ئەللامە ئىبنى باز: بەش ناماز ئوقۇمايدىغان كىشى سويغان مالنىڭ گۆشىنى يېيىشكە بولامدۇ؟

 

ئەللامە ئىبنى باز: بەش ناماز ئوقۇمايدىغان كىشى سويغان مالنىڭ گۆشىنى يېيىشكە بولامدۇ؟

پەتىۋا بەرگۈچى: ئىككى ھەرەمنىڭ ئۇستازى، پازىل ئۆلىما ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ (ۋاپاتى:ھ-1420؛ م-1999)
مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەرجىمە قىلدى

جاۋاب: ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن. ئاللاھقا ھەمدۇ سانالار بولسۇن.

ئەھلى سۈننەت ئالىملىرى ئارىسىدىكى توغرا قاراشتا، نامازنىڭ پەرزلىكىنى ئېتىراپ قىلغان، بىراق ھورۇنلۇق قىلىپ نامازنى قەستەن تەرك ئەتكۈچى سويغان مالنىڭ گۆشىنى يېيىش دۇرۇس ئەمەس. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:{بين الرجل وبين الشرك والكفر ترك الصلاة}«مۇسۇلمان بىلەن كاپىر ۋە مۇشرىكنىڭ ئارىسىدىكى پەرق نامازنى تەرك قىلىشتۇر.»(مۇسلىم 82؛ تىرمىزى 2620؛ ئەبۇ داۋۇد 4678؛ ئىبنى ماجە 1078؛ مۇسنەد ئەھمەد 3-370؛ دارىمى 1233) پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم يەنە مۇنداق دېگەن:«بىز بىلەن ئۇلار ئارىسىدىكى ئەھدە نامازدۇر. كىمكى نامازنى تاشلىسا كاپىر بولىدۇ.»[سنن الترمذي الإيمان (2621) ، سنن النسائي الصلاة (463) ، سنن ابن ماجه إقامة الصلاة والسنة فيها (1079) ، مسند أحمد بن حنبل (5/346). العهد الذي بيننا وبينهم الصلاة، فمن تركها فقد كفر] ئىمام ئەھمەد ۋە ئەھلى سۇنەن نەقىل قىلغان سەھىھ ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئىشنىڭ بېشى ئىسلامدۇر، ئۇنىڭ تۈۋرۈكى نامازدۇر.»{ رأس الأمر الإسلام، وعموده الصلاة}(مۇسنەد ئىمام ئەھمەد 5-231؛ تىرمىزى 2616؛ ئىبنى ماجە3973) بۇ ھەقتە كەلگەن ھەدىسلەر نۇرغۇن. نامازنى تەرك ئەتكۈچى كاپىردۇر. (بۇ ۋەجىدىن كاپىر سويغان مالنى يېگىلى بولمايدۇ.)[پەتىۋا قىسقارتىلىپ تەرجىمە قىلىندى. مەنبە:ئەللامە ئىبنى باز پەتىۋالىرى 10-جىلد، 273-بەت]

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ