ئايال ساھابە: ئاتىكە بىتنى زەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھا

ئىمام ئەبۇ نۇئەيم رەھىمەھۇللاھ مۇسا ئىبنى ئۇقبە يولى بىلەن سالىمدىن مۇنداق نەقىل قىلغان: «ئاتىكە بىتنى زەيد ئۆمەر ئىبنى خەتتابنىڭ خانىمى ئىدى. مەسجىدكە چىقىش مەسلىسىدە ھەزىرتى ئۆمەر بىلەن كۆپ قارشىلىشىپ قالاتتى، ئۆمەر ئۇنىڭ مەسجىدكە چىقىشىنى ياقتۇرمايتتى. ئۆمەر ئۆزىنىڭ بۇنى يامان كۆرىدىغانلىقىنى ئېيتقاندا، ئاتىكە ئۆمەرگە <سىز مېنى چەكلىمىگۈچە مەن مەسجىدكە چىقىۋېرىمەن> دېدى. ئۆمەر ئۇنى مەسجىدكە چىقىشنى چەكلەشنى خالىمىغاندەك ئىدى.» سالىم داۋامەن مۇنداق دېدى: «ئاتىكە ئۆمەردىن كېيىن باشقا بىر زاتقا تۇرمۇشقا چىقتى، ئۇ زات ئۇنى مەسجىدكە چىقىشتىن چەكلىدى.» مۇسا ئىبنى ئۇقبە مۇنداق دەيدۇ: مەن سالىمدىن «ئۇ زات كىم ئىدى؟» دەپ سورىۋىدىم «زۇبەير ئىبنى ئاۋۋام ئىدى» دېدى. (معرفة الصحابة لأبي نعيم 7767) ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: ئاتىكە بىنتى زەيد (ئۆمەردىن ئاۋۋال دادام ئەبۇ بەكرىنىڭ ئوغلى) ئابدۇللاھ ئىبنى ئەبۇ بەكرى سىددىقنىڭ خانىمى ئىدى. (معرفة الصحابة لأبي نعيم 7767) — فۇرقان دەۋەت مەركىزى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ