بۈيۈك ساھابە ئەبۇ ئۇبەيدە ئىبنى جەرراھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ

بۈيۈك ساھابە ئەبۇ ئۇبەيدە ئىبنى جەرراھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ

مۇجتەھىد تورى تەييارلىدى

بىسمىللاھىررەھمانىررەھىم

ئەبۇ ئۇبەيدە ئىبنى جەرراھ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم تەرىپىدىن جەننەت بىلەن خۇش بېشارەت بېرىلگەن ئون ساھابىنىڭ بىرى. (أبا عبيدة بن الجراح)

ئىسمى: ئامىر ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى جەرراھ.
تۇغۇلغان ۋاقتى: پەيغەمبەرلىك كېلىشتىن تەخمىنەن 26 ياكى 27 يىل ئىلگىرى 
ۋاپات بولغان ۋاقتى: ھىجرەتنىڭ 18-يىلى، ھەزىرتى ئۆمەرنىڭ خەلىپىلىك دەۋرى
رەسۇلۇللاھ بىلەن ياش پەرقى: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن تەخمىنەن 13، 14 ياش كىچىك

تۇغۇلغان جايى: مەككە
ۋاپات بولغان جايى: ئىئوردانىيە
ۋپات بولغان چاغدىكى يېشى: 58 ياش
ۋاپات بولۇش سەۋەبى: ۋابا
س: ئەبۇ ئۇبەيدە ئىبنى جەرراھ مۇھاجىرمۇ ئەنسارمۇ؟
ج: مۇھاجىر.
ئانىسىنىڭ ئىسمى: ئۇمەيمە بىنتى غەنم؛ يەنى، ئۇممۇ غەنم بىتنى جابىر ئىبنى ئابدى ئىبنۇلئەدا
پەرزەنتلىرى: يەزىد ۋە ئۇمەير ئىسىملىك ئىككى ئوغلى بولغان. بۇ ئوغۇللىرى ھىند بىنتى جابىردىن بولغان. ئوغۇللىرى ئۆلۈپ كەتكەنلىكتىن، ئەبۇ ئۇبەيدە ئىبنى جەرراھنىڭ نەسلى داۋام قىلمىغان. (صفة الصفوة)

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «ھەر بىر ئۈممەتنىڭ بىر ئىشەنچىلىك كىشىسى بولىدۇ، بۇ ئۈممەتنىڭ ئىشەنچىلىك كىشىسى ئەبۇ ئۇبەيدە ئىبنى جەرراھتۇر» دېگەن. (بۇخارى 3744) نەجران ئەھلى رەسۇلۇللاھتىن ئۆزلىرىگە ئەڭ ئىشەنچىلىك، ھەقپەرۋەر كىشىسىنى، ئۆزلىرىگە ئىسلامنى ۋە سۈننەتنى ئۆگىتىدىغان كىشىنى ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلغاندا، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئەبۇ ئۇبەيدە ئىبنى جەرراھنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ «بۇ ئۈممىتىمنىڭ ئىشەنچىلىك كىشىسى مانا بۇدۇر» دېگەن. (مۇسلىم)
ئىمام ئەھمەد «فضائل الصحابة» ناملىق ئەسىرىدە مۇنۇ ئەسەرنى نەقىل قىلغان: ئابدۇلمەلىك ئىبنى ئۇمەير مۇنداق دېگەن: ھەزىرتى ئۆمەر خالىد ئىبنى ۋەلىد (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ)نىڭ ئورنىغا ئەبۇ ئۇبەيدە ئىبنى جەرراھنى (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) شامغا ۋالىي قىلىپ تەيىنلىدى. خالىد ئىبنى ۋەلىد (بۇ ھەقتىكى بۇيرۇقنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن): سىلەرگە (ئۆمەر) بۇ ئۈممەتنىڭ ئەمىين كىشىسىنى ئەۋەتىپتۇ. مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ «ئەبۇ ئۈبەيدە ئىبنى جەرراھ بۇ ئۈممەتنىڭ ئىشەنچىلىك كىشىسىدۇر» دېگىنىنى ئاڭلىغان ئىدىم، دېدى. (فضائل الصحابة لأحمد بن حنبل 1278؛ 2\739)

ھەزىرتى ئۆمەر ئەگەر ئەبۇيدە ئىبنى جەرراھ ھايات ھالەتتە ماڭا ئەجەل كەلسە، ئۇنى ئورنىمغا خەلىپە قىلىپ تەيىنلەيمەن،  ئەگەر رەببىم مەندىن قىيامەت كۈنى «نېمىشقا ئۇنى ئورنىڭغا خەلىپە تەيىنلىدىڭ» دەپ سوئال سوراق قىلسا، مەن «ئى رەببىم! مەن رەسۇلۇڭنىڭ ھەر پەيغەمبەرنىڭ بىر ئىشەنچىلىك كىشىسى بار، مېنىڭ ئىشەنچىلىك كىشىم ئەبۇ ئۇبەيدە ئىبنى جەرراھتۇر» دېگىنىنى ئاڭلىغان ئىدىم، شۇڭا ئۇنى ئورنۇمغا خەلىپە قىلىپ تەيىنلىگەن ئىدىم دەپ جاۋاب بېرىمەن. ئەگەر ئەبۇ ئۇبەيدە مەندىن بۇرۇن ۋاپات بولۇپ كېتىپ، ئاندىن ماڭا ئەجەل كەلسە، مۇئاز ئىبنى جەبەلنى ئورنۇمغا خەلىپە قىلىپ تەيىنلەيمەن. ئاللاھ مەندىن قىيامەت كۈنى «نېمىشقا ئۇنى ئورنىڭغا خەلىپە قىلدىڭ» دەپ سوئال-سوراق قىلسا، «ئى رەببىم! مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ «مۇئاز ئىبنى جەبەل قىيامەت كۈنى ئالىملاردىن بىر مىقدار ئالدىدا ھەشر قىلىنىدۇ» دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم» (شۇڭا خەلىپە قىلىپ تەيىنلىگەن ئىدىم) دەيمەن. (ئەھمەد 1\18؛  بۇ ئەسەرنىڭ سەنەدىدە ئۈزۈكچىلىك بار؛ صفة الصفوة)

ئىسلامنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا مۇسۇلمان بولغان. ئوسمان ئىبنى مەئزۇن، ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەۋف قاتارلىق ساھابىلەر بىلەن بىرلىكتە، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم دارۇل ئەرقەمدە دەۋەتكە ئۆتكەندىن كېيىن مۇسۇلمان بولغان.

ئىبنى سەئدنىڭ بايانىچە، ھەزىرتى ئەبۇ ئۇبەيدە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھنىڭ ساھابىلىرى ئىچىدىكى ئەڭ ئېگىز بويلۇق ساھابە ئىدى.
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بىلەن بىرلىكتە بەدر غازىتىغا ۋە باشقا بارلىق غازاتلارغا قاتناشقان.
 بەدر غازىتىدا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ يۈزىگە پېتىپ كەتكەن دۇبۇلغا ھالقىسىنى چىقىرىمەن دەپ چىشى بىلەن چىشلەپ چىقىرىش جەريانىدا ئىككى ئۇتتۇر چىشى چۈشۈپ كەتكەن. ئىككى ئۇتتۇر چىشى يوق كوماك ھالىتىدىمۇ ئىنسانلار ئارىسىدا ئەڭ كېلىشكەن زاتلاردىن ئىدى. (صفة الصفوة)
ھەزىرتى ئەبۇ ئۇبەيدە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەبەشىستانغا ھىجرەت قىلغان، كېيىن مەككىگە قايتىپ كەلگەن، ئاخىرىدا مەدىنىگە ھىجرەت قىلغان. ئىبنى سەئد تەبەقاتتا ھەزىرتى ئەبۇ ئۇبەيدەنىڭ ھەبەشىستانغا ئىككى قېتىم ھىجرەت قىلغانلىقىنى بايان قىلغان. مەدىنىگە ھىجرەت قىلىپ بارغاندا كۇلسۇم ئىبنى ھىدمنىڭ ئۆيىگە چۈشكەن. (الطبقات الكبرى ٣/‏٣١٣)

ھەزىرتى ئەبۇ ئۇبەيدە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بىلەن بەدر غازىتىغا قاتناشقان چاغدا 41 ياشتا ئىدى. بەدردە دۈشمەن سېپىدە دادىسى بىلەن روبىرو كېلىپ، مۇشرىك دادىسى ئۇنىڭغا توختىماي ھۇجۇم قىلغاندىن كېيىن، ئاقىۋەتتە مۇشرىك دادىسىنى ئۆلتۈرگەن.

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ھەزىرتى ئەبۇ ئۇبەيدەنى زاتىل خەبت قوشۇنىغا باش قېلىپ يولغا سالغان. قوشۇندا ئەنسار ۋە ساھابىلەردىن بولۇپ ئۈچ يۈز كىشى بار ئىدى. دېڭىز ساھىلىدا دېڭىز قىرغاققا چىقىرىپ قويغان كىتنىڭ گۆشىنى ئون بەش كۈن ئەتراپىدا يېگەن ۋە بىر قىسىمىنى مەدىنىگە ئالغاچ كەلگەن. (مسند أبي داود الطيالسي ٣/‏٣٠٤)

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۇنى نەجران ئەھلىگە «بۇ ئۈممەتنىڭ ئىشەنچىلىك كىشىسى» دەپ يولغا سالغان. ئەبۇ نۇئەيمنىڭ بايانىچە، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ھەزىرتى ئەبۇ ئۇبەيدەنى، ئەبۇ تەلھە ئەنسارىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن قېرىنداش قىلىپ قويغان. ئىبنى سەئدنىڭ بايانىچە، رەسۇلۇللاھ ھەزىرتى ئەبۇ ئۇبەيدەنى ئەبۇ ھۇزەيفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئازاد قىلىۋەتكەن قۇلى سالىم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن قېرىنداش قىلىپ قويغان. ئىبنى سەئىدنىڭ يەنە بىر بايانىدا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۇنى مۇھەممەد ئىبنى مەسلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن قېرىنداش قىلىپ قويغان. ھەزىرتى ئەبۇ ئۇبەيدە ئوھۇد غازىتىدا مۇسۇلمانلار قوشۇنى ئېغىر زەربىگە ئۇچرىغان چاغدىمۇ رەسۇلۇللاھنى قوغداپ مۇستەھكەم تۇرغان. جەڭدە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم يارىلانغان بولۇپ، رەسۇلۇللاھنىڭ دۇبۇلغىسىنىڭ ھالقىسى مۇبارەك يۈزىگە پېتپ كەتكەن. ھەزىرتى ئەبۇ ئۇبەيدە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ يۈزىگە كىرىپ كەتكەن تۆمۈر ھالقىنى چىقىرىشتا ئەبۇ بەكرى سىددىق بىلەن تالىشىپ قالغان، ئاقىۋەتتە رەسۇللاھنىڭ مۇبارەك يۈزىگە پېتىپ كەتكەن تۆمۈر ھالقىنى چىقىرىش جەريانىدا ئىككى ئۇتتۇر چىشى سۇنۇپ كەتكەن. ئەبۇ ئۇبەيدە شۇنىڭدىن كېيىن كىشىلەر ئارىىسدا ئىككى ئۇتتۇر چىشى يوق كوماك ھالەتتە يۈرگەن. بۇ ۋەقەلىكنى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا دادىسى ئەبۇ بەكرى سىددىقتىن نەقىل قىلغان. (الطبقات الكبرى ٣/‏٣١٣)

ھەزىرتى ئۆمەر ھەزىرتى ئەبۇ ئۇبەيدەنى خالىد ئىبنى ۋەلىدنىڭ ئورنىغا شامغا قوماندان قىلىپ ئەۋەتكەن. ھىجرەتنىڭ 18-يىلى شامنىڭ ئەمەۋاس دېگەن جايىدىكى ۋابادا (ھازىر بۇ جاي ئىئوردانىيەگە قاراشلىق) ۋاپات بولۇپ، بىيسان دېگەن جايغا دەپنە قىلىنغان. ۋاپات بولغان 58 ياشتا ئىدى. مىيت نامىزىنى مۇئاز ئىبنى جەبەل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ چۈشۈرگەن. ھەزىرتى مۇئاز شامدا ئەبۇ ئۇبەيدەنىڭ ئورنىغا ئەمىر بولغان. (الطبقات الكبرى ٣/‏٣١٣)

مۇھەددىس ئەبۇ نۇئەيم رەھىمەھۇللاھنىڭ بايانىچە، ئەبۇ ئۇبەيدە ئىبنى جەرراھنىڭ نەسلى داۋام قىلمىغان. (معرفة الصحابة)

ھەزىرتى ئەبۇ ئۇبەيدە شامدا ئەمر بولۇپ تۇرۇۋاتقان مەزگىلدە خەلقكە مۇنداق دېگەن: «ئى خالايىق! مەن قۇرەيشلىك كىشىلەردىن بىرىمەن. سىلەردىن ئاراڭلاردىن مەيلى قىزىل، مەيلى قارا ھەر قانداق بىرىنىڭ تەقۋادا مەندىن ئۈستۈنلۈكىنى بىلسەم، مۇتلەق رەۋىشتە ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولۇشنى ئارزۇلىدىم.» (ئىبنى مۇبارەك: زۇھد)
ھەزىرتى ئۆمەر يېقىنلىرىغا «ئارزۇلىرىڭلارنى ئېيتىپ بېقىڭلار» دېۋىدى، بىرەيلەن «مۇشۇ ئۆي توشقۇدەك ئالتۇنۇم بولسا، ئۇنى ئاللاھ يولىدا خىراجەت قىلغان بولسام» دېدى. ھەزىرتى ئۆمەر يەنە تەلەپ قىلىۋىدى، باشقا بىر زات «مۇشۇ ئۆي توشقۇدەك مال-دۇنيارىم بولسا، ئۇنى ئاللاھ يولىدا سەدىقە قىلسام» دېدى. ھەرزىتى ئۆمەر يەنە تەلەپ قىلىۋىدى، ئۇلار «بىلەلمەي قالدۇق، ئەي مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى» دېدى. ھەزىرتى ئۆمەر «مەن ئەبۇ ئۇبەيدە ئىبنى جەرراھتەك كىشىلەردىن مۇشۇ ئۆي توشقۇدەك بولۇشىنى ئارزۇ قىلىمەن» دېىدى. (صفة الصفوة 1\138)
ئىمام ئەھمەد «فضائل الصحابة» ناملىق ئەسىرىدىكى مۇشۇ ھەقتىكى باياندا، ھەزىرتى ئۆمەرنىڭ «مەن ئەبۇ ئۇبەيدە ئىبنى جەرراھ، مۇئاز ئىبنى جەبەل، ئەبۇ ھۇزەيفىنىڭ ئازادگەردىسى سالىم ۋە ھۇزەيفە ئىبنى يەمان قاتارلىق ئەركەكلەردىن (مۇشۇ ئۆي) لىق توشقۇدەك بولۇشىنى ئارزۇ قىلىمەن» دېگەنلىكى نەقىل قىلىنغان. (فضائل الصحابة لأحمد بن حنبل 1280؛ 2\740)

ھەزىرتى ئۆمەر شامغا كەلدى، ئىنسانلارنىڭ ئۈستۈن پەزىلەتلىكىرى ئۇنى قارشى ئالدى. ھەزىرتى ئۆمەر «قېرىندىشىم قەيەردە؟» دېۋىدى، ئۇلار «كىمنى دەيسەن؟» دەپ سورىدى. ھەزىرتى ئۆمەر «ئەبۇ ئۇبەيدە ئىبنى جەرراھنى» دېۋىدى، ئۇلار «ئەنە كېلىۋاتىدۇ» دېيىشتى. ئەبۇ ئۇبەيدە ئىبنى جەرراھ ھەزىرتى ئۆمەرنىڭ ئالدىغا كەلگەندە، ھەزىرتى ئۆمەر ئۇلىغىدىن چۈشۈپ، ئەبۇ ئۇبەيدەنى قۇچاقلىدى. ئاندىن ئەبۇ ئۇبەيدە ئىبنى جەررراھ بىلەن بىرلىكتە ئۇنىڭ ئۆيىگە باردى. ھەزىرتى ئۆمەر ئەبۇ ئۇبەيدە ئىبنى جەرراھنىڭ ئۆيىدە قىلچتىن، قالقاندىن ۋە ئاتنىڭ ئىگىرىدىن باشقا (كۆزگە تۈزۈك چېلىققۇدەك بىرەر) نەرسە كۆرمىدى. ھەزىرتى ئۆمەر ئۇنىڭغا «باشقىلاردەك مال-مۈلۈك يىغماپسەنغۇ؟» دېۋىدى، ئەبۇ ئۇبەيدە جاۋابەن «ئى مۆمىنەرنىڭ ئەمىرى، مۇشۇ نەرسىلەر مېنى ياتىدىغان يېرىمگە يەتكۈزىدۇ» دېدى. (مۇسنەد ئەھمەد)

ھەزىرتى ئۆمەر قەستكە ئۇچراپ يارىدار ھالىتىدە يېتىپ مۇنداق دېگەن: ئەگەر ئەبۇ ئۇبەيدە بولغان بولسا، ئۇنى ئۆزۈمدىن كېيىنكى خەلىپە قىلىپ تەيىنلىگەن بولاتتىم. بۇ ھەقتە ھېچكىم بىلەن مەسلىھەتلەشمىگەن بولاتتىم. ئەگەر قىيامەت كۈنى رەببىم مەندىن بۇ قىلمىشىمنى سورىسا، رەببىمگە جاۋابەن «ئى رەببىڭ! مەن پەيغەمبىرىنىڭ ئۇنى مۇشۇ ئۈممەتنىڭ ئەمىين كىشىسى دېگەنلىكىنى ئاڭلاپ، شۇڭا خەلىپىكتە ئۆزۈمگە ۋارىس قىلغان ئىدىم» دېگەن بولاتتىم. (تاريخ دمشق لابن عساكر ٥٨/٤٠٤؛ الطبقات الكبرى لابن سعد ٣/٣٨٢)

تابىئىن ئالىم قەتادە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «ئەبۇ ئۇبەيدە ئىبنى جەرراھ مۇنداق دېگەن: ئۆزۈمنىڭ بىر قوچقار بولغان بولۇشۇمنى، ئەھلىمنىڭ مېنى بوغۇزلاپ گۆشۈمنى يەپ، شورپامنى ئىچكەن بولۇشىنى (بۇ ئارقىلىق قىيامەتتە ئاللاھنىڭ مېنى جازالىشىدىن قۇتۇلۇپ قالغان بولۇشۇمنى) ئۈمىد قىلىمەن.» (الزهد لأحمد بن حنبل ١/١٥١) * باشقا بىر تۈركۈم ساھابىلەرنىڭمۇ مۇشۇ مەزمۇندا سۆز قىلغانلىقى نەقىل قىلىنغان. مەقسەت:  ئاخىرەتنىڭ دەھشىتىنىڭ پەيغەمبەرلەرنىمۇ تىتىرىتىۋېتىدىغانلىقى، ئاللاھقا بېرىدىغان ھېساپ كىتاپنىڭ قىيىنلىقى ئۈچۈن، ھايۋانلار دوزاخقا كىرىپ قېلىش قىسمىتىگە دۇچ كەلمەيدىغانلىقى ئۈچۈن مۇشۇنداق دېيىلگەن.

ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ (خەلىپىلىك دەۋرىدە ئۆزى دۆلەت خىزمىتى ئۈچۈن ئىشلەتكەن) خەۋەرچىلەردىن بىرىگە تۆت مىڭ دىرھەم ۋە تۆت يۈز دىنار پۇل بېرىپ «بۇنى (شامدىكى) ئەبۇ ئۇبەيدە ئىبنى جەرراھقا ئېلىپ بار، ئاندىن ئۇنىڭ قانداق قىلىدىغانلىقىغا قارا» دەپ بۇيرۇدى. خەۋەرچى پۇلنى ئېلىپ بېرىپ، ئەبۇ ئۇبەيدەگە بېرىۋىدى، ئەبۇ ئۇبەيدە ئۇ پۇللارنىڭ ھەممىسىنى مۇسۇلمانلارغا تارقىتىۋەتتى. ئەلچى بۇ خەۋەرنى كۆتۈرۈپ ھەزىرتى ئۆمەرگە كېلىۋىدى يەنە ئوخشاش مىقداردىكى پۇلنى بېرىپ، ئەمدى بۇنى مۇئازغا ئېلىپ بار ۋە قانداق قىلىدىغانلىقىنى كۆزەت، دەپ تاپىلىدى. مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمۇ قولىغا چۈشكەن پۇللارنىڭ ھەممىسىنى مۇسۇلمانلارغا تەقسىم قىلىۋەتتى. بۇ پەيتتە، ئايالى ھۇجرىسىنىڭ ئىچكىرىسىدە تۇرۇپ ئائىلىدىكىلەرنىڭ ئازغىنە بولسىمۇ پۇل-مالغا ناھايىتى ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. خەۋەرچى بۇنى ھەرىزتى ئۆمەرگە ئېلىپ كېلىۋىدى «ئىسلامدا مۇشۇنداق كىشىلەرنى ياراتقان ئاللاھقا ھەمدىلەر بولسۇن» دېدى. (جامع الأصول ٤/١١٩ — ابن الأثير؛ تاريخ دمشق لابن عساكر ٢٥/٤٨١)

— مۇجتەھىد تورى تەييارلىدى

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ