ھەجدە يۈزىنى ياپقان ساھابە ۋە تابىئىن ئاياللار

ئەسما ئانىمىزنىڭ ھەجدە يۈزىنى يېپىشى

ئاياللار \ خانىم-قىزلار ھەج ياكى ئۆمرىدە يۈزىنى ياپامدۇ؟
بىسمىللاھىررەھمانىررەھىم

ئەسما رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ۋە زۇبەير ئىبنى ئاۋۋامنىڭ نەۋرىسى، تابىئىن ئالىمە فاتىمە بىتنى مۇنزىر مۇنداق نەقىل قىلغان:

(زۇبەير ئىبنى ئاۋۋامنىڭ نەۋرىسى، ئايال تابىئىن ئالىمە) فاتىمە بىتنى مۇنزىر (ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن) مۇنداق دېگەن: ((كُنَّا نُخَمِّرُ وُجُوهَنَا وَنَحْنُ مُحْرِمَاتٌ، وَنَحْنُ مَعَ أَسْمَاءَ بِنْتِ أَبِي بَكْرٍ الصِّدِّيقِ)) بىز ئېھراملىق ھالەتتە يۈزىمىزنى ياپاتتۇق. بىز (ئېھراملىق ۋە يۈز ياپقان ھالەتتە) ئەسما بىتنى ئەبۇ بەكرى سىددىق بىلەن بىللە ئىدۇق. (مالىك: مۇۋەتتا 224، 724؛ ھاكىم: مۇستەدرەك 1\454؛) * ئەبۇ بەكرى سىددىقنىڭ قىزى ئەسما بىنتى ئەبۇ بەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھا — فاتىمە بىنتى مۇنزىرنىڭ چوڭ ئانىسى ھېسابلىنىدۇ. ئەسما رەزىيەللاھۇ ئەنھا يەنە مۇشۇ ئەسەرنى نەقىل قىلغان فاتىمە بىنتى مۇنزىرنىڭ ئېرى ھىشام ئىبنى ئۇرۋە ئىبنى زۇبەيرنىڭمۇ چوڭ ئانىسىدۇر. (شرح الزرقاني على الموطأ ٢/٣٤٩) مۇۋەتتا مالىكنىڭ زەرقانى شەرھىدە مۇنداق دېيىلگەن: ئىھراملىق ئاياللار ئۆزلىرىنىڭ يۈزىگە ئەرلەرنىڭ قاراش پىتنىسى مەۋجۇتلۇقىنى بىلسە ياكى (يۈزىنى ئەرلەرنىڭ كۆرۈپ قېلىش مۇمكىنچىلىكىنى) تەخمىن قىلسا، يۈزىنى يېپىۋېلىشى ۋاجىپ بولىدۇ. ئىبنى مۇنزىر مۇنداق دېگەن: ئەھلى ئىلىم ئاياللارنىڭ ئەرلەرنىڭ يۈزىگە قارىشىدىن ساقلىنىشى ئۈچۈن يۈزىگە كىيىمىنى سارقىتىپ يۈزىنى توسىۋالىدۇ. (شرح الزرقاني على الموطأ ٢/٣٤٩) رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ بۇيرۇغىنىدەك، ھەج ياكى ئۆمرىگە ئېھرام باغلىغان ئايال يۈزىنى نىقاب بىلەن، قولىنى پەلەي بىلەن ياپمايدۇ. ئىمام ئىبنى تەيمىييە قاتارلىق ئالىملارنىڭ ئېيتقىنىدەك، رومىلى بىلەن يۈزىنى، كىيىمىنىڭ يېڭى قاتارلىقلار بىلەن قولىنى نامەھرەمدىن ياپىدۇ.

مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ھەجدە يۈزىنى يېپىشى

ئائىشە بىنتى ئەبۇ بەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: ((كَانَ الرُّكْبَانُ يَمُرُّونَ بِنَا وَنَحْنُ مَعَ رَسُولِ اللَّهِ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ مُحْرِمَاتٌ فَإِذَا جَاوَزُوا بِنَا سَدَلَتْ إِحْدَانَا جِلْبَابَهَا مِنْ رَأْسِهَا عَلَى وجهِها فإِذا جاوزونا كشفناهُ)) «بىز رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بىلەن (ھەج سەپىرىدە) بىللە ئىھرام باغلاپ (ھەج قىلىۋاتقان) ئىدۇق ۋە كىشىلەر ئۇلاغلىرىغا مىنىپ يېنىمىزدىن ئۆتەتتى. ئۇلار يېنىمىزدىن ئۆتكۈدەك بولسا جىلبابىمىزنى سارقىتىپ يۈزىمىزنى يېپىۋالاتتۇق، ئۇلار ئۆتۈپ كەتكەندە يۈزىمىزنى ئاچاتتۇق.» hedisim.com (ئەبۇ داۋۇد <1833> ۋە ئىبنى ماجە توپلىغان؛ مىشكات مەسابىھ 2690؛ وقال الألباني في «جلباب المرأة المسلمة» (ص107)حسن في الشواهد)

ئىمام بەغەۋى رەھىمەھۇللاھ (ت: 433 ۋ:510) مۇنداق دېگەن: «(ھەج ياكى ئۆمرە ئۈچۈن) ئىھراملىق ئايال كىشى يۈزىنى يات ئەرلەرنىڭ كۆزىدىن يوشۇرۇش ئۈچۈن كىيىمىنى \ جىلبابىنى (بېشىدىن) سارقىتىپ (شۇ كىيىمىنى بىلەن كىيىمنى يۈزىگە چاپلىۋالماستىن بېشىدىن سارقىپ تۇرغان ھالەتتە قىلىپ) يۈزىنى ياپىدۇ. يۈزىنى (نورمال چاغدا ياپقاندەك كىيىمىنىڭ رەختىنى يۈزىگە چاپلىشىپ تۇرىدىغان ھالدا) يېپىۋالمايدۇ، بۇرقا كىيىۋالمايدۇ.
ئۈستىگە كەيگەن كىيىمىنى سارقىتىپ يۈزىنى ياپىدۇ دېگەن بۇ ھۆكۈم ئىمام مالىكنىڭ، سۇفيان سەۋرىنىڭ، ئىمام شافىينىڭ، ئىمام ئەھمەدنىڭ ۋە ئىسھاق ئىبنى راھۇۋەيھنىڭ ھۆكمىدۇر. (يۇقىرىقى ئالىملار سەلەپ دەۋرىدىكى ھەر قايسى يۇرتلارنىڭ، يەنى پۈتكۈل ئىسلام دۇنياسى ئاغزىغا قارايدىغان ئەڭ ئىشەنچىلىك ئالىملار ئىدى، پۈتكۈل مۇسۇلمانلار ئەگىشىدىغان مۇجتەھىد ئىماملار ئىدى.) [شرح السنة 7\740]

ئىمام بەغەۋى رەھىمەھۇللاھ (ت: 433 ۋ:510) مۇنداق دېگەن: ئىھراملىق ئايال قولىغا پەلەي كىيەمدۇ-يوق؟ دېگەن مەسىلىدە ئۆلىمالار ئىختىلاپلىشىپ قالغان بولۇپ، بەزى ئۆلىمالار ئىھراملىق ئايال كىشىنىڭ قولىغا پەلەي كىيىۋېلىشى دۇرۇس ئەمەس، ئەگەر ئىھراملىق ھالىتىدە پەلەي كىيگەن بولسا، ئېھراملىق ئايالنىڭ يۈز ۋە قوللىرىنى نىقاپ، پەلەي بىلەن يېپىشى چەكلەنگەنلىكى (يەنى ئەرلەرنىڭ ئۇچىسىغا ئىشتان كۆينەك كىيىشى چەكلىنىپ، ئېھراملىق رەخت بىلەن بەدىنىنى يېپىشى بەلگىلەنگەندەك، ئايال كىشىنىڭ يۈزىنى نىقاپ، قولىنى پەلەي بىلەن يېپىشى چەكلىنىپ، يۈزى ۋە قولىنى نىقاپ ۋە پەلەيدىن باشقا نەرسە بىلەن يېپىشى بەلگىلەنگەنلىكى) ئۈچۈن كىيىمى بىلەن يېپىشى، بۇ قىلمىشى ئۈچۈن فىديە بېرىدۇ، دېگەن. كۆپچىلىك ئالىملار، ئەگەر ئايال كىشى قولىغا پەلەي كىيىۋالغان بولسا، بۇنىڭ ئۈچۈن فىديە تۆلىمەيدۇ، بۇ قىلمىشى ئۈچۈن ھەر قانداق جازا، كەففارەت يوق دېگەن. ئىمام شافىينىڭ بۇ ھەقتىكى ئىككى مەشھۇر ھۆكمىنىڭ بىرىمۇ مۇشۇنداق. [شرح السنة 7\242]

— مۇجتەھىد تورى

مۇناسىۋەتلىك تېما:
ئايەتتە بۇيرۇلغان «جىلباب» قانداق كىيىم؟
قۇرئان ۋە سەھىھ ھەدىسلەردىن يۈز يېپىشنىڭ پەرزلىكىگە دەلىللەر

كۇفۇر دىيارىدا ياشايدىغان ئايالنىڭ يۈز يېپىشىنىڭ ھۆكمى | ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىن پەتىۋاسى

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ