«ئالىي مائارىپ» بىردىنبىر چىقىش يولى ئەمەس

«ئالىي مائارىپ» بىردىنبىر چىقىش يولى ئەمەس

 

قۇدرەت بارات
(2024 – يىلى يېزىلغان، 2026 – يىلى تولۇقلانغان)
مەن نەچچە يىللار ئىلگىرى ياشلارنىڭ تۈركىيەدىكى قۇمدەك كۆپ ئۇششاق – چۈششەك ئاتالمىش ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئوقۇپ، مەن ئالىي مائارىپ تەربىيىسى ئېلىۋاتىمەن دەپ ئۆزىنى ئالدىماسلىقىنى، بۇنداق قىلسا جەمئىيەتكە چىققاندا ئىشسىز قېلىپ، ئوقۇمىغان بالىلار قىلىۋاتقان ئىشقا ھەۋەس قىلىپ، تىرناق تاتىلاپ، چۈشكۈنلىشىپ خاراپ بولىدىغانلىقى توغرىسىدا بىر يازما يېزىپ ئېلان قىلغان ئىدىم.
يازمامدا «ئوقۇشنى بېرىلىپ تۇرۇپ ياخشى ئوقۇيدىغان، ئوقۇشقا ئامراق ياشلار ئوقۇسۇن، مەيلى تۈركىيەدىكى ياكى باشقا دۆلەتلەردىكى ئېسىل ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇيالايدىغانلار ئوقۇسۇن. ئەپلەپ – سەپلەپ ئوقۇش يولىنى تۇتقان، تۆۋەن نومۇر بىلەن ئۇششاق چۈششەك ئۇنىۋېرسىېتلاردا ھاياتىنى ئىسراپ قىلىدىغان ياشلار ئوقۇش يولىغا زورلاپ يۈرۈپ سىغدىلىپ كىرىۋالماي، ياخشى ھۈنەر كەسىپلەرنى ئۆگەنسۇن، بۇ ئۇنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ئەڭ ياخشى تاللاش» دەپ تەشەببۇس قىلغان ئىدىم.
بۇ پىكىرىمگە نۇرغۇن قېرىنداشلار قوشۇلغان بولسىمۇ، يەنە بەزى قېرىدىنداشلار قارشى چىقىپ، ھەتتا دېمەكچى بولغان مەقسىتىمنى مەلۇم دەرىجىدە بۇرمىلاپ «مائارىپقا قارشى چىقتى» دەيدىغان بۇرمىغۇچىلارمۇ؛ ئوقۇش دېگەن ئۇنداق ئۇلۇغ، مۇنداق يۈكسەك دەپ قارشى ماقالە يازغان، يېڭى ياشلارمۇ بولغان ئىدى.
كېيىن قارىسام، مېنىڭ ئاشۇ پىكىرىمگە قارشى ماقالە يازغان ئاشۇ ياش تۈركىيەدىن ئايرىلىپ، كاناداغا كۆچمەن بولۇپ كېتىپتۇ. ئەلۋەتتە، مۇبارەك بولسۇن، قۇتلۇق بولسۇن، بەختىڭىز ئوچۇق بولسۇن ئىنىم، دەيمىز.
ئەمما، ئاشۇ ياش قېرىندىشىمىز كانادادا ياشاش جەريانىدا بارغانچە ئەپلەپ – سەپلەپ ئۇنىۋېرسىتېت بولىۋالغان بىنالاردا يىللاپ ۋاقتىنى ئىسراپ قىلىپ يۈرۈپ ئالغان تايىنى يوق دىپلوملۇقلارنىڭ ئەمەس، بىرەر ھۈنەرگە ئۇستا كىشىنىڭ ھەقىقىي ئەتىۋارى بارلىقىنى بارغانچە تونۇپ يېتىشى، ئەپلەپ – سەپلەپ، ئالىي مەكتەپ ئوقۇدۇم دەپ قارىسىغا ئوقۇشنىڭ ئەسلىدە ئۆزىنى ھالاك قىلغانلىق، ئۆزىنى ھاڭغا ئىتتىرگەنلىك بولىدىغانلىقىغا بارغانچە ئىشىنىدىغان بولۇشى شەكسىز. ھەتتا شۇ ياش نېمىشقىمۇ بالدۇرراق بىرەر ھۈنەرنى ياخشىراق ئۆگىنىپ قويمىغان بولغۇيتتىم دەپ ئۇھسىنىپ قويىدىغان كۈنلەر كېلىشى، ھەتتا ئاللىقاچان شۇنداق ئۇھسىنىپ بولان بولۇشى مۇمكىن.
چۈنكى، يەر شارىدا ئوقۇغانلار بەك كۆپ. ئەمما، ئوقۇغان نەرسىسى ئارقىلىق قىممەت يارىتالايدىغان، يېڭىلىق يارىتالايدىغان كىشىلەر بەك ئاز. بۈگۈنكى دەۋر سىزنىڭ دىپلومىڭىزغا ئەمەس، ئەمەلىي ئىقتىدارىڭىزغا قارايدىغان دەۋر. ئەپلەپ سەپلەپ ئۇنىۋېرسىتېت بولىۋالغان ئاتالمىش ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن قولغا كەلتۈرۈۋالغان دىپلوملار ياۋروپا ئۇياقتا تۇرسۇن، شۇ ئۇنىۋېرسىتېتلار مەۋجۇت بولغان تۈركىيەدىمۇ ھېچنەرسىگە ئەرزىمەيدۇ.
ئاتا – ئانا بالىسىنى نېمىشقا ئوقۇتىدۇ؟ بالام ياخشى كۈن كۆرسۇن، تارتماسلىققا تېگىشلىك جاپالارنى تارتىپ قالمىسۇن، تۇرمۇشىنى ئاسانراق قامدايدىغان ئادەم بولسۇن، دەپ ئوقۇتىدۇ. ئەگەر يىگىرمە يىللاپ ئەپلەپ سەپلەپ ئوقۇغان بالىسىنىڭ، ئاتالمىش ئۇنۋىېرسىتېتلارنى پۈتتۈرۈپ چىققاندىن كېيىن باشلانغۇچنى پۈتتۈرۈپلا تىجارەتكە ياكى ھۈنەر – كەسىپكە كىرىشكەن بالىچىلىكمۇ كۈنگە ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى ئاتا – ئانىلار ھەقىقىي تونۇپ يەتسە، بالىلىرىنىڭ ھاياتىنى بۇ دەرىجىدە نابۇت قىلىش يولىغا ھەرگىز ماڭمىغان بولاتتى.
مەكتەپ مائارىپى، ئالىي مائارىپ ئىنسان ئۈچۈن بىردىنبىر چىقىش يولى ئەمەس. ئوقۇشقا ئېپى بار، كىتاپ – ماقالە بىلەن ئارىسى ياخشى، ئوقۇش ئارزۇسى ئىچ ئىچىدىن ئۇرغۇپ تۇرىدىغان، ئوقۇش كۆزىگە ئوينىغاندەك سۆيۈملۈك كۆرىنىدىغان ياشلار چوڭقۇرلاپ، بولۇشىغا ئوقۇسۇن. ئوقۇشنى زورلاپ ئوقۇيدىغان، ئوقۇشتىن بەك ئويۇنغا ئامراق، ئاتا ئانىسى زورلاپ تۇرمىسا، كىتاپنى قولىغا ئالمايدىغان، ئەپ تاپسىلا تالاغا قاچىدىغان بالىلارنى زورلاپ ئوقۇتۇش ئەسلىدە ئۇ بالىنىڭ كەلگۈسىگە قىلىنغان ئېغىر بۇزغۇنچىلىق ھېسابلىنىدۇ.
كىتاپ بىلەن خوشى يوق بۇنداق بالىلارنىڭ چوقۇم باشقا جەھەتلەردە ئىقتىدارى بولىدۇ. ئەگەر بالا ماشىنىغا بەك قىزىقسا، بالىنى ماشىنا – ماتور – رېمونت ئۇستىسى بولۇش يولىغا يولىغا قويۇپ بەرسە بولىدۇ، ئەگەر ئۇ تېلفۇن كومپيۇتېرغا، تورغا بەك قىزىققسا، ئۇنى كومپيۇتېر ساھەسىدە كەسپىي تەربىيىلىسە ياكى بۇ ئەسۋابلارنى رېمونت قىلىدىغان ئۇستا بولۇش يولى بويىچە تەربىيىلىسىە بولىدۇ. ياكى بالىنى چەتئەل تىللىرىغا قىزىقتۇرۇپ، بىر نەچچە چەتئەل تىلىغا ئۇستا تىل ماھىرى قىلىپ يېتىشتۈرسەك، بۇمۇ دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە ناھايىتى ئىستىقباللىق ماھارەت. ئەگەر ئۇ يېمەك ئىچمەككە قىزىقسا ئۇستا ئاشپەز قىلىپ تەربىيىلىسە بولىدۇ، ئەگەر ئۇ پۇل تېپىشقا قىزىقسا كىچىك تىجارەتكە سېلىپ، ئۇتۇقلۇق كارخانىچىلارغا شاگىرتقا بەرسە بولىدۇ…. ئاتالمىش ئالىي مائارىپ بىردىنبىر چىقىش يولى ئەمەس. تۇربا ئۇستىسى بولۇش، تامچى ئۇستام بولۇش، ياغاچچى ئۇستام بولۇش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى، ھەم غەربتە ھەم تۈركىيەدە ئوخشاشلا ياخشى پۇل تاپقىلى بولىدىغان كەسىپلەر بولۇپ قالدى. شۇڭا، ھۈنەر – كەسىپنى خار كۆرۈش ئەقلى بار ئادەمنىڭ ئىشى ئەمەس. دۇنياۋى چىقىش يولى ئىككى: (1) ئوقۇشقا ئېىپى بار، ئىلىم – پەنگە ھېرىسمەن بالىلار ناھايىتى ياخشى ئوقۇپ، شەرىئەتكە زىت كەلمەيدىغان ھەر قايسى كەسىپلەردە مۇتەخەسىس بولۇپ يېتىشسە بولىدۇ. (2) ئوقۇشقا قىزىقىشى يوق، كىتاپ دېسە بېشى ئاغرىيدىغان بالىلار بىرەر ھۈنەر – كەسىپتە ئۇستىلىشىپ، جەمئىيەتكە شۇ ساھەدە خىزمەت قىلسا بولىدۇ.
غەرب بۇنى ئاللىقاچان چۈشىنىپ، مۇشۇ ساھەدە ئادەم تەربىيەلەشە بىر ئەسىردىن ئۇزاق ۋاقىتتىن بېرى كىرىشىپ بولدى. ئەمما، بىزدىكى يەنە نۇرغۇن ئادەم يەنىلا بىردىنبىر چىقىش يولى ئالىي مائارىپ دەپ ئويلىۋېلىپ، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇسا نەتىجە قازىنالمايدىغان بالىنى زورلاپ، ھەتتا پارا بېرىپ يۈرۈپ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتۇپ، ئاقىۋەتتە ئۇلارنىڭ نۇرغىنى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغان بالىسىنى ئۆيدە سولاپ، ئاش – نان بېرىپ بېقىشتەك ئېغىر قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. ھەتتا بۇ سەۋەبلىك ئۆزىنى كېرەكسىز ھېس قىلىپ چۈشكۈنلەشكەن ياشلار تۈرلۈك يامان يوللارغا مېڭىپ كېتىۋاتىدۇ.
بىلىش لازىمكى، ھەر ئىنسان ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئىشنى قىلمىسا، قەتئىي جەمئىيەتكە تۆھپە قوشالمايدۇ، ئۆزىگىمۇ ئائىلىسىگىمۇ پايدا كەلتۈرەلمەيدىغان، بەخىتسىز ئادەم بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا، بالىدا كىچىكىدىن ساغلام قىزىقىش پەيدا قىلىش لازىم. بالا ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ساھەنى قانچە بۇرۇن تاللىسا، ئۇنىڭغا قانچە بۇرۇن كىرىشسە، ئۇنىڭ ئۇتۇقلۇق ئىنسان بولۇش مۇمكىنچىلىكى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ.
ئوقۇشقا ھەۋىسى يوق بالا ئەسلىدە ھەرگىز دۆت بالا ئەمەس. ئەمما، ئۇ ئېقىمغا ئەگىشىپ ئېقىشنى ياخشى كۆمەيدىغان، مەكتەپلەردە ئۆتۈلىۋاتقان نۇرغۇن دەرسلەرنى مەنىسىز دەپ ھېسابلاپ، ئوقۇشتىن سوۋۇپ ئەتكەن، ئەسلىدە ناھايىتى ئۆتكۈر بالا بولۇشى مۇمكىن. ئۇ ئوقۇشقا قىزىقمىسا، ئەگەر ئىزدەنسەك چوقۇم ئۇ قىزىقىدىغان بىرەر كەسىپ ياكى ھۈنەر – سانائەت چوقۇم چىقىدۇ. بالا مەيلى ئوقۇشقا ئامراق بالا بولسۇن، ياكى ئوقۇشقا ئۆچ بالا بولسۇن، ئامال بار ئۇنىڭ كۆڭلى تارتىدىغان، ئوتىدا كۆيۈپ سۈيىدە ئېقىشقا رازى بولىدىغان ھۈنەر – كەسىپكە يۈزلەندۈرۈش لازىم. ھەرگىزمۇ ئۆز ئارزۇسىنى بالىغا تېڭىپ، ئۇ ياخشى كۆمەيدىغان كەسىپكە ياكى ھۈنەرگە ئۇنى زورلىماسلىق لازىم. ھەر قانداق كىشىنىڭ ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان كەسىپنى قىلىش ھەققى بار. (ئەلۋەتتە، ئۇ كەسىپ شەرىئەتكە زىت يامان كەسىپلا بولمىغان تەقدىردە.) بالىنىڭ ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان كەسىپنى قىلىش ھوقۇقىنى بالىدىن تارتىۋېلىش گۇناھ ۋە زۇلۇم ھېسابلىنىدۇ.
ئاتالمىش ئالىي مائارىپقا ھەۋىسى يوق بالىلارنى بىكاردىن ئاتالمىش «ئالىي مائارىپ تۈرمىسى»گە سولاپ بېرىش ئۇ بالىنى نابۇت قىلغانلىقتىن، كېرەكسىز ئادەمگە ئايلاندۇرماقچى بولغانلىقىتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئاتا – ئانىلار ۋە ياشلار مەڭگۈ ئېسىدە تۇتقايكى، ئاتالمىش ئالىي مائارىپ بىردىنبىر چىقىش يولى ئەمەس. چىقىش يوللىرى ئىنتايىن كۆپ. بالىنىڭ ئىستىقبالىنى ئالىي مائارىپقا باغلاپ قويۇش توغرا ئەمەس. ئۇيقۇسى كەلمەي كېچىلەپ كىتاپ ئوقۇپ، ئىزدىنىپ كېتىدىغان بالىلار بولىدۇ، مانا بۇلار ئالىي مائارىپنىڭ بالىلىرى. بۇنداق بالىلار توغرا يۆنىلىشتە يېتەكلەنسە چوڭ بولغاندا مەلۇم بىر ئىلمىي ساھەدە مەشھۇر پروفسور، قابىل ئوقۇتقۇچى بولالايدۇ. كىتاپ، مەكتەپ دېسە بېشى ئاغرىپ، مەكتەپكە بارغۇسى كەلمەي ئاغرىپ قالغان بولۇپ يېتىۋالىدىغان بالىلار بار، مانا بۇنداق بالىلار ھۈنەر – كەسىپنىڭ بالىلىرى. بۇلار توغرا رەۋىشتە تەربىيىلەنسە، بىرەر ھۈنەرنى ياخشى ئۆگىنىپ، ئۇستىلىشىپ، كەلگۈسىدە پالانچى ئۇستام دەپ ئاتىلىدىغان، داڭلىق پروفىسورلارنىڭمۇ، باي كارخانىچىلارنىڭمۇ ھاجىتى چۈشىدىغان ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقالايدۇ. شۇڭا، ھەممە بالىنى زورلاپ ئاتالمىش ئالىي مائارىپقا تۇتۇپ بېرىش — ھەممە كېسەلگە ئوخشاش دورا بەرمەكچى بولغاندەكلا — نالايىق قىلمىشتۇر.
يەنە بىر نالايىق قىلمىش شۇكى، بالىسىنىڭ دىندا ئىلىم ئەربابى بولۇپ يېتىشىپ چىقىشىنى ئارزۇلايدىغان نۇرغۇن ئاتا – ئانىلار «مەن بالامنى ئاللاھ يولىغا ئاتىدىم» دەپ، ئۇلارنىڭ دۇنياۋى ماھارەتلەرنى يېتىشتۈرۈشىگە تامامەن سەل قارايدۇ. ئاقىۋەتتە بۇنداق بالا دىندا ئالىم بولۇش سەۋىيەسىگە تېخى يېتەلمەي، دۇنياۋىلىق جەھەتتىن ئۆزىنى ۋە ئائىلىسىنى باشقىلارنىڭ قولىغا قاراشتىن بىھاجەتمۇ بولالماي، ئېغىر كىرزىسلارغا دۇچ كەلمەكتە. سەلەپ ئالىملىرىدىن بەزىلىرى دېگەنكى «مۇسۇلمان كىشى دۇنيالىق جەھەتتە باشقىلاردىن بىھاجەت بولمىسۇ، ئۇنىڭ تۇنجى بولۇپ سېتىپ يەيدىغان نەرسىسى دىنى بولۇپ قالىدۇ.» شۇڭا، بالامنى دىنىي ئۇستاز، داموللام قىلىمەن دەيدىغان ئاتا – ئانىلار بالىسى 15 كە كىرگەن ھامان ئۇنىڭغا چوقۇم بىرەر ھۈنەرنى ئۆگىتىشى، ياكى بىرەر چەتئەل تىلىنى ياخشى ئۆگىتىشى كېرەك. بۇنىڭغا كېيىن قالغانلار بالىسى 20 گە كىرگەندە بولسىمۇ مۇشۇ يولنى تۇتۇشى كېرەك. دىندا ئوقۇغان بالا ھۈنەر كەسىپ بىلمىسە، باشقىلارنىڭ ئۆشرە – زاكىتىغا تەلمۈرىدىغان ئىنسان بولۇپ قالىدۇ. باشقىلارنىڭ قولىغا تەلمۈرىدىغان دىنىي زاتلار دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە دىننى ھەممىدىن بەك بۇزىدىغان، ھەقنى ھەممىدىن بەك يوشۇرىدىغان، ئۆزى ئۈمىد كۈتكەنلەرنىڭ كۆڭلى ئاغرىپ قالمىسۇن دەپ، دىندىكى ھالال ھارام، ھەق ناھەق مەسىلىسىدە مۇستەھكەم، ئادالەتلىك مەيدان تۇتالمايدىغان موللا بولۇپ قالىدۇ، ھەق دىننىڭ موللىسى ئەمەس، بەزى باي غوجاملارنىڭ، بەزى تەشكىلاتلارنىڭ ياكى بەزى گورۇھلارنىڭ موللىسى بولۇپ قالىدۇ. بۇنداق ئادەم ھەم دۇنياسىنى، ھەم ئاخىرەتلىكىنى نابۇت قىلغان ئادەمدۇر. شۇڭا، بالىنى ئاللاھنىڭ يولىغا ئاتىغان نىيىتىڭىز چىن بولسا، ئۇنىڭغا چوقۇم بىرەر ھۈنەر كەسىپنى ناھايىتى ياخشى ئۆگىتىڭ. ئۇ جەمئىيەتكە چىققاندا شۇ ھۈنەر كەسىپى بىلەن ھالالدىن جېنىنى قامدايدۇ، ھېچكىمگە مۇھتاج بولۇپ قالمىغانلىقى، ھېچكىمدىن تامايى، ھېچكىمنىڭ چىشىغا تېگىپ قويۇش قورقۇنچى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۆزى ئۆگەنگەن ھەق دىنغا كىشىلەرنى ئاللاھتىن باشقىسىدىن قورقمىغان ھالدا توغرا رەۋىشتە دەۋەت قىلالايدۇ.
بالىنىڭ ئالىي دىنىي ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئوقۇپ مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچى بولۇش ئارقىلىق ھەم دىنىي ھەم دۇنيالىق جەھەتتىن مۇستەقىل ئادەم بولۇش مۇمكىنچىلىكىمۇ ئەلۋەتتە بار. ئەمما، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بالامنى دىنغا ئاتىدىم دەيدىغان قېرىنداشلارنىڭ كۆپىنچىسى ھۈنەر – كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىشىلەر بولغاچقا، ھەتتا تۈزۈك ھۈنەر كەسىپىمۇ يوق كىشىلەرمۇ بولغاچقا، بۇ خىل ئەھۋالدا بالىغا ھۈنەر ئۆگىتىش ئۇلارنىڭ شارائىتىغا ئەڭ ماس كېلىدۇ ۋە ئەڭ ئۇدۇل چىقىش يولى ھېسابلىنىدۇ.
دىندا تەربىيىلىنىدىغان، دىنغا ئاتالغان پەرزەنتنىڭ بىرلا خىل ئەھۋالدا دۇنياۋى ئىش بىلەن شۇغۇللانماسلىقى مۇۋاپىق بولىدۇ. ئۇ بولسىمۇ، بالىنىڭ ئاتا – ئانىسى ياكى چوڭ دادا – چوڭ ئانىلىرى ناھايىتى باي كىشىلەر بولۇپ، بالىغا كۆپ مال – دۇنيا ئاتا – بوۋىسىدىن قالغان مال – دۇنيا مىراس قالىدىغان، بۇ مال دۇنيا ئۇنىڭغا ۋە ئۇنىڭ كەلگۈسىدىكى ئائىلىسىگە ئۇ ھېچقانداق تاپاۋەت تاپمىسىمۇ كەڭ تاشا يېتىدىغان ئەھۋال بولسا، كېيىنچە بالا بىلەن ئۇنىڭ تۇغقانلىرى ئارىسىدا مىراس جېلىدى چىقىپ، ئاقىۋەتتە بالىنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن قىيىنىلىق قېلىش، باشقىلارغا تايىنىپ قېلىش مۇمكىنچىلىكى بولمىسا، ئاتا – بوۋىسىمۇ بالىنىڭ دىنىي ئوقۇش ۋە دىنىي دەۋەتكە باشچىلاپ چۆكۈشىنى ئارزۇ قىلىدىغان كىشىلەر بولسا ۋە بۇ نىيىتى يىللاردىن كېيىن ئۆزگىرىپ قالمايدىغان، قەتئىي نىيەت بولسا، ئۇ ھالدا بۇنداق بالىنىڭ تىجارەت ياكى ھۈنەر – كەسىپ ئۆگەنمەي دىنىي ئىلىمگىلا چۆكۈشى يوللۇق بولىدۇ.
See less
شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ