قىلغان ئەمەلىنىڭ شىرك ئىكەنلىكىنى بىلمەي، شىرك ئۈستىدە ئۆلگەن كىشىنىڭ ھۆكمى
سۇئال: بىر كىشى قىلغان ئەمىلىنىڭ شىرك ئىكەنلىكىنى بىلمەستىن شىرك ئۈستىدە ئۆلۈپ كەتكەن بولسا، ئۇنىڭ ھۆكمى نېمە؟
جاۋاب: شىرك ئۈستىدە ئۆلگەن كىشى ئىنتايىن خەتەرلىك ئەھۋالدا قالىدۇ. چۈنكى ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا مۇنداق دەيدۇ: {وَلَوْ أَشْرَكُوا لَحَبِطَ عَنْهُمْ مَا كَانُوا يَعْمَلُونَ} «ئەگەر ئۇلار شېرىك كەلتۈرسە، قىلغان ئەمەللىرى ئەلۋەتتە بىكار بولۇپ كېتىدۇ.» [ئەنئام سۈرىسى، 88-ئايەت]
ئاللاھ يەنە مۇنداق دەيدۇ: {مَا كَانَ لِلْمُشْرِكِينَ أَنْ يَعْمُرُوا مَسَاجِدَ اللَّهِ شَاهِدِينَ عَلَى أَنْفُسِهِمْ بِالْكُفْرِ أُولَئِكَ حَبِطَتْ أَعْمَالُهُمْ وَفِي النَّارِ هُمْ خَالِدُونَ} «مۇشرىكلار ئۆزلىرىنىڭ كاپىرلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئاللاھنىڭ مەسجىدلىرىنى ئاۋات قىلىشقا ھەقلىق ئەمەس، ئۇلارنىڭ ئەمەللىرى بىكار بولدى، ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر.» [تەۋبە سۈرىسى، 17-ئايەت]
ئاللاھ يەنە مۇنداق دەيدۇ: {وَقَدِمْنَا إِلَى مَا عَمِلُوا مِنْ عَمَلٍ فَجَعَلْنَاهُ هَبَاءً مَنْثُورًا} «بىز ئۇلار قىلغان ئەمەللەرگە (يەنى ياخشى ئەمەللىرىگە) يۈزلىنىمىز-دە، ئۇنى توزۇغان چاڭ-توزانغا ئايلاندۇرۇپ قويىمىز.» [فۇرقان سۈرىسى، 23-ئايەت]
ئاللاھ يەنە مۇنداق دەيدۇ: {إِنَّ اللَّهَ لا يَغْفِرُ أَنْ يُشْرَكَ بِهِ وَيَغْفِرُ مَا دُونَ ذَلِكَ لِمَنْ يَشَاءُ} «ئاللاھ ئۆزىگە شېرىك كەلتۈرۈلۈشىنى (تەۋبىسىز ئۆلسە) كەچۈرمەيدۇ، ئۇنىڭدىن باشقىسىنى (خالىغان كىشى ئۈچۈن) كەچۈرىدۇ.» [نىسا سۈرىسى، 48-ئايەت]
مانا بۇلار (چوڭ شىرك ئۈستىدە ئۆلگەنلەر) نىڭ ئاگاھلاندۇرۇلۇشى ۋە ئاقىۋىتى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئورنى باشقا چوڭ كۇفرى سادىر قىلغان كاپىرلارنىڭ ئورنى بىلەن ئوخشاشتۇر. شىرك سادىر قىلغانلارنىڭ بۇ دۇنيادىكى ھۆكمىگە كەلسەك، ئۇلار يۇيۇلمايدۇ، جىنازا نامىزى ئوقۇلمايدۇ ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىنمايدۇ.
ئەمما ئۇلارنىڭ ئىچىدە كىمگە دەۋەت — يەنى قۇرئان ۋە سۈننەت — يەتمىگەن بولسا، ئۇنىڭ ئىشى قىيامەت كۈنى باشقا «ئەھلى فەترەت» (پەيغەمبەرلەر ئارىلىقىدىكى دەۋەت يەتمىگەنلەر) گە ئوخشاش ئاللاھنىڭ ئىرادىسىگە تاپشۇرۇلىدۇ. ئەھلى ئىلىملەرنىڭ بۇ ھەقتىكى ئەڭ كۈچلۈك قارىشى شۇكى، ئۇلار قىيامەتتە ئىمتىھان قىلىنىدۇ. كىم بۇيرۇققا ئىتائەت قىلسا جەننەتكە كىرىدۇ، كىم ئاسىيلىق قىلسا دوزاخقا كىرىدۇ.
بۇ مەسىلىنى كاتتا ئالىم ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ ئۆزىنىڭ «تەرىقۇل ھىجرەتەين» (طريق الهجرتين) ناملىق كىتابىنىڭ ئاخىرىدا تەپسىلىي بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: «(سەككىزىنچى قاراش:) ئۇلار قىيامەت مەيدانىدا ئىمتىھان قىلىنىدۇ، ئۇ يەردە ئۇلارغا ۋە دەۋەت يەتمىگەن بارلىق كىشىلەرگە بىر ئەلچى ئەۋەتىلىدۇ. كىم ئەلچىگە ئىتائەت قىلسا جەننەتكە كىرىدۇ، كىم ئاسىيلىق قىلسا دوزاخقا كىرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ بىر قىسمى جەننەتتە، بىر قىسمى دوزاختا بولىدۇ، مانا مۇشۇ قاراش بارلىق دەلىللەرنى بىر-بىرىگە ماسلاشتۇرىدۇ.»
ئەمما كىمدە-كىم ئۆزى سادىر قىلغان شىرك مەسىلىسىدە جاھالەت ئىچىدە بولغان بولسا، ئۇنىڭ ئىشى ئاللاھ تائالاغا تاپشۇرۇلىدۇ. ئەمما دۇنيادىكى ھۆكۈم زاھىرغا (سىرتقى كۆرۈنۈشكە) ئاساسەن چىقىرىلىدۇ. كىمنىڭ زاھىرى شىرك بولسا، ئۇنىڭ ھۆكمى مۇشرىكلارنىڭ ھۆكمى بىلەن ئوخشاشتۇر. ئۇنىڭ (ئىچكى ئەھۋالى ۋە ئاخىرەتلىك) ئىشى بولسا ھەممە نەرسىنى بىلگۈچى ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالاغا تاپشۇرۇلىدۇ.
— مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
مەنبە: شەيخ ئىبنى بازنىڭ 1416-يىلى 8-ئاينىڭ 13-كۈنى جىددە شەھىرىدىكى ئەمىر مۇتئەب بىن ئابدۇلئەزىز مەسجىدىدە بەرگەن «قۇرئان كەرىم بىلەن ۋەسىيەت قىلىش» ناملىق لېكسىيەسىدىن كېيىن سورالغان سوئاللارغا بەرگەن جاۋابى. (شەيخ ئىبنى بازنىڭ پەتۋالار ۋە ماقالىلەر توپلىمى، 9-جىلد، 39-بەت)
