ئوتتۇز بۈيۈك ئالىمدىن رۇكۇدىن ئىلگىرى ۋە كېيىن قوللارنى كۆتۈرۈش ھەققىدە يېتەرلىك جاۋاب

رۇكۇغا بارغاندا ۋە رۇكۇدىن تۇرغاندا قوللارنى كۆتۈرۈش ھەققىدە يېتەرلىك جاۋاب
رەفىيەت، رەفئۇل يەدەين، رەفيەد قىلىش ھەققىدە

مۇجتەھىد تورى

بىسمىللاھىررەھمانىررەھىم

ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەمدىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھقا خاستۇر. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە دۇرۇت ۋە سالاملار بولسۇن.

رۇكۇغا بارغاندا ۋە رۇكۇدىن تۇرغاندا قوللارنى كۆتۈرمەسلىك توغرىسىدىكى رىۋايەتلەر دەلىلگە يارىمايدىغان زەئىپ ھەدىسلەر بولۇپ،  بۇ ھەقتە بەررا ئىبنى ئازىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا نىسبەت بېرىلگەن، نامازنى باشلىغان چاغدىن باشقىسىدا قوللىرىنى كۆتۈرمىدى، دېگەن رىۋايەتنى، ھەدىسشۇناسلىقتا ئەڭ ئۈستۈن دەرىجىگە چىققان، فىقھتا يۈكسەك ماقام ھازىرلىغان كۆپلىگەن مۆتىۋەر ھەدىسشۇناسلار زەئىپ دەپ باھالىغان. ئىمام بۇخارى، ئىمام شافىي، ئىمام ئەھمەد، ئىمام ئەبۇ داۋۇد، ئىمام تىرمىزى، ئىمام ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەك، يەھيا ئىبنى مەئىين، ئەلىي ئىبنى مەدىينىي، ئىمام بۇخارىنىڭ ئۇستازى ھۇمەيدىي، ئىمام دارىمى، ئىمام ئىبنى خۇزەيمە، داراقۇتنى، ھاكىم، قاتارلىق  ئالىملار بۇ ھەقتىكى رىۋايەتنى دەلىلگە يارىمايدىغان زەئىپ ھەدىس دەپ باھالىغان. (رفع اليدين في الصلاة لابن القيم 1\44) ئىمام نەۋەۋى مۇنداق دېگەن: بەررا ئىبنى ئازىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا نىسبەت بېرىلگەن (تۇنجى قېتىمدىن باشقا چاغدا قوللارنى كۆتۈرمىدى دېگەن) ھەدىس، ھەدىس ئىماملىرىنىڭ ئىتتىپاقى بىلەن زەئىپتۇر. (المجموع شرح المهذب 3\402) ئىمام زەھەبىيمۇ بۇ ھەدىسنى زەئىپ دېگەن؛ يېڭى زامان ھەدىسشۇناسلىرىدىن ئىمام ئەلبانىي، شۇئەيب ئارنائۇت، ئابدۇلمۇھسىن ئابباد قاتارلىق ھەدىسشۇناسلارمۇ بۇنى زەئىپ دېگەن. (شرح سنن أبي داود للعباد ٩٨/‏٢٢) بارچە مۆتىۋەر ئۆلىمالارنىڭ ئېيتقىنىدەك، شەرئىي ئىبادەتتە زەئىپ ھەدىسكە تايىنىشقا بولمايدۇ. (مقدمة مسلم ١/ ٢٨، وابن رجب في «شرح علل الترمذي» ٢/ ١١٢) نامازدا رۇكۇدىن ئىلگىرى ۋە كېيىن قوللارنى كۆتۈرمىگەنلىك توغرىسىدىكى رىۋايەتلەرنى زەئىپ دېگەن يەنە بىر بۈيۈك سەلەپ ئالىمى، ئىمام سۇفيان سەۋرى (ت:97 ۋ:161) رەھىمەھۇللاھتۇر. ئىمام سۇفيان سەۋرىنىڭ رۇكۇغا بارغاندا ۋە تۇرغاندا قوللارنى كۆتۈرمەسلىكى توغرىسىدىكى رىۋايەتنى زەئىپ دەپ رەت قىلغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ رۇكۇدىن ئىلگىرى ۋە كېيىن قوللىرىنى كۆتۈرگەنلىكى توغرىسىدا ئىمام بۇخارى بايان قىلغان سەھىھ نەقىللەرنىمۇ ماقالىمىزنىڭ داۋامىدا نەقىل قىلىنىدۇ. 

ئىمام بۇخارى مۇنداق نەقىل قىلغان: مەشھۇر ساھابە ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر ئىبنى خەتتاپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رۇكۇغا بارىدىغاندا ۋە رۇكۇدىن تۇرغاندا قوللىرىنى كۆتۈرمىگەن كىشىنى كۆرسە (ئېتىراز بىلدۈرۈش ۋە ئەدەپلەش يۈزىسىدىن) ئۇنىڭغا تاش ئاتاتتى. (قرة العينين برفع اليدين في الصلاة للإمام البخاري 17)

ئىمام بۇخارى رەھىمەھۇللاھ بۈيۈك ساھابە جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى نەقىل قىلغان: (لَمْ يَكُنْ أَحَدٌ أَلْزَمَ لِطَرِيقِ النَّبِيِّ ﷺ وَلَا أَتْبَعَ مِنِ ابْنِ عُمَرَ)

«رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ يولىنى لازىم تۇتۇشتا ۋە ئۇ زاتقا ئەگىشىشتە ئىبنى ئۆمەردەك بىرى بولۇپ باقمىدى.» (قرة العينين برفع اليدين في الصلاة للإمام البخاري 17)

رۇكۇغا بېرىشتىن ئىلگىرى ۋە كېيىن قوللارنى كۆتۈرۈش يالغۇز ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر، مالىك ئىبنى ھۇۋەيرىس قاتارلىق بىر قانچە ساھابىدىنلا نەقىل قىلىنغان ھەدىس بولماستىن، ئىمام بۇخارى نامازدا قوللارنى كۆتۈرۈش ئەسىرىدە نەچچە ئون ساھابىنىڭ ۋە نەچچە يۈز تابىئىننىڭ رۇكۇدىن ئىلگىرى ۋە كېيىن قوللىرىنى كۆتۈرگەنلىكىنى بىرمۇ بىر نەقىل قىلغان.

ئىمام بۇخارى رەھىمەھۇللاھ (ۋاپاتى: 256) تابىئىن ئىمام ھەسەن بەسرىنىڭ «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ساھابىلىرى ناماز ئوقۇش جەريانىدا ئۇلارنىڭ قوللىرى يەلپۈگۈچتەك كۆتۈرۈلۈپ، چۈشۈپ تۇراتتى» دېگەنلىكىنى سەھىھ سەنەد بىلەن نەقىل.

ئىمام بۇخارى بۇ نەقىلدىن كېيىن «ھەسەن بەسرى بۇ يەردە ساھابىلەردىن ھېچكىمنى ئايرىپ قويمىغان (يەنى ھەممىسىنىڭ ئاشۇنداق كۆتۈرۈپ چۈشۈرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن)» دېگەن. (قرة العينين برفع اليدين في الصلاة للإمام البخاري؛ الاستذكار لابن عبد البر 1\410)

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ساھابىلىرىنىڭ ناماز ئوقۇش جەريانىدا قوللىرىنىڭ (رۇكۇدىن ئىلگىرى ۋە كېيىن) يەلپۈگۈچتەك كۆتۈرۈلۈپ چۈشۈپ تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقان تابىئىن ئالىم ھەسەن بەسرى رەھىمەھۇللاھ يۈزلەرچە ساھابىدىن ئىلىم ئۆگەنگەن زات بولۇپ، ھەزىرتى ئۆمەر خلاپىتىنىڭ 8-يىلى تۇغۇلغان. ھەسەن بەسرىنىڭ ئانىسى، مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ خىزمىتىنى قىلاتتى. ھەسەن بەسرى بوۋاقلىقىدا مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ سۈتىنى ئەمگەن. ھەزىرتى ئۆمەر ھەسەن بەسرىگە «ئى ئاللاھ! بۇنى دىندا فەقىھ قىلغىن» دەپ دۇئا قىلغان. بالىلىقىدا ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا تاھارەت سۈيىنى يۇقۇپ بەرگەن. ھەسەن بەسرى «مەن ھەزىرتى ئوسمان شەھىد قىلىنغاندا 14 ياشتا ئىدىم» دېگەن. ساھابە ئەبۇ قەتادە ئەلئەنسارىي (ۋ: 54) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئەنھۇ ھەسەن بەسرىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ مانداق دېگەن: (الزموا هذا الشيخ، فما رأيت أحدًا أشبه رأيًا بعمر منه) «بۇ شەيخنىڭ پېشىگە چىڭ ئېسىلىڭلار. مەن دىنىي چۈشەنچە جەھەتتە بۇنىڭدىنمۇ بەك ئۆمەر ئىبنى خەتتاپقا ئوخشايدىغان باشقا بىرىنى كۆرۈپ باقمىدىم.» [ابن سعد 7 / 161؛ المعرفة والتاريخ 2 / 47، 48؛ تذهيب تهذيب الكمال في أسماء الرجال 2\268]

ساھابە ئەبىي بۇردە ئەسلەمىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئوغلى بىلال ئىبنى ئەبى بۇردە ھەسەن بەسرى توغرۇلۇق  مۇنداق دېگەن: مەن دادام (ئەبى بۇردە) نىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ساھابىلىرىگە (ئىلىمدە، ئىبادەتتە، ئەخلاقتا ۋە زۇھدتا) مۇشۇ شەيختىنمۇ (يەنى ھەسەن بەسرىدىنمۇ) بەك ئوخشايدىغان باشقا بىرىنى كۆرمىدىم.» [تذهيب تهذيب الكمال في أسماء الرجال 2\268] يۇقىرىقىدا نەقىل قىلىنغىنىدەك، ھەسەن بەسرى «ساھابىلەر ناماز ئوقۇغاندا (رۇكۇغا بېرىش ۋە رۇكۇدىن تۇرۇشتا) قوللىرى بەئەينى يەلپۈگۈچتەك كۆتۈرۈلۈپ، چۈشۈپ تۇراتتى» دېگەن. (قرة العينين برفع اليدين في الصلاة للإمام البخاري)

ئىمام ئىبنى ئابدۇلبەر (مالىكىي) رەھىمەھۇللاھ(ۋاپاتى: 423) مۇنداق بايان قىلغان: (چوڭ تابىئىن ئىمام) ئىبنى سىيرىن (ت: 32 ۋ:110) رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «نامازنىڭ ھەرقايسى ئورۇنلىرىدا قوللارنى كۆتۈرۈش نامازنىڭ كامالىتىدىندۇر. ئۆمەر ئىبنى ئابدۇل ئەزىز مۇنداق دېگەن: نامازنىڭ يۆتكىلىش ئورۇنلىرىدا قوللىرىمىزنى كۆتۈرمەي ناماز ئوقۇساق مەدىنىدە ئەدەپلىنەتتۇق.» (الاستذكار لابن عبد البر 1\411)

ئىمام ئىبنى ئابدۇلبەر (مالىكىي) رەھىمەھۇللاھ (ۋاپاتى: 423) رۇكۇغا بېرىشتىن ئاۋۋال ۋە رۇكۇدىن تۇرغاندىن كېيىن قوللىرىنى كۆتۈرگەنلىك توغرىسىدا ئوتتۇز ساھابىدىن سەھىھ ھەدىس كەلگەنلىكىنى بايان قىلغان. (الاستذكار في شرح مذاهب علماء الأمصار، 1\410) ئىمام ئىبنى ئابدۇلبەر مۇنداق دېگەن: ئەبۇ مۇسئەب بىلەن ئىبنى ۋەھب ئىمام مالىكنىڭ ناماز باشلىغاندا، رۇكۇغا بارىدىغاندا ۋە رۇكۇدىن بېشىنى كۆتۈرگەندە ئىككى قولىنى كۆتۈرگەنلىكىنى، بۇنى ئىبنى ئۆمەرنىڭ (رۇكۇدىن ئىلگىرى كېيىن قول كۆتۈرگەنلىكى) توغرىسىدىكى ھەدىسىگە بىنائەن قىلغانلىقىنى رىۋايەت قىلغان.» (الاستذكار 1\408) 

ئىمام مالىكنىڭ ئەڭ چوڭ شاگىرتلىرىدىن ئىبنى ئابدۇلھەكەم (تۇغۇلۇشى: 150 ۋاپاتى: 214) رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «ئىمام مالىكنىڭ (رۇكۇدىن ئىلگىرى ۋە كېيىن) ئىككى قولىنى كۆتۈرمىگەنلىكى ئىبۇل قاسىمدىن باشقا ھېچكىمدىن رىۋايەت قىلىنمىغان.» (المنهل العذب المورود شرح سنن أبي داود لالسبكي 5\121)
مالىكىي مەزھەپ بۈيۈكلىرىدىن مەشھۇر فەقىھ ۋە مۇھەددىس ئالىم قازى ئىياز (ت:476 ۋ:544) رەھىمەھۇللاھ «سەھىھۇل مۇسلىم شەرھى»دە مۇنداق دېگەن: ساھابىلەرنىڭ ئەمىلى سۈپىتىدە تونۇلغىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئەسىرىدىكى — كۇفىلىكلەر مۇستەسنا — كۆپ سانلىق ئۆلىمانىڭ تۇتقان ھۆكمى ناماز باشلىغاندا، رۇكۇغا بارىدىغاندا ۋە رۇكۇدىن تۇرغاندا ئىككى قولنىڭ كۆتۈرۈلىدىغانلىقى بولۇپ، بۇ ئىمام مالىكتىن كەلگەن ئىككى مەشھۇر رىۋايەتتىن بىرىدۇر. ئىمام مالىكتىن ھەدىس نەقىل قىلغان كۆپلىگەن شاگىرتلىرى مۇشۇ بويىچە ئەمەل قىلغان. رۇكۇغا بېرىشتىن ئىلگىرى ۋە كېيىن ئىككى قولنىڭ كۆتۈرۈلىدىغانلىقى ئىمام مالىكنىڭ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدىكى ھۆكمىدۇر.» (شرح مسلم 2/ 261؛ 
إكمال المعلم بفوائد مسلم 1\31)

كىچىك ئىمام مالىك دەپ ئاتالغان مەشھۇر مالىكىي مەزھەپ فەقىھى ئىبنى ئەبىي زەيد قەيرىۋانى رەھىمەھۇللاھ (ت:310 ۋ:386) «النوادر والزيادات على ما في المدونة من غيرها من الأمهات» ناملىق مەشھۇر مالىكىي فىقھى ئەسىرىدە مۇنداق دېگەن:ئىمام مالىك (تۇغۇلۇشى:93 ۋاپاتى:179) رەھىمەھۇللاھتىن «ناماز ئوقۇغان كىشى رۇكۇ قىلىشتىن ئىلگىرى ۋە رۇكۇدىن بېشىنى كۆتۈرگەندىن كېيىن ئىككى قولىنى كۆتۈرەمدۇ؟» دەپ سورالغاندا، ئىمام مالىك «ھەئە» دېگەن. (النوادر والزيادات1/ 170)

ئىمام خەتتابى رەھىمەھۇللاھ (ت:319 ۋ:388) مۇنداق دېگەن: «ئۆلىمالارنىڭ كۆپچىلىكى رۇكۇغا بېرىشتىن ئاۋۋال ۋە رۇكۇدىن بېشىنى كۆتۈرگەندىن كېيىن ئىككى قول كۆتۈرۈلىدۇ، دېگەن ھۆكۈمنى بەردى. بۇ ھۆكۈم يەنە ئىمام مالىكنىڭ ئۆمىرىنىڭ ئاخىرىدا بەرگەن ھۆكۈمدۇر.» (معالم السنن 1/ 326)

ئىمام شافىي رەھىمەھۇللاھ (تۇغۇلىشى: 150 ۋاپاتى: 204) مۇنداق دېگەن: «ناماز ئوقۇغان كىشى نامازنى باشلىغاندا، رۇكۇغا بېرىشتىن ئىلگىرى ۋە رۇكۇدىن بېشىنى كۆتۈرگەندىن كېيىن ئىككى قولىنى مۈرىسىنىڭ باراۋىرىدە كۆتۈرىدۇ. (رۇكۇدىن ئىلگىرى كېيىن قول كۆتۈرۈش ھەدىسىنى) بىلگەن مۇسۇلماننىڭ ئۇنتۇپ قېلىش ياكى خاتالىشىپ قېلىش مۇستەسنا، بۇنداق قىلىشنى تەرك ئېتىشى دۇرۇس بولمايدۇ.» (الأم للشافعي 7\211)

ئەھلى سۈننەتنىڭ ئىماملىرىدىن ئەبۇ بەكرى خەللال رەھىمەھۇللاھ «العلم» ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق نەقىل قىلغان: ئىمام ئەھمەدتىن (ت:164 ۋ: 241)  «نامازدىكى ھەر قايسى ئورۇنلاردا قوللارنى كۆتۈرۈشنى تەرك ئەتسە سۈننەتنى تەرك ئەتكەن بولامدۇ؟» دەپ سورىلىۋىدى، ئىمام ئەھمەد مۇنداق دېدى: «سۈننەتنى تەرك ئەتتى دېمىگىن. بۇنداق قىلغان كىشى (ئۇنىڭدىن ئېشىپ) رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم قىلغان ئەمەلدىن يۈز ئۆرىدى.» (رفع اليدين في الصلاة لابن القيم 1\275)
قازى ئەبۇ يەئلا (ت: 380 ۋ: 458) رەھىمەھۇللاھ «الجامع الكبير» ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق نەقىل قىلغان: مۇھەممەد ئىبنى مۇسا مۇنداق دېگەن: خۇراسانلىق بىر كىشى ئىمام ئەھمەدتىن «بىزدە ناماز ئوقۇغاندا رەفىيەد قىلىپ ئوقۇشقا بۇيرۇيدىغان زاتلار بار، شۇنداقلا رەفىيەد قىلىپ ئوقۇشتىن چەكلەيدىغان كىشىلەرمۇ بار (بۇنداقلارنىڭ ھۆكمى نېمە؟)» دەپ سورىۋىدى، ئىمام ئەھمەد «سېنىڭ نامازدا قوللىرىڭنى كۆتۈرۈپ ناماز ئوقۇشۇڭنى بىدئەتچىدىن باشقىسى چەكلىمەيدۇ، چۈنكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئاشۇنداق ئوقۇيتتى (يەنى رۇكۇدىن ئىلگىرى ۋە كېيىن قوللىرىنى كۆتۈرەتتى.) ساھابە ئىبنى ئۆمەر رەفىيەت قىلماي ناماز ئوقۇغۇچىغا شېغىل تاش ئاتاتتى» دېگەن. [ذكرها في «العدة»: (١/ ٣٢٣)، ونقلها ابن مفلح في «الفروع»: (٢/ ٢٠٠)، وابن رجب في «الفتح»: (٤/ ٣٠٧)]

ھەدىسشۇناسلارنىڭ ئەمىرى ئىمام بۇخارى رەھىمەھۇللاھ (ۋاپاتى: ھ 256) رۇكۇغا بارىدىغاندا ۋە رۇكۇدىن تۇرغاندا قول كۆتۈرمەسلىكنىڭ سۈننەتتە ئورنى يوقلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن يازغان مەخسۇس ئەسىرىدە مۇنداق دېگەن: ( ولم يثبت عن أحد من أصحاب النبي صلى الله عليه وسلم أنه لم يرفع يديه)

«رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ساھابىلىرىنىڭ ھېچقايسى بىرىدىن نامازدا (باشلاش تەكبىرىدە، رۇكۇغا بارغاندا ۋە رۇكۇدىن تۇرغاندا) قوللىرىنى كۆتۈرمىگەنلىكى توغرىسىدا سەھىھ ھەدىس يوق.»

[مەنبەسى: قرة العينين برفع اليدين في الصلاة للإمام البخاري 7، 44؛ المجموع للنووي (3/399-406)، تلخيص الحبير للحافظ ابن حجر (1/221-223)]

رۇكۇغا بارغاندا ۋە رۇكۇدىن تۇرغاندا قوللارنى كۆتۈرۈش توغرىسىدىكى ھەدىسلەرنى ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم ئۆز سەھىھلىرىدە رىۋايەت قىلغان سەھىھ ھەدىسلەردۇر. (ماقالىنىڭ داۋامىدا بۇخارى ۋە مۇسلىمنىڭ بۇ ھەقتىكى ھەدىسلىرى بايان قىلىنىدۇ.)

ئىمام ئىبنى ئابدۇلبەر (مالىكىي) رەھىمەھۇللاھ (ۋ: 423) مۇنداق دېگەن:

«نامازدا بىرىنچى تەكبىردىن باشقا يەردە قوللارنى كۆتۈرمىدى دېگەن رىۋايەتنى كىم ئېيتسا، بۇ (رىۋايەت) بارچە ئەھلى ھەدىسنىڭ نەزىرىدە خاتادۇر.» (تەمھىد 9\22)


ئىمام نەۋەۋى رەھىمەھۇللاھ (شافىئىي) مۇنداق دېگەن:

بەررا ئىبنى ئازىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا نىسبەت بېرىلگەن (تۇنجى قېتىمدىن باشقا چاغدا قوللارنى كۆتۈرمىدى دېگەن) ھەدىس، ھەدىس ئىماملىرىنىڭ ئىتتىپاقى بىلەن زەئىپتۇر. (المجموع شرح المهذب 3\402)

شافىي مەزھىپىنىڭ ئەڭ قەدىمكى ۋە ئەڭ مۆتىۋەر ئالىمى، مۇھەددىس، فەقىھ، ئىمام مۇھەممەد ئىبنى نەسىر ئەلمەرۋەزى (ت: 202 ۋ: 294) رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: بىز قەدىمكى ئەھلى ئىلىملەر ياشىغان ھەر قايسى يۇرت خەلقلىرىدىن نامازدىكى رۇكۇغا بېرىش، رۇكۇدىن تۇرۇش پەيتلىرىدە قوللارنى كۆتۈرۈشنى ئوپچە ھالدا تەرك ئەتكەن بىرمۇ يۇرت خەلقىنى بىلمەيمىز، لېكىن كۇفىلىكلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا، ئۇلار پەقەت ناماز باشلاش تەكبىرىدىلا قوللىرىنى كۆتۈرەتتى. (باشقا يەرلەردە كۆتۈرمەيتتى.) (طرح التثريب في شرح التقريب لالعراقي ٢/‏٢٥٥) * ئىمام ئىبنى سالاھ ئەلمەرۋەزىنى ھەدىسشۇناسلىقتا ۋە فىقھتا ئىنتايىن ئۈستۈن ماقام ھازىرلىغان، ئىمام شافىينىڭ يولىنى تۇتقان، مەزھەپ مۇتىئەسسىپلىكىدىن تامامەن ئۇزاق بۈيۈك ئالىم، دەپ تەرپلىگەن.

مۇھەددىس، فەقىھ، ئىمام ئىبنى قۇدامە (ھەنبەلىي) رەھىمەھۇللاھ (ۋ:651) مۇنداق دېگەن: رۇكۇغا بېرىشتىن ئاۋۋال ۋە رۇكۇدىن تۇرغاندىن كېيىن قول كۆتۈرۈش ئون نەچچە ساھابىدىن سەھىھ سەنەد بىلەن رىۋايەت قىلىنغان بولۇپ، بۇ ھەقتىكى ھەدىسلەر رىۋايەت يوللىرىنىڭ كۆپلىكى، سەنەدىنىڭ سەھىھلىكى بىلەن شەككە ئورۇن قالمىغۇدەك دەرىجىدە، مۇتىۋاتىرغا يېقىن شەكىلدە يېتىپ كەلگەن. ساھابە تابىئىننىڭ بۇنىڭغا ئەمەل قىلغانلىقى، بۇ ئورۇندا قوللىرىنى كۆتۈرمىگەنلەرنى ئىنكار قىلغانلىقى مەلۇملۇق مەسىلىدۇر. بۇ ئورۇندا قول كۆتۈرمەيدىغانلار دەلىل قىلىۋالىدىغان ئىككى ھەدىس زەئىپ ھەدىستۇر. (المغني لابن قدامة 2\173) [ئىمام ئىبنى قۇدامە ساھابىلەرنىڭ ئىسىملىرىنى بىرمۇ بىر رىۋايەت قىلىپ، زەئىپ دېيىلگەن ئىككى ھەدىسنى تەپسىلىي باھالاپ چىققان بولۇپ، قول كۆتۈرمەسلىكنىڭ زەئىپلىكى ھەققىدە ماقالىمىزنىڭ داۋامىدا تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلىدۇ. ئىمام سانىغان ساھابىلەرنىڭ ئىسمى قىسقارتىلدى.]

ئىمام ئىبنى قەييىم (ۋ: 751) رەھىمەھۇللاھ «نامازدا قوللارنى كۆتۈرۈش» ناملىق ئەسىرىدە ئوتتۇز سەككىز ساھابىنىڭ رۇكۇدىن ئىلگىرى ۋە كېيىن قوللىرىنى كۆتۈرگەنلىكىنى بىر-بىرلەپ سەھىھ سەنەد بىلەن نەقىل قىلغان. مۇھەددىس، فەقىھ، مۇپەسسىر ئىمام ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ رۇكۇدىن ئىلگىرى كېيىن قوللىرىنى كۆتۈرگەن بۇ ساھابىلەرنىڭ ئارىسىدا ئەبۇ بەكرى سىددىق، ئۆمەر ئىبنى خەتتاپ، ئەلىي ئىبنى ئەبۇ تالىپ، تەلھە ئىبنى ئۇبەيدۇللاھ، زۇبەير ئىبنى ئاۋۋام، سەئىد ئىبنى ئەبۇ ۋەققاس، ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەۋف، ئەبۇ ھۇرەيرە، ئەبۇ مۇسا، سالمان، ئەنەس، مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى ھەزىرتى ئائىشە (ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىدىن رازى بولسۇن) … قاتارلىق 38 ساھابىنىڭ رۇكۇدىن ئىلگىرى ۋە كېيىن قوللىرىنى كۆتۈرگەنلىكىنى نەقىل قىلىپ، رۇكۇدىن ئىلگىرى ۋە كېيىن قول كۆتۈرمەسلىكنىڭ سەھىھ سۈنەتكە تايانمىغان ئەمەل ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ چىققان. (رفع اليدين في الصلاة 1\5)
دەل مۇشۇ سەۋەبلىك مۇھەددىسلەرنىڭ ئەمىرى ئىمام بۇخارى رەھىمەھۇللاھ (ۋاپاتى: ھ 256) مەخسۇس نامازدا رۇكۇدىن ئاۋۋال ۋە كېيىن ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاردا قوللارنى كۆتۈرۈش ھەققىدە «قرة العينين برفع اليدين في الصلاة»  ناملىق ئەسەر يېزىپ، رۇكۇدىن ئىلگىرى ۋە كېيىن قول كۆتۈرمەسلىكنى، ئۇنىڭدىن ئېشىپ رۇكۇدىن ئىلگىرى ۋە كېيىن قول كۆتۈرۈشنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى داۋا قىلغانلارغا ئىنتايىن كۈچلۈك رەددىيە قايتۇرغان. ئىمام بۇخارى بۇ ئەسىرىدە نامازدا قوللارنى كۆتۈرۈش ھەققىدە 17 ساھابىدىن سەھلىكىدە تالاش تارتىش بولمىغان سەھىھ ھەدىس كەلگەنلىكىنى قەيت قىلغان. (بۇ ھەقتىكى ھەدىسلەر ماقالىنىڭ داۋامىدا بايان قىلىنىدۇ.)

ئىمام بۇخارى رەھىمەھۇللاھ مەزكۇر ئەسىرىنى مۇنداق باشلىغان:


«بۇ (كىتابتىكىسى) نامازدا رۇكۇغا بېرىشتىن ئاۋۋال ۋە رۇكۇدىن تۇرغاندىن كېيىن ئىككى قولنى كۆتۈرۈشكە قارشى چىققۇچىلارغا رەددىيەدۇر. ئۇلار ئۆزى شۇغۇللىنىشى لايىق بولمىغان ئىشقا سوقۇنۇپ كىرىپ، رۇكۇدىن ئىلگىرى ۋە كېيىن قول كۆتۈرۈش مەسىلىسىنى ئەرەپ بولمىغانلارغا چۈشىنىكسىز ھالغا كەلتۈرۈپ قويۇشتى. ھالبۇكى، رۇكۇدىن ئىلگىرى ۋە كېيىن قوللارنى كۆتۈرۈش رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ پېئىلى ۋە سۆزى ئارقىلىق سابىت بولغان ئەمەلدۇر؛ شۇنداقلا ساھابىلەرنىڭ پېئىلى ۋە سۆزى ئارقىلىق سابىت بولغان ئەمەلدۇر. ساھابىلەردىن كېيىن تابىئىنلارمۇ رۇكۇغا بېرىشتىن ئىلگىرى ۋە رۇكۇدىن تۇرغاندىن كېيىن قوللىرىنى كۆتۈرگەن؛ سەلەفلىرىمىزمۇ مۇشۇ بويىچە يول تۇتقان. ئوخشاشلا، رۇكۇغا بېرىشتىن ۋە رۇكۇدىن تۇرغاندىن كېيىن قوللارنى كۆتۈرۈش مەسلىسى ئۇلاردىن كېيىنكى ئادىل ۋە ئىشەنچىلىك زاتلاردىن سەھىھ ھالەتتە يېتىپ كەلگەن. ئاللاھ ئۇلارغا رەھمەت قىلسۇن. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ سۈننىتىگە بولغان نەپرىتى سەۋەبلىك (بۇ ھەقتە سەھىھ سۈننەتكە ئەمەل قىلغۇچىلارغا) نەپرەتلىنىدىغان، قەلبىدە كېسەل بارلارغا ئاللاھ ئۆز ۋەدىسىنى (يەنى جازاسىنى) ئىشقا ئاشۇرسۇن. ئۇلار كىبىرى سەۋەبلىك، گۆشى، سۆڭىكى ۋە يىلىكىگە قەدەر سىڭىپ كەتكەن بىدئەتلىرى سەۋەبلىك؛ شۇنداقلا ئالداش ئۈچۈن ئەتراپىغا توپلىۋالغان ئەجەملەرگە بولغان يېقىنلىقلىرى سەۋەبلىك؛ سۈننەت ئەھلىگە دۈشمەنلىك قىلىش سەۋەبلىك ئاللاھنىڭ بۇ ۋەدىسىگە (يەنى رەسۇلۇللاھنىڭ ئەمرىگە، سەھىھ سۈننەتلىرىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ بالا-قازاغا ئۇچرايدىغانلىقى توغرىسىدىكى ۋەدىسىگە) لايىق بولغۇچىلاردۇر.» [قرة العينين برفع اليدين في الصلاة للإمام البخاري]

ئىمام بۇخارىدەك بىر ھەدىس ۋە فىقھ پېشىۋاسىنىڭ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ساھابىلىرىگە نىسبەت بېرىلگەن، ئۇ ساھابىنىڭ رۇكۇدىن ئىلگىرى ۋە كېيىن قوللارنى كۆتۈرمىگەنلىكىنى بايان قىلغان رىۋايەتلەرنىڭ ھېچقايسى بىرىنى سەھىھ ئەمەس دەپ باھالىشى، شۇنداقلا مۇشۇ ھەقتە مەخسۇس ئەسەر يېزىشى ئادەتتىكى ئىش ئەمەس. ھەمدە بۇ ئىمام بۇخارىنىڭ ئۇستازلىرىنىڭ ۋە ھەدىسشۇناسلىقتا ئىمام بۇخارىغا تەڭداش مەرتىۋىگە يەتكەن كۆپلىگەن ھەدىس پېىشىۋالىرىنىڭ ئورتاق مەيدانىدۇر.

رۇكۇغا بېرىشتىن ئىلگىرى ۋە رۇكۇدىن تۇرغاندىن كېييىن ئىككى قولنى كۆتۈرۈش توغرىسىدا بۇ ئىمام خارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان ئۈچ سەھىھ ھەدىس

ساھابە ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر ۋە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ رۇكۇدا قوللىرىنى كۆتۈرگەن

[1] سالىم ئىبنى ئابدۇللاھ دادىسىدىن (يەنى ساھابە ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر ئىبنى خەتتاپتىن) مۇنۇ ھەدىسنى نەقىل قىلغان: ((أَنَّ رَسُولَ اللَّهِ ﷺ، كَانَ يَرْفَعُ يَدَيْهِ حَذْوَ مَنْكِبَيْهِ، إِذَا افْتَتَحَ الصَّلَاةَ، وَإِذَا كَبَّرَ لِلرُّكُوعِ، وَإِذَا رَفَعَ رَأْسَهُ مِنَ الرُّكُوعِ رَفَعَهُمَا كَذَلِكَ أَيْضًا، وَقَالَ: (سَمِعَ اللَّهُ لِمَنْ حَمِدَهُ، رَبَّنَا وَلَكَ الْحَمْدُ). وَكَانَ لَا يَفْعَلُ ذَلِكَ فِي السجود.)) رەسۇلۇللاھ سەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم نامازنى باشلىغاندا، رۇكۇ قىلىش ئۈچۈن «ئاللاھۇ ئەكبەر» دېگەندە ئىككى قولىنى ئىككى مۈرىسىنىڭ باراۋىرىدە كۆتۈرەتتى. رۇكۇدىن بېشىنى كۆتۈرگەندىمۇ ئوخشاشلا ئىككى قولىنى ئىككى مۈرىسىنىڭ باراۋىرىدە كۆتۈرەتتى ۋە  (رۇكۇدىن ئۆرە تۇرغاندا) «سەمىئەللاھۇ لىمەدەن ھەمىدەھ، رەببەنا ۋەلەكەل ھەمدۇ» دەيتتى. لېكىن سەجدىدە قوللىرىنى كۆتۈرمەيتتى. hedisim.com (بۇخارى 258؛ مۇسلىم 290)

سەلەف دەۋدىرىكى ھەدىس پېشىۋاسى، ئىمام بۇخارىنىڭ ئۇستازى ئەلىي ئىبنى مەدىينىي (ۋ: 234) رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن:

«بۇ ھەدىس كىشىلەر ئۈچۈن ھۆججەتتۇر. بۇ ھەدىسنى ئاڭلىغان ھەر قانداق كىشى بۇ ھەدىس بويىچە ئەمەل قىلىشى لازىم. چۈنكى بۇ ھەدىسنىڭ سەنەدىدە ھېچقانداق مەسىلە يوق.» (رفع اليدين في الصلاة لابن القيم 1\14)

* ئىمام زەھەبى «سير أعلام النبلاء» ناملىق مەشھۇر ئەسىرىدە ئەلىي ئىبنى مەدىينىينى «ھەدىستە ئەمىيرۇل مۇئمىنىن» دەپ ئاتىغان. ئەلىي ئىبنىي مەدىينىدىن ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل ۋە ئىمام بۇخارى قاتارلىق زاتلار ھەدىس رىۋايەت قىلغان. ئىمام ئىبنى قۇدامە ئەلىي ئىبنى مەدىينىي توغرۇلۇق «ھەدىسشۇناسلىقتا ھېچكىم يېتىپ باقمىغان دەرىجىگە يەتكەن ئىدى» دېگەن. (سير أعلام النبلاء 11\42)

ئىمام بۇخارى سالىم ئىبنى ئابدۇللاھنىڭ دادىسى ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر ئىبنى خەتتاپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى نەقىل قىلغان: (رَفْعُ الْأَيْدِي حَقٌّ عَلَى الْمُسْلِمِينَ) «نامازدا (قوللارنى كۆتۈرىدىغان ئورۇنلاردا) قوللارنى كۆتۈرۈش مۇسۇلمانلارنىڭ ئۈسىتىدىكى مەجبۇرىيەتتۇر.» (قرة العينين برفع اليدين في الصلاة للإمام البخاري 9)

ئىمام شافىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «مۇسۇلمانلارنىڭ ھەممىسى شۇنىڭغا ئىتتىپاققا كەلدىكى، ئەگەر بىر كىشىگە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ سۈننىتىدىن بىرى يەتسە، ئۇ كىشىنىڭ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ سۈننىتىنى تاشلاپ، باشقىلارنىڭ سۆزلىرىگە ئېسىلىۋېلىشى ھالال ئەمەس.» (الفلاني ص ٦٨، صفة صلاة النبي صلى الله عليه وسلم – الألباني)

رۇكۇغا بېرىشتىن ئاۋۋال ۋە رۇكۇدىن تۇرغاندىن كېيىن، شۇنداقلا بىرىنچى تەشەھھۇدتنى تۈگىتىپ، ئۈچىنچى رەكئەتكە تۇرغاندا قوللارنى كۆتۈرۈش ئەرلەرگىلا خاس ئەمەل ئەمەس، ئاياللار ئۈچۈنمۇ ئورتاقتۇر.

ئىمام بۇخارى رەھىمەھۇللاھ ئايال ساھابىلەرنىڭ ئەڭ ئالىملىرىدىن ھېسابلانغان ئۇممۇ دەردا رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭمۇ رۇكۇغا بېرىشتا ۋە رۇكۇدىن تۇرغاندا قوللىرىنى كۆتۈرگەنلىكىنى نەقىل قىلغان. (قرة العينين برفع اليدين في الصلاة للإمام البخاري 7)

مەشھۇر ئايال تابىئىنلاردىن ھەفسە بىنتى سىيرىننىڭمۇ (ۋ: 101) ناماز باشلاش تەكبىرىدە، رۇكۇغا بېرىشتىن ئىلگىرى ۋە كېيىن قوللىرىنى كۆتۈرگەنلىكى مەلۇم. (المغني لابن قدامة 2\139)

ساھابە ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر ۋە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم رۇكۇدا قوللىرىنى كۆتۈرگەن
[2] ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: ((رَأَيْتُ رَسُولَ اللَّهِ ﷺ إذا قام في الصلاة، رفع يديه حتى تكونا حَذْوَ مَنْكِبَيْهِ، وَكَانَ يَفْعَلُ ذَلِكَ حِينَ يُكَبِّرُ لِلرُّكُوعِ، وَيَفْعَلُ ذَلِكَ إِذَا رَفَعَ رَأْسَهُ مِنَ الرُّكُوعِ، وَيَقُولُ: (سَمِعَ اللَّهُ لِمَنْ حَمِدَهُ). وَلَا يفعل ذلك في السجود.)) مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ناماز ئوقۇش ئۈچۈن تۇرسا ئىككى قولىنى ئىككى مۈرىسىنىڭ باراۋىرىدە كۆتۈرگەنلىكىنى كۆردۈم. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم رۇكۇ قىلىش ئۈچۈن «ئاللاھۇ ئەكبەر» دېگەندىمۇ ئىككى قولىنى ئىككى مۈرىسى باراۋىرىدە كۆتۈرەتتى، رۇكۇدىن بېشىنى كۆتۈرگەندىمۇ مۇشۇنداق قىلاتتى ۋە «سەمىئەللاھۇ لىمەن ھەمىدەھ» دەيتتى. سەجدىدە ئىككى قولىنى كۆتۈرمەيتتى. hedisim.com (بۇخارى 703)

ئىمام بۇخارى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق نەقىل قىلغان: ئىبنى ئەجلاننىڭ مۇنداق دېگەنلىكى نەقىل قىلىنغان (سەنەدلەر قىسقارتىلدى) : مەن (ساھابە زەرقىي ئەلئەنسارىي ئەلمەدىينىينىڭ ئوغلى) نۇئمان ئىبنى ئەبى ئەيياش رەھىمەھۇللاھنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: (لِكُلِّ شَيْءٍ زِينَةٌ، وَزِينَةُ الصَّلَاةِ أَنْ تَرْفَعَ يَدَيْكَ إِذَا كَبَّرْتَ، وَإِذَا رَكَعْتَ، وَإِذَا رَفَعْتَ رَأْسَكَ مِنَ الرُّكُوعِ) «ھەممە ئىشنىڭ زىننىتى بولىدۇ. نامازنىڭ زىننىتى نامازنى باشلىغان چېغىڭدا، رۇكۇغا بارىدىغان چېغىڭدا ۋە رۇكۇدىن تۇرغان چېغىڭدا ئىككى قولۇڭنى كۆتۈرۈشۈڭدۇر.» (قرة العينين برفع اليدين في الصلاة للإمام البخاري 45) * ئىمام بۇخارى تارىخ ئەلئەۋسەت ناملىق ئەسىرىدە بۇ سۆزنى قىلغۇچى نۇئمان ئىبنى ئەبى ئەيياشنىڭ ساھابە زىرقىي ئەلئەنسارىي ئەلمەدىينىينىڭ ئوغلى بولۇپ، نۇئمان ئىبنى ئەبى ئەيياشنىڭ بەك كۆپ ساھابىگە ئۇچراشقانلىقىنى، ئۇنىڭ ساھابىلەرنىڭ ئوغۇللىرى ئارىسىدىكى ياشتا چوڭ كىشى ئىكەنلىكىنى، دادىسى زىرقىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئات باقارى بولغانلىقىنى نەقىل قىلغان. (التاريخ الأوسط لالبخاري 1\219)

ساھابە مالىك ئىبنى ھۇۋەيرىس ۋە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم رۇكۇدا قوللىرىنى كۆتۈرگەن
عَنْ أَبِي قِلَابَةَ:أَنَّهُ رَأَى مَالِكَ بْنَ الْحُوَيْرِثِ: إِذَا صَلَّى كَبَّرَ وَرَفَعَ يَدَيْهِ، وَإِذَا أَرَادَ أَنْ يَرْكَعَ رَفَعَ يَدَيْهِ، وَإِذَا رَفَعَ رَأْسَهُ مِنَ الرُّكُوعِ رَفَعَ يَدَيْهِ، وَحَدَّثَ: أَنَّ رَسُولَ اللَّهِ ﷺ صنع هكذا.

[3] ئەبۇ قىلابە ھەدىس سۆزلەپ، ئۆزىنىڭ (ساھابە) مالىك ئىبنى ھۇۋەيرىسنىڭ ناماز ئوقۇسا «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ ئىككى قولىنى كۆتۈرگەنلىكىنى كۆرگەنلىكىنى، رۇكۇ قىلماقچى بولسىمۇ ئىككى قولىنى كۆتۈرگەنلىكىنى، رۇكۇدىن بېشىنى كۆتۈرگەندىمۇ ئىككى قولىنى كۆتۈرگەنلىكىنى كۆرگەنلىكىنى ئېيتقان. مالىك ئىبنى ھۇۋەيرىس (بۇ شەكىلدە ناماز ئوقۇپ بولۇپ) مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مانا مۇشۇنداق قىلاتتى. hedisim.com (بۇخارى 704؛ مۇسلىم 391)

ئىمام ئەھمەد رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن:

(من رد حديث رسول الله ﷺ فهو على شفا هلكة)

«كىم ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ ھەدىسىنى قوبۇل قىلمىسا، ئۇ ھالاكەتنىڭ بوسۇغىسىدىدۇر.» (ابن الجوزي: المناقب (ص ١٨٢)

ئىمام شافىي رەھىمەھۇللاھ (ۋ: 204) مۇنداق دېگەن: «كىتابىمدا ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ سۈننىتىگە زىت بىرەر نەرسە بايقىساڭلار، ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ سۈننىتى بويىچە ئەمەل قىلىڭلار، مېنىڭ بۇ ھەقتىكى كۆز قارىشىمنى تاشلاڭلار.» (النووي في المجموع ١ / ٦٣)

 ئىمام شافىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: (إذا صح الحديث فهو مذهبي) «ئەگەر ھەدىس سەھىھ بولسا، ئۇ مېنىڭ مەزھىبىمدۇر.» (النووي ١ / ٦٣،صفة صلاة النبي صلى الله عليه وسلم – الألباني)

ئىمام بۇخارى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ ئىنسانلارغا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە ئىتائەت قىلىشنى پەرز قىلغان ۋە ئۇنىڭغا ئەگىشىشنى مەجبۇرىيەت قىلغان. ئاللاھ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە ئىتائەت قىلىشنى ئۆزىگە ئىتائەت قىلىش دەپ بېكتىپ مۇنداق دېگەن: {مَنْ يُطْعِ الرَّسُولَ فَقَدْ أَطَاعَ اللَّهَ} {كىم رەسۇلۇللاھقا ئىتائەت قىلسا ئاللاھقا ئىتائەت قىلغان بولىدۇ.} (سۈرە نىسا، 80) (قرة العينين برفع اليدين في الصلاة للإمام البخاري 5)

ئىمام بۇخارى رەھىمەھۇللاھ بۇ مەسىلىنىڭ سەھىھ سۈننەتتىكى ئورنىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن راشىد خەلىپىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئايرىم-ئايرىم 17 ساھابىدىن كەلگەن سەھىھ ھەدىسنى، شۇنداقلا كۆپلىگەن تابىئىنلاردىن كەلگەن ئەسەرلەرنى نەقىل قىلغان بولۇپ، ماقالىمىزنىڭ كېيىنكى قىسىمىدا ئىمام بۇخارى بۇ ھەقتە دەلىل قىلىپ كەلتۈرگەن باشقا سەھىھ ھەدىسلەر بىر-بىرلەپ بايان قىلىنىدۇ، ئىنشائاللاھ.

ئىمام بۇخارى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: ئەگەر ئىبنى مەسئۇدتىن، بەررا ئىبنى ئازىبتىن ۋە جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن نامازدا رۇكۇدىن ئىلگىرى ۋە كېيىن قوللارنى كۆتۈرۈش ھەققىدە (زەئىپ ھەدىس ئەمەس،) سەھىھ دەلىللەر مەۋجۇت بولغان تەقدىردە، ئۇلاردىن بۇ ھەقتە كەلگەن سەھىھ دەلىللەرمۇ يەنىلا ئۇ بىلمەيدىغان كىشىلەر ئۈچۈن (يەنى ھەدىسشۇناسلىقنىڭ ئىنچىكە نۇقتىلىرىنى بىلمەيدىغان، شۇنداقلا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ سەھىھ سۈننەتلىرىگە ئۆز ئارزۇسىغا يارىشا تاللاپ تۇرۇپ ئەگىشىشنىڭ كىشىنى ھالاكەتكە ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلمەيدىغان كىشىلەر ئۈچۈن) ئىللەتلىك ھەدىسلەر جۈملىسىدىن بولۇپ قالاتتى. (نەتىجىدە ئۇلارنىڭ رۇكۇدىن ئىلگىرى كېيىن قول كۆتۈرگەنلىكى توغرىسىدىكى سەھىھ ھەدىسلەرگە يەنىلا ئەگەشمەي تۇرۇۋالغان بولاتتى.) چۈنكى بۇنداق كىشىلەر «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن بىر سۈننەت سەھىھ ھالدا يېتىپ كەلسە، لېكىن بىزنىڭ ئىماملىرىمىز ئۇ ھەدىسنى ئالمىغان بولسا، ئۇ ھالدا ئۇنداق ھەدىسكە ئەمەل قىلىنمايدۇ» دېيىشىدۇ. ئۇلار (مۇشۇ خىل باتىل چۈشەنچىسىنىڭ تۈرتكىسىدە ئۆز پېشىۋالىرى ئالمىغان، ئەمما سەھىھلىكى ئېنىق بولغان) ھەدىسلەرگە ئۆز رەيى بويىچە ئىللەت چاپلايدۇ. ۋەكى ئىبنى جەرراھ رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: (مَنْ طَلَبَ الْحَدِيثَ كَمَا جَاءَ فَهُوَ صَاحِبُ سُنَّةٍ، وَمَنْ طَلَبَ الْحَدِيثَ لِيُقَوِّيَ هَوَاهُ فَهُوَ صَاحِبُ بِدْعَةٍ) «كىم (سەھىھ) ھەدىسنى قانداق كەلگەن بولسا شۇ بويىچە تەلەپ قىلسا، بۇنداق كىشى سۈننەت ئەھلىدۇر. كىم ئۆز نەپسى-خاھىشىنى توغرىغا چىقىرىش ئۈچۈن تەلەپ قىلسا، بۇنداق كىشى بىدئەت ئەھلىدۇر.» يەنى كىشىنىڭ (سەھىھ) ھەدىس قايسى شەكىلدە يېتىپ كەلسە، ئۆزىنىڭ شەخسىي چۈشەنچىسىنى چۆرۈپ تاشلاپ، (شۇ ھەقتىكى) سەھىھ ھەدىسكە بويسۇنۇشى لازىم. سەھىھ ھەدىسكە ئىللەت ئارتىش ئارقىلىق ئۆز ھاۋايى-ھەۋىسىنى توغرىغا چىقىرىشقا تىركەشمەسلىكى لازىم. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((لَا يُؤْمِنُ أَحَدُكُمْ حَتَّى يَكُونَ هَوَاهُ تَبَعًا لَمَّا جِئْتُ بِهِ)) «سىلەردىن بىرىڭلارنىڭ نەپسى خاھىشى مېنىڭ ئېلىپ كەلگەنلىرىمگە ئۇيغۇنلاشمىغىچە ئىمان ئېيتقان بولمايدۇ.» مەئمەر (معمر) رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «ئىلىم ئەھلى ئىلگىرى ئۆتكەن زاتلاردۇر، ئىلگىرىكىلەر (قۇرئاننى، سۈننەتنى، فىقھنى، ئىسلامنىڭ مەقسەتلىرىنى) ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر. بۇلار بولسا كېيىنكىلەردۇر. بۇلارغا نىسبەتەن (يەنى ھەدىسنى نەپسى-خاھىشىغا توغرىلايدىغانلارغا نىسبەتەن) كېيىنكىلەر ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر.» (قرة العينين برفع اليدين في الصلاة للإمام البخاري 37)

رۇكۇغا بېرىشتىن ئاۋۋال ۋە رۇكۇدىن تۇرغاندىن كېيىن قوللارنى كۆتۈرمەسلىك توغرىسىدىكى ھەدىسلەرنىڭ زەئىپلىكى توغرىسىدا

ئىمام ئەبۇ داۋۇد (ۋ: ھ 275) رەھىمەھۇللاھ «سۇنەن ئەبۇ داۋۇد» ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق نەقىل قىلغان:  ئەلقەمە مۇنداق دېدى: ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد مۇنداق دېدى: (أَلَا أُصَلِّي بِكُمْ صَلَاةَ رَسُولِ اللهِ ﷺ، قَالَ: فَصَلَّى فَلَمْ يَرْفَعْ يَدَيْهِ إِلَّا مَرَّةً) «مەن سىلەرگە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ نامىزىنى ئوقۇپ بېرەيمۇ. ئۇ شۇنداق دەپ، ناماز ئوقۇدى ۋە قوللىرىنى پەقەت بىرلا قېتىم كۆتۈردى.» (ئەبۇ داۋۇد 748) ئىمام ئەبۇ داۋۇد بۇ رىۋايەتنى نەقىل قىلىپ بولۇپ، ئارقىسىدىنلا مۇنداق دېگەن: (هَذَا حَدِيثٌ مُخْتَصَرٌ مِنْ حَدِيثٍ طَوِيلٍ، وَلَيْسَ هُوَ بِصَحِيحٍ عَلَى هَذَا اللَّفْظِ) «بۇ ئۇزۇن بىر ھەدىستىن قىسقارتىلما بولۇپ، بۇ ھەدىس بۇ لەۋز بىلەن سەھىھ ئەمەس.»
ئىمام ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەك (ت: 128)  رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: ئىبنى مەسئۇدتىن كەلگەن بۇ ھەدىس مەن ئۈچۈن سەھىھ ئەمەس. رۇكۇدىن ئىلگىرى ۋە كېيىن قول كۆتۈرگەن ھەدىسلەر مەن ئۈچۈن سەھىھتۇر. رۇكۇغا بارىدىغاندا ۋە رۇكۇدىن تۇرغاندا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ قوللىرىنى كۆتۈرگەنلىكى توغرىسىدا كەلگەن ھەدىسلەر سانىنىڭ كۆپلۈكى، سەنەدلىرىنىڭ توغرا ۋە ئۈستۈنلىكى سەۋەبلىك، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ نامازلىرىدا (رۇكۇدىن ئاۋۋال ۋە كېين) قوللىرىنى كۆتۈرۈپ ناماز ئوقۇۋاتقان ھالىتى مېنىڭ كۆز ئالدىمدا زاھىر بولىدۇ. (البيهقي: «السنن» (٢/‏٧٩) * ئىمام زەھەبى ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەكنىڭ تەرجىمھالىدا مۇنداق دېگەن: ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەك — شەيخۇل ئىسلام، زامانىسىنىڭ ئالىمى، تەقۋادارلارنىڭ ئەمىرى، مۇجاھىد… ئانىسى خارازىملىق ئىدى، دادىسى تۈرك ئىدى. ئىبنى مۇبارەك مۇھەددىسلەرنىڭ ئارىسىدا ئەمىيرۇل مۇئمىنىن ئىدى. (سير أعلام النبلاء 8\379)
ئىمام ئىبنى ئابدۇلبەر (مالىكىي) رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «بۇ رىۋايەتنىڭ سەنەدىدە ئاسىم ئىبنى كۇلەيب يالغۇز قالغان. ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل بۇ رىۋايەتنى زەئىپ دەپ باھالاپ، تەنقىدلىگەن ۋە رەت قىلغان.» (ابن عبد البر في «التمهيد»٩/‏٢٩١)
ئىمام ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ (شافىئىي) بۇ ھەدىس ھەققىدە مۇنداق دېگەن: (ئىمام) ئىبنى ھىببان «ناماز» ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دېگەن: «بۇ كۇفىلىكلەرنىڭ رۇكۇغا بېرىشتىن ئاۋۋال ۋە رۇكۇدىن تۇرغاندىن كېيىن قوللارنى كۆتۈرۈشنى رەت قىلىشتا تايىنىدىغان ئەڭ كۈچلۈك دەلىلىدۇر. ھەقىقەتتە بۇ دەلىل قىلىپ تايىنىشقا يارىمايدىغان ئەڭ ئاجىز رىۋايەتتۇر. چۈنكى، بۇ رىۋايەتنىڭ (ئۇنىڭ دەلىل بولۇشىنى) يوققا چىقىرىدىغان ئىللەتلىرى بار.» (ابن حجر في«التلخيص الحبير» 1\402)
ئىمام بۇخارى «رەفئۇل يەدەين» ئەسىرىدە بۇ ھەدىس توغرۇلۇق مۇنداق دېگەن: وَيُرْوَى عَنْ سُفْيَانَ، عَنْ عَاصِمِ بْنِ كُلَيْبٍ، عَنْ عَبْدِ الرَّحْمَنِ بْنِ الْأَسْوَدِ، عَنْ عَلْقَمَةَ قَالَ: قَالَ ابْنُ مَسْعُودٍ: «أَلَا أُصَلِّي بِكُمْ صَلَاةَ رَسُولِ اللَّهِ ﷺ: فَصَلَّى وَلَمْ يَرْفَعْ يَدَيْهِ إِلَّا مَرَّةً
«ئىبنى مەسئۇد مەن سىلەرگە رەسۇلۇللاھنىڭ نامىزىدەك ناماز ئوقۇپ بېرەيمۇ دەپ، ئاندىن ناماز ئوقۇدى ۋە قوللىرىنى پەقەت بىرلا قېتىم كۆتۈردى.»
ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل دېدىكى، يەھيا ئىبنى ئادەم مۇنداق دېدى: «مەن ئابدۇللاھ ئىبنى ئىدرىسنىڭ (مۇشۇ ھەدىسنىڭ رىۋايەت زەنجىرىدىكى) ئاسىم ئىبنى كۇلەيبتىن مۇشۇ ھەدىسنى نەقىل قىلغان كىتابىغا قارىدىم. ئۇنىڭدا <كېيىن كۆتۈرمىدى> دېگەن ئىبارە يوق ئىدى.» ئىمام بۇخارى مۇنداق دەيدۇ: مانا بۇ بايان ئەڭ توغرىدۇر. چۈنكى، كىتاب (قا يېزىلغان ھەدىس) ئەھلى ئىلىمنىڭ نەزىرىدە (يادقا بايان قىلغاندىن) ساغلام دەپ قارىلىدۇ. كىشى بىر ھەدىسنى سۆزلەپ بولۇپ، كېيىن كىتابىغا قاراپ، ئاقىۋەتتە كىتابىغا يېزىلغىنىغا قايتىدۇ. (قرة العينين برفع اليدين في الصلاة 28)

ئىمام ئەبۇ داۋۇد رەھىمەھۇللاھ «سۇنەن ئەبۇ داۋۇد» ناملىق ئەسىرىدە مۇنۇ رىۋايەتنى نەقىل قىلغان: ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەبى لەيلا ھەدىس نەقىل قىلىپ دېدىكى، بەررا ئىبنى ئازىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېدى: «مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ نامازنى باشلاش تەكبىرىدە ئىككى قولىنى كۆتۈرگەنلىكىنى كۆردۈم. رەسۇلۇللاھ شۇنىڭدىن كېيىن تاكى نامىزىنى تۈگەتكۈچە ئىككى قولىنى كۆتۈرمىدى.» (ئەبۇ داۋۇد 752) ئىمام ئەبۇ داۋۇد بۇ ھەدىسنى رىۋايەت قىلىپ بولۇپ، ئارقىسىدىن مۇنداق دېگەن: بۇ سەھىھ ھەدىس ئەمەس.
ئىمام ئەبۇ داۋۇد بەررا ئىبنى ئازىبتىن باشقا بىر سەنەد بىلەن كەلگەن «نامازدا بىرلا قېتىم ئىككى قولىنى كۆتۈردى» دېيىلگەن رىۋايەتنى نەقىل قىلىپ مۇنداق دېگەن: بۇ ھەقتىكى ھەدىسنى ھۇشەيم ۋە خالىد ئىبنى ئىدرىسمۇ يەزىد ئارقىلىق رىۋايەت قىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ رىۋايىتىدە «كېيىن قوللىرىنى كۆتۈرمىدى» دېگەن لەۋز يوق. ئەبۇ داۋۇد سۇفيان سەۋرىنىڭ بەررا ئىبنى ئازىبتىن كەلگەن «كېيىن كۆتۈرمىدى» جۈملىسى بىلەن رىۋايەت قىلغان ھەدىس ھەققىدە «بۇرۇن كېيىن كۆتۈرمىدى» جۈملىسى يوق ئېدى، كېيىن قوشۇلۇپ قالدى، دېگەنلىكىنى نەقىل قىلغان. (سۇنەن ئەبۇ داۋۇد 751) بۇنى ئىمام بۇخارىمۇ «رەفئۇل يەدەين» ئەسىرىدە نەقىل قىلغان بولۇپ، ئىمام بۇخارىنىڭ بۇ ھەقتىكى نەقىللىرىدىكى مەزمۇن مۇنداق: بۇ مەزمۇندىكى ھەدىسنى نەقىل قىلغان شەيخ بەك قېرىپ كەتكەندە بۇ ھەدىسنى نەقىل قىلغان، ئەتراپىدىكىلەر «كېيىن كۆتۈرمىدى» دېيىشىپ ئۇنىڭ ئاغزىغا سېلىپ بەرگەندە، شەيخمۇ «كېيىن كۆتۈرمىدى» دەپ قوشۇپ رىۋايەت قىلغان.  (قرة العينين برفع اليدين في الصلاة للإمام البخاري 29)

ئىمام ئەبۇ داۋۇد ئىمام ئەھمەدنىڭ ئەڭ كۆزگە كۆرۈنگەن شاگىرتلىرىدىن ۋە ئۆز دەۋرىنىڭ ئەڭ چوڭ ھەدىس ئالىملىرىدىن، فەقىھلىرىدىن، شۇنداقلا ئەڭ تەقۋادارا زاتلىرىدىن ئىدى. ئەبۇ داۋۇد بۇ ھەدىسنى ئاتايىن زەئىپلىكىنى بىلدۈرۈپ قويۇش ئۈچۈن  نەقىل قىلىپ، ئارقىسىدىنلا زەئىپىكىنى بايان قىلغان. شۇنداق تۇرۇقلۇق، بىر تۈركۈم كىشىلەر مۇشۇ ھەدىسكە تايىنىپ تۇرۇپ نامازدا بىرلا قېتىم قول كۆتۈرۈش يولىنى تۇتىۋالدى. بۇ بەئەينى دادىسى بالىسىغا «بالام، بۇ ئالما سېىپ قالغان ئالما، يەپ سالما» دەپ كۆسىتىپ تۇرۇپ دەپ بەرسە، بالىسى كېيىنكى كۈنلەردە ئوغرىلىقچە بېرىپ شۇ ئالمىنى يەۋالغاندەكلا بىر ئىشتۇر. ئاللاھ قۇرئاندا ئەقلىمىزنى ئىشلىتىشكە بۇيرۇغان.

ئىمام ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ  (ۋاپاتى: ھ 751-يىلى) «رفع اليدين في الصلاة» (نامازدا قوللارنى كۆتۈرۈش) ناملىق ئەسىرىدە يۇقىرىقى رىۋايەتنى بايان قىلىپ بولۇپ مۇنداق دېگەن: بۇ سەھىھ رىۋايەت ئەمەس. ھەدىس ئىماملىرى بۇ رىۋايەت ھەققىدە (سەلبىي) سۆز قىلغان. ئىمام ئىبنى مۇبارەك رەھىمەھۇللاھ «بۇ ھەدىس سەھىھ ئەمەس» دېگەن. (رفع اليدين في الصلاة 1\50)

ئىمام سۇفيان سەۋرىنىڭ رۇكۇ قىلىشتىن ئاۋۋال ۋە رۇكۇدىن تۇرغاندىن كېيىن قوللارنى كۆتۈرمەسلىكىنى تاللىغانلىقى ھەققىدىكى سۆز-چۆچەكلەر بۇ ئورۇنلاردا قوللىرىنى كۆتۈرمەيدىغان كىشىلەر تەرىپىدىن دائىم كۆتۈرۈۋېلىنىدىغان بولغاچقا، ئىمام بۇخارى ئىمام سۇفيان سەۋرىنىڭمۇ مەزكۇر ئورۇنلاردا قوللىرىنى كۆتۈرگەنلىكىنى سەھىھ سەنەد بىلەن بايان قىلىپ، بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن:  بىزگە مۇھەممەد ئىبنى يەھيا مۇنداق سۆزلەپ بەردى: ئەلىي (ئىبنى مەدىينىي) مۇنداق دېدى: (مَا رَأَيْتُ أَحَدًا مِنْ مَشْيَخَتِنَا إِلَّا يَرْفَعُ يَدَيْهِ فِي الصَّلَاةِ) ئۇستازلىرىمىزنىڭ ھەممىسىنىڭ نامازدا (باشلاش تەكبىرىدە، رۇكۇغا بارىدىغاندا ۋە رۇكۇدىن تۇرغاندا) قوللىرىنى كۆتۈرىدىغانلىقى كۆردۈم.
(يۇقىرىقى باياننى ئاڭلىغان) ئىمام بۇخارى مۇنداق دەيدۇ: مەن (بۇنى ماڭا سۆزلەپ بەرگەن) مۇھەممەد ئىبنى يەھيادىن «سۇفيان سەۋرىمۇ قوللىرىنى كۆتۈرەمتى؟» دەپ سورىسام، «شۇنداق» دېدى. (قرة العينين برفع اليدين في الصلاة للإمام البخاري 17دىققەت: ئىمام بۇخارى بۇ باياننى باشقا يەردە ئەمەس، رۇكۇغا بارغاندا ۋە رۇكۇدىن تۇرىدىغاندا قوللارنى كۆتۈرمەسلىكنىڭ سەھىھ سۈننەتكە زىت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن يازغان مەخسۇس ئەسىرىدە بايان قىلماقتا.

ئىمام بۇخارى مۇنداق نەقىل قىلغان: ئىمام سۇفيان سەۋرى رەھىمەھۇللاھ ئەلىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ نامازدا تۇنجى قېتىمدىن باشقىسىدا قوللىرىنى كۆتۈرمىگەنلىكى رىۋايەت قىلىنغان، ئاسىم ئىبنى كۇلەيبتىن كەلگەن رىۋايەتنى (ئىشەنچىلىك ئەمەس، زەئىپ دەپ) رەت قىلغان. (قرة العينين برفع اليدين في الصلاة للإمام البخاري 17)
ئىمام بۇخارى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل مۇنداق دېدى: (رَأَيْتُ مُعْتَمِرًا، وَيَحْيَى بْنَ سَعِيدٍ، وَعَبْدَ الرَّحْمَنِ، وَيَحْيَى، وَإِسْمَاعِيلَ: يَرْفَعُونَ أَيْدِيَهُمْ عِنْدَ الرُّكُوعِ، وَإِذَا رَفَعُوا رُءُوسَهُمْ) «مەن مۇئتەمىرنىڭ، يەھيا ئىبنى سەئىدنىڭ، ئابدۇراھمان (ئىبنى مەھدى) نىڭ، ئىسمائىلنىڭ رۇكۇغا بارىدىغاندا ۋە (رۇكۇدىن) بېشىنى كۆتۈرگەندە قوللىرىنى كۆتۈرگەنلىكىنى كۆردۈم.» (قرة العينين برفع اليدين في الصلاة للإمام البخاري 79* بۇ يەردە ئىسمى كەچكەن زاتلار ئۆز دەۋرىنىڭ ۋە ئۆزىدىن كېيىن بارچە دەۋرلەرنىڭ ئەڭ بۈيۈك ئالىمىرىدىندۇر. سەھىھ سۈننەتلەر، ئىسلام شەرىئىتى بىزگە ئەنە شۇ زاتلارنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق يېتىپ كەلگەن. ئۇلار ئىمام ئەھمەدنىڭ ئۇستازلىرىدىن ھېسابلىنىدۇ. ئىمام ئەھمەد ئىمام بۇخارىنىڭ ئۇستازلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.

ساھابە ئەبۇ ھۇرەيرە ۋە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم رۇكۇدا قوللىرىنى كۆتۈرگەن

[4] ئىمام بۇخارى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق نەقىل قىلغان: ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: ((عَنْ أَبِي هُرَيْرَةَ قَالَ: كَانَ رَسُولُ اللَّهِ ﷺ «يَرْفَعُ يَدَيْهِ حَذْوَ مَنْكِبَيْهِ حِينَ يُكَبِّرُ يَفْتَتِحُ الصَّلَاةَ وَحِينَ يَرْكَعُ»)) «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم تەكبىر ئېيتىپ نامازنى باشلىغاندا ۋە رۇكۇ قىلغاندا قوللىرىنى ئىككى مۈرىسىنىڭ باراۋىرىدە كۆتۈرەتتى.» (قرة العينين برفع اليدين في الصلاة للإمام البخاري 44)

ساھابە ئەبۇ بەكرى سىددىق ۋە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ رۇكۇدا قوللىرىنى كۆتۈرگەن
[5] ئىمام ئەھمەد
مۇسنەدىدە مۇنۇ ھەدىسنى نەقىل قىلغان: ئابدۇررازاق مۇنداق دېگەن: مەككىلىك (ھەدىسشۇناس) زاتلار مۇنداق دېيىشەتتى: ئىبنى جۇرەيج نامازنى (تابىئىن ئىمام) ئەتا ئىبنى ئەبى راباھتىن ئۆگەنگەن، ئەتا نامازنى (ساھابە) ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەيردىن ئۆگەنگەن، ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەير (چوڭ دادىسى) ئەبۇ بەكرى سىددىقتىن ئۆگەنگەن، ئەبۇ بەكرى سىددىق بولسا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن ئۆگەنگەن. (ئابدۇررازاق مۇنداق دەيدۇ) «مەن نامازنى ئىبنى جۇرەيجدىنمۇ گۈزەل ئوقۇيدىغان كىشىنى كۆرۈپ باقمىدىم. ئىبنى جۇرەيج (رۇكۇغا بېرىشتىن ئىلگىرى ۋە كېيىن) قوللىرىنى كۆتۈرەتتى.» (مسند أحمد 73؛ سۇيۇتى: جامع الأحاديث ٢٤/‏٤٧٢ رفع اليدين في الصلاة لابن القيم 1\9)

ساھابە ئەبۇ بەكرى سىددىق ۋە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم رۇكۇدىن ئىلگىرى ۋە كېيىن قوللىرىنى كۆتۈرگەن

[6] ئىمام ھاكىم ئەبۇ ئابدۇللاھ مۇنۇ ھەدىسنى نەقىل قىلغان: ئەبۇ ئىسمائىل تىرمىزى مۇنداق دېدى: مەن ئەبۇ نۇئمان ئىبنى فەزلنىڭ ئارقىسىدا ناماز ئوقۇدۇم. ئۇ نامازغا كىرىش تەكبىرىدە ئىككى قولىنى كۆتۈردى، رۇكۇغا بارىدىغاندا ۋە رۇكۇدىن بېشىنى كۆتۈرگەن ئىككى قولىنى كۆتۈردى، ئۇ نامازنى ياخشى ئوقۇدى. ناماز ئوقۇپ بولۇپ ئۇنىڭدىن «بۇ كىمدىن كەلگەن ناماز؟» دەپ سورىۋىدىم، ئۇ مۇنداق دېدى: مەن ھامماد ئىبنى زىيادنىڭ كەينىدە ناماز ئوقۇغان ئىدىم، مەن ئوقۇغاندەك ئوقۇدى، ئۇنىڭدىن بۇ ھەقتە سورىسام، (ھامماد مۇنداق دېدى) مەن ئەييۇب ساختىيانينىڭ كەينىدە ناماز ئوقۇدۇم، ئۇ مۇشۇنداق ئوقۇغان ئىدى، دېدى. ئەييۇب ساختىيانىدىن «بۇ كىمنىڭ نامىزى» دەپ سورىسام، «ئاتا ئىبنى ئەبى راباھنىڭ كەينىدە ناماز ئوقۇدۇم، ئۇ مۇشۇنداق ئوقۇيتتى، ئۇنىڭدىن بۇ ھەقتە سورىسام، ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەير مۇشۇنداق ئوقۇيتتى» دېدى. ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەيردىن، «رۇكۇدىن ئاۋۋال ۋە كېيىن قول كۆتۈرۈپ ئوقۇلىدىغان بۇ ناماز كىمنىڭ نامىزى» دەپ سورىسام، ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەير «مەن (چوڭ دادام) ئەبۇ بەكرى سىددىقنىڭ كەينىدە ناماز ئوقۇدۇم، ئەبۇ بەكرى سىددىق نامازنى باشلىغاندا قوللىرىنى كۆتۈرەتتى، رۇكۇ قىلىشتىن ئاۋۋال ۋە رۇكۇدىن تورغاندىن كېيىن يەنە قوللىرىنى كۆتۈرەتتى» دېدى. ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەير داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ: ئەبۇ بەكرى سىدىق ماڭا «مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ كەينىدە ناماز ئوقۇدۇم، رەسۇلۇللاھ نامازنى مانا مۇشۇنداق ئوقۇيتتى، دېدى.» [البيهقي: «السنن الكبرى»: (٢/ ٧٣) بەيھەقى بۇ ھەدىسنى راۋىيلىرى ئىشەنچىلىك، دېگەن؛ ئىمام ئىبنى قەييىم «نامازدا قوللارنى كۆتۈرۈش» ناملىق ئەسىرىدە ئىشەنچىلىك دەپ دەلىل قىلىپ كەلتۈرگەن]

ساھابە ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئەنھۇ ئۈچىنچى رەكئەتكە تۇرغاندا ئىككى قولىنى كۆتۈرگەن

[7] ئىمام بۇخارى رەھىمەھۇللاھ «سەھىھۇل بۇخارى»دا (وإذا قام من الركعتين رفع يديه) ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئىككىنچى رەكئەت (تەشەھھۇدى) دىن كېيىن (ئۈچۈنچى رەكئەت ئۈچۈن) تۇرغاندا ئىككى قولىنى كۆتۈرگەنلىكىنى نەقىل قىلغان. (سەھىھۇل بۇخارى 1\188)

ساھابە ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رۇكۇغا بېرىشتا ۋە رۇكۇدىن تۇرغاندا ئىككى قولىنى كۆتۈرگەن

[8] ئىمام ئىبنى ئەبى شەيبە «مۇسەننەف» تە مۇنۇ ھەدىسنى نەقىل قىلغان: بىزگە مۇئاز ئىبنى مۇئاز ھەدىس سۆزلەپ بەردى، ئۇ ھۇمەيدنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى سۆزلەپ بەردى: (أَنَّهُ كَانَ يَرْفَعُ يَدَيْهِ إِذَا دَخَلَ فِي الصَّلَاةِ، وَإِذَا رَكَعَ، وَإِذَا رَفَعَ رَأْسَهُ مِنَ الرُّكُوعِ) «ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ناماز باشلىغاندا، رۇكۇ قىلىدىغاندا ۋە رۇكۇدىن تۇرغاندا ئىككى قولىنى كۆتۈرەتتى.» (مۇسەننەف ئىبنى ئەبى شەيبە 2433)

مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى، ساھابە ئەلىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رۇكۇغا بېرىشتا ۋە رۇكۇدىن تۇرغاندا ئىككى قولىنى كۆتۈرگەن

[9] ئابدۇللاھ ئىبنى ئەبى رافىئ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: ئەلىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: ((إِذَا افْتَتَحَ الصَّلَاةَ رَفَعَ يَدَيْهِ حَذْوَ مَنْكِبَيْهِ، وَإِذَا أَرَادَ أَنْ يَرْكَعَ وَإِذَا رَفَعَ رَأْسَهُ مِنَ الرُّكُوعِ، وَكَانَ لَا يَفْعَلُ ذَلِكَ فِي شَيْءٍ مِنْ سُجُودِهِ، وَإِذَا قَامَ مِنَ السَّجْدَتَيْنِ مِثْلَ ذَلِكَ)) «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم نامازنى باشلىغاندا ئىككى قولىنى ئىككى مۈرىسىنىڭ باراۋىرىدە كۆتۈرەتتى، رۇكۇ قىلماقچى بولسا ۋە رۇكۇدىن تۇرسىمۇ ئىككى قولىنى مۇشۇنداق كۆتۈرەتتى، ئەمما سەجدە قىلغاندا ۋە سەجدىدىن بېشىنى كۆتۈرگەندە بۇنداق قىلمايتتى. ئىككى سەجدىدىن (كېيىنكى رەكئەتكە) تۇرغاندىمۇ ئىككى قولىنى كۆتۈرەتتى.» (سۇنەن ئىبنى ماجە 864؛ بەيھەقى: سۇنەن كۇبرا 2304، 2\37؛ بۇنىڭ ئوخشىشىنى بۇنىڭ ئوخشىشىنى ئەبۇ داۋۇد سۇنەندە (744) ۋە ئىمام ئەھمەد مۇسنەدىدە نەقىل قىلغان؛ ئەلبانى سەھىھ دېگەن)

ساھابە ۋائىل ئىبنى ھۇجۇر ۋە رەسۇلۇللاھ سەللەلللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم رۇكۇدىن ئاۋۋال ۋە رۇكۇدىن كېيىن ئىككى قولىنى كۆتۈرگەن

[10] ئاسىم ئىبنى كۇلەيبىب دادىسىدىن ھەدىس سۆزلەپ، ئۇنىڭ دادىسى ساھابە ۋائىل ئىبنى ھۇجۇر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دەپ ھەدىس سۆزلىگەنلىكىنى بايان قىلغان: (رَأَيْتُ رَسُولَ اللهِ ﷺ إِذَا افْتَتَحَ الصَّلَاةَ يَرْفَعُ يَدَيْهِ حَذْوَ مَنْكِبَيْهِ، وَإِذَا رَكَعَ، وَبَعْدَ مَا يَرْفَعُ رَأْسَهُ مِنَ الرُّكُوعِ) «مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ نامازنى باشلىغاندا ئىككى قولىنى مۈرىسىگىچە كۆتۈرگەنلىكىنى كۆردۈم. شۇنداقلا، رۇكۇ قىلغاندىمۇ، رۇكۇدىن بېشىنى كۆتۈرگەندىمۇ ئىككى قولىنى كۆتۈرگەنلىكىنى كۆردۈم.» (سۇنەن نەسائىي 1263، 1159؛ بەيھەقى: سۇنەن كۇبرا 2305)

 أَخْبَرَنِي مُحَمَّدُ بْنُ عَمْرِو بْنِ عَطَاءٍ، قَالَ: سَمِعْتُ أَبَا حُمَيْدٍ السَّاعِدِيَّ، فِي عَشَرَةٍ مِنْ أَصْحَابِ رَسُولِ اللَّهِ ﷺ مِنْهُمْ أَبُو قَتَادَةَ، قَالَ أَبُو حُمَيْدٍ: أَنَا أَعْلَمُكُمْ بِصَلَاةِ رَسُولِ اللَّهِ ﷺ، قَالُوا: فَلِمَ؟ فَوَاللَّهِ مَا كُنْتَ بِأَكْثَرِنَا لَهُ تَبَعًا وَلَا أَقْدَمِنَا لَهُ صُحْبَةً، قَالَ: بَلَى، قَالُوا: فَاعْرِضْ، قَالَ: «كَانَ رَسُولُ اللَّهِ ﷺ إِذَا قَامَ إِلَى الصَّلَاةِ يَرْفَعُ يَدَيْهِ حَتَّى يُحَاذِيَ بِهِمَا مَنْكِبَيْهِ، ثُمَّ يُكَبِّرُ حَتَّى يَقِرَّ كُلُّ عَظْمٍ فِي مَوْضِعِهِ مُعْتَدِلًا، ثُمَّ يَقْرَأُ، ثُمَّ يُكَبِّرُ فَيَرْفَعُ يَدَيْهِ حَتَّى يُحَاذِيَ بِهِمَا مَنْكِبَيْهِ، ثُمَّ يَرْكَعُ وَيَضَعُ رَاحَتَيْهِ عَلَى رُكْبَتَيْهِ، ثُمَّ يَعْتَدِلُ فَلَا يَصُبُّ رَأْسَهُ وَلَا يُقْنِعُ، ثُمَّ يَرْفَعُ رَأْسَهُ، فَيَقُولُ: سَمِعَ اللَّهُ لِمَنْ حَمِدَهُ، ثُمَّ يَرْفَعُ يَدَيْهِ حَتَّى يُحَاذِيَ بِهِمَا مَنْكِبَيْهِ مُعْتَدِلًا، ثُمَّ يَقُولُ: اللَّهُ أَكْبَرُ ثُمَّ يَهْوِي إِلَى الْأَرْضِ فَيُجَافِي يَدَيْهِ عَنْ جَنْبَيْهِ، ثُمَّ يَرْفَعُ رَأْسَهُ وَيَثْنِي رِجْلَهُ الْيُسْرَى فَيَقْعُدُ عَلَيْهَا، وَيَفْتَحُ أَصَابِعَ رِجْلَيْهِ إِذَا سَجَدَ، وَيَسْجُدُ ثُمَّ يَقُولُ: اللَّهُ أَكْبَرُ، وَيَرْفَعُ رَأْسَهُ وَيَثْنِي رِجْلَهُ الْيُسْرَى فَيَقْعُدُ عَلَيْهَا حَتَّى يَرْجِعَ كُلُّ عَظْمٍ إِلَى مَوْضِعِهِ، ثُمَّ يَصْنَعُ فِي الْأُخْرَى مِثْلَ ذَلِكَ، ثُمَّ إِذَا قَامَ مِنَ الرَّكْعَتَيْنِ كَبَّرَ وَرَفَعَ يَدَيْهِ حَتَّى يُحَاذِيَ بِهِمَا مَنْكِبَيْهِ كَمَا كَبَّرَ عِنْدَ افْتِتَاحِ الصَّلَاةِ، ثُمَّ يَصْنَعُ ذَلِكَ فِي بَقِيَّةِ صَلَاتِهِ حَتَّى إِذَا كَانَتِ السَّجْدَةُ الَّتِي فِيهَا التَّسْلِيمُ أَخَّرَ رِجْلَهُ الْيُسْرَى وَقَعَدَ مُتَوَرِّكًا عَلَى شِقِّهِ الْأَيْسَرِ»  قَالُوا: صَدَقْتَ هَكَذَا كَانَ يُصَلِّي ﷺ

ئون بىر ساھابىنىڭ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ رۇكۇدىن ئىلگىرى ۋە كېيىن قوللىرىنى كۆتۈرگەنلىكىگە گۇۋاھلىق بەرگەنلىكى

[11] ھەمىيد ئىبنى جەئفەر ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: بىزگە مۇھەممەد ئىبنى ئەمرۇ ئىبنى ئەتا مۇنداق ھەدىس سۆزلەپ بەردى: مەن ئەبۇ ھۇمەيد سائىدىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئون ساھابىنىڭ ئارىسىدا تۇرۇپ — ئۇ ئون ساھابىنىڭ ئارىسىدا ئەبۇ قەتادەمۇ بار ئىدى —  مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: «مەن ئاراڭلاردا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ نامىزىنى ئەڭ ياخشى بىلگۈچىمەن» دېۋىدى، ساھابىلەر «قانداقسىگە؟ سەن رەسۇلۇللاھقا بىزدىن كۆپراق ئەگەشمىگەن، ياكى بىزدىن بۇرۇنراق مۇسۇلمان بولمىغان تۇرساڭ؟» دېۋىدى. ئەبۇ ھۇمەيد «شۇنداق» دېدى. ساھابىلەر «قېنى (رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ نامىزىنى) بايان قىلىپ باققىن» دېيىشتى. شۇنىڭ بىلەن ئەبۇ ھۇمەيد سائىدىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېدى: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللام نامازنى باشلىغاندا ئىككى قولىنى ئىككى مۈرىسىنىڭ باراۋىردە كۆتۈرۈپ، ئاندىن «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ تەكبىر ئېيتاتتى، قوللىرىنى سۆكەڭلىرى ئۆز ئۈگىلىرىدە قارار تاپقانغا قەدەر راۋۇرۇس كۆتۈرەتتى، ئاندىن قىرائەت قىلاتتى. ئاندىن «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ تەكبىر ئېيتىپ، ئىككى قولىنى تاكى مۈرىسىگە قەدەر كۆتۈرەتتى. ئاندىن رۇكۇ قىلىپ ئىككى ئالقىنىنى ئىككى تىزىغا قوياتتى، رۇكۇدا مۇشۇ ھالەتتە بېشىنى كۆتۈرۈۋالماستىن ياكى ساڭگىلىتىۋاتماستىن رۇس تۇراتتى. ئاندىن رۇكۇدىن بېشىنى كۆتۈرۈپ «سەمىئەللاھۇ لىمەن ھەمىدەھ» دەپ، ئىككى قولىنى ئىككى مۈرىسىنىڭ باراۋىرىدە راۋۇرۇس كۆتۈرەتتى. ئاندىن «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ (سەجدە قىلىش ئۈچۈن) يەرگە ئېڭىشەتتى، (سەجدىدە) جەينەكلىرىنى ئىككى بىقىنىدىن نېرى تۇتاتتى. ئاندىن رۇكۇدىن بېشىنى كۆتۈرۈپ، سول پۇتىنى ياتقۇزۇپ، سول پۇتىنىڭ ئۈستىدە ئولتۇراتتى. سەجدە قىلغاندا پۇتلىرىنىڭ بارماقلىرىنى (تۈگىۋالماستىن يەرگە نىقتاپ) ئاچقان ھالەتتە تۇتاتتى. (مۇشۇ ھالەتتە) سەجدە قىلىپ ئاندىن «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ بېشىنى كۆتۈرۈپ، سول پۇتىنى قاتلاپ، سۆڭەكلىرى ئۈگىلىرىگە ئولتۇرۇشقانغا قەدەر ئولتۇراتتى. ئاندىن كېيىنكى رەكئەتنىمۇ مانا مۇشۇنداق ئوقۇيتتى. ئىككىنچى رەكئەتنى تۈگىتىپ ئورنىدىن تۇرسا «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ قوللىرىنى ناماز باشلىغان چاغدا كۆتۈرگەندىكىدەك ئىككى مۈرىسىنىڭ باراۋىرىدە كۆتۈرەتتى. ئاندىن نامازنىڭ قالغان قىسىمىنىمۇ مانا مۇشۇنداق ئوقۇيتتى. ئاخىرىدا، سالام بېرىپ نامازدىن چىقىشتىن ئىلگىرىكى سەجدىدىن بېشىنى كۆتۈرگەندە سول پۇتىنى (قاتلاپ ئوڭ پاچىقىنىڭ ئاستىغا) قويۇپ سول كاسىسىنى يەرگە قويۇپ ئولتۇراتتى.» (ساھابە ئەبۇ ھۇمەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ بۇ بايانلىرىنى ئاڭلىغان) ساھابىلەر «توغرا ئېيتتىڭ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم نامازنى مۇشۇنداق ئوقۇيتتى» دېيىشتى. (سۇنەن ئەبۇ داۋۇد 730؛ بەيھەقى: سۇنەن كۇبرا 1\57؛ سەھىھ ئىبنى خۇزەيمە 6\77؛ بەيھەقى: خلافيات 2\339؛ ئەلبانى «سەھىھ ئەبۇ داۋۇد»تا سەھىھ دېگەن)

رۇكۇدىن بۇرۇن ۋە كېيىن رەسۇلۇللاھنىڭ ۋە ساھابىلەرنىڭ قول كۆتۈرگەنلىكى توغرۇلۇق سانسىزلىغان ھەدىس ۋە ئەسەرلەر بولۇپ، يۇقىرىدا پەقەت بىر قىسىمىنىلا تاللاپ نەقىل قىلدۇق. سەھىھۇل بۇخارىدا رۇكۇدىن ئىلگىرى ۋە كېيىن قول كۆتۈرۈش ھەققىدە نەچچىلىگەن سەھىھ ھەدىسلەر بولغان ئىكەن، سەھىھۇل بۇخارى قۇرئاندىن كېيىنكى ئەڭ سەھىھ كىتاب بولغان ئىكەن، ھەدىسكە ھەقىقىي ئەگىشىشنى نىيىتىدە راستچىل ئىنسانلار بۇخارىدىكى ھەدىسكە ھەر خىل سۆزلەرنى دەپ باقماي، شۇ ھەدىس بويىچە ئەمەل قىلىۋەتسىلا بۇ ھەقتە ھېچقانداق تالاش-تارتىش قىلمىغان بولاتتى. سەھىھۇل بۇخارىنىڭ قۇرئان كەرىمدىن قالسا ئەڭ ئىشەنچىلىك كىتاب بولىشىدىكى بىرىنچى نومۇرلۇق سەۋەب، ئىمام بۇخارى راۋىيلارنىڭ ئۆزىنىڭ نەزىرىدىلا ئەمەس، بارچە سەلەپ ھەدىسشۇناسلىرىنىڭ نەزىرىدە شەكسىز ئىشەنچىلىك بولۇپلا قالماي، ئۇلارنىڭ چوقۇم بىر-بىرى بىلەن ئۇچراشقان بولۇشى شەرتىنى قويغانلىقى. ئىسلام دۇنياسىدا سەھىھۇل بۇخارىدىن باشقا ھېچبىر ھەدىس كىتابىدا راۋىيلارنىڭ ئىشەنچىلىك بولۇپ قالماي، چوقۇم بىر-بىرى بىلەن ئۇچراشقان بولۇشىنى شەرت قىلغان سەھىھۇل بۇخارىدىن باشقا ھەدىس كىتابى يوق. ئىمام مۇسلىمنىڭ سەھىھۇل مۇسلىمدىكى ھەدىسلەرگە قويغان شەرتى بولسا، كىتابتىكى ھەدىسلەرنى نەقىل قىلغان راۋىيلارنىڭ چوقۇم ئىشەنچىلىك راۋىيلار بولۇشىنى، بىر دەۋردە ياشىغان بولۇشىنى شەرت قويغان، ئەمما، ئىمام بۇخارىدەك بۇنىڭدىن ئېشىپ ئۇچراشقان بولۇشىنى شەرت قويمىغان.
رۇكۇدىن ئىلگىرىكى كېيىن قوللارنى كۆتۈرمىگەنلىك توغرىسىدىكى ھەدىسلەر مەيلى بۇخارىنىڭ شەرتىگە، ھەتتا مۇسلىمنىڭ شەرتىگە چۈشمەيدىغان، سەنەدىدە مەسىلە بار ھەدىسلەر بولغاچقا، سەلەپنىڭ ئەڭ مەشھۇر ۋە ئومۇمەن ھەممىلا مۇھەددىسلىرى قول كۆتۈرمەسلىك ھەدىسى بىلەن ئەمەل قىلىشنى قوبۇل قىلمىغان.
بەزى كىشىلەر قول كۆتۈرمەسلىك ھەدىسلىرىنىڭ سەنەدىدىكى ئىللەتلەرنىڭ مۆتىۋەر ھەدىسشۇناسلار تەرىپىدىن قاتتىق تەنقىتلەنگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئاقىۋەتتە بۇخارى ۋە مۇسلىمدىكى قول كۆتۈرۈش بايان قىلىنمىغان ھەدىسلەرنى كۆتۈرۈپ كېلىپ، شۇ ھەدىسلەرنى قول كۆتۈرمەسلىكنى كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن بۇرمىلاپ قوللانغان. يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئون بىر ساھابىنىڭ قول كۆتۈرۈشكە گۇۋاھلىق بېرىش ھەدىسى مۇشۇنداق زاتلارنىڭ قول كۆتۈرۈش بايان قىلىنمىغان ھەدىسلەرنى قول كۆتۈرمىگەنلىككە دەلىل قىلىشىنىڭ باتىللىقىغا دەلىل بولىدۇ. چۈنكى، (1) ھەدىستە ئاخىرقى تەشەھھۇدتا ئولتۇرۇپ تەشەھھۇد دۇئاسى ئوقۇش، رۇكۇ ۋە سەجدىدىكى زىكىرلەرنى ئوقۇش ھەققىدە ھېچقانداق بايان يوق. بۇنداق زاتلار ئەمدى نېمىشقا مۇشۇ ھەدىسكە قاراپ تۇرۇپ، دېمەك سەجدىدە، رۇكۇدا زىكىر، دۇئا ئوقۇش يوق، ئاخىرقى تەشەھھۇدتا ئەتتەھىيياتۇنى ۋە سەللى بارىك دۇئاسىنى ئوقۇش يوق، نامازدىن ئوڭغا ۋە سولغا سالام بېرىپ چىقىش يوق، دەپ تۇرۇۋالمايدىكىنە؟   (2) ئىمام بۇخارىنىڭ ئېيتقىنىدەك، بىر مەسىلىدە بىر قانچە ھەدىس كەلگەن بولۇپ، بىرىدە مەلۇم بىر پېئىلنىڭ قىلىنغانلىقى بايان قىلىنمىغان، يەنە بىرىدە شۇ پېئىلنىڭ قىلىنغانلىقىنى بايان قىلىنغان بولسا، ھەم بۇ ئىككىلى ھەدىس سەھىھ بولسا، ئۇ ھالدا زىيادە بايان قىلىنغان ھەدىستىكىسى بويىچە ئەمەل قىلىنىدۇ. (قرة العينين برفع اليدين في الصلاة للإمام البخاري) بۇ خۇددى، بىر شوپۇرنىڭ ماشىنا ھەيدىشىنى بايان قىلغان بىرى «شوپۇر ماشىنىنى بىرىنچى خوتتا ھەيدەپ قوزغالدى، چوڭ كوچىغا چىققاندا بەشىنچى خوتقا سېلىپ بولۇشىغا تېز ھەيدىدى» دەپ خەۋەر بەرسە، بۇ ھەرگىزمۇ ئۇ شوپۇرنىڭ ماشىنىنى بىرىنچى خوتتىن بىراقلا بەشىنچى خوتقا سالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدىغانلىقىغا ئوخشايدۇ. شوپۇرنى بايان قىلغۇچى سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ «چوڭ كوچىدا ساقچىنى كۆرۈپ دەرھال كەينىمىزگە قايتتۇق» دەپ بايان قىلسا، بۇ ھەرگىزمۇ «بەشىنچى خوتتا كېتىۋاتقان ماشىنىنى، بەشىنچى خوتتىكى ھالىتى بويىچە كەينىگە ماڭغۇزدۇق» دېگەن مەنىنى بىلدۈرمەيدۇ. بايان قىلغۇچى پەقەت ئۆزى مۇۋاپىق كۆرگەن شەكىلدىلا بايان قىلىپ، ئارىدىكى تەپسىلاتلارنى قىسقارتتى. ھەم، ھەر قايسى تىللاردىكى بايان ئۇسلۇبىمۇ دەل شۇنداقتۇر. ھېچقانداق بىر ئىختىيارىي بايان قىلغۇچى، مەيلى ھەدىسنى، مەيلى باشقا ۋەقەلىكنى بايان قىلغاندا ھېچقانداق تەپسىلاتنى قالدۇرۇپ قويماي، ئىشنىڭ يىپىدىن يىڭنىسغىچە يۈزدە يۈز تولۇق بايان قىلمايدۇ.

رەفئۇل يەدەيندىن ئىبارەت ئىنتايىن كۈچلۈك بىر سۈننەتنى يوققا چىقىرىشقا، ياكى سۇسلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنىدىغان زاتلارنىڭ رۇكۇدىن ئىلگىرى ۋە كېيىن ئىككى قولنى كۆتۈرگەنلىك توغرىسىدىكى نەچچىلىگەن سەھىھ ھەدسىلەرنى ئاتلاپ ئۆتۈپ كېتىپ، رۇكۇدىن ئىلگىرى كېيىن رەفىيەت قىلىش بىلەن ئالاقىسى بىۋاستە بولمىغان ھەدىسلەرنى «مانا بۇ يەردە رۇكۇدا قولىنى كۆتۈردى دېمىدى» دەپ، بۇ رەفئۇل يەدەين سۈننىتىنى سۇسلاشتۇرۇپ، يوققا چىقىرىشقا ئۇرۇنىشى، دەل «ساقچىنى كۆرۈپ كەينىمىزگە ياندۇق» دېگەن بايانىنى قەستەن بۇرمىلاپ «شوپۇر ماشىنىنى بەشىنچى خوت بىلەنلا كەينىگە ياندۇردى» دەپ چۈشىنىشكە ئۇرۇنغانلىقىغا ئوخشايدۇ. كىشىنىڭ يولى، ئوچۇق سەھىھ سۈننەتلەرنى سۇسلاشتۇرۇش بولماسلىقى، دەل ئەكسىچە سەھىھ سۈننەتلەرگە مەھكەم ئېسىلىش بولۇشى كېرەك. شۇنداق بولمىغۇچە، ھېچكىم ئىككى دۇنيانىڭ بەخت-سائادىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ.

ئىمام ئەھمەد رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: (من رد حديث رسول الله ﷺ فهو على شفا هلكة) ”كىم ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ ھەدىسىنى قوبۇل قىلمىسا، ئۇ ھالاكەتنىڭ بوسۇغىسىدىدۇر.“ (ابن الجوزي في المناقب (ص ١٨٢)

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىييە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «ئەگەر كىشى ئەبۇ ھەنىفەگە، ياكى مالىكقا، ياكى شافىيغا ۋەياكى ئەھمەدكە ئەگىشىدىغان بولسا، بەزى مەسلىلەردە ئۆزى تۇتقان مەزەپتىن باشقا مەزھەپتىكى ھۆكۈم ئۆز مەزھىپىدىكى ھۆكۈمدىنمۇ كۈچلۈكراق \ توغرىراق ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ يەتسە، بۇنداق ئەھۋالدا باشقا مەزھەپتىكى ئاشۇ كۈچلۈك ھۆكۈمگە ئەگەشسە، ياخشى قىلغان بولىدۇ، بۇنداق قىلىش ئۇنىڭ دىنىغا نۇقسان يەتكۈزمەيدۇ. بۇنداق قىلىش ھەقكە تېخىمۇ ئۇيغۇندۇر، ئاللاھ ۋە رەسۇلىغا تېخىمۇ سۆيۈملۈكتۇر.» (مجموع الفتاوى 22/247)

— مۇجتەھىد تورى

مۇناسىۋەتلىك تېما:
نامازنى توغرا ئوقۇش قائىدىسى | ئىمام ئىبنى باز

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ