ھەج ياكى ئۆمرە قىلغۇچى ئايال يۈزىنى ۋە قولىنى يۆگەمدۇ؟
ئاياللار \ خانىم-قىزلار ھەج ياكى ئۆمرىدە يۈزىنى ياپامدۇ؟
بىسمىللاھىررەھمانىررەھىم
ھەمدۇ – سانالار ئاللاھقا خاستۇر. ئۇلۇغ پەيغەمبىرىمىز رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئاللاھنىڭ سالات ۋە سالامى بولسۇن.
ئىمام بەغەۋى رەھىمەھۇللاھ (ت: 433 ۋ:510) مۇنداق دېگەن: «(ھەج ياكى ئۆمرە ئۈچۈن) ئىھراملىق ئايال كىشى يۈزىنى يات ئەرلەرنىڭ كۆزىدىن يوشۇرۇش ئۈچۈن كىيىمىنى \ جىلبابىنى (بېشىدىن) سارقىتىپ (شۇ كىيىمىنى بىلەن كىيىمنى يۈزىگە چاپلىۋالماستىن بېشىدىن سارقىپ تۇرغان ھالەتتە قىلىپ) يۈزىنى ياپىدۇ. يۈزىنى (نورمال چاغدا ياپقاندەك كىيىمىنىڭ رەختىنى يۈزىگە چاپلىشىپ تۇرىدىغان ھالدا) يېپىۋالمايدۇ، بۇرقا كىيىۋالمايدۇ.
ئۈستىگە كەيگەن كىيىمىنى سارقىتىپ يۈزىنى ياپىدۇ دېگەن بۇ ھۆكۈم ئىمام مالىكنىڭ، سۇفيان سەۋرىنىڭ، ئىمام شافىينىڭ، ئىمام ئەھمەدنىڭ ۋە ئىسھاق ئىبنى راھۇۋەيھنىڭ ھۆكمىدۇر. (يۇقىرىقى ئالىملار سەلەپ دەۋرىدىكى ھەر قايسى يۇرتلارنىڭ، يەنى پۈتكۈل ئىسلام دۇنياسى ئاغزىغا قارايدىغان ئەڭ ئىشەنچىلىك ئالىملار ئىدى، پۈتكۈل مۇسۇلمانلار ئەگىشىدىغان مۇجتەھىد ئىماملار ئىدى.) [شرح السنة 7\740]
ئىمام بەغەۋى رەھىمەھۇللاھ (ت: 433 ۋ:510) مۇنداق دېگەن: ئىھراملىق ئايال قولىغا پەلەي كىيەمدۇ-يوق؟ دېگەن مەسىلىدە ئۆلىمالار ئىختىلاپلىشىپ قالغان بولۇپ، بەزى ئۆلىمالار ئىھراملىق ئايال كىشىنىڭ قولىغا پەلەي كىيىۋېلىشى دۇرۇس ئەمەس، ئەگەر ئىھراملىق ھالىتىدە پەلەي كىيگەن بولسا، ئېھراملىق ئايالنىڭ يۈز ۋە قوللىرىنى نىقاپ، پەلەي بىلەن يېپىشى چەكلەنگەنلىكى (يەنى ئەرلەرنىڭ ئۇچىسىغا ئىشتان كۆينەك كىيىشى چەكلىنىپ، ئېھراملىق رەخت بىلەن بەدىنىنى يېپىشى بەلگىلەنگەندەك، ئايال كىشىنىڭ يۈزىنى نىقاپ، قولىنى پەلەي بىلەن يېپىشى چەكلىنىپ، يۈزى ۋە قولىنى نىقاپ ۋە پەلەيدىن باشقا نەرسە بىلەن يېپىشى بەلگىلەنگەنلىكى ئۈچۈن) بۇ قىلمىشى سەۋەبلىك فىديە بېرىدۇ، دېگەن. كۆپچىلىك ئالىملار، ئەگەر ئايال كىشى قولىغا پەلەي كىيىۋالغان بولسا، بۇنىڭ ئۈچۈن فىديە تۆلىمەيدۇ، بۇ قىلمىشى ئۈچۈن ھەر قانداق جازا، كەففارەت يوق دېگەن. ئىمام شافىينىڭ بۇ ھەقتىكى ئىككى مەشھۇر ھۆكمىنىڭ بىرىمۇ مۇشۇنداق. [شرح السنة 7\242]
ئىمام نەۋەۋى رەھىمەھۇللاھ «المجموع شرح المهذب» ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دېگەن:
ئىمام شافىئىي <ئەلئۇم> ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دېگەن، شۇنداقلا بۇ شافىي مەزھىبى ئالىملىرىنىڭمۇ ھۆكمىدۇر: <ئايال كىشىنىڭ (سەفا بىلەن مەرۋە ئارىسىدا) كېچىسى سەي قىلىشى مۇستەھەبتۇر. چۈنكى كېچىسى (بۇ ئىبادەتنى قىلىش) ئاياللارنى يات ئەرلەردىن تېخىمۇ يوشۇرىدۇ، ئەزالىرىنىڭ يات ئەرلەرگە كۆرۈنمەسلىكى ئۈچۈن تېخىمۇ بىخەتەر بولىدۇ، شۇنداقلا ئاياللارنىڭ كېچسى سەئىي قىلىشى ئۆزى ۋە باشقىلار ئۈچۈن پىتنىدىن تېخىمۇ ئۇزاق بولىدۇ. شۇنداقتىمۇ، ئايال كىشىنىڭ كۈندۈزى تاۋاپ قىلىشىمۇ جائىز. لېكىن، ھەج – ئۆمرە قىلغۇچى ئايال يۈزنى يېپىپ تۇرىدىغان رەخت قاتارلىقلارنى، يۈز تېرىسىگە چاپلىۋالمىغان ھالدا (بېشىنىڭ ئۈستىدىن) ساڭگىلىتىش ئارقىلىق يۈزىنى ياپىدۇ. mujtehid.com (المجموع شرح المهذب 8\75)
ئايال كىشىنىڭ ھەجدە يۈزىنى ياپىدىغانلىقىنى دەلىلى تۆۋەندىكى ئىككى ھەدىستۇر.
ئەسما رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ۋە زۇبەير ئىبنى ئاۋۋامنىڭ نەۋرىسى، تابىئىن ئالىمە فاتىمە بىتنى مۇنزىر مۇنداق نەقىل قىلغان:
(زۇبەير ئىبنى ئاۋۋامنىڭ نەۋرىسى، ئايال تابىئىن ئالىمە) فاتىمە بىتنى مۇنزىر (ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن) مۇنداق دېگەن: ((كُنَّا نُخَمِّرُ وُجُوهَنَا وَنَحْنُ مُحْرِمَاتٌ، وَنَحْنُ مَعَ أَسْمَاءَ بِنْتِ أَبِي بَكْرٍ الصِّدِّيقِ)) بىز ئېھراملىق ھالەتتە يۈزىمىزنى ياپاتتۇق. بىز (ئېھراملىق ۋە يۈز ياپقان ھالەتتە) ئەسما بىتنى ئەبۇ بەكرى سىددىق بىلەن بىللە ئىدۇق. (مالىك: مۇۋەتتا 224، 724؛ ھاكىم: مۇستەدرەك 1\454؛) يەنە بىر رىۋايەتتە: «ئەسما بىنتى ئەبۇ بەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھا بىزنىڭ بۇنداق قىلىشىمىزغا قارشى چىقمايتتى» دېگەن جۈملە قوشۇلۇپ نەقىل قىلىنغان.
* ئەبۇ بەكرى سىددىقنىڭ قىزى ئەسما بىنتى ئەبۇ بەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھا — فاتىمە بىنتى مۇنزىرنىڭ چوڭ ئانىسى ھېسابلىنىدۇ. ئەسما رەزىيەللاھۇ ئەنھا يەنە مۇشۇ ئەسەرنى نەقىل قىلغان فاتىمە بىنتى مۇنزىرنىڭ ئېرى ھىشام ئىبنى ئۇرۋە ئىبنى زۇبەيرنىڭمۇ چوڭ ئانىسىدۇر. (شرح الزرقاني على الموطأ ٢/٣٤٩) مۇۋەتتا مالىكنىڭ زەرقانى شەرھىدە مۇنداق دېيىلگەن:
«ئېھراملىق ئايالنىڭ يات كىشىلەرنىڭ نەزىرىدىن ساقلىنىش مەقسىتىدە يۈزىنى يېپىۋېلىشى دۇرۇستۇر. ئېھراملىق ئايال ئەگەر ئۆزىنىڭ (ئوچۇق يۈزى) سەۋەبلىك پىتنە كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى جەزملەشتۈرسە، ياكى ئەرلەرنىڭ ئوچۇق يۈزىگە شەھۋەت (لەززەت) نەزىرى بىلەن قارايدىغانلىقىنى ھېس قىلسا يۈزىنى يېپىشى پەرز بولىدۇ.
ئىمام ئىبنى مۇنزىر مۇنداق دېگەن: «ئالىملار ئېھراملىق ئايالنىڭ ھەر قانداق تىكىلگەن كىيىملەرنى ۋە مەيسىلەرنى كىيىشكە بولىدىغانلىقىغا، شۇنداقلا بېشىنى ۋە چېچىنى يېپىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىگە ئىتتىپاققا كەلگەن. لېكىن ئايال كىشى (ئېھرامدا) يۈزىنى (نىقاب بىلەن تېڭىپ) يۆگىۋالمايدۇ، بەلكى يات كىشىلەرنىڭ نەزىرىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن لېچىكىنى يۈزىنىڭ ئۈستىدىن سارقىتىش ئارقىلىق يۈزىنى يېپىۋالىدۇ، ئەمما (نىقاب، بۇرقا قاتارلىق يۈزگە بىۋاستە چاپلىشىپ تۇرىدىغان كىيىملەر بىلەن) يۈزىنى يېپىۋالمايدۇ. » (شرح الزرقاني على الموطأ ٢/٣٤٩)
ئايال كىشىنىڭ يۈزىنى ئادەتتە يۈزىنى يېپىش ئۈچۈن كىيىدىغان نىقاب، بۇرقا قاتارلىق كىيىملەر بىلەن يېپىۋېلىشىغا بولمايدۇ دېگەن ھۆكۈم رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تۆۋەندىكى ھەدىسىگە بىنائەن چىقىرىلغان توغرا ھۆكۈمدۇر.
ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلغان: ((وَلاَ تَنْتَقِبِ الْمَرْأَةُ الْمُحْرِمَةُ وَلاَ تَلْبَسِ الْقُفَّازَيْنِ)) «ئىھراملىق ئايال (يۈزىگە) نىقاب تاقىمىۋالمىسۇن، قوللىرىغا پەلەي كىيىۋالمىسۇن.» hedisim.com (بۇخارى 1838؛ مالىك 724؛ ئەبۇ داۋۇد 1825؛ تىرمىزى 833؛ نەسائىي 2673؛ ئىبنى خۇزەيمە 2437؛ نەسائىي: سۇنەن كۇبرا 3542؛ بەيھەقى: سۇنەن كۇبرا 8361)
مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: ((تَلْبَسُ الْمُحْرِمَةُ مَا شَاءَتْ مِنَ الثِّيَابِ إلَّا الْبُرْقُعَ وَالْقُفَّازَيْنِ وَلَا تَنَقَّبُ)) «(ھەج ياكى ئۆمرە ئۈچۈن) ئىھراملىق ئايال خالىغان بۇرقا، پەلەيدىن باشقا خالىغان كىيىمنى كىيسە بولىدۇ، شۇنداقلا نىقاب تاقىۋالسا بولمايدۇ.» hedisim.com(مۇسەننەف ئىبنى ئەبى شەيبە 17067)
يۇقىرىقى ھەدىس ھىجاپ ئايىتىنىڭ ھۆر ئاياللارنىڭ يۈزىنى يېپىش ئۈچۈن نازىل بولغىنىنى ئوچۇق كۆرسىتىپ بېرىدۇ. چۈنكى، ھەدىستە ئىھراملىق ئايال نىقاپ ۋە پەلەي تاقاشتىن توسۇلغان. بۇ ئاياللارنىڭ ئىھراملىق ھالىتىدىن باشقا چاغدا نامەھرەملەر كۆرۈش ئېھتىمالى بولغان ئەھۋالدا يۈزىگە نىقاب، قولىغا پەلەي تاقايدىغانلىقىنى، يەنى ئاياللار ئۈچۈن نىقاپ ۋە پەلەينىڭ خۇددى ئەرلەر ئۈچۈن ئىزار، تون، يەكتەكلەردەكلا ئومۇملاشقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئەرلەرنىڭ ھەج – ئۆمرىدە تون، يەكتەك، ئىشتان كىيشتىن چەكلەنگەنلىكى — ھەج – ئۆمرە قىلغان ئەرنىڭ بەدىنىنى ئوچۇق قويۇپ، قىپيالىڭاچ بولىۋېلىشىنى بىلدۈرمىگەندەك، ئاياللارنىڭ ھەج – ئۆمرىدە نىقاب ۋە پەلەي تاقاشتىن چەكلىنىشى — ھەجدە – ئۆمرە قىلغان ئايالنىڭ يۈزى ۋە قولىنى ئوچۇق قويۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرمەيدۇ. ئائىشە ئانىمىزنىڭ تۆۋەندىكى ھەدىسىمۇ بۇنى ئوچۇق كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
ئائىشە بىنتى ئەبۇ بەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: ((كَانَ الرُّكْبَانُ يَمُرُّونَ بِنَا وَنَحْنُ مَعَ رَسُولِ اللَّهِ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ مُحْرِمَاتٌ فَإِذَا جَاوَزُوا بِنَا سَدَلَتْ إِحْدَانَا جِلْبَابَهَا مِنْ رَأْسِهَا عَلَى وجهِها فإِذا جاوزونا كشفناهُ)) «بىز رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بىلەن (ھەج سەپىرىدە) بىللە ئىھرام باغلاپ (ھەج قىلىۋاتقان) ئىدۇق ۋە كىشىلەر ئۇلاغلىرىغا مىنىپ يېنىمىزدىن ئۆتەتتى. ئۇلار يېنىمىزدىن ئۆتكۈدەك بولسا جىلبابىمىزنى سارقىتىپ يۈزىمىزنى يېپىۋالاتتۇق، ئۇلار ئۆتۈپ كەتكەندە يۈزىمىزنى ئاچاتتۇق.» hedisim.com (ئەبۇ داۋۇد <1833> ۋە ئىبنى ماجە توپلىغان؛ مىشكات مەسابىھ 2690؛ وقال الألباني في «جلباب المرأة المسلمة» (ص107)حسن في الشواهد)
ئىمام شافىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «سىلەر رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ بىر سۈننىتىنى تاپساڭلار، شۇ سۈننەتكە ئەگىشىڭلار (يەنى بويىچە ئەمەل قىلىڭلار.) كىشىلەردىن ھېچقانداق بىرىنى (يەنى ھېچقانداق بىرىنىڭ سۈننەتكە ئۇيغۇنسىز ھۆكمىنى) ئېتىبارغا ئالماڭلار.» hedisim.com (ذم الكلام للهروي 3\15)
ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ پاك ئاياللىرىنى باشقا بارچە مۆمىنە ئاياللارغا ئۈلگە قىلدى. ئەقىدىدە، ئەخلاقتا، ئىبادەتتە، كىيىنىشتە ۋە بارچە جەھەتلەردە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئاياللىرىنى ئۈلگەن تۇتقان مۇسۇلمان خانىم – قىزلار ئەڭ توغرا يولدىكى، ئاللاھقا ئەڭ يېقىن مۆمىنەلەردۇر. مۆمىنلەرنىڭ ئانىلىرى تۇتقان يولىدىن، جۈملىدىن ھەج – ئۆمرىدىكى ۋە نورمال ھالەتلەردىكى كىيىنىشىدىن، يۈز ئۆرىگەن مۇسۇلمان خانىم – قىزلارنى ئاللاھ ھىدايەت قىلسۇن.
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ بۇيرۇغىنىدەك، ھەج ياكى ئۆمرىگە ئېھرام باغلىغان ئايال يۈزىنى نىقاب بىلەن، قولىنى پەلەي بىلەن ياپمايدۇ. ئىمام ئىبنى تەيمىييە قاتارلىق ئالىملارنىڭ ئېيتقىنىدەك، رومىلى بىلەن يۈزىنى، كىيىمىنىڭ يېڭى قاتارلىقلار بىلەن قولىنى نامەھرەمدىن ياپىدۇ.
مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ھەجدە يۈزىنى يېپىشى
ئائىشە بىنتى ئەبۇ بەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: ((كَانَ الرُّكْبَانُ يَمُرُّونَ بِنَا وَنَحْنُ مَعَ رَسُولِ اللَّهِ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ مُحْرِمَاتٌ فَإِذَا جَاوَزُوا بِنَا سَدَلَتْ إِحْدَانَا جِلْبَابَهَا مِنْ رَأْسِهَا عَلَى وجهِها فإِذا جاوزونا كشفناهُ)) «بىز رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بىلەن (ھەج سەپىرىدە) بىللە ئىھرام باغلاپ (ھەج قىلىۋاتقان) ئىدۇق ۋە كىشىلەر ئۇلاغلىرىغا مىنىپ يېنىمىزدىن ئۆتەتتى. ئۇلار يېنىمىزدىن ئۆتكۈدەك بولسا جىلبابىمىزنى سارقىتىپ يۈزىمىزنى يېپىۋالاتتۇق، ئۇلار ئۆتۈپ كەتكەندە يۈزىمىزنى ئاچاتتۇق.» hedisim.com (ئەبۇ داۋۇد <1833> ۋە ئىبنى ماجە توپلىغان؛ مىشكات مەسابىھ 2690؛ وقال الألباني في «جلباب المرأة المسلمة» (ص107)حسن في الشواهد)
— مۇجتەھىد تورى
مۇناسىۋەتلىك تېما:
ئايەتتە بۇيرۇلغان «جىلباب» قانداق كىيىم؟
قۇرئان ۋە سەھىھ ھەدىسلەردىن يۈز يېپىشنىڭ پەرزلىكىگە دەلىللەر
كۇفۇر دىيارىدا ياشايدىغان ئايالنىڭ يۈز يېپىشىنىڭ ھۆكمى | ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىن پەتىۋاسى
هَلْ يَجُوزُ لِلْمَرْأَةِ لُبْسُ الْقُفَّازَيْنِ \ | …سَتْرِ الْوَجْهِ… .. سَدَلَتْ ثَوْبًا عَلَى وَجْهِهَا مُتَجَافِيًا عَنْ بَشْرَةِ الْوَجْهِ..
