«ئۇلارنى ئاۋازىڭ بىلەن قوزغاتقىن» ئايىتىنىڭ تەپسىرى نېمە؟

ئاللاھ قۇرئاندا مۇنداق دېگەن: {وَاسْتَفْزِزْ مَنِ اسْتَطَعْتَ مِنْهُمْ بِصَوْتِكَ}  {ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن كۈچۈڭ يەتكەنلىكى ھەر كىمنى ئاۋازىڭ بىلەن (يامانلىققا) قوزغاتقىن.} (سۈرە ئىسرا، 64-ئايەت)

ئىمام سۇيۇتى رەھىمەھۇللاھ بۇ ئايەتنى مۇنداق تەپسىرلىگەن: «ئاۋازىڭ بىلەن قوزغاتقىن» يەنى ناخشا ۋە ساز ئارقىلىق، گۇناھقا باشلايدىغان تۈرلۈك چاقىرىقلار ئارقىلىق (ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلىشقا) قوزغاتقىن. (تفسير الجلالين 17\64)

ئىمام ئىبنى كەسىر بۇ ئايەتنى مۇنداق تەپسىرلىگەن:

بۇ ئايەتتىكى ئاۋاز ناخشىدۇر. مۇجاھىد ئايەتتىكى «ئاۋاز» دىن مەقسەت «ئويۇن-تاماشا ۋە ناخشا» دېگەن. يەنى، ئۇلاردىن كۈچۈڭ يەتكەنلىرىنى ناخشا ۋە ئويۇن تاماشا بىلەن گۇناھقا قوزغىتىپ خارلاشتۇرغىن. (تفسير ابن كثير ٥/٩٣)

ئىمام تەبەرىمۇ، {وَاسْتَفْزِزْ مَنِ اسْتَطَعْتَ مِنْهُمْ بِصَوْتِكَ} (سۈرە ئىسرا، 64) {ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن كۈچۈڭ يەتكەنلىكى ھەر كىمنى ئاۋازىڭ بىلەن (يامانلىققا) قوزغاتقىن} دېگەن بۇ ئايەتتىكى «ئاۋازىڭ بىلەن قوزغات» نى ناخشا ۋە ئويۇن-تاماشا ئارقىلىق قوزغات، دېگەم مەنىگە كېلىدىغانلىقىنى سەھىھ سەنەد بىلەن مۇجاھىدتىن نەقىل قىلغان. (تفسير الطبري 17\657) ئىمام تەبەرى، بۇ ئايەتنىڭ تەپسىرىدە يەنە ساھابە ئىبنى ئابباسنىڭ گۇناھ-مەئسىيەت تۈرىدىن بولغان ھەر قانداق ئاۋازلارنىڭ مۇشۇ ئايەتتىكى شەيتاننىڭ ئازدۇرغۇچى ئاۋازى جۈملىسىدىن بولىدىغانلىقىنى ئېيتقىنىنى بايان قىلغان. (تفسير الطبري 17\657)

ھىجرىيەنىڭ 3-ئەسىرىدە ياشىغان مەشھۇر تەپسىرشۇناس ۋە نەھۋىشۇناس ئالىم زەججاج (ت:241 ۋ:311) رەھىمەھۇللاھ {ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن كۈچۈڭ يەتكەنلىكى ھەر كىمنى ئاۋازىڭ بىلەن (يامانلىققا) قوزغاتقىن} ئايىتىنى «ناخشا ۋە ساز ئاۋازى ئارقىلىق (گۇناھ-مەئىسىيەتكە) قوزغاتقىن» دېگەنلىك بولىدۇ، دەپ تەپسىرلىگەن. (معاني القرآن وإعرابه للزجاج ٣/٢٥٠)

 

— مۇجتەھىد تورى

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ