دىن دۈشمەنلىرىگە رەددىيە (1): ئىسلامدا ھايۋانغا چېقىلغۇچىغا جازا يوقمۇ؟
قۇدرەت بارات
(2026 – يىلى، 2- ماي)
(2026 – يىلى، 2- ماي)
بۇ تېمىمىز مۇ ئۈچ ماۋزۇنى چۆرىدەيدۇ:
(1) ھايۋانغا جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغۇچىنى ئىسلام جازالىمامدۇ؟
(2) ئىسلام شەرئىتىدە ھايۋانغا ئازار بېرىشنىڭ جازاسى نېمە؟
(3) دىن دۈشمەنلىرىنى قارا تىزىملىككە تىقىش زۆرۈر
***
تور دۇنياسىدا بىزنىڭ ئانا تىلىمىزدا ئىسلامغا ۋە مۇسۇلمانلارغا يالغان ئىسىمدا ھۇجۇم قىلىۋاتقان بىر دىن دۈشمىنى مۇنداق بىر سەپسەتىنى ئوتتۇرىغا تاشلىغان، بۇ سەپسەتىگە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى 200 دىن ئارتۇق ئىنكاس يازغان. شۇنچە كۆپ ئۇيغۇر كۆرگەن، بىر نەچچە ھەپتىدىن بېرى ئوتتۇرىدا ئۇچۇپ يۈرگەن ۋە يۈزلەرچە ئىنكاس چۈشكەن بۇ تۆھمەتكە قارشى بىرەر دىنىي ئۇستازنىڭ چىقىپ ئىلمىي رەددىيە بەرمىگەنلىكى مېنى ھەيران قالدۇردى.
سەپسەتە مۇنداق:
«ئىسلامدا ھايۋان بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغۇچىغا ھېچقانداق جازا كەلمەيدۇ، شۇڭا مۇسۇلمانلار ھايۋان بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىدۇ.» ئۇ بۇنداق دېيىشتە ھەزىرتى ئىبنى ئابباسقا نىسبەت بېرىلگەن «ھايۋانغا يېقىنچىلىق قىلغۇچىغا ھەد جازاسى كەلمەيدۇ» دېگەن ئەسەرنى تۇتقۇ قىلغان قىياپەتكە كىرىۋالغان.
دىن دۈشمىنىنىڭ ئىسلامغا قىلغان بۇ تۆھمىتىگە جاۋاب بېرىشتىن ئاۋۋال، ئوڭدا يېتىۋېلىپ «پىتنىنى قوچىمايلى» دەپ ئىنكاس يېزىشقا ئامراق كىشىلەرگە ۋە ئەقىل ئىگىلىرىگە ئىككى ئېغىز گەپ:
نەچچە مىڭ مۇسۇلمان تاماشا قىلغان، 200 دىن ئارتۇق ئىنكاس قىلغان بۇنداق ئىسلامغا قارشى تۆھمەتلىك تېمىلارغا ھەق ئەھلىلىرى تەرىپىدىن دەلىللىك رەددىيە قايتۇرلمىسا، ئىسلام ھەققىدە توغرا چۈشەنچىسى كەمچىل، ياكى كۇفۇرنىڭ يولى بارغانچە كۆزىگە چىرايلىق كۆرىنىپ قېلىۋاتقان بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلارنى بۇ خىل تۆھمەتلەر كۇفۇرنىڭ قوينىغا ئىتتىرىش خەۋپى بار. دۈشمەننىڭ كۆزلەيدىغىنى دەل مۇشۇ. ھەتتا ياش ئەۋلادلار، يىللار ئۆتمىسىمۇ بىر ئىككى ياخشى دىنىي ئەسەرنى ئوقۇپ ئۆز ئىمانىنى سۇغۇرۇپ تۇرۇشقىمۇ قاشاڭلىق قىلىدىغان خانىم – قىزلار مۇشۇنداق تۆھمەتلەرنىڭ بارغانچە قۇربانىغا ئايلىنىپ كېتىش خەۋىپىنىمۇ ھەرگىز نەزەردىن ساقىت قىلغىلى بولمايدۇ. بۇ ۋەجىدىن، بۇ خىل تۆھمەتلەرگە ئىلمىي جاۋاپ قايتۇرۇش — بۇنىڭغا ئىلمىي سەۋىيەسى يېتىشىدىغان ھەر بىر مۇسۇلمانغا ۋاجىپ. بىر تۆھمەت ئوتتۇرىغا تاشلانغان، ئۇنىڭغا مىڭلارچە كىشى ئىشتىراك قىلغان، بۇ خىل تۆھمەتلەر ھەر كۈنى دېگۈدەك تور دۇنياسىدا ئۇچۇپ يۈرگەن ئىكەن، بۇ تۆھمەتكە چوقۇم ھەققانىي جاۋاب بېرىلىشى زۆرۈر. چۈنكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن:«سىلەردىن كىم بىر يامان ئىشنى كۆرسە ئۇنىڭغا قولى ئارقىلىق قارشى تۇرسۇن، بۇنىڭغا قادىر بولالمىسا تىلى ئارقىلىق قارشى تۇرسۇن، بۇنىڭغىمۇ قادىر بولالمىسا دىلىدا قارشى تۇرسۇن. ھالبۇكى، يامانلىققا دىلىدا قارشى تۇرۇش (شۇنداق قىلغۇچىدىكى) ئىماننىڭ ئەڭ زەئىپ ھالىتىدۇر.» (مۇسلىم)
تۆھمەتكە جاۋاب:
(1) ھايۋانغا جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغۇچىنى ئىسلام جازالىمامدۇ؟
ئىش بۇ دىن دۈشمىنى ئىددىئا قىلىۋاتقاندەك ئەمەس.
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن ھايۋانغا جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغان كىشىنىڭ ئۆلتۈرۈلىدىغانلىقى توغرۇلۇق ھەدىس كەلگەن.
روى الترمذي (1455) وأبو داود (4464) وابن ماجه (2564) عَنْ عِكْرِمَةَ عَنْ ابْنِ عَبَّاسٍ رضي الله عنهما قَالَ : قَالَ رَسُولُ اللَّهِ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ : ( مَنْ وَجَدْتُمُوهُ وَقَعَ عَلَى بَهِيمَةٍ فَاقْتُلُوهُ وَاقْتُلُوا الْبَهِيمَةَ )
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇلالھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «كىمنى بىر ھايۋان بىلەن يېقىنچىلىق قىلىۋاتقان (جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈۋاتقان) ھالدا كۆرسەڭلار، ئۇنى ئۆلتۈرۈڭلار، ھايۋاننىمۇ بىللە ئۆلتۈرۈڭلار.» (ئەبۇ داۋۇد 1455، ئىبنى ماجە 4464، ئىبنى ماجە 2564- ھەدىس)
بۇ ھەدىسنىڭ سەنەدىدە ئىللەت بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بولۇپ، بەزى ئالىملار بۇ ھەدىسنى زەئىپ دېگەن بولسىمۇ، ئىمام شافىي ۋە ئىمام ئەھمەدتە ھەدىسشۇناسلىقتا پېشىۋا بولغان، فىقىھتىمۇ پېشىۋا بولغان بىر تۈركۈم مەشھۇر مۇجتەھىد ئالىملار بۇ ھەدىسنى ھۆججەت بىلىپ قوبۇل قىلغان، مۇشۇ ھەدىسنىڭ ھۆكمىگە بىنائەئەن، ھايۋانغا جىنسىي جەھەتتىن خورلىغۇچى ئۆلتۈرۈلىدۇ، دەپ ھۆكۈم بەرگەن.
دۇنياغا مەشھۇر «كۇۋەيت فىقھى ئېنسىكلوپېدىيەسى» (الموسوعة الفقهية، 24/33) دە مۇنداق دېيىلگەن:
«كۆپچىلىك (جۇمھۇر) فەقىھلەرنىڭ قارىشىچە، ھايۋان بىلەن يېقىنچىلىق قىلغان كىشىگە شەرىئەتتە كەلگەن (يەنى ئايەت – ھەدىستە ئېنىق بەلگىلەنگەن) جازا يوق. ئۇنىڭغا تەئزىر بېرىلىدۇ. (يەنى قازى بۇنداق قىلغۇچىغا ئۆزى توغرا كۆرگەن جازانى بېرىدۇ.) چۈنكى ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن: «ھايۋان بىلەن يېقىنچىلىق قىلغۇچىغا ھەد جازاسى كەلمەيدۇ» دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنغان. بۇنىڭغا ئوخشاش (غەيبىي) سۆزلەرنى ئۇ پەقەت (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئاڭلىغان) بىلىمگە ئاساسەن ئېيتىدۇ. يەنە بىر سەۋەبى، ساغلام ئىنسان تەبىئىتى بۇنداق قىلمىشتىن نەپرەتلىنىدۇ، شۇڭا (كىشىلەرنى ھايۋانغا مۇناسىۋەت قىلىشتىن توسۇش ئۈچۈن مەخسۇس بەلگىلىگەن) ھەد جازاسىغا ئېھتىياج يوقتۇر. (بۇ بىلىنگەن يامانلىق بولغانلىقى ئۈچۈن ، قازى بۇنداق قىلغۇچىغا تېگىشلىك جازاسىنى بېرىدۇ.)
شافىئىي مەزھىبىدە بىر قاراش باركى، ئۇنىڭغا زىنا جازاسى بېرىلىدۇ (يەنى ئۆلتۈرۈلىدۇ)، ئىمام ئەھمەدنىڭمۇ مۇشۇنداق دېگەنلىكىنى نەقىل قىلىنغان. شافىئىي مەزھىبىدىكى يەنە بىر قاراشتا، ئۇ كىشى مەيلى ئۆيلەنگەن ياكى ئۆيلەنمىگەن بولسۇن، مۇتلەق ئۆلتۈرۈلىدۇ.
جۇمھۇر فەقىھلەرنىڭ (ھەنەفىي، مالىكىي ۋە شافىئىي مەزھىپىنىڭ) مەزھىبى شۇكى، ھايۋان ئۆلتۈرۈلمەيدۇ. ئەگەر (بۇنداق ئەھۋالدا) ھايۋان ئۆلتۈرۈلگەن بولسا، مالىكىي ۋە شافىئىي مەزھىپىدە ئۇ گۆشى يېيىلىدىغان ھايۋان بولسا، ئۇنىڭ گۆشىدىن ھېچقانداق بىئاراملىق ھېس قىلماستىن يەۋېرىش جائىز. (ھەنەفىيلەرنىڭ دەسلەپكى مۇجتەھىدلىرىدىن) ئىمام ئەبۇ يۇسۇف ۋە ئىمام مۇھەممەد ئۇنى يېيىشنى مەنئى قىلغان ۋە: «ئۇ بوغۇزلىنىپ، ئاندىن كۆيدۈرۈۋېتىلىدۇ (گۆشى يېيىلمەيدۇ)» دېگەن. ئىمام ئەبۇ ھەنىفە بولسا (يېيىشنى) جائىز كۆرگەن. ھەنەفىي مەزھىپىدىكىلەر ئۇ ھايۋان مەيلى تىرىك بولسۇن ياكى ئۆلۈك بولسۇن، ئۇنىڭدىن مەنپەئەتلىنىشنىڭ مەكرۇھ ئىكەنلىكىنى ئېنىق بايان قىلغان.» (كۇۋەيت فىقھى ئىنسكولوپىدىيىسىدىن ئېلىنغان مەزمۇن تۈگىدى.)
ئىمام ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ «ئەلمۇغنى»دا مۇنداق دېگەن: «ھايۋاننى ئۆلتۈرۈشتىكى سەۋەب ھەققىدە ئوخشىمىغان قاراشلار بار: بىر قاراشتا، ھايۋان تىرىك قالسا شۇ قىلمىشنى سادىر قىلغۇچى كىشىلەرنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچراپ تۇرىدۇ ۋە كىشىلەر ئۇ ھايۋاننى كۆرگەندە شۇ سەت ئىشنى ئەسلەيدۇ (شۇڭا بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلىدۇ.) دېيىلگەن. ئىبنى بەتتە ئۆز سەنەدى بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن مۇنداق رىۋايەت قىلغان: ›كىمنى بىر ھايۋان بىلەن يېقىنچىلىق قىلىۋاتقان ھالدا كۆرسەڭلار، ئۇنى ئۆلتۈرۈڭلار، ھايۋاننىمۇ بىللە ئۆلتۈرۈڭلار.‹ ساھابىلەر: ›ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى، ھايۋاننىڭ نېمە گۇناھى؟‹ دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ›(ئۆلتۈرۈۋېتىڭلاركى، كېيىن كىشىلەر تەرىپىدىن) بۇ شۇنداق قىلىنغان ھايۋان، دەپ گەپ-سۆز بولۇپ يۈرمىسۇن‹ دەپ جاۋاب بەرگەن.
يەنە بىر قاراشتا: شەكلى ئۆزگىرىپ كەتكەن (مەجرۇھ) بىر مەخلۇق تۇغۇلۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، دېيىلگەن.
يەنە بىر قاراشتا: (نەپرەتلىك بولغانلىقى ئۈچۈن) گۆشى يېيىلىپ قېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، دېيىلگەن. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمۇ ئۆزىنىڭ سەۋەب بايان قىلىشىدا مۇشۇ نۇقتىغا ئىشارەت قىلغان. «ئەلمۇغنى» (9/60)
يۇقىرىقى ھەدىستىن ۋە ئۆلىمالارنىڭ بۇ ھەقتىكى ھۆكمىدىن شۇ نەرسە مەلۇمكى، ئىسلام شەرىئىتىدە ھايۋاننى جىنسىي جەھەتتىن خورلىغۇچى جازالىنىدۇ. ئۆلىمالار قانداق جازالىنىدىغانلىقىدا ئوخشىمىغان قاراشتا بولغان. ئىسلام ئۆلىمالىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئەڭ يەڭگىل ھۆكمى، ھايۋانغا يېقىنچىلىق قىلغۇچىنىڭ قازى مۇۋاپىق كۆرگەن جازا بىلەن جازالىنىشىدۇر. يۇقىرىقى ھەدىسكە ئاساسلانغان ئەڭ قاتتىق ھۆكۈممۇ بىر تۈركۈم بۈيۈك ئىسلام ئۆلىمالىرىنىڭ ھۆكمى بولۇپ، ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ھايۋانغا يېقىنچىلىق قىلغۇچى ئۆلتۈرۈلىدۇ.
ئىبنى ئابباسنىڭ ھەد جازاسى كەلمەيدۇ، دېيىشى «ھايۋانغا جىنسىي مۇناسىۋەت قىلسا دۇرۇس» دېگەنلىكتىن دېرەك بەرمەيدۇ. بەلكى، «ھايۋانغا جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغۇچى ھەققىدە ئايەت ياكى ھەدىستە ئېنىق كۆرسەتمە يوق» دېگەنلىكتىن دېرەك بېرىدۇ. بۇنداق بولغاندا، ئىبنى ئابباس بۇ سۆزنى ئېيتقاندا رەسۇلۇللاھنىڭ «ھايۋانغا يېقىنچىلىق قىلغۇچىنى ئۆلتۈرۈڭلار» دېگەن ھەدىسى ئۇنىڭغا يېتىپ كەلمىگەن، ئىبنى ئابباس بۇ ھەدىستىن خەۋەسىز قالغان بولىدۇ، ئەمما باشقا ساھابىلەر خەۋەردار بولغاچقا بۇ ھەدىس باشقا ساھابىلەردىن بىزگىچە يېتىپ كەلگەن بولىدۇ. شۇڭا، ساھابە سۆزى بىلەن رەسۇلۇللاھنىڭ بىر مەسىلە ھەققىدىكى سۆزى پەرقلىق چىقىپ قالسا، رەسۇلۇللاھنىڭ ھەق، ساھابە ئۇ ھەقتىكى مەزمۇندىن خەۋەر تاپالماي قېلىپ، خاتا سۆزلەپ سالغان ھېسابلىنىدۇ. مەزكۇر دىن دۈشمىنى ئىبنى ئابباسنىڭ شۇ سۆزىنى تېپىشنى بىلگەن، ئەمما ئۇنىڭ مەقسىتى ھەر قانداق يالغان ياۋىداقنى توقۇپ يۈرۈپ بولسىمۇ ئىسلامنى ۋە مۇسۇلمانلارنى ھاقارەتلەشنى مەقسەت قىلغان بولغاچقا، رەسۇلۇللاھنىڭ «ھايۋانغا چېقىلغۇچىنى ئۆلتۈرۈڭلار» دېگەن ھەدىسنى تېپىشنى «بىلمەي قالغان.»
شۇنداق بولغاندا، يالغان ئىسىم قويىۋالغان مەزكۇر دىن دۈشمىنىڭ «ئىسلامدا ھايۋان بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغۇچىغا ھېچقانداق جازا كەلمەيدۇ، شۇڭا مۇسۇلمانلار ھايۋان بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىدۇ» دېگەن سەپسەتىسى ئىسلامنى سەت كۆرسىتىش ئۈچۈن ئۆزى توقۇۋالغان يالغاندىن، ئىسلامغا ئېتىلغان تۆھمەتتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ھايۋانغا چېقىلغۇچى ئەڭ ئېغىر بولغاندا ئۆلتۈرۈلىدۇ، يەڭگىل بولغاندا قاماش، ئىقتىسادىي جازا بېرىلىش، سازايى قىلىنىش دېگەندەك تۈرلۈك جازالاردىن بىرىگە ياكى بىر قانچىسىغا دۇچ كېلىدۇ. ئىسلام دىنى ئىنساننىلا ئەمەس، ھايۋانلارنىمۇ قوغدايدۇ.
(2) ئىسلام شەرئىتىدە ھايۋانغا ئازار بېرىشنىڭ جازاسى نېمە؟
ئىمام بۇخارى نەقىل قىلغان يەنە بىر سەھىھ ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ «بىر ئايال بىر مۈشۈكنى ئۆيىگە قاماپ قويۇپ، ئۇنىڭغا يا يېمەك – ئىچمەك بەرمەي، ياكى ئۆزىنىڭ يېمەكلىك تېپىپ يېيىشى ئۈچۈن ئۇنى قويىۋەتمەي، ئاقىۋەتتە مۈشۈكنىڭ ئۆلىمىگە سەۋەب بولغانلىقى ئۈچۈن، ئاللاھ ئۇنى دوزاخقا تاشلىدى» دېگەنلىكى بايان قىلىنغان. [قاراڭ: سەھىھۇل بۇخارى (3318-ھەدىس)، سەھىھۇل مۇسلىم (2242-ھەدىس)]
ئىسلامدا ھايۋانغا قەستەن زۇلۇم سېلىش، ئۇنىڭ ھاياتىنى قەستەن نابۇت قىلىشنىڭ جازاسى دوزاختۇر. ئىسلامدا ھايۋانغا قەستەن زىيان يەتكۈزۈش گۇناھى كەبىرە \ چوڭ گۇناھ دەپ قارىلىدىغان بولۇپ، ئىسلام دىنى ئىنساننىلا ئەمەس، ھايۋاننىمۇ ئەنە شۇنداق قوغدايدۇ.
سەپەرلەردىن بىرىدە بىر تۆگە رەسۇلۇلللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى كۆرۈپ ناھايىتى زارلىنىپ كەتكەن. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئاللاھنىڭ ۋەھىيسى بىلەن ئەھۋالنى بىلىپ يېتىپ «بۇ تۆگە ئۆز ئىگىسىنىڭ ئۆزىگە زۇلۇم قىلغانلىقى توغرىسىدا داتلىنىۋاتىدۇ» دەپ، تۆگىنىڭ ئېگىسىنى چاقىرتىپ ئۇنىڭغا ئېغىر تەنبىھ بەرگەن. [قاراڭ: «سۇنەن ئەبۇ داۋۇد» (2549-ھەدىس) ۋە «مۇسنەد ئەھمەد» (1745-ھەدىس)]
سەئىد ئىبنى جۇبەير رەھىمەھۇللاھ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دەيدۇ: (ھەزىرتى ئۆمەرنىڭ ئوغلى، مەشھۇر ئالىم ساھابە) ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىر قۇشنى تۇتۇۋېلىپ، ئۇنى نىشان قىلىپ ئوق ئېتىپ كۆڭۈل خۇشى قىلىپ ئويناۋاتقان توپ ياشلارنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى، ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشى كۆرۈپ مۇنداق دېدى:
«بۇنى كىم قىلدى؟ ئاللاھ بۇنى قىلغۇچىغا لەنەت قىلسۇن! رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم جانلىق نىشانغا ئالغان (بۇ ئارقىلىق كۆڭۈل وشى قىلغان) كىشىگە لەنەت ئوقۇغان.»[قاراڭ: سەھىھ بۇخارى، 5491-ھەدىس؛ سەھىھ مۇسلىم، 1958-ھەدىس]
ئىسلام شەرىئىتى ھايۋانغىمۇ ياخشىلىق قىلىشنى تەشۋىق قىلىنغان
ئەبۇ ھۇرەيىرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ئۇزۇن بىر ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قاتتىق ئۇسسىغان بىر ئىتقا سۇ بەرگەنلىكى ئۈچۈن ئاللاھ تائالانىڭ بىر كىشىنى كەچۈرۈم قىلغانلىقىنى سۆزلەپ بەرگەن. شۇ چاغدا ساھابىلەر:
— ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! بىزگە ھايۋانلارغا قىلغان ياخشىلىقىمىز ئۈچۈنمۇ ساۋاب بولامدۇ؟ — دەپ سورىغان.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق جاۋاب بەرگەن:((فِي كُلِّ كَبِدٍ رَطْبَةٍ أَجْرٌ))
«ھەر بىر ھۆل جىگەر (يەنى ھەر بىر تىرىك جان ئىگىسىگە قىلغان ياخشىلىق ئۈچۈن) ئۈچۈن ساڭا ئەجىر (ساۋاب) بار.» [قاراڭ: سەھىھ بۇخارى (2363-ھەدىس) ۋە سەھىھ مۇسلىم (2244-ھەدىس)]
خۇلاسە:
دۈشمەن ھېچقاچان ئۆزى دۈشمەن تۇتقۇچى تەرەپكە ئادالەتلىك بولمايدۇ. دۈشمەن ئۆز دۈشمىنىنى قارىلاش، تۆھمەتلەش ئۈچۈن ئاقنى قارا، قارىنى ئاق قىلىپ كۆرسىتىدۇ، يالغاننى توقۇيدۇ، ئەگەر ئۇ دىنغا سېستىمىلىق ھۇجۇم قىلماقچى بولسا، ئۇنىڭ قىلالايدىغىنى دىنىي تېكىستنىڭ ئالدى كەينىنى ئۆچۈرۈۋېتىپ، ئالدى كەينى بولمىسا خاتا مەنە بېرىپ قويىدىغان بىر ئىككى جۈملىنى تاللاپ ئېلىپ، ئۆز دۈشمىنىنى ئاشۇ يۇلۇپ ئالغان جۈملىلەر، بايانلار ئارقىلىق «رەسۋا قىلماقچى» بولىدۇ. مۇسۇلمانلار دۈشمەننىڭ ئىسلامغا ئېتىۋاتقان تۆھمەتلىرى ھەققىدە كۆرسىتىدىغان ئەڭ تۆۋەن تۇتۇمى مۇنداق بولۇشى كېرەك: ئاللاھ ھەق، ئاللاھنىڭ رەسۇلى ھەق، ئاللاھنىڭ شەرىئىتى يۈزدە يۈز ھەق. ئىسلامدا مۇسۇلمانلارنىڭ يۈزىنى قارا قىلىدىغان، تىلغا ئېلىنسا مۇسۇلمانلارنىڭ يۈزىدىنى سۆرۈن قىلىدىغان ھېچقانداق مەسىلە يوق. ئىنسانىيەتنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك مەنپەئەتىنى كۆزلەيدىغان مېھرىبان ئاللاھ ۋە ئۇ زاتنىڭ ئۇلۇغ پەيغەمبىرى چىقارغان ھەر قانداق ھۆكۈم ھەق، ھەتتا بىز ئۇنىڭ ھېكمىتىنى چۈشەنمىسەكمۇ، ئۇ يەنىلا ئىنسانىيەت شەكسىز پايدىلىق. ئايەت، ھەدىسلەرنى يۇلۇپ ئەكىلىپ ئىسلامنى قارىلاۋاتقانلار مائاشلىق باندىتلار بولۇپ، ھەر زامان ۋە ھەر ماكاندا بۇ مائاشلىق قۇللار دەۋاتقىنىنىڭ ئەكسى توغرا.
(3) دىن دۈشمەنلىرىنى قارا تىزىملىككە تىقىش زۆرۈر
يەنە بىر مەسىلە، دىنىغا ھۇجۇم قىلىۋاتقىنى يالغان ئىسىمدىكى بىر ئىككى مەلئۇن. يەنە باشقا راست يالغان ئىسىملاردىكى يۈزلەرچە كىشى دۈشمەننىڭ تۆھمەتلىرىگە خېرىدار بولۇشى، ئاستىغا ئىنكاس يېزىپ، ئۇ تۆھمەتنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئادەمنىڭ ئالدىدا زاھىر بولۇشىغا كۈچ قېتىشى دىنغا ۋە مۇسۇلمانلارغا ئاڭسىز رەۋىشتە زىيان سالغانلىقتۇر.
ئىشنىڭ توغرىسى، ھەر قانداق مۇسۇلمان تور ساھەسىدە يالغان ئىسىمدىكى دىن دۈشمەنلىرىنى بايقىغان ھامان ئۇنداقلارنى قارا تىزىملىككە تىقىۋېتىشنى ئۆزىگە ۋەزىپە قىلسا، ئۆز تېمىلىرىغا خېرىدار چىقمىغان دۈشمەن خېرىدارى يوق ئۆزىگە ۋە بىر ئىككى سەپدىشىغىلا بازاردا كاپشىۋېرىشتىن ھېرىپ، ئاستا مەيداندىن چېكىنىدۇ. نۇرغۇن مۇسۇلمانلار مۇشۇنى ھېس قىلىشنىڭ ئورنىغا، دۈشمەننىڭ قىلتاق، توزاق، تۆھمەتلىرىگە ئۇنى بۇنى يېزىپ، دۈشمەننىڭ بازىرىنى قىزىتىپ، تېخىمۇ ياخشى ئېنىرگىيە بىلەن تەمىنلەۋاتىدۇ. بۇ ۋەجىدىن دۈشمەننىڭ رەزىل تۆھمەتلەر بىلەن تولغان تېمىلىرى ئاستىغا ئىنكاس يېزىشتىن ئۇزاق تۇرۇش — نىجاسەتنى چوقچىلاشتىن ئۇزاق تۇرغاندەكلا ئاقىلانە قىلمىشتۇر. دىن دۈشمەنلىرىنىڭ تېمىلىرىنى ئىنكاس بىلەن قىزىتىپ بېرىش — ئوتنىڭ ئۈستىگە ياغ چاچقاندەكلا ناباپ قىلمىش ھېسابلىنىدۇ. ئاللاھ ھەممەيلەنگەن ساغلام ئەقىل، كۈچلۈك ئىمان، توغرا يول ئاتا قىلسۇن.
