ئايال ساھابە ئەسما بىنتى ئەبۇ بەكرى سىددىق

ئەسما بىنتى ئەبۇ بەكر رەزىيەللاھۇ ئەنھا

فۇرقان دەۋەت مەركىزى تەييارلىدى

تۇغۇلۇشى: پەيغەمبەرلىكتىن 14 يىل ئىلگىرى. ۋاپاتى: ھىجرەتنىڭ 73-يىلى

دادىسى: ئەبۇ بەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ؛ ئانىسى: قۇتەيلە بىتنى ئابدۇلئۇززا ئىبنى ئابدۇلئەسەد

تۇغۇلغان يېرى: مەككە؛ ۋاپات بولغان يېرى: مەككە

پەرزەنتلىرى: ئابدۇللاھ، ئۇرۋە، مۇنزىر

ئەسما رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئەبۇ بەكرى سىددىقنىڭ قىزى، ئائىشە ئانىمىزنىڭ ئاچىسى، جەننەت بىلەن خۇش بېشارەت بېرىلگەن ئون مەشھۇر ساھابىنىڭ بىرى بولغان زۇبەير ئىبنى ئاۋۋامنىڭ ئايالىدۇر. ھەزىرتى ئەسما ساھابە ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەيرنىڭ ئانىسى. مەككىدە تۇنجى مۇسۇلمان بولغانلار قاتارىدىن. مەدىنىگە ھىجرەت قىلغان. كېيىنكى چاغلاردا مەككىدە ئولتۇراقلاشقان. ئوغلى ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەير ئۆلتۈرۈلۈپ بىر ئايدىن كېيىن، ھىجرىيەنىڭ 73-يىلى يۈز يېشىدا مەككىدە ۋاپات بولغان. يۈز يېشىدىمۇ ئاغزىدىكى چىشلىرىدىن ھېچبىرى چۈشۈپ كەتمىگەن ۋە ئەقلىدە ھېچقانداق چېكىنىش بولمىغان. (سەفىيۇرراھمان مۇبارەكفۇرى: بۇلۇغۇلمەرام شەرھى 28)

مۇھەددىس ئەبۇ نۇئەيم ئىسباھانىي (ۋاپاتى: ھ 430) مۇنداق دېگەن:

ئەسما رەزىيەللاھۇ ئەنھا، ئەبۇ بەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ 21 ياشقا كىرگەندە تۇغۇلغان. مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئەسما رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ دادا بىر سىڭلىسىدۇر. (يەنى ھەر ئىككىسى ئەبۇ بەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قىزى) ھەزىرتى ئەسما ھىجرەتتىن 27 يىل  ئىلگىرى تۇغۇلغان. (بۇ بويىچە ھېسابلىغاندا، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە پەيغەمبەرلىك كەلگەن چاغدا ئەسما رەزىيەللاھۇ ئەنھا 14-15 ياشلاردا بولغان بولىدۇ.) 

زۇبەير ئىبنى ئاۋۋام رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن ئابدۇللاھ، ئۇرۋە، مۇنزىر ئىسىملىك ئۈچ ئوغلى بولغان. كېيىن زۇبەير ئىبنى ئاۋۋام ئەسما رەزىيەللاھۇ ئەنھانى تالاق قىلغان. ھەزىرتى ئەسما ئوغلى ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەيرنىڭ ئېگىدارچىلىقىدا بولغان. ئەسما رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئوغلى (مەشھۇر ساھابە، خەلىپە) ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەير قەتلى قىلىنىپ بىر نەچچە كۈندىن كېيىن، ھىجرەتنىڭ 73-يىلى مەككىدە ۋاپات بولغان. ھاياتىنىڭ كېيىنكى چاغلىرىدا ئەسما رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ كۆزى كۆرمەس بولۇپ قالغان.

تابىئىنلاردىن (ئوغلى) ئۇرۋە ئىبنى زۇبەير، (قىز نەۋرىسى) فتىمە بىتنى مۇنزىر ئىبنى زۇبەير، ئىبنى ئەبى مۇلەيكە، ۋەھب ئىبنى كەيسان، مۇھەممەد ئىبنى مۇندەكىر ۋە باشقا بىر بۆلۈك زات ئەسما رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان.

ئەسما ئانىمىزنىڭ ھەجدە يۈزىنى يېپىشى

ئەسما رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ۋە زۇبەير ئىبنى ئاۋۋامنىڭ نەۋرىسى، تابىئىن ئالىمە فاتىمە بىتنى مۇنزىر مۇنداق نەقىل قىلغان:

(زۇبەير ئىبنى ئاۋۋامنىڭ نەۋرىسى، ئايال تابىئىن ئالىمە) فاتىمە بىتنى مۇنزىر (ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن) مۇنداق دېگەن: ((كُنَّا نُخَمِّرُ وُجُوهَنَا وَنَحْنُ مُحْرِمَاتٌ، وَنَحْنُ مَعَ أَسْمَاءَ بِنْتِ أَبِي بَكْرٍ الصِّدِّيقِ)) بىز ئېھراملىق ھالەتتە يۈزىمىزنى ياپاتتۇق. بىز (ئېھراملىق ۋە يۈز ياپقان ھالەتتە) ئەسما بىتنى ئەبۇ بەكرى سىددىق بىلەن بىللە ئىدۇق. (مالىك: مۇۋەتتا 224، 724؛ ھاكىم: مۇستەدرەك 1\454؛) * ئەبۇ بەكرى سىددىقنىڭ قىزى ئەسما بىنتى ئەبۇ بەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھا — فاتىمە بىنتى مۇنزىرنىڭ چوڭ ئانىسى ھېسابلىنىدۇ. ئەسما رەزىيەللاھۇ ئەنھا يەنە مۇشۇ ئەسەرنى نەقىل قىلغان فاتىمە بىنتى مۇنزىرنىڭ ئېرى ھىشام ئىبنى ئۇرۋە ئىبنى زۇبەيرنىڭمۇ چوڭ ئانىسىدۇر. (شرح الزرقاني على الموطأ ٢/٣٤٩) مۇۋەتتا مالىكنىڭ زەرقانى شەرھىدە مۇنداق دېيىلگەن: ئىھراملىق ئاياللار ئۆزلىرىنىڭ يۈزىگە ئەرلەرنىڭ قاراش پىتنىسى مەۋجۇتلۇقىنى بىلسە ياكى (يۈزىنى ئەرلەرنىڭ كۆرۈپ قېلىش مۇمكىنچىلىكىنى) تەخمىن قىلسا، يۈزىنى يېپىۋېلىشى ۋاجىپ بولىدۇ. ئىبنى مۇنزىر مۇنداق دېگەن: ئەھلى ئىلىم ئاياللارنىڭ ئەرلەرنىڭ يۈزىگە قارىشىدىن ساقلىنىشى ئۈچۈن يۈزىگە كىيىمىنى سارقىتىپ يۈزىنى توسىۋالىدۇ. (شرح الزرقاني على الموطأ ٢/٣٤٩) رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ بۇيرۇغىنىدەك، ھەج ياكى ئۆمرىگە ئېھرام باغلىغان ئايال يۈزىنى نىقاب بىلەن، قولىنى پەلەي بىلەن ياپمايدۇ. ئىمام ئىبنى تەيمىييە قاتارلىق ئالىملارنىڭ ئېيتقىنىدەك، رومىلى بىلەن يۈزىنى، كىيىمىنىڭ يېڭى قاتارلىقلار بىلەن قولىنى نامەھرەمدىن ياپىدۇ.

ئەسما رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ سىڭلىسى، مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ھەجدە يۈزىنى يېپىشى

ئائىشە بىنتى ئەبۇ بەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: ((كَانَ الرُّكْبَانُ يَمُرُّونَ بِنَا وَنَحْنُ مَعَ رَسُولِ اللَّهِ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ مُحْرِمَاتٌ فَإِذَا جَاوَزُوا بِنَا سَدَلَتْ إِحْدَانَا جِلْبَابَهَا مِنْ رَأْسِهَا عَلَى وجهِها فإِذا جاوزونا كشفناهُ)) «بىز رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بىلەن (ھەج سەپىرىدە) بىللە ئىھرام باغلاپ (ھەج قىلىۋاتقان) ئىدۇق ۋە كىشىلەر ئۇلاغلىرىغا مىنىپ يېنىمىزدىن ئۆتەتتى. ئۇلار يېنىمىزدىن ئۆتكۈدەك بولسا جىلبابىمىزنى سارقىتىپ يۈزىمىزنى يېپىۋالاتتۇق، ئۇلار ئۆتۈپ كەتكەندە يۈزىمىزنى ئاچاتتۇق.» hedisim.com (ئەبۇ داۋۇد <1833> ۋە ئىبنى ماجە توپلىغان؛ مىشكات مەسابىھ 2690؛ وقال الألباني في «جلباب المرأة المسلمة» (ص107)حسن في الشواهد)


— مۇجتەھىد تورى تەييارلاپ تارقاتتى

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار:

بۈيۈك ساھابە ئەبۇ ئۇبەيدە ئىبنى جەرراھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ
ساھابە خەبباب ئىبنى ئەرەت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ
ئايال ساھابە: ئاتىكە بىتنى زەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھا

مۆمىنلەرنىڭ مۇئاۋىيە ئىبنى ئەبۇ سۇفيان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ | ساھابە

ساھابە-تابىئىنلار مۇنداق زاتلار ئىدى

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ