«ئىمام ئەلبانى» - مۇجتەھىد پەتىۋا تورى
روزا ھېيت قانچە كۈن بولىدۇ، قۇربان ھېيتچۇ؟ | ئىمام ئەلبانى
ئىمام ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: شەۋۋال ئېيىنىڭ تۇنجى كۈنى (روزا) ھېيتتۇر. ئەمما، شەۋۋال ئېيىنىڭ ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى كۈنلىرىنىڭ ھېيىت بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق. روزا ھېيت بىر كۈن، قۇربان ھېيت تۆت كۈن بولىدۇ. (سلسلة الهدى والنور)
The post روزا ھېيت قانچە كۈن بولىدۇ، قۇربان ھېيتچۇ؟ | ئىمام ئەلبانى first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
The post روزا ھېيت قانچە كۈن بولىدۇ، قۇربان ھېيتچۇ؟ | ئىمام ئەلبانى appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
ئاياللار پۇتى ئوچۇق ھالدا سىرتقا چىقسا بولامدۇ؟ | ئىمام مالىك، ئىبنى باز، ئەلبانى
ئاياللار پۇتى ئوچۇق ھالدا سىرتقا چىقسا بولامدۇ؟
بىسمىللاھىرەھمانىررەھىم
ئىمام مالىك رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن:
قىز-ئاياللارنىڭ مەيلى نامازدا، ياكى نامازنىڭ سىرتىدا ئىككى پۇتىنى ئوچۇق قويۇشى دۇرۇس ئەمەس. «أحكام النظر» (ص 221–224) * (نامازنىڭ سىرتىدىكى ئوچۇق قويۇش دۇرۇس بولمايدىغان ئەھۋال نامەھرەمنىڭ كۆرۈپ قېلىشى مۇمكىن بولغان ئەھۋاللاردۇر. ئاياللار نامەھرەمنىڭ كۆرۈپ قېلىش ئېھتىماللىقى يوق ئەھۋالدا  پۇتىنى ئوچۇق قويسا، بۇ بارچە ئۆلىمالارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس. چۈنكى، ئايال كىشىنىڭ پۇتى ئۆز جىنسىدىكى قىز-ئاياللار ۋە ئۆزىنىڭ مەھرەملىرىگە ئەۋرەت ھېسابلانمايدۇ.)
ئىمام ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن:
قىز-ئاياللارنىڭ كوچىلاردا (شۇنداقلا نامەھرەملەر كۆرۈپ قېلىش ئېھتىمالى بولغان جايلاردا) پۇتى ئوچۇق ھالدا يۈرۈشى جائىز ئەمەس. چۈنكى، ئايال كىشىنىڭ ئىككى پۇتى (نامەھرەم ئەرلەرگە نىسبەتەن) ئەۋرەت جۈملىسىدىندۇر. (سلسلة الهدى والنور 697)
ئىمام ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق پەتىۋا بەرگەن:
ئايال كىشىنىڭ پۇتى ئوچۇق ھالدا سىرتقا چىقىشى دۇدۇر ئەمەس. سىرتقا چىققان ئايال پۇتلىرىنى پايپاق ياكى ئۇزۇن، كەڭرى كىيىم بىلەن ياپىدۇ. نامازدىمۇ ھەم پۇتىنى يېپىشى لازىم، بۇ جۇمھۇر ئەھلى ئىلىمنىڭ ھۆكمىدۇر. ناماز ئوقۇغان ئايال (سىرتققان چىققاندا كىيگىنىدەك) كەڭرى ئۇزۇن كىيىم بىلەن ياكى پايپاق بىلەن پۇتىنى ياپىدۇ. (نور على الدرب:حكم ستر المرأة قدميها في الصلاة وخارجها)
مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن (أنها سئلت : هل المرأة تصلي في درع وخمار ؟ قالت في جوابها : إذا كان الدرع سابغا يغطي ظهور قدميها ) «ئايال كىشى لېچەك ۋە كۆڭلەك بىلەن ناماز ئوقۇسا بولامدۇ؟» دەپ سورالغاندا، «كۆڭلىكى پۇتىنىڭ دۈمبىسىنى يېپىپ تۇرىدىغان بولسا ئوقۇسا بولىدۇ» دەپ جاۋاب بەرگەن. mujtehid.com (ئەبۇ داۋۇد 640* بۇ ھەدىسنى داراقۇتنى، نەۋەۋى، ئىبنى ھەجەر قاتارلىقلار سەھىھ دېگەن)
ئىمام ئىبنى ئابدۇلبەر (ۋاپاتى: ھ 463) رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن:
ئەگەر ئايال كىشىنىڭ كىيىملىرى ئىككى پۇتىنى يېپىپ تۇرسا، شۇنداقلا بەدىنىنىڭ ھەممە يېرىنى ۋە چېچىنى ئوراپ تۇرىدىغان بولسا، ئايال كىشىنىڭ بۇنداق كىيىمدە ناماز ئوقۇشۇ دۇرۇس بولىدۇ. چۈنكى، نامازدا ئايال كىشىنىڭ يۈزى بىلەن ئىككى قولىدىن باشقا ھەممە يېرى ئەۋرەت ھېسابلىنىدۇ. بۇ كۆپچىلىك ئەھلى ئىلىمنىڭ ھۆكمىدۇر. مالىك، ئەبۇ ھەنىيفە، شافىي ۋە شاگىرتلىرى، ئەۋزائى ۋە ئەبۇ سەۋر «ئايال كىشى نامازدا يۈزى بىلەن ئىككى قولىدىن باشقا ھەممە ئەزاسىنى ياپىدۇ» دېگەن.  تابىئىننىڭ يەتتە مەشھۇر فەقىھ ئالىمىدىن بىرى بولغان ئەبۇ بەكرى ئىبنى ئابدۇراھمان (ۋاپاتى: ھ. 94) رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «ئايال كىشىنىڭ بارچە ئەزاسى (نامەھرەم ئەرلەرگە نىسبەتەن) ئەۋرەتتۇر. ھەتتا، تىرنىقىمۇ شۇنداق.» mujtehid.com (ابن عبد البر:  التمهيد 4\327؛ التهذيب في اختصار المدوّنة ٢/ ١٠٧؛ المبسوط للسرخسي ١/ ١٩٧؛ المغني لابن قدامة ١/ ٤٣٠) [تابىئىن فەقىھ ئەبۇ بەكرى ئىبنى ئابدۇراھماننىڭ بۇ سۆزىنى ئىمام ئىبنى ئەبى شەيبە مۇسەننەفتە نەقىل قىلغان؛ ئىمام ئىبنى مۇنزىر ئەلئەۋسەتتە نەقىل قىلغان]
— مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
The post ئاياللار پۇتى ئوچۇق ھالدا سىرتقا چىقسا بولامدۇ؟ | ئىمام مالىك، ئىبنى باز، ئەلبانى first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
The post ئاياللار پۇتى ئوچۇق ھالدا سىرتقا چىقسا بولامدۇ؟ | ئىمام مالىك، ئىبنى باز، ئەلبانى appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
فىتىر زاكىتىغا پۇل بېرىش نېمىشقا دۇرۇس ئەمەس؟ | ئىمام ئەلبانى
فىتىر زاكىتىغا پۇل بېرىش نېمىشقا دۇرۇس ئەمەس؟
مۇھەددىس فەقىھ، ئىمام ئەلبانى رەھىمەھۇللاھنىڭ پەتىۋاسى
فۇرقان دەۋەت مەركىزى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
ئىمام ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ فىتىر زاكىتى ھەققىدە سورالغان سوئالغا مۇنداق جاۋاب بەرگەن:
فىتىر سەدىقىسى ئۈچۈن پۇل بېرىشنىڭ دۇرۇسلۇقىنى ئېيتقانلار خاتالاشقاندۇر.
ئۇلار مۇشۇنداق دېيىش ئارقىلىق شەرئىي دەلىلگە خىلاپلىق قىلماقتىدۇر.
ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم ساھابە ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەرنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى نەقىل قىلغان: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم فىتىر سەدىقىسىنى خورمىدىن ياكى ئارپىدىن، ياكى پىشلاقتىن بىر سائ بېرىشنى پەرز قىلدى.» (بىر سائنى كىلوغا سۇندۇرۇپ ھېسابلىغاندا تەخمىنەن ئۈچ كىلوگرامغا يېقىن ئېغىرلىقتا بولىدۇ.)
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم پىتىر زاكىتىنى ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن پۇل ئارقىلىق ئەمەس، شۇ دەۋر خەلقى يەيدىغان يېمەكلىكلەر ئارقىلىق ئادا قىلىشنى بەلگىلەپ پەرز قىلغان ئىدى.
ھەدىسنىڭ مەنىسىدىن شۇ نەرسە ئوتتۇرىغا چىقماقتىدۇر:
فىتىر زاكىتى بېرىشتىن مەقسەت — پېقىر ۋە مىسكىنلەرنىڭ يېڭى، پاكىز كىيىم-كېچەكلەرنى كىيىشىنى ۋە مەۋجۇت ياشاش ئۆلچىمىگە ماس ھالدا ياشاش سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشىنى روياپقا چىقىرىش ئەمەس.
فىتىر زاكىتىنىڭ مەقسىتى — پېقىر-مىسكىنلەرنىڭ ھېيىت كۈنى ۋە ھېيىتتىن كېيىنكى (مەلۇم) كۈنلەر ئىچىدىكى يېمەك-ئىچمەككە بولغان ھاجەتمەنلىكىنى يوق قىلىشتۇر.
«ھېيىتتىن كېيىن» دېيىشتىن پەقەتلا روزا ھېيتنىڭ بىرلا كۈن بولىدىغانلىقىنى مەقسەت قىلىۋاتىمەن.
روزا ھېيىت كۈنىدىن كېيىنكى ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى كۈنلەرنىڭ روزا ھېيىت بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق.
روزا ھېيىت پەقەتلا بىر كۈندۇر، قۇربان ھېيت بولسا تۆت كۈندۇر.
فىتىر سەدىقىسىنىڭ ئەينى چاغدىكى ئومۇملاشقان يېمەكلىكلەردىن پەرز قىلىنىشىنىڭ مەقسىتى — پېقىر ۋە مىسكىنلەرنى روزا ھېيىتنىڭ بىرىنچى كۈنى بىلەن ئۇنىڭدىن كېيىنكى كۈنلەردە يېمەكلىككە مۇھتاج قىلىپ قويماسلىقتۇر.
ئىنسانلاردىن بىرى چىقىپ «ياق! بىز پىتىر زاكىتى ئۈچۈن يېمەكلىك ئورنىغا پۇل بېرەيلى. پۇل بېرىشىمىز پېقىرلار ئۈچۈن تېخىمۇ ئۇيغۇن ۋە تېخىمۇ مەنپەئەتلىكتۇر» دېگىنىدە، بۇنى دېگەن ئىنسان ئىككى تەرەپتىن خاتا سۆز قىلغان بولىدۇ.
بۇنداق دېيىشتىكى بىرىنچى خاتالىق — شەرئىي دەلىلگە قارشى گەپ قىلغانلىقىدۇر. چۈنكى، پىتىر زاكىتى مەسىلىسى ئىبادەت مەسلىسىدۇر. (ئىبادەت مەسىلىسى كۆز قاراشقا ئەمەس، شەرئىي دەلىلگە تايىنىدۇ.) بۇنداق دېگەن كىشىنىڭ خاتا قىلىۋاتقىنىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدىغان ئەڭ يەڭگىل سۆز مانا بۇ.
پىتىر زاكىتىغا پۇل بېرىش ئەۋزەل دېگەن كىشىنىڭ ئىككىنچى خاتالىقى بەكمۇ قورقۇنچلۇق خاتالىق بولۇپ، بۇنداق دېيىشنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىدەك:
«شەرىئەت \ قانۇن بەلگىلىگۈچى، ھۆكۈم ۋە ھېكمەت ساھىبى، ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھ پەيغەمبىرىگە ئۈممىتىنىڭ پىتىر زاكىتى ئۈچۈن يېمەكلىكتىن بىر سائ مىقداردا بېرىشىنى پەرز قىلغىنىدا، پېقىر-مىسكىنلەرگە كېلىدىغان پايدىنىڭ نېمىدە ئىكەنلىكىنى — بۇ يېمەكلىكەرنىڭ قىممىتىگە تەڭداش نىسبەتتىكى پۇلنى فىتىر زاكىتى ئۈچۈن بېرىشنىڭ تېخىمۇ ئەۋزەل ئىككەنلىكىنى داۋا قىلغانلار چۈشەنگەنچىلىك چۈشەنمەي ۋە بىلەلمەي قالغان.»
ئەگەر پىتىر زاكىتىغا پۇل بېرىش يېمەكلىك بېرىشتىن ئەۋزەل بولسا، ئۇ ھالدا پىتىر زاكىتى ئۈچۈن پۇل بېرىش ئاساس بولۇپ، يېمەكلىك بېرىش بولسا بۇ ئاساسنىڭ ئورنىنى باسىدىغان قوشۇمچە ئورۇن باسار ھېسابلانغان بولاتتى.
چۈنكى، قولىدا پۇل بولغان كىشى، بۇ پۇلنى ئۆز ئېھتىياجىغا يارىشا قانداق خەجلەشنى ئەڭ ياخشى بىلىدۇ. يېمەكلىككە ئېھتىياجى بولسا يېمەكلىك، ئىچىملىككە ئېھتىياجى بولسا ئىچىملىك، كىيىم-كېچەككە ئېھتىياجى بولسا، كىيىم-كېچەك ئالىدۇ.
خوش، ئۇنداقتا، نېمىشقا شەرىئەتنىڭ ئىگىسى ئاللاھ پىتىر زاكىتىنى پۇل ئارقىلىق ئەمەس، دىنار-دىرھەم ئارقىلىق ئەمەس، يېمەكلىك ئارقىلىق ئادا قىلىشنى پەرز قىلدى؟
دېمەك ئاللاھنىڭ بىر مەقسىتى بار. (مەقسەت يۇقىرىدا بايان قىلىندى.) شۇڭا، ئاللاھ پىتىر زاكىتىدىن ئىبارەت بۇ پەرزنى بىز يۇقىرىدا زىكىر قىلغان ھەدىستىكىدەك ۋە بۇ ھەقتىكى باشقا ھەدىسلەردىكىدەك يېمەكلىك ئارقىلىق ئادا قىلىشتا چەك بېكىتكەن.
بەزى ئىنسانلارنىڭ بۇ شەرئىي دەلىلنى ئورۇنداش ئورنىغا، بۇنىڭ ئەكسىچە پىتىر زاكىتى ئۈچۈن پۇل بېرىش يولىنى تۇتۇشى — شەرىئەت بەلگىلىگۈچى ئاللاھقا (بۇ جەھەتتە) ياخشى شەرىئەت\قانۇن قويالمىغانلىق بىلەن تۆھمەت قىلغانلىق ھېسابلىنىدۇ.
چۈنكى، بۇنداق ئىنسانلارنىڭ ئۆزى بەلگىلىۋالغان بۇ ئاتالمىش شەرىئىتى — ئۇلارچە پېقىر-مىسكىنلەر ئۈچۈن تېخىمۇ پايدىلىق، تېخىمۇ ئەۋزەل بولارمىش!
كىشى مانا مۇشۇ شەكىلدە — فىتىر زاكىتىغا پۇل بېرىش يېمەكلىك بېرىشتىن ئەۋزەل دەپ ئېتىقاد قىلىۋالسا — بۇ ئېتىقادى سەۋەبلىك كاپىر بولۇپ كېتىدۇ.
لېكىن، پۇل بېرىش يېمەكلىك بېرىشتىن ئەۋزەل دېگەن ئېتىقادتا بولماي، بۇ ھەقتىكى شەرئىي ھۆكۈمدىن غەپلەتتە قېلىپ بۇنى دېگەن بولسا، سېپى ئۆزىدىن خاتا سۆزنى ئېيتقان بولىدۇ.
(ئىش بۇنداق ئىكەن) فىتىر زاكىتىنى شەرىئەتنىڭ ھاكىمى بولغان ئاللاھ تەرىپىدىن پەرز قىلىنغان يېمەكلىك بېرىشتىن باشقا نەرسە بىلەن (يەنى پۇل بىلەن) ئادا قىلىش دۇرۇس بولمايدۇ. ئاللاھنىڭ شەرىئەت قىلىپ بەلگىلىگىنى — پىتىر سەدىقىسىنى يېمەكلىك ئارقىلىق ئادا قىلىشتۇر.
(ئاساسى مەقسەت ئۆز پېتى تەرجىمە قىلىندى. تولۇق نۇسخىسىنى تۆۋەندىكى ئەرەپچە ۋىديودا مەۋجۇت)
ئىمام شافىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «فىتىر زاكىتى ئۈچۈن پۇل بېرىش دۇرۇس ئەمەس.» (ئەلئۇم 2\72)
ھافىز نەۋەۋى مۇنداق دېگەن: «فەقىھلەرنىڭ كۆپچلىكى پىتىر زاكىتىغا پۇل بېرىشنى دۇرۇس ئەمەس دېگەن ھۆكۈمدىدۇر.» (مۇسلىم شەرھى 7\60)
مەنبە: ھەدىس خەزىنىسى تورى | hedisim.com
ئەرەپچە مەنبەسى: https://www.youtube.com/watch?v=lxjL8vKYpR0
مۇناسىۋەتلىك پەتىۋا:
پىتىر زاكىتى توغرىسىدا مۇجتەھىد ئالىملارنىڭ پەتىۋالىرى
The post فىتىر زاكىتىغا پۇل بېرىش نېمىشقا دۇرۇس ئەمەس؟ | ئىمام ئەلبانى first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
The post فىتىر زاكىتىغا پۇل بېرىش نېمىشقا دۇرۇس ئەمەس؟ | ئىمام ئەلبانى appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
بولغۇسى كېلىنچەكنىڭ قولىغا تويلىشىش ئارزۇسىنى ئىپادىلەپ ئۈزۈك سېلىش خىرستىيانلارنىڭ ئادىتى
ئىمام ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن:
(يىگىتنىڭ بولغۇسى) كېلىنچەكنىڭ قولىغا تويلىشىش ئارزۇسىنى ئىپادىلەپ ئۈزۈك سېلىشى خىرىستىيانلارنىڭ ئادىتىدۇر … بىز خىرستىيانلارغا زىت يول تۇتۇشقا بۇيرۇلغانمىز. (آداب الزفاف 212-213)
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«كىم باشقا (دىندىكى) قەۋمگە ئوخشىۋالسا، ئۇ شۇلاردىندۇر.» hedisim.com (ئىمام ئەبۇ داۋۇد ۋە ئىمام ئىبنى ھىببان توپلىغان؛ سەھىھ ھەدىس)
The post بولغۇسى كېلىنچەكنىڭ قولىغا تويلىشىش ئارزۇسىنى ئىپادىلەپ ئۈزۈك سېلىش خىرستىيانلارنىڭ ئادىتى first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
The post بولغۇسى كېلىنچەكنىڭ قولىغا تويلىشىش ئارزۇسىنى ئىپادىلەپ ئۈزۈك سېلىش خىرستىيانلارنىڭ ئادىتى appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
تەكفىر پىتنىسى | ئىمام مۇھەممەد ناسىرۇددىن ئەلبانى
تەكفىر پىتنىسى | ئىمام مۇھەممەد ناسىرۇددىن ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ (ۋاپاتى: ھىجرىيە 1421-يىلى)
شەيخ مۇھەممەد ناسىرۇددىن ئەلبانى
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ
ھەقىقەتەن ھەمدۇ سانا الله قا خاستۇر. ئۇنىڭغا ھەمدۇ ئېيتىمىز، ئۇنىڭدىن ياردەم ۋە مەغفىرەت تىلەيمىز. نەپسىمىزنىڭ شەررىدىن ۋە ئەمەللىرىمىزنىڭ يامانلىقىدىن الله قا سېغىنىمىز. الله ھىدايەت قىلغان كىشىنى ھېچكىم ئازدۇرالمايدۇ. الله ئازدۇرغان كىشىنى ھېچكىم ھىدايەت قىلالمايدۇ. گۇۋاھلىق بېرىمەنكى، الله تىن باشقا (ئىبادەتكە لايىق) ھېچبىر ئىلاھ يوقتۇر، ئۇ يەككە – يېگانىدۇر، ئۇنىڭ شېرىكى يوقتۇر؛ ۋە يەنە گۇۋاھلىق بېرىمەنكى، مۇھەممەد الله نىڭ بەندىسى ۋە رەسۇلىدۇر.[1]
شۈبھىسىزكى، ئومۇمىيۈزلۈك تەكفىر قىلىش (كاپىر دەپ ھۆكۈم چىقىرىش) مەسىلىسى شۇ ھۆكۈمنى چىقارغانلار ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى ھۆكۈم چىقىرىلغۇچىلار (يەنى كاپىر دەپ قارالغۇچىلار) ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن ئېغىر ۋە قەدىمىي پىتنىدۇر. بۇ قىلمىشنىڭ يىلتىزى «خاۋارىج»[2] دەپ ئاتالغان قەدىمىي ئىسلامىي پىرقىگە تۇتۇشىدۇ.
ئەپسۇسلىنارلىقى، بەزى دەۋەتچىلەر قۇرئان – سۈننەت نامى ئاستىدا، تۆۋەندىكى ئىككى سەۋەب تۈپەيلى قۇرئان – سۈننەتتىكى چەك – چېگرالاردىن چىقىپ كېتىۋاتىدۇ:
بىرىنچىسى، ئىلىمدىكى تېيىزلىك
ئىككىنچىسى ـــ بۇ تولىمۇ مۇھىمدۇر ـــ ئۇلار ساغلام ئىسلامىي دەۋەتنىڭ ئاساسى بولغان شەرئىي قائىدە – پىرىنسىپلارنى ئاڭقىرالمايدۇ. ھالبۇكى، مەزكۇر شەرئىي پىرىسىنپلاردىن چەتنەش رەسۇلۇللاھ ﷺ ماختىغان، ھەتتا رەببىمىز عز وجل ئۇنىڭدىن ئايرىلىشنى «الله قا ۋە پەيغەمبەرگە قارشى چىققانلىق» دەپ جاكارلىغان «جامائەت»تىن ئايرىلغانلىقتۇر. الله عز وجل شۇنداق دېگەن:
{وَمَن يُشَاقِقِ الرَّسُولَ مِن بَعْدِ مَا تَبَيَّنَ لَهُ الْهُدَىٰ وَيَتَّبِعْ غَيْرَ سَبِيلِ الْمُؤْمِنِينَ نُوَلِّهِ مَا تَوَلَّىٰ وَنُصْلِهِ جَهَنَّمَ ۖ وَسَاءَتْ مَصِيرًا}
« كىمكى ئۆزىگە توغرا يول ئېنىق بولغاندىن كېيىن، پەيغەمبەرگە (يەنى ئۇنىڭ ئەمرىگە) مۇخالىپەتچىلىك قىلىدىكەن، مۇئمىنلەرنىڭ يولىدىن باشقىغا ئەگىشىدىكەن، ئۇنى ئۆز يولىغا قويۇپ بېرىمىز ۋە (ئاخىرەتتە) جەھەننەمگە كىرگۈزىمىز، جەھەننەم نېمىدېگەن يامان جاي!» [سۈرە نىسا 115 – ئايەت].
ئىلىم ئەھلىنىڭ نەزىرىدە مەسىلە ئوپئوچۇقتۇركى، الله ئۆزىنىڭ «كىمكى ئۆزىگە توغرا يول ئېنىق بولغاندىن كېيىن، پەيغەمبەرگە (يەنى ئۇنىڭ ئەمرىگە) مۇخالىپەتچىلىك قىلسا» دېگەن سۆزىنى «مۇئمىنلەرنىڭ يولىدىن باشقىسىغا ئەگىشىش»كە باغلاپ، «ئۇنى ئۆز يولىغا قويۇپ بېرىمىز ۋە (ئاخىرەتتە) جەھەننەمگە كىرگۈزىمىز» دېگەن.
مۇئمىنلەرنىڭ يولىغا ئەگىشىش ياكى ئەگەشمەسلىك ھەقىقەتەن پەۋقۇلئاددە مۇھىمدۇر. مۇئمىنلەرنىڭ يولىغا ئەگەشكۈچى ئالەملەرنىڭ رەببىنىڭ دەرگاھىدا قۇتۇلغۇچىلاردۇر. مۇئمىنلەرنىڭ يولىغا قارشى چىققۇچىلارنىڭ بارار جايى جەھەننەمدۇر، جەھەننەم نېمە دېگەن يامان جاي!
كونا – يېڭى نۇرغۇن تائىپىلەر مۇئمىنلەرنىڭ يولىدا مېڭىشقا ئەھمىيەت بەرمەي، قۇرئان – سۈننەتنى ئىزاھلاش خۇسۇسىدا ئەقىللىرىنىڭ ئسىكەنجىسىگە چۈشۈپ، نەپسى خاھىشىغا ئەگەشكەنلىكى ئۈچۈن ئېزىپ كەتتى، سەلەف سالىھلارنىڭ (الله تعالى ئۇلارنىڭ ھەممىسىدىن رازى بولغاي) يولىدىن چىقىپ، خەتەرلىك ئاقىۋەتلەرگە دۇچار بولدى.
رەسۇلۇللاھ ﷺ ئۆزىنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىدىمۇ يۇقىرىدىكى ئايەتتىكى «مۇئمىنلەرنىڭ يولىدىن باشقىغا ئەگەشكۈچى» ئىبارىسىنى تەكىتلىگەن.
بىز بۇ يەردە مەزكۇر ھەدىسلەردىن بەزىلىرىنى بايان قىلىمىز. بۇ ھەدىسلەر بارلىق مۇسۇلمانلارغا تونۇشلۇق بولسىمۇ، ئەمما بۇ ھەدىسلەردىكى كىشىلەرگە بىلىنمىگەن نۇقتا شۇكى: بۇ ھەدىسلەر قۇرئان ۋە سۈننەتنى چۈشىنىش ئۈچۈن مۇئمىنلەرنىڭ يولىغا ئەگىشىشنىڭ زۆرۈر ۋە ۋاجىب (پەرز) ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
«تەكفىر جامائىتى» دەپ تونۇلغان كىشىلەر ۋە ئۆزلىرىنى جىھادقا نىسبەت بېرىدىغان، ئەمەلىيەتتە بولسا تەكفىرچىلەرنىڭ قالدۇقلىرىدىن بولغان بەزى جامائەتلەر دەل مۇشۇ نۇقتىدا خاتالاشقان ۋە غەپلەتتە قالغان.
بۇلار ھەقىقەتەن سالىھ ۋە ئىخلاسمەن كىشىلەر بولۇشى مۇمكىن، ئەمما الله عز وجل نىڭ دەرگاھىدا قۇتۇلغانلاردىن بولۇش ئۈچۈن يالغۇز بۇلا كۇپايە قىلمايدۇ.
بۇ جەھەتتە، مۇسۇلمانلار چوقۇم تۆۋەندىكى ئىككى خىسلەتنى ئۆزىدە تەڭ ھازىرلىشى كېرەك:
نىيەتنى الله عز وجل ئۈچۈن خالىس قىلىش؛
رەسۇلۇللاھ ﷺ نىڭ يولىغا گۈزەل رەۋىشتە ئەگىشىش.
قۇرئان – سۈننەتكە ئەمەل قىلىش ۋە بۇلارغا دەۋەت قىلىش جەھەتتە، ئىخلاسمەن مۇسۇلمان بولۇشلا كۇپايە قىلمايدۇ. ئەكسىچە، بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا كىشىنىڭ مەنھەجى (مېتودى) توغرا ۋە ساغلام بولۇشى كېرەك. ھالبۇكى، بۇ (يەنى مەنھەجنىڭ توغرا بولۇشى) پەقەت مەزكۇر ئۈممەتنىڭ سەلەف سالىھلىرىنىڭ (الله تعالى ئۇلارنىڭ ھەممىسىدىن رازى بولغاي) يولىغا ئەگەشكەندە ئاندىن روياپقا چىقىدۇ.
يۇقىرىدا قەيت ئېلىنغان سەھىھ ھەدىسلەردىن بىرى يەتمىش ئۈچ پىرقە ھەدىسىدۇر. دەرۋەقە، رەسۇلۇللاھ ﷺ:
«اِفْتَرَقَتِ اليَهُوْدُ عَلَى إِحْدَى وَسَبْعِيْنَ فِرْقَةٍ وَافْتَرَقَتِ النَّصَارَى عَلَى اثْنَتَيْنِ وَسَبْعِيْنَ فِرْقَةٍ وَسَتَفْتَرِقُ أُمَّتِي عَلَى ثَلاث وَسَبْعِيْنَ فِرْقَةٍ كُلُّهَا فِي النَّارِ إِلا وَاحِدَة»
«ھەقىقەتەن يەھۇدىيلار 71 پىرقىگە، ناسارالار 72 پىرقىگە بۆلۈنگەن. مېنىڭ ئۈممىتىم 73 پىرقىگە بۆلۈنىدۇ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرسىدىن باشقا ھەممىسى دوزاختا بولىدۇ» دېگەندە،
ساھابىلەر رەسۇلۇللاھ ﷺ دىن: «ئۇلار (يەنى نىجادلىق تاپقۇچى شۇ پىرقە) كىم؟ يا رەسۇلۇللاھ» دەپ سوراشقانىدى. رەسۇلۇللاھ ﷺ:
«الجَمَاعَة» «جامائەت» دەپ جاۋاب بەرگەن.
يەنە بىر رىۋايەتتە «مَا أَنَا عَلَيْهِ وأصحابي» «مەن ۋە مېنىڭ ساھابىلىرىمنىڭ يولىدىكىلەر» دېگەن.
رەسۇلۇللاھ ﷺ نىڭ مەزكۇر جاۋابى يۇقىرىدا نەقىل قىلىنغان ئايەتتىكى «مۇئمىنلەرنىڭ يولىدىن باشقىغا ئەگەشكەنلەر» دېگەن ئىبارە بىلەن تامامەن ئوخشاش مەنىدە بولۇپ، بۇنىڭغا ئاساسەن، مەزكۇر ئايەتنىڭ ئومۇمىي ھۆكمى دائىرىسىگە (يەنى ئايەتتىكى «مۇئمىنلەر» كاتېگورىيەسىگە) كىرىدىغانلار ئەڭ ئالدى بىلەن رەسۇلۇللاھ ﷺ نىڭ ساھابىلىرىدۇر.
رەسۇلۇللاھ ﷺ بۇ ھەدىستە: «مېنىڭ يولۇم» دېيىش بىلەنلا چەكلەنگەن تەقدىردىمۇ، قۇرئان – سۈننەتنى ھەقىقىي چۈشەنگەنلەر ئۈچۈن بۇ كۇپايە قىلغان بولاتتى. لېكىن، رەسۇلۇللاھ ﷺ بۇ ئارقىلىق الله سبحانه وتعالى نىڭ ئۇنىڭ ھەققىدىكى {بِالْمُؤْمِنِينَ رَؤُوفٌ رَّحِيمٌ} «ئۇ (يەنى رەسۇلۇللاھ ﷺ) مۇئمىنلەرگە ھەقىقەتەن ناھايىتى مېھرىباندۇر، تولىمۇ كۆيۈمچاندۇر»[3] دېگەن سۆزىنى ئەمەلىي رەۋىشتە نامايەن قىلغان.
رەسۇلۇللاھ ﷺ نىڭ ساھابىلىرىگە ۋە ئەگەشكۈچىلىرىگە قۇتۇلغۇچى پىرقىنىڭ ئالامەتلىرىدىن خەۋەر بېرىپ، ئۇلارنىڭ «رەسۇلۇللاھ ﷺ نىڭ ۋە ساھابىلىرىنىڭ يولى»دا ماڭغانلار ئىكەنلىكىدىن خەۋەر بېرىشى ئۇلارغا بولغان شەپقەت ۋە مەرھەمىتىنىڭ كامىل دەرىجىسىدۇر.
شۇ ۋەجىدىن، ئومۇمىي مۇسۇلمان ئاممىسىنىڭ، بولۇپمۇ ئىسلام دەۋەتچىلىرىنىڭ، قۇرئان – سۈننەتنى چۈشىنىشتە، ئەرەب تىلى بىلىملىرىنى، مەنسۇخ قىلىنغان ۋە قىلغان ھۆكۈملەرنى ھەمدە شۇنىڭغا ئوخشاش باشقا ھۆكۈملەرنى بىلىش بىلەنلا كۇپايىلىنىشى توغرا بولمايدۇ. ئەكسىچە، بۇلارنىڭ ھەممىسىدە رەسۇلۇللاھ ﷺ نىڭ ساھابىلىرىنىڭ يولىغا مۇراجىئەت قىلىش زۆرۈردۇر. چۈنكى، ئىش – ئىزلىرىدىن مەلۇم بولغىنىدەك، ئۇلار الله عز وجل گە قىلىنغان ئىبادەتتىكى ئەڭ سەمىمىي كىشىلەر ئىدى. شۇنداقلا، ئۇلار قۇرئان ۋە سۈننەتنى بىزدىن (يەنى ئۆزىدىن كېيىنكى بارلىق ئىنسانلاردىن) ياخشى چۈشىنەتتى ۋە ئۇلار ئۆزلىرىنى مىسلىسىز ئەخلاق نەمۇنىلىرىغا ئايلاندۇرغان بولۇپ، ماختىلىشقا لايىق باشقا خىسلەتلەرگىمۇ ئىگە ئىدى.
مەزكۇر ھەدىس پايدا ۋە نەتىجە ئېتىبارى بىلەن، سۇنەن كىتابلىرىدا ئىرباز ئىبنى سارىيە رضي الله عنه دىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىسكە ئوخشايدۇ. ئىرباز ئىبنى سارىيە رضي الله عنه ئېيتىدۇكى: رەسۇلۇللاھ ﷺ بىزگە بامدات نامىزىنى ئوقۇپ بەردى، ئاندىن بىز تەرەپكە يۈزلىنىپ، كۆزلەردىن ياش ئاققۇزۇپ، قەلىبلەرنى تىترىتىدىغان، ئىنتايىن تەسرلىك تەبلىغ قىلدى. بىر ئادەم: «يا رەسۇلۇللاھ! بۇ ۋىدالاشقۇچىنىڭ سۆزىگە ئوخشاپ كەتتى» دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ ﷺ شۇنداق دېدى:
«أُوصِيكُمْ بِتَقْوَى اللَّهِ وَالسَّمْعِ وَالطَّاعَةِ وَإِنْ كَانَ عبدا حَبَشِيًّا فَإِنَّهُ من يَعش مِنْكُم يرى اخْتِلَافًا كَثِيرًا فَعَلَيْكُمْ بِسُنَّتِي وَسُنَّةِ الْخُلَفَاءِ الرَّاشِدِينَ الْمَهْدِيِّينَ تَمَسَّكُوا بِهَا وَعَضُّوا عَلَيْهَا بِالنَّوَاجِذِ»
«سىلەرگە الله قا تەقۋادارلىق قىلىشنى، ھەبەشىستانلىق بىر قۇل باش بولسىمۇ، ئۇنىڭغا قۇلاق سېلىشنى ۋە ئىتائەت قىلىشنى تەۋسىيە قىلىمەن! مەندىن كېيىن ياشىغانلار چوقۇم نۇرغۇن ئىختىلاپلارنى كۆرىدۇ. شۇڭا، مېنىڭ سۈننىتىمگە ۋە (توغرا يولغا يېتەكلەنگەن) راشد خەلىپىلەرنىڭ سۈننىتىگە ئەگىشىڭلار! ئۇنى ئېزىق چىشىڭلار بىلەن مەھكەم چىشلەڭلار» [مىشكاتۇل مەسابىھ 165 – ھەدىس، سەھىھ].
بۇ ھەدىسمۇ رەسۇلۇللاھ ﷺ نىڭ يۇقىرىدىكى (73 پىرقىگە ئالاقىدار) ھەدىسىدىكى جاۋابىنى تەكىتلەيدۇ. رەسۇلۇللاھ ﷺ ئۆز ئۈممىتىنى سۈننەتكە چىڭ يېپىشقان ساھابىلىرىگە ئەگىشىشكە بۇيرۇپ، «ۋە راشىد خەلىپىلەرنىڭ سۈننىتىگە ئەگىشىڭلار» دېگەن.
شۇ ۋەجىدىن، ئەقىدىمىزنى، ئىبادىتىمىزنى، ئەخلاقىمىزنى ۋە قىلمىشلىرىمىزنى چۈشەنمەكچى بولغىنىمىزدا، ھەر دائىم ۋە مەڭگۈ مۇشۇ ئاساسىي پىرىنسىپ بويىچە ھەرىكەت قىلىشىمىز لازىم.
مۇسۇلمان ئۈچۈن زۆرۈر بولغان بۇ ھۆكۈملەرنى توغرا چۈشىنىپ، نىجادلىق تاپقۇچى بىردىنبىر پىرقىگە تەۋە بولۇش ئۈچۈن سەلەف سالىھلارنىڭ مەنھەجىگە قايتىشتىن باشقا يول يوق.
بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، كونا – يېڭى پىرقىلەرنىڭ نۇرغۇنى يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ھەدىستىكى دەلىلگە، راشىد خەلىپىلەرنىڭ سۈننىتىگە ئەگىشىش توغرىسىدىكى ھەدىسنىڭ ۋە ئۈممەتنىڭ (73 پىرقىگە) بۆلۈنىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ھەدىسنىڭ مۇھىملىقىغا ئەھمىيەت بەرمىگەنلىكى سەۋەبلىك ھەق يولدىن ئېزىپ كەتكەن.
شۇ ۋەجىدىن، بۇ تائىپىلەرنىڭ خۇددى ئىلگىرى الله نىڭ كىتابىدىن، رەسۇلۇللاھ ﷺ نىڭ سۈننىتىدىن ۋە سەلەف سالىھلارنىڭ مەنھەجىدىن چەتنەپ كەتكەن تائىپىلەرنىڭ ئېزىپ كەتكىنىدەك ئېزىپ كېتىشى تامامەن تەبىئىي ئەھۋالدۇر.
ئەنە شۇ ئازغۇن تائىپىلەردىن بىرى ئىلگىرىكى ۋە زامانىمىزدىكى خاۋارىجلاردۇر.
بۇ دەۋردە، ھەتتا ئۇزۇن زامانلاردىن بېرى، تەكفىر پىتنىسى {وَمَن لَّمْ يَحْكُم بِمَا أَنزَلَ اللَّهُ فَأُولَٰئِكَ هُمُ الْكَافِرُونَ} «كىملەركى الله نىڭ نازىل قىلغىنى بويىچە ھۆكۈم قىلمايدىكەن، ئۇلار كاپىرلاردۇر»[4] دېگەن ئايەتكە مەركەزلەشكەن بولۇپ، ئۇلار (يەنى مۇسۇلمانلارنى دەلىلسىز تەكفىر قىلىدىغان خاۋارىجلار) چوڭقۇر چۈشەنچىگە ۋە تەپسىلىي مەلۇماتقا ئىگە بولماي تۇرۇپلا، بۇ ئايەتكە ئېسىلىۋالماقتا (ئەمەلىيەتتە، سۇيئىستېمال قىلماقتا، ت).
بىزگە مەلۇمكى، يۇقىرىدىكى ئايەت (سۈرە مائىدەدە) تەكرارلىنىدىغان بولۇپ، ئاخىرقى جۈملىسى ئوخشىمىغان ئۈچ خىل ھالەتتە كەلگەن:
(1) {وَمَن لَّمْ يَحْكُم بِمَا أَنزَلَ اللَّهُ فَأُولَٰئِكَ هُمُ الْكَافِرُونَ} «كىملەركى الله نىڭ نازىل قىلغىنى بويىچە ھۆكۈم قىلمايدىكەن، ئۇلار كاپىرلاردۇر» [سۈرە مائىدە 44 – ئايەت].
(2) {وَمَن لَّمْ يَحْكُم بِمَا أَنزَلَ اللَّهُ فَأُولَٰئِكَ هُمُ الظَّالِمُونَ} «كىملەركى الله نىڭ نازىل قىلغىنى بويىچە ھۆكۈم قىلمايدىكەن، ئۇلار زالىملاردۇر» [سۈرە مائىدە 45 – ئايەت].
(3) {وَمَن لَّمْ يَحْكُم بِمَا أَنزَلَ اللَّهُ فَأُولَٰئِكَ هُمُ الْفَاسِقُونَ} «كىملەركى الله نىڭ نازىل قىلغىنى بويىچە ھۆكۈم قىلمايدىكەن، ئۇلار پاسىقلاردۇر» [سۈرە مائىدە 45 – ئايەت].
بۇ ئايەتلەرنىڭ تۇنجىسىدىكى «ئۇلار كاپىرلاردۇر» دېگەن لەۋزىنى ئېلىپلا، ئۇنى تەكفىر قىلىشتا ھۆججەت قىلىۋېلىش سېپى ئۆزىدىن نادانلىقنىڭ ئالامىتىدۇر. چۈنكى، ئۇلار قۇرئان – سۈننەتتىكى «الكُفرُ» «كۇفۇر» دېگەن ئىبارە تىلغا ئېلىنغان باشقا دەلىللەردىن بىخەۋەر قالغان. يەنى، ئۇلار بۇ ئايەتنى قەتئىي چۈشەنمەي تۇرۇپلا، بۇ ئارقىلىق بىراۋنىڭ دىندىن تامامەن چىقىپ كېتىدىغانلىقىنى، ھەمدە بۇ خىل (يەنى ئايەتتە قەيت قىلىنىغىنىدەك) كۇفۇرغا چۈشۈپ قالغان كىشى بىلەن يەھۇدىيلار، خىرىستىيانلار ۋە ئىسلامدىن باشقا ئېتىقادتىكى كاپىرلارنىڭ پەرقى يوقلۇقىنى دەۋا قىلىشقان.
ھالبۇكى، قۇرئان – سۈننەتتىكى «كۇفۇر» ئىپادىسى ھەرۋاقىت ئۇلار دائىم تەكرارلايدىغان ۋە شۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ خاتا ۋە باتىل كۆز قارىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئۇرۇنىدىغان («دىندىن چىقىرىدىغان كۇفۇر» دېگەن) مەنىنى بىلدۈرۈۋەرمەيدۇ.
(«الكُفرُ»دىن ئىبارەت) بۇ سۆزنىڭ ھەرۋاقىت بىرلا مەنىنى بىلدۈرۈۋەرمەيدىغانلىقى شۇنىڭدىن كېيىنكى ئايەتلەردىكى «ئۇلار زالىملاردۇر»، «ئۇلار پاسىقلاردۇر» دېگەن ئىبارىلەرگىمۇ تەدبىقلىنىدۇ. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، بىراۋنى «زالىم» ياكى «پاسىق» دەپ سۈپەتلەش ھەر ۋاقىت ئۇنىڭ ئىسلام دىنىدىن تامامەن چىقىپ، كاپىر بولۇپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرۈۋەرمەيدۇ. شۇنىڭدەك، كۇفۇرلۇق بىلەن خاراكتېرلىنىش ھەرۋاقىت شۇ كىشىنىڭ دىندىن پۈتۈنلەي چىقىپ كەتكەنلىكىدىن (مۇرتەد بولغانلىقىدىن) دېرەك بەرمەيدۇ.
قۇرئان – سۈننەتنىڭ تىلى بولغان ئەرەب تىلى بىر ئىبارىنىڭ پەرقلىق مەنىلىرى بارلىقىغا دالالەت قىلىدۇ. شۇ ۋەجىدىن، مۇسۇلمانلار ھەققىدە ـــ مەيلى ئۇ ھۆكۈمدار ياكى ئاۋام بولسۇن ـــ ھۆكۈم قىلماقچى بولغان كىشى سەلەف سالىھلارنىڭ مەنھەجى ئۈستىدە، قۇرئان – سۈننەت توغرىسىدا چوڭقۇر ئىلىمگە ئىگە بولۇشى شەرت.
ھالبۇكى، ئەرەب تىل – ئەدەبىياتىنى كونكرېت ۋە توغرا بىلمەي تۇرۇپ، قۇرئان – سۈننەتنى ۋە ئۇلاردىن چىقىرىلىدىغان ھۆكۈملەرنى چۈشىنىش مۇمكىن ئەمەس.
ئەگەر ئىلىم ئۆگەنگۈچىلەر (تالىبۇل ئىلىم)نىڭ تىل خۇسۇسىدا يېتەرسىز تەرەپلىرى بار بولسا، بۇ خىل يېتەرسىزلىكنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇشنىڭ چارىسى ـــ ئۆزىدىن ئىلگىرىكى ئالىملارنىڭ، بولۇپمۇ ياخشىلىقىغا گۇۋاھلىق بېرىلگەن دەسلەپكى ئۈچ دەۋردىكىلەرنىڭ (شۇ خۇسۇستىكى) چۈشەنچىسىگە مۇراجىئەت قىلىشتۇر.
ئەمدى ئايەتكە قايتايلى:
{وَمَن لَّمْ يَحْكُم بِمَا أَنزَلَ اللَّهُ فَأُولَٰئِكَ هُمُ الْكَافِرُونَ}
«كىملەركى الله نىڭ نازىل قىلغىنى بويىچە ھۆكۈم قىلمايدىكەن، ئۇلار كاپىرلاردۇر» [سۈرە مائىدە 44 – ئايەت].
بۇ يەردىكى «كاپىر» ئىبارىسى نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟ ئۇ كىشىنى ئىسلام دىنىنىڭ سىرتىغا چىقىرىۋېتىدىغان «كاپىرلىق»مۇ ياكى باشقا مەنىسى بارمۇ؟
مەن دەيمەنكى، بۇ ئايەتنى توپتوغرا چۈشىنىش ئىنتايىن زۆرۈر. چۈنكى، بۇ يەردىكى «كۇفۇر» كىشىنى بەزى ئىسلام ھۆكۈملىرىدىن چىقىرىۋېتىدىغان ئەمەلدىكى كۇفۇرنى كۆرسىتىدۇ. ئۈممەتنىڭ مەشھۇر ئالىمى ۋە قۇرئاننىڭ مۇپەسسىرى ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رضي الله عنهما نىڭ بۇ خۇسۇستىكى سۆزى مەزكۇر چۈشەنچىنى قۇۋۋەتلەيدۇ. ھالبۇكى، ئازغۇن پىرقىنىڭ ئەزالىرىدىن باشقا بارلىق مۇسۇلمانلار بۇ زاتنىڭ تەپسىر ئىلمىدىكى يېگانە ئىمام ئىكەنلىكىدە بىرلىككە كەلگەن.
ئىبنى ئابباس رضي الله عنهما ـــ خۇددى بىزنىڭ بۈگۈن ئاڭلىغانلىرىمىزنى ئاڭلىغاندەكلا ـــ كىشىلەرنىڭ مەزكۇر ئايەتنىڭ مەنىسىنى يۈزەكى چۈشىنىۋالغانلىقىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن: «ليس الكفر الذي تذهبون إليه وإنه ليس كفرا ينقل عن الملة وهو كفر دون كفر» «ئۇ سىلەر چۈشىنىۋالغاندەك كۇفۇر (كاپىرلىق) ئەمەس. ھەقىقەتەن، ئۇ سىلەرنى دىندىن چىقىرىۋېتىدىغان كۇفۇر ئەمەس. بەلكى، ئۇ (مۇتلەق مەنىدىكى، چوڭ) كۇفۇردىن تۆۋەن كۇفۇردۇر» دېگەن.
بەلكىم، ئۇ بۇ سۆزىنى مۇئمىنلەرنىڭ ئەمرى ئەلىي رضي الله عنه غا قارشى ئىسيان كۆتۈرۈپ، مۇئمىنلەرنىڭ قېنىنى تۆككەن، ئۇلارغا ھەتتا بۇتپەرەس كاپىرلارمۇ قىلمىغان ۋەھشىيلىكلەرنى قىلغان خاۋارىجلارغا قاراتقان بولۇشى مۇمكىن. ئىبنى ئابباس رضي الله عنهما: «ليس الأمر كما قالوا أو كما ظنوا وإنما هو كفر دون كفر» «بۇ ئىش ئۇلارنىڭ ئېيتقىنىدەك ياكى گۇمان قىلغىنىدەك ئەمەس، ھەقىقەتەن ئۇ كۇفۇردىن تۆۋەن كۇفۇردۇر» دېگەن.
قۇرئاننىڭ مۇپەسسىرى (يەنى ئىبنى ئابباس رضي الله عنهما)نىڭ بۇ ئايەت توغرىسىدىكى مەزكۇر ئوچۇق ۋە ئىخچام جاۋابى مەن يۇقىرىدا زىكىر قىلغان ئايەتلەرنى باشقا شەكىلدە چۈشىنىشكە ھېچقانداق ئىمكانىيەت قالدۇرمىغان.
«كۇفۇر» ئىبارىسى قۇرئان ۋە ھەدىستە نۇرغۇن يەردە زىكىر قىلىنغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى «دىندىن چىقىرىدىغان كۇفۇر» دەپ چۈشىنىش مۇمكىن ئەمەس. ئىككى سەھىھ ھەدىس كىتابى (بۇخارى ۋە مۇسلىم)دىكى ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رضي الله عنه دىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىس بۇنىڭ مىسالىدۇر. مەزكۇر ھەدىستە رەسۇلۇللاھ ﷺ: «سباب المسلم فسوق وقتاله كفر» «مۇسۇلماننى تىللاش پاسىقلىق، ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشۇش[5] كۇفۇر (كاپىرلىق)دۇر» دېگەن.
بۇ يەردە زىكىر قىلىنغان كۇفۇر «گۇناھ ۋە ئىتائەتسىزلىك» مەنىسىدە بولسىمۇ، پاساھەت بابىدا ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ئۈستۈنى بولغان رەسۇلۇللاھ ﷺ بۇ گۇناھنى ئەيىبلەشتە مۇبالىغە ئۇسۇلىنى قوللىنىپ «ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشۇش (جەڭ قىلىش) كۇفۇردۇر» دېگەن.
يەنە بىر نۇقتىدىن مۇنداق سوئال قويۇش مۇمكىن: بىز مەزكۇر ھەدىسنىڭ بىرىنچى جۈملىسىدىكى «پاسىقلىق» ئىبارىسىنى يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئايەتلەرنىڭ ئۈچىنچىسى (يەنى «كىملەر الله نىڭ نازىل قىلغانلىرى بويىچە ھۆكۈم قىلمايدىكەن، ئۇلار پاسىقلاردۇر» دېگەن ئايەت)دىكىدەك چۈشىنىش مۇمكىنمۇ؟
جاۋاب شۇكى، بۇ كىشىنى دىندىن چىقىرىدىغان (چوڭ) كۇفۇر بىلەن مەنىداش بولۇشىمۇ، دىندىن چىقارمايدىغان كۇفۇر سۆزى بىلەن مەنىداش بولۇشىمۇ مۇمكىن. لېكىن، قۇرئاننىڭ مۇپەسسىرى (ئىبنى ئابباس رضي الله عنهما)نىڭ ئېيتقىنىدەك، بۇ يەردىكىسى كۇفۇردىن تۆۋەن كۇفۇرنى كۆرسىتىدۇ.
مەزكۇر ھەدىس بۇ يەردە مەقسەت قىلىنغان كۇفۇرنىڭ مۇشۇ مەنىدە (يەنى «كۇفۇردىن تۆۋەن كۇفۇر») ئىكەنلىكىنى قۇۋۋەتلەيدۇ. چۈنكى، الله عز وجل شۇنداق دېگەن: {وإن طائفتان من المؤمنين اقتتلوا فأصلحوا بينهما فإن بغت إحداهما على الأخرى فقاتلوا التي تبغي حتى تفيء إلى أمر الله} «ئەگەر مۇئمىنلەردىن ئىككى گۇرۇھ ئۇرۇشۇپ قالسا، ئۇلارنىڭ ئارىسىنى تۈزەپ قويۇڭلار، ئەگەر ئۇلارنىڭ بىرى ئىككىنچىسىگە تاجاۋۇز قىلسا، تاجاۋۇز قىلغۇچى تاكى الله نىڭ ھۆكمىگە قايتقانغا قەدەر (يەنى تاجاۋۇزىنى توختاتقانغا قەدەر) ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشۇڭلار» [سۈرە ھۇجۇرات 9 – ئايەت].
بۇ يەردە رەببىمىز عز وجل ھەق ئۈستىدىكى مۇئمىنلەر بىلەن ئۇرۇش قىلغان ھەددىدىن ئاشقۇچى گۇرۇھنى زىكىر قىلغان ۋە يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ھەدىستە «ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشۇش كۇفۇردۇر» دېيىلگەن بولسىمۇ، الله عز وجل ئۇلارنى كاپىر دەپ ھۆكۈم قىلمىغان.
دېمەك، بۇ يەردىكى كۇفۇرمۇ ئىبنى ئابباس رضي الله عنهما نىڭ ئالدىدىكى ئايەتنىڭ تەپسىرىدە ئېيتقىنىدەك «كۇفۇردىن تۆۋەن كۇفۇر»دۇر.
شۇنىڭ ئۈچۈن، مۇسۇلماننىڭ مۇسۇلمان بىلەن ئۇرۇش قىلىشى زۇلۇم، ھەددىدىن ئېشىش، پاسىقلىق ۋە كۇفۇردۇر. ئەمما، بۇ يەردىكى «كۇفۇر» (كىشىنى دىندا چىقارمايدىغان) ئەمەلدىكى كۇفۇر بولۇشىمۇ، (كىشىنى دىندىن چىقىرىدىغان) ئېتىقادىي كۇفۇر بولۇشىمۇ مۇمكىن.
بۇ يەردە، ھەق ئىمامى، شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىييە رحمه الله نىڭ ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇشبۇ بۇرچنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان پەزىلەتلىك ئوقۇغۇچىسى ئىبنى قەييىم ئەلجەۋزىيەنىڭ ئىنچىكە تەپسىلاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شەرھ ۋە ئىزاھاتلارنى بايان قىلىشنىڭ پايدىسى بار. ئۇلار قۇرئاننىڭ مۇپەسسىرى (ئىبنى ئابباس رضي الله عنهما) ئىخچام ۋە مۇكەممەل ئىبارىلەر بىلەن بايان قىلغان «كۇفۇرنى ئىككى دەرىجىگە ئايرىش» مەنھەجىگە ۋارسلىق قىلغان. ئىبنى تەيمىييە رحمه الله بىلەن ھەمراھى ۋە ئوقۇغۇچىسى بولغان ئىبنى قەييىم ئەلجەۋزىييە ئىزچىل ھالدا ئېتىقادىي كۇفۇر بىلەن ئەمەلدىكى كۇفۇرنىڭ ئارىسىنى ئايرىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى؛ بۇنىڭ ئەكسىچە بولغاندا، مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆزى تۇيماستىن پىتنىگە دۇچار بولىدىغانلىقىنى ۋە مۇسۇلمان جامائىتىدىن ئايرىلىپ، كونا ياكى يېڭى خاۋارىجلارنىڭ سېپىگە كىرىپ كېتىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
يىغىپ ئېيتقاندا، رەسۇلۇللاھ ﷺ نىڭ: «مۇسۇلمان بىلەن ئۇرۇشۇش كۇفۇردۇر» دېگەن ھەدىسىدىكى «كۇفۇر» ئىبارىسى كىشىنى مۇتلەق رەۋىشتە دىندىن چىقىرىدىغان كۇفۇرنى كۆرسەتمەيدۇ.
بۇ خۇسۇستا نۇرغۇن ھەدىسلەر بار. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆزلىرىنىڭ تېيىز چۈشەنچىسى سەۋەبلىك، يۇقىرىدا نەقىل قىلىنغان ئايەتنى خاتا چۈشىنىۋېلىپ، بۇنى (يەنى ئايەتتىكى «كۇفۇر» ئىبارىسىنى) ئېتىقادىي كۇفۇر دەپ چۈشىنىۋالغانلارغا قارشى دەلىلدۇر.
ھازىرچە، بۇ ھەدىس بىز ئۈچۈن يېتەرلىكتۇر. چۈنكى، بۇ ھەدىس بىر مۇسۇلماننىڭ يەنە بىر مۇسۇلمان قېرىندىشى بىلەن ئۇرۇش قىلىشىنىڭ ئېتىقادىي كۇفۇر ئەمەس، بەلكى ئەمەلدىكى كۇفۇر ئىكەنلىكىنىڭ قەتئىي دەلىلىدۇر.
تەكفىر جامائىتىگە ياكى شۇلاردىن شاخلاپ چىققان تائىپىلەرگە قارايدىغان بولساق، ئۇلار ھۆكۈمدارلارنىڭ، شۇلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا ياشايدىغانلارنىڭ ۋە شۇلارنىڭ ھاكىمىيىتىدە ۋەزىپە ئۆتەيدىغانلارنىڭ ھەممىسىگە «كاپىر بولۇپ، دىندىن چىقتى» دەپ ھۆكۈم پىچىشىدۇ. شۈبھىسىزكى، بۇ ئۇلارنىڭ بۇزۇق نۇقتىئىينەزەرلىرىدىن مەنبەلەنگەن «كىشى قىلغان گۇناھى سەۋەبلىك كاپىر بولۇپ كېتىدۇ» دېگەن چۈشەنچىسىنىڭ مەھسۇلىدۇر.
شۇنى دەپ ئۆتۈشتە پايدا باركى، مەن تەكفىر جامائىتىدىن بولغان بەزى كىشىلەر بىلەن ئۇچراشقانىدىم، كېيىن الله ئۇلارنى ھىدايەت قىلدى.
ئۇلارغا ئېيتتىمكى: «سىلەر بەزى ھۆكۈمدارلارنى تەكفىر قىلىۋاتىسىلەر. ھالبۇكى، مەسجىد ئىماملىرىنى، خاتىبلارنى، مۇئەززىنلەرنى ۋە مەسجىد خىزمەتچىلىرىنى، مەدرىسلەردە ۋە باشقا جايلاردا شەرئىي ئىلىم ئۆگىتىۋاتقان ئۇستازلارنى نېمىشقا تەكفىر قىلىسىلەر؟»
ئۇلار ئېيتتىكى: «چۈنكى، ئۇلار ئاشۇ ھۆكۈمدارلارنىڭ الله نىڭ نازىل قىلغانلىرىدىن باشقىسى بويىچە ھۆكۈم قىلىشىغا رازى بولغان».
دېدىمكى: «ئەگەر ئۇلار الله نىڭ نازىل قىلغانلىرىدىن باشقىسى بىلەن ھۆكۈم قىلىنىشىغا رازى بولغان بولسا شۇنداق بولىدۇ (يەنى كاپىر ھېسابلىنىدۇ). بۇ ئەھۋالدا ئەمەلدىكى كۇفۇر ئېتىقادىي كۇفۇرغا ئايلانغان بولىدۇ. قانداق بىر ھۆكۈمدار الله نازىل قىلغاندىن باشقا نەرسىلەرنىڭ بۇ دەۋرگە تېخىمۇ ماس كېلىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن ھالدا ھۆكۈم چىقىرىپ، قۇرئان – سۈننەتتىكى شەرئىي ھۆكۈملەرنى (بۇ دەۋرگە) لايىق كۆرمىسە، ئۇ چاغدا بۇ ھۆكۈمدارنىڭ كۇفرى نوقۇل ھالدا ئەمەلدىكى كۇفۇر بولماستىن، ئېتىقادىي كۇفۇر بولىدۇ. ئۇنىڭ مەزكۇر ھۆكمىگە رازى بولغۇچىمۇ ئوخشاشلا كۇفۇر سادىر قىلغان ھېسابلىنىدۇ».
ھالبۇكى، سىلەر ھەقسىز رەۋىشتە تەكفىر قىلىۋاتقان ئاشۇ كىشىلەرمۇ دەل مۇشۇ گەپنى (يەنى «الله نىڭ نازىل قىلغانلىرى بىلەن ھۆكۈم قىلىش ۋاجىب» دېگەن گەپنى) دەيدۇ.
ئۇلارنىڭ خاتالىقلىرىنى ۋە ئازغۇنلۇقلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدىغان سوئاللاردىن بىرى شۇدۇر: «الله تىن باشقا (ئىبادەتكە لايىق) ئىلاھ يوقلۇقىغا ۋە مۇھەممەدنىڭ الله نىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بەرگەن ـــ ۋە ناماز ئوقۇشى مۇمكىن بولغان ـــ بىر مۇسۇلمان قانداق ئەھۋالدا دىندىن چىقتى، دەپ قارىلىدۇ؟
ئۇنى بىر قېتىملىق قىلمىشى (الله نىڭ نازىل قىلغانلىرى بويىچە ھۆكۈم قىلمىغانلىقى) سەۋەبلىكلا تەكفىر قىلىشقا بولامدۇ؟ ياكى (ئۇنى تەكفىر قىلىش ئۈچۈن) ئۇ ئۆزىنىڭ مۇرتەد بولغانلىقىنى جاكارلىشى كېرەكمۇ؟
شۈبھىسىزكى، ئۇلار بۇ سوئالنىڭ جاۋابىنى بىلەلمەيدۇ ۋە توغرىنى تېپىشقىمۇ مۇۋەپپەق بولالمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئۇلارغا تۆۋەندىكىدەك مىسال كەلتۈرۈشكە مەجبۇر بولىمىز. «بىر قازى بار بولۇپ، ئۇ ئادەتتە شەرىئەت بويىچە ھۆكۈم قىلىدۇ. لېكىن، ئۇ مەلۇم بىر قېتىمدا ئېزىپ، شەرىئەتكە زىت ھۆكۈم چىقىرىدۇ. مەسىلەن، زالىمغا يان بېسىپ، مەزلۇمغا ئادالەتسىزلىك قىلىدۇ. بۇنىڭ الله نىڭ نازىل قىلغىنىدىن باشقىسى بويىچە ھۆكۈم قىلغانلىق ئىكەنلىكىدە شەك يوق. ئۇنداق سىلەرنىڭ ئۇ (الله نىڭ نازىل قىلغىنىدىن باشقىسى بويىچە ھۆكۈم قىلغانلىق سەۋەبلىك) سادىر قىلغان كۇفۇرنى كىشىنى دىندىن چىقىرىپ مۇرتەد قىلىدىغان كۇفۇرلۇق دەپ قارامسىلەر؟»
ئۇلار: «ياق، چۈنكى بۇ ئۇنىڭدىن پەقەت بىرلا قېتىم سادىر بولغان» دېيىشىدۇ.
بىز: «ئۇنداقتا، مەزكۇر قازى (شەرىئەتكە زىت) ئاشۇ ھۆكۈمنى ئىككىنچى قېتىم يەنە چىقارسا ياكى شەرىئەتكە مۇخالىپ باشقا ھۆكۈم چىقارسىچۇ؟ شۇ چاغدا ئۇ دىندىن چىققان ھېسابلىنامدۇ؟» دەيمىز.
ئەگەر بىز مۇشۇ خىل سوئالنى تەكرارلاپ، «مەزكۇر قازى ئۈچىنچى، تۆتىنچى قېتىم يەنە ئاشۇنداق ھۆكۈم چىقارسا، سىلەرنى قانچىنچى قېتىمدا ئۇنى مۇرتەد بولدى دەيسىلەر؟» دەپ سورىساق، ئۇلار مەزكۇر قازى زادى قانچە قېتىم شەرىئەتكە زىت ھۆكۈم چىقارسا، ئاندىن ئۇنى تامامەن كاپىر بولدى دەپ ھۆكۈم چىقىرىشقا بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئېنىق بىر ئۆلچەمنى ئوتتۇرىغا قويالمايدۇ.
بۇنىڭ زىتى تامامەن مۇمكىندۇر. يەنى مەزكۇر قازى تۇنجى قېتىملىق (شەرىئەتكە زىت) ھۆكمىدىلا الله نىڭ نازىل قىلغىنىدىن باشقىسى بىلەن ھۆكۈم قىلىشنى توغرا، دۇرۇس دەپ قارىغان بولسا ۋە شەرىئەت بويىچە ھۆكۈم چىقىرىشنى يامان كۆرگەن بولسا، ئۇنى ئاشۇ تۇنجى قېتىملىق ھۆكمىدىلا مۇرتەد بولدى دېيىشكە بولىدۇ.
بۇنىڭ ئەكسىچە، ئەگەر بىز ئۇنىڭ كۆپلىگەن مەسىلىلەردە شەرىئەتكە زىت ھۆكۈم چىقارغانلىقىنى كۆرسەك ۋە ئۇنىڭدىن: «سەن نېمىشقا الله نىڭ نازىل قىلغىنىدىن باشقىسى بويىچە ھۆكۈم چىقىرىسەن؟» دەپ سورىساق، ئۇ: «ھاياتىمنىڭ خەۋپكە ئۇچرىشىدىن قورقتۇم» ياكى «پارا ئالغانىدىم» دەپ جاۋاب بەرسە، گەرچە بۇ (يەنى مەزكۇر قازىنىڭ تەكرار شەرىئەتكە زىت ھۆكۈم چىقارغانلىقى) ئالدىنقىسىدىن (بىرلا قېتىم شەرىئەتكە زىت ھۆكۈم چىقىرىشتىن، مىقدار جەھەتتە) تېخىمۇ قەبىھ بولسىمۇ، ئەمما بىز ئۇنى كاپىر بولدى دېيەلمەيمىز. تاكى، ئۇ ئۆز قەلبىدە الله نىڭ نازىل قىلغانلىرىنى (ھۆكۈم چىقىرىشتا ئاساس قىلىشقا) لايىق كۆرمىگەنلىكىنى ئىزھار قىلسا، ئەنە شۇ چاغدا ئۇنى دىندىن چىقىپ كاپىر بولدى دېيەلەيمىز.
خۇلاسە كالام، خۇددى پاسىقلىق ۋە زۇلۇمغا ئوخشاشلا، كۇفۇرنىڭمۇ ئىككىگە ئايرىلىدىغانلىقىنى بىلىش لازىم.
كىشىنى دىندىن چىقىرىدىغان كۇفۇر، زۇلۇم ۋە پاسىقلىق: بۇ كىشىنىڭ بۇلارنى قەلبىدە ھالال سانىشىغا باغلىقتۇر.
كىشىنى دىن چىقىرىۋەتمەيدىغان كۇفۇر، زۇلۇم ۋە پاسىقلىق: كىشى بۇلارنى ھالال سانىمىغان ئەھۋالنى كۆرسىتىدۇ.
بارلىق گۇناھلار ـــ بولۇپمۇ بۇ دەۋردە يامراپ كەتكەن ۋە قىلىش ھالال سانىلىۋاتقان جازانە – ئۆسۈم، زىنا – پاھىشە، ھاراق ئىچىش قاتارلىقلار ـــ ئەمەلدىكى كۇفۇردۇر. لېكىن، بىز ئېزىپ كەتكەنلىكتىن بۇ گۇناھلارنى سادىر قىلغانلارنى شۇ گۇناھنى سادىر قىلغانلىقى ۋە ئۆزىنىڭ شۇنداق قىلىشىغا يول قويغانلىقى سەۋەبلىكلا تەكفىر قىلساق بولمايدۇ.  تاكى ئۇلار ئۆز قەلبىدە الله ۋە رەسۇلۇللاھ ﷺ ھارام قىلغان نەرسىلەرنى ھارام دەپ قارىمايدىغانلىقىنى ئىزھار قىلغاندا، يەنى ئۇلارنىڭ قەلبى ئارقىلىق الله نىڭ شەرىئىتىگە ئېتىراز بىلدۈرگەنلىكى مەلۇم بولغاندا، ئاندىن ئۇلارنى تەكفىر قىلىمىز.
بۇ خىل مەنىدىكى ھەدىسلەر نۇرغۇندۇر. مەن شۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئىنتايىن كۈچلۈك دالالەتكە ئىگە بىرىنى زىكىر قىلىمەن. بۇ مۇشرىكلاردىن بىرىنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن ساھابىنىڭ قىسسىسى توغرىسىدىكى ھەدىس بولۇپ، بۇ مۇشرىك مەزكۇر ساھابىنىڭ ئۆزىگە قىلىچ ئۇرغىنىنى كۆرگەن چاغدا، «گۇۋاھلىق بېرىمەنكى، الله تىن باشقا ئىلاھ يوقتۇر» دېگەن. لېكىن، ساھابە بۇنىڭغا پەرۋا قىلماستىن ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن. بۇ ھەقتىكى خەۋەر رەسۇلۇللاھ ﷺ غا يەتكەندىن كېيىن، ئۇ بۇنىڭغا قاتتىق كايىغان. مەزكۇر ساھابە ئۇ ئادەمنىڭ پەقەت ئۆلتۈرۈلۈشتىن قورققانلىقى ئۈچۈنلا شۇنداق دېگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەندە، رەسۇلۇللاھ ﷺ: «هلا شققت عن قلبه؟» «سەن ئۇنىڭ قەلبىنى يېرىپ باقتىڭمۇ؟» دېگەن.
شۇ ۋەجىدىن، ئېتىقادىي كۇفۇرنىڭ نوقۇل ئەمەل بىلەن تۈپكى باغلىنىشى يوق، ئەكسىچە ئۇ قەلىبكە ئالاقىداردۇر[6].
بىز پاسىقنىڭ، گۇناھكارنىڭ، زىناخورنىڭ، ئوغرىنىڭ، جازانىخورنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ قەلبىدىكىنى ـــ تاكى ئۇ ئۆز قەلبىدىكى تىلى بىلەن ئىزھار قىلمىغۇچە ـــ بىلەلمەيمىز. ئەمەلگە كەلسەك، ئۇ ئۆز ئەمەلى ئارقىلىق شەرىئەتكە زىت ئىش قىلغان ھېسابلىنىدۇ.
بۇ ئەھۋالدا، بىز (بۇ خىل كىشىلەرگە) «سەن شەرىئەتكە زىت ئىش قىلدىڭ، گۇناھ ئۆتكۈزدۈڭ، ئازدىڭ» دەيمىز – يۇ، لېكىن الله عز وجل نىڭ دەرگاھىدا (بىراۋنى كاپىر دېگەنلىكىمىزگە) ئۆزۈرلۈك ھېسابلىنىشىمىز ئۈچۈن، ئۇنىڭ دىندىن چىققانلىقىغا دائىر ئوچۇق دەلىل ئوتتۇرىغا چىققانغا قەدەر، ئۇنىڭغا «سەن كاپىر بولۇپ، دىندىن چىقتىڭ» دېمەيمىز. چۈنكى، بۇ ئەھۋالدا، ئىسلامدىكى ھەممىگە مەلۇملۇق ھۆكۈم ئۇنىڭغا ئىجرا قىلىنىشى كېرەك بولىدۇ. بۇ ھەقتە، رەسۇلۇللاھ ﷺ: «مَنْ بَدَّلَ دِيْنَهُ فَاقْتُلُوْهُ» «كىم دىنىنى ئۆزگەرتسە، ئۇنى ئۆلتۈرۈڭلار»[7] دېگەن.
ئاندىن مەن مۇسۇلمان ھۆكۈمدارلارنى ئىزچىل تەكفىر قىلىدىغان بۇ كىشىلەرگە شۇنداق دېدىم ـــ ۋە بۇ گەپنى ھېلىھەم دەيمەن ـــ: «مەزكۇر ھۆكۈمدارلارنىڭ كۇفرىنى ھەقىقەتەن كىشىنى دىندىن چىقىرىدىغان كۇفۇر دەپ پەرەز قىلايلى ۋە بۇلارنىڭ ئۈستىدە تېخىمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمدار بار دەپ تۇرايلى. بۇ ئەھۋالدا، مەزكۇر تېخىمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمدارنىڭ ئۇلارغا (يەنى كۇفۇر سادىر قىلغان تۆۋەن دەرىجىلىك رەھبەرلەرگە) ئىسلامىي جازا ئىجرا قىلىشى ۋاجىب بولىدۇ.
ئاندىن، ئۇلارغا دەيمەنكى: «كاپىرلار ئىسلام دىيارلىرىنىڭ نۇرغۇن جايلىرىنى ئىشغال قىلىۋالدى ۋە تولىمۇ ئەپسۇس، يەھۇدىيلار پەلەستىننى بېسىۋالدى. سىلەر ۋە بىز بۇ خۇسۇستا نېمە قىلالايمىز؟ سىلەردىن بىرىڭلار ئۆزى كاپىر دەپ قارىغان ئاشۇ ھۆكۈمدارغا قارشى چىقالامدۇ؟
سىلەر بۇ مەسىلىنى قويۇپ، ئىسلامىي ھاكىمىيەت تىكلەشنىڭ ئۇل – ئاساسلىرىنى بەرپا قىلىشقا كۈچىسەڭلار بولمامدۇ؟  ئەنە شۇ رەۋىشتە رەسۇلۇللاھ ﷺ نىڭ ساھابىلەرنى تەربىيەلەش جەھەتتىكى سۈننىتىگە ئەمەل قىلغان بولىسىلەر. ئۇلار ئەنە شۇ ئاساس ئۈستىدە ئىسلامىي ھاكىمىيەتنىڭ ئۇل – ئاساسىنى بەرپا قىلىشقانىدى».
بۇ يەردە شۇنى تەكرار تەكىتلەيمىزكى، بارلىق مۇسۇلمان جامائەتلەر الله عز وجل نىڭ {هُوَ الَّذِي أَرْسَلَ رَسُولَهُ بِالْهُدَىٰ وَدِينِ الْحَقِّ لِيُظْهِرَهُ عَلَى الدِّينِ كُلِّهِ وَلَوْ كَرِهَ الْمُشْرِكُونَ} «مۇشرىكلار يامان كۆرگەن تەقدىردىمۇ، الله ھەق دىننى بارلىق دىنلار ئۈستىدىن غالىب قىلىش ئۈچۈن پەيغەمبىرىنى ھىدايەت بىلەن ۋە ھەق دىن بىلەن ئەۋەتتى»[8] دېگەن سۆزىنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن، ئىسلام دىيارلىرىدىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن دۇنيادا ئىسلام شەرىئىتىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن تىرىشىشى كېرەك.
ھەقىقەتەن بەزى خۇش بېشارەت بەرگۈچى ھەدىسلەردە بۇ ئايەتنىڭ كەلگۈسىدە ئىشقا ئاشىدىغانلىقىدىن خەۋەر بېرىلگەن.
مۇسۇلمانلار قۇرئاندىكى بۇ ھۆكۈمنى ۋە ئىلاھىي ۋەدىنى روياپقا چىقىرىشتا، ئوپئوچۇق بىر  يولغا موھتاجدۇر. ھالبۇكى، بۇ يول دىندىن چىقىپ كاپىر بولدى دەپ قارالغان ھۆكۈمدارلارغا قارشى ئىنقىلاب جاكارلاش ئارقىلىق ئىشقا ئاشامدۇ؟ نەتىجىدە، ئۇلار (يەنى دەلىلسىز تەكفىرچىلەر) ئۆزلىرىنىڭ باتىل گۇمانلىرى ئارقىلىق ھېچ ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالمايدۇ.
ئۇنداقتا (الله نىڭ دىنىنى ھەممىدىن ئۈستۈن قىلىپ، ئەھلى جاھان ئارىسىدا ئىسلامىي نىزام بەرپا قىلىشتىكى) مەنھەج ۋە يول زادى نېمە؟
شۈبھىسىزكى، بۇ توغرا يول رەسۇلۇللاھ ﷺ دائىم تىلغا ئالىدىغان ۋە ھەر خۇتبىسىدە ساھابىلىرىگە تەلقىن قىلىدىغان يولدۇر. رەسۇلۇللاھ ﷺ خۇتبىسىدە شۇنداق دەيتتى:
«وَخَيْرُ الهَدِي هَدِيُ مُحَمَّدٍ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّم»
«يوللارنىڭ ئەڭ ياخشىسى مۇھەممەد ﷺ نىڭ يولىدۇر»
بارلىق مۇسۇلمانلار ـــ بولۇپمۇ ئىسلام شەرىئىتىنىڭ قايتىدىن بەرپا قىلىنىشىغا ئەھمىيەت بېرىدىغانلار ـــ ئۈچۈن زۆرۈر بولغىنى رەسۇلۇللاھ ﷺ باشلىغان يەردىن باشلاشتۇر. بۇنى تىلغا يەڭگىل ئۇشبۇ ئىككى كەلمىگە يىغىنچاقلايمىز: پاكلاش ۋە تەربىيەلەش.
بىز ھۆكۈمدارلارنى تەكفىر قىلىشتىن باشقا ھېچ ئىش قىلالمايدىغان ئاشۇ ئاشقۇنلار غەپلەتتە قالغان، تېخىمۇ توغرىسى قەستەن بىلمەس بولۇۋالغان سابىت ۋە قەتئىي ھەقىقەتلەرنى بىلىمىز.
ئۇلار ھۆكۈمدارلارنى تەكفىر قىلىشنى توختاتمايدۇ ۋە ئۇلاردىن ـــ ياكى ئۇلارغا ـــ پىتنە ۋە ئوقۇبەتتىن باشقا ئىش سادىر بولمايدۇ.
يېقىنقى يىللاردا مۇشۇ كىشىلەرنىڭ قولىدا يۈز بەرگەن ئىشلارغا، دەسلەپتە مەككىدە، ھەرەم مەسجىدىدە يۈز بەرگەن ئىسيانغا، ئاندىن مىسىردا يۈز بەرگەن توقۇنۇشقا ۋە ساداتنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىگە، نۆۋەتتە سۈرىيەدە، مىسىردا ۋە ئالجىرىيەدە يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارغا ۋە مۇشۇ پىتنە – پاساتلار سەۋەبلىك نۇرغۇنلىغان بىگۇناھ مۇسۇلمانلارنىڭ قانلىرى تۆكۈلگەنلىكىگە، شۇنداقلا بۇنىڭ يەنە نۇرغۇن بالايىئاپەتلەرگە سەۋەب بولغانلىقىغا ھەممەيلەن شاھىتتۇر.
بۇلارنىڭ ھەممىسىگە ئۇلارنىڭ قۇرئان – سۈننەتتىكى نۇرغۇن كۆرسەتمىلەرگە قارشى يول تۇتقانلىقى سەۋەب بولغان. شۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئەڭ مۇھىملىرىدىن بىرى تۆۋەندىكى ئايەتتۇر:
{قَدْ كَانَ لَكُمْ فِي رَسُولِ اللَّهِ أُسْوَةٌ حَسَنَةٌ لِّمَن كَانَ يَرْجُو اللَّهَ وَالْيَوْمَ الْآخِرَ وَذَكَرَ اللَّهَ كَثِيرًا}
«سىلەرگە – الله نى، ئاخىرەت كۈنىنى ئۈمىد قىلغان ۋە الله نى كۆپ ياد ئەتكەنلەرگە – رەسۇلۇللاھ ئەلۋەتتە ياخشى ئۈلگىدۇر» [سۈرە ئەھزاب 31 – ئايەت].
ئەگەر بىز يەر يۈزىدە الله نىڭ شەرىئىتىنى ھاكىم قىلىش خۇسۇسىدا داۋراڭ سېلىپلا قالماي، بۇ دەۋايىمىزدا سەمىمىي بولساق، ئىشنى ھۆكۈمدارلارغا قارشى چىققۇدەك ماجالىمىز يوق تۇرۇقلۇق، شۇلارنى تەكفىر قىلىشتىن باشلامدۇق؟ ياكى رەسۇلۇللاھ ﷺ باشلىغان پەرزدىن باشلامدۇق؟ شەكسىزكى، بۇنىڭ جاۋابى «سىلەرگە رەسۇلۇللاھ ئەلۋەتتە ياخشى ئۈلگە»دۇر.
ئۇنداقتا، رەسۇلۇللاھ ﷺ ئىشنى قەيەردىن باشلىغان؟
ئىلىمنىڭ ھىدىنى ھىدلاشقا مۇۋەپپەق بولغان ھەركىمگە مەلۇمكى، رەسۇلۇللاھ ﷺ ئىشنى ئۆزى ھەقنى قوبۇل قىلىشقا ھازىر دەپ قارىغان كىشىلەرگە دەۋەت قىلىشتىن باشلىغان. نەتىجىدە، رەسۇلۇللاھ ﷺ نىڭ تەرجىمىھالىدىن مەلۇم بولغىنىدەك، ساھابە كىرامدىن بەزىلىرى ئۇنىڭ دەۋىتىگە ئاۋاز قوشقان. ئاندىن، بۇ (ئاز ساندىكى) مۇسۇلمانلار مەككىدە قىيىن – قىستاققا، زىيانكەشلىككە دۇچ كەلگەن. ئاندىن، (ھەبەشىستانغا قىلىنغان) بىرىنچى ۋە ئىككىنچى قېتىملىق ھىجرەت توغرىسىدا (اللهعز وجل دىن) بۇيرۇق كەلگەن. ئاخىرىدا، الله عز وجل مەدىنە مۇنەۋۋەردە ئىسلامغا قۇۋۋەت ئاتا قىلغان. ئەنە شۇ چاغدا توقۇنۇشلار باشلىنىپ، مۇسۇلمانلار بىر تەرەپتىن (بۇتپەرەس) كاپىرلار بىلەن، يەنە بىر تەرەپتىن يەھۇدىيلار بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا باشلىغان.
شۇ ۋەجىدىن، بىزمۇ رەسۇلۇللاھ ﷺ نىڭ قىلغىنىدەك، ئىشنى كىشىلەرگە ھەقىقىي ئىسلامنى ئۆگىتىشتىن باشلىشىمىز كېرەك. لېكىن، نۆۋەتتىكى ئەھۋالدا بىز نوقۇل ئوقۇتۇش بىلەنلا چەكلىنىپ قالساق بولمايدۇ. چۈنكى، ئىسلامغا بۇ دىنغا تەۋە بولمىغان ۋە ئۇلۇغ ئىسلام ئىمارىتىنىڭ ئۆرۈلۈشىگە سەۋەب بولىدىغان بىدئەتلەر كىرىۋالغانلىقى شەكسىز.
شۇڭا، دەۋەتچىلەر ئىشنى ئىسلامدا كېيىن پەيدا بولغان نەرسىلەرنى تازىلاشتىن باشلىشى كېرەك.
ئەنە شۇ (يۇقىرىدا قەيت قىلىنغان) ئىككى ئاساسىي ۋەزىپىنىڭ بىرىنچىسىدۇر.
ئىككىنچىسى بولسا، بۇ شەكىلدىكى (دىننى بىدئەتلەردىن) پاكلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يېڭى ئەۋلادلارنى بىدئەتلەردىن پاكلانغان ئىسلام دىنى ئۈستىدە يېتىشتۈرۈشتۈر.
ئۆتكەن بىر ئەسىرگە يېقىن ۋاقىت مابەينىدە قۇرۇلغان ئىسلامىي جامائەتلەرگە، ئۇلارنىڭ مەپكۇرىلىرىگە ۋە پائالىيەتلىرىگە نەزەر سالىدىغان بولساق، ئۇلارنىڭ «بىزگە ئىسلامىي ھاكىمىيەت كېرەك» دەپ ۋارقىراشتىن باشقا، ئۆزىگىمۇ، ئۆزگىلەرگىمۇ تىلغا ئالغۇدەك بىرەر پايدا يەتكۈزمىگەنلىكىنى، ئەكسىچە ئۇشبۇ ئاجىز دەۋاسى سەۋەبلىك نۇرغۇن بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ قېنىنىڭ تۆكۈلۈشىگە سەۋەب بولغاندىن باشقا ھېچبىر ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالمىغانلىقىنى كۆرىمىز.
بىز ئۇلارنىڭ ھېلىھەم قۇرئان – سۈننەتكە زىت ئەقىدىلىرىنى، ئەمەللىرىنى، شەرىئەتكە زىت ئۇتۇقسىز ئۇرۇنۇشلىرىنى تەكرارلاۋاتقانلىقلىرىنى ئاڭلاپ تۇرۇۋاتىمىز.
ئەڭ ئاخىرىدا دەيمەنكى، دەۋەتچىلەردىن بىرى ـــ ئۇنىڭغا ئەگەشكۈچىلەرنىڭ بۇ سۆزگە مەھكەم يېپىشىپ، ئۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن ـــ شۇنداق دېگەن: «سىلەر ئىسلام دۆلىتىنى قەلبىڭلاردا قۇرۇڭلاركى، ئاندىن سىلەر ئۈچۈن يەر يۈزىدە ئىسلام دۆلىتى قۇرۇلىدۇ!».
مۇھەققەقكى، ئەگەر مۇسۇلمان ئۆز ئەقىدىسىنى قۇرئان – سۈننەت بويىچە توغرىلىسا، ئۇنىڭ ئىبادىتىنىڭ، ئەخلاقىنىڭ ۋە قىلمىشلىرىنىڭ تۈزۈلىدىغانلىقىدا شەك يوق.
لېكىن، ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، كىشىلەر بۇ گۈزەل سۆزگە ئەمەل قىلماستىن (يەنى ئىسلامىي دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن، ئىشنى ئەقىدىنى توغرىلاشتىن باشلاپ ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئۆتمەستىن)، يەنىلا «ئىسلامىي دۆلەت قۇرۇش كېرەك» دەپ داۋراڭ سېلىش بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتىدۇ. لېكىن، بۇنىڭ پايدىسى يوق. الله بىلەن قەسەمكى، شائىرنىڭ تۆۋەنكى سۆزلىرى ھەقىقەتەن توغرا ئېيتىلغان:
نىجادلىققا ئىنتىلىسەن – يۇ، ئۇنىڭ ئۈچۈن قەدەم باسمايسەن،
ھالبۇكى، كېمە ھەرگىز قۇرۇقلۇقتا ماڭالمايدۇ.
ئېيتقانلىرىمنىڭ ئىنساپلىق كىشىلەر ئۈچۈن يېتەرلىك بولغان بولۇشىنى، ئېزىپ كەتكەنلەرنىڭ ھەققە قايتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ياردەم الله تىندۇر.
نەقىل بەنبەلىرى:
[1] بۇ رىسالە شەيخ ئەلبانىنىڭ ھىجرىيە 1413 – يىلى 5 – ئاينىڭ 12 – كۈنى لېنتىغا ئېلىنغان سۆزىنىڭ تېكىستىدۇر. بۇ مەتىن ئۇكاشە ئابدۇلمەننان نەشرگە تەييارلىغان ۋە 1415 ~ 1416 –  يىللىرى نەشىر قىلىنغان «فتاوى الشيخ الألباني ومقارنتها بفتاوى العلماء» ناملىق ئەسەرنىڭ 238 ~ 253 – بەتلىرى ئارىسىدىن يەر ئالغان.
[2]  مەزھەپلەرگە مۇناسىۋەتلىك ئەسەرلەردە «خاۋارىج» دەپ ئاتىلىدىغان پىرقىدىن بىر قانچىسى بار بولۇپ، ئۇلار «ئىبازىيە» دېگەن ئىسىم بىلەن بۈگۈنگە قەدەر يېتىپ كەلگەن. بۇ ئىبازىيە پىرقىسى تاكى يېقىنقى ۋاقىتلارغىچە ئۆزىنى يوشۇرۇپ كەلگەن ۋە سىرتقا كېڭىيەلمىگەن بولسىمۇ، يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان، ئۇلار بەزى رىسالىلەر ۋە كىتابلار ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ كونا خاۋرىجلارنىڭكىگە ئوخشاش بولغان ئەقىدىسىنى تارقىتىشقا باشلىدى. گەرچە ئۇلار شىئەلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى بولغان «تەقىييە» (ئۆز ئەقىدىسىنى يوشۇرۇش) ئۇسلۇبىنى قوللىنىپ، «بىز خاۋارىج ئەمەس» دېيىشسىمۇ، لېكىن، ئىشنىڭ ماھىيىتى ئۆزگەرمىگۈچە، ئىسمىمۇ ئۆزگەرمەيدۇ. ئۇلار چوڭ گۇناھ سادىر قىلغۇچىلارنى تەكفىر قىلىشتا خاۋارىجلار بىلەن ئوخشاش ئەقىدىدۇر.
[3]  سۈرە تەۋبە 128 – ئايەت
[4]  سۈرە مائىدە 44 – ئايەت.
[5]  ھەدىستىكى «قتال» ئىبارىسىنىڭ «ئۆلتۈرۈش» دېگەن مەنىسىمۇ بار. ئەمما، تۆۋەندە نەقىل قىلىنىدىغان سۈرە ھۇجۇراتتىكى ئايەتتە بۇ ئىبارە «ئۇرۇشۇش، جەڭ قىلىش» مەنىلىرىدە تەرجىمە قىلىنغان بولغاچقا،بىردەكلىكنى نەزەردە تۇتۇپ مەزكۇر ھەدىسمۇ شۇ مەنىسى بويىچە تەرجىمە قىلىندى، ت
[6]  شەيخ ئەلبانى رحمه الله بۇنىڭغا قوشۇمچە قىلىپ شۇنداق دەيدۇ: «كىشى بەزى ئەمەللەر ئارقىلىقمۇ ئېتىقادىي كۇفۇر سادىر قىلىشى مۇمكىن. چۈنكى، بۇ ئەمەللەر قەتئىي رەۋىشتە ئۆز ساھىبىنىڭ كاپىرلىقىغا دالالەت قىلىدۇ. يەنى ئۇنىڭ ئاشۇ قىلمىشى دىلىدىكى كۇفۇرنى تىلى بىلەن ئىزھار قىلغىنىغا ئوخشاش ھۆكۈمدە بولىدۇ. مەسىلەن، كىشىنىڭ قەستەن قۇرئاننى مەينەت يەرگە تاشلىۋېتىشى، دېگەندەك.
[7]  مەنسۇر ھەللاج قاتارلىق مۇرتەد بولغانلىقى سەۋەبلىك ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ مىسالىدىكىگە ئوخشاش، كىشىنىڭ مۇرتەد بولغانلىقىغا قەتئىي جەزم قىلىنغان ئەھۋالدىمۇ، بۇنىڭ جازاسى شەخىس تەرىپىدىن ئەمەس، بەلكى شەرئىي ھاكىمىيەت تەرىپىدىن ئىجرا قىلىنىدۇ، ت
[8] سۈرە سەپ 9 – ئايەت
The post تەكفىر پىتنىسى | ئىمام مۇھەممەد ناسىرۇددىن ئەلبانى first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
The post تەكفىر پىتنىسى | ئىمام مۇھەممەد ناسىرۇددىن ئەلبانى appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
ئىمام ئەلبانى: رەسۇلۇللاھتەك ناماز ئوقۇش قائىدىسى
ئىمام ئەلبانى: رەسۇلۇللاھتەك ناماز ئوقۇش قائىدىسى
قوشۇمچە ماۋزۇلار:
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم نامازنى مۇنداق ئوقۇيتتى
ناماز ئوقۇش قائىدىسى
ناماز قانداق ئوقۇلىدۇ
ناماز ئوقۇشنى ئۆگىنىمەن
نامازنى توغرا ئوقۇش قائىدىسى
نامازنى رەسۇلۇللاھتەك ئوقۇش قائىدىسى
ئاپتورى: مۇھەددىس شەيخ مۇھەممەد ناسىرۇددىن ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ (ۋاپاتى ھىجرىيە 1420-يىلى، مىلادىيە 1999-يىلى)
«فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
mujtehid.com
ھىجرىيە 1437-يىلى (مىلادىيە 2016-يىلى) تەرجىمە قىلىندى
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن
بارلىق ھەمدۇ سانا ئاللاھقا خاستۇر.
نامازنى رەسۇلۇللاھقا ئوخشاش ئوقۇش مۇنداق بولىدۇ:
بىرىنچى: قىبلىگە يۈزلىنىش
[1] ناماز ئوقۇماقچى بولغان كىشى نەدە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر – پەرز نامازدىمۇ، نەپلە نامازدىمۇ ئوخشاشلا – قىبلىگە ئالدىنى قىلىدۇ. قىبلىگە يۈز كەلتۈرۈش نامازنىڭ رۇكۇنلىرىدىن بىرىدۇر. قىبلىگە يۈزلەنمەستىن ئوقۇلغان ناماز دۇرۇس بولمايدۇ.
[2] قورقۇنچ نامىزى ئوقۇغۇچى بىلەن شىددەتلىك ئۇرۇشتىكى كىشىدىن نامازدا قىبلىگە يۈزلىنىش (شەرتى) ساقىت بولىدۇ.
* كەئبىگە يۈز كەلتۈرۈشكە ئىمكانى يوق كېسەل ۋەياكى كېمە، ماشىنا، ئايروپىلان قاتارلىق قاتناش ۋاسىتىلىرىدە سەپەر قىلىۋاتقان كىشى ناماز ۋاقتىنىڭ چىقىپ كېتىشىدىن ئەنسىرىسە، بۇ تۈردىكى كىشىلەردىن كەئبىگە يۈزلىنىش ساقىت بولىدۇ.
* ئۇلاغلىق ھالدا ياكى باشقا (قاتناش ۋاسىتىسى) قاتارلىقلار بىلەن سەپەر قىلغان كىشى نەپلە نامازلارنى ۋە ۋىتىر نامىزىنى ئوقۇسا ئۇلاردىن كەئبىگە يۈزلىنىش ساقىت بولىدۇ. بۇ كىشىلەرنىڭ (ئاللاھۇ ئەكبەر دەپ) نامازغا كىرىش تەكبىرى ئېيتىدىغاندا مۇمكىن بولسا كەئبىگە يۈز كەلتۈرۈپ شۇنداق دېيىشى مۇستەھەبتۇر. شۇنىڭدىن كېيىن قاتناش ۋاسىتىسى قايسى يۆنىلىشكە ماڭغان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر شۇ يۆنىلىشكە قاراپ (نەپلە ۋە ۋىتىر نامازلىرىنى) داۋاملاشتۇرىۋېرىدۇ.
[3] كەئبىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ھەر قانداق كىشىنىڭ كەئبىنىڭ دەل ئۆزىگە يۈز كەلتۈرۈشى پەرز. ئەمما، كەئبىنى كۆرەلمەيدىغان كىشى ئۈچۈن كەئبىنىڭ يۆنىلىشىگە يۈز كەلتۈرۈشى پەرز.
كەئبىدىن باشقا تەرەپكە يۈزلىنىپ ناماز ئوقۇغان كىشىنىڭ ھۆكمى:
[4] (قۇياشنىڭ ئورنىغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان) بۇلۇت ياكى (قاراڭغۇلۇق دېگەندەك) باشقا سەۋەب تۈپەيلى قىبلىنىڭ يۆنىلىشىنى تېپىشتا تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، قىبلىدىن باشقا تەرەپكە قاراپ ناماز ئوقۇپ قالغان بولسا، نامىزى دورۇس بولىدۇ، قايتا ئوقۇش كېرەك ئەمەس.
[5] كىشى ناماز ئوقۇۋاتقاندا ئىشەنچىلىك بىرى كېلىپ ئۇنىڭغا قىبلە يۆنىلىشىنى ئەسكەرتسە، ناماز ئوقۇغۇچى دەرھال قىبلىگە يۈزلىنىشى كېرەك. ئۇنىڭ بۇ نامىزى دۇرۇس ھېسابلىنىدۇ.
ئىككىنجى: قىيامدا تۇرۇش
[6] ناماز ئوقۇماقچى بولغان كىشىنىڭ ئۆرە تۇرۇپ ناماز ئوقۇشى نامازنىڭ رۇكۇنلىرىدىن بىرىدۇر.
بىراق، قورقۇنچ نامىزى ئوقۇغان ياكى شىددەتلىك ئۇرۇشتىكى كىشىنىڭ ئۇلاغ (قاتناش ۋاسىتىسى) ئۈستىدە تۇرۇپ ناماز ئوقۇشى دۇرۇس. ئۆرە تۇرۇشقا قۇربى يەتمىگەن كېسەل ئولتۇرالىسا نامازنى ئولتۇرۇپ ئوقۇيدۇ. ئولتۇرۇشتىن ئاجىز كەلسە نامىزىنى يېتىپ تۇرۇپ ئوقۇيدۇ. نەپلە ناماز ئوقۇغان كىشى خالىسا نەپلە نامازلىرىنى (ئايروپىلان، پويىز، ماشىنا، كېمە دېگەندەك) قاتناش ۋاسىتىسى ئۈستىدە ياكى (ئۆي ياكى مەسجىد دېگەندەك ئورۇنلاردا) ئولتۇرغان ھالدا ئوقۇسا دۇرۇس. بۇنداق كىشى رۇكۇ ۋە سەجدىدە بېشى بىلەن ئىشارەت قىلىدۇ. ئوخشاشلا، كېسەل كىشىمۇ رۇكۇ ۋە ۋەجدىدە بېشى بىلەن ئىشارەت قىلىدۇ. بىراق، (ھەر ئىككىلى ئەھۋالدا) سەجدىدە (رۇكۇغا قارىغاندا) بېشىنى بەكراق ئېگىدۇ.
[7] ئولتۇرۇپ ناماز ئوقۇغان كىشىنىڭ سەجدە قىلىدىغان يەرگە ئېگىز بىر نەرسىنى قويۇۋېلىپ ئۇنىڭ ئۈستىگە سەجدە قىلىشى دۇرۇس ئەمەس. ھالبۇكى بۇ كىشى – يۇقىرىدا ئېيتقىنىمىزدەك – سەجدىدە بېشىنى (رۇكۇدىكىگە قارىغاندا) بەكراق ئېگىدۇ.
كېمە ۋە ئايروپىلاندا قانداق ناماز ئوقۇلىدۇ؟
[8] كېمىدە پەرز ناماز ئوقۇش دۇرۇس. شۇنداقلا، ئايروپىلاندىمۇ پەرز ناماز ئوقۇش دۇرۇس.
[9] كېمە ۋە ئايروپىلاندا پەرز ناماز ئوقۇغان كىشى (سۇغا چۈشۈپ كېتىشتىن) ياكى يىقىلىپ چۈشۈشتىن قورقسا، نامىزىنى ئولتۇرۇپ ئوقۇسا بولىدۇ.
[10] بەك قېرىپ كەتكەن ياكى بەدىنى ئاجىزلىشىپ كەتكەن كىشى ئۆرە تۇرۇپ ناماز ئوقۇغىنىدا بىرەر تايانچقا ياكى ھاسا دېگەندەك نەرسىلەرگە يۆلىنىپ تۇرۇپ ناماز ئوقۇشى دۇرۇس.
قىيام بىلەن ئولتۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈرش
[11] كېچىلىك نامازنى (تەھەججۇد نامىزىنى) سەۋەبسىز ھالدا ئۆرە تۇرۇپ ياكى ئولتۇرۇپ ئوقۇشقا بولىدۇ. نامازنىڭ بىر قىسىمىنى ئۆرە تۇرۇپ، بىر قىسىمىنى ئولتۇرۇپ قىلىش دۇرۇس. بۇنداق كىشى نامىزىنى ئولتۇرۇپ ئوقۇيدۇ ۋە قىرائەت قىلىدۇ. رۇكۇغا بېرىشتىن (ئاز مەزگىل) ئاۋۋال ئورنىدىن تۇرىدۇ، قالغان ئايەتلەرنى ئۆرە تۇرۇپ ئوقۇيدۇ، ئاندىن رۇكۇ ۋە سەجدە قىلىدۇ. ئىككىنجى رەكئەتنىمۇ بۇنىڭغا ئوخشاش ھالەتتە ئوقۇيدۇ.
[12] ئولتۇرۇق ناماز ئوقۇغان كىشى نامىزىنى باداشقان (چازا) قۇرغان ھالەتتە ئوقۇيدۇ، ۋەياكى قانداق ھالەتتە ئولتۇرسا راھەتلىنەلەيدىغان بولسا شۇ ھالەتتە ئولتۇرىدۇ.
ئاياق كىيىپ ناماز ئوقۇش:
[13] ئاياقسىز ھالەتتە ناماز ئوقۇشىغا بولغىنىدەك، (ئەر بولسۇن، ئايال بولسۇن) ئاياق كىيگەن ھالەتتە ناماز ئوقۇسا بولىۋېرىدۇ.
[14] بەزىدە ئاياقسىز ھالەتتە، بەزىدە ئاياق كىيگەن ھالەتتە ناماز ئوقۇشتا- قايسى ئوڭ كەلسە شۇ شەكىلدە ناماز ئوقۇش تېخىمۇ ئەۋزەلدۇر. (يەنى ئاياقنى كەيمەي ناماز ئوقۇش قولاي بولسا ئاياقنى كەيمەي ئوقۇش ئەۋزەل، ئاياقنى كىيىپ ئوقۇش قولاي بولسا، كىيىپ ئوقۇش ئەۋزەل.) (ناماز ئوقۇغاندا) زورمۇ زور ئاياق كىيىۋېلىشقا، شۇنداقلا (پۇتىدا ئايىقى بولسا، سېلىۋەتمەسلىكتە تېخىمۇ ئاسانچىلىق بولسىمۇ) زورمۇ سېلىۋېتىشكە بولمايدۇ.
[15] ناماز ئوقۇش ئۈچۈن ئايىقىنى سالغاندا، ئايىقىنى ئوڭ تەرىپىگە قويۇشقا بولمايدۇ. سول تەرىپىدە ناماز ئوقۇيدىغان باشقا بىرى بولمىسا، ئايىقىنى سول يېنىغا قويىدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن كەلگەن سەھىھ بۇيرۇققا ئاساسەن، ئەگەر سول يېنىدا ناماز ئوقۇۋاتقان كىشى بولسا، ئايىقىنى پۇتلىرىنىڭ ئارىسىغا قويىدۇ.
بۇ يەردە زىل بىر مەسىلىدە توختالماقچىمەن. ناماز ئوقۇغۇچىنىڭ ئايىقىنى ئالدىغا قويۇۋېلىشىغا بولمايدۇ. بۇ كۆپچىلىك نامازخان سەل قارايدىغان ئەدەپتۇر. بەزى كىشىلەرنىڭ ئايىقىغا يۈزلىنىپ ناماز ئوقۇۋاتقىنىنى كۆرىسىز.
مۇنبەرنىڭ ئۈستىدە ناماز ئوقۇش
[16] ئىمامنىڭ كىشىلەرگە نامازنى ئۆگىتىش مەقسىدىدە مۇنبەر ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش بىر جايدا ناماز ئوقۇشى دۇرۇس. (بۇنى مەقسەد قىلىپ نامازغا تۇرغان ئىمام) مۇنبەرنىڭ ئۈستىدە (قىبلىگە يۈزلىنىپ) تۇرۇپ (ئاللاھۇ ئەكبەر) دەپ تەكبىر ئوقۇپ (قوللىرىنى كۆتۈرۈپ) نامازغا كىرىدۇ، قۇرئان قىرائەت قىلىدۇ، رۇكۇ قىلىدۇ. ئاندىن، سەجدە قىلىش ئۈچۈن (قىبلىگە ئالدىنى قىلغان ھالەتتە) كەينىچىلەپ مۇنبەردىن چۈشۈپ، يەرگە سەجدە قىلىدۇ. ئاندىن، ئىككىنچى رەكئەتنى ئوقۇش ئۈچۈن مۇنبەرگە چىقىپ نامىزىنى باشتىكى رەكئەتتىكىگە ئوخشاش داۋاملاشتۇرىدۇ.
سۈترىگە يۈزلىنىپ ۋە ئۇنىڭغا يېقىن تۇرۇپ ناماز ئوقۇش پەرز.
(سۈترە: كامىدا قىرىق ئەللىك سانتىمېتىر ئېگىزلىكتىكى – ياكى – تۈۋرۈك، تام تېگەندەك جىسىم)
[17] نامازنى سۈترىگە يۈزلىنىپ ئوقۇش پەرز. ناماز ئوقۇلغان يەرنىڭ مەسجىد ياكى باشقا يەر بولسۇن، چوڭ ياكى كىچىك ئورۇن بولسۇن ئوخشاشلا نامازنى سۈترىگە يۈزلىنىپ ئوقۇش پەرز.
چۈنكى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«(ئالدىڭغا) سۈترە قويماستىن ناماز ئوقۇما. ناماز ئوقۇۋاتقىنىڭدا ھېچكىمنىڭ ئالدىڭدىن ئۆتۈشىگە يول قويما. ئالدىڭدىن چىڭ تۇرسا ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇش. چۈنكى، ئۇنىڭ بىلەن ‹ئەلقارىن› دېگەن شەيتان بىللە.» « لاَ تُصَلِّ إِلاَّ إِلىَ سُتْرَةٍ، وَلاَ تَدَعْ أَحَدًا يَمُرُّ بَيْنَ يَدَيْكَ، فَإِنْ أَبَى فَلْيُقَاتِلْهُ، فَإِنَّ مَعَهُ الْقَرِينَ.»[رواه ابن خزيمة بسنة جيد][ئىمام ئىبنى خۇزەيمە ياخشى سەنەد بىلەن رىۋايەت قىلغان.]
[18] نامازدا سۈترىگە يېقىن تۇرۇش پەرز. چۈنكى، بۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ بۇيرۇقى.
[19] پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ناماز ئوقۇپ سەجدە قىلىدىغان ئورۇن بىلەن ئالدىدىكى تامنىڭ ئارىسىدا بىر قوي ئۆتەلىگۈدەكلا ئارىلىق بولاتتى. مۇشۇنداق قىلغان كىشى، سۈترىگە تەلەپ شەرىئەت قىلىنغاندىكىدەك يېقىن تۇرغان ھېسابلىنىدۇ.
شۇنى دېيىشىم كېرەك: سۈرىيە ۋەياكى باشقا ئۆلكىلەردە مەسجىدلەردە ناماز قىلغان كىشىلەر مەسجىدنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرىۋېلىپ تامدىن ياكى (تۈۋرۈك، سۈترە) دېگەندەك توسۇقلاردىن يىراق ھالەتتە ناماز ئوقۇغانلىقىنى كۆردۈم. بۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ بۇيرۇقىدىن خەۋەرسىز قېلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
سۈترىنىڭ ئېگىزلىكى:
[20] سۈترە (كامىدا) يەردىن بىر ياكى ئىككى غېرىچ ئېگىزلكتە بولۇشى لازىم.
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن:«سىلەردىن ھەر كىم ئالدىغا (تۆگە) ئىگىرىنىڭ ئارقىسىچىلىك ئېگىزلىكتىكى بىر نەرسە قويۇپ ناماز ئوقۇسۇن.»« إِذَا وَضَعَ أَحَدُكُمْ بَيْنَ يَدَيْهِ مِثْلَ مُؤْخِرَةِ الرَّحْلِ فَلْيُصَلِّ، وَلا يُبَالِ مَنْ مَرَّ وَرَاءَ ذَلِكَ.»(مسلم)
بۇ ھەدىس سۈترە ئۈچۈن يەرگە سىزىق سىزىشنىڭ سۈترىنىڭ ئورنىنى ئالالمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. سۈترە ئۈچۈن يەرگە سىزىق سىزىش توغرىسىدا كەلگەن ھەدىسلەر زەئىپتۇر.
[21] سۈترىگە ئۇدۇلمۇ ئۇدۇل يۈزلىنىدۇ. چۈنكى، سۈترىگە يۈزلىنىپ ناماز قىلىش بۇيرۇقى ئوچۇق بۇيرۇقتۇر. سۈترىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىغا يۈزلىنىشتىن قېچىپ، سۈترىنىڭ ئوڭ ياكى سول تەرىپىگە يۈزلىنىپ تۇرۇۋېلىشقا كەلسەك – بۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن كەلگەن ئەمەس.
[22] يەرگە قادالغان تاياق دېگەندەك نەرسىگە، دەرەخكە، تۈۋرۈككە، تۆشىكى ئۈستىدە ياتقان ياكى ئۈستىگە يوتقان يېپىنىۋالغان ئايالىغا، ۋە ياكى تۆگە دېگەندەك ئۇلىغىغا يۈزلىنىپ تۇرۇپ ناماز ئوقۇش دۇرۇس.
قەبرىگە يۈزلىنىپ ناماز ئوقۇش ھارام
[23] قەبرىلەرگە يۈزلىنىپ ناماز ئوقۇش قەتئىي دۇرۇس ئەمەس. مەيلى ئۇ قەبرە پەيغەمبەرلەرنىڭ قەبرىسى بولسۇن ياكى باشقىلارنىڭ قەبرىسى بولسۇن ئوخشاشلا دۇرۇس ئەمەس.
ھەرەم مەسجىدىدە بولغان تەقدىردىمۇ ناماز ئوقۇۋاتقان كىشىنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈش ھارام
[24] ناماز ئوقۇۋاتقان كىشىنىڭ ئالدىدا سۈترە بولسا، (سۈترە بىلەن) ئۇنىڭ ئارىسىدىن ئۆتۈش دۇرۇس ئەمەس. بۇ جەھەتتە ھەرەم مەسجىدى بىلەن باشقا مەسجىدلەرنىڭ ئارىسىدا ھېچبىر پەرق يوق. ناماز ئوقۇۋاتقان كىشىنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈشنىڭ دۇرۇس ئەمەسلىكى توغرىسىدا ھەممىسىنىڭ ھۆكمى ئوخشاش.
چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن:«ناماز ئوقۇۋاتقان كىشىنىڭ ئالدىدىن ئۆتكەن كىشى ئۆزىگە يۈكلىنىدىغان (گۇناھ) نى بىلسە ئىدى، قىرىق (يىل) ساقلايدىغان ئىش بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئالدىدىن ئۆتمىگەن بولاتتى.»« لَوْ يَعْلَمُ الْـمـَارُّ بَيْنَ يَدَيِ الْـمـُصَلِّي مَاذَا عَلَيْهِ، لَكَانَ أَنْ يَقِفَ أَرْبَعِينَ خَيْرًا لَهُ مِنْ أَنْ يَمُرَّ بَيْنَ يَدَيْهِ.»(ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ تاۋاپ قىلىنىدىغان مەيداننىڭ بىر تەرىپىدە كىشىلەر ئالدىدىن ئۆتۈپ تۇرغان ھالەتتە ئالدىغا سۈترە قويماستىن ناماز ئوقۇغانلىقى توغرىسىدىكى ھەدىسكە كەلسەك، رەسۇلۇللاھ بىلەن ئۇ زات سەجدە قىلىدىغان جاينىڭ ئارىسىدىن ھېچكىم ئۆتمىگەنلىكى ئۈچۈن، بۇ ھەدىسنى (ھەرەمدە ناماز ئوقۇۋاتقان كىشىنىڭ سەجدىگاھىنىڭ ئىچىدىن كېسىپ ئۆتۈشكە) دەلىل قىلىش توغرا ئەمەس.
ھەرەم مەسجىدىدە بولغان تەقدىردىمۇ ناماز ئوقۇۋاتقان كىشىنىڭ ئالدىدىن ئۆتكەن كىشىگە توسالغۇ بولۇش پەرز
[25] ناماز ئوقۇۋاتقان كىشى ئۆزى بىلەن سۈترىسىنىڭ (ياكى سەجدىگاھىنىڭ) ئارىسىدىن ھېچكىمنىڭ ئۆتۈشىگە يول قويماسلىقى لازىم.
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن:«ئالدىڭغا سۈترە قويماستىن ناماز ئوقۇما. ناماز ئوقۇۋاتقىنىڭدا ھېچكىمنىڭ ئالدىڭدىن ئۆتۈشىگە يول قويما. ئالدىڭدىن ئۆتۈشتە چىڭ تۇرسا ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇش. چۈنكى، ئۇنىڭ بىلەن شەيتان بىللە.» « لاَ تُصَلِّ إِلاَّ إِلىَ سُتْرَةٍ، وَلاَ تَدَعْ أَحَدًا يَمُرُّ بَيْنَ يَدَيْكَ، فَإِنْ أَبَى فَلْيُقَاتِلْهُ، فَإِنَّ مَعَهُ الْقَرِينَ.»[رواه ابن خزيمة بسنة جيد][ئىمام ئىبنى خۇزەيمە ياخشى سەنەد بىلەن رىۋايەت قىلغان.]
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم يەنە مۇنداق دېگەن:«بىرىڭلار ئالدىغا كىشىلەرگە نىسبەتەن سۈترە بولغۇدەك نەرسىنى قويۇپ ناماز ئوقۇۋاتقاندا باشقا بىرى ئالدىڭلاردىن ئۆتمەكچى بولسا، ئۇنىڭ مەيدىسىن كەينىگە ئىتتىرسۇن. ئەگەر ئۆتۈش ئۈچۈن چىڭ تۇرسا ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشسۇن. چۈنكى، ئۇ شەيتاندۇر.» «إِذَا صَلَّى أَحَدُكُمْ إِلَى شَيْءٍ يَسْتُرُهُ مِنْ النَّاسِ، فَأَرَادَ أَحَدٌ أَنْ يَجْتَازَ بَيْنَ يَدَيْهِ، فَلْيَدْفَعْهُ فَإِنْ أَبَى فَلْيُقَاتِلْهُ، فَإِنَّمـَا هُوَ شَيْطَانٌ.»[ رواه البخاري ومسلم]
يەنە بىر رىۋايەتتە مۇنداق كەلگەن: «بىرىڭلار ئالدىغا كىشىلەرگە نىسبەتەن سۈترە بولغۇدەك نەرسىنى قويۇپ ناماز ئوقۇۋاتقاندا باشقا بىرى ئالدىڭلاردىن ئۆتمەكچى بولسا، قولىدىن كېلىشىچە ئۇنىڭغا قارشىلىق كۆرسەتسۇن. ئۆتۈشتە چىڭ تۇرسا ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشسۇن. چۈنكى، ئۇ شەيتاندۇر.» «إِذَا كَانَ أَحَدكُمْ يُصَلِّي فَلَا يَدَع أَحَدًا يَمُرّ بَيْن يَدَيْهِ , وَلْيَدْرَأ مَا اِسْتَطَاعَ، فَإِنْ أَبَى فَلْيُقَاتِلهُ ; فَإِنَّمَا هُوَ شَيْطَان.»[ رواه ابن خزيمة]
يەنە بىر رىۋايەتتە مۇنداق كەلگەن:«بىرىڭلار ناماز ئوقۇۋاتقاندا ئالدىدىن بىر نەرسە ئۆتمەكچى بولسا، ئۇنى توسسۇن. يەنە ئۆتمەكچى بولسا، ئۇنى يەنە توسسۇن. يەنە ئۆتمەكچى بولسا، ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشسۇن. چۈنكى، ئۇ شەيتاندۇر.» «إِذَا مَرَّ بَيْنَ يَدَيْ أَحَدِكُمْ شَيْءٌ وَهُوَ يُصَلِّي فَلْيَمْنَعْهُ، فَإِنْ أَبَى فَلْيَمْنَعْهُ، فَإِنْ أَبَى فَليُقَاتِلْهُ، فَإِنَّمَا هُوَ شَيْطَانٌ.»[ رواه البخاري]
ناماز ئوقۇۋاتقان كىشى ئالدىدىن ئۆتمەكچى بولغاننى (ئادەم ياكى ھايۋاننى) توسۇش ئۈچۈن ئالدىغا مېڭىش
[26] ناماز ئوقۇۋاتقان كىشىنىڭ – ھايۋان ياكى كىچىك بالا قاتارلىق – دىنىي ئەمەللەرگە تەكلىپ قىلىنمايدىغانلار ئالدىدىن ئۆتمەكچى بولسا ئۇنى توسۇش ئۈچۈن بىر ياكى بىر قانچە قەدەم ئالدىغا مېڭىشى دۇرۇس.
نامازنى بۇزىدىغان ئىش
[27] ناماز ئوقۇغاندا ئالدىغا سۈترە قويۇشنىڭ ئەھمىيەتلىرىدىن بىرى: سۈترە ناماز ئوقۇۋاتقان كىشىنىڭ ئالدىدىن باشقىلارنىڭ ئۆتۈشىگە توسالغۇ بولىدۇ. نامازنى سۈترىگە قاراپ ئوقۇمىغان كىشىنىڭ (باشقىلار ئۇنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈشىگە توسالغۇ بولۇش) ئىمكانىيىتى بولمايدۇ. سۈترىسىز ناماز ئوقۇغان بۇنداق كىشىنىڭ نامىزى بويىغا يەتكەن ئايال كىشىنىڭ، ئېشەكنىڭ ياكى قارا ئىتنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈشى سەۋەبلىك بۇزۇلۇپ كېتىدۇ.
ئۈچىنچى: نىيەت قىلىش
[28] ناماز ئوقۇماقچى بولغان كىشى ئۆزى ئوقۇماقچى بولغان نامازغا نىيەت قىلىشى، ئوقۇماقچى بولغان نامىزى دىلىدا ئېنىق بولۇشى شەرت. مەسىلەن: پېشىن ياكى ئەسرى نامىزىنىڭ (ۋەياكى باشقا نامازنىڭ) پەرىزىنى ياكى سۈننىتىنى ئوقۇماقچى بولغان كىشى شۇ نامازغا (دىلىدا) نىيەت قىلىشى كېرەك. نىيەت نامازنىڭ بىر شەرتى ياكى رۇكۇنىدۇر. نىيەتنى تىلدا ئېيتىش سۈننەتكە زىت بىدئەتتۇر. ئىماملارغا تەقلىد قىلغان (مەزھەپ ئالىملىرى) دىن ھېچكىم نىيەتنى تىلىدا ئېيتىشنى تەرغىپ قىلمىغان.
تۆتىنجى: تەكبىر
[29] ئاندىن «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ نامىزىنى باشلايدۇ. «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ ناماز باشلاش نامازنىڭ پەرزلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«نامازنىڭ ئاچقۇچى تاھارەت، (ھەر قانداق دۇنياۋىي گەپ سۆز، ئىش ھەرىكەتنى) ھارام قىلىدىغان ئىش (ئاللاھۇ ئەكبەر دەپ) تەكبىر ئېيتىش (ئارقىلىق نامازغا كىرىشتۇر)، ئاخىرلىشىشى تەسلىم (يەنى ‹ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دەپ ئىككى تەرەپكە سالام بېرىش) دۇر.» «مِفْتَاحُ الصَّلَاةِ الطُّهُورُ، وَتَحْرِيمُهَا التَّكْبِيرُ، وَتَحْلِيلُهَا التَّسْلِيمُ.»[ رواه أبو داود والترمذي]
[30] نامازدىكى ھەر قايسى ئورۇنلاردىكى تەكبىرنى ئېيتقاندا ئاۋازىنى كۆتۈرمەيدۇ. ئەمما، ئىمام نامازدىكى تەكبىرلەرنى ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ تۇرۇپ ئېيتىدۇ.
[31] ئىمامنىڭ كېسەل ياكى ئاۋازىنىڭ قىسىق بولۇشى، ياكى جامائەت سانىنىڭ كۆپ بولۇشى سەۋەبلىك – ھاجەت تۇغۇلسا –ئىمامنىڭ تەكبىرىنى مۇئەززىن جامائەتكە يەتكۈزۈپ بەرسە دۇرۇس.
[32] ئىمامغا ئىقتىدا قىلىپ ناماز ئوقۇغان كىشى ئىمام «ئاللاھۇ ئەكبەر» دېگەندىن كېيىن «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەيدۇ.
تەكبىر ئېيتقاندا قوللارنى كۆتۈرۈش ۋە بۇنىڭ شەكلى
[33] ناماز ئوقۇغان كىشى (نامازدىكى ھەر قايسى ئورۇنلاردا) تەكبىر ئېيتسا، قوللىرىنى تەكبىر بىلەن كۆتۈرۈشىمۇ، ياكى تەكبىردىن ئاۋۋال كۆتۈرۈشىمۇ، ۋەياكى تەكبىردىن كېيىن كۆتۈرۈشىمۇ ئوخشاشلا دۇرۇس بولۇپ، بۇ ئۈچىلى خىل ئەھۋال سۈننەتتە مەۋجۇت.
[34] تەكبىر ئېيتىپ قوللارنى كۆتۈرگەندە (بارماقلار ئارىسىنى جۈپلىۋالماستىن) بارماقلارنىڭ ئارىلىقى ئوچۇق ھالەتتە كۆتۈرىدۇ.
[35] قوللارنى مۈرىنىڭ باراۋىرىدە كۆتۈرىدۇ. بەزىدە قوللىرىنىڭ ئۇچىنى قۇلاق يۇمشىقىنىڭ باراۋىرىدە ئېگىزرەك كۆتۈرىدۇ.
شۇنداق دەيمەنكى: باش بارماقنى قۇلاق يۇمىشىقىغا تەگكۈزۈشنىڭ سۈننەتتە ھېچقانداق ئورنى يوق. بۇ ماڭا كۆرە (شەيتاندىن كەلگەن) ۋەسۋەسىنىڭ سەۋەبلىرىدىن.
ناماز باشلاش تەكبىرىدىن كېيىن ئىككى قولنىڭ ھالىتى
[36] تەكبىردىن كېيىنلا ئوڭ قول سول قولنىڭ ئۈستىگە قويۇپ (قول باغلاپ تۇرىدۇ). بۇ پەيغەمبەرلەرنىڭ نامازدىكى ھالىتىدۇر، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ساھابىلىرىگە مۇشۇنداق قىلىشنى بۇيرۇغان. نامازدا ئىككى قولنى ئىككى يانغان ساڭگىلىتىپ تۇرۇش دۇرۇس ئەمەس.
[37] ئوڭ قولنىڭ ئالىقىنى سول قولنىڭ دۈمبىسىگە، بېشىغا ۋە سول بېلەككە تېگىشىپ تۇرىدۇ.
[38] بەزىدە سول قول ئوڭ قول (نىڭ بارماقلىرى) بىلەن قاماللاپ تۇتىلىدۇ. قولنى قاماللاپ تۇرۇش بىلەن قويۇپ تۇرۇش (يەنى بىر نەچچە بارماق سول بىلەكنى قاماللايدۇ، ئوتتۇرىدىكى بىر نەچچە بارماقلار بىلەك ئۈستىگە قويۇلۇپ تۇرىدۇ) نىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن بىر قىسىم كېيىنكى زاماندىكى ئۆلىمالارنىڭ بۇ كۆز قارىشىنىڭ شەرىئەتتە ئاساسى يوق.
[39] قوللار پەقەتلا كۆكرەك ئۈستىگە قويۇلىدۇ. بۇ ئەرلەر بىلەن ئاياللارغا ئوخشاش. دەيمەنكى: قوللارنىڭ كۆكرەكتىن باشقا يەرگە (يەنى كىندىك ئاستىغا ياكى كىندىك ئۈستىگە) قويۇلۇش توغرىسىدىكى كۆز قاراش يا (زەئىپ ھەدىسكە) ئاساسلانغان كۆز قاراشتۇر ياكى دىندا ئاساسى يوق كۆز قاراشتۇر.
[40] ئوڭ قولىنى بېلىگە قويۇپ تۇرۇش دۇرۇس ئەمەس.
نامازدىكى خۇشۇئ ۋە سەجدىگاھقا قاراپ تۇرۇش
[41] ناماز خۇشۇئ بىلەن ئوقۇلۇشى، ئۇنىڭ خۇشۇئىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان – نەقىش ۋە بېزەك قاتارلىق – ھەر قانداق نەرسىلەردىن يىراق تۇرۇشى كېرەك. تاماق تەييار بولغاندا ياكى چوڭ كىچىك تەرىتى قىستاپ تۇرغان ھالەتتە ناماز ئوقۇشقا بولمايدۇ.
[42] نامازدا قىيامدا ئۆرە تۇرغاندا سەجدە قىلىدىغان ئورۇنغا قاراپ تۇرىدۇ.
[43] ناماز ئوقۇۋاتقاندا ئوڭ سولغا قاراشقا بولمايدۇ. چۈنكى، نامازدا ئوڭ سولغا قاراش شەيتاننىڭ بەندىنىڭ نامىزىنى ئۇغۇرلاپ كەتكەنلىكىدىن بولىدۇ.
[44] نامازدا ئاسمانغا قاراش دۇرۇس ئەمەس.
ئىستىفتاھ دۇئاسى (قىرائەتتىن ئاۋۋالقى نامازنى باشلاش دۇئاسى)
[45] ئاندىن بەندە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئوقۇغان بەزى دۇئالارنى ئوقۇيدۇ. بۇ ھەقتە كۆپلىگەن دۇئالار بار بولۇپ، بۇ دۇئالارنىڭ ئەڭ مەشھۇرلىرىدىن بىرى مۇنۇ دۇئادۇر: «سُبْحَانَكَ اللَّهُمَّ وَبِحَمْدِكَ، وَتَبَارَكَ اسْمُكَ، وَتَعَالَى جَدُّكَ، وَلاَ إِلَهَ غَيْرُكَ.» «سۇبھانەكە ئاللاھۇممە ۋەبىھەمدىكە، ۋەتەبارەكەسمۇكە، ۋەتەئالا جەددۇكە، ۋەلا ئىلاھە غەيرۇك»[ رواه أهل السنن وصححه الألباني في صحيح الترمذي وصحيح أبي داود] نامازدا بۇ دۇئا بىلەن باشلاش توغرىسىدا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن بۇيرۇق كەلگەنلىكى ئۈچۈن، نامازنى بۇ دۇئا بىلەن باشلاش كېرەك. [قىرائەتتىن ئىلگىرى ئوقۇلىدىغان باشقا دۇئالارنى كۆرمەكچى بولغان كىشى ئەلبانىنىڭ «رەسۇلۇللاھنىڭ نامىزى» ناملىق كىتابىغا ۋە باشقا كىتابلارغا مۇراجىئەت قىلسۇن.]
قۇرئان قىرائەت قىلىش
[46] ئاندىن «أعوذ بالله من الشيطان الرجيم  بسم الله الرحمن الرحيم» (ئەئۇۋزۇ بىللاھى مىنەششەيتانىر رەجىيم، بىسمىللاھىررەھمانىررەھىم) دەپ شەيتاندىن پاناھ تىلەيدۇ. بۇنى دېيىش پەرز بولۇپ، بۇنى دېمىگەن كىشى گۇناھكار بولىدۇ.
[47] بەزى چاغدا «أَعُوذُ بِاللهِ مِنَ الشَّيْطَانِ الرَّجِيمِ، مِنْ هَمْزِهِ، وَنَفْخِهِ، وَنَفْثِهِ »(رواه الترمذي أبو داود وابن ماجه وأحمد) دېيىش سۈننەت.
[48] بەزىدە مۇنداق دەيدۇ:« أَعُوذُ بِاللهِ السَّمِيعِ الْعَلِيمِ، مِنْ الشَّيْطَانِ الرَّجِيمِ، مِنْ هَمْزِهِ، وَنَفْخِهِ، وَنَفْثِهِ.»( رواه الترمذي أبو داود وابن ماجه وأحمد)
[49] ئاندىن، مەيلى سۈرە فاتىھە ئاشكارا قىرائەت قىلىنىدىغان مەيلى يوشۇرۇن قىرائەت قىلىنىدىغان نامازنىڭ ھەر قاندىقىدا «بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَنِ الرَّحِيمِ » دەيدۇ.
سۈرە فاتىھەنى ئوقۇش
[50] ئاندىن سۈرە فاتىھەنى «بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَنِ الرَّحِيمِ » بىلەن قوشۇپ ئوقۇيدۇ. نامازدا سۈرە فاتىھەنى ئوقۇش پەرز. سۈرە فاتىھە ئوقۇلمىسا، ناماز دۇرۇس بولمايدۇ. ئەرەب بولمىغانلار بۇ سۈرىسىنى يادلىشى لازىم.
[51] سۈرە فاتىھەنى يادلىيالمىغان كىشى، نامازدا سۈرە فاتىھەنى ئوقۇشنىڭ ئورنىغا مۇنداق دېيىشى يېتەرلىك:« سُبْحاَنَ اللهِ، وَالْـحَمْدُ ِللهِ، وَلاَ إِلَهَ إِلاَّ اللهُ، وَاللهُ أَكْبَرُ، وَ لاَحَوْلَ وَلاَ قُوَّةَ إِلاَّ بِاللهِ.»
[52] سۈرە فاتىھەنى ئوقۇغاندا ئايەتمۇ ئايەت ئوقۇيدۇ. ھەر ئايەتتىن كېيىن توختايدۇ. مەسىلەن:
{بسم الله الرحمن الرحيم} دەپ توختايدۇ، ئاندىن:
{الحمد لله رب العالمين} دەپ توختايدۇ، ئاندىن:
{الرحمن الرحيم} دەپ توختايدۇ. سۈرىنىڭ ئاخىرىغىچە مۇشۇ خىل شەكىلدە ئوقۇيدۇ.
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ھەر قانداق قىرائىتى مۇشۇنداق ئىدى ۋە ئايەتنىڭ ئاخىرىدا توختايتتى. ئايەتلەرنىڭ بىر-بىرىگە مۇناسىۋىتى بولغان تەقدىردىمۇ، بىر ئايەتنىڭ ئاخىرىسىنى باشقا ئايەتنىڭ بېشى بىلەن قوشۇپ ئوقۇمايتتى.
[53] سۈرە فاتىھەدىكى «مالكِ» دەپ ئوقۇسىمۇ، «مَلِكِ» دەپ ئوقۇسىمۇ دۇرۇس.
ئىمامغا ئىقتىدا قىلغان كىشىنىڭ سۈرە فاتىھەنى ئوقۇشى
[54] ئىمام سۈرە فاتىھەنى مەيلى ئاشكارا ئوقۇسۇن ياكى مەخپىي ئوقۇسۇن، ئىمامغا ئىقتىدا قىلىپ ناماز ئوقۇغۇچىنىڭ ئوخشاشلا سۈرە فاتىھەنى (مەخپىي) ئوقۇشى پەرز. ئىمام سۈرە فاتىھەنىڭ تۈگەتكەندىن كېيىن قىسقا مۇددەت تۇرغان مۇددەتتە – گەرچە سۈرە فاتىھەدىن كېيىن بىر مۇددەت تۇرۇۋېلىشنىڭ سۈننەت ئورنى يوقلۇقىنى بىلسەكمۇ- ئىمامغا ئىقتىدا قىلغۇچى يەنىلا سۈرە فاتىھەنى ئوقۇشى كېرەك.
سۈرە فاتىھەدىن كېيىنكى قىرائەت
[55] تۆت رەكئەتلىك پەرزنىڭ نامازنىڭ دەسلەپكى ئىككى رەكئىتىدە سۈرە فاتىھەدىن كېيىن باشقا بىر سۈرە ياكى بىر قانچە ئايەت ئوقۇش – جىنازا نامىزىدىمۇ ئوخشاش – سۈننەت.
[56] سەپەر، يۆتەل، كېسەللىك ياكى كىچىك بالىنىڭ يىغلاپ كېتىشى سەۋەبلىك فاتىھە سۈرىسىدىن كېيىن بەزىدە ئۇزۇن، بەزىدە قىسقا سۈرىلەرنى ئوقۇشقا بولىدۇ.
[57] قىرائەت نامازلارغا قاراپ پەرقلىق بولىدۇ. مەسىلەن، بامدات نامىزى باشقا نامازلارغا قارىغاندا قىرائىتى ئەڭ ئۇزۇ بولغان نامازدۇر. (قىرائەتنىڭ ئۇزۇنلىقى نۇقتىسىدىن بامدات نامىزىدىن كېيىن) پېشىن نامىزى (نىڭ قىرائىتى ئۇزۇن)، ئۇنىڭدىن قالسا ئەسىر نامىزى، ئۇنىڭدىن قالسا خۇپتەن نامىزىنىڭ قىرائىتىدۇر. باشقىسىغا قارىغاندا شام نامىزىنىڭ قىرائىتى ئەڭ قىسقا بولىدۇ.
[58] كېچە (تەھەججۇد) نامىزىنىڭ قىرائىتى باشقا ھەر قانداق نامازنىڭكىدىن ئۇزۇن بولىدۇ.
[59] نامازنىڭ بىرىنچى رەكئىتىنىڭ قىرائىتىنى ئىككىنچى رەكئىتىنىڭ قىرائىتىدىن ئۇزۇنراق ئوقۇش سۈننەت.
[60] تۆت رەكئەتلىك پەرز نامازلارنىڭ ئاخىرقى ئىككى رەكئىتىنىڭ قىرائىتىنى باشتىكى ئىككى رەكئەتنىڭ يېرىمىغا تەڭ كەلگۈدەك شەكىلدە قىلىش كېرەك.
نامازنىڭ ھەر رەكئىتىدە سۈرە فاتىھە ئوقۇش
[61] نامازنىڭ ھەر بىر رەكئىتىدە سۈرە فاتىھەنى ئوقۇش پەرز.
[62] تۆت رەكئەتلىك پەرز نامازنىڭ ئاخىرقى ئىككىر رەكئىتىدە بەزىدە سۈرە فاتىھەدىن كېيىن باشقا سۈرىلەرنى ئوقۇش سۈننەت.
[63] ئىمامنىڭ سۈننەتتە بايان قىلىنغىدىن ئۇزۇن قىرائەت قىلىۋېلىشى، دۇرۇس ئەمەس. چۈنكى، بۇنداق قىلىش ئىمامغا ئىقتىدا قىلغان ياشانغانلارغا، كېسەلگە، بالىسى بار ئايالغا، ياكى ئېھتىياجى بار بىرىگە ئېغىر كېلىدۇ.
[64] بامدات نامىزىنىڭ پەرىزىنىڭ، جۇمەئە نامىزىنىڭ، ئىككى ھېيت نامىزىنىڭ، ئىستىسقا نامىزىنىڭ، كۇسۇف نامىزىنىڭ قىرائىتى ئاشكارا ئوقۇلىدۇ، شۇنداقلا شام ۋە خۇپتەن نامىزىنىڭ ئالدىنقى ئىككى رەكئەتتىكى قىرائىتىمۇ ئاشكارا ئوقۇلىدۇ.
پېشىن ۋە ئەسىر نامىزىنىڭ ھەممە رەكئىتىدىكى قىرائەت، شۇنداقلا شامنىڭ ئاخىرقى بىر رەكئىتىنىڭ، خۇپتەننىڭ ئاخىرقى ئىككى رەكئىتىنىڭ قىرائىتى مەخپىي ئوقۇلىدۇ.
[65] قىرائىتى مەخپىي ئوقۇلىدىغان نامازلاردا ئىمامنىڭ بەزىدە جامائەتكە ئايەتلەرنى ئاڭلاتقۇدەك دەرىجىدە ئوقۇشى دۇرۇس.
[66] ۋىتىر ۋە كېچىلىك نامازغا (تەھەججۇدقا) كەلسەك، بۇ نامازلاردا قىرائەتنى بەزىدە مەخپىي، بەزىدە ئاشكارا ھالەتتە قىلىشقا بولىدۇ.
قۇرئاننى تەرتىل بىلەن (ئۆزىنى توختىتىپ ئاستا) ئوقۇش
[67] قۇرئاننى ئالدىراپ، تېز ئوقۇماستىن، تەرتىل بىلەن ئالدىرىماي ئوقۇش سۈننەت. (ئۆزى ۋە باشقىلار) ھەر-بىر ھەرپنى ئېنىق پەرق ئېتەلىگۈدەك دەرىجىدە ئېنىق ئوقۇش كېرەك. شۇنداقلا، قۇرئاننى چىرايلىق ئاۋاز بىلەن ئوقۇش كېرەك. قۇرئاننى ئوقۇغۇچى تەجۋىد ئالىملىرى ئوتتۇرىغا قويغان تەجۋىد قائىدىسى بىلەن ئوقۇشى كېرەك. قۇرئاننى ناخشىكەشتەك غىڭشىپ بىدئەت شەكىلدە ئوقۇش ۋە ناخشىچىلارنىڭ مىلودىيىسىدە ئوقۇش دۇرۇس ئەمەس.
ئىمامغا تۈزىتىش بېرىش
[68] ئىمام قىرائەتتە ئېزىپ كەتسە (شۇنداقلا خاتا ئوقۇسا)، ئىمامغا ئىقتىدا قىلىپ ناماز ئوقۇغۇچى ئىمامغا (ئۇ ئېزىپ كەتكەن ئايەتنى توغرا ئوقۇپ بېرىش ئارقىلىق) تۈزىتىش بېرىشى شەرىئەتتە بەلگىلەنگەن.
ئالتىنجى: رۇكۇ قىلىش
[69] قىرائەتنى تۈگەتكەنتىن كېيىن، نەپەس ئېلىپ چىقارغۇدەك مۇددەت تۇرىۋالىدۇ.
[70] ئاندىن نامازغا كىرىش تەكبىرىدە كۆتۈرگەندىكىدەك ئىككى قولىنىڭ بارماقلىرىنى ھىم جۈپلىۋالماستىن كۆتۈرۈپ ئالقىنىنى قىبلىگە قارىتىپ، قوللىرىنى مۈرىسىنىڭ باراۋىرىدە، بەزىدە بارماق ئۇچى قۇلاق يۇمشىقىغا باراۋەر كەلگۈدەك دەرىجىدە كۆتۈرىدۇ.
[71] قوللىرىنى كۆتۈرۈشتىن ئىلگىرى، ياكى كۆتۈرۈش بىلەن بىرگە، ياكى كۆتۈرۈگەندىن كېيىن ئاللاھۇ ئەكبەر دەپ تەكبىر ئېيتىدۇ. تەكبىر ئېيتىش پەرز.
[72] ئاندىن رۇكۇ قىلىدۇ. رۇكۇنى ئاندىن پۈتۈن بۇغۇملىرى جايىغا چۈشكۈدەك دەرىجىدە قىلىدۇ. بۇ پەرزدۇر.
[73] رۇكۇدا قوللىرى بىلەن تىزىنى قاماللاپ تۇتۇپ تۇرىدۇ. بۇ ھالەتتە بارماق ئارىلىقلىرىنى ئېچىپ، تىزىنى قاماللاپ تۇتىدۇ.
[74] رۇكۇدا دۈمبىسىنى ئېگىپ تۈز تۇرىدۇ. تۇرۇش شەكلى دۈمبىسىگە (چىنىدە دېگەندەك ئەسۋابلاردا سۇ قويۇلسا) سۇ تۆكۈلۈپ كەتمىگۈدەك دەرىجىدە تۈز تۇرىدۇ. (گەۋدىسى يەر بىلەن پاراللىل ھالەتتە، توقسان گرادۇس ئېگىلىپ تۇرىدۇ.)
[75] رۇكۇ ھالىتىدە بېشىنى يەرگە ساڭگىلىتىۋېلىشقىمۇ، ياكى ئېگىز كۆتۈرۈۋېلىشقىمۇ بولمايدۇ. بېشىنى دۈمبىسى بىلەن بىر تەكشىلىكتە تۇتىدۇ.
[76] جەينەكلىرىنى بېقىنىدىن يىراق تۇتىدۇ.
[77] رۇكۇدا ئۈچ قېتىم ياكى ئۈچ قېتىمدىن كۆپ « سُبْحَانَ رَبِّيَ الْعَظِيمِ»«سۇبھانە رەببىيەل ئەزىيم» دەيدۇ. (رواه أصحاب السنن وأحمد) (رۇكۇدا كامىدا مۇشۇ زىكىرنى ئوقۇسا يېتەرلىك بولىدۇ)
رۇكۇدا قىلىنىدىغان بۇنىڭدىن باشقا دۇئالارمۇ بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ بەزىسى ئۇزۇن، بەزىسى ئوتتۇراھال، بەزىسى قىسقىدۇر. (بۇ دۇئالار ئۈچۈن «پەيغەمبەر ئەلەپەيھىسسالامنىڭ ناماز ئوقۇش شەكلى» ناملىق كىتابنىڭ 132-بېتىگە قاراڭ)
نامازنىڭ پەرزلىرىنىڭ مىقدارىنى بىر-بىرىگە تەك كەلگۈدەك شەكىلدە ئورۇنداش
[78] نامازنىڭ پەرىزلىرىنىڭ مىقدارىدىنى ئۇزۇنلۇق مۇددىتى جەھەتتە بىر-بىرىگە تەڭ كەلگۈدەك شەكىلدە ئورۇنداش سۈننەت. شۇ ۋەجىدىن، رۇكۇنى، رۇكۇدىن تۇرۇپ ئۆرە تۇرۇشنى، سەجدىنى ۋە ئىككى سەجدە ئارىسىدىكى ئولتۇرۇشنى – مىقدار جەھەتتە – بىر-بىرىگە تەڭ كەلگۈدەك شەكىلدە قىلىدۇ.
[79] رۇكۇدا ۋە سەجدىدە قۇرئان ئوقۇش دۇرۇس ئەمەس.
رۇكۇدىن تۇرۇش
[80] ئاندىن رۇكۇدىن تۇرۇش كېرەك. بۇ پەرزدۇر.
[81] رۇكۇدىن تۇرغاندا «سَمِعَ اللهُ لِمَنْ حَمِدَهُ»( رواه البخاري) «سەمىئەللاھۇ لىمەن ھەمىدە» دەيدۇ. (بۇخارى رىۋايەت قىلغان) بۇنداق قىلىش پەرز.
[82] ئاۋۋالقىغا ئوخشاش رۇكۇدىن تۇرغاندا ئىككى قولنى كۆتۈرىدۇ.
[83] ئاندىن پۈتۈن ئۇستىخان – بوغۇملىرى ئۆز ئورنىغا چۈشكىدەك قەدەر ئۆرە تۇرىدۇ. بۇ پەرز.
[84] ۋە « رَبَّنَا وَلَكَ الْـحَمْدُ. » «رەببەنا ۋەلەكەل ھەمدۇ» دەيدۇ. (بۇخارى رىۋايەت قىلغان)
بۇنىڭدىن باشقا دۇئالارمۇ بار بولۇپ، تەپسىلاتى ئۈچۈن «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ناماز ئوقۇش شەكلى» ناملىق ئەسەرگە قاراڭ.
يۇقارقى دۇئانى ئوقۇماق ھەر قانداق ھالەتتە – ئىمامغا ئىقتىدا قىلغان چاغدىمۇ ئوخشاشلا – پەرز ھېسابلىنىدۇ.چۈنكى بۇ دۇئا رۇكۇدىن تۇرغاندا ئوقۇلىدىغان قىيام دۇئاسىدۇر. «سەمىئەللاھۇ لىمەن ھەمىدە» بولسا رۇكۇدىن تۇرىدىغاندا ئوقۇيدىغان دۇئادۇر.
[85] يۇقىرىدا ئېيتقىنىمىزدەك، ئۇزۇنلۇق جەھەتتە رۇكۇدىن كېيىنكى تۇرۇش مىقدارى رۇكۇنىڭ مىقدارى بىلەن تەڭ بولىدۇ.
[86] ئاندىن «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ سەجدىگە بارىدۇ. «ئاللاھۇ ئەكبەر» دېيىش پەرز.
[87] («ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ تەكبىر ئېيتقاندا) بەزىدە قوللارنى كۆتۈرىدۇ.(ئەسكەرتىش: رۇكۇدىن تۇرۇپ ئىككى قولنى كۆتۈرۈش مۇتىۋاتىر دەرىجىسىدىكى ھەدىس بولۇپ، سەجدىگە بېرىشتىن بۇرۇن يەنە قوللارنى كۆتۈرۈش ھەققىدىكى ھەدىسلەرنى كۆپچىلىك ئۆلىمالار يا زەئىپ، يا ئەمەلدىن قالغان دەپ قوللىمايدۇ.)
سەجدىگە بارغاندا قوللارنى ئىككى تىزدىن بۇرۇن يەرگە قويۇش
(دىققەت: بۇ جەھەتتە ئۆلىمالار ئىختىلاپلاشقان، ئىككى تىزنى ئىككى قولدىن بۇرۇن قويۇش توغرۇلۇقمۇ سەھىھ ھەدىس كەلگەن. شۇڭا، سەجدىگە بارغاندا ئىككى قولىنى ئاۋۋال يەرگە قويغۇچىلارنىڭ ئىككى تىزىنى ئاۋۋال يەرگە قويغۇچىلارنى ئەيىپلىشىگە بولمايدۇ. شۇنداقلا، ئىككى تىزىنى ئاۋۋال يەرگە قويغۇچىلارنىڭ ئىككى قولىنى ئاۋۋال يەرگە قويغۇچىلارنىمۇ ئەيىپلىشىگە بولمايدۇ.)
[ئىككى تىز ئىككى قولدىن ئاۋۋال سەجدىگە بارىدۇ
پەتىۋا كومېتىتىنىڭ پەتىۋاسى
سەجدىگە بارغاندا ئىككى تىز ئىككى قولدىن بۇرۇن يەرگە قويۇلىدۇ. ۋائىل ئىبنى ھۇجۇر بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم سەجدە قىلغاندا ئىككى تىزىنى ئىككى قولىدىن ئاۋۋال يەرگە قوياتتى.» [سنن الترمذي الصلاة (268) ، سنن النسائي التطبيق (1089) ، سنن أبو داود الصلاة (838) ، سنن ابن ماجه إقامة الصلاة والسنة فيها (882) ، سنن الدارمي الصلاة (1320)] ۋائىل ئىبنى ھۇجۇر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن:«مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ سەجدىگە بارغاندا ئىككى تىزىنى ئىككى قولىدىن بۇرۇن قويغىنى، سەجدىدىن تۇرغاندا ئىككى قولىنى ئىككى تىزىدىن بۇرۇن كۆتۈرگىنىنى كۆردۈم.»(ئەبۇ داۋۇد 838، نەسائىي 2\207؛ تىرمىزى 268)
ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم سەجدىگە بارسا ئىككى تىزىنى ئىككى قولىدىن بۇرۇن يەرگە قوياتتى.» (داراقۇتنىي 1\345؛ بەيھەقى 2\99؛ ھاكىم 1\226) ئىمام ھاكىم بۇ ھەدىس ھەققىدە مۇنداق دېگەن: بۇ ھەدىس بۇخارى ۋە مۇسلىمنىڭ شەرتىگە ئۇيغۇن، مەن بۇ ھەدىسنىڭ سەنەدىدە ئاجىزلىق بايقىمىدىم. (پەتىۋا كومېتىتى 6\435)-تەرجىماندىن]
[88] ئاندىن ئىككى تىزىدىن ئاۋۋال ئىككى قولىنى يەرگە قويغان ھالەتتە سەجدىگە بارىدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇشۇنداق قىلاتتى. (ئەسكەرتىش: بۇ ھەقتە كەلگەن ھەدىسنى بىر تۈركۈم ئۆلىمالار توغرا ئەمەس دەپ قارىغان. ئەمما، ئىككىلى تەرەپ بىر-بىرىنى ئەيىپلەپ ئازغۇنغا، ياكى جاھىلغا چىقارمىغان. شۇڭا، خەلقنىڭمۇ ئۆزىگە ئوخشىمىغۇچىلارنى ئەيىپلەشكە، ياكى نەپرەتلىنىشىگە يول يوق) پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم سەجدە قىلغاندا تۆگە چۆككەندەك چۆكۈشتىن چەكلىگەن. چۈنكى، تۆگە يەرگە ياتقاندا ئاۋۋال تىزىنى يەرگە قويىدۇ. (ئەسكەرتىش: بۈيۈك سۈننەت پېشىۋالىرىدىن ئەللامە ئابدۇلئەزىز بىن باز ۋە مۇھەممەد سالىھ ئىبنى ئۇسەيمىن قاتارلىقلار ماقالە-پەتىۋالىرىدا ئىككى تىزنى ئىككى قولنى ئاۋۋال يەرگە قويۇشنىڭ سۈننەت ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ، بۇنى قوللايدىغان نەقلىي ۋە ئەقلىي دەلىللەرنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ رىسالىمىز رەسۇلۇللاھتەك ناماز ئوقۇشنى ئۆگىتىدىغان رىسالىمىزنىڭ قىسقىچە نۇسخىسى بولۇپ، بۇ رىسالىنىڭ تەپسىلىي نۇسخىسىنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇنغان چاغدا، بۇ ھەقتىكى دەلىللەرنى بىر-بىرلەپ ئوتتۇرىغا قويىمىز ئىنشائاللاھ. جۈملىدىن، يۇقارقى سۈننەت پېشىۋالىرى «تۆگىنى ئىنسان بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئۇنىڭ ئىككى ئالدى پۇتى ئىنساننىڭ ئىككى قولى باراۋىرىدە كېلىدۇ، تۆگىنىڭ ياتىدىغاندا باشتا ئىككى تىزىنى يەرگە قويىشى ئىنساننىڭ سەجدىگە بارىدىغاندا ئىككى قولىنى يەرگە قويۇشىغا ئوخشايدۇ دەپ سەھىھ ھەدىستىن ئىككى تىزنى ئاۋۋال يەرگە قويۇشقا دەلىل ئەكەلگەن.)
[89] سەجدىدە ئىككى قولغان تايىنىپ تۇرىدۇ ۋە ئالىقانلارنى يەرگە قويىدۇ. بۇ پەرز.
[90] قوللارنىڭ بارماقلىرىنى ئېچىۋالماستىن جۈپلەپ تۇرىدۇ.
[91] قوللارنىڭ بارماقلىرى قىبلىگە قارىتىلىدۇ.
[92] قوللارنى ئىككى مۈرىنىڭ ئۇدۇلىدا تۇتىدۇ.
[93] قوللارنى بەزىدە قۇلىقىنىڭ ئۇدۇلىدا تۇتىدۇ.
[94] جەينەكلىرىنى يەرگە چاپلىۋالماي، يەردىن كۆتۈرۈپ تۇتىدۇ. بۇ پەرز. ئىت قولىنى جەينىكى بىلەن قوشۇپ يەرگە چاپلىۋالغاندەك يەرگە چاپلىۋېلىشقا بولمايدۇ.
[95] بۇرۇن ۋە پېشانە سەجدىگاھقا تېگىشىپ تۇرىدۇ. بۇ پەرز.
[96] ئىككى تىز يەرگە تېگىپ تۇرىدۇ. بۇ پەرز.
[97] پۇتلىرىنىڭ بارماقلىرىنىمۇ ئوخشاشلا يەرگە چاپلاپ تۇرىدۇ.
[98] پۇتنى تىك تۇتىدۇ. بۇ ۋە يۇقارقىلارنىڭ ھەممىسى پەرز.
[99] پۇت بارماقلىرىنىڭ ئۇچىنى قىبلىگە قاراتقان ھالەتتە يەرگە چاپلاپ تۇرىدۇ.
[100] ئىككى ھوشۇقنىڭ ئىچ تەرىپىنى بىر-بىرىگە چاپلاپ تۇتىدۇ.
سەجدىنى كامىل قىلىش
[101] ناماز ئوقۇغۇچىنىڭ سەجدىنى ماكىم قىلىشى پەرز. سەجدىدە سەجدە قىلغان ئەزالارنىڭ ھەممىسىگە ئوخشاش ھالەتتە تايىنىدۇ. بۇ ئەزالار: پېشانە بىلەن بۇرۇن، ئىككى قول، ئىككى تىز ۋە پۇت بارماقلىرىدىن ئىبارەت.
[102] كىمكى مۇشۇ خىل ھالەتتە مۇقىم تۇرۇپ سەجدىنى كامىل قىلسا، سەجدىنى مۇكەممەل قىلغان بولىدۇ. سەجدىنى مۇكەممەل قىلىش پەرزدۇر.
[103] سەجدىدە  ئۈچ قېتىم ياكى ئۈچ قېتىم ئارتۇق «سُبْحَانَ رَبِّىَ الْأَعْلَى» (رواه أحمد وأبو داود وابن ماجه) دەيدۇ.
[104] سەجدىدە دۇئانى كۆپ قىلىش مۇستەھەپ (ئەۋزەل). چۈنكى سەجدە دۇئانىڭ ئىجابەت بولىدىغان جايىدۇر.
[105] سەجدىنىڭ ئۇزۇنلۇق مىقدارى رۇكۇنىڭ ئۇزۇنلۇق مىقدارىغا يېقىن بولىدۇ.
[106] بىۋاسىتە يەرگە ياكى كىيىم، كىگىز-گىلەم، سېلىنچا ياكى بۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەرنىڭ ئۈستىگە سەجدە قىلىش دۇرۇس.
[107] سەجدىدە قۇرئان ئوقۇش چەكلىنىدۇ.
ئىككى سەجدە ئارىسىدا ئولتۇرۇش
[108] سەجدىدىنى بېشىنى كۆتۈرۈپ «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەيدۇ. بۇنداق دېيىش پەرز.
[109] بەزىدە ئىككى قولىنى كۆتۈرىدۇ.
[110] ئاندىن پۈتۈن ئۇستىغان-بوغۇملىرى ئۆز جايىغا چۈشكۈدەك ھالەتتە ئولتۇرىدۇ.
[111] سول پۇتىنى يەرگە يېيىپ سۇل پۇتىنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرىدۇ.
[112] ئوڭ پۇتىنى تىك تۇتىدۇ.
[113] ئوڭ پۇتىنىڭ بارماقلىرىنى قىبلىگە قارىتىدۇ.
[114] بەزىدە ھوشۇقىنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇشىمۇ دۇرۇس.
[115] بۇ خىل ھالەتتە ئولتۇرۇپ «اللَّهُمَّ  اغْفِرْ لِى، وَارْحَمْنِى، وَاجْبُرْنِى، وَارْفَعْنيِ، وَاهْدِنِى، وَارْزُقْنِى، و عَافِنِي،       و ارْزُقْنِي» (رواه أبو دود والترمذي وابن ماجه والحاكم) دەيدۇ.
[116] خالىسا مۇنداق دەيدۇ:« رَبِّي اغْفِرْ لِي ، رَبِّي اغْفِرْ لِي»(رواه ابن ماجه وأحمد)
ئەسكەرتىش: ئۆلىمالارنىڭ بىر تۈركۈمى، جۈملىدىن ئەللامە ئىبنى باز، ئىبنى ئۇسەيمىن، سالىھ ئەلفەۋزان ۋە ھەنبەلىي ئۆلىمالىرى ئىككى سەجدە ئارىسىدىكى ئولتۇرۇشتا « رَبِّي اغْفِرْ لِي » نى بىر قېتىم دېيىش پەرز دەپ قارايدۇ. چۈنكى، رەسۇلۇللاھ «نامازنى مېنى كۆرگەندەك ئوقۇڭلار دەپ بۇيرۇغان» (بۇخارى ۋە دارىمىي). نامازنى رەسۇلۇللاھتەك ئوقۇش پەرز بولۇپ رەسۇلۇللاھ ئىككى سەجدە ئارىسىدىكى ئولتۇرۇشتا « رَبِّي اغْفِرْ لِي » دەيتتى. بۇ ۋەجىدىن بۇنداق دېيىش پەرز ھېسابلىنىدۇ.
[117] بۇ ئولتۇرۇشنىڭ ئۇزۇنلۇقى سەجدىگە يېقىنلاشقۇدەك دەرىجىدە بولىدۇ.
[118] ئاندىن «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ ئىككىنجى سەجدىگە بارىدۇ. بۇ پەرز.
[119] بەزىدە بۇ تەكبىر بىلەن بىرلىكتە قوللىرىنى كۆتۈرىدۇ.
[120] ئىككىنجى سەجدىنى قىلىدۇ. بۇمۇ پەرز ھېسابلىنىدۇ.
[121] ئىككىنجى سەجدىنى بىرىنچى سەجدىگە ئوخشاش قىلىدۇ.
ئىككىنجى سەجدىدىن كېيىنكى (ئارام ئېلىش) ئولتۇرۇش
[122] ئىككىنچى رەكئەتتىن بېشىنى كۆتۈرۈپ ئىككىنچى رەكئەتكە تۇرۇشتىن ئاۋۋال ئاللاھۇ ئەكبەر دەيدۇ. بۇ پەرز.
[123] بەزىدە قوللىرىنى كۆتۈرىدۇ.
[124] ئىككىنجى رەكئەتكە قوپۇشتىن ئاۋۋال پۈتۈن ئۇستىخانلىرى جايىغا چۈشكىچە قەدەر سول پۇتى ئۈستىدە ئولتۇرىدۇ.
ئىككىنجى رەكئەت:
[125] ئاندىن، خېمىر يۇغۇرغان كىشىنىڭ مۇشتىنى تۈگكىنىگە ئوخشاش، تۈگۈلگەن ئىككى مۇشتىغا تايىنىپ ئىككىنجى رەكئەتكە تۇرىدۇ. بۇ پەرز.
[126] ئىككىنجى رەكئەتتە بىرىنجى رەكئەتتە قىلغىنىنىڭ ئەينىنى قىلىدۇ.
[127] بىراق، ئىككىنجى رەكئەتتە (بىرىنچى رەكئەتتە سۈرە فاتىھەدىن بۇرۇن ئوقۇلىدىغان) ئىفتىتاھ دۇئاس ئوقۇلمايدۇ.
[128] ئىككىنجى رەكئەتنى بىرىنجى رەكئەتكە قارىغاندا بىر ئاز قىسقا قىلىدۇ.
بىرىنچى تەشەھھۇد ئۈچۈن ئولتۇرۇش
[129] ئىككىنچى رەكئەتنى تۈگەتكەندىن كېيىن تەشەھھۇدتا ئولتۇرىدۇ. تەشەھھۇدتا ئولتۇرۇش پەرز.
[130] تەشەھھۇدتا ئولتۇرغاندا ئىككى سەجدە ئارىسدا ئولتۇرغاندىكىدەك ئوڭ پۇتىنى تىكلەپ بارماقلىرىنى قىبلىگە قارىتىپ، سول پۇتىنى بېسىپ ئولتۇرىدۇ.
[131] بىراق، بۇ چاغدا ھوشۇقلىرىنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇشى دۇرۇس ئەمەس.
[132] ئوڭ قولىنى ئوڭ يوتىسى بىلەن ئوڭ تىزىنىڭ ئۈستىگە قويىدۇ. ئوڭ قولىنىڭ جەينىكىنى يوتىسىدىن يىراق تۇتۇۋالماستىن، يوتىسىنىڭ ئۈستىگە قويىدۇ.
[133] سول قولىنى سول يوتىسى بىلەن سول تىزىنىڭ ئۈستىگە قويىدۇ.
[134] قولىغا تايىنىپ، بولۇپمۇ سول قولىغا تايىنىپ ئولتۇرۇشى دۇرۇس ئەمەس.
ئوڭ قولىنىڭ كۆرسەتكۈچ بارمىقىنى مىدىرتىش ۋە مىدىرىتىۋاتقان بارماق قاراش
[135] كۆرسەتكۈچ بارمىقىدىن باشقا بارماقلىرىنىڭ ھەممىسىنى يۇمىدۇ، بەزىدە (باشقا قالغان ئىككى بارمىقى يۇمۇقلۇق ھالەتتە) باش بارمىقىنى ئوتتۇرا بارمىقىغا قويىدۇ.
[136] بەزىدە باش بارمىقى بىلەن ئوتتۇرا بارمىقىنىڭ ئۇچىنى بىرلەشتۈرۈپ چەمبەر ھالىتىگە كەلتۈرىدۇ.
[137] ئىشارەت بارمىقى بىلەن قىبلە تەرەپنى كۆرسىتىپ مىدىرلىتىدۇ.
[138] بۇ ھالەتتە باش بارمىقىغا قارايدۇ.
[139] تەشەھھۇدنىڭ باشتىن ئايىقىغىچىلىك ئىشارەت بارمىقىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ دۇئا قىلىدۇ.
[140] سول قولىنىڭ ئىشارەت بارمىقى بىلەن ئىشارەت قىلىشقا بولمايدۇ.
[141] يۇقارقىلارنىڭ ھەممىسىنى ھەممە تەشەھھۇدتا قىلىدۇ.
تەشەھھۇد دۇئاسى ۋە تەشەھھۇدتىن كېيىنكى دۇئالار
[142] تەشەھھۇدتا ئولتۇرۇش پەرز. تەشەھھۇدتا ئولتۇرۇشنى ئۇنۇتقان كىشى سەھۋەنلىك سەجدىسى قىلىدۇ.
[143] تەشەھھۇد دۇئاسى مەخپىي ئوقۇلىدۇ.
[144] تەشەھھۇد دۇئاسى مۇنداق:« اَلتّحِيّاتُ ِللهِ وَالصّلَوَاتُ وَالطَّيِّبَاتُ. اَلسَّلاَمُ عَلَيْكَ أيُّهَا النّبىُّ وَرَحْمَةُ اللّهِ وَبَركَاتُهُ، اَلسَّلاَمُ عَلَيْنَا وَعَلى عِبَادِ اللّهِ الصّالِحِينَ، أَشْهَدُ أنْ لاَ إلَهَ إلاَّ اللهُ، وَأَشْهَدُ أنَّ مُحَمّداً عَبْدُهُ وَرَسُولُهُ.»[ رواه البخاري ومسلم]
[145] تەشەھھۇد دۇئاسىدىن كېيىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە مۇنداق دۇرۇت ۋە سالام يوللىنىدۇ:« اَللّهُمَّ صَلِّ عَلَى مُحَمّدٍ وَعَلَى آلِ مُحَمّدٍ كَمَا صَلَّيْتَ عَلَى إِبْرَاهِيمَ وَعَلَى آلِ إِبْرَاهِيمَ اِنَّكَ حَمِيدٌ مَجِيدٌ . اَللّهُمَّ بَارِكْ عَلىَ مُحَمّدٍ وَعَلَى آلِ مُحَمّدٍ كَمَا بَارَكْتَ عَلى إِبْرَاهِيمَ وَعلى آلِ إِبْرَاهِيمَ اِنَّكَ حَمِيدٌ مَجِيدٌ.» [رواه البخاري ومسلم]
[146] پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە قىلىنىدىغان دۇرۇت-سالامنى يۇقارقىدىنمۇ قىسقا قىلماقچى بولسا (يۇقارقىنىڭ ئورنىغا) مۇنداق دەيدۇ:« اَللّهُمَّ صَلِّ عَلى مُحَمّدٍ وَعلى آلِ مُحَمّدٍ و بَارِكْ عَلى مُحَمّدٍ وَعلى آلِ مُحَمّدٍ كَمَا صَلَّيْتَ و بَارَكْتَ عَلى إِبْرَاهِيمَ وَعلى آلِ إِبْرَاهِيمَ اِنَّكَ حَمِيدٌ مَجِيدٌ.»[ رواه النسائي]
[147] بۇنىڭدىن كېيىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بۇنىڭدىن كېيىن ئوقۇغان دۇئالاردىن خالىغىنىنى ئوقۇسا بولىدۇ.
ئۈچىنچى ۋە تۆتىنچى رەكئەتلەر
[148] (ناماز ئۈچ ياكى تۆت رەكئەتلىك بولسا، بىرىنچى تەشەھھۇدتىن) كېيىن ‹ئاللاھۇ ئەكبەر› دەپ تۇرىدۇ. بۇ پەرز. تەكبىرنى ئوتتۇرغان ھالەتتە دېيىش سۈننەتتۇر.
[149] تەكبىر ئېيتقاندا بەزىدە قوللىرىنى كۆتۈرىدۇ.
[150] ئاندىن ئۈچىنچى رەكئەتكە تۇرىدۇ. بۇ ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى رەكئەتلەرگە تۇرماقمۇ نامازنىڭ پەرزلىرىدىن ھېسابلىنىدۇ.
[151] ئوخشاشلا تۆتىنچى رەكئەتكە تۇرماقچى بولغاندىمۇ يۇقارقىدەك قىلىدۇ.
[152] بىراق، تۆتىنچى رەكئەتكە تۇرۇشتىن ئاۋۋال پۈتۈن ئۇستىخان-بوغۇملىرى جايىغا چۈشىكىدەك قەدەر سول پۇتىنىڭ ئۈستىدە راۋۇرۇس ئولتۇرىدۇ.
[153] ئاندىن ئىككىنچى رەكئەتتىن تۇرغاندىكىگە ئوخشاش قوللىرى بىلەن يەرگە تايىنىپ تۇرۇپ ئۆرە بولىدۇ. (بىر رەكئەتتىن يەنە بىر رەكئەتكە تۇرۇشتا قولغا تايىنىپ تۇرۇش ياكى تايانماي تۇرۇشتا كەڭچىلىك بار. تايانماي تۇرالايدىغانلار تايانمايلا تۇرىدۇ. بەدىنى ئاجىزلاپ قالغان كېسەل ئاغرىق ياكى قېرىپ ماغدۇرسىزلىنىپ كەتكەنلەر ئەلۋەتتە قولى بىلەن تايىنىپ تۇرىدۇ.)
[154] ئاندىن ئۈچىنچى ۋە تۆتىنچى رەكئەتتە سۈرە فاتىھە ئوقۇيدۇ. بۇ پەرز.
[155] (ئۈچىنچى ۋە تۆتىنجى رەكئەتتە سۈرە فاتىھەدىن كېيىن) بەزىدە بىر ئايەت ياكى بىر ئايەتتىن جىقراق ئايەت ئوقۇيدۇ.
بالا ۋە مۇسىبەت دەۋرىدە ئوقۇلىدىغان قۇنۇت دۇئاسى ۋە بۇ دۇئا ئوقۇلىدىغان جاي
[156] مۇسۇلمانلارنىڭ بېشىغا كەلگەن بالا ۋە مۇسىبەت سەۋەبلىك بالا قازاغا ئۇچرىغان مۇسۇلمانلارغا دۇئا ئوقۇش سۈننەتتۇر.
[157] (نامازدىكى) قۇنۇت دۇئاسى ئوقۇلىدىغان جاي رۇكۇدىن تۇرغاندىن كېيىن «رەببەنا ۋەئەلەك ھەمد» دېگەندىن كېيىن (ئۆرە تۇرغان ھالدا) ئوقۇلىدۇ.
[158] قۇنۇت دۇئاسى ئۈچۈن مۇئەييەن دۇئا يوق. ئەكسىچە، مۇسۇلمانلارنىڭ بېشىغا كەلگەن بالاغا ئۇيغۇن ھالەتتە دۇئا قىلىدۇ.
[159] بۇ دۇئادا ئىككى قولىنى كۆتۈرىدۇ.
[160] ئىمام بولسا ئاشكارا دۇئا قىلىدۇ.
[161] ئىمامنىڭ ئارقىسىدىكىلەر ئىمامنىڭ دۇئاسىغا «ئامىن» دەيدۇ.
[162] ئىمام دۇئاسىنى تۈگەتكەندىن كېيىن (‹ئاللاھۇ ئەكبەر› دەپ) تەكبىر ئوقۇپ سەجدىگە بارىدۇ.
ۋىتىر نامىزىدىكى قۇنۇت دۇئاسى ۋە ئۇنىڭ شەكلى
[163] ۋىتىر نامىزىدىكى قۇنۇت دۇئاسىغا كەلسەك، بۇ دۇئانى بەزىدە ئوقۇش سۈننەت.
[164] بالا ۋە مۇسىبەت دەۋرىدىكى قۇنۇت دۇئاسىنىڭ ئەكسىچە، ۋىتىر نامىزىدىكى قۇنۇت دۇئاسى رۇكۇغا بېرىشتىن ئاۋۋال ئوقۇلىدۇ.
[165] ۋىتىرنىڭ قۇنۇتىدا مۇنۇ دۇئانى ئوقۇيدۇ:« اللَّهُمَّ اهْدِنِى فِيمَنْ هَدَيْتَ، وَعَافِنِى فِيمَنْ عَافيْتَ، وَتَوَلَّنِى فِيمَنْ تَوَلَّيْتَ، وَبَارِكْ لِى فِيمَا أَعْطَيْتَ، وَقِنِى شَرَّ مَا قَضَيْتَ، فَإِنَّكَ تَقْضِي ولاََ يُقْضَى عَلَيْكَ، وَإنَّهُ َ لاَ يَذِلُّ مَنْ وَالَيْتَ، و لاَ يَعِزُّ مَنْ عَادَيْتَ، تَبَارَكَتْ رَبَّنَا وَتَعَالَيْتَ، لاَ مَنْجَى مِنْكَ إِلاَّ إِلَيْكَ»[رواه ابن خزيمة] (مەنىسى: ئى ئاللاھىم! ئۆزۈڭ ھىدايەت قىلغان كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا مېنىمۇ ھىدايەت قىلغىن؛ ئۆزۈڭ سالامەتلىك بەرگەنلەرنىڭ ئارىسدا ماڭىمۇ سالامەتلىك بەرگىن؛ ئۆزۈڭ دوست تۇتقانلارنىڭ ئارىسىدا مېنىمۇ دوست تۇقىن؛ ماڭا بەرگەنلىرىڭنى بەرىكەتلىك قىلغىن، ھەققىمىدىكى يامانلىقلاردىن مېنى قوغدىغىن؛ چۈنكى، سەن ھۆكۈم قىلىسەن، ھېچكىم سېنىڭ ئۈستۈڭدىن ھۆكۈم چىقىرالمايدۇ؛ جەزمەنكى، سەن دوست تۇتقانلار ئەسلا خار بولمايدۇ، سەن دۈشمەن تۇتقانلار ئەسلا ئەزىز بولمايدۇ؛ ئى رەببىن، سەن ئۇلۇغ ۋە ئالىيسەن؛ سېنىڭ (ئازابىڭدىن قۇتۇلۇش) پەقەتلا (ساڭا لايىق رەۋىشتە ئىبادەت قىلىش بىلەن) بولىدۇ. ‹ئىمام ئىبنى خۇزەيمە رىۋايەت قىلغان سەھىھ ھەدىس›)
[166] بۇ دۇئانى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۆگەتكەنلىكى ئۈچۈن، ساھابىلەرنىڭ ئوقۇغانلىقىمۇ ئىسپاتلانغانلىقى ئۈچۈن بۇ دۇئانى ئوقۇماق دۇرۇس ھېسابلىنىدۇ. (ۋىتىر نامىزىنىڭ قۇنۇتىغا ئائىت مەلۇماتلار مۇشۇ يەردە ئاياقلاشتى)
[167] ئاندىن رۇكۇغا بارىدۇ. باشتا ئېنىق بايان قىلغىنىمىزدەك ئىككى قېتىم سەجدە قىلىدۇ.
ئاخىرقى تەشەھھۇد ۋە تەۋەررۇك ئۇلتۇرۇش
[168] ئاندىن ئاخىرقى تەشەھھۇد ئۈچۈن ئولتۇرىدۇ.
[169] بىرىنچى تەشەھھۇدتا قانداق قىلغان بولسا، بۇ تەشەھھۇدتىمۇ شۇنى قىلىدۇ.
[170] بىراق، ئاخىرقى تەشەھھۇدتا ئولتۇرغاندا سول پۇتىنى ئوڭ پۇتىنىڭ پاچىقى ئاستىدىن ئۆتكۈزۈپ ئولتۇرىدۇ.
[171] ئوڭ پۇتىنى تىكلەپ ئولتۇرىدۇ.
[172] بەزىدە ئوڭ پۇتىنىمۇ يېيىپ ئولتۇرۇشى دۇرۇس.
[173] سول قولىنى سول تىزىنى قاپلىغۇدەك شەكىلدە تىز (ۋە يوتا) ئۈستىگە قويۇپ، شۇ قولىغا تايىنىپ ئولتۇرىدۇ.
[174] ئاخىرقى تەشەھھۇدتا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە دۇرۇت سالام يوللاش ناماز ئوقۇغۇچى ئۈچۈن پەرز ھېسابلىنىدۇ.
[175] (تەشەھھۇد دۇئاسى ۋە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە دۇرۇت سالام ئوقۇغاندىن كېيىن) تۆت نەرسىدىن پاناھ تىلەپ مۇنداق دۇئا قىلىدۇ:« اَللَّهُمَّ إنِّى أَعُوذُ بِكَ مِنْ عَذَابِ جَهَنّمَ، وَ مِنْ عَذَابِ الْقَبْرِ، وَ مِنْ فِتْنَةِ المَحْيَا وَالـْمَمـَاتِ، و مِنْ شَرِّ (فِتْنَةِ) الْـمَسيِحِ الدَّجَّالِ.»[ رواه أبو داود وأحمد]
دۇئادا كەلگەن ھاياتلىق پىتنىسى: ئىنسان ھاياتىدا دۇنياۋىي شەھۋەتلەر بىلەن سىنىلىشىدۇر.
ئۆلۈم پىتنىسى: قەبىر پىتنىسى ۋە ئىككى پەرىشتىن سوراققا تارتىشىدۇر.
مەسىھ دەججالنىڭ پىتنىسى: دەججال كۆرۈلىدىغان ئادەتتىن تاشقىرى ھالەتلەر سەۋەبلىك نۇرغۇنلىغان كىشىلەر شۇ سەۋەبلىك ئېزىپ كېتىدىغان ۋە دەججالنىڭ ئىلاھلىق داۋاسىغا ئىنسانلارنىڭ ئاۋاز قوشۇشىدۇر.
سالامدىن ئىلگىرىكى دۇئا
[176] ئاندىن، ئۆزى ئۈچۈن قۇرئان ۋە سۈننەتتە كەلگەن دۇئالارنى ئوقۇيدۇ. بۇ ھەقتىكى دۇئالار بەك كۆپ. ئەگەر بۇ ھەقتە قۇرئان سۈننەتتىكى دۇئالاردىن ھېچنېمىنى بىلمىسە، ئۆزىگە ئاسان توختايدىغان شەكىلدە ھەم دىنىغا، ھەم دۇنياسىغا پايدىلىق دۇئالار بىلەن دۇئا قىلىدۇ.
سالام ۋە سالام بېرىش شەكىللىرى
[177] ئاندىن ئوڭ مەڭزىنىڭ ئاقلىقى ئارقىسىدىن (قارىغانلارغا) كۆرۈنگۈدەك شەكىلدە ئوڭ تەرەپكە سالام بېرىدۇ.
[178] ئانندىن سول مەڭزىنىڭ ئاقلىقى ئارقىسىدىن (قارىغانلارغا) كۆرۈنگۈدەك شەكىلدە سول تەرەپكە سالام بېرىدۇ.
[179] ئىمام سالام بەرگەندە ئاۋازىنى كۆتۈرىدۇ.
[180] سالامنىڭ نەچچىلىگەن شەكلى بولۇپ، بۇلار تۆۋەندىكىچە:
بىرىنجى خىل شەكلى:
ئوڭ تەرىپىگە: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.
سول تەرىپىگە: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.
ئىككىنجى خىل شەكلى:
ئوڭ تەرىپىگە: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھ.
سول تەرىپىگە: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھ.
ئۈچىنجى خىل شەكلى:
ئوڭ تەرىپىگە: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھ.
سول تەرىپىگە: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.
تۆتىنجى خىل شەكلى:
بېشىنى ئوڭ تەرەپكە ئازغىنە بۇراپ «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم» دېيىش. (يەنى: ئوڭ تەرىپىگىلا سالام بېرىش.)
ئى مۇسۇلمان قېرىندىشىم!
مانا بۇ مېنىڭ قۇلۇمدىن كېلىشىچە «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ناماز ئوقۇش شەكلى» دىن ئەڭ ئىخچاملاپ، سەن بەئەينى رەسۇلۇللاھنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتقاندەك شەكىلدە ئۆگەنەلەيدىغان قىلىپ تەييارلىغان بىلىملەردۇر. نامازنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ساڭا ئۆگەتكىنى بويىچە ئۇ زاتقا ئوخشاش ئوقۇساڭ، ئاللاھ تائالانىڭ بۇ نامىزىڭنى قوبۇل قىلىشىدىن ئۈمىدلىكمەن. چۈنكى، سەن نامازنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدەك ئوقۇش ئارقىلىق پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ { صَلـوُّا كَمـَا رَأَيْـتمُوُنيِ أُصَـلِّي}«نامازنى مېنىڭ ئوقۇغۇنىمنى كۆرگەندەك (ماڭا ئوخشاش) ئوقۇڭلار» (بۇخارى) دېگەن بۇيرۇقىغا ئىتائەت قىلغان بولىسەن.
بۇنىڭدىن كېيىن سېنىڭ نامازغا قەلبىڭ بىلەن ھازىر بولۇشۇڭ ۋە نامازنى خۇشۇئ بىلەن ئوقۇشۇڭ كېرەك بولىدۇ. چۈنكى، بەندىنىڭ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا تۇرۇشتىكى ئەڭ بۈيۈك غايىسى نامازنى خۇشۇئ بىلەن ئوقۇشىدۇر. ساڭا ئېيتىلىۋاتقان خۇشۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن ئۆرنەك ئېلىشىڭغا باغلىق. نامازدا خۇشۇئنى قانچىلىك دەرىجىدە ھاسىل قىلساڭ، ئاللاھنىڭ مۇنۇ ئايەتتە ئېيتىلغان نەتىجىنى شۇنچىلىك دەرىجىدە قولغا كەلتۈرگەن بولىسەن:
{ إن الصلاة تنهى عن الفحشاء والمنكر}«شۈبىھسىكى ناماز، ئىنساننى ھەر تۈرلۈك ھاياسىزلىقتىن ۋە يامانلىقتىن توسىدۇ.»[ سورة العنكبوت من الآية: ٤٥]
ئاخىرقى سۆز: ئاللاھ تائالانىڭ ناماز ۋە باشقا ئىبادەتلىرىمىزنى قوبۇل قىلىشىنى، نە مال، نەل بالا-چاقا ھېچقانداق پايدا بەرمەيدىغان قىيامەت كۈنىدە نامازلىرىمىزنىڭ ساۋابىنى بىز ئۈچۈن ساقلىشىنى تىلەيمىز.
ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن:{ لا ينفع مالٌ ولا بنونٌ إلا من أتى الله بقلب سليم}« ئۇ كۈنى (ھېچ كىشىگە) مال ۋە ئوغۇللار پايدا يەتكۈزەلمەيدۇ. پەقەت (ئاللاھ نىڭ دەرگاھى) غا پاك قەلب بىلەن (مۇناپىقلىق ۋە پاسىقلىقتىن) يىراق ھال بىلەن كەلگەن ئادەمگىلا پايدا يەتكۈزۈلىدۇ»[ سورة الشعراء الآية: ٨٨]
(يۇقارقى رىسالىنى بۈيۈك ھەدىس ئالىمى مۇھەممەد ناسىرۇددىن ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ ئۆزى يازغان «تەكبىردىن سالامغىچە –بەئەينى سەن كۆرۈپ تۇرغىنىڭدەك- رەسۇلۇللاھنىڭ نامىزى» ناملىق كىتابىدىن ئۆزى ئىخچاملاشتۇردى. ئاللاھ بۇ زاتقا رەھمەت قىلسۇن.)
ئاپتورى: مۇھەددىس شەيخ مۇھەممەد ناسىرۇددىن ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ (ۋاپاتى ھىجرىيە 1420-يىلى، مىلادىيە 1999-يىلى)
«فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
mujtehid.com
The post ئىمام ئەلبانى: رەسۇلۇللاھتەك ناماز ئوقۇش قائىدىسى first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
The post ئىمام ئەلبانى: رەسۇلۇللاھتەك ناماز ئوقۇش قائىدىسى appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
مۇھەددىس ئەلبانى: دۇئادىن كېيىن يۈزنى سىيپاش ھەدىسلىرىنىڭ زەئىپلىكىنىڭ بايانى
دۇئادىن كېيىن يۈزنى سىيپاش توغرىسدا كەلگەن ھەدىسلەرنىڭ زەئىپلىكىنىڭ بايانى
بۇ ماقالە 20-ئەسىردىكى مەشھۇر مۇھەددىس ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ (ۋاپاتى: 1999-يىلى) نىڭ «ئىرۋائۇل غەلىل» ناملىق ئەسىرىنىڭ 2-جىلد، 178~182-بەتلىرىدىن تەرجىمە قىلىندى
مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلدى
mujtehid.com
بىرىنجى ھەدىس: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم دۇئادا قوللىرىنى كۆتۈرسە، قوللىرى بىلەن يۈزىنى سىيپىمىغۇچە قوللىرىنى چۈشۈرمەيتتى.»
بۇ ھەدىس زەئىپ. بۇ ھەدىسنى تىرمىزى (2-244)، ئىبنى ئەساكىر (7-12-2) رىۋايەت قىلغان. ھەدىسنىڭ سەنەدىدە ھامماد ئىبنى ئىسا ئەل جۇھەنىي بار. (ھەدىس ھەزىرتى ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا تۇتىشىدۇ، ھەدىسنىڭ سەنەدى قىسقارتىلدى.)
ئىمام تىرمىزى بۇ ھەدىسنى بايان قىلغاندىن كېيىن مۇنداق دېگەن: بۇ ھەدىس سەھىھ غەرىپتۇر. بىز بۇ ھەدىسنىڭ پەقەتلا ھامماد ئىبنى ئىيساغا تەۋە ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. بۇ ھەدىسنى يالغۇز ئۇلا رىۋايەت قىلغان. ئۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىس ئاز بولسىمۇ، كىشىلەر ئۇنىڭدىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان. (تىرمىزىنى باھاسى تۈگىدى)
ھالبۇكى، ئىبنى ھەجەر تەھرىبتا ئېيتقىنىدەك: بۇ ھەدىسنىڭ سەنەدى ئاجىزدۇر. ئىبنى ھەجەر ھامماد ئىبنى ئىسا توغرىسىدا تەھزىبتا مۇنداق دېگەن:
يەھيا ئىبنى مەئىين ئۇنى (يەنى بۇ ھەدىسنىڭ سەنەدىدىكى ھامماد ئىبنى ئىسانى) «شەيخۇن سالىھ»(ھەدىسى دەلىل سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنمايدىغان راۋىي) دېگەن.
ئەبۇ ھاتىم (بۇ ھەدىسنىڭ سەنەدىدىكى ھامماد ئىبنى ئىسانى) «ھەدىسى زەئىپ» دېگەن.
ئەبۇ داۋۇد (بۇ ھەدىسنىڭ سەنەدىدىكى ھامماد ئىبنى ئىسانى) «ئاجىز راۋىي، مۇنكەر ھەدىسلەرنى رىۋايەت قىلىدۇ» دېگەن. ھاكىم بىلەن نەققاش «ئۇ ئىبنى جۇرەيج ۋە جەئفەر سادىق ئارقىلىق يالغان ھەدىس رىۋايەت قىلىدۇ» دېگەن.
داراقۇتنى ئۇنى «زەئىپ راۋىي» دېگەن.
ئىبنى ھىببان «ئۇ ئىبنى جۇرەيج ۋە ئابدۇلئەزىز ئىبنى ئۇمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىزنىڭ نامىدا خاتا يول بىلەن ھەدىس رىۋايەت قىلىدۇ. بۇ ئىلىمنى چۈشىنىدىغانلار ئۇنىڭ قەستەنلىك بىلەن قىلغان رىۋايىتىنى بىلىۋالالايدۇ، ئۇنىڭدىن كەلگەن ھەدىسنى ھۆججەت قىلىش جائىز ئەمەس» دېگەن.
ئىبنى ماكولا «مۇھەددىسلەر ئۇنىڭ ھەدىسىنى زەئىپ دەپ جاكارلىغان» دېگەن.
دېمەك، بۇ ھەدىس بەك زەئىپ بولغانلىقتىن، ھەسەنلىك دەرىجىسىگە چىقالمايدۇ، سەھىھ بولۇشى تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس.
بۇ ھەقتىكى باشقا بىر ھەدىستە مۇنداق دېيىلگەن:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم دۇئا قىلىپ قوللىرىنى كۆتۈرسە، قوللىرى بىلەن يۈزىنى سىيپايتتى.»
بۇ ھەدىس زەئىپ. بۇ ھەدىسنى ئەبۇ داۋۇد (1492-نومۇرلۇق ھەدىس) رىۋايەت قىلغان بولۇپ، ھەدىسنىڭ سەنەدىدىكى ھەفس ئىبنى ھىشام نامەلۇم، شۇنداقلا بۇ ھەدىسنىڭ سەنەدىدىكى ئىبنى لاھىئەمۇ زەئىپ راۋىيدۇر.
كۆرگىنىمىزدەك، بىرىنچى ھەدىس بەك زەئىپ بولغانلىقتىن، بۇ ئىككى ھەدىس بىر-بىرىنى كۈچەيتەلمەيدۇ-ھەسەنلىك دەرىجىسىگە كۆتۈرەلمەيدۇ.
ئىككىنجى ھەدىس: «ئاللاھقا دۇئا قىلساڭلار قولۇڭلارنىڭ دۈمبىسى بىلەن ئەمەس ئالقىنى بىلەن دۇئا قىلىڭلار، دۇئانى تۈگەتكەندە ئالقىنىڭلار بىلەن يۈزۈڭلارنى سىيپاڭلار.»
بۇ ھەدىس زەئىپ. ئىبنى ماجە (1181، 3866)، ئىبنى نەسىر – قىيامۇل لەيل (137-بەت)، تەبرانى-ئەلكەبىر (3-98-1)، ھاكىم (1-536) سالىھ ئىبنى ھەسساندىن، ئۇ مۇھەممەد ئىبنى كەئىبتىن، ئۇ ئىبنى ئابباستىن رىۋايەت قىلغان مەرفۇئ ھەدىستۇر.
بۇخارى بۇ ھەدىسنىڭ سەنەدىدىكى سالىھ ئىبنى ھەسسانغا «ھەدىسى مۇنكەر» دەپ باھا بەرگەنلىكتىن، بۇ ھەدىس زەئىپتۇر.
نەسائىي بۇ ھەدىسنىڭ سەنەدىدىكى سالىھ ئىبنى ھەسسانغا «ھەدىسى ئېلىنمايدۇ» دەپ باھا بەرگەن.
ئىبنى ھىببان بۇ ھەدىسنىڭ سەنەندىدىكى سالىھ ئىبنى ھەسسان توغرۇلۇق «ئۇ ناخشىچى دېدەكلەرگە ئىگە بولغان، مۇزىكا ئاڭلىغان، ئىشەنچىلىك راۋىيلار نامىدىن يالغان ھەدىس توقىغان» دەپ باھا بەرگەن.
ئىبنى ئەبۇ ھاتىم «كىتابۇل ئىئلال» دا مۇنداق دېگەن (2-351) «دادام (ئەبۇ ھاتىم رازى) دىن بۇ ھەدىس توغرۇلۇق سورىسام، ئۇ سالىھ ئىبنى ھەسسان توغرۇلۇق ‹ھەدىسى مۇنكەر› دېدى.»
بۇ ھەدىسنى ئىبنى نەسىرمۇ رىۋايەت قىلغان. سەنەدىدە سالىھ ئىبنى ھەسسان، ئىسا ئىبنى مەيمۇن، مۇھەممەد ئىبنى كەئىب قاتارلىقلار بار. بۇ سەنەدتىكى ئىسا ئىبنى مەيمۇنمۇ ئوخشاشلا ئاجىز راۋىي سانىلىدۇ. ئىبنى ھىببان ئىبنى مەيمۇن توغرۇلۇق «ئۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىسلەرنىڭ ھەممىسى يالغان» دېگەن. نەسائىي ئىبنى مەيمۇننى «ئىشەنچىسىز» دېگەن.
ئىبنى ئابباسقا نىسبەت بېرىلگەن تۆۋەندىكى ھەدىسنى ئەبۇ داۋۇد (1485)، بەيھەقى (2-212) رىۋايەت قىلغان بولۇپ (راۋىي ئىسىملىرى تەرجىمە قىلىنمىدى)، ھەدىستە «… ئاللاھتىن قولۇڭلارنىڭ دۈمبىسى بىلەن ئەمەس ئالقىنىڭلار بىلەن تىلەڭلار، دۇئا تۈگىگەندىن كېيىن ئالقىنىڭلار بىلەن يۈزۈڭلارنى سىيپاڭلار» دېيىلگەن.
بۇ ھەدىسنىڭ سەنەدىمۇ ئوخشاشلا ئاجىز. بۇ ھەدىسنىڭ سەنەدىدىكى ئابدۇل مەلىكنى ئەبۇ داۋۇد زەئىپ دېگەن. بۇ ھەدىسنىڭ سەنەدىدىكى ئابدۇللاھ ئىبنى شەيخنىڭ ئۇستازى دېيىلگۈچىمۇ نامەلۇمدۇر. بۇ نامەلۇم كىشىنىڭ ئىبنى ھەسسان ياكى ئىبنى مەيمۇن بولۇش مۇمكىنچىلىكىمۇ بار بولۇپ، بۇ ئىككىسى ھەققىدىكى باھا يۇقىرىدا بېرىلدى.
بۇ ھەدىسنى يەنە ھاكىم (4-270) رىۋايەت قىلغان. (راۋىيلار قىسقارتىلدى.) زەھەبى ھاكىمدىن كەلگەن بۇ ھەقتىكى ھەدىس سەنەدىدىكى ئىبنى مۇئاۋىيەنى داراقۇتنىنىڭ يالغانچى دېگەنلىكىنى دەلىل قىلىپ، بۇ ھەدىسنى توقۇلما دېگەن.
ئەبۇ داۋۇد بۇ ھەدىس توغرىسىدا «بۇ ھەدىس مۇھەممەد ئىبنى كەئىبتىن ئىككى خىل سەنەد ئارقىلىق رىۋايەت قىلىنغان بولۇپ، سەنەدىدىكى راۋىيلارنىڭ ھەممىسى زەئىپ» دېگەن.
بالا-قازا مەزگىللىرىدە قۇنۇت دۇئاسى ئوقۇغاندا ئىككى قولنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىش رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ سۈننىتىدە كەلگەن بولۇپ، يەتمىش قارىي مۇشرىكلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈگەندە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم نامازدا قۇنۇت دۇئاسى ئوقۇپ ئىككى قولىنى كۆتۈرگەن، بۇ ھەقتىكى ھەدىسنى ئىمام ئەھمەد (3-137)، تەبرانى-ئەسسەغىر (111) ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن سەھىھ سەنەدتە رىۋايەت قىلغان. ۋىتىردىكى قۇنۇت دۇئاسىدا قول كۆتۈرۈش يەنە ھەزىرتى ئۇمەر ۋە باشقىلاردىنمۇ رىۋايەت قىلىنغان. بىراق، قۇنۇت دۇئاسىنى تۈگىتىپ قوللىرى بىلەن يۈزىنى سىيپاش توغرۇلۇق سەھىھ ھەدىس يوق، ساھابىلەرمۇ بۇنداق قىلمىغان، شۇنداق بولغانلىقتىن قۇنۇت دۇئاسى ۋە باشقا چاغلاردىكى قول كۆتۈرۈشكە بولىدىغان دۇئالاردا ئىككى قولنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىش ـــ شۈبىھسىزكى ــــ بىدئەتتۇر.
نامازنىڭ سىرتىدا دۇئادىن كېيىن يۈزىنى سىيپاش توغرىسىدا پەقەتلا يۇقىرىدا كەلگەن ئىككى ھەدىس بولۇپ، بۇ ئىككى ھەدىس بىر-بىرىنى كۈچەيتىپ ھەسەنلىك دەرىجىسىگە كۆتۈرىدۇ، دەۋېلىش توغرا ئەمەس. (سەۋەبى يۇقىرىدا بايان قىلىندى.) ئىمام نەۋەۋىينىڭ دېگىنىدەك «بۇ ئىككى ھەدىسنىڭ سەنەدىدە ئېغىر دەرىجىدە زەئىپلىك مەۋجۇت.» شۇڭا ئىمام نەۋەۋىي «ئەلمەجمۇئ» تا دۇئادىن كېيىن يۈزىنى سىيپاش توغرۇلۇق سۆز قىلىپ «بۇنداق قىلىش مۇستەھەب ھېسابلانمايدۇ» دېگەن ۋە ئىبنى ئابدۇسسالامنىڭ «پەقەت نادان كىشىلا شۇنداق قىلىدۇ» دېگىنىنى قوللىغان.
دۇئادا قول كۆتۈرۈش توغرىسىدىكى كۆپلىگەن سەھىھ ھەدىسلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقى، ئەمما بۇ سەھىھ ھەدىسلەرنىڭ ھېچقايسىسىدا يۈزىنى سىيپىغانلىق توغرىسىدا خەۋەرنىڭ بولماسلىقى «(قول كۆتۈرۈشكە بولىدىغان دۇئالاردا) دۇئادىن كېيىن يۈز ئىككى قول بىلەن سىيپالمايدۇ دېيىش» نى كۈچلەندۈرىدۇ. بۇنىڭدىن، دۇئادىن كېيىن يۈزنى سىيپاشنىڭ شەرىئەتتە بەلگىلەنمىگەنلىكى ۋە دۇرۇس ئەمەسلىكى ئايدىڭلىشىدۇ.»
(مۇھەددىس ئەلبانى رەھىمەھۇللاھنىڭ «ئىرۋائۇل غەلىل» ناملىق ئەسىرىنىڭ 2-جىلد، 178~ 182- بېتىدىن فۇرقان دەۋەت مەركىزى تەرجىمە قىلدى.)
قال العز بن عبد السلام : ولا يمسح وجهه بيديه عقيب الدعاء إلا جاهل .
شاپىي ئۆلىماسى ئىز ئىبنى ئابدۇسسالام مۇنداق دېگەن: جاھىلدىن باشقىسى دۇئا قىلىپ يۈزىنى سىيپىمايدۇ. «فتاوى العز بن عبد السلام» (ص 47) .
mujtehid.com
The post مۇھەددىس ئەلبانى: دۇئادىن كېيىن يۈزنى سىيپاش ھەدىسلىرىنىڭ زەئىپلىكىنىڭ بايانى first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
The post مۇھەددىس ئەلبانى: دۇئادىن كېيىن يۈزنى سىيپاش ھەدىسلىرىنىڭ زەئىپلىكىنىڭ بايانى appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.