سەپەرگە ماڭغان كىشى ئۇچۇشتىن ئىلگىرى ئايرودرومدا ئىككى نامازنى جۈپلەپ ئوقۇسا بولامدۇ؟ | ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىن

سەپەرگە ماڭغان كىشى ئۇچۇشتىن ئىلگىرى ئايرودرومدا ئىككى نامازنى جۈپلەپ ئوقۇسا بولامدۇ؟

پەتىۋا بەرگۈچى: ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ

سوئال: سەپەرگە ماڭغان كىشى ئۇچۇشتىن ئىلگىرى شەھەر سىرتىغا جايلاشقان ئايرودرومدا بىر-بىرىگە قوشنا ئىككى نامازنى جۈپلەپ ئوقۇسا بولامدۇ؟

ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىن بۇ ھەقتە مۇنداق پەتىۋا بەرگەن:

شۇنداق، بۇنداق كىشى ئۆز شەھىرىگە تەۋە تۇرالغۇلاردىن ئايرىلغانلىقى ئۈچۈن، ئايردرومنىڭ ئەتراپىدىكى يېزا-قىشلاقلار شەھەرگە تۇتاش ئەمەس، شەھەردىن ئايرىم ھالدا بولغانلىقتىن، ئىككى نامىزىنى جۈپلەپ ئوقۇۋالسا بولىدۇ.

لېكىن، ئايردرومغا يېقىن يەردە ياشايدىغان كىشى سەپەر قىلماقچى بولغاندا ئايدرومدا ئىككى پەرز نامازنى جۈپلەپ ئوقۇسا بولمايدۇ. چۈنكى، ئۇ ئۆزى تەۋە بولغان يۇرتنىڭ تۇرالغۇلىرىدىن تېخى ئايرىملىغاندۇر. » الشرح الممتع » ( 4 / 514 ) .
— مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ