ناخشا-مۇزىكا ھاراممۇ؟

ناخشا-مۇزىكىنىڭ ھاراملىقىغا يېتەرلىك جاۋاپ
ئىسلام ناخشا مۇزىكىغا نېمە دەيدۇ؟
(قوشۇمچە تېما: ناخشا-مۇزىكا ھاراممۇ؟)

مۇجتەھىد تورى

بىسمىللاھىررەھمانىررەھىم

مۇندەرىجە
مۇقەددىمە
تۆت ئىمامنىڭ ناخشا مۇزىكىنى ئىنكار قىلىشى
ناخشا مۇزىكىنىڭ ھاراملىقىنى ئوچۇق بىلدۈرىدىغان بەزى سەھىھ ھەدىسلەر
ئىسلام ئالىملىرىنىڭ ناخشا-مۇزىكا ھەققىدىكى ھۆكۈم-پەتىۋالىرى
***

مۇقەددىمە

ئۇلۇغ ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالاغا ھەمدىلەر بولسۇن. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە سالات ۋەسالاملار بولسۇن.
سەلەپ-سالىھىن قۇرئان ۋە ھەدىستىن، يەنى ئىسلام شەرىئىتىدىن چۈشەنگىنىگە بىنائەن  ناخشا مۇزىكىنىڭ ھاراملىقىدا ئىختىلاپ قىلمىغان. سەلەپ-سالىھىن ناخشا ئاڭلاش، مۇزىكا تىڭشاش ئۇياقتا تۇرسۇن، پايدىسىز سۆز قىلىنىپ قېلىشى مۇمكىن بولغان سورۇنلاردىمۇ ئولتۇرمايدىغان، گۇناھ بولۇپ قالمىسۇن دەپ نۇرغۇن مۇباھ ئىشلارنى تەرك ئېتىدىغان زاتلار ئىدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىدە ناخشا مۇزىكىنىڭ ھاراملىقىغا دەلىل بولىدىغان قۇياشتەك ئايدىڭ دەلىللەر بار. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە نىسبەت بېرىلگەن زەئىپ ھەدىسلەردە بولسا، ناخشا-مۇزىكا بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارغا بەك ئېغىر جازالار بىلەن «خۇش خەۋەر» بېرىلگەن. ھەقىقەتپەرۋەر ئىسلام ئۆلىمالىرى تارىختىن كۈنىمىزگە قەدەر ناخشا-مۇزىكىنى ھارام دەپ، ئۇنىڭ خەترىدىن ئۈممەتنى ئاگاھلاندۇرۇپ كەلگەن. مەزكۇر ماقالىمىزدە تۆت ئىمامدىن، تۆت مەزھەپ ئالىملىرىدىن، سەھىھ ھەدىسلەردىن، ئايەت ۋە تەپسىرلەردىن ناخشا مۇزىكىنىڭ ھاراملىقىغا يېتەرلىك دەرىجىدە ئوچۇق دەلىللەرنى كەلتۈرىمىز. بىز شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، قەلبى ھىدايەتكە تەلپۈنىدىغان، ئاللاھنىڭ بۇيرۇق ۋە چەكلىمىلىرىگە ھۆرمەت كۆرسىتىدىغان ۋە ھەقكە ئەگىشىش ئارقىلىق قەلىبلىرى يايرايدىغان مۆمىنلەر ئۈچۈن دەلىل سۈپىتىدە بىر ئايەت، بىر ھەدىس ياكى بىر ئىشەنچىلىك ئالىمنىڭ توغرا پەتىۋاسى يېتىپ ئاشىدۇ. ھەقكە ئەگىشىدىغان مۆمىنگە بىر دەلىل كۇپايە قىلىدۇ. نەپسى-خاھىشىغا ئەگىشىدىغان، قەلبى كېسەل كىشىلەرگە مىڭ دەلىلمۇ ئازلىق قىلىدۇ. ئەسلىدە بىر قانچە ئايەت، بىر قانچە ھەدىس ۋە ئۇلارنىڭ ئىشەنچىلىك تەپسىر-شەرھلىرى ئارقىلىق ناخشا مۇزىكىنىڭ ھاراملىقىنى ئىسپاتلىشىمىز يېتىپ ئاشاتتى. ئەمما، كۈنىمىزدە نىفاق كۈچەيدى، ئايەت ۋە ھەدىسكە بولغان ھۆرمەت ۋە قەتئىي ئىمان ئازايدى. پاسىقلار ھەددىدىن ئېشىپ، ياخشىلار تۈگۈلۈپ تۇرۇۋالدى. بۇ ۋەجىدىن ئاۋام كىمنىڭ ئاۋازى چوڭ چىقسا شۇنى توغرا دەپ قارايدىغان ئېچىنىشلىق ھالەت شەكىللەندى. كىشىلەر ئايەتنىڭ ۋە ھەدىسنىڭ ھەممە ئىش ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىدىغانلىقىدەك ساغلام ئەقىدىدىن تەۋرىنىپ؛ ئايەتنىڭ ۋە ھەدىسنىڭ ھۆكمىدىن ھەر خىل كىشىلەرنىڭ ھۆكۈملىرىنى تېخىمۇ ئۈستۈن كۆرىدىغان، ھەدىسلەردىكى ئاشكارا ھۆكۈمگە سەللامنا دەپ باش ئېگىشنى ئاشقۇنلۇق ياكى دۆتلۈك سانايدىغان، مۇجتەھىد ئالىملارنىڭ ھەق پەتىۋالىرىنى تاشلاپ، ئازغۇنلۇققا توپ-توپ بولۇپ ئەگىشىدىغان ئېچىنىشلىق ۋەزىيەت شەكىللەندى. بۇ ۋەجىدىن، مەزكۇر ماقالىدە ھەر خىل مەزھەپتىكى مۆتىۋەر ئالىملارنىڭ ھۆكۈم پەتىۋالىرىنى كۆپلەپ نەقىل قىلىشقا تىرىشتۇق. بۇ ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەر ھەقىقىي ئالىملارنىڭ ئەسلىدە ئايەت ۋە ھەدىستىكى ئاشكارا ھۆكۈملەرگە باش ئېگىپ ئەگىشىدىغان زاتلار ئىكەنلىكىنى، شۇنىڭدەك ناخشا-مۇزىكىنىڭ ئىسلامنىڭ ھېچقايسى دەۋرىدە توغرا كۆرۈلمىگەن باتىل ئىش ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشنى مەقسەد قىلدۇق. ياردەم ئاللاھتىندۇر. ھىدايەت ئاللاھتىندۇر. ئاللاھنىڭ ۋە رەسۇلىنىڭ ھۆكمىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ياكى زىت كېلىدىغان ھەر قانداق ھۆكۈم شەيتاندىدۇر. 

ئاللاھ قۇرئاندا مۇنداق دەيدۇ:

{وَاسْتَفْزِزْ مَنِ اسْتَطَعْتَ مِنْهُمْ بِصَوْتِكَ}  {ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن كۈچۈڭ يەتكەنلىكى ھەر كىمنى ئاۋازىڭ بىلەن (يامانلىققا) قوزغاتقىن.} (سۈرە ئىسرا، 64-ئايەت) يۇقىرىقى خىتاپ شەيتان ئاللاھقا «ماڭا قىيامەتكە قەدەر مۆھلەت بەرسەڭ، مەن ئۇلارنىڭ بەك ئازلىرىدىن باشقىسىنى ئازدۇرىمەن» دېگەندە، ئاللاھنىڭ شەيتانغا قىلغان خىتابىدۇر.

ئىمام سۇيۇتى رەھىمەھۇللاھ بۇ ئايەتنى مۇنداق تەپسىرلىگەن: «ئاۋازىڭ بىلەن قوزغاتقىن» يەنى ناخشا ۋە ساز ئارقىلىق، گۇناھقا باشلايدىغان تۈرلۈك چاقىرىقلار ئارقىلىق (ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلىشقا) قوزغاتقىن. (تفسير الجلالين 17\64)

ئىمام ئىبنى كەسىر بۇ ئايەتنى مۇنداق تەپسىرلىگەن:

بۇ ئايەتتىكى ئاۋاز ناخشىدۇر. مۇجاھىد ئايەتتىكى «ئاۋاز» دىن مەقسەت «ئويۇن-تاماشا ۋە ناخشا» دېگەن. يەنى، ئۇلاردىن كۈچۈڭ يەتكەنلىرىنى ناخشا ۋە ئويۇن تاماشا بىلەن گۇناھقا قوزغىتىپ خارلاشتۇرغىن. (تفسير ابن كثير ٥/٩٣)

ئىمام تەبەرىمۇ، {وَاسْتَفْزِزْ مَنِ اسْتَطَعْتَ مِنْهُمْ بِصَوْتِكَ} (سۈرە ئىسرا، 64) {ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن كۈچۈڭ يەتكەنلىكى ھەر كىمنى ئاۋازىڭ بىلەن (يامانلىققا) قوزغاتقىن} دېگەن بۇ ئايەتتىكى «ئاۋازىڭ بىلەن قوزغات» نى ناخشا ۋە ئويۇن-تاماشا ئارقىلىق قوزغات، دېگەم مەنىگە كېلىدىغانلىقىنى سەھىھ سەنەد بىلەن مۇجاھىدتىن نەقىل قىلغان. (تفسير الطبري 17\657) ئىمام تەبەرى، بۇ ئايەتنىڭ تەپسىرىدە يەنە ساھابە ئىبنى ئابباسنىڭ گۇناھ-مەئسىيەت تۈرىدىن بولغان ھەر قانداق ئاۋازلارنىڭ مۇشۇ ئايەتتىكى شەيتاننىڭ ئازدۇرغۇچى ئاۋازى جۈملىسىدىن بولىدىغانلىقىنى ئېيتقىنىنى بايان قىلغان. (تفسير الطبري 17\657)

ھىجرىيەنىڭ 3-ئەسىرىدە ياشىغان مەشھۇر تەپسىرشۇناس ۋە نەھۋىشۇناس ئالىم زەججاج (ت:241 ۋ:311) رەھىمەھۇللاھ {ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن كۈچۈڭ يەتكەنلىكى ھەر كىمنى ئاۋازىڭ بىلەن (يامانلىققا) قوزغاتقىن} ئايىتىنى «ناخشا ۋە ساز ئاۋازى ئارقىلىق (گۇناھ-مەئىسىيەتكە) قوزغاتقىن» دېگەنلىك بولىدۇ، دەپ تەپسىرلىگەن. (معاني القرآن وإعرابه للزجاج ٣/٢٥٠)

تەپسىرشۇناس، فەقىھلەرنىڭ ھەممىسىلا دېگۈندەك بۇ ئايەتتىكى «شەيتان ئاۋازى»نىڭ ناخشا ۋە ساز ئاۋازى ئىكەنلىكىنى، ناخشا ساز ئاۋازىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا، كىشىنى يامانلىققا باشلايدىغان ھەر قانداق ئاۋازلارنىڭ مۇشۇ ئايەتنىڭ دائىرىسىگە كىرىپ كېتىدىغانلىقىنى  بايان قىلغان. «ئايەتتىكى شەيتان ئاۋازى — ناخشا-ساز ئاۋازىدۇر» دەپ تەپسىرلەشنىڭ نەقەدەر توغرىلىقىغا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ناخشا-مۇزىكا كەسىپى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ رېئال ئەھۋالىمۇ ئوچۇق دەلىل بولىدۇ.

ناخشا ياكى مۇزىكا كەسىپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنىڭ بەش ۋاخ ناماز ئوقۇمايدىغان، ھارامدىن قورقمايدىغان، ئىسلام شەرىئىتىگە ئەمەل قىلمايدىغان، پايدىسىغا كېلىپ قالغاندا ئانچە مۇنچە «مۇسۇلماندارچىلىق»نى بەجا كەلتۈرۈپ قويۇپ، ئىسلام چەكلىگەن ھەر قانداق ھارامنى قىلىشقا ئالدىراپ پەرۋا قىلمايدىغان كىشىلەر ئىكەنلىكىنى كۆرىسىز. دۇنياغا داڭلىق ناخشىچىلارنىڭ ياكى مۇزىكانتلارنىڭ يا ھاراقكەش، يا شاللاق، يا ھەمجىنىس، ياكى باشقا قەبىھ ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىشقا مايىل كىشىلەر ئىكەنلىكىنى كۆرىسىز. ئەسلىدە، ئەقىل ئىگىسى مۆمىن ناخشا-مۇزىكىنىڭ ھاراملىقىنى ئۇنىڭ ئەھلىنىڭ ھارامخورلۇقىغا قاراپمۇ ئوپئوچۇق كۆرۈپ يېتەلەيدۇ. شەيتان ئۆز ئاۋازى بىلەن باتىل ئەھلىنى ئەنە شۇنداق ئازدۇرىدۇ.

ئاللاھ قۇرئاندا مۇنداق دەيدۇ:
{وَمِنَ النَّاسِ مَن يَشْتَرِي لَهْوَ الْحَدِيثِ لِيُضِلَّ عَن سَبِيلِ اللَّهِ بِغَيْرِ عِلْمٍ وَيَتَّخِذَهَا هُزُوًا ۚأُولَٰئِكَ لَهُمْ عَذَابٌ مُّهِينٌ} {ئىنسانلار ئارىسىدا شۇنداق كىشىلەر باركى، ئۇلار (ئۆزلىرى ئازغاننى ئازپ دەپ، ۋەھىينى ئاساس قىلغان، ئاللاھقا ئىتائەت ۋە ئىبادەتنى ۋۇجۇدقا چىقىرىدىغان ھەقىقىي توغرا ئىلىمدىن مەھرۇملۇق ئىچىدە،) ئىلىمسىز ھالدا ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازدۇرۇش ئۈچۈن ۋە ئاللاھنىڭ يولىنى مەسخىرە قىلىش ئۈچۈن باتىل سۆزلەرنى سېتىۋالىدۇ (ۋاقىت، زېھىن-پۇل مېلىنى باتىل سۆزلەر ئۈچۈن سەرپ قىلىدۇ.) بۇنداقلارغا (دوزاختا) خور قىلغۇچى جازا بار.} (لوقمان سۈرىسى، 6-ئايەت) 

ئىمام ئابدۇرراھمان سەئدى بۇ ئايەتنى تەپسىرىدە مۇنداق دېگەن: بۇ ئايەتتىكى باتىل سۆزلەر قەلبنى مەشغۇل قىلىپ، قەلبنى ئەڭ ئۈستۈن مەقسەتلەرگە ئىنتىلىشتىن توسۇپ قويىدىغان سۆزلەردۇر. بۇ باتىل سۆزلەرنىڭ دائىرىسىگە ھارام ھېسابلىنىدىغان، دىن ۋە دۇنيالىق ئۈچۈن پايدىسى يوق سۆزلەر، ھەقكە زىت كېلىدىغان سۆزلەر كىرىپ كېتىدۇ، ناخشا ۋە مۇزىكىمۇ مۇشۇ باتىل سۆز جۈملىسىدىندۇر. يالغانچىلىق، غەيۋەتخورلۇق، چېقىمچىلىق تىپىدىكى سۆزلەر، ھەق ئەھلى بىلەن (ھەقتەك كۆرىنىدىغان) ناتوغرا بايانلار بىلەن مۇجادىلە قىلغۇچىلارنىڭ سۆزلىرىمۇ مانا مۇشۇ باتىل سۆزلەرنىڭ جۈملىسىدىن. بۇ خىل سۆزلەر بىلەن ھەپىلىشىدىغان ئىنسانلار پايدىسىز، باتىل سۆزلەرگە ئېسىلىش نەتىجىسىدە ھىدايەتكە باشلايدىغان سۆزلەرنى تاشلايدۇ. (تفسير السعدي ٦٤٦)
بۈيۈك ساھابە ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇشۇ ئايەتتىكى {لَهْوَ الْحَدِيثِ}{باتىل سۆز} نى، «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بۇ ناخشىدۇر، دەپ ئۈچ قېتىم ئاللاھ نامىدا قەسەم قىلغان.» (قاراڭ: تەپسىر تەبەرى، تەپسىر بەغەۋى، تەپسىر ئىبنى كەسىر ۋە باشقىلار)
ناخشىچلار قىلمىش، ئەتمىشلىرى ئارقىلىق ئوپئوچۇق ھالدا ئاللاھنىڭ يولىنى مەسخىرە قىلىدۇ. چۈنكى، مەسخىرە يالغۇز تىل بىلەنلا بولمايدۇ. ئەڭ چوڭ مەسخىرە ھەرىكەت ئارقىلىق قىلىنغان مەسخىرىدۇر. ناخشا-مۇزىكا ئەھلى چوقۇم ئىسلام شەرىئەتتە بەلگىلىگەن بەزى ئىبادەت ياكى قانۇنلارغا مەسخىرىلىك تىل ئۇزاتقۇچىلار ئىكەنلىكىنى كۆرىسىز. ھەتتا، ناخشا-مۇزىكا ساھەسىدىكىلەرنىڭ چەكتىن ئاشقان بۇزۇقلۇق، شاللاقلىق ۋە ئازغۇنلۇقلىرىنى باشقا دىندىكى كاپىرلارمۇ ئىنكار قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى دىنغا زىت، ئاللاھنىڭ يولىغا زىت دەپ تەنقىلەيدۇ.  نۇرغۇن مۇسۇلمانلارنى ھەقكە مەھكەم ئەگىشىشتىن توسۇپ، ھەقكە ئاندا-ساندا ئەگىشىش گىرداۋىغا ئاپىرىپ قويىۋاتقان ئەڭ مۇھىم ئامىلدىن بىرى دەل ناخشا-مۇزىكىدۇر. قايسى بىر مۇسۇلمان ناخشا-مۇزىكىغا قانچىلىك غەرق بولغانسېرى، دىندىن شۇنچىلىك يىراقلاپ كېتىۋاتماقتا.

باشتا ئۆزى ئېزىپ، ئاندىن باشقىلارنى ئازدۇرىدىغان كىىشلەرنىڭ ئەڭ بېشىدا دەل مۇشۇ ناخشا-مۇزىكىچى كىشىلەر كېلىدۇ. شۇڭا، بۇنداقلار نۇرغۇن ئادەمنى ئازدۇرىدىغانلىقى، ئاللاھنىڭ يولىدىن مەھرۇم قويىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار دوزاختىكى دەھشەتلىك جازاغا لايىقتۇر. ئۇلارنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ئۇلارنىڭ شەيتان ناۋالىرىغا ۋە نەغمىلىرىگە ئالدىنىش سەۋەبلىك ئاللاھنىڭ يولىدىن، قۇرئاندىن، سەھىھ سۈننەتتىن، ئىسلام شەرىئىتىگە ئەمەل قىلىشتىن بارغانچە مەھرۇم قالىدۇ. كىشى ناخشا-مۇزىكىغا قانچە يېقىنلاشقانسېرى قۇرئان ھەدىستىن، ۋە سالىھ ئەمەللەردىن شۇنچە يىراقلىشىدۇ، ئاقىۋەتتە ئىمانى بارغانچە ئاجىزلىشىپ، ناماز قاتارلىق ئىبادەتلەرگە سەل قارايدىغان، ھاراملاردىن قاچمايدىغان بولۇپ كېتىدۇ. «ناخشا — دىلدا نىپاق پەيدا قىلىدۇ» دېگەن سۆز ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد باشچىلىقىدىكى بىر تۈركۈم سەلەپ ئالىملىرىنىڭ ئورتاق سۆزى بولۇپ، ناخشا-مۇزىكا ئەھلىنىڭ نېمىشقا شۇنچە ئازغۇن ۋە پاسىق بولۇپ كېتىدىغانلىقى دەل ناخشا ئۇلارنىڭ دىلىدا ئۆستۈرگەن نىپاق (مۇناپىقلىق) سەۋەپلىكتۇر. ئاللاھقا سېغىنىپ بارچە ئازغۇنلۇقلاردىن پاناھ تىلەيمىز.

تۆت ئىمامنىڭ ناخشا مۇزىكىنى ئىنكار قىلىشى

ئىسھاق ئىبنى ئىيسا رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن:
مەن ئىمام مالىك (تۇغۇلۇشى: 93 ۋاپاتى: 179) رەھىمەھۇللاھتىن مەدىنىلىكلەرنىڭ ناخشىغا رۇخسەت قىلغىنىنى سورىسام، ئىمام مالىك ماڭا «ئۇنىڭ بىلەن (يەنى ناخشا بىلەن) پەقەت ئارىمىزدىكى پاسىقلارلا شۇغۇللىنىدۇ» دېدى. (الأمر بالمعروف والنهي عن المنكر للخلال ١\٦٥؛ ضياء الدين المقدسي: اتباع السنن واجتناب البدع ١/٦٥؛  تفسير القرطبي ١٤/٥٥؛ الاستقامة ١/٢٧٣)

ئىمام شافىي (ۋاپاتى: 204) رەھىمەھۇللا «ئەلئۇم» ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دېگەن:

«ئەگەر كىشى ئوغرىلىغان مالنىڭ قىممىتى چارەك دىينارغا يەتسە، ئوغرىلىغان نەرسىسى مەيلى قۇرئان بولسۇن، مەيلى قىلىچ بولسۇن، ياكى باشقا ئېلىپ-سېتىلىشى ھالال بولغان نەرسە-كېرەكلەر بولسۇن، (چارەك دىنارغا تەڭداش، ئېلىپ سېتىلىشى ھالال بولغان نەرسىنى ئوغرىلىغان) كىشىنىڭ قولى كېسىلىدۇ. ئەگەر ئوغرىلىغىنى ھاراق ياكى چوشقا بولسا، ۋە ياكى تەمبۇر (قاتارلىق تارىلىق سازلار)، سۇناي (قاتارلىق پۈۋلەپ چېلىنىدىغان سازلار) بولسا، بۇلارنى ئوغرىلىغۇچىنىڭ قولى كېسىلمەيدۇ. چۈنكى، بۇ نەرسىلەرنى ئېلىپ سېتىش ھارام.» (الأم 6\159)

ئىمام شافىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «مەن زىندىقلارنىڭ كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ زىكىرىدىن توسۇش ئۈچۈن ۋە قۇرئان قىرائەت قىلىشتىن توسۇش ئۈچۈن تەغبىيرنى* ئوتتۇرىغا چىقارغىنىنى كۆردۈم.» (الأزهري: تهذيب اللغة 7\123)

مەشھۇر ئەرەپ لۇغەتشۇناس ئىمام ئەبۇ مەنسۇر ئەزھەرىي، ئىمام شافىي تىلغا ئالغان «تەغبىير» نىڭ شېئىر قوشاقلار بىلەن ئاخىرەتنى كۈيلەپ، كىشىلەرنى ئاخىرەتكە رىغبەتلەندۈرىدىغان قوشاقسىمان ناخشا قوشاقلارنى ئوقۇش ئىكەنلىكىنى، بۇ ھالەتتە ئۇياق بۇياققا پىرقىراپ ئۇسۇل ئوينىشىپ خۇشاللىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان. (الأزهري: تهذيب اللغة 7\123) ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزان تەغبىيرنى ناخشىنىڭ بىر تۈرىدۇر، دېگەن. ئىمام ئىبنى تەيمىييە ئىمام شافىي تىلغا ئالغان تەغبىيرچىلەرنىڭ ئىنچىكە كالتەكلەر بىلەن تېرە (دۇمباق قاتارلىق) نەرسىلەرگە ئۇرۇپ يۇقىرىقىدەك قىلمىشلار بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقىنى بايان قىلغان.  ئىمام ئىبنى تەيمىييە ئىمام ئەھمەدنىڭ تەغبىيرنى بىدئەت دېگەنلىكىنى، تەغبىير بىلەن شۇغۇللانغان كىشىلەر بىلەن ئولتۇرۇشنىڭ چەكلىنىدىغانلىقىغا ھۆكۈم بەرگىنىنى قەيت قىلغان.(المسائل والأجوبة لابن تيمية ١/١٦٠) داقا دۇمباق چېلىشىپ ئاللاھنى، ئاخىرەتنى كۈيلەشمەكچى بولغان كىشىلەرنى «زىندىقلار» دېگەن ئىمام شافىي، كۈنىمىزدىكى ئاجايىپ غارايىپ شەيتان نەغمىلىرى بىلەن، ئۇسسۇل-تانسىلىرى بىلەن مەشغۇل بولغۇچىلارنى كۆرسە نېمە دەر بولغۇيتتى ھە!؟

ئىمام شافىي (باغداتتىن مىسىرغا كەلگەندە) تەغبىير ھەققىدە يەنە مۇنداق دېگەن:

«باغداتتىن ئايرىلغىنىمدا ئۇ يەردە زىندىقلار پەيدا قىلغان، تەغبىير دېيىلىدىغان بىر ئىشنى قالدۇرۇپ قويدۇم. ئۇ زىندىقلار تەغبىير ئارقىلىق كىشىلەرنى قۇرئاندىن مەھرۇم قويۇشاتتى.» (الاستقامة ١/٢٩٧)

ئىمام ئەبۇ بەكرى خەللال (ۋاپاتى: 311) مۇنداق نەقىل قىلغان:

ئىمام ئەبۇ بەكرى مەررۇزىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن:

مەن ئىمام ئەھمەدتىن (ۋاپاتى:241) تەمبۇرنىڭ ھۆكمى توغرۇلۇق سورىسام، ئىمام ئەھمەد: «سۇندۇرىۋېتىلىدۇ» دېدى. «كىچىك بالىلار ئوينايدىغان تەمبۇر بولسىچۇ؟» دەپ سورىسام، «ئوخشاشلا سۇندۇرۇۋېتىلىدۇ، ئەگەر (كىچىك بالىنىڭ تەمبۇرى) كۆزۈڭگە چېلىقسا سۇندۇرۇۋېتىسەن» دېدى. (الأمر بالمعروف والنهي عن المنكر، من مسائل الإمام المبجل أبي عبد الله أحمد بن حنبل: بَابُ ذِكْرِ الطُّنْبُورِ)

تەرسۇس رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: مەن ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەلنىڭ يولدا كېتىۋېتىپ تارىلىق سازغا ئۇچراپ، ئۇنى چېقىۋەتكىنىنى كۆردۈم. (الأمر بالمعروف والنهي عن المنكر، من مسائل الإمام المبجل أبي عبد الله أحمد بن حنبل: بَابُ ذِكْرِ الطُّنْبُورِ) 

ئۆمەر ئىبنى ھۇسەين رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل ئابدۇللاھ ئىبنى نەسىرگە تەۋە بىر خىزمەتكار بالىنىڭ قولىدىكى تەمبۇرنى چېقىۋەتتى. خىزمەتكار بالا خوجايىنىنىڭ يېنىغا بېرىپ «ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل تەمبۇرنى چېقىۋەتتى» دېۋىدى، خوخايىنى ئۇنىڭدىن «سەن ئۆزۈڭنىڭ مېنىڭ خىزمەتكارىم ئىكەنلىكىڭنى ئۇ زاتقا ئېيتتىڭمۇ؟» دەپ سورىۋىدى، بالا «ياق» دېدى. شۇنىڭ بىلەن خوجايىنى «كەتكىن، سېنى ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن ئازات قىلىۋەتتىم» دېدى.(الأمر بالمعروف والنهي عن المنكر، من مسائل الإمام المبجل أبي عبد الله أحمد بن حنبل: بَابُ ذِكْرِ الطُّنْبُورِ)

يەھيا ئىبنى يەزداد رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەلدىن «بىر كىشى باشقا بىرىنىڭ قولىدا ئۇد* ياكى تەمبۇر كۆرسە، ئاندىن ئۇنى چېقىۋەتسە، قىلغىنى توغرىمۇ خاتامۇ؟ بۇ قىلمىشى ئۈچۈن بىرەر تۆلەم كېلەمدۇ؟» دەپ سورىلىۋىدى، «چېقىۋەتسە ياخشى قىلغان بولىدۇ. چېقىۋەتكىنى ئۈچۈن ھېچقانداق تۆلەم كەلمەيدۇ» دېدى. (الأمر بالمعروف والنهي عن المنكر، من مسائل الإمام المبجل أبي عبد الله أحمد بن حنبل: بَابُ ذِكْرِ الطُّنْبُورِ) * ئۇد قازاقلارنىڭ دومبۇرىسىغا ئوخشايدىغان تارىلىق سازنىڭ ئىسمى.

ئەھمەد ئىبنى دەۋرەقى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: مەن  ۋەكىي ئىبنى جەرراھنىڭ (ۋاپاتى: 196) «تەمبۇرنى قولۇڭغا ئېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئىگىسىنىڭ بېشىغا ئۇرۇپ تۇرۇپ چېقىۋەت، ئىبنى ئۆمەر مۇشۇنداق قىلغان» دېگىنىنى ئاڭلىدىم. ( الأمر بالمعروف والنهي عن المنكر، من مسائل الإمام المبجل أبي عبد الله أحمد بن حنبل: بَابُ ذِكْرِ الطُّنْبُورِ) * ۋەكىي ئىبنى جەرراھ ئىمام ئەھمەد، ئابدۇراھمان مەھدىي قاتارلىق بۈيۈك ئىماملارنىڭ ئۇستازلىرىدىندۇر. يەھيا ئىبنى مەئىي مۇنداق دېگەن: ۋەكىي ئۆز زامانىسىنىڭ ئەۋزائىيسىدۇر. (سير أعلام النبلاء 9\141

ھەنەفىي ئالىم ئەبۇ بەكرى جەسساس (ھەنەفىي) تەپسىرىدە مۇنداق دېگەن:

﴿وَالَّذِينَ لا يَشْهَدُونَ الزُّورَ﴾ {ئۇلار زۇرغا شاھىد بولمايدۇ} دېگەن ئايەتتىكى «زۇر» نى ئىمام ئەبۇ ھەنىفە «ناخشا» دېگەن. ئىبنى ئابباس ئاللاھ تائالانىڭ {كىشىلەردىن بىھۇدە سۆزنى سېتىۋالىدىغانلار بار} ئايىتىنى «ناخشىچى قىز-ئاياللارنى سېتىۋالغۇچىلار» دەپ تەپسىرلىگەن. ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇدمۇ مۇشۇنداق تەپسىرلىگەن. (أحكام القرآن للجصاص 3\448)

ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ شاگىرتى مۇھەممەد ئىبنى ھەسەن شەيبانى (ۋاپاتى: 159) «ھاراق-شاراپنى ئىچىشنى داۋام قىلغۇچىنىڭ، خېنىم مىجەز\ غىتمەك ئەركىشىنىڭ، كەپتەرۋازنىڭ، ناخشا بىلەن شۇغۇللانغۇچىنىڭ، ناخشىكەش ئايالنىڭ (ۋە ئەرنىڭ)، پۇل بەرسە ھازا تۇتۇپ يىغلاپ بېرىدىغان ھازىكەشنىڭ گۇۋاھلىقى قوبۇل قىلىنمايدۇ» دېگەن. (الأصل لمحمد بن الحسن، 11\511)

ماترۇدىيلارنىڭ ئىمامى ئەبۇ مەنسۇر ماترۇدى (ھەنەفىي) (ۋاپاتى: 333) ئۆز تەپسىرىدە ﴿وَالَّذِينَ لا يَشْهَدُونَ الزُّورَ﴾ {ئۇلار زۇرغا شاھىد بولمايدۇ} دېگەن ئايەتنى «زۇر» دېگەن ناخشىدۇر، مەنىسى: (ئاللاھنىڭ ئىتائەتمەن بەندىلىرى) ناخشىلار تولىنىدىغان جايلاردا ھازىر بولمايدۇ، دەپ تەپسىرلىگەن. (تفسير الماتريدي – تأويلات أهل السنة ٨/‏٤٣)

ھىجرىي 9-ئەسىردە ياشىغان مول ھوسۇللۇق ئالىم ئىمام سۇيۇتى (تۇغۇلۇشى: 849 ۋاپاتى: 911) رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن:
«ئىمام ئەبۇ ھەنىفە ناخشىنى يامان كۆرەتتى، ناخشا ئاڭلاشتى گۇناھ دەپ بىلەتتى.» (حقيقه السنة والبدعة 103)

ناخشا مۇزىكىنىڭ ھاراملىقىنى ئوچۇق بىلدۈرىدىغان بەزى سەھىھ ھەدىسلەر

ئەبۇ ئامىر ئەشئەرىي ياكى ئەبۇ مالىك ئەشئەرىي رضي الله عنهما  ھەدىس بايان قىلىپ، رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانلىقىنى نەقىل قىلغان: (لَيَكُونَنَّ مِنْ أُمَّتِي أَقْوَامٌ يَسْتَحِلُّونَ الْحِرَ وَالْحَرِيرَ وَالْخَمْرَ وَالْمَعَازِفَ) «ئۈممىتىمدىن زىنا- پاھىشىنى، (ئەرلەرنىڭ) يىپەكنى (كىيىنىشى)، ھاراق ۋە مۇزىكا ئەسۋابلىرىنى ھالال سانايدىغان كىشىلەر مەيدانغا چىقىدۇ.» (سەھىھۇلبۇخارىي 5590؛ سەھىھ ئىبنى ھىببان 6719- ھەدىس؛ ئەبۇداۋۇد 4039- ھەدىس؛ سۇيۇتى جامىئۇس سەغىر 91 – ھەدىس)

ئىمام شافىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «سىلەر رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ بىر سۈننىتىنى تاپساڭلار، شۇ سۈننەتكە ئەگىشىڭلار (يەنى سۈننەت بويىچە ئەمەل قىلىڭلار.) كىشىلەردىن ھېچقانداق بىرىنى (يەنى ھېچقانداق بىرىنىڭ سۈننەتكە ئۇيغۇنسىز ھۆكمىنى) ئېتىبارغا ئالماڭلار.» (ذم الكلام للهروي 3\15)

ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((لَيَكُونَنَّ فِي هَذِهِ الْأُمَّةِ خَسْفٌ وَقَذْفٌ وَمَسْخٌ وَذَلِكَ إِذَا شَرِبُوا الْخُمُورَ، وَاتَّخَذُوا الْقَيْنَاتِ، وَضَرَبُوا بِالْمَعَازِفِ)) «بۇ ئۈممەت ئارىسىدا يەر يۇتۇپ كېتىش، ئاسماندىن تاش يېغىش ۋە ھايۋانغا ئۆزگىرىپ كېتىش ھادىسىلىرى يۈز بېرىدۇ. بۇ ھادىسىلەر ھاراقلاپ ئىچىلىپ، ناخشىچى ئاياللار ئوتتۇرىغا چىققان ۋە مۇزىكا ئەسۋابلىرى چېلىنغان زامانلاردا يۈز بېرىدۇ.» (سەھىھ جامىئۇس سەغىر 5467) موللا ئەلىي قارىي مىشكات شەرھىدە «مۇشۇ ھارام نەرسىلەر (دىن قايسى بىرى) ھالاللاشتۇرۇلغىنىدا يۇقىرىقىدەك ئىشلار يۈز بېرىدۇ» دېگەن.

ئەبۇ مالىك ئەشئەرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: يشرب ناس من أمتي الخمر، يسمونها بغير اسمها يضرب على رءوسهم بالمعازف والقينات يخسف الله بهم الأرض، ويجعل منهم القردة والخنازير «ئۈممىتىمدىن بىر بۆلۈك ئادەملەر ھاراقنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتىپ ئىچىدۇ، يانلىرىدا نەغمە – مۇزىكىلار چېلىنىدۇ، ئايال ناخشىچىلار ناخشا ئېيتىدۇ. ئاللاھ ئۇلارنى زېمىنغا يۇتقۇزىۋېتىدۇ، ئۇلاردىن بىر قىسمىنى مايمۇن، چوشقىغا ئايلاندۇرۇۋېتىدۇ.» (مۇسەننەف ئىبنى ئەبى شەيبە: 5\67؛ بۇخارىي تارىخ 967- ھەدىس؛ سەھىھ ئىبنى ھىببان 6721- ھەدىس؛ ئىبنى ماجە 4020- سەھىھ ھەدىس)

ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن:إِنَّ اللَّهَ تَعَالَى حَرَّمَ الْخَمْرَ وَالْمَيْسِرَ وَالْكُوبَةَ وَقَالَ: كُلُّ مُسْكِرٍ حَرَامٌ  «ئاللاھ ھاراقنى، قىمارنى، ناغرا – دۇمباقنى ھارام قىلدى.» رەسۇلۇللاھ مۇشۇنداق دەپ بولۇپ، «بارلىق مەست قىلغۇچى نەرسە ھارامدۇر» دېگەن. (ئەھمەد 2476- ھەدىس؛ سەھىھ ئىبنى ھىببان 5341- ھەدىس؛ مىشكات مەسابىھ 4503- ھەدىس؛ سەھىھ ھەدىس توپلىمى 1708 – ھەدىس)

ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((صوتان ملعونان في الدنيا والآخرة: مزمار عند نعمة ورنة عند مصيبة)) «دۇنيادىمۇ، ئاخىرەتتىمۇ لەنەتلەنگەن ئىككى خىل ئاۋاز باردۇر. ئۇلاردىن بىرى نېمەت-خۇشاللىق پەيتىدىكى سۇناي (قاتارلىق چالغۇ ئەسۋاپلىرىنىڭ) ئاۋازى، يەنە بىرى مۇسىبەت پەيتىدىكى نالە-پەرياد ئاۋازىدۇر.» hedisim.com (مۇسنەد بەززار 1\377؛ ئەلبانى «چالغۇ ئەسۋاپلىرىنىڭ ھاراملىقى» ناملىق ئەسىرىدە سەھىھ دېگەن)

ئىمام شافىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «سىلەر رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ بىر سۈننىتىنى تاپساڭلار، شۇ سۈننەتكە ئەگىشىڭلار (يەنى سۈننەت بويىچە ئەمەل قىلىڭلار.) كىشىلەردىن ھېچقانداق بىرىنى (يەنى ھېچقانداق بىرىنىڭ سۈننەتكە ئۇيغۇنسىز ھۆكمىنى) ئېتىبارغا ئالماڭلار.» (ذم الكلام للهروي 3\15)

ئىسلام ئالىملىرىنىڭ ناخشا-مۇزىكا ھەققىدىكى ھۆكۈم-پەتىۋالىرى

7-ئەسىردە ياشىغان لۇغەتشۇناس، فىقىھشۇناس، تەپسىرشۇناس، ھەنەفىي ئالىم زەينىددىن رازى (ۋاپاتى: 660) مۇنداق دېگەن:

چالغۇ ئەسۋابلىرى (دىن چىققان مۇزىكىلارنى) ئاڭلاش پۈتۈنلەي ھارام. بۇنداق سازلارنىڭ ئاۋازى توساتتىن قۇلىقىغا كىرىپ قالغان كىشى ئۆزۈرلۈك ھېسابلىنىدۇ؛ شۇنىڭدىن كېيىن، بۇنداق كىشى ئىمكانقەدەر چالغۇ ئەسۋابلىرىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىماسلىققا تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ. داپ چېلىش تويدا نىكاھنى ئېلان قىلغاندا دۇرۇس بولىدۇ. (تحفة الملوك لالرازي اللغوي 237)

ھىجرىي 3-ئەسىردە ياشىغان، ئۆز دەۋرىدە بالاغەت ۋە نەھۋى ساھەسىدە ئەڭ ئۈستۈن نوپۇز تىكلىگەن ئالىم، (ئىمام ئەبۇ داۋۇد ۋە ئىمام مۇسلىمنىڭ زاماندىشى) ئىمام مۇھەممەد ئىبنى زەيد رەھىمەھۇللاھ (ۋاپاتى: 285) «ئەلكامىل» ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دېگەن:
{وَالَّذِينَ لا يَشْهَدُونَ الزُّورَ} {ئۇلار زۇرغا شاھىد بولمايدۇ} دېگەن ئايەتتىكى «زۇر»نى ساھابە ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد «ناخشا» دەپ تەپسىرلىگەن. (الكامل في اللغة والأدب ٣/١٨١)

ئىمام بەغەۋى (شافىي) رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن:

«مۇجتەھىد ئىماملار چالغۇ ئەسۋاپلىرىنىڭ ھاراملىقىغا ئىتتىپاققا كەلگەن.» «شرح السنة» (12/383)

ئىمام بەغەۋى (مۇھەددىس، فەقىھ، شافىي) يەنە مۇنداق دېگەن: «تەمبۇر قاتارلىق تارىلىق مۇزىكا ئەسۋاپلىرىنىڭ، سۇناي قاتارلىق پۈدلەپ چېلىنىدىغان مۇزىكا ئەسۋاپلىرىنىڭ ھەرقاندىقىنى سېتىش پۈتۈنلەي ھارام.» (شرح السنة 8\28)

ئەللامە ئابدۇرراھمان قاسىم (ھەنبەلىي) رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن:

بەك كۆپ ئىسلام ئۆلماسى، ھىدايەت ئىماملىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمى «ناخشا ھارام، مۇزىكا ئەسۋاپلىرى ھارام، مۇزىكا ئەسۋاپلىرىنى سۇندۇرۇپ تاشلاش ۋاجىپ، بۇنداق قىلغۇچىغا تۆلەم كەلمەيدۇ (يەنى مۇزىكا ئەسۋابىنى سۇندۇرۇپ تاشلىغۇچى كىشىنىڭ پۇل-مېلىغا زىيان سالغان دەپ ئەيىپلەنمەيدۇ ۋە تۆلەم تۆلىمەيدۇ)» دەپ ھۆكۈم بەردى. ئۆلىمالار «ئەگەر ناخشىغا ناغرا، سۇناي، داقا-دۇمباق، ۋەياكى تارىلىق چالغۇ ئەسۋابلىرى تەڭكەش بولسا، بۇ ئىجما بىلەن ھارامدۇر» دېيىشتى. (الدرر السنية في الأجوبة النجدية، 15\109)

14-ئەسىردە (يەنى مۇشۇ ھىجرىي ئەسىردە) ياشىغان (10 يىل بۇرۇن ۋاپات بولغان) فىقھى تەتقىقاتچىسى، دوكتور ۋەھبە زۇھەيلى مۇنداق دېگەن:

راۋاپ-تەمبۇر، ناغرا-سۇناي قاتارلىق بارچە چالغۇ ئەسۋاپلىرى مەشھۇر تۆت مەزھەپنىڭ ھەممىسىدە ھارامدۇر. (الفقه الإسلامي وأدلته للزحيلي ٤/٢٦٦٤) ھەنەفىي مەزھىبىدىكى ۋە ھەنبەلىي مەزھىبىدىكى ئالىملاردىن بەزىلىرى چالغۇ ئەسۋاپلىرىدىن خالىي ھالدىكى ناخشىلارنى تىڭشاشنىمۇ ھارام دەپ قارىغان. چۈنكى، ساھابە ئىبنى مەسئۇد «ناخشا قەلبتە نىفاقنى ئۆستۈرىدۇ» دېگەن. (الفقه الإسلامي وأدلته للزحيلي ٤/٢٦٦٤)

ھىجرىي 5- ئەسىردە ياشىغان بۈيۈك فەقىھ، تەپسىرشۇناس، ئۇسۇل فىقىھ ئۇستىسى، سىياسەتشۇناس؛ قىممەتلىك ئۆلىما، شافىي مەزھىبىنىڭ ئەڭ مۆتىۋەر ئالىملىرىدىن (ئەبۇلھەسەن) ماۋەردى (ۋاپاتى:450) مۇنداق دېگەن:

ئۇد (دەستىسى قىسقارتىۋېتىلگەن دۇتارغا ئوخشايدىغان ساز)، تەمبۇر قاتارلىق تارىلىق چالغۇ ئەسۋابلىرى، نەي، سۇناي قاتارلىق (باشقا نەرسىلەر بىلەن ئۇرۇشقا ھاجەتسىز ھالدا) ئۆز ئالدىغا ئاۋاز چىقىرىدىغان چالغۇ ئەسۋابلىرى ھارامدۇر. (الحاوي الكبير 17\191)

4-ئەسىردە ياشىغان مالىكىي ئالىمى، قازى، تەپسىرشۇناس بەكر ئىبنۇل ئەلا (ۋاپاتى: 344) ئۆز تەپسىرىدە ﴿وَالَّذِينَ لا يَشْهَدُونَ الزُّورَ﴾ {ئۇلار زۇرغا شاھىد بولمايدۇ} ئايىتىنى تەپسىرلەپ، كاتتا تابىئىن ئالىمى، فەقىھ ئىبنى ھەنەفىييەنىڭ (بۇ زات ئەلىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئوغلى) بۇ ئايەتتىكى «زۇر» نى ناخشا دېگەنلىكىنى نەقىل قىلغان. (أحكام القرآن 1453)

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىييەمۇ (ۋاپاتى: 728) بۇ ئايەتنىڭ مەنلىرىدىن بىرىنىڭ ناخشا ئىكەنلىكىنى قەيت قىلغان. (اقتضاء الصراط المستقيم لمخالفة أصحاب الجحيم ١/‏٤٨٠)

بۈيۈك تابىئىن ھەسەن بەسرى {ئۇلار زۇرغا شاھىد بولمايدۇ} دېگەن ئايەتتىكى «زۇرنى» ناخشا ۋە ئۆلۈككە ماتەم تۇتۇپ، قوشاق توقۇپ يىغلاشنى كۆرسىتىدۇ، ئايەتتە ماختالغان كىشىلەر ئۆلۈككە قوشاق توقۇپ ماتەم تۇتۇپ يىغا-زارە قىلىشتىن قەلبى ھەسرەتكە تولمايدۇ، ناخشىغا مايىل بولۇپ، ناخشا ئاڭلاپ قەلبى خۇرسەن بولمايدۇ، (بۇ خىل سورۇنلارغا ھازىر بولمايدۇ)، ئۇلارنىڭ قەلبى ناخشىغا مايىل بولمايدۇ، دەپ تەپسىرلىگەن. (تفسير ابن أبي حاتم ٨/٢٧٣٧)

تەپسىرشۇناسلارنىڭ ئىمامى، مۇجتەھىد فەقىھ، ئىمام ئىبنى جەرىر تەبەرى (ۋاپاتى: 310) ئۆز تەپسىرىدە مۇنداق دېگەن:

{وَالَّذِينَ لا يَشْهَدُونَ الزُّورَ} {ئۇلار زۇرغا شاھىد بولمايدۇ.} مۇجاھىد بۇ ئايەتنى «ئۇلار ناخشا ئاڭلىمايدۇ» دەپ تەپسىرلىگەن. (تفسير الطبري جامع البيان، 19\313) 

ساھابىلەر ئارىسىدا قۇرئاننى تەپسىر قىلىشتا ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكەن ئۈچ ساھابە بار بولۇپ، ئۇلار ئەلىي ئىبنى ئەبۇ تالىب، ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد ۋە ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباستۇر.  (ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىدىن رازى بولسۇن.) تابىئىنلار ئارىسىدا قۇرئان تەپسىرىدە ئەڭ ئۈستۈن پەللىگە چىققان، باشقا تەپسىرشۇناسلار ئېغىزىغا قارايدىغان ئەڭ ئۈستۈن ئىككى تەپسىرشۇناس ئالىم بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىرى مۇجاھىد، يەنە بىرى قەتادەدۇر. مۇجاھىد رەھىمەھۇللاھ (تۇغۇلۇشى: ھ21 ۋاپاتى: 104) قۇرئاننى ساھابە ئىبنى ئابباستىن ئۆگەنگەن. مۇجاھىد «مەن قۇرئاننى سۈرە فاتىھەدىن باشلاپ سۈرە ناسقىچە ئايەتمۇ ئايەت تەپسىرلەپ، مۇشۇ شەكىلدە ئىبنى ئابباسقا ئۈچ قېتىم ئۆتكۈزۈپ بەردىم» دېگەن. سەلەپنىڭ مۇجتەھىد ئىمامى سۇفيان سەۋرى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «ساڭا ئايەتلەرنىڭ تەپسىرىدە <بۇنى مۇجاھىد مۇشۇنداق تەپسىر قىلغان> دەپ (ئىشەنچىلىك) خەۋەر كەلسە، ئۇنىڭ تەپسىرى ساڭا يېتىدۇ.>» ئىمام شافىي ۋە ئىمام بۇخارى مۇجاھىدنىڭ تەپسىرىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن بولۇپ، ئىمام بۇخارى «سەھىھۇل بۇخارى»دا مۇجاھىدنىڭ تەپسىرىنى كۆپ نەقىل كەلتۈرگەن. (أصول في التفسير لابن عثيمين، 38)

ئىمام زەھەبى مۇجاھىد ھەققىدە مۇنداق دېگەن:

مۇجاھىدنىڭ ئىماملىقى ۋە قۇرئان ھەققىدە ئېيتقانلىرىنىڭ ھۆججەت بولىدىغانلىقىدا ئىسلام ئۆلىمالىرى ئىتتىپاققا كەلگەن. مۇجاھىد 104-يىلى مەككىدە سەجدە ھالىتىدە ۋاپات تاپقان. (التهذيب ١٠/٤٢- ٤٤)

يۇقىرىدا زىكىر قىلغىنىمىزدەك، مانا مۇشۇ بۈيۈك مۇپەسسەر ئالىم مۇجاھىد رەھىمەھۇللاھ {ئۇلار زۇرغا شاھىد بولمايدۇ} دېگەن ئايەتنى ئىبنى زەيد ۋە ئىبنى جەرىرنىڭ نەقىل قىلغىنىدەك «ئۇلار ناخشا ئاڭلىمايدۇ» دەپ تەپسىرلىگەن. ئىمام ئىبنى جەرىر تەبەرىمۇ بۇ ئايەتتىكى «زۇر» نىڭ ناخشىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى ئېيتقان. (تفسير الطبري جامع البيان، 19\314)

ئىمام ئىبنى ئەبى ھاتىممۇ مۇشۇ ئايەتتىكى «زۇر»نى مۇجاھىدنىڭ «ناخشا» دەپ تەپسىرلىگىنىنى سەھىھ سەنەد بىلەن نەقىل قىلغان. (تفسير ابن أبي حاتم، ٨/٢٧٣٧)

ھىجرىيەنىڭ 3-ئەسىرىدە ياشىغان مەشھۇر تەپسىرشۇناس ۋە نەھۋىشۇناس ئالىم زەججاج (ت:241 ۋ:311) رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن:

{لَا يَشْهَدُونَ الزُورَ} {ئۇلار زۇرغا شاھىد بولمايدۇ} بۇ ئايەت «(ئاللاھنىڭ ئىتائەتمەن بەندىلىرى) ئويۇن-تاماشا، گۇناھ-مەئسىيەت ئەھلى بىلەن ئولتۇرمايدۇ» دەپ تەپسىرلىنىدۇ.

يەنە {ئۇلار زۇرغا شاھىد بولمايدۇ} ئايىتىدىكى «زۇر» ناخشا سورۇنلىرىدۇر، دەپمۇ تەپسىرلىنىدۇ. (معاني القرآن وإعرابه لالزجاج 4\77)

ئىمام ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ (ۋاپاتى: ھ 1420) {وَالَّذِينَ لا يَشْهَدُونَ الزُّورَ} {ئۇلار زۇرغا شاھىد بولمايدۇ} دېگەن بۇ ئايەتتىكى «زۇر» نى ناخشا ۋە مۇزىكا ئەسۋابلىرى، دېگەن. (مجموع فتاوى ومقالات الشيخ ابن باز 3/ 391) بۇنداق بولغاندا، مەنە «مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىتائەتمەن بەندىلىرى ناخشىدىن ۋە مۇزىكا ئەسۋابلىرى بىلەن ساز چېلىشتىن ياكى ئۇنىڭدا چېلىنغان مۇزىكىلارنى ئاڭلاشتىن ئۇزاق تۇرىدۇ» دېگەنلىك بولىدۇ.

5- ئەسىردە ياشىغان بۈيۈك فەقىھ، شافىي فەقىھلىرىنىڭ كاتتىلىرىدىن ئىمام (ئەبۇلھەسەن) ماۋەردى (ۋاپاتى:450) مۇنداق دېگەن:

{وَمِنَ النَّاسِ مَنْ يَشْتَرِي لَهْوَ الْحَدِيثِ} {كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا باتىل سۆزلەرنى سېتىۋالىدىغانلار بار} (سۈرە لوقمان، 6-ئايەت) بۇ ئايەتنىڭ تۆت خىل تەپسىرى بار. (1) ئايەتتىكى {باتىل سۆز} ناخشىدۇر. بۇ ئىبنى مەسئۇدنىڭ، ئىبنى ئابباسنىڭ، ئىكرىمە، سەئىد ئىبنى جۇبەير ۋە قەتادەنىڭ تەپسىرىدۇر. (2) ئايەتتىكى {باتىل سۆزلەرنى سېتىۋېلىش} ناخشىكەش قىز-ئاياللارنى سېتىۋېلىشنى كۆرسىتىدۇ. (3) چالغۇ ئەسۋابلىرىنى سېتىۋېلىشتۇر… (الحاوي الكبير 17\190) ئىمام ئىبنى تەيمىييەنىڭ ئېيتقىنىدەك، سەلەپ تەپسىرشۇناسلارنىڭ تەپسىرلىرى بىر-بىرىنى تولۇقلايدۇ. تەپسىرشۇناسلار ئەتراپىدىكى كىشىلەرنىڭ ئىلىم قۇۋۋىتى ۋە چۈشەنچىسىگە كۆرە، ئايەتنى ئۇلار چۈشىنىدىغان شەكىلدە، ئوبرازلىق قىلىپ چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. بەزىدە مەسىلىنىڭ بىر تەرىپىنى گەۋدىلەندۈرسە، بەزىدە يەنە بىر تەرىپىنى گەۋدىلەندۈرىدۇ. (اقتضاء الصراط المستقيم لمخالفة أصحاب الجحيم ١/٤٨٠)

يۇقىرىدا نەقىل قىلغىنىمىزدەك، ئىمام ماۋەردى چالغۇ ئەسۋاپلىرىنى ھارام دېگەن بولۇپ، ئۇ زات بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بايانلىرىدا، چالغۇ ئەسۋاپلىرىسىز ھالدا، ھالال مەزمۇندىكى ناخشىلارنى ئاڭلىغۇچى ھەققىدە مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:

ناخشا ئاڭلىغۇچى ئۈچ قىسىمغا بۆلىنىدۇ. (1) ناخشا-مۇزىكىغا دۈم چۈشكەن كىشى.. بۇنداق بىرى ئەخمەقتۇر، گۇۋاھلىقى قوبۇل قىلىنمايدۇ. (2) ئۆزىنى ئارام ئالدۇرۇش ئۈچۈن بەزى ھاللاردا، ئاندا-ساندا مۇباھ مەزمۇندىكى، چالغۇ ئەسۋابلىرىدىن ئۇزاق ھالدىكى ناخشىلارنى ئاڭلاپ قويىدىغان كىشى. ناۋادا بۇنداق كىشى ئۆزىگە نامەھرەم يات ئاياللارنىڭ ناخشىسىنى ئاڭلىمايدىغان تەقدىردە، ئۇنىڭ گۇۋاھلىقى قوبۇل قىلىنىدۇ. (3) جىق دېسە جىق ئەمەس، ئاز دېسە ئاز ئەمەس دەرىجىدە ناخشا ئاڭلايدىغان كىشى. بۇنداق كىشىنىڭ ئەھۋالىغا قارىلىدۇ. ئەگەر ناخشا ئاڭلاش بىلەن تونۇلغان (يەنى كىشىلەرگە ناخشا ئاڭلىغانلىق بىلەن بىلىنگەن) بىرى بولسا، بۇ ئەخمەقتۇر، شاھادىتى قوبۇل قىلىنمايدۇ. ئەگەر ناخشا ئاڭلاش بىلەن تونۇلمىغان بولسا، ئادىللىق سۈپىتىنى يوقاتمىغان دەپ قارىلىپ، شاھادىتى قوبۇل قىلىنىدۇ. (الحاوي الكبير 17\193) 

بۈيۈك تابىئىن سەئىد ئىبنى مۇسەييەب مۇنداق دېگەن: «مەن ناخشىنى ئۆچ كۆرىمەن.» (الجامع لمعمر بن راشد 19743)

چوڭ تابىئىن ھەسەن بەسرى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «ئىككى ئاۋاز باردۇركى، گۇناھ ۋە زىنا-پاھىشە تۈرىدىندۇر. ئۇنىڭ بىرى نېمەت پەيتىدىكى ئاۋاز، يەنە بىرى مۇسىبەت پەيتىدىكى ئاۋازدۇر. مۇسىبەت پەيتىدىكى ئاۋاز — يۈزىنى موتاپ، ياقىلارنى يىرتىش ۋە چاچلارنى يولۇپ، شەيتاندەك ۋارقىراپ-جارقىراشتۇر؛ نېمەت پەيتىدىكى ئاۋاز بولسا — پايدىسىز ئويۇن تاماشا بىلەن  شەيتاننىڭ نېيىدۇر. (راۋىي: بۇلار لەنەت قىلىنغان ئاۋازلاردۇر، دېگەنلىكىنىمۇ قوشۇپ رىۋايەت قىلغان.) (الجامع لمعمر بن راشد 19743)

— مۇجتەھىد تورى

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ