تەۋھىد مەسىلىسىدە جاھالەتكە ئۆزۈر يوق | ئىمام ئىبنى باز پەتىۋاسى

تەۋھىد مەسىلىسىدە جاھالەتكە ئۆزۈر يوق

سۇئال: دىننىڭ جەۋھىرى (ئۆزى) بولغان تەۋھىد مەسىلىلىرىدە بىلمەسلىك (جاھالەت) سەۋەبلىك شىرككە چۈشكەن كىشىگە ئۆزۈر بارمۇ؟ شىرك ئەمەللەرنى بىلمەستىن سادىر قىلغان شەخسنى «كاپىر» دېيىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟

جاۋاب: مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ياشىغان كىشىنىڭ تەۋھىد مەسىلىسىدە جاھالەت (بىلمەسلىك) ئۆزرىسى يوقتۇر. ئەمما مۇسۇلمانلاردىن يىراقتا ياشايدىغان ۋە تەۋھىدتىن خەۋەرسىز كىشىلەرنىڭ ئىشى ئاللاھقا تاپشۇرۇلىدۇ. ئۇلارنىڭ ھۆكمى قىيامەت كۈنى ئىمتىھان قىلىنىدىغان «ئەھلى فەترەت»لەرنىڭ ھۆكمى بىلەن ئوخشاشتۇر.

لېكىن، مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ياشاپ تۇرۇپ، ئاللاھنىڭ ۋە رەسۇلىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ تۇرۇپمۇ، ئۇنىڭغا پىسەنت قىلمىغان، كۆڭۈل بۆلمىگەن، قەبرىلەرگە چوقۇنغان، ئۇلاردىن مەدەت سورىغان كىشى كاپىردۇر. شۇنداقلا دىننى تىللىغان كىشى كاپىردۇر. بۇ خىل كىشىلەر ئېنىق رەۋىشتە كاپىر دەپ ھۆكۈم قىلىنىدۇ. مەسىلەن، سىزنىڭ «پالانى كاپىر» دېگىنىڭىزگە ئوخشاش. مۇسۇلمان ھۆكۈمرانلار بۇنداق كىشىنى تەۋبىگە چاقىرىشى كېرەك. ئەگەر تەۋبە قىلسا (ياخشى)، بولمىسا كاپىرلىقى يۈزىسىدىن ئۆلتۈرۈلىدۇ.

دىننى مەسخىرە قىلغان، ياكى ئاللاھ ھارام قىلغان نەرسىنى — مەسىلەن، زىنا ھالال، ھاراق ھالال دېيىش، ئىنسانلار تۈزگەن قانۇنلار بىلەن ھۆكۈم قىلىش ھالال دەپ بىلىش، ئاللاھ نازىل قىلغان ھۆكۈمدىن باشقىسى بىلەن ھۆكۈم قىلىش ھالال ياكى ئۇنى ئاللاھنىڭ ھۆكمىدىن ئەۋزەل دەپ بىلگەن كىشىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش كاپىر بولىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىسلامدىن چىقىپ كېتىش (مۇرتەدلىك) تۇر، بۇنداق بولۇپ قېلىشتىن ئاللاھتىن پاناھ تىلەيمىز.

شۇڭا ھەر بىر ئىسلام ھۆكۈمىتىنىڭ ئاللاھنىڭ شەرىئىتى بىلەن ھۆكۈم قىلىشى، پۇقرالار ئىچىدىن ئىسلامنى بۇزىدىغان (ناۋاقىزۇل ئىسلام) ئەمەل سادىر قىلغانلارنى تەۋبىگە چاقىرىشى ۋاجىپتۇر. ئەگەر تەۋبە قىلسا (قوبۇل قىلىنىدۇ)، بولمىسا ئۆلتۈرۈلۈشى ۋاجىپتۇر. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ((من بدل دينه فاقتلوه)) «كىمكى دىنىنى ئۆزگەرتسە (مۇرتەد بولسا)، ئۇنى ئۆلتۈرۈڭلار» دېگەن (بۇخارى رىۋايىتى). «سەھىھەين»دە (بۇخارى ۋە مۇسلىمدا) كەلگەن رىۋايەتتە، مۇئاز ئىبنى جەبەل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بەزى ۋالىيلارغا مۇرتەد تەۋبە قىلمىسا ئۆلتۈرۈشنى بۇيرۇپ: «بۇ ئاللاھنىڭ ۋە رەسۇلىنىڭ ھۆكمىدۇر» دېگەن.

ئاللاھنىڭ ھۆكمى ئىلىم ۋە بەسىيرەت بىلەن، مەسئۇللارنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئىجرا قىلىنىشى ئۈچۈن بۇ جازالار چوقۇم ھۆكۈمران (ۋەلىييۇل ئەمر) ۋە شەرىئەت مەھكىمىلىرى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىشى ۋاجىپتۇر. ئاللاھ ھەممىمىزنىڭ ئەھۋالىنى ئوڭشىسۇن، ئۇ ھەقىقەتەن (دۇئالارنى) ئاڭلىغۇچى، (بەندىلىرىگە) يېقىندۇر.

— مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

مەنبە: شەيخ ئىبنى بازنىڭ پەتۋالار ۋە ماقالىلەر توپلىمى، 9-جىلد، 79-بەت

https://binbaz.org.sa/fatwas/2351/امور-التوحيد-لا-عذر-فيها

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ