سەھىھ ھەدىس | ھەقنى بىلىدىغان، لېكىن ھەقكە زىت ھۆكۈم-پەتىۋا بېرىدىغان كىشى دوزاختا

بۇرەيدە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((الْقُضَاةُ ثَلَاثَةٌ: اثْنَانِ فِي النَّارِ، وَوَاحِدٌ فِي الْجَنَّةِ: رَجُلٌ عَرَفَ الْحَقَّ فَقَضَى بِهِ، فَهُوَ فِي الْجَنَّةِ، وَرَجُلٌ عَرَفَ الْحَقَّ فَلَمْ يَقْضِ بِهِ، وَجَارَ فِي الْحُكْمِ، فَهُوَ فِي النَّارِ، وَرَجُلٌ لَمْ يَعْرِفِ الْحَقَّ، فَقَضَى لِلنَّاسِ عَلَى جَهْلٍ، فَهُوَ فِي النَّارِ)) «قازى (ھۆكۈم-پەتىۋا) بەرگۈچى ئۈچ تۈرلۈكتۇر. ئىككى تۈرلۈكى دوزاختا، بىرى جەننەتتىدۇر. ھەقنى بىلگەن ۋە ھەقكە ئۇيغۇن ھۆكۈم بەرگەن كىشى جەننەتتە بولىدۇ. ھەقنى بىلگەن تۇرۇقلۇق، ھەقكە ئۇيغۇن ھۆكۈم-پەتىۋا بەرمەستىن، ھەقكە زىت ھۆكۈم چىقارغۇچى دوزاختىدۇر. ھەقنى بىلمەيدىغان تۇرۇپ، كىشىلەرگە جاھالەت بىلەن (يەنى ئۆز خىيالى، ئۆزىنىڭ شەخسىي رەيى بىلەن) ھۆكۈم (پەتىۋا) بېرىدىغان كىشى دوزاختىدۇر.» hedisim.com (ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى، ئىبنى ماجە، نەسائى توپلىغان؛ ئىمام ھاكىم ۋە باشقا ئالىملار سەھىھ دېگەن) — فۇرقان دەۋەت مەركىزى

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ