تاماكا ساتىدىغان ۋە يېرىم – يالىڭاچ ئاياللارنىڭ كىتاب- ژۇرناللىرى سېتىلىدىغان ماگىزىندا ئىشلەشنىڭ ھۆكمى؟ | ئەللامە ئابدۇللاھ ئىبنى غۇدەييان رەھىمەھۇللاھ

تاماكا ساتىدىغان ۋە يېرىم – يالىڭاچ ئاياللارنىڭ كىتاب- ژۇرناللىرى سېتىلىدىغان ماگىزىندا ئىشلەشنىڭ ھۆكمى؟ | ئەللامە ئابدۇللاھ ئىبنى غۇدەييان رەھىمەھۇللاھ

سوئال:  مەن يېمەك – ئىچمەك ساىتىدىغان دۇككاندا ئىشلەيمەن، دۇككانىڭ خوجايىنى تاماكا ساتىدۇ، يېرىم – يالىڭاچ سۈرەتلەر بار ناچار مەزمۇندىكى كىتاب – ژۇرناللارنى ساتىدۇ. دۇككان خوجايىنىغا نەسىھەت قىلغان بولساقمۇ، پايدىسى بولمىدى. (بۇ خىل ئەھۋالدا) بىزنىڭ بۇ دۇككاندا تاماكا ۋە يېرىم – يالىڭاچ سۈرەتلەر بار كىتاب – ژۇرناللارنى خېرىدارلارغا ساتساق گۇناھكار بولىمىزمۇ؟ بىز ئالغان مائاش ھالال بولامدۇ ھاراممۇ؟

ئەللامە ئابدۇللاھ ئىبنى غۇدەييان رەھىمەھۇللاھنىڭ جاۋابى:

يېرىم – يالىڭاچ ئاياللارنىڭ رەسىملىرى بولغان، ناچار مەزمۇنلۇق كىتاب – ژۇرناللارنى سېتىش دۇرۇس ئەمەس، تاماكا سېتىشمۇ دۇرۇس ئەمەس. ئەگەر كىشى بۇنداق ھارام نەرسىلەرنى سېتىشقا ھەمكارلاشسا، گۇناھقا ھەمكارلاشقان نىسبىتىدە گۇناھكار بولىدۇ. تەۋپىق ئاللاھتىندۇر.

مەنبە: https://www.youtube.com/watch?v=b7WjZyE_h6w

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ