تەۋھىدنىڭ ھەقىقىتىنى بىلمەي ئاللاھتىن باشقىغا دۇئا قىلىشنىڭ ھۆكمى

تەۋھىدنىڭ ھەقىقىتىنى بىلمەي ئاللاھتىن باشقىغا دۇئا قىلىشنىڭ ھۆكمى

سۇئال: مۇسۇلمانلاردىن تەۋھىدنىڭ ھەقىقىتىنى بىلمەستىن ئاللاھتىن باشقىغا دۇئا قىلىدىغانلارنىڭ ھۆكمى نېمە؟

پەتىۋا بەرگۈچى: ئىمام ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ

جاۋاب: بۇلارنىڭ ھۆكمى شۇكى، ئۇلارنىڭ بۇ ئەمىلى كۇفۇردۇر (كاپىرلىقتۇر). ئۆلۈكلەرگە دۇئا قىلىدىغان ۋە ئۆلۈكلەردىن مەدەت سورايدىغانلارنىڭ قىلغىنى كۇفرى ئەمەلدۇر. ئۆلىمالار بۇ مەسىلىدە، يەنى شۇ كىشىنىڭ ئۆزى كاپىر ھېسابلىنامدۇ ياكى چوقۇم (ھەقنى) بىلىشى شەرت بولامدۇ؟ دېگەن مەسىلىدە ئىككى خىل قاراشتا بولغان:

بىرىنچى قاراش: چوقۇم (ھەقنى) بىلىشى شەرت. چۈنكى ئۇ باتىلغا چاقىرغۇچىلار ۋە ناچار ئالىملار يۈزىسىدىن بۇ مەسىلىدە قايمۇقۇشقا چۈشۈپ قالغان بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا، ئۇنىڭغا كافىر دەپ ھۆكۈم چىقىرىشتىن بۇرۇن، چوقۇم ئىشنىڭ ھەقىقىتى ئۇنىڭغا ئۆگىتىلىشى ۋە ئاگاھلاندۇرۇلۇشى شەرت. بۇ بىر تۈركۈم ئەھلى ئىلىملەرنىڭ قارىشىدۇر.

ئىككىنچى قاراش: ھېچقانداق رەۋىشتە بايان قىلىپ ئۆگىتىشكە ئېھتىياج يوق. چۈنكى مەسىلە ناھايىتى ئېنىق، قۇرئاننىڭ ھەممە يېرىدە شىرك بايان قىلىنغان، سۈننەتتىمۇ شىركنىڭ بايانى ئوچۇق مەۋجۇت. ئۆلىمالارمۇ بۇنى بايان قىلغان. شۇڭا ئۇنىڭ كاپىر بولۇشى ئۆگىتىشكە باغلىق ئەمەس، شۇڭا ئاللاھتىن باشقىسىغا دۇئا قىلغان كىشى مۇشۇ ئەمىلى بىلەنلا مۇشرىك كاپىر بولۇپ كېتىدۇ.

لېكىن، ئەگەر ئۇنى سوراققا تارتىدىغان بىر ئىسلام دۆلىتى بولسا، ئۇنى جازالاشتىن بۇرۇن تەۋبىگە چاقىرىدۇ. ئۇنىڭغا: «ئاللاھقا تەۋبە قىل، بۇ شىركتىن ۋاز كەچ» دېيىلىدۇ. ئەگەر تەۋبە قىلىپ ۋاز كەچسە ئەلھەمدۇلىللاھ، ئەمما چىڭ تۇرۇۋالسا ئۆلتۈرۈلىدۇ.

قانداقلا بولمىسۇن، مەسىلە ناھايىتى خەتەرلىك. بۇنداق ئەمەللەرنى سادىر قىلىش بىلەنلا (ئۇ كىشىنى) «كاپىر» دەپ ھۆكۈم قىلىش كۈچلۈك بىر قاراشتۇر. لېكىن، ئېھتىيات يۈزىسىدىن، تاكى ئۇ كىشىگە ھەق يەتكۈزۈلۈپ، ياخشىلىققا يېتەكلىنىپ ۋە (بۇ ھەقتىكە توغرا ئەقىدە) ئۆگىتىلمىگۈچە، بۇ ھۆكۈمگە ئالدىرىماسلىق كېرەك. ئەگەر ئىمكانىيەت بولسا، بەلكىم ئۇ كىشى (ھەقنى ئاڭلىسا) ھىدايەت تېپىپ قالار. ئەمما، مادامىكى كاپىرلارنىڭ ئەمىلىنى قىلىۋاتقان ئىكەن، ئۇنىڭ بۇ دۇنيادىكى ھۆكمى كاپىرلارنىڭ ھۆكمى بىلەن ئوخشاش بولۇپ، ئاللاھتىن باشقىغا دۇئا قىلىدىغان ھالەتتە ئۆلگەن كىشىنىڭ جىنازا نامىزى ئوقۇلمايدۇ، يۇيۇلمايدۇ ۋە مۇسۇلمانلار ئۇنىڭدىن مىراس ئالمايدۇ.

— مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى | mujtehid.com

https://binbaz.org.sa/fatwas/1210/حكم-دعاء-غير-الله-عن-جهل-بالتوحيد

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ