ئەبۇ جەھلنىڭمۇ ساقىلى بار ئىدى، دەپ ساقالغا قارشى چىقىۋاتىدۇ
بىسمىللاھىررەھمانىررەھىم
ئەبۇ جەھلنىڭمۇ، ۋەلىيد ئىبنى مۇغىيرەنىڭمۇ … جىمىي قۇرەيش كاتتىلىرىنىڭ ئۇزۇن ساقىلى بار ئىدى. قۇرەيش كاپىرلىرى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامدىن ۋە جىمىي پەيغەمبەرلەردىن كەلگەن تەۋھىد دىنىنى ئۆزگەرتىپ، ئاللاھقا باشقا باتىل ئىلاھلارنى شىرك قوشقان، ئاللاھنىڭ دىنىنى ئۆزگەرتكەن. ئەمما، ئۇلار پەيغەمبەرلەردىن كەلگەن، ئەرلەرنىڭ ساقاللىق بولۇشىدەك ئەرلىك فىترىتىنى ئۆزگەرتمىگەن. ئۇلار دىنىنى ئۆزگەرتكەن بولسىمۇ، ئەرلىك كۆركى ھېسابلانغان ساقىلىنى ئۆزگەرتمىگەن، ئۆز بەدىنىنى ئاللاھ ياراتقان ئەسلى شەكىل بىلەن ساقلاپ قالغان. بۇ مەنىدىن، ئەبۇ جەھلنىڭمۇ ساقىلى بار ئىدى، دەپ ساقال قويۇش تەكلىپىگە ياكى ساقال قويغۇچىغا ئۆكتە قوپقۇچى كىشى، ئادەم ئاتىمىزدىن باشلاپ داۋام قىلىپ كەلگەن ئەرلىك فىتىرىتىگە ئەبۇ جەھلچىلىكمۇ ساداقەت كۆرسىتەلمىگەن، ئەرلىك فىتىرىتىگە ئىگە چىقىشتا ئەبۇ جەھلچىلىكمۇ بولالمىغان كىشى ھېسابلىندۇ. بۇنداق ئىنسان پەيغەمبەرلەرنىڭ ساقال قويۇش يولىغا ئەمەس، مەجۇسىيلارنىڭ ۋە باشقا مۇشرىك كاپىرلارنىڭ ساقال چۈشۈرۈش يولىغا ئەگىشىپ، تەقى-تۇرۇقتا ئەبۇ جەھلچىلىكمۇ بولالمىغان بىچارە مىسكىن ئىنساندۇر. بۇ كىشى ساقال قويغۇچىنى ئەمەس، ئۆز ئەقلىنى ۋە ئۆز پىترىتىنى سوراققا تارتىشى لازىم.
ئەبۇ جەھل ساقال قويغانلىقى ئۈچۈن ساقال ئەھمىيىتىنى يوقىتىدىغان ئىش بولسا، ئەبۇ جەھلنىڭ قاش ۋە كىرپىكلىرى بولغانلىقتىن قاش-كىرپىكمۇ ئەھمىيىتىنى يوقاتقان بولدىمۇ؟ ئەبۇ جەھل قىلغاننى مەن قىلمايمەن دەۋاتقان بۇ ئىنسان ئەبۇ جەھلدە بار بولغان قاش بىلەن كىرپىكنىمۇ يەكلەپ، ئۆز مەنتىقىسىگە بىنائەن، قاش كىرپىكلىرىنىمۇ چۈشۈرۈپ تاشلىشى كېرەك بولمامدۇ؟
ئەبۇ جەھلمۇ يەپ-ئىچەتتى. بۇ بىچارە مىسكىن كىشى، ئەبۇ جەھل يەپ ئىچىدىكەن، مەن ئەبۇ جەھلگە زىت يول تۇتىمەن دەپ، يەپ-ئىچىشنى تەرك ئەتمەيدىغاندۇ؟
مۇسۇلمان ئاللاھنىڭ ۋە رەسۇلىنىڭ بۇيرۇق-چەكلىمىلىرىگە بار كۈچى بىلەن رىئايە قىلىپ ياشاش يولىنى تۇتقاندا، ئاندىن ئۇ توغرا مۇسۇلمان ھېسابلىنىدۇ. ئەكسىچە بولسا، ئەڭ كەمىدە پاسىق، ئازغۇن مۇسۇلمان ھېسابلىنىدۇ، ھەتتا مەن مۇسۇلمان دەپ قويۇپ، ساقالنى ۋەياكى ھىجابنى ۋەياكى مىسۋاكنى، جۈملىدىن ئىسلام دىنىدا دۇرۇس، مۇباھ، مۇستەھەپ، ياكى پەرز قىلىپ بەلگىلەنگەن ھەر قانداق ئىشنى ياكى ئەمەلنى مەسخىرە قىلسا بارچە ئالىملارنىڭ ئىتتىپاقى بىلەن دىندىن چىقىپ مۇرتەد كاپىر بولۇپ كېتىدۇ.
ئائىشە ئانىمىز قەسەم قىلىش توغرا كەلسە «ئاياللارنى ھاياسى بىلەن، ئەرلەرنى ساقىلى بىلەن گۈزەل قىلغان رەبتائالا بىلەن قەسەمكى…» دەپ قەسەم قىلاتتى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مەيدىسىنى يېپىپ تۇرىدىغان، ئارقىسىدىن قارىسا ئىككى قۇلىقىنىڭ ئاستىدىن راۋۇرۇس كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان قېلىن، قويۇق ۋە ئۇزۇن ساقىلى بار ئىدى.
ئەبۇ جەھلنىڭمۇ ساقىلى بار ئىدى دەپ ساقالغا قارشى پەشۋا ئاتماقچى بولغان بۇ كىشى، ئۆزىمۇ سەزمەستىن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇبارەك ساقىلىنىمۇ ئەبۇ جەھلنىڭ ساقىلىدەك مەنىسىز، ئەھمىيەتسىز كۆرۈپ قېلىش پىتنىسىگە چۈشۈپ قېلىشتىن قورقسۇن.
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«بۇرۇتلارنى قىرقىڭلار، ساقالنى كامىل قويۇڭلار. مۇشرىكلارغا خىلاپ يول تۇتۇڭلار.» (بۇخارى ۋە مۇسلىم) يەنە بىر لەۋزدە «مەجۇسىيلارغا خىلاپ يول تۇتۇڭلار» دەپ كەلگەن. ئۆلىمالار بۇ ھەدىستىن رەسۇلۇللاھنىڭ بۇيرۇقىغا ئىتائەت قىلىش پەرز، ساقال قويۇش پەرز، چۈشۈرۈۋېتىش ھارام دەپ ھۆكۈم ئالغان. ئەبۇ جەھلنىڭ ساقىلىنى ياراتماي قويمىغۇچى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ساقىلىنى ئۈلگە تۇتۇش، بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىش يۈزىسىدىن ساقال قويىۋەتسە، بۇ كىشى ئەبۇ جەھلگە ئەمەس، رەسۇلۇللاھقا ئوخشىغان، رەسۇلۇللاھقا ئىتائەت قىلغان بولۇپ بۈيۈك ساۋاپ قازىنىدۇ. ئەكسىچە بولسا، دىننىڭ بەلگە-ئالامەتلىرى ھەققىدە يۇقىرىقىدەك سەلبىي سۆز قىلىشتا چىڭ تۇرۇش سەۋەبلىك، ئەبۇ جەھلگە ئوخشاش دوزاخ ئازگاللىرىدىن بىرىگە مۇپتىلا بولۇشى مۇمكىن.
ئاللاھ ئىسانلارنى ئەبۇ جەھلگە ئەمەس، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە ئىتائەت قىلىشقا بۇيرۇغان ئىدى. مۇسۇلمانلار قاچاندىن بېرى دەلىلنى رەسۇلۇللاھتىن ئەمەس، ئەبۇ جەھلدىن ئالىدىغان بولىۋالدىكىنە؟ بۇنداق كىشى بىلگەيكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە ئىتائەت قىلغانلار مۆمىن بولۇپ جەننەتكە نائىل بولدى. رەسۇلۇللاھنىڭ بۇيرۇق چەكلىمىلىرىگە قارشى چىقىشتا ئەبۇ جەھلنىڭ يولىنى تۇتقانلار ئەبۇ جەھلگە ئەگىشىپ دوزاخ جازاسىنى ھەق قىلدى. ئەبۇ جەھل ساقال قويغانلىقى ئۈچۈن كاپىر بولمىدى، رەسۇلۇللاھقا قارشىلاشقانلىقى ئۈچۈن كاپىر بولدى. بۇ كىشىمۇ ئەبۇ جەھلنىڭ يولىنى تۇتۇپ رەسۇلۇللاھ بىلەن قارشىلىشى مەيدانىغا مايىل بولىۋاتقان بولسا، ئەبۇ جەھل بارغان جايغا ئۆزىمۇ بېرىپ قېلىشتىن ھەزەر ئەيلىگەي.
ئاللاھ ھەممەيلەننى دوزاختىن ساقلىسۇن. جەننەتكە لايىق سەھىھ ئەقىدە ۋە سالىھ ئەمەلنى رىزق قىلىپ بەرسۇن.