ساھابىلەرنىڭ مىراسخورى — ھەسەن بەسرى رەھىمەھۇللاھ

ساھابىلەرنىڭ مىراسخورى — ھەسەن بەسرى رەھىمەھۇللاھ

مۇجتەھىد تورى تەييارلىدى

ھەسەن بەسرىي (ت: 20)؛ تابىئىنلارنىڭ ئىماملىردىن ۋە ئەڭ كاتتا ئالىملىرىدىن. ھەزىرتى ئۆمەرنىڭ خەلىپىلىكىنىڭ سەككىزىنچى يىلى تۇغۇلغان. ھەسەن بەسرىنىڭ دادىسى ئەبۇ يەسار، ئانىسى خەيرە مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى ئۇممۇ سەلەم رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ خىزمەتكارى ئىدى. ھەسەن بەسرى ساھابە زەيد ئىبنى سابىتنىڭ، يەنە بىر باياندا جابىر ئىبنى ئابدۇللاھنىڭ ئازادگەردىسى ئىدى. ھەسەن بەسرى چوڭ ساھابىلەردىن ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ، تەلھە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ، ئەلىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ قاتارلىقلارنى كۆرگەن. ھەسەن بەسرى 14 ياش ۋاقتىدا ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ شەھىد قىلىنىش ۋەقەسىگە شاھىد بولغان.

مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەسەن بەسرىنىڭ ئانىسىنى ئۆز ھاجەتلىرى ئۈچۈن سىرتنىڭ ئىشلىرىغا ئەۋەتەتتى. ھەسەننىڭ ئانىسى كەتكەندە (بوۋاق) ھەسەن يىغلاپ كەتسە، ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئۇنى ئەمدۈرۈپ گوللاپ تۇراتتى. بۇ چاغدا ئۇممە سەلەمە ئانىمىزدىن (رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئايالىدىن) سۈت چىقىپ، بوۋاق ھەسەن مۆمىنلەرنىڭ ئانىسىنىڭ سۈتى بىلەن ئوزۇقلىناتتى. ھەسەننىڭ ھېكمەتلىك سۆزلىشى، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلىشى، ئاللاھتىن بەك قورقۇشى ۋە ئىلىمدە دېڭىزدەك چوڭقۇرلۇقى مانا مۇشۇ مۆمىنلەرنىڭ ئانىسىنىڭ سۈتى بىلەن ئوزۇقلانغانلىقىغا باغلىنىدۇ. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەسەننىڭ تاڭلىيىغا خورما سۈركىگەن.

ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەسەن بەسرىگە مۇنداق دەپ دۇئا قىلغان: ئى ئاللاھ، ئۇنى دىندا فەقىھ قىلغىن، كىشىلەرگە ئۇنى ياخشى كۆرگۈزگىن، دەپ دۇئا قىلغان. [تذهيب تهذيب الكمال في أسماء الرجال 2\268؛ صفة الصفوة]

ھەسەن بەسرى ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا ئىۋرىقتىن (تاھارەت ئېلىشى ئۈچۈن) سۇ تۆكۈپ بەرگەن. (ابن سعد 7 / 157)

ئەبۇ قەتادە ئەلئەنسارىي (ۋ: 54) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئەنھۇ ھەسەن بەسرىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ مانداق دېگەن: (الزموا هذا الشيخ، فما رأيت أحدًا أشبه رأيًا بعمر منه) بۇ شەيخنىڭ پېشىگە چىڭ ئېسىلىڭلار. مەن دىنىي چۈشەنچە جەھەتتە بۇنىڭدىنمۇ بەك ئۆمەر ئىبنى خەتتاپقا ئوخشايدىغان باشقا بىرىنى كۆرۈپ باقمىدىم. [ابن سعد 7 / 161؛ المعرفة والتاريخ 2 / 47، 48؛ تذهيب تهذيب الكمال في أسماء الرجال 2\268]

ئەبىي بۇردە ئەسلەمىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئوغلى بىلال ئىبنى ئەبى بۇردە ھەسەن بەسرى توغرۇلۇق  مۇنداق دېگەن: مەن دادام (ئەبى بۇردە) نىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ساھابىلىرىگە (ئىلىم، تەقۋا ۋە سۈننەتكە ئەگىشىش جەھەتتە) مۇشۇ شەيختىنمۇ (يەنى ھەسەن بەسرىدىنمۇ) بەك ئوخشايدىغان باشقا بىرىنى كۆرمىدىم. [تذهيب تهذيب الكمال في أسماء الرجال 2\268]

ئىمام بۇخارى رەھىمەھۇللاھ (ۋاپاتى: 256) تابىئىن ئىمام ھەسەن بەسرىنىڭ «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ساھابىلىرى ناماز ئوقۇش جەريانىدا ئۇلارنىڭ قوللىرى يەلپۈگۈچتەك كۆتۈرۈلۈپ، چۈشۈپ تۇراتتى» دېگەنلىكىنى سەھىھ سەنەد بىلەن نەقىل.

ئىمام بۇخارى بۇ نەقىلدىن كېيىن «ھەسەن بەسرى بۇ يەردە ساھابىلەردىن ھېچكىمنى ئايرىپ قويمىغان (يەنى ھەممىسىنىڭ ئاشۇنداق كۆتۈرۈپ چۈشۈرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن)» دېگەن. (قرة العينين برفع اليدين في الصلاة للإمام البخاري؛ الاستذكار لابن عبد البر 1\410)


— مۇجتەھىد تورى تەييارلىدى

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ