شەۋۋال ئېيىدا ھەم رامزاننىڭ قازا روزىسىنى، ھەم شەۋۋال روزىسىنى نىيەت قىلىپ نەپلە روزا تۇتساق بولامدۇ؟

شەۋۋال ئېيىدا ھەم رامزاننىڭ قازا روزىسىنى، ھەم شەۋۋال روزىسىنى نىيەت قىلىپ نەپلە روزا تۇتساق بولامدۇ؟

سوئال: ئايال كىشى ھەم رامزاننىڭ قازا روزىسىغا ھەم شەۋۋال روزىسىنىڭ نەپلە روزىسىغا تەڭ نىيەت قىلىپ، روزا تۇتسا بولامدۇ؟ ياكى باشتا چوقۇم رامزاننىڭ قازا روزىسىنى ئادا قىلىۋېتىپ، ئاندىن ئالتە كۈنلۈك شەۋۋال روزىسىنى تۇتۇشى كېرەكمۇ؟

پەتىۋا بەرگۈچى: ئىمام ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ (ۋاپاتى: ھ1420)

(مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى)

شەيخ بۇ سوئالغا مۇنداق جاۋاب بەرگەن:

شۇنداق، باشتا رامزاننىڭ قازاسىنى قىلىدۇ. ئاندىن، خالىسا شەۋۋالنىڭ ئالتە كۈنلۈك روزىسىنى تۇتىدۇ. ئالتە كۈنلۈك شەۋۋال روزىسىنى نەپلە روزىدۇر. شەۋۋال ئېيىدا رامزاننىڭ قازا روزىسىنى تۈگىتىپ بولۇپ، ئاندىن شەۋۋالنىڭ ئالتە كۈنلۈك نەپلە روزىسىنى تۇتسا، بۇ ناھايىتى چوڭ ياخشىلىقتۇر.

لېكىن، كىشى رامزاننىڭ قازا روزىسى بىلەن شەۋۋالنىڭ ئالتە كۈنلۈك نەپلە روزىسىغا تەڭ نىيەت قىلىپ روزا تۇتۇش ئارقىلىق — بىزگە زاھىر بولغىنىدەك — ئالتە كۈنلۈك نەپلە روزىنىڭ ساۋابىغا نائىل بولالمايدۇ. ئالتە كۈنلۈك شەۋۋال روزىسىنى مۇئەييەن كۈنلەردە مەخسۇس نىيەت قىلىپ تۇتۇش لازىم.

— مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

مەنبە: (هل يجوز صيام ست من شوال بنية القضاء والتنفل؟)

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ