مانا مۇشۇنداقتۇر.
ئىش بۇنداق ئىكەن، كىشى ئاللاھقا ئىتائەت ۋە ئىبادەت قىلىش، شۇنداقلا تۈرلۈك گۇناھلاردىن ئۇزاق تۇرۇش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئىمانىنى مۇھاپىزەت قىلىشى لازىم.
لېكىن، بارچە شېرىكلەردىن ئۇزاق، ھەقىقىي ئىمانغا ئىگە بولغان مۇسۇلمان كىشى ئۇنى كاپىر قىلىۋېتىدىغان گۇناھلارنى قىلمىغان ھالەتتە ۋاپات تاپسا — ئىنشائاللاھ — ئەڭ ئاخىرىدا ئۇنىڭ بارىدىغان جايى جەننەتتۇر.
— مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
The post «ئوغرىلىق قىلسىمۇ، زىنا قىلسىمۇ…» ھەدىسىنىڭ شەرھى | ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
The post «ئوغرىلىق قىلسىمۇ، زىنا قىلسىمۇ…» ھەدىسىنىڭ شەرھى | ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن | «ئادەم بالىسىنىڭ زىنادىن نېسىۋىسى پۈتۈۋېتىلگەن» ھەدىسىنىڭ شەرھى
ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن | «ئادەم بالىسىنىڭ زىنادىن نېسىۋىسى پۈتۈۋېتىلگەن» ھەدىسىنىڭ شەرھى
مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى | mujtehid.com
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئادەم بالىسىنىڭ زىنادىن نېسىۋىسى پۈتۈۋېتىلگەن. ئۇ بۇنى مۇتلەق ئورۇندايدۇ. كۆزنىڭ زىناسى قاراش، قۇلاقنىڭ زىناسى ئاڭلاش، تىلنىڭ زىناسى سۆزلەش، قولنىڭ زىناسى تۇتۇش، پۇتنىڭ زىناسى مېڭىشتۇر. قەلب ئارزۇلاپ-تەلەپ قىلىدۇ. جىنسىي ئەزا بۇنى ياكى قوبۇل قىلىدۇ، ياكى رەت قىلىدۇ.» (بۇخارى 5774؛ مۇسلىم 4802؛ رىيازۇس سالىھىن 1623)
ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەدىسنى مۇنداق شەرھلىگەن:
«ئادەم بالىسىنىڭ زىنادىن نېسىۋىسى پۈتۈۋېتىلگەن.» يەنى، ئاللاھ تالا ساقلىغان كىشىلەردىن باشقا ئىنسانلار مۇتلەق زىناغا چۈشىدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئادەم بالىلىرىنىڭ زىناغا چۈشۈشىگە ئۆرنەك بېرىپ مۇنداق دېگەن:«كۆزنىڭ زىناسى قاراش.» يەنى ئۆزىگە مەھرەم ھېسابلانمايدىغان يات ئايالغا قاراشتۇر. يات ئايالغا شەھۋەتسىز ھالەتتە قارىسىمۇ بەرىبىر ئوخشاشلا زىنانىڭ بىر تۈرى، يەنى كۆز زىناسى ھېسابلىنىدۇ. «قۇلاقنىڭ زىناسى ئاڭلاش.» مەسىلەن، ئەر كىشى ئايال كىشىنىڭ (ياكى ئايال كىشى ئەر كىشىنىڭ) ئاۋازىنى لەززەت ئېلىپ تىڭشىشى قۇلاق زىناسىدۇر. «قولنىڭ زىناسى تۇتۇش.» يەنى قول بىلەن تۇتۇش، قولىنى تەگكۈزۈش ۋە مۇشۇ قاتاردىكى ھەرىكەتلەر. «پۇتنىڭ زىناسى مېڭىشتۇر.» يەنى ئىنساننىڭ (كۆز، تىل، قۇلاق، قەلب، ياكى جىنسى ئەزا) زىناسى بولىدىغان جايلارغا مېڭىشى پۇت زىناسىدۇر. مەسىلەن، بىر ئايالنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ ياكى ئۇ ئايالنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ يېنىغا مېڭىش زىنانىڭ بىر پارچىسىدۇر. بۇ پۇتلارنىڭ زىناسىدۇر. «قەلب ئارزۇلاپ، تەلەپ قىلىدۇ» يەنى قەلبنىڭ ئاياللارغا باغلىنىشى ۋە ئاياللارغا مايىل بولۇشى قەلب زىناسىدۇر. «جىنسىي ئەزا ياكى بۇنى قوبۇل قىلىدۇ» يەنى بۇ زىنانى قىلىد قىلىدۇ، «ياكى رەت قىلىدۇ» يەنى بەربات قىلىدۇ. يەنى جىنسىي ئەزا زىنا قىلسا، پۈتكۈل ئورگانلارنىڭ زىناسىنى قوبۇل قىلغان، تەستىقلىغان ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر جىنسىي ئەزا زىنا قىلمىسا، زىنادىن ئۇزاق تۇرۇپ ئۆزىنى قورۇسا، بۇ باشقا ئەزالارنىڭ زىناسىنى رەت قىلىپ، بىكار قىلغانلىقى ھېسابلىنىدۇ.
بۇ ھەدىس ئاياللارغا مايىل بولۇشقا، ئۇلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاشقا، ئۇلارغا قاراشقا، ئۇلارنى تۇتۇپ-تېگىشىشكە، ئۇلارغا قاراپ مېڭىشقا، قەلىبنىڭ ئۇلارغا باغلىنىشىغا نىسبەتتەن ناھايىتى دىققەتلىك بولۇشقا ۋە بۇلاردىن ساقلىنىشقا تەشۋىق قىلماقتا. چۈنكى، بۇلارنىڭ ھەممىسى زىنانىڭ تۈرلىرىدىن ھېسابلىنىدۇ. ئەقىللىق ۋە نومۇسچان ئىنسان، بۇ ئەزالىرىنىڭ ھەر قانداق بىرى سەۋەبلىك زىناغا چۈشۈپ قېلىشتىن ساقلىنىدۇ. ئەگەر ئىنسان نەپسىدە بۇنداق بىر ئازرۇنى ھېس قىلسا دەرھال بۇ ئارزۇسىنى يوققا چىقىرىشى كېرەك. چۈنكى، شەيتان ئىنساننىڭ تۇمۇرىدا قاننىڭ ئاققىنىدەك ئېقىپ تۇرىدۇ. نامەھرەمگە قاراشمۇ شەيتاننىڭ زەھەرلىك ئوقلىرىدىن بىرىدۇر. بەزىدە، ئەر كىشى بىر ئايالغا قارايدۇ، ئەمما تۇنجى قاراشتا نەپسى ئۇ ئايالغا باغلانمايدۇ. ئەمما، ئىككىنجى، ئۈچىنجى رەت قاراش سەۋەبلىك، ئاقىۋەتتە قەلبى ئۇ ئايالغا مايىل بولۇپ، باغلىنىپ قالىدۇ ۋە سەۋداغا چۈشۈپ-ئاللاھ ساقلىسۇن- ئۇ ئايالدىن باشقىنى ئويلىمايدىغان ھالغا چۈشۈپ قالىدۇ. قوپسىمۇ، ئولتۇرسىمۇ ئۇ ئايالنى خىيال قىلىدۇ-دە، ئاقىۋەتتە يامانلىق ۋە پىتنە مەيدانغا چىقىدۇ. ئاللاھ تائالادىن ھەر تۈرلۈك يامانلىقلارغا مۇپتىلا بولۇپ قېلىشتىن پاناھلىق تىلەيمىز. (ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىنننىڭ «رىيازۇس سالىھىن شەرھى» ناملىق ئەسىرىدىن مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلدى | mujtehid.com)
The post ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن | «ئادەم بالىسىنىڭ زىنادىن نېسىۋىسى پۈتۈۋېتىلگەن» ھەدىسىنىڭ شەرھى first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
The post ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن | «ئادەم بالىسىنىڭ زىنادىن نېسىۋىسى پۈتۈۋېتىلگەن» ھەدىسىنىڭ شەرھى appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
ھەدىستىكى مۆجىزە: ئىتنىڭ تېنىدىكى قۇرت ۋە ئىنسانلارنىڭ كېسەل بولۇشى
ھەدىستىكى مۆجىزە: ئىتنىڭ تېنىدىكى قۇرۇت ۋە ئىنسانلارنىڭ كېسەل بولۇشى
مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەييارلىدى | mujtehid.com
بسم الله والحمد لله والصلاة والسلام على رسول الله
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ، پەيغەمبەر سەللاللاھۇئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «سىلەردىن بىرىڭلارنىڭ قاچىسىنى ئىت يالاپ قويسا، ئىت يالاپ قويغان قاچا تۇنجى قېتىمدا توپا بىلەن جەمئىي يەتتە قېتىم يۇيۇش ئارقىلىق پاكىزلىنىدۇ.» (بۇلۇغۇلمەرام 8-ھەدىس) ئىمام ئىبنى ھەجەر بۇلۇغۇمەرامدا يۇقىرىقى ھەدىسنى نەقىل قىلغاندىن كېيىن مۇنداق دېگەن:  بۇ ھەدىسنى مۇسلىم رىۋايەت قىلغان بولۇپ، مۇسلىمنىڭ يەنە بىر رىۋايىتىدە «ئىچىدىكىلەرنى تۆكسۇن» دەپ كەلگەن. تىرمىزىنىڭ راۋايىتىدە «ئاخىرقىسىنى ياكى تۇنجى قېتىملىقىنى تۇپراق بىلەن پاكلىسۇن» دەپ كەلگەن.
مۇھەددىس ئالىم سەفىيۇرراھمان مۇبارەكفۇرى بۇلۇغۇلمەرامنىڭ شەرھىدە بۇ ھەدىس توغرۇلۇق مۇنداق دېگەن:
ھەدىس ھەرگىزمۇ بىرىنچى ۋە ئاخرىقىسىنى تۇپراق بىلەن يۇيۇش توغرىسىدا ئىختىيارلىق بارلىقىنى كۆرسەتمەيدۇ.  بۇ يەردىكى شۈبھە، يەنى بىرىنچى قېتىمدا تۇپراق بىلەن يۇيامدۇ ياكى ئاخىرقى قېتىمدا تۇپراق بىلەن يۇيامدۇ؟ بۇ جەھەتتىكى شۈبھە راۋىي سەۋەبىدىندۇ. دەسلەپكى قېتىم تۇپراق بىلەن يۇيۇش توغرىسىدىكى ھەدىس راۋىلىرىنىڭ كۆپ بولۇشى، شۇنداقلا راۋىلىرى بۇخارى ۋە مۇسلىمنىڭ راۋىلىرى بولغانلىقى يۈزىسىدىن، دەسلىپىدە تۇپراق بىلەن پاكلاپ ئاندىن يۇيۇش ھەدىسى كۆپلەپ قوبۇل كۆرگەن. بۇ ھەدىس ئىتنىڭ ئاغزىدىن چىققان شۆلگىيىنىڭ ۋە ئىتتىن ئاشقان نەرسىنىڭ نىجىس بولدىغانلقىنى كۆرسىتىدۇ، شۇنداقلا ئىتنىڭ بەدىنىنىڭمۇ نىجىس بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ھەدىس بۇنىڭدىن سىرت ئىت يالاپ  قويغان قاچىنى يەتتە قېتىم يۇيۇشنىڭ ۋاجىپ بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. مۇھەققىق ئالىملارنىڭ كۆز قارىشىمۇ مۇشۇنداق. بەزى ئالىملار قاچىنى يەتتە قېتىم يۇيۇشنىڭ مۇستەھەپ بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان. بەزى ئالىملار قاچىنى ئۈچ قېتىم يۇيۇش يېتەرلىك بولىدۇ، دېگەن قارشتىدۇر. ئەمما، بۇ ئىككى ھۆكۈم ھەدىسنىڭ ھۆكۈمىگە ئۇيغۇن ئەمەس (شۇڭا قوبۇل قىلىنمايدۇ.) بىلىنگىنىدەك، ھەر قانداق نەرسىدىكى نىجاسەتنى يوق قىلىش ئۈچۈن ئۇنى يەتتە قېتىم يۇيۇش شەرت ئەمەس، ئەمما، ئىت چېپىلىپ قويغان نەرسىنى يەتتە قېتىم يۇيۇش شەرت.  رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئىت چېپىلىپ قويغان قاچىنى يەتتە قېتىم يۇيۇشقا بۇيرۇشىدا نىجاسەتنىڭ سىرتىدا باشقا بىر ھېكمەت بولغانلىقى ئۈچۈندۇر. بۇنىڭدىكى ھېكمەت دەۋرىمىزدىكى بەزى مېدىتسىنا ئالىملىرىنىڭ مۇنۇ بايقىشى ئارقىلىق ئىسپاتلانماقتا: كۆپلىگەن ئىتلارنىڭ ئاشقازىنىدا تۆت مىللىيمېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى ئىنتايىن كىچىك ئۈچەي قۇرتى بولۇپ، ئىت تەرەت قىلغاندا بۇ قۇرۇتلارنىڭ تۇخۇملىرى تەرىتى بىلەن بىرلىكتە سىرتقا چىقىپ، بۇ قۇرتلارنىڭ بىر قىسىمى ئىتىنىڭ مەقئەت رايونىدىكى تېرىسىنىڭ ئەتىراپىدىكى تۈكلەرگە يېپىشىپ قالىدۇ. ئىت مەقىتىنى تىلى بىلەن پاكىزلىغان ۋاقىتتا بۇ قۇرت تۇخۇملىرى ئاۋۋال ئىتنىڭ تىلىغا، ئاندىن ئاغزىغا يۆتكىلىدۇ. ئىت بىرەر قاچىنى يالىغاندا ياكى ئۇ قاچىدا سۇ ئىچكەندە بۇ قۇرۇتنىڭ تۇخۇملىرى قاچىلارغا يېپىشىپ قالىدۇ، ياكى ئىنسانلار ئىتنىڭ ئاغزىغا سۆيگەن ۋاقتىدا بۇ تۇخۇملار ئىنساننىڭ ئاغزىغا يۆتكىلىدۇ، شۇ ئارقىلىق ئاشقازانغا يېتىپ بارىدۇ. بۇ قۇرۇت تۇخۇملىرى ئاشقازاندا بىر مەزگىل تۇرغاندىن كېيىن يېتىلىپ، ئاخىرىدا ئاشقازاننى تېشىپ قان تۇمۇرلارغا ئۆتۈپ كېتىدۇ. قان تۇمۇرلار ئارقىلىق مېڭە، ئاشقازان، جىگەر ۋە باشقا ئورگانلاردا كۆپلىگەن كېسەللىكلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەپ بولىدۇ.  (غەربلىكلەر ئىت بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ قوپۇشقا ئادەتلەنگەنلىكى ئۈچۈن) ھازىر غەرىپلىك دوختۇرلار بۇ خىل كېسەللىكلەرگە كۆپ دۇچ كەلمەكتە. ئۈچىيىدە قۇرت بولغان بۇنداق ئىتلارنى ئايرىپ چىقىش بەك تەس بولۇپ، بۇنداق ئۈچەي قۇرتى بار بولغان ئىتلارنى ئىسپاتلاپ چىقىش ئۈچۈن ئۇزۇن ۋاقىت، چۇڭقۇر ئىزدىنىش ۋە نادىر تېخنىكا ئەسۋاپلىرى كېرەك بولىدۇ. ئىسلام ئىتنى نىجىس دەپ قارىغانلىقى ئۈچۈن، ئىت يالاپ قويغان قاچىلارنى يەتتە قېتىم يۇيۇشقا بۇيرۇغان. قاچىلارنى يەتتە قېتىم يۇيۇش، قاچىلارنىڭ پاكىز بولىشى ۋە ئىچىدە ھېچ بىر نەرسىنىڭ قېلىپ قالماسلىقى ئۈچۈندۇر. بۇ سۆزلىگەنلىرىمىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ يۇقىرىقى بۇيرۇقىدا ئوچۇق ئوتتۇرغا قويۇلغاندۇر.  يۇقىرىقى بايانلىرىمىز رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئىت يالاپ قويغان قاچىنى يەتتە قېتىم يۇيۇش بۇيرۇقىنىڭ ھېكمىتىنى ئوچۇق رەۋىشتە بىلدۈرمەكتە. ئاللاھ تائاللا ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر. (سەفىيۇرراھمان مۇبارەكفۇرى، بۇلۇغۇلمەرام شەرھى)
ئامېرىكا سەھىيە مىنىستىرلىقى ئورگان تور بېتىدە مۇنداق دېيىلگەن:«گەرچە ئىت ساغلاملىق ئۈچۈن ۋە  ئىت ئىگىلىرىنىڭ ياخشى ھايات كەچۈرۈشى ئۈچۈن پايدىلىقتەك تۇرسىمۇ، كىشىلەر ھەر قانداق ياشتىكى ئىتلارغا نىسبەتەن، پىستە ئىتلارمۇ شۇنىڭ ئىچىدە، دىققەتلىك بولۇشى لازىم. ئىتلار بەزىدە كىشىلەرنى كېسەل قىلىدىغان زىيانلىق پارازىتلارنى توشۇپ يۈرىدۇ. ئىتنىڭ تېنىدىكى پارازىتلار خىلمۇخىل كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئىت سەۋەبلىك كېلىپ چىققان كېسەللىكلەر كىچىك بولغاندا تېردىكى ياللۇغلىنىش ، چوڭ بولغاندا ئېغىر كېسەللىكلەردىن ئىبارەت.  ئىت ئارقىلىق كېسەل بولۇشتىن ئۆزىڭىزنى قوغداشنىڭ ئەڭ ياخشى چارىسى ئىتنى تۇتۇش،  ئىت بىلەن ئوينىشىش، ئىتقا يېمەكلىك بېرىش ياكى ئىتنى يۇيۇپ-تاراش قاتارلىقلاردىن كېيىن قولىڭىزنى پاك-پاكىز يۇيۇشتۇر.»[1]
يەر شارىنىڭ ۋە پۈتكۈل كائىناتنىڭ پادىشاھى ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا تەرىپىدىن مىلادىيە يەتتىنچى ئەسىردە پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە  پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلگەن بۈيۈك پەيغەمبەر مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ دەۋرىدە ئىتنىڭ ئۈچىيىدىكى، تۆت مىللىمېتىر چوڭلۇقىدىكى پارازىت قۇرتلارنى بايقاپ چىقىدىغان تەجرىبىخانىلار، مىكروسكوپلار ۋە بۇنىڭغا ماس تېخنولوگىيە يوق ئىدى. بۇ خىل تېخنولوگىيە يېقىنقى ئەللىك يىل مابەينىدە ئوتتۇرىغا چىقىپ تەرەققىي قىلدى. سۈرە نەجمدە «رەسۇلىمىز پەيغەمبەر پەقەت ئۆزىگە ۋەھىي قىلىنغان ۋەھىينىلا سۆزلەيدۇ» دېگەن ئايەت بار. سەھىھ بۇخارىنىڭ ھەدىسىدىن بىرىدە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «مېنىڭ تىلىمدىن پەقەت ھەقلا چىقىدۇ» دېگەن. ئىت يالاپ قويغان قاچىنى يەتتە قېتىم يۇيۇش ھەدىسىمۇ مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە ئاللاھ قىلغان ۋەھىيدۇر دەپ ئىمان ئېيتمىز. ئىمام ئىبنى بازدىن «مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە ھەدىس قانداق ۋەھىي قىلىناتتى؟» دەپ سورالغاندا مۇنداق جاۋاب بەرگەن: ئاللاھ ھەدىسنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە جىبرىل پەرىشتە ئارقىلىق ۋەھىي قىلغان. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن كەلگەن سەھىھ ھەدىستىكىدەك، بەزىدە جىبرىل پەرىشتە رەسۇلۇللاھقا ئىنسان شەكلىدە كېلەتتى، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلايتتى (رەسۇلۇللاھقا ۋەھىي قىلىنغان ھەدىس بۇ شەكىلدە ئۇ زاتقا يېتىپ كېلەتتى.) [ئىبنى باز پەتىۋالىرى 9\463]
مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ يەنە بىر سەھىھ ھەدىسىدە  مۇنداق كەلگەن:«كىمكى پادىچىلىق، دېھقانچىلىق ياكى ئوۋچىلىق زۆرۈرىيىتى يوق ھالدا ئىت باقسا، ھەر كۈنلۈك ساۋابىدىن بىر قىرات كېمىيىپ كېتىدۇ.» (مۇسلىم 1575) سەھىھ بۇخارىدىمۇ (5163-ھەدىسىدە) مۇشۇنىڭغا يېقىن مەنىدە ھەدىس كەلگەن. مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم يەنە مۇنداق دېگەن:«پاكىزلىق ئىماننىڭ يېرىمىدۇر.» يەنە بىر ھەدىستە «تاھارەت ئىماننىڭ يېرىمىدۇر» دېيىلگەن. يۇقىرىقى ھەدىسلەرنى ئۈستىدە بايان قىلىنغان ئىتنىڭ تېنىدىكى پارازىت قۇرۇت، مەقىتىنى تىلى بىلەن يالىشى قاتارلىق يىرگىنىشلىك ئەھۋاللار بىلەن بىرلەشتۈرۈپ چۈشەنگىنىمىزدە، پاكىزلىق دىنى بولغان، بەدەننى ۋە ئەقىلنى ئاسىراشنى پەرز قىلىپ بەلگىلىگەن ئىسلام دىنىنىڭ ئىنسانلارنىڭ مەنپەئەتىگە نەقەدەر ئۇيغۇنلۇقى، ئاللاھنىڭ ياكى ئۇنىڭ پەيغەمبىرى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ چەكلىگەن ھەر قانداق ئىشىدا چوقۇم ئىنسانلارنىڭ يا دۇنيالىق، ياكى ئاخىرەتلىك، ۋەياكى ھەم دۇنيالىق ھەم ئاخىرەتلىك مەنپەتئەتى مەۋجۇت ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.
ئىمام نەۋەۋى ۋە باشقا ئالىملارنىڭ ئېتقىنىدەك، يۇقىرىقىدەك ھاجەتلەر سەۋەبلىك ئىت بېقىشقا رۇخسەت قىلغان ھەدىسلەرگە قىياس قىلىش ئارقىلىق، توغرا قاراش بويىچە، قورو-ھويلىنى قوغداش ئۈچۈن ئىت بېقىش دۇرۇس بولىدۇ. (مۇسلىم شەرھى، 10\236) بۇنىڭدىن باشقا ھەر قانداق ئەھۋالدا ئىت بېقىش مۇتلەق ھارامدۇر. (شەيخ ئابدۇلكەرىم خۇدەير)[2]
[1] https://www.cdc.gov/healthypets/pets/dogs.html
[2] https://islamqa.info/ar/answers/10949/اذا-شك-هل-لعق-الكلب-موضعا
The post ھەدىستىكى مۆجىزە: ئىتنىڭ تېنىدىكى قۇرت ۋە ئىنسانلارنىڭ كېسەل بولۇشى first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
The post ھەدىستىكى مۆجىزە: ئىتنىڭ تېنىدىكى قۇرت ۋە ئىنسانلارنىڭ كېسەل بولۇشى appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
«ھالالمۇ ئېنىق، ھاراممۇ ئېنىق…» ھەدىسىنىڭ شەرھى | ئىمام ئىبنى ھەجەر
«ھالالمۇ ئېنىق، ھاراممۇ ئېنىق…» ھەدىسىنىڭ شەرھى | ئىمام ئىبنى ھەجەر
مۇجتەھىد تورىمىز تەرجىمە قىلىپ تارقاتقان «ئىمام نەۋەۋىنىڭ قىرىق ھەدىسى ۋە مۆتىۋەر ئالىملارنىڭ شەرھى» ناملىق ئەسەردىن ئېلىندى | mujtehid.com
بۇ ماقالىنىڭ ئۇيغۇرچە ئاۋازلىقىنى تېلگرام قانىلىمىزدىن ئاڭلاش ئۈچۈن چېكىڭ
ئەبۇ ئابدۇللاھ نۇئمان ئىبنى بىشىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:
«ھالالمۇ ئېنىق، ھاراممۇ ئېنىق. ھالال بىلەن ھارام ئارىسىدا كىشىلەرنىڭ كۆپۈنچىسى بىلەلمەيدىغان شۈبھىلىك ئىشلار بار. كىمكى شۈبھىلىك ئىشلاردىن ساقلانسا، دىنىنى ۋە شەرىپىنى ساقلاپ قالىدۇ. كىمكى شۈبھىلىك ئىشلارغا چۈشسە، ھارامغا چۈشىدۇ. بۇنداق كىشى بەئەينى ماللىرىنى كىرىشى چەكلەنگەن رايوننىڭ ئەتراپىدا ئوتلاتقان، ماللىرىنىڭ ئۇ رايونغا ھەر قاچان كىرىپ قېلىش خەتىرى بولغان پادىچىغا ئوخشايدۇ. بىلىڭلاركى، ھەر پادىشاھنىڭ كىرىشى چەكلىنىدىغان بىر رايونى بولىدۇ. بىلىڭلاركى، ئاللاھنىڭ يەر يۈزىدىكى چەكلەنگەن رايونى ئاللاھنىڭ ھارام قىلغانلىرىدۇر. بىلىڭلاركى، بەدەندە بىر پارچە گۆش بار، ئۇ تۈزەلسە، پۈتۈن بەدەن تۈزىلىدۇ. ئۇ بۇزۇلسا پۈتۈن بەدەن بۇزۇلىدۇ. بىلىڭلاركى، ئۇ يۈرەكتۇر.» mujtehid.com (بۇخارى 52؛ مۇسلىم 1599) عَنْ أَبِيْ عَبْدِ اللهِ النُّعْمَانِ بْنِ بِشِيْر رضي الله عنهما قَالَ: سَمِعْتُ رَسُوْلَ اللهِ ﷺ يَقُوْلُ: إِنَّ الحَلالَ بَيِّنٌ وَإِنَّ الحَرَامَ بَيِّنٌ وَبَيْنَهُمَا أُمُوْرٌ مُشْتَبِهَات لاَ يَعْلَمُهُنَّ كَثِيْرٌ مِنَ النَّاس،ِ فَمَنِ اتَّقَى الشُّبُهَاتِ فَقَدِ اسْتَبْرأَ لِدِيْنِهِ وعِرْضِه، وَمَنْ وَقَعَ فِي الشُّبُهَاتِ وَقَعَ فِي الحَرَامِ كَالرَّاعِي يَرْعَى حَوْلَ الحِمَى يُوشِكُ أَنْ يَقَعَ فِيْهِ. أَلا وَإِنَّ لِكُلِّ مَلِكٍ حِمَىً . أَلا وَإِنَّ حِمَى اللهِ مَحَارِمُهُ، أَلا وإِنَّ فِي الجَسَدِ مُضْغَةً إِذَا صَلَحَتْ صَلَحَ الجَسَدُ كُلُّهُ وإذَا فَسَدَت فَسَدَ الجَسَدُ كُلُّهُ أَلا وَهيَ القَلْبُ
بۇ ھەدىسنىڭ شەرھى:
ئىمام ئىبنى ھەجەر ئەسقەلانى «فەتھۇلبارى»دا بۇ ھەدىسنى مۇنداق شەرھلىگەن:
* ھەدىستىكى «كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى بىلمەيدىغان شۈبھىلىك ئىشلار بار» جۈملىسىنىڭ شەرھى:
تىرمىزىدا «ئىنسانلارنىڭ كۆپىنچىسى ھۆكمىنىڭ ھالال ياكى ھاراملىقىنى بىلمەيدىغان ئىشلار…» دەپ كەلگەن.
كۆپچىلىك ئىنسانلارنىڭ ھالال ياكى ھاراملىقىنى بىلەلمەسلىكى ئاز بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ بىلەلەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، ئۇلار دەل مۇجتەھىدلەردۇر. بۇنىڭغا بىنائەن، بىر ئىشنىڭ ھۆكمىنىڭ ھالال ياكى ھاراملىقىنى بىلەلمەسلىك مۇجتەھىد ئالىم بولمىغان كىشىلەرنىڭ ھالىتىدۇر.
ھەدىستىكى «دىنىنى ۋە شەرىپىنى ساقلاپ قالىدۇ» جۈملىسىنىڭ شەرھى:
يەنى، دىنىنى قۇسۇر ۋە كاملىقتىن، ئۆزىنى تەنقىدتىن ساقلاپ قالىدۇ. چۈنكى، شۈبھىلىك ئىشلاردىن ساقلىنىش سۈپىتى بىلەن تونۇلمىغان كىشى مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ ھەقتىكى تەنقىد-تەنبىھلىرىدىن ساقلىنالمايدۇ.
ھەدىسىتىكى بۇ جۈملە دىنغا مۇناسىۋەتلىك بۇيرۇق ۋە چەكلىمىلەرگە رىئايە قىلىش ۋە كىشىنىڭ ئۆز شەخسىيىتىگە دىققەت قىلىش كېرەكلىكىگە ئىشارەت قىلىدۇ.
ئىبنى مۇنەييىر دېگەن ئالىم ئۇستازى قۇبارىنىڭ تەرجىمھالىدا ئۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى نەقىل قىلغان: «مەكرۇھ (بىر تۈركۈم ئالىملار ھەدىستىكى شۈبھىلىك ئىشلارنى دىندىكى مەكرۇھ ئىشلار دەپ كۆرسەتكەن) بەندە بىلەن ھارام ئوتتۇرىسىدىكى بىر كۆۋرۈكتۇر. دائىم مەكرۇھ ئىشلارنى قىلغۇچى ھارام ئىشقا چۈشىدۇ. مۇباھ (رۇخسەت قىلىنغان ئىشلار) مۇ ئوخشاشلا بەندە بىلەن مەكرۇھ ئارىسىدىكى كۆۋرۈكتۇر. دائىملا مۇباھ ئىشلاردىن پايدىلانغان كىشى مەكرۇھ ئىشلارغا چۈشۈپ قالىدۇ.» بۇ بىر گۈزەل مۇلاھىزىدۇر.
مەكرۇھ ئىشنى داۋاملاشتۇرغان كىشىنىڭ ھارام ئىشلارغا جۈرئەت قىلىشى ئېنىقتۇر. مۇباھ ئىشلارنى داۋاملاشتۇرغان كىشىنىڭ مەكرۇھ ئىشلارغا چۈشۈپ قېلىشىمۇ ئېنىقتۇر. ھارام ھېسابلانمايدىغان چەكلىمىگە چۈشۈپ قېلىش، ھارام ھېسابلانغان چەكلىمىگە چۈشۈپ قېلىشقا كىشىنى كۆندۈرىدۇ.
ھەدىستىكى «ئىنساننىڭ بەدىنىدە بىر پارچە گۆش بار» جۈملىسىنىڭ شەرھى:
ھەدىستە پەقەتلا يۈرەكنىڭ تىلغا ئېلىنىشى، ئۇنىڭ بەدەننىڭ ھۆكۈمرانى ئىكەنلىكىدىندۇر. ھۆكۈمران دۇرۇست بولسا، ھۆكۈمرانلىق قىلىنغۇچىلارمۇ دۇرۇست بولىدۇ. ھۆكۈمراننىڭ بۇزۇلۇشى بىلەن ھۆكۈمرانلىق قىلىنغۇچىلارمۇ بۇزۇلىدۇ.
بۇ ھەدىس يۈرەكنىڭ قىممىتىگە ئىشارەت قىلماقتا. يۈرەكنى ئىسلاھ قىلىپ، توغرىلاشقا تەشۋىق قىلماقتا، ھالال رىزىقنىڭ بۇنىڭغا تەسىرى بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتىدۇر. بۇ يەردە يۈرەكتىن مەقسەت — ئاللاھ يۈرەكتە \ قەلبتە بارلىققا كەلتۈرگەن چۈشەنچىدۇر. بۇ ئەقىلنىڭ يۈرەكتە بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى، ئايەتلەرمۇ بۇنى ئىسپاتلايدۇ:{…ئەقىل قىلىپ چۈشىنىدىغان قەلبكە ئىگە بولسۇن…}(سۈرە ھەج، 46-ئايەت؛ 22:46)
ئىمام ئەبۇ داۋۇدنىڭمۇ نەقل قىلغىنىدەك، بۇ ھەدىس دىننىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلغان تۆت ھەدىستىن بىرىدۇر. بۇ تۆت ھەدىس مۇنۇ بىيىتقا توپلانغان:
تۆت سۆزگە مۇجەسسەم دىننىڭ ئۇلى،
بۇلار ئەڭ خەيرلىك زاتنىڭ قەۋلى.
شۈبھىنى تەرك ئەت، زاھىد بول، لەغۋىنى تاشلا،
ئەمەلىڭنى مۇتلەق بىر نىيەت بىلەن باشلا.
(«فەتھۇلبارى» سەھىھ بۇخارىنىڭ 52-نومۇرلۇق ھەدىسىنىڭ شەرھى)
بىيتنىڭ ئىزاھاتى:
بىيتتا دىننىڭ ئاساسى بايان قىلىنغان تۆت ھەدىس مۇنۇلاردۇر:
«ئەمەللەر نىيەتكە باغلىقتۇر…»
«دۇنيادىن زاھىد بول، ئاللاھ سېنى ياخشى كۆرسۇن؛ كىشىلەرنىڭ قولىدىكىگە زاھىد بول، كىشىلەر سېنى ياخشى كۆرسۇن.»
«كىشىنىڭ ئىسلامىنىڭ ياخشىلىقى ئۆزىگە مۇناسىۋەتسىز ئىشلارنى تاشلىشىدۇر.»
«ھاراممۇ ئېنىق، ھالالمۇ ئېنىق، بۇ ئىككىسى ئارىسىدا شۈبىھلىك ئىشلار بار…»
شەيخ ئابدۇرراھمان ئىبنى ناسىر ئەلبەرراكنىڭ بۇ ھەدىسكە قىلغان شەرھلىرىدىن بەزىلىرى تۆۋەندىكىچە:
* ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى ھارام قىلغان ئىشلاردىن ساقلىنىشنىڭ پەرزلىكى.
* ھارامغا ئېلىپ بارىدىغان سەۋەبلەردىن ساقلىنىشنىڭ پەرزلىكى.
مۇجتەھىد تورىمىز تەرجىمە قىلىپ تارقاتقان «ئىمام نەۋەۋىنىڭ قىرىق ھەدىسى ۋە مۆتىۋەر ئالىملارنىڭ شەرھى» ناملىق ئەسەردىن ئېلىندى | mujtehid.com
The post «ھالالمۇ ئېنىق، ھاراممۇ ئېنىق…» ھەدىسىنىڭ شەرھى | ئىمام ئىبنى ھەجەر first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
The post «ھالالمۇ ئېنىق، ھاراممۇ ئېنىق…» ھەدىسىنىڭ شەرھى | ئىمام ئىبنى ھەجەر appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
ئىنساننىڭ ئانا قارنىدا بۆلەكلەرگە بۆلۈپ يارىلىتىشى ھەققىدىكى ھەدىس ۋە شەرھى | ئەللامە ئابدۇراھمان ناسىر ئەلبەرراك
ئىنساننىڭ ئانا قارنىدا بۆلەكلەرگە بۆلۈپ يارىلىتىش ھەققىدىكى ھەدىس ۋە شەرھى | ئەللامە ئابدۇراھمان ناسىر ئەلبەرراك
مۇجتەھىد تورىمىز تەرجىمە قىلىپ تارقاتقان «ئىمام نەۋەۋىنىڭ قىرىق ھەدىسى ۋە مۆتىۋەر ئالىملارنىڭ شەرھى» ناملىق ئەسەردىن ئېلىندى
ئەبى ئابدۇرراھمان ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: بىزگە توغرا سۆزلۈك ۋە توغرا سۆزلۈك ئىكەنلىكى تەستىقلانغۇچى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن ئىدى:
«شۈبىھسىزكى، سىلەردىن بىرىڭلارنىڭ ئانىسىنىڭ قورسىقىدا يارىتىلىشى قىرىق كۈندە ئىسپىرما ھالىتىدە بىر يەرگە جۇغلىنىدۇ. ئاندىن شۇنىڭدىن قىرىق كۈن كېيىن ئۇيۇل قان بولىدۇ. يەنە قىرىق كۈندىن كېيىن بىر چىشلەم چوڭلۇقتىكى گۆش پارچىسى بولىدۇ. ئاندىن ئۇنىڭغا بىر پەرىشتە ئەۋەتىلىدۇ. پەرىشتە ئۇنىڭغا روھىنى پۈۋلەيدۇ ۋە ئۇنىڭ رىزىقىنى، ئەجىلىنى، ئەمىلىنى، بەدبەخت ياكى سائادەتمەن بولىدىغانلىقىنى يېزىشقا بۇيرۇلىدۇ. ئۆزىدىن باشقا ھەق ئىلاھ بولمىغان ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سىلەردىن بىرى جەننەت ئەھلىنىڭ ئەمىلىنى قىلىدۇ، ئاقىۋەتتە ئۆزى بىلەن جەننەت ئارىىسدا پەقەتلا بىر غۇلاچ ئارىلىق قالغاندا، ئۇنىڭغا يېزىلغىنى ئۈستۈن كېلىپ، دوزاخ ئەھلىنىڭ ئەمىلىنى قىلىپ دوزاخقا كىرىدۇ. شۇنداقلا، سىلەردىن بىرىڭلار دوزاخ ئەھلىنىڭ ئەمىلى بىلەن ئەمەل قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ئاقىۋەتتە، ئۆزى بىلەن دوزاخنىڭ ئارىسىدا پەقەتلا بىر غۇلاچ ئارىلىق قالىدۇ. ئاقىۋەتتە، ئۇنىڭغا يېزىلغىنى ئۈستۈن كېلىدۇ ۋە جەننەت ئەھلىنىڭ ئەمىلى بىلەن ئەمەل قىلىپ، جەننەتكە كىرىدۇ.» (بۇخارى 3036؛ مۇسلىم 2643) عَنْ عَبْدِ اللهِ بنِ مَسْعُوْدْ رَضِيَ اللهُ عَنْهُ قَالَ: حَدَّثَنَا رَسُوْلُ اللهِ ﷺ وَهُوَ الصَّادِقُ المَصْدُوْقُ : » إِنَّ أَحَدَكُمْ يُجْمَعُ خَلْقُهُ فِيْ بَطْنِ أُمِّهِ أَرْبَعِيْنَ يَوْمَاً نُطْفَةً، ثُمَّ يَكُوْنُ عَلَقَةً مِثْلَ ذَلِكَ،ثُمَّ يَكُوْنُ مُضْغَةً مِثْلَ ذَلِكَ،ثُمَّ يُرْسَلُ إِلَيْهِ المَلَكُ فَيَنفُخُ فِيْهِ الرٌّوْحَ،وَيَؤْمَرُ بِأَرْبَعِ كَلِمَاتٍ: بِكَتْبِ رِزْقِهِ وَأَجَلِهِ وَعَمَلِهِ وَشَقِيٌّ أَوْ سَعِيْدٌ. فَوَالله الَّذِي لاَ إِلَهَ غَيْرُهُ إِنََّ أَحَدَكُمْ لَيَعْمَلُ بِعَمَلِ أَهْلِ الجَنَّةِ حَتَّى مَا يَكُوْنُ بَيْنَهُ وَبَيْنَهَا إلاذِرَاعٌ فَيَسْبِقُ عَلَيْهِ الكِتَابُ فَيَعْمَلُ بِعَمَلِ أَهْلِ النَّارِ فَيَدْخُلُهَا، وَإِنَّ أَحَدَكُمْ لَيَعْمَلُ بِعَمَلِ أَهْلِ النَّارِ حَتَّى مَايَكُونُ بَيْنَهُ وَبَيْنَهَا إلا ذِرَاعٌ فَيَسْبِقُ عَلَيْهِ الكِتَابُ فَيَعْمَلُ بِعَمَلِ أَهْلِ الجَنَّةِ فَيَدْخُلُهَا «
شەيخ ئابدۇرراھمان ئىبنى ناسىر ئەلبەرراكنىڭ بۇ ھەدىسكە قىلغان شەرھىدىن بەزىلىرى تۆۋەندىكىچە:
بۇ ھەدىستىن ئالىدىغان پايدىلارنىڭ بەزىلىرى تۆۋەندىكىچە:
* ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا ئىنساننىڭ ئانا قورسىقىدا قەدەم باسقۇچلار بويىچە يېتىلىدىغانلىقى ھەج ۋە مۇئمىنۇن سۈرىلىرىدىكى ئىككى ئايەتتە ئومۇمىي ھالەتتە بايان قىلغان. باشقا نۇرغۇن ھالەتتە ئايرىم-ئايرىم بايان قىلغان.
* ھامىلىنىڭ شەكىلگە كىرگۈزۈلىشى، ئۇنىڭغا روھنىڭ پۈۋلىنىشى ۋە تەقدىرىنىڭ يېزىلىشى قاتارلىق ئىشلارغا مەسئۇل بولىدىغان مۇئەييەن پەرىشتە ياكى پەرىشتىلەر بار.
* ئىنساننىڭ بەدىنىنىڭ روھىدىن بۇرۇن يارىتىلىدىغانلىقى. روھنىڭ بەدەنگەن ھامىلە 120 كۈنلۈك بولغاندىن كېيىن پۈۋلىنىدىغانلىقى.
* ئىنساننىڭ قانداق بولۇشىنىڭ، رىزقىنىڭ، ئەجىلىنىڭ، ئەمىلىنىڭ، بەدبەخت ياكى سائادەتمەن بولۇشىنىڭ ئىنسانغا ئانىسىنىڭ قورسىقىدىكى چاغدا تەقدىر قىلىنىدىغانلىقى. بۇ خۇسۇسىي تەقدىردۇر. لەۋھۇل مەھفۇزدىكى تۇنجى ۋە ئومۇمىي تەقدىرگە زىت ئەمەس. بۇ تەقدىر ئىشلارنىڭ سەۋەبلەر ئارقىلىق ئوتتۇرىغا چىقىدىغانلىقىغىمۇ زىت ئەمەس.
* پەرىشتىلەرنىڭ بۇ جەھەتتە ئاللاھ بىلدۈرمىگۈچە بىلمەيدىغانلىقى، بۇ تەقدىرنى پەقەت ئاللاھنىڭ بىلدۈرۈشى بىلەنلا يازىدىغانلىقى.
* ئىساننىڭ يارىتىلىشىنىڭ ھەم ئاشكارا، ھەم مەخپىي سەۋەبلەرگە باغلىق ئىكەنلىكى. ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا سەۋەبلەرنىڭ ۋە نەتىجىلەرنىڭ ياراتقۇچىسىدۇر. ھەقىقىي ياراتقۇچى ئاللاھتۇر.
* تەقدىرگە ئىمان ئېيتىشنىڭ ۋاجىپلىقى.
* ئەمەللەرنىڭ ئاخىرقى ھالىتىدىكىسى بىلەن نەتىجىلىنىدىغانلىقى.
* يامان ئاقىۋەتتىن قورقۇشنىڭ ۋە يامان ئاقىۋەتكە يول ئاچىدىغان سەۋەبلەردىن ساقلىنىشنىڭ پەرزلىكى.
* (ئاللاھ بەندىنىڭ قىلمىشىنى ئۇ قىلمىش ئوتتۇرىغا چىقىشتىن بۇرۇن، ئۇ ئىنسان يارتىلىشتىن بۇرۇن، باشلىنىشى بولمىغان ئاۋۋالقى چاغدىن باشلاپلا بىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۆلۈشكە يېقىن قالغۇچە جەننەتنىڭ ئەمىلىنى قىلىپ، ئۆلۈشكە يېقىن ئەسلىدىكى توغرا ئېتىقاد ۋە ئەمىلىدىن ۋاز كېچىپ، دىندىن چىقىپ شەيتاننىڭ يولىغا كىرىدىغانلىقىنى ئالدىن بىلىدۇ، ئادەم ئەلەيھىسسالامنى يارىتىشىتىن بۇرۇن، كائىناتنى يارىتىشتىن بۇرۇن، باشلىنىشى يوق ئاۋۋالقى چاغدىن باشلاپلا بىلىدۇ. ئۇ بەندىنىڭ نېمە ئىشلارنى قىلىدىغانلىقىنى ئالدىن بىلگەچكە، پەرىشتىگە شۇنى يېزىشنى بۇيرۇيدۇ. بۇ ھەرگىزمۇ ئۇ بەندىنىڭ دوزاخقا كىرىشىگە ئاللاھنىڭ سەۋەب بولغانلىقى ئەمەس. بەندە ئىش ھەرىكىتىنى تاللاشتا ئەركىنلىككە ئىگە. ئاللاھ ئۇنى ھەر قانداق ئەمەلگە مەجبۇرلىمايدۇ، ئىختىيارىغا قويۇپ بېرىدۇ. تەۋھىد ئۈستىدە ئۆلۈپ جەننەتكە كىرىدۇ. ياكى شىرك، كۇفۇر ئۈستىدە ئۆلۈپ دوزاخقا كىرىدۇ. ۋە ياكى تەۋھىد ئۈستىدە ئۆلگەن بولسىمۇ، ياخشى ئەمىلى ئاز، يامان ئەمىلى كۆپ، ئاللاھ ئۇنىڭ يامان ئەمەللىرىنى كەچۈرمىگەن تەقدىردىمۇ دوزاخقا كىرىپ گۇناھى مىقدارىدا جازالىنىپ، ئاندىن جەننەتكە كىرگۈزىلىدۇ. ئاللاھ ئالدىن بىلىپ، ئالدىن يېزىپ قويىدۇ. بىر ئۇستا تىۋىپ بىمارنىڭ قولىغا كۆپ ئۇخلىسىڭىز ھورۇنلىشىپ، بەدىنىڭىز ئاجىزلاپ كېتىدۇ دەپ يېزىپ بەرسە. بىمار راست دېگەندەك كۆپ ئۇخلاپ ھورۇن ۋە ئاجىز بولۇپ قالسا، بېرىپ دوختۇرغا ئۇششۇغلۇق قىلىپ، سىز مۇشۇنداق يازغاچقا مەن سىز دېگەندەك بولۇپ قالدىم دېسە قاملىشامدۇ؟)
* ياخشى ئاقىۋەتكە يول ئاچىدىغان سەۋەپلەرنى قىلىشنىڭ پەرزلىكى.
* پەرىشتىنىڭ روھنى ئىنسانغا پۈۋلەيدىغانلىقى. بۇ پۈۋلەشنىڭ قانداقلىقىنى بىلمەيمىز. بۇ پۈۋلەشنىڭ قۇرئاندىكى دەلىلى ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ سۆزىدۇر:{بىز ئۇنىڭغا روھنى پۈۋلىدۇق}(ئەنبىيا سۈرىسى، 91-ئايەت) پۈۋلەشتىن مۇراد، پەرىشتىنىڭ بالىياتقۇ تەرەپتىن پۈۋلىشىنى كۆرسىتىدۇ.
مۇجتەھىد تورىمىز تەرجىمە قىلىپ تارقاتقان «ئىمام نەۋەۋىنىڭ قىرىق ھەدىسى ۋە مۆتىۋەر ئالىملارنىڭ شەرھى» ناملىق ئەسەردىن ئېلىندى | mujtehid.com
The post ئىنساننىڭ ئانا قارنىدا بۆلەكلەرگە بۆلۈپ يارىلىتىشى ھەققىدىكى ھەدىس ۋە شەرھى | ئەللامە ئابدۇراھمان ناسىر ئەلبەرراك first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
The post ئىنساننىڭ ئانا قارنىدا بۆلەكلەرگە بۆلۈپ يارىلىتىشى ھەققىدىكى ھەدىس ۋە شەرھى | ئەللامە ئابدۇراھمان ناسىر ئەلبەرراك appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
جىبرىل ھەدىسى ۋە شەرھى | ئەللامە ئابدۇرراھمان ئىبنى ناسىر ئەلبەرراك
جىبرىل ھەدىسى ۋە قىسقىچە شەرھى | ئەللامە ئابدۇرراھمان ئىبنى ناسىر ئەلبەرراك
مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلغان «قىرىق ھەدىس ۋە مۆتىۋەر ئالىملارنىڭ شەرھى» ناملىق ئەسەردىن ئېلىندى
ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق بايان قىلىنىدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئارىمىزدا ئولتۇرغان بىر كۈنى كىيىملىرى ئاپئاق، چاچلىرى قاپقارا، ئۈستى بېشىدىن يولۇچىلىقتىن ھېچبىر ئەسەر كۆرۈنمەيدىغان، بىزنىڭ ئارىمىزدىكىلەردىن ھېچقايسىمىز تونۇمايدىغان بىر كىشى يېتىپ كېلىپ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئولتۇردى. تىزلىرىنى رەسۇلۇللاھنىڭ تىزلىرىغا تەگكۈزۈپ، ئىككى قولىنى ئۆزىنىڭ ئىككى يوتىسىغا قويدى. ئاندىن «ئى مۇھەممەد، ماڭا ئىسلامدىن خەۋەر بەرگىن!» دېدى.
ئاندىن ئۇ كىشى مۇنداق دېدى:«ماڭا ئىماننى بايان قىلىپ بەرگىن!» رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «ئىمان — ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرىگە، ئاللاھنىڭ كىتابلىرىغا، ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتىپ، ياخشىلىقى ۋە يامانلىقى بىلەن تەقدىرگە ئىشىنىشىڭدۇر» دېدى. ئۇ كىشى «توغرا ئېيتتىڭ» دېدى. ئاندىن «ماڭا ئېھساندىن خەۋەر بەرگىن» دېدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «ئېھسان دېگەن — ئاللاھقا ئۇنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتقاندەك ئىبادەت قىلىشىڭدۇر. سەن ئاللاھنى كۆرەلمىگىنىڭ بىلەن، ئاللاھ سېنى كۆرۈپ تۇرىدۇ» دېدى. ئۇ كىشى «ماڭا قىيامەتتىن خەۋەر بەرگىن!» دېدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «سورالغۇچى بۇ جەھەتتىە سورىغۇچىدىن بىلىملىك ئەمەس» دېدى. ئۇ كىشى «ئۇنداقتا ماڭا قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىدىن خەۋەر بەرگىن» دېدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «دېدەكنىڭ ئۆز خوجايىنىنى تۇغۇشى؛ يالاڭ ئاياق، يالىڭاچ ۋە نامرات پادىچىلارنىڭ ئېگىز ئىمارەتلەرنى سېلىشتا بىر-بىرى بىلەن بەسلەشكىنىنى كۆرۈشۈڭ (قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىدىندۇر)» دېدى.
شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ كىشى قوپۇپ كېتىپ قالدى. بۇنىڭدىن بىر ئاز ئۆتكەندىن كېيىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «ئى ئۆمەر! سوئال سورىغۇچىنىڭ كىملىكىنى بىلەمسەن؟» دېدى. مەن «ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر» دېدىم. رەسۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «ئۇ  (پەرىشتە) جىبرىئىلدۇر. سىلەرگە دىنىڭلارنى ئۆگىتىش ئۈچۈن كەلدى» دېدى. (مۇسلىم 1128) عَنْ عُمَرَ رَضِيَ اللهُ تَعَالَى عَنْهُ أقَال : بَيْنَمَا نَحْنُ جُلُوْسٌ عِنْدَ رَسُولِ اللهِ ذَاتَ يَوْمٍ إَذْ طَلَعَ عَلَيْناَ رَجُلٌ شَدِيْدُ بَيَاضِ الثّياب شَدِيْدُ سَوَادِ الشَّعْرِ لاَ يُرَى عَلَيهِ أَثَرُ السَّفَرِ وَلاَ يَعْرِفُهُ مِنا أحَدٌ حَتى جَلَسَ إلَى النبِي فَأَسْنَدَ رُكْبَتَيْهِ إلَى رُكْبَتَيْهِ وَوَضَعَ كَفيْهِ عَلَى فَخِذِيْهِ وَقَالَ : يَا مُحَمَّدُ أَخْبِرْنِي عَنِ الإِسْلاَم ، فَقَالَ رَسُولُ اللهِ ﷺ : » الإِسْلاَمُ أَنْ تَشْهَدَ أَنْ لاَ إلَه إلاَّ اللهُ وَأَنَّ مُحَمَّدَاً رَسُولُ الله ، وَتُقِيْمَ الصَّلاَة ، وَتُؤْتِيَ الزَّكَاةَ ، وَتَصُوْمَ رَمَضَانَ ، وَتَحُجَّ البيْتَ إِنِ اِسْتَطَعتَ إِليْهِ سَبِيْلاً » قَالَ: صَدَقْتَ. فَعجِبْنَا لَهُ يَسْأَلُهُ وَيُصَدِّقُهُ، قَالَ: فَأَخْبِرِنيْ عَنِ الإِيْمَانِ، قَالَ: » أَنْ تُؤمِنَ بِالله، وَمَلاِئكَتِه، وَكُتُبِهِ ، وَرُسُلِهِ ، وَالْيَومِ الآَخِر ، وَتُؤْمِنَ بِالقَدَرِ خَيْرِهِ وَشَرِّهِ » قَالَ: صَدَقْتَ، قَالَ فَأخْبِرْنِيْ عَنِ الإِحْسَانِ، قَالَ: » أَنْ تَعْبُدَ اللهَ كَأَنَكَ تَرَاهُ، فَإِنْ لمْ تَكُنْ تَرَاهُ فَإِنَّهُ يَرَاكَ » . قَالَ: فَأَخْبِرْنِي عَنِ السَّاعَةِ ، قَالَ : » مَا الْمَسئُوُلُ عَنْهَا بِأَعْلَمَ مِنَ السَّائِلِ » قَالَ : فَأخْبِرْنِيْ عَنْ أَمَارَاتِها ، قَالَ : » أَنْ تَلِدَ الأَمَةُ رَبَّتَهَا ، وَأَنْ تَرى الحُفَاةَ العُرَاةَ العَالَةَ رِعَاءَ الشَّاءِ يَتَطَاوَلُوْنَ فِي البُنْيَانِ » ثْمَّ انْطَلَقَ فَلَبِثتُ مَلِيَّاً ثُمَّ قَالَ : » يَا عُمَرُ أَتَدْرِي مَنِ السَّائِلُ؟ » قُلْتُ اللهُ وَرَسُوله أَعْلَمُ قَالَ : » فَإِنَّهُ جِبْرِيْلُ أَتَاكُمْ يُعَلَّمُكُمْ دِيْنَكُمْ «
شەيخ ئابدۇرراھمان ئىبنى ناسىر ئەلبەرراكنىڭ بۇ ھەدىسكە قىلغان شەرھىدىن بەزىلىرى تۆۋەندىكىچە:
* بۇ دىننىڭ ئېتىقادى ۋە ئەمەل ئاساسلىرىنى بىر يەرگە جۇغلىغان ھەدىستۇر. بۇ ھەدىستىكى بەزى پايدىلار تۆۋەندىكىچە:
* ۋەھىينىڭ كېلىش يوللىرىدىن بىرى پەرىشتىنىڭ ئادەم شەكلىدە كېلىپ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بىلەن پاراڭلىشىشىدۇر.
* پەرىشتىلەرنىڭ ئادەم شەكلىگە كىرەلەيدىغانلىقى.
* كىشىنىڭ ئىلىمنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش ۋە باشقىلارنىڭ ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئالىملار بار سورۇندا ئۆزى بىلىدىغان مەسىلە ھەققىدە ئۇلاردىن سوئال سوراشنىڭ دۇرۇسلۇقى.
* ئالىمنىڭ جاھىلنىڭ جاپا ۋە ئەزىيىتىگە سەبر قىلىشى. بۇنى «ئەي مۇھەممەد» دېگەن سۆزدىن (ئەسلىدە ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى دەپ چاقىرىشى كېرەك) ۋە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە ھەدىدىن زىيادە يېقىنلىشىشىدىن بىلەلەيمىز.
* دىندىكى مۇھىم مەسىلىلەرگە ۋە دىننىڭ ئاساسىغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەكلىكى.
* ئىماننىڭ ۋە ئىسلامنىڭ ئاساسلىرى جەھەتتە (ھەدىستىكى) رەت تەرتىپكە بىنائەن باشلىشى. (مەسىلەن، ئەڭ ئاۋۋال تەۋھىد-ئەقىدىدىكى ئاساسلارنى ئۆگىنىش، شۇنىڭ بىلەن بىرگە نامازنى ئۆگىنىش…دېگەندەك. شۇنداقلا، ئەڭ ئاۋۋال ئاللاھنى توغرا رەۋىشتە تونۇشقا كۈچەش، ئاندىن پەرىشتىلىرىنى، ئاندىن پەيغەمبەرلىرىنى تونۇشقا كۈچەش … دېگەندەك. تەۋھىد-ئەقىدىدە مۇئەييەن ئۇل ئاساس ھازىرلىمايلا – مەسىلەن – تاھارەتتىكى ئىنچىكە مەسىلىلەر، ھەج فىقھى دېگەنلەرگە چۈشۈپ كەتمەسلىك.)
* ئىمان بىلەن ئىسلام بىرلىكتە تىلغا ئېلىنسا، ئۇلار ئارىسىدىكى پەرق ھەدىستە بايان قىلىنغاندەكتۇر.
* ئىسلام (ئىسمىنىڭ) زاھىرى ئەمەللەرگە، ئىمان (ئىسمىنىڭ) قەلبتىكى ئېتىقادقا خاس ئىكەنلىكى.
* دىننىڭ ئاساسىنىڭ مۇتلەق مەنادا لائىلاھە ئىللەللاھ، مۇھەممەدۇر-رەسۇلۇللاھ شاھادىتى ئىكەنلىكى. (بۇ سەۋەبلىك، بۇ شاھادەت كەلىمىسىنىڭ مەنىسىنى، تەلەپ تەقەززاسىنى ئەھلى سۈننەتنىڭ مۆتىۋەر ئالىملىرىنىڭ ئەسەرلىرىدىن ئۆگىنىشنىڭ زۆرۈرلىكى.)
* ئىككى شاھادەتنىڭ بىر-بىرىگە باغلىنىشلىق ئىكەنلىكى. بۇنىڭغا بىنائەن، بۇ ئىككى شاھادەتنىڭ يالغۇزلا بىرى يەنە بىرى بولمىغۇچە سەھىھ (توغرا) بولمايدۇ.
* ئاللاھنىڭ ئىبادەت (ئۇلۇھىيەت) ئارقىلىق بىر دەپ ئېتىقاد قىلىنىشى، ئاللاھتىن باشقا بارچە مەبۇدلارنىڭ باتىللىقى.
* ئىككى شاھادەتتىن كېيىن، مۇسۇلمانلار ئۈچۈن پەرزلەرنىڭ ئەڭ مۇھىمى ئىسلامنىڭ رۇكنلىرىنىڭ (ئاساسلىرىنىڭ) ئەڭ چوڭى بەش ۋاقىت نامازدۇر.
* ئىماننىڭ ئاساسلىرىنىڭ ئالتە ئىكەنلىكى.
* ئاللاھنىڭ ۋە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئۆلۈمدىن كېيىن يۈز بېرىدىغان ئىشلار ھەققىدىكى بايانلىرىنىڭ ھەمىسىگە ئىمان ئېيتىش ئاخىرەتكە ئىمان ئېيتىشنىڭ جۈملىسىدىندۇر.
* تەقدىرنىڭ ياخشىلىق ۋە يامانلىق تۈرىدىن بولغان بارچە ئىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى.
* بۇ ھەدىستە دىننىڭ دەرىجىلىرى بايان قىلىغان ۋە ئۇلار تۆۋەن مەرتىۋىدىن يۇقىرى مەرتىۋىگە قاراپ باسقۇچمۇ باسقۇچ بايان قىلىنغان. يەنى ئاۋۋال ئىسلام، ئاندىن ئىمان، ئاندىن ئېھسان. بۇنىڭغا بىنائەن، ھەر مۇھسىن مۆمىندۇر. ھەر مۆمىن مۇسۇلماندۇر. ئەمما، بۇنىڭ ئەكسى ئۇنداق ئەمەس. (مۇسۇلمان بولغانلىكى كىشى مۆمىن بولىۋەرمەيدۇ، مۆمىن بولغانلىكى كىشى مۇھسىن — ئاللاھنى كۆرۈپ تۇرغاندەك ئىبادەت قىلىدىغان ۋە شۇنداق ياشايدىغان، تەقۋا ۋە سالىھ كىشى — بولالمايدۇ. ئالللاھ ۋە رەسۇلىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە تىرىشقان تەقدىردە، ئاللاھ ئىرادە قىلسا بولالايدۇ.)
* ئاللاھنى كۆرۈشنىڭ ئىسپاتى. (بۇ كۆرۈش قىيامەتتە ۋە جەننەتتە مۆمىنلەرگە خاستۇر)
* ئاللاھنىڭ ئۆزىنى كۆرۈپ تۇرغانلىقىنى زېھنىدە جانلىق ھالەتتە تۇتۇشنىڭ كىشىنى سالىھ ئەمەل ئىشلەشكە رىغبەتلەندۈرىدىغانلىقى.
* قىيامەتنىڭ قاچان بولىدىغانلىقىنى پەقەت ئاللاھلا بىلىدۇ. ئاللاھنىڭ ئەڭ ھۆرمەتلىك پەرىشتىلىرىمۇ، ياكى بىرەر پەيغەمبىرىمۇ قىيامەتنىڭ قاچان بولىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. جىبرىل پەرىشتىمۇ، مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەممۇ قىيامەتنىڭ قاچان بولىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ.
* قىيامەتنىڭ ۋاقتىنى ئاللاھتىن باشقىسىنىڭ بىلمەيدىغانلىقىغا ئىمان ئېيتىش دىن جۈملىسىدىندۇر. شۇنداقلا، قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىنى بىلىش ۋە ئۆگىنىشمۇ دىننىڭ جۈملىسىدىندۇر. (مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى بلوگىمىزدا ئەللامە ئىبنى بازنىڭ «قىيامەتنىڭ ئون چوڭ ئالامىتى» دېگەن پەتىۋاسى مەۋجۇت. مۇشۇ تېمىنى گۇگۇلدىن ئىزدىسىڭىزمۇ بلوگىمىزدىن چىقىرىپ بېرىدۇ.)
* قىيامەتنىڭ يېقىنلاشقانلىقىنى بىلدۈرىدىغان ئالامەتلىرى بار. ھەدىستە بۇ ھەقتىكى ئالامەتلەردىن ئىككى ئالامەت بايان قىلىنغان. بۇلاردىن بىرى، دېدەكنىڭ ئۆز خوجايىنىنى تۇغۇشى ۋە بەدەۋى — چۆل ئەرەپلىرى —نىڭ ئېگىز بىنا سېلىش بىلەن بەسلشىشى. بۇ ئالامەت، بەدەۋىلەرنىڭ كۆچمەنلىك ھاياتىنى تاشلاپ، شەھەرلەرگە يەرلىشىدىغانلىقىدىن، شۇنداقلا نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ باي بولىدىغانلىقى سەۋەبلىك مەيدانغا چىقىدۇ.
* ئەسىر ۋە قۇللارنىڭ كۆپىيىشى بىلەن، بىر پەرزەنت — بىلمەستىن — ئانىسىنى قۇل ئورنىدا سېتىۋېلىپ، ئۇنىڭ خوجايىنى بولىدۇ. (مانا بۇ ھەدىستىكى «دېدەك ئۆز خوجايىنىنى تۇغقان چاغدا…» جۈملىسىنىڭ شەرھىدۇر.)
The post جىبرىل ھەدىسى ۋە شەرھى | ئەللامە ئابدۇرراھمان ئىبنى ناسىر ئەلبەرراك first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
The post جىبرىل ھەدىسى ۋە شەرھى | ئەللامە ئابدۇرراھمان ئىبنى ناسىر ئەلبەرراك appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
ئىمام ئىبنى ھەجەر: «ئاللاھ كىمگە ياخشىلىق ئاتا قىلسا، ئۇنى دىننى بىلىدىغان قىلىدۇ» ھەدىسىنىڭ شەرھى
ئىمام ئىبنى ھەجەر: «ئاللاھ كىمگە ياخشىلىق ئاتا قىلسا، ئۇنى دىننى بىلىدىغان قىلىدۇ» ھەدىسىنىڭ شەرھى
مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئاللاھ كىمگە ياخشىلىقنى ئىرادە قىلسا ئۇنى دىننى بىلىدىغان قىلىدۇ.»(بۇخارى 71؛ مۇسلىم 1037؛ ئىبنى ماجە 221؛ مۇسنەد ئمام ئەھمەد 4\93؛ مۇۋەتتائ مالىك 1667؛ دارىمىي 226)
ئىمام ئىبنى ھەجەر فەتھۇلبارىدا بۇ ھەدىس توغرۇلۇق مۇنداق دېگەن:
بۇ ھەدىستىن مۇنۇ چۈشەنچىلەر ئايدىڭلىشىدۇ:  دىننى بىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولمىغان، يەنى ئىسلامنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىنى ۋە بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك فىقھى ۋە ئەقىدىگە مۇناسىۋەتلىك بىلىملەرنى ئۆگەنمىگەن كىشىلەرنىڭ خەيردىن (ياخشىلىقتىن) مەھرۇم قالىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.  بۇنىڭدىن سىرت، ئالىملارنىڭ باشقا ئىنسانلارغا قارىغاندا  ئالاھىدە ئۈستۈنلۈككە ئىگە ئىكەنلىكىنى؛ دىندا چوڭقۇر فىقھى بىلىمگە ئىگە بولۇشنىڭ باشقا ئىلىملەردە ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولۇشتىن كۆپ ئەۋزەللىك سانىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەرجىمە قىلدى
The post ئىمام ئىبنى ھەجەر: «ئاللاھ كىمگە ياخشىلىق ئاتا قىلسا، ئۇنى دىننى بىلىدىغان قىلىدۇ» ھەدىسىنىڭ شەرھى first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
The post ئىمام ئىبنى ھەجەر: «ئاللاھ كىمگە ياخشىلىق ئاتا قىلسا، ئۇنى دىننى بىلىدىغان قىلىدۇ» ھەدىسىنىڭ شەرھى appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
نامازدا قوللارنى كۆتۈرۈش (رەفىيەد) توغرىسىدىكى تۆت سەھىھ ھەدىس ۋە شەرھى
نامازدا قوللارنى كۆتۈرۈش (رەفىيەد) توغرىسىدىكى تۆت سەھىھ ھەدىس ۋە شەرھى
مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەييارلىدى
ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ (ئاللاھۇ ئەكبە) دەپ تەكبىر ئېيتىپ ناماز باشلىغىنىنى كۆردۈم. (ئاللاھۇ ئەكبەر دەپ) تەكبىر ئېيتقاندا قوللىرىنى مۈرىسىنىڭ باراۋىرىدى كۆتۈردى. تەكبىر ئوقۇپ رۇكۇ قىلغاندا ۋە ‹سەمىئ ئەللاھۇ لىمەن ھەمىدەھ› دەپ رۇكۇدىن تۇرغاندا ئوخشاشلاقوللىرىنى كۆتۈرەتتى ۋە ‹رەببەنا ۋەلەكەل ھەمد› دەيتتى. بىراق، سەجدە قىلغاندا ۋە سەجدىدىن بېشىنى كۆتۈرگەندە قوللىرىنى كۆتۈرمەيتتى.» (بۇ ھەدىسنى يەتتە مۇھەددىس توپلىغان: ئىمام ئەھمەد، بۇخارى 738-نومۇرلۇق ھەدىس، مۇسلىم، ئەبۇ داۋۇد، ئىبنى ماجە، تىرمىزى، نەسائىي)
ھۇمەيدى بىر ساھابىدىن مۇنداق رىۋايەت قىلغان:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم نامازدا قوللىرىنى مۈرىسىنىڭ باراۋىرىدە كۆتۈردى.»(سەھىھۇلبۇخارى)
ئىبنى ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ناماز باشلىغاندا، رۇكۇغا ئېگىلگەندە، رۇكۇدىن بېشىنى كۆتۈرۈپ تەكبىر ئېيتقاندا قوللىرىنى ئىككى مۈرىسىنىڭ باراۋىرىدە كۆتۈرەتتى.» (ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان؛ بۇلۇغۇلمەرام 272-نومۇرلۇق ھەدىس)
ئىبنى ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن:«مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بىلەن بىرلىكتە ئىككى مىڭ رەكئەتتىن ئارتۇق ناماز ئوقۇدۇم.»(مۇسلىم،2-جىلد، 589-بەت)
ئىبنى ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ بۇ ھەدىسى «ئىبنى ئۇمەر كىچىك ساھابە بولۇپ، سەپنىڭ كەينىدە تۇرغان ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ نامىزىنى كۆرمەي قالغان» دەيدىغان كاززاپ پەتىۋاچىلارنىڭ كاززاپلىقىنى ئاشكارىلايدىغان كۈچلۈك دەلىلدۇر.
ئىمام ئەبۇ داۋۇد ئەبۇ ھۇمەيدتىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ناماز باشلىغاندا قوللىرىنى مۈرىسىنىڭ باراۋىرىدە كۆتۈرۈپ، ئاندىن («ئاللاھۇ ئەكبەر») دەپ تەكبىر ئېيتقانلىقى بايان قىلىنغان. (ئىمام ئىبنى ھەجەر-بۇلۇغۇلمەرام 273-نومۇرلۇق ھەدىس) مۇھەددىس سەفىيۇۇراھمان مۇبارەكفۇرى بۇ ھەدىسنى شەرھلەپ مۇنداق دېگەن: بۇ ھەدىس نامازنى باشلىغاندا قوللاردىن كۆتۈرگەندىن كېيىن («ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ) تەكبىر ئېيتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بىراق، بۇنىڭ ئەكسىدە («ئاللاھۇ ئەكبەر» دېگەندىن كېيىن قوللارنى كۆتۈرگەنلىكى توغرۇلۇق) ھەدىسلەرمۇ بار. شۇ ۋەجىدىن، بۇ جەھەتتە ئىختىيارلىق بار. ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: بۇ ھەدىستە يەنە رەسۇلۇللاھنىڭ رۇكۇغا بارىدىغاندا ۋە رۇكۇدىن تۇرغاندا قوللىرىنى كۆتۈرگەنلىكىمۇ بايان قىلىنغان. (سەفىيۇرراھمان مۇبارەكفۇرى «بۇلۇغۇلمەرام شەرھى» 117-بەت)
The post نامازدا قوللارنى كۆتۈرۈش (رەفىيەد) توغرىسىدىكى تۆت سەھىھ ھەدىس ۋە شەرھى first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
The post نامازدا قوللارنى كۆتۈرۈش (رەفىيەد) توغرىسىدىكى تۆت سەھىھ ھەدىس ۋە شەرھى appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
غەيۋەتنىڭ ھارام قىلىنغانلىقى ۋە تىلنى ساقلاش بۇيرۇقى توغىسىدىكى ھەدىسلەر ۋە شەرھى
غەيۋەتنىڭ ھارام قىلىنغانلىقى ۋە تىلنى ساقلاش بۇيرۇقى توغىسىدىكى ھەدىسلەر ۋە شەرھى
ئىمام نەۋەۋىنىڭ «سالىھلار باغچىسى» ناملىق ھەدىس كىتابىنىڭ «چەكلەنگەن ئىشلار بۆلۈمى»، غەيۋەتنىڭ ھارام قىلىنغانلىقى تىلنى ساقلاش بۇيرۇقى بابىدىن
«فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
وعن أبي هريرة رضي الله عنه عن النبي صلى الله عليه وسلم قال‏:‏ «من كان يؤمن بالله واليوم الآخر، فليقل خيرًا، أو ليصمت.» ‏(‏‏(‏متفق عليه‏)‏‏)‏‏.‏
[1511] ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«كىمكى ئاللاھقا ۋە قىيامەت كۈنىگە ئىمان ئېيتسا ياخشى سۆز قىلسۇن، بولمىسا جىم تۇرسۇن.» (بۇخارى 5994؛ مۇسلىم 67؛ سالىھلار باغچىسى 1511)
ئىمام نەۋەۋى مۇنداق دېگەن: (وهذا صريح أنه ينبغي أن لا يتكلم إلا إذا كان الكلام خيرًا، وهو الذي ظهرت مصلحته، ومتى شك في ظهور المصلحة، فلا يتكلم‏.) بۇ ھەدىس سۆزنىڭ ياخشى سۆز بولغاندىلا ئاندىن سۆزلىنىشى كېرەكلىكىگە ئېنىق دەلىل بولىدۇ. ياخشى سۆز دېگەن پايدىسى ئېنىق بولغان سۆزدۇر. پايدىسى بولۇش ياكى بولماسلىقى توغرىسىدا ئىككىلىنىلگەن سۆز سۆزلەنمەسلىكى كېرەك.
ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھنىڭ بۇ ھەدىسنىڭ شەرھىدە ئېيتقانلىرىدىن بەزىلىرى تۆۋەندىكىچە: سۆزنىڭ ياخشى بولىشى ئىككى شەكىلدە بولىدۇ. بىرىنجى: ئەسلى زاتىدىنلا ياخشى ھېسابلىنىدىغان سۆز. مەسىلەن، قۇرئان كەرىم ئوقۇش، تەسبىھ ئېيتىش، تەكبىر ئېيتىش، لائىلاھە ئىللەللاھ ۋە باشقا زىكىرلەر، ئىلىم ئۆگىنىش… (قاتارلىقلار)
ئىككىنجى: سۆزنىڭ ئۆزى ياخشى سۆز ھېسابلانماستىن (مۇباھ) ھېسابلىنىدىغان، شۇ سۆزدىن كېلىدىغان نەتىجە ياخشىلىق بولىدىغان سۆز. بۇ مۇباھ ھېسابلانغان بىر سۆزنىڭ پايدىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشى ھېسابلىنىدۇ. (مەسىلەن) يېنىڭدا ئولتۇرغان كىشىلەرنىڭ كۆڭلىنىڭ ئىللىشىغا، خوش بولۇشىغا ۋە ئارىسدا دوستلۇقنىڭ ئورنىتىلىپ، يېيىلىشىغا سەۋەب بولىدىغان سۆزلەر…. (مۇشۇ تۈردىندۇر.) چۈنكى، ئىنسان بىر يەردە ئولتۇرغاندىن باشلاپ تاكى ئايرىلغۇچە گەپ قىلماي جىم تۇرۇۋالسا، كىشىلەر ئۇنىڭدىن زېرىكىدۇ، ئۇنى ياخشى كۆرمەيدۇ ۋە «بۇ ئادەم بەك توڭ، چىرايلىق پاراڭلىشىشنى بىلمەيدۇ» دەيدۇ. مۇباھ ھېسابلانغان گەپلەرنى دېيىشىڭ قېرىنداشلىق رىشتىسىنىڭ كۈچىيىشىگە پايدىسى بولىدۇ. ئەمما، بۇ يەردە شۇنىڭغا دىققەت قىلىنىشى كېرەككى، ئىنسانلارنى كۈلدۈرۈش ئۈچۈن يالغان سۆزلەش توغرا ئەمەس. چۈنكى، بۇ ھەقتە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«كىشىلەرنى كۈلدۈرۈش ئۈچۈن يالغان سۆزلىگۈچىنىڭ ھالىغا ۋاي، ھالىغا ۋاي، ھالىغا ۋاي.» (مۇسنەد ئەھمەد 5\7؛ ئەبۇ داۋۇد 4388؛ تىرمىزى 2237)(ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن «سالىھلار باغچىسى شەرھى»5\90)
وعن سفيان بن عبد الله رضي الله عنه قال‏:‏ قلت يا رسول الله حدثني بأمر أعتصم به قال‏:‏ ‏«قل ربي الله ثم استقم‏» قلت‏:‏ يا رسول الله ما أخوف ما تخاف علي‏؟‏ فأخذ بلسان نفسه، ثم قال‏:‏ «هذا»‏.‏ رواه الترمذي وقال حديث حسن صحيح‏.‏
[1517] سۇفيان ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: «مەن (رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە) ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! ماڭا مەھكەم ئېسىلىشىم كېرەك بولغان بىر ئىشنى دەپ بەرگەن بولسىلا» دېدىم. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «رەببىم ئاللاھتۇر دېگىن. ئاندىن توغرا يولدا مۇستەھكەم تۇرغىن» دېدى. مەن «ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى، مەن ئۈچۈن ھەممىدىن بەك قورقىدىغانلىرى قايسى» دەپ سورىۋىدىم، تىلىنى تۇتۇپ تۇرۇپ «مانا بۇ» دېدى. (مۇسنەد ئەھمەد 3\413؛ تىرمىزى 2334؛ ئىبنى ماجە؛ ئىمام نەۋەۋى بۇ ھەدىسنى تىرمىزى رىۋايەت قىلىپ ھەسەن سەھىھ دېگەن دەپ قەيت قىلغان؛ سالىھلار باغچىسى 1517-نومۇرلۇق ھەدىس)
وعن أبي موسى رضي الله عنه قال‏:‏ قلت‏:‏ يا رسول الله أي المسلمين أفضل‏؟‏ قال‏:‏ ‏ «‏من سلم المسلمون من لسانه ويده‏»‏‏.‏ ‏(‏‏(‏متفق عليه‏)‏‏)‏‏.‏
ئەبۇ مۇسا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: مەن «ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! قايسى مۇسۇلمان ئەڭ ئۈستۈن؟» دەپ سورىدىم. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم:«مۇسۇلمانلار ئۇنىڭ تىلىدىن ۋە قولىدىن سالامەت قالغان مۇسۇلمان (ئەڭ ئۈستۈن)» دېدى.(بۇخارى 10؛ مۇسلىم 57؛ سالىھلار باغچىسى 1512)
وعن سهل بن سعد قال‏:‏ قال رسول الله صلى الله عليه وسلم‏:‏ ‏ «‏من يضمن لي ما بين لحييه، وما بين رجليه أضمن له الجنة‏»‏ ‏(‏‏(‏متفق عليه‏)‏‏)‏‏.‏
[1513] سەھل ئىبنى سەئد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«كىم ماڭا ئىككى ئېڭىكى ئارىسىدىكى (يەنى تىلى) بىلەن ئىككى پاچىقى ئارىسىدىكى (جىنسىي ئەزاسىنى) ساقلاشقا ۋەدە بەرسە، مەن ئۇنىڭغا جەننەتنى ۋەدە بېرىمەن.» (بۇخارى 5993؛ سالىھلار باغچىسى 1514)
The post غەيۋەتنىڭ ھارام قىلىنغانلىقى ۋە تىلنى ساقلاش بۇيرۇقى توغىسىدىكى ھەدىسلەر ۋە شەرھى first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
The post غەيۋەتنىڭ ھارام قىلىنغانلىقى ۋە تىلنى ساقلاش بۇيرۇقى توغىسىدىكى ھەدىسلەر ۋە شەرھى appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن: ئەرنىڭ ئائىلىدە ئايالىغا ياردەملىشىشى سۈننەت
ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن: ئەرنىڭ ئائىلىدە ئايالىغا ياردەملىشىشى سۈننەت
ئىككى ھەرەمنىڭ ئۇستازى، ئەللامە مۇھەممەد سالىھ ئىبنى ئۇسەيمىن (ۋاپاتى: ھ-1423؛ م-2001) نىڭ «ياخشىلار باغچىسى شەرھى» ناملىق ئەسىرىدىن تەرجىمە قىلىندى
مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى
[رىيازۇس سالىھىن 606-نومۇرلۇق ھەدىس]
ئەسۋەد ئىبنى زەيدتىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: مەن ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۆيىدە نېمە ئىشلارنى قىلاتتى؟» دەپ سورىسام، مۇنداق دېدى: «ئائىلىسىنىڭ ئىشلىرىغا ياردەملىشىپ، ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى قىلاتتى. ناماز ۋاقتى بولسا نامازغا چىقاتتى.» (بۇخارى 676-نومۇرلۇق ھەدىس)
ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەدىسنى شەرىھلەپ مۇنداق دېگەن:
ئىمام نەۋەۋى بۇ ھەدىسلەرنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ كىچىك پېئىللىقىنى بايان قىلىش ئۈچۈن نەقىل قىلغان. بۇلاردىن بىرى رەسۇلۇللاھنىڭ ئۆيىدە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ خىزمىتىنى قىلىشىدۇر. رەسۇلۇللاھ ئائىلىسىدە قوي ساغاتتى، ئايىقىنى رېمونت قىلاتتى ۋە ئائىلىسىنىڭ ئىشلىرىغا ياردەملىشەتتى. شۇ ۋەجىدىن، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن «رەسۇلۇللاھ ئۆيىدە نېمە ئىش قىلاتتى؟» دەپ سورالغاندا «ئائىلىسىگە ياردەملىشەتتى» دېگەن. يەنى رەسۇلۇللاھ سەلەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى قىلاتتى.
ئەر كىشىنىڭ ئۆيىدە ئۆز چېيىنى ئۆزى دەملەپ ئىچىشى سۈننەتتۇر. ئەگەر قولىدىن كەلسە تاماق ئېتىشى، ھاجىتى چۈشكەن كىيىم-كېچەكلىرىنى ئۆزى يۇيۇشى كېرەك. بۇلارنى قىلىش سۈننەتكە ئۇيغۇن. كىشىلەر بۇلارنى قىلسا سۈننەتنى ئادا قىلىش ساۋابىغا ئېرىشىدۇ. بۇنداق قىلغان كىشى ھەم رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە ئەگەشكەن بولىدۇ، ھەم ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن كىچىك پېئىللىق قىلغان بولىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت، ئەر كىشىنىڭ ئائىلە ئىشلىرىغا ياردەملىشىشى، ئەر بىلەن ئائىلىسىدىكىلەر (يەنى ئانىسى، خوتۇنى، ئاچا-سىڭىللىرى ۋە قىزلىرى) ئوتتۇرىسىدىكى مېھرى-مۇھەببەتنىڭ كۈچىيىشىگە ۋاسىتە بولىدۇ. ئائىلەڭدىكىلەر ئۆي ئىشلىرىدا ئۇلارغا ياردەملەشكىنىڭنى كۆرگىنىدە ساڭا بولغان مېھىر مۇھەببىتى ۋە ھۆرمىتى ئاشىدۇ. بۇ ئائىلىنىڭ بەخىتلىك بولۇشى نۇقتىسىدىن تولىمۇ مۇھىم ئىش ھېسابلىنىدۇ.
(ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن «رىيازۇس سالىھىن شەرھى» 3-جىلد، 149-بەت)
The post ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن: ئەرنىڭ ئائىلىدە ئايالىغا ياردەملىشىشى سۈننەت first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
The post ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن: ئەرنىڭ ئائىلىدە ئايالىغا ياردەملىشىشى سۈننەت appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
خاۋارىجلارنىڭ بەلگىلىرى ۋە بۇ توغرىسىدىكى ھەدىسلەرنىڭ شەرھى
خاۋارىجلارنىڭ بەلگىلىرى
مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن.
بارچە ھەمدۇ-سانا ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. دۇئايى سالاملار رەسۇلۇللاھقا، ئائىلە تاۋاباتلىرىغا ۋە ساھابە كىراملىرىغا، ھەمدە ئۇلارنىڭ ئىزىدىن ماڭغا ھەق يول ئۈستىدىكى بارچە تەقۋادار بەندىلەرگە بولغاي.
خاۋارىجلار ئىسلام تارىخىدا تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا چىققان ئەھلى بىدئەت پىرقىسى ھېسابلىنىۇ. ئۇلارنى ئىسلامغا ۋە مۇسۇلمانلارغا زىيان سېلىشتا ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئازغۇن پىرقە دېيىش مۇمكىن. خاۋارىجلار ئاشكارا شەكىلدە ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دەۋرىدىكى سىففىن جېڭىدە ئوتتۇرىغا چىققان بولۇپ، ئۇلارنىڭ سانى ـــ  ئىمام ئىبنى ھەجەرنىڭ فەتھۇلبارىدا نەقىل قىلىشىچە ـــ ئالتە مىڭدىن ئونمىڭغىچە ئىدى. ئۇلار رەسۇلۇللاھنىڭ خەلىپىسى، مۆمىلەرنىڭ ئەمىرى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا قارشى ئۇرۇشقا تەييارلانغان. ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ خاۋارىجلارنى ھەققە چاقىرغان. خاۋارىجلار ھەققە قايتماي، ھەددىدىن ئېشىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ يولىنى توسۇپ ئۇلارنى ئۆلتۈرۈشكە باشلىغاندا، ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ قوشۇن تارتىپ بېرىپ ئۇلارنى قاتتىق زەربە بىلەن تېرى پىرەن قىلىۋەتكەن. ئاندىن، خاۋارىجلاردىن ھايات قالغان ئاز بىر قىسىمى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ خاۋارىجلارغا جازا يۈرۈشى قىلىپ يەر چىشلەتكەندىن كېيىن يوشۇرۇن ھەرىكەت قىلىشقا ئۆتكەن. ئاقىۋەتتە، خاۋارىج ئابدۇراھمان ئىبنى مۇلجەم ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى بامدات نامىزىدا پىچاقلاپ شەھىد قىلغان. رەسۇلۇللاھ «دوزاخنىڭ ئىتلىرىدۇر» (ئىبنى ماجە 173-ھەدىس، ئەلبانى سەھىھ دېگەن) دەپ خەۋەر بەرگەن خاۋارىجلار پەسەندىلىك، رەزىللىك ۋە نىجىسلىقتا بەئەينى ئىتقا ئوخشاشتۇر.
خاۋارىجلار تارىختىن تارتىپ بۈگۈنگىچە داۋام قىلىپ كەلگەن ئەڭ ئازغۇن بىدئەت پىرقىلەردىن بىرى بولۇپ، خاۋارىجلار توغرۇلۇق شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىييە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن:
ئىسلامدىكى تۇنجى بىدئەتلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىدىكى سەۋەب ئۇ بىدئەتچىلەرنىڭ قۇرئاننى خاتا چۈشەنگەنلىكىدىن بولغان. مەسىلەن، خاۋارىجلارنىڭ بىدئەتلىرىمۇ دەل مۇشۇنداقتۇر. ئەسلىدە، خاۋارىجلارنىڭ قۇرئانغا قارشى چىقىش مەقسىدى يوق. بىراق، خاۋارىجلار قۇرئاندىن بىر تۈركۈم ئايەتلەرنى ئورنىدىن چىقىرىپ خاتا ھالدا دەلىل قىلىپ كەلتۈرگەن ۋە ئۇ ئايەتلەردىن مەقسەد قىلىنمايدىغان ھۆكۈملەرنى چىقارغان. شۇنداق قىلىپ، ئۆزلىرى خاتا ھالدا دەلىل دەپ قارىغان بىر تۈركۈم ئايەتلەرنى تۇتقۇ قىلىپ تۇرۇپ، گۇناھكارلارنى كاپىر دېيىش كېرەك دېگەن ئەقىدىدە بولغان. بۇ سەۋەبلىك ئۇلار مۇنداق دېگەن:«مۆمىن ياخشى ۋە تەقۋا كىشىدۇر. بۇنداق ئىكەن، ناچار ۋە تەقۋاسى يوق كىشى كاپىردۇر، بۇنداقلار جەھەننەمدە مەڭگۈ قالىدۇ.» ئۇلار يەنە مۇنداق دەيدۇ:«ئوسمان، ئەلى ئىككىسى ۋە ئۇلارنى قوللىغانلار مۆمىن ئەمەس. چۈنكى، ئۇلار ئاللاھ نازىل قىلغىنى بويىچە ھۆكۈم قىلمىغان.» بۇنىڭغا كۆرە، خاۋارىجلارنىڭ بىدئىتى مۇنداق ئىككى ئاساسقا ئىگە:
(1)           خاتالاشقان ھالدا قۇرئانغا زىت ئىش قىلىپ قالغان كىشى كاپىردۇر دېيىش.
(2)           ئوسمان، ئەلى ۋە ئۇلارنى قوللىغۇچىلار قۇرئانغا زىت ئىش قىلىپ كاپىر بولغان دېيىش.
بۇ ۋەجىدىن، گۇناھكار ۋە خاتالاشقان مۇسۇلمانلارنى تەكفىر قىلىش ـــ
كاپىر دېيىشتىن بەك قېچىش كېرەك. چۈنكى، بۇ ئۆزىنى ئىسلامغا نىسبەت بەرگۈچىلەر ئارىسىدا تۇنجى چىققان بىدئەت ئەقىدىدۇر. بۇ بىدئەتنىڭ ئىگىلىرى بولغان خاۋارىجلار مۇسۇلمانلارنى كاپىر دەپ، مۇسۇلمانلارنىڭ جېنىغا زامىن بولۇشنى ۋە ماللىرىنى تالان-تاراج قىلىش، ئولجا ئېلىشنى ھالال سانىغان.
ھالبۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن خاۋارىجلارنى ئەيىپلىگەن ۋە ئۇلارغا قارشى ئۇرۇشۇشنى بۇيرۇغان سەھىھ ھەدىسلەر كەلگەن. ئىمام ئەھمەد خاۋارىجلارغا قارشى ئۇرۇشۇش توغرىسىدا مۇنداق دېگەن:«خاۋارىجلار توغرىسىدىكى ھەدىسلەر ئون ئايرىم ئىسناد بىلەن سەھىھ ھالەتتە كەلگەن.» شۇ ۋەجىدىن، بۇ ھەدىسلەرنى بۇخارى ۋە مۇسلىم ئۆز سەھىھ كىتابلىرىغا كىرگۈزگەن. (تەكفىرگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلاردا گۇناھكار مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالى، 165-166-بەتلەر)
خاۋارىجلار ھەققىدىكى بۇ قىسقىچە ماقالىمىزدە خاۋارىجلارنى چۈشەندۈرۈشنى ئىككى تۈرگە ئايرىدۇق. ئاۋۋال ساھابىلەر دەۋرىدىكى خاۋارىجلارنىڭ ئۆرنەكلىك ئىش پائالىيەتلىرىدىن ۋە ئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىدىن قىسقىچە خەۋەر بەردۇق ۋە بۇ بۆلۈمگە «تارىختىكى خاۋارىجلار» دەپ ماۋزۇ قويدۇق. ئاندىن، ئىلگىرى-ئاخىر بارلىق خاۋارىجلارنىڭ ئورتاق بەلگىلىرىنى قىسقىچە تونۇشتۇردۇق ۋە بۇ بۆلۈمگە «خاۋارىجلارنىڭ بەلگىلىرى» دەپ ماۋزۇ قويدۇق. موللا، زىيالىينىڭمۇ، ئاۋام خەلقنىڭمۇ بۇ ماقالىدىن مەنپەئەت ئېلىشىنى، زېرىكىشلىك بولۇپ قالماسلىقىنى كۆزلەپ ماقالىنىڭ ئىخچام، يىغىنچاق، چۈشۈنىشلىك بولۇشىغا ئەھمىيەت بەردۇق.
تۆۋەندە مەن خاۋارىجلارنى يۇقارقى ئىككى ماۋزۇ بويىچە تونۇشتۇرىمhz.
تارىختىكى خاۋارىجلار
شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىييەنىڭ سۆزى: خاۋارىجلار پەقەت قۇرئانغىلا ئەگىشىشنى مەقسەد قىلغان.(تەكفىرگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلاردا گۇناھكار مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالى، 165-166-بەتلەر)
ئىمام ئىبنى ھەجەرنىڭ سۆزى: خاۋارىجلار ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ بىر تۈركۈم ئىشلىرىغا قارشى تۇرغان ۋە ئۇ زاتتىن يىراق ئىكەنلىكىنى داۋا قىلىشقان. ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى ۋە ئۇ زاتقا ئىتائەت قىلغانلارنى كاپىر دەپ بىلگەن. (فەتھۇلبارى 13\518)
ئىمام ئىبنى ھەجەرنىڭ سۆزى: خاۋارىجلار ئەلىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن بولغان ئۇرۇشتىن كېيىن، ئەلىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئىككى تەرەپتىن بىردىن ھۆكۈم قىلغۇچى چىقىرىش پىكىرىنى قوبۇل قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى كاپىر دېدى ۋە ئىتائەتتىن ئايرىلىپ، مەدائىنغا توپلاندى. ئەلىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئۆزلىرىگە ئەۋەتكەن ئەلچىسىنى ئۆلتۈرمەكچى بولدى. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۆزىگە ئوخشاش ئېتىقادتا بولمىغانلارنى كاپىر دېيىشتە، ئۇنداقلارنىڭ خوتۇنلىرىنى قۇل قىلىش، مال-مۈلىكىنى تالان تاراج قىلىش ۋە جېنىنى تېنىدىن جۇدا قىلىشنىڭ دۇرۇسلىقىدا بىر پىكىرگە كەلدى. ئاندىن، ئالدىغا ئۇچرىغان مۇسۇلمانلارنى قىرغىن قىلدى. ئابدۇللاھ ئىبنى خەبباب ئىبنى ئەرەت ئەلىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ بۇ رايونغا تەيىنلىگەن ۋالىيسى ئىدى. ئۇلار ئالدىغا چىققان ئابدۇللاھ ئىبنى خەبباب ئىبنى ئەرەتنى ئۆلتۈردى، بۇنىڭ بىلەن بولدى قىلماي ھامىلدار چۆرىسىنىڭ قورسىقىنى يېرىپ، قورساقتىكى بالىنىمۇ ئۆلتۈردى. ئەلىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئەھۋالنى ئۇقۇپ، شامغا يۈرۈش ئۈچۈن ھازىرلانغان قوشۇننىڭ بېشىنى خاۋارىجلارغا بۇراپ، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە يۈرۈش قىلدى. نەھرىۋاندا خاۋارىجلار بىلەن تۇتۇشتى، خاۋارىجلاردىن پەقەت ئون كىشىلا قېچىپ قۇتۇلدى. ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ سېپىدىن پەقەت ئون كىشىلا شەھىد بولدى. (فەتھۇلبارى، 13\520)
ئىمام ئىبنى ھەجەرنىڭ سۆزى: خاۋارىجلارنىڭ ئومۇمىسى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا يېڭىلىپ يوقىتىلدى. كېيىنچە خاۋارىجلارنىڭ پىكىرلىرىگە مايىل بولغانلار ھايات قالغان خاۋارىجلارغا قېتىلدى. بۇلار ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ زامانىدا يوشۇرۇنغان ئىدى. شۇ خاۋارىجلارنىڭ بىرى ھېسابلانغان ئابدۇراھمان ئىبنى مۇلجەم بامدات نامىزىدا ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى ئۆلتۈرۈدى. (فەتھۇلبارى 13\520)
ئىمام ئىبنى ھەجەرنىڭ سۆزى: يەمامە خاۋارىجلىرىنىڭ باشچىسى نەجدات ئىبنى ئامىر «ئۆزلىرى بىلەن بىرلىكتە چىقىپ مۇسۇلمانلارغا قارشى ئۇرۇش قىلمىغانلار گەرچە ئۆزلىرىگە ئوخشاش ئەقىدىدە بولغان تەقدىردىمۇ كاپىر بولىدىغانلىقى» نى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ داۋا خاۋارىجلىق ئىدىيىسىگە سىڭدۈرۈلدى.
ئىمام ئىبنى جەۋزىنىڭ سۆزى: خاۋارىجلار ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ، مۇھاجىر ۋە ئەنسارىي ساھابىلەرنىڭ ئازغۇنلۇق ئۈستىدە ئىكەنلىكىنى، ئۆزلىرىنىڭ ھەق ئۈستىدە ئىكەنلىكىنى داۋا قىلىشتى. بالىلارنى ئۆلتۈرۈشنى ھالال كۆردى-يۇ، بىرەر تال مېۋىنىڭ پۇلىنى تۆلىمەستىن يېيىشنى ھالال كۆرمىدى. (تەلبىسۇل ئىبلىس 142)
سەئۇدىي پەتىۋا كومېتىتى: خاۋارىجلار (پايپاق، مەيسە قاتارلىق) پۇتقا كىيىلىدىغان نەرسىلەرگە مەسىھ قىلىشنى ئىناۋەتسىز (ئىسلامدا بۇنداق ئىش يوق) دەپ داۋا قىلىدۇ. (ئەمما، پايپاق، ئۆتۈك ۋە مەيسىگە مەسىھ قىلىش توغرىسىدىكى سەھىھ ھەدىسلەر مۇتىۋاتىرلىق دەرىجىسىگە يېتىدۇ. بۇنى ئىنكار قىلغۇچى ئازغۇندۇر. رەسۇلۇللاھ شەرىئەت قىلىپ بەلگىلىگەنلىكى سەھىھ ھەدىس بىلەن ئېنىق بولغان، مەسىلىنى باشقىچە چۈشىنىپ تەئۋىل قىلىشقا يول بولمىغان ھەر قانداق ئىشنى ئىنكار قىلىشتا چىڭ تۇرغۇچى، ئۇنداق ئىشتىن نەپرەتلەنگۈچى، شۈركەنگۈچى ياكى غۇم ساقلىغۇچى دەلىللىك چۈشەندۈرۈشتىن كېيىنمۇ غەزەپ نەپىرىتىدىن ياكى ئىنكار قىلىشتىن يانمىغان ھالەتتە شەكسىز كاپىردۇر. بۇنىڭدا ئىسلام ئالىملىرى ئارىسىدا ھېچبىر ئىختىلاپ يوق.) (سەئۇدىي پەتىۋا كومېتىتىنىڭ 5082-نومۇرلۇق پەتىۋاسى)
خاۋارىجلارنىڭ بەلگىلىرى
[1] شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىييە مۇنداق دەيدۇ: خاۋارىجلار پاسىقلارنى كاپىر دېيىشىدۇ. (تەكفىرگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلاردا گۇناھكار مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالى، 27-بەت)
[2] خاۋارىجلار ئىمان ئاشمايدۇ، كېمەيمەيدۇ دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ. (ئىسلام سوئال-جاۋاب تورى 18237-پەتىۋاسى)
[3] خاۋارىجلار پەرز ئەمەلنى ئورۇندىماسلىقنى كاپىرلىق دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ. (ئىسلام سوئال-جاۋاب تورى 18237-پەتىۋاسى)
[4] خاۋارىجلار چوڭ گۇناھ ئۆتكۈزگۈچىنى كاپىر دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ. (ئىسلام سوئال-جاۋابلىرى تورىنىڭ 18237-نومۇرلۇق پەتىۋاسى؛ فەتھۇلبارى 13\520)
[5] خاۋارىجلار ئۆزى بىلەن بىردەك پىكىردە بولمىغان مۇسۇلمانلارغا قارشى جەڭ قىلىش كېرەك دەپ بىلىدۇ. (ئىسلام سوئال-جاۋابلىرى تورىنىڭ 182237-نومۇرلۇق پەتىۋاسى)
[6] قازى ئەبۇ بەكرى ئىبنۇل ئەرەبى «تىرمىزى شەرھى» ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دېگەن: خاۋارىجلار ئۆز كۆز قارىشى بىلەن بىردەك بولمىغانلارنىڭ ھەممىسىنى كاپىر دەپ، بۇنداقلارنىڭ جەھەننەمدە مەڭگۈ قالىدىغانلىقىنى داۋا قىلىدۇ. (فەتھۇلبارى 13\528)
[7] شەيخ تەقىييۇددىن سۇبكى مۇنداق دېگەن: (خارارىجلارنىڭ ۋە رافىزىلارنىڭ) ئاشقۇنلىرى ساھابىلەرنىڭ ئەڭ پەزىلەتلىكلىرىنى كاپىر دېگەن. رەسۇلۇللاھ بولسا ئۇ ساھابىلەرگە جەننەت بىلەن خۇش خەۋەر بەرگەن. ئۇلارنىڭ ساھابىلەرنىڭ پەزىلەتلىكلىرىنى كاپىر دېيىشى رەسۇلۇللاھنى يالغانچىغا چىقارغانلىقىدۇر. (فەتھۇلبارى 13\528)
[8] ئىمام ئىبنى ھەجەر: خاۋارىجلار ئۆزى بىلەن بىر پىكىردە بولمىغانلارنى مۇسۇلمانلارنى ئۆلتۈرۈشنى، ئۇلارنىڭ پۇل- مېلىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىشنى دۇرۇس ھېسابلايدۇ. (فەتھۇلبارى 13\528)
[9] ئىمام ئىبنى جەۋزى: خاۋارىجلار مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ ۋە بالىلارنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنى دۇرۇس دەپ بىلدى ۋە ئۇلارنى مۇشرىك دەپ قارىدى. (تەلبىسۇل ئىبلىس، 141)
[10] ئىمام ئىبنى ھەجەر: دىنىمىز كاپىرلارغا قاتتىق مۇئامىلە قىلىش، مۆمىنلەرگە يۇمشاق ۋە شەپقەتلىك مۇئامىلە قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. بىراق، خاۋارىجلار بۇنىڭ قارشىسىغا ئىش كۆرىدۇ (مۆمىنلەرگە قاتتىق، كاپىرلارغا شەپقەتلىك مۇئامىلە قىلىدۇ.) (فەتھۇلبارى 13\530)
[11] ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما: خاۋارىجلار كاپىرلار ھەققىدە نازىل بولغان ئايەتلەرنى تۇتقۇ قىلىپ، بۇ ئايەتلەرنى مۇسۇلمانلارغا قارىتىپ تەئۋىل قىلىدۇ. (سەھىھۇل بۇخارى-مۇرتەدلەر … ۋە ئۇلار بىلەن ئۇرۇشۇش بۆلۈمى، 7-باب ماۋزۇسىدىن كېيىن نەقىل قىلىنغان)
[12] ئىمام ئىبنى ھەجەر: خاۋارىجلار ئۇرۇشتا رەھىمسىز، ساباتلىق ۋە كۆزىنى مىتمۇ قىلىپ قويماستىن ئۆزىنى ئۆلۈمگە ئاتىدىغان كىشىلەردىن ئىكەنلىكى بىلىنگەن ئەھۋالدۇر. (فەتھۇلبارى 13\525)
خاۋارىجلار ھەققىدىكى ھەدىسلەر ۋە شەرھىسى
ئەبۇ سەئد خۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم غەنىيمەتلەرنى تەقسىم قىلىۋاتقانداق ئابدۇللاھ ئىبنى زۇلخۇۋەيسەرە كېلىپ «ئى رەسۇلۇللاھ، ئادىل بولغىن!» دېدى. رەسۇلۇللاھ «ھالىڭغا ۋاي! ئەگەر مەن ئادىل بولمىسام كىم ئادىل بولىدۇ؟» دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ «ئى رەسۇلۇللاھ! ماڭا رۇخسەت قىلغىن، بۇنىڭ بوينىغا چاپاي» دېدى. رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېدى:«بولدى قىلغىن! شۈبھىسىز، ئۇنىڭ بىر گۇرۇپ مەسلەكداشلىرى باركى، ئۇلارنىڭ نامىزىنى كۆرۈپ ئۆز نامىزىڭلارنى، ئۇلارنىڭ روزىسىنى كۆرۈپ ئۆز روزاڭلارنى كىچىك سانايسىلەر. ئۇلار ئوقنىڭ ئوۋنى تېشىپ چىقىپ كەتكىنىدەك دىندىن چىقىپ كېتىدۇ…»(بۇخارى 6933)
ئىمام ئىبنى ھەجەر بۇ ھەدىسنى شەرھلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ زۇلخۇۋەيسەرەنىڭ بوينىغا چېپىش تەكلىۋىنى رەت قىلدى. چۈنكى، زۇلخۇيۋەسەرە دىلىدىن كەچكەنلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدىغان پېئىلدا بولمىغان. رەسۇلۇللاھ، ئىسلام ئەمدىلا يىلتىز تارتىپ، قەلبلەرگە يەرلىشىشتىن ئاۋۋال كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە سالىھ ھېسابلىنىدىغان كىشىنى ئۆلتۈرىدىغان بولسا، ئۇلارنى ئىسلامغا كىرىشتىن قاچۇرۇپ قوياتتى. خاۋارىجلار رەسۇلۇللاھنىڭ ۋاپىتىدىن كېيىن  كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، جامائەتتىن ئايرىلىپ، خەلىپىلەرگە قارشى چىققىنىدا – ئۇلار بىلەن ئۇرۇشۇشقا كۈچ يېتىدىغان تۇرۇپ ئۇرۇشماسلىق – جائىز بولمايدۇ.(فەتھۇلبارى 13\525)
ئەبۇ سەئد خۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلغان:«ئاراڭلاردىن شۇنداق كىشىلەر ئوتتۇرىغا چىقىدۇكى، ئۇلارنىڭ نامىزىنى كۆرۈپ ئۆزۈڭلارنىڭ نامىزىنى ئەرزىمەس سانايسىلەر؛ ئۇلارنىڭ روزا تۇتۇشىنى كۆرۈپ ئۆزۈڭلارنىڭ روزىسىنى كىچىك سانايسىلەر؛ باشقا ئەمەللىرىگە قاراپمۇ ئۆز ئەمىلىڭلارنى كىچىك كۆرۈسىلەر. ئۇلار قۇرئان ئوقۇيدۇ، ئەمما قۇرئان قەلبىگە ئورناشمايدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئوقنىڭ نىشانغا تېگىپ چىقىپ كەتكىنىدەك ئىسلامدىن چىقىپ كېتىدۇ…»(بۇخارى 5058)
يۇسەير ئىبنى ئەمر مۇنداق دەيدۇ: سەھل ئىبنى ھۇنەيف رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن خاۋارىجلار توغرۇلۇق بىرەر گەپ ئاڭلىغانمىدىڭ؟» دەپ سورىدىم. ئۇ مۇنداق دېدى: مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن قولى بىلەن ئىراق  تەرەپنى ئىشارەت قىلىپ تۇرۇپ شۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم:«بۇ تەرەپتىن بىر قەۋم چىقىدۇ. قۇرئان ئۇلارنىڭ ئوقرەك سۆڭىكىدىن ئاستىغا ئۆتمەيدۇ. ئۇلار ئېتىلغان ئوقنىڭ ئوۋنى تېشىپ چىقىپ كەتكىنىدەك ئىسلامدىن چىقىپ كېتىدۇ.»(بۇخارى 6934)
«قۇرئان ئوقرەك سۆڭىنىڭ ئاستىغا ئۆتمەيدۇ» يەنى قۇرئاننى تىلىدا ئوقۇيدۇ، بوغۇزىدىن ئۆتمەيدۇ، قۇرئاننىڭ ھۆكۈملىرى گېلىدىن ئۆتۈپ قەلبىگە ئورناشمايدۇ. يەنە بىر ھەدىستە «قۇرئان گېلىدىن ئۆتمەيدۇ» دېيىلگەن.
ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىرىنىڭ مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن كاپىر بولغىنىنى، بىراق تەۋبە قىلىشقا تەكلىپ قىلىنىشتىن ئاۋۋال ئۆلتۈرۈلگىنىنى ئاڭلاپ مۇنداق دېگەن:«نېمىشقا ئۇنىڭ تەۋبە قىلىشى ئۈچۈن ئۈچ كۈن قاماققا ئېلىپ، يېيىشى ئۈچۈن كۈنىگە بىر تال نان بېرىپ تەۋبە قىلىشىنى تەلەپ قىلمىدىڭلار. بەلكىم، تەۋبە قىلار بولغۇيتتى ياكى رەببىنىڭ ئەمرىگە قايتار بولغۇيتتى. ئاللاھىم، مەن ئۇ يەردە ئەمەسمەن، ئۇلارنىڭ قىلمىشى ماڭا يېتىپ كەلگەندىمۇ ئۇلارنىڭ قىلمىشىغا رازى بولمىدىم.»(مالىك-مۇۋەتتائ 2-737؛ 16-نومۇر، سەھىھ ھەدىس)
ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: سىلەرگە رەسۇلۇللاھتىن بىر ھەدىس بايان قىلسام، شۇنى بىلىڭلاركى رەسۇلۇللاھ نامىدا يالغان سۆزلىشىمدىن ئاسماندىن تاشلىۋېتىلىشىم ماڭا سۆيۈملۈكراقتۇر. ئۆزۈم بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى ئىش ھەققىدە سىلەرگە سۆز قىلسام شۇنى بىلىڭلاركى، ئۇرۇش ھىيلىدۇر. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: ئاخىرى زاماندا يېشى كىچىك، ئەقلى كالتە بىر قىسىم كىشىلەر مەيدانغا كېلىدۇ. ئۇلار يارىتىلغانلارنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىغا ئوخشاش سۆز قىلىدۇ، بىراق ئۇلار بەئەينى ئوق نىشاننى تېشىپ ئۆتكىنىگە ئوخشاش ئىسلامدىن چىقىپ كېتىدۇ. ئىمانى بوغۇزىدىن ئۆتمەيدۇ. ئۇلار بىلەن ئۇچراشقانلىكى يەردە ئۇلارنى ئۆلتۈرۈڭلار. چۈنكى، ئۇلارنى ئۆلتۈرگەنلەر ئۈچۈن قىيامەت كۈنى ساۋاب بېرىلىدۇ.» (بۇخارى 3611) بۇخارىنىڭ ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن كەلگەن 5057-نومۇرلۇق ھەدىسىدە «ئۆمرى قىسقا» دېگەن جۈملە زىيادە نەقىل قىلىنغان.
«ئۇلار يارىتىلغانلارنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىغا ئوخشاش سۆز قىلىدۇ» يەنى، ئۇلارنىڭ گېپى ناھايىتى چىرايلىق. ئۇلۇغ، چوڭ سۆزلەرنى قىلىنىدۇ، تىللىرىدا بەزى ئايەت-ھەدىسلەرنى سۆزلەيدۇ. ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىش، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش، ئاللاھقا ئاسىي بولماسلىق دېگەن سۆزلەرنى قىلىدۇ. ئەمما، قىلغان ياخشى سۆزلىرىگە قاراپ ئۇلارنى ياخشى كىشى دەپ قالمىغىن. ئۇلارنىڭ ئەمىلى بۇزۇق. خەقنىڭ چىرايلىق گېپىگە قاراپلا ئۇنى تەقۋا، سالىھ كىشى دېيىش خاتالىق. ياخشى سۆز سالىھ ئەمەل بىلەن بىرلەشكەندە ئاندىن تەقۋادارلىق ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. خاۋارىجلارنىڭ سۆزى ياخشى، قەلبى بۇزۇق بولۇپ، ئۇلارنىڭ قەلبى مۇسۇلمانلارغا ئۆچمەنلىك، نەپرەت ۋە ئاداۋەت بىلەن تولۇپ كەتكەن. خاۋارىجلار ئۆز نەپسى-خاھىشىنى ئايەت ھەدىسكە ئەمە، ئايەت ھەدىسنى ئۆز نەپسى خاھىشىغا توغرىلايدىغان بىدئەت پىرقىلىرىدىن بىرىدۇر. ئۇلارنىڭ مۇسۇلمانلارغا كەلتۈرگە بالايى ئاپەتلىرى كاپىرلارنىڭ بالايى ئاپەتلىرىدىنمۇ قات-قات ئېشىپ كېتىدىغان بولغانلىقتىن رەسۇلۇللاھ «ئۇلارنى ئۆلتۈرگۈچىگە قىيامەتتە ساۋاب بېرىلىدۇ» دېگەن. ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر.
The post خاۋارىجلارنىڭ بەلگىلىرى ۋە بۇ توغرىسىدىكى ھەدىسلەرنىڭ شەرھى first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
The post خاۋارىجلارنىڭ بەلگىلىرى ۋە بۇ توغرىسىدىكى ھەدىسلەرنىڭ شەرھى appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
«دىن قېرىندىشىدىن ئۈچ كۈندىن ئارتۇق يۆز ئۆرۈش ھالال ئەمەس» ھەدىسىنىڭ شەرھى
«دىن قېرىندىشىدىن ئۈچ كۈندىن ئارتۇق يۆز ئۆرۈش ھالال ئەمەس» ھەدىسىنىڭ شەرھى
[«بۇلۇغۇلمەرام» 1461-نومۇرلۇق ھەدىس]
ئەبۇ ئەييۇب ئەنسارىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلغان:«بىر مۇسۇلماننىڭ دىنىي قېرىندىشىنى ئۈچ كۈندىن ئارتۇق تەرك ئېتىشى، ئۇچراشقىنىدا بىر-بىرىدىن يۈز ئۆرۈشى ھالال ئەمەس. ئۇ ئىككىسىدىن ئەڭ ياخشىسى ئاۋۋال سالام بەرگىنىدۇر.» (بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان)
مۇھەددىس ئالىم سەفىيۇرراھمان مۇبارەكفۇرىنىڭ بۇ ھەدىسكە شەرھى: «ئۈچ كۈندىن ئارتۇق تەرك ئېتىشى» بىر مۆمىننىڭ يەنە بىر مۆمىن بىلەن ئۇچراشقىنىدا گەپلەشمەي بىر-بىرىدىن يۈز ئۆرۈشى دېمەكتۇر.
[فۇرقان دەئۋەت مەركىزى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى]
The post «دىن قېرىندىشىدىن ئۈچ كۈندىن ئارتۇق يۆز ئۆرۈش ھالال ئەمەس» ھەدىسىنىڭ شەرھى first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
The post «دىن قېرىندىشىدىن ئۈچ كۈندىن ئارتۇق يۆز ئۆرۈش ھالال ئەمەس» ھەدىسىنىڭ شەرھى appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.