سۈرە زۇھانىڭ چۈشىنىشلىك تەپسىر تەرجىمىسى

سۈرە زۇھا (93-سۈرە؛ مەككىدە نازىل بولغان، 11 ئايەت)

مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
mujtehid.com

بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَنِ الرَّحِيمِ

    مۇپەسسىر ئالىملار بۇ سۈرىنىڭ رەسۇلۇللاھقا كېلىدىغان ۋەھىي بىر مەزگىل توختىغاندىن كېيىن نازىل بولغانلىقىدا ئورتاق پىكىردىدۇر.1 رەسۇلۇللاھقا كېلىدىغان ۋەھىي بىر مەزگىل توختىدى، شۇنىڭ بىلەن ئەبۇ لەھەبنىڭ ئايالى ئۇممۇ جەمىل رەسۇلۇللاھقا «ھە، ئەمدى شەيتىنىڭ سېنى تاشلىۋەتكەن ئوخشىمامدۇ» دەپ مەسخىرە قىلدى. بۇ رەسۇلۇللاھقا ئېغىر كەلدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئايەت نازىل بولدى. [1.زادۇل مەسىير 2.زادۇل مەسىير، تەپسىر بەغەۋى]

وَالضُّحَى

1. كۈندۈزنىڭ دەسلەپكى سائەتلىرى بىلەن قەسەمكى1، [1.زادۇل مەسىير]

وَاللَّيْلِ إِذَا سَجَى

2. قارايغان كېچە بىلەن قەسەمكى1، [1.زادۇل مەسىير]

مَا وَدَّعَكَ رَبُّكَ وَمَا قَلَى

3. (پەيغەمبەر) رەببىڭ (ئاللاھ) سېنى تەرك ئەتمىدى، ساڭا غەزەپمۇ قىلمىدى1. [1.زادۇل مەسىير]

وَلَلْآخِرَةُ خَيْرٌ لَّكَ مِنَ الْأُولَى

4. ئاخىرەت سەن ئۈچۈن راستتىنلا دۇنيادىن1 ياخشىدۇر. (بۇ ۋەجىدىن رەسۇلۇللاھ كىشىلەر ئىچىدىكى دۇنياغا بولغان رىغبىتى ئەڭ تۆۋەن زات ئىدى، دۇنيا نېمەتلىرىدىن يۈز ئۆرۈشى، دۇنيا نېمەتلىرىگە ئەھمىيەت بەرمەسلىكى ھەممىدىن ئۈستۈن ئىدى. بۇ رەسۇلۇللاھنىڭ ھايات كەچمىشلىرىدىن ئوچۇق-ئاشكارا بىلىنىدىغان خۇسۇستۇر. رەسۇلۇللاھنىڭ ئۆمرىنىڭ ئاخىردا ئاللاھ رەسۇلۇللاھنى دۇنيا ئاخىرلاشقانغا قەدەر ياشاپ، ئاندىن جەننەتكە كىرىش بىلەن، <63 يېشىدا> ئاللاھنىڭ ھوزۇرىغا كېتىشتىن بىرىنى تاللاش ئىختىيارلىقى بەرگەندە، رەسۇلۇللاھ ئاللاھنىڭ ھوزۇرىنى تاللاپ، بۇ ئەرزىمەس دۇنيانى تەرك ئەتتى.2) (شۇنداقلا، كەلگۈسىدىكى ھەر قانداق ھالىتىڭ ھازىرقىدىن ياخشى بولىدۇ.3 رەسۇلۇللاھنىڭ دەرىجىسى بارغانچە ئېشىپ كېتىۋېرىدۇ.4) [1.زادۇل مەسىير 2.ئىبنى كەسىر 3.4.تەپسىر سەئدى ]

وَلَسَوْفَ يُعْطِيكَ رَبُّكَ فَتَرْضَى

5. ئاخىرەتتە1 رەببىڭ ساڭا (ساناقسىز نېمەتلەرنى2) بېرىدۇ، (سېنى قوللاپ قۇۋۋەتلەيدۇ ۋە مۆمىنلەرنىڭ سانىنى ئاۋۇتىدۇ.3) سەن مەمنۇن بولىسەن. (رەسۇلۇللاھنىڭ رازى بولۇشىنىڭ ئارىسىدا رەسۇلۇللاھنىڭ ئەھلى بەيتىدىن ھېچكىمنىڭ دوزاخقا كىرمەيدىغانلىقىدۇر.4) [1.2.4.تەپسىر ئىبنى كەسىر  3.تەپسىر بەغەۋى]

(ئاللاھ رەسۇلۇللاھنىڭ ۋەھىيدىن ئاۋۋالقى ئەھۋالىنى بايان قىلىپ1، ۋە بەرگەن نېمەتلىرىنى ئەسلىتىپ مۇنداق دەيدۇ:2)

أَلَمْ يَجِدْكَ يَتِيمًا فَآوَى

6. ئاللاھ سېنى يېتىم ھالەتتە تېپىپ2، پاناھلىق بەرمىدىمۇ؟ [1.2.تەپسىر ئىبنى كەسىر]

وَوَجَدَكَ ضَالًّا فَهَدَى

7. سېنى ھىدايەت يولىنى بىلمىگەن ھالدا تېپىپ (تەۋھىد ۋە پەيغەمبەرلىك بىلەن1) ھىدايەت قىلمىدىمۇ؟ [1.زادۇل مەسىير]

وَوَجَدَكَ عَائِلًا فَأَغْنَى

8. سېنى يوقسۇل ھالدا تېپىپ، (باشتا خەدىچەنىڭ پۇل-مېلى ئارقىلىق1 ئاندىن غەنىيمەتلەر ئارقىلىق2، شۇنداقلا قەلبىڭگە قانائەت بېرىپ3، ئاللاھتىن باشقا ھېچكىمگە موھتاج بولمايدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈپ4) باي قىلمىدىمۇ؟

(ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى نەقىل قىلغان: «بايلىق— كۆپ پۇل-مالغا ئىگە بولۇش ئەمەس. ھەقىقىي بايلىق — قەلبنىڭ\نەپىسنىڭ باي بولۇشىدۇر.» (بۇخارى 6446؛ مۇسلىم 1051) [1.3.زادۇل مەسىير، بەغەۋىي 2.بەغەۋى 4.ئىبنى كەسىر]

فَأَمَّا الْيَتِيمَ فَلَا تَقْهَرْ

9. يېتىمغا ئازار بەرمە1، [1.زادۇل مەسىير]

وَأَمَّا السَّائِلَ فَلَا تَنْهَرْ 

10. سورىغۇچىغا (يامان سۆز بىلەن1) ئازار بەرمە.  (يەنى ئاللاھنىڭ ئاجىز بەندىلىرىگە قوپالللىق قىلىدىغان، مۇتەكەببىر كىشىلەردىن بولما.2) (ھەسەن بەسرى «سورىغۇچى» نى شەرئىي ئىلىم ئۆگىنىش يولىدا سەندىن شەرىئەت ھەققىدە سورىغان كىشى، دەپ تەپسىرلىگەن.3) [1.3.بەغەۋى 2.ئىبنى كەسىر]

وَأَمَّا بِنِعْمَةِ رَبِّكَ فَحَدِّثْ

11. رەببىڭنىڭ (ساڭا ئاتا قىلغان ھەم دىنىي، ھەم دۇنياۋىي1، چەكسىز2) نېمىتى سۆزلەپ بەر. (ئاللاھ سېنى يوقسۇل ھالىتىڭدە باي قىلدى، تۈرلۈك ئاجىزلىقلاردىن قۇتقۇزدى، ئاللاھنىڭ ساڭا قىلغان بۇ نېمەتلىرىنى كىشىلەرگە ئېيتىپ بەر.3) (چۈنكى، ئاللاھنىڭ نىمەتلىرىنى تىلغا ئېلىش — ئۇ نىمەتلەرگە شۈكۈر قىلىشنى، ۋە قەلبنىڭ بۇ نىمەتلەرنى بەرگەن ئاللاھنى ياخشى كۆرىشىنى روياپقا چىقىرىدۇ.4 ئاللاھنىڭ بەرگەن نېمەتلىرىنى تىلغا ئېلىش — ئاللاھقا شۈكۈر قىلىش جۈملىسىدىندۇر.5) [1.تەپسىر سەئدى 2.تەپسىر مۇيەسسەر 3.تەپسىر ئىبنى كەسىر 4.تەپسىر سەئدى 5.تەپسىر بەغەۋى، تەپسىر ئىبنى كەسىر]
مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
mujtehid.com

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ