ئىختىلاپلىق مەسىلىدە قانداق يول تۇتىمىز؟ | ئەللامە ئابدۇللاھ ئىبنى غۇنەيمان

ئىختىلاپلىق مەسىلىدە قانداق يول تۇتىمىز؟ | ئەللامە ئابدۇللاھ ئىبنى غۇنەيمان

شۇنىسى مەلۇمكى، ئەگەر بىر فىقھىي مەسىلىدە مۇجتەھىد ئۆلىمالار ئارىسىدا ئىختىلاپ بولغان بولسا، مۇسۇلماندىن تەلەپ قىلىنىدىغىنى ئىختىلاپتىن چىقىپ كېتىش ئارقىلىق دىنىنى قوغداشتۇر. بۇنداق قىلىش كىشىنىڭ دىنى ئۈچۈن ئەڭ بىخەتەر، كۆڭلىنى خاتىرجەم قىلىدىغان يول. ئەمما، ئەگەر ئىختىلاپ بولدى دەپ قارالغان بىر مەسىلە ھەققىدە ئوچۇق سەھىھ دەلىل بولسا، كىشى ئاشۇ سەھىھ دەلىلگە (شۇ دەلىلگە تايانغان ھۆكۈمگە) ئەگىشىشى كېرەك، باشقىلار بۇ جەھەتتە ئۇنىڭغا خىلاپ يول تۇتۇشىدىن قەتئىينەزەر سەھىھ دەلىلگە ئەگىشىشى كېرەك.

— مۇجتەھىد ئالىملارنىڭ پەتىۋالىرى | mujtehid.com

مەنبە: https://www.youtube.com/shorts/wbodeJO1jnU

ئىختىلاپتىن چىقىپ كېتىش دېگەن نېمە؟ مەسىلەن، فىتىر زاكىتىغا پۇل بەرسە بولامدۇ يوق مەسىلىسىدە تۆت ئىمام ئىختىلاپلاشقان بولۇپ، ئىمام ئەبۇ ھەنىفە فىتىر زاكىتى ئۈچۈن پۇل بەرسە دۇرۇس دېگەن. باشقا ئىماملار دۇرۇس ئەمەس دېگەن. ئەمما، ئەبۇ ھەنىفەمۇ، باشقا ئىماملارمۇ يېمەكلىك بېرىشنىڭ دۇرۇسلۇقى ھەققىدە ئىختىلاپلاشمايدۇ. بۇ مەسىلىدە يېمەكلىك بېرىش ھۆكمىگە ئېسىلىش شەيخ دەۋاتقان ئىختىلاپتىن چىقىپ كېتىش ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى، يېمەكلىك بەرسە بولمايدۇ دەيدىغان ھېچقانداق ئالىم يوق، ئەمما پۇل بەرسە بولمايدۇ دەيدىغان ئالىم كۆپ. ئۇنىڭ ئۈستىگە يېمەكلىك بېرىش ھەققىدە سەھىھ دەلىللەر كۆپلەپ مەۋجۇت.

يەنە مەسىلەن، ئايال كىشىنىڭ يۈزىنى يېپىش سۈننەتمۇ، پەرزمۇ، بۇ جەھەتتە ئىختىلاپ بولغان. ئەمما، سۈننەت دېگەنلەرمۇ يۈز يېپىشنىڭ ياخشى ئەمەل، سالىھ ئەمەلە، تەقۋاغا تېخىمۇ يېقىن ئىكەنلىكىنى ئىقرار قىلىدۇ. ئايال كىشى يۈزىنى ياپسا، يۈز يېپىش سۈننەت دېگەنلەرمۇ، پەرز دېگەن ئالىملارمۇ ئۇنىڭ يۈزىنى يېپىشىنى ئەيىپلىمەيدۇ، ئەكسىچە ماختايدۇ. ئەمما، يۈزىنى ياپمىسا، يۈز يېپىش پەرز دېگەن ئالىملار ئۇنىڭ بۇ قىلمىشىنى گۇناھ، ئاسىيلىق دەپ ئەيىپلەيدۇ. شۇڭا، يۈز يېپىشنى تۇتۇش ئىختىلاپتىن چىقىپ كېتىش ھېسابلىنىدۇ. بۇ شەكىلدە مىساللار كۆپ، ئەلھەمدۇلىللاھ. ئىختىلاپ بولغان مەسىلىدە، قايسى تەرەپنىڭ ئوچۇق سەھىھ دەلىلى بولسا شۇ دەلىلگە بىۋاستە ئەگىشىش ھەر بىر مۇسۇلمانغا پەرز. سەھىھ دەلىلگە قارشى يول تۇتۇش كىشىنى ھالاك قىلىدىغان ئازغۇنلۇق يولىدۇر.

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ