قۇرئان كەرىمنىڭ تەرجىمە نۇسخىسىنى تاھارەتسىز تۇتۇشنىڭ ھۆكمى | ئىمام ئىبنى باز پەتىۋاسى

قۇرئان كەرىمنىڭ تەرجىمە نۇسخىسىنى تاھارەتسىز تۇتۇشنىڭ ھۆكمى

پەتىۋا بەرگۈچى: ئىمام ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ

سۇئال: مەندە قۇرئاننىڭ ئىنگلىزچە تەرجىمە نۇسخىسى بار، ئۇنى كاپىرنىڭ تۇتۇشى جائىزمۇ؟

جاۋاب: كاپىرنىڭ ئىنگلىز تىلىدىكى ياكى باشقا تىللاردىكى قۇرئان تەرجىمىلىرىنى تۇتۇشىدا ھېچقانداق چەكلىمە يوق. چۈنكى تەرجىمە دېگەنلىك قۇرئاننىڭ مەنە تەپسىرىدۇر. شۇڭا، ئەگەر قۇرئاننىڭ تەرجىمىسى كاپىر ياكى تاھارەتسىز كىشى تۇتسا، بۇنىڭ ھېچقانداق گۇناھى يوق؛ چۈنكى تەرجىمىنىڭ ھۆكمى قۇرئاننىڭ ئۆزىنىڭ ھۆكمىدەك بولماستىن، بەلكى تەپسىرنىڭ ھۆكمىدە بولىدۇ. تەپسىر كىتابلىرىنى كاپىرلارنىڭ ياكى تاھارەتسىز كىشىلەرنىڭ تۇتۇشىنىڭ ھېچقانداق زىيىنى يوق. ھەدىس، فىقھى ۋە ئەرەب تىلى كىتابلىرىنىڭ ھۆكمىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاشتۇر. مۇۋەپپەقىيەت ئاللاھ تائالادىندۇر.

— مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

مەنبە: شەيخ ئىبنى بازنىڭ پەتىۋالار ۋە ماقالىلەر توپلىمى (5-جىلد، 405-بەت)

https://binbaz.org.sa/fatwas/1408/حكم-مس-ترجمة-معاني-القران

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ