شىرك ئەمەل سادىر قىلغان كىشى قاچان ئۆزۈرلۈك ھېسابلىنىدۇ؟
ئىمام ئىبنى باز پەتىۋاسى
مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
سۇئال: بىر مۇسۇلمان ئاللاھتىن باشقىغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىش ياكى نەزىر قىلىشقا ئوخشاش شىرك ئەمەللەرنى سادىر قىلسا، ئۆزۈرلۈك سانىلامدۇ؟
جاۋاب: بۇ جەھەتتىكى ھۆكۈم ئىككى تۈرلۈكتۇر. (1) جاھالەت (بىلمەسلىك) سەۋەبلىك ئۆزرىلىك سانىلىدىغان ئىشلار. (2) جاھالەت (بىلمەسلىك) سەۋەبلىك ئۆزرىلىك سانالمايدىغان ئىشلار.
ئەگەر يۇقىرىقىدەك شىرك ئەمەلنى سادىر قىلغۇچى مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ياشايدىغان تۇرۇپ، ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرسە ياكى ئاللاھتىن باشقىغا ئىبادەت قىلسا، ئۇ سەل قارىغانلىقى، (ھەقنى) سورىمىغانلىقى ۋە دىنىي مەسىلىلەردە بەسىيرەتلىك بولۇشقا تىرىشمىغانلىقى يۈزىسىدىن، قىلغان شىرك ئەمىلىدە ئۆزۈرلۈك ھېسابلانمايدۇ. شۇڭا ئۆلۈكلەرگە، دەرەخلەرگە، تاشلارغا ياكى بۇتلارغا ئىبادەت قىلىش مەسىلىسىدە ئۇ كىشى ئۆزۈرلۈك بولالمايدۇ. چۈنكى ئۇ ھەقتىن يۈز ئۆرۈگەن ۋە غەپلەتتە قالغاندۇر. ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا مۇنداق دېگەن: {وَالَّذِينَ كَفَرُوا عَمَّا أُنْذِرُوا مُعْرِضُونَ} «كاپىرلار ئۆزلىرى ئاگاھلاندۇرۇلغان نەرسىدىن يۈز ئۆرۈگۈچىلەردۇر.» [ئەھقاف سۈرىسى، 3-ئايەت]
يەنە بىر دەلىل شۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھتىن ئانىسى ئۈچۈن مەغپىرەت تىلەشكە رۇخسەت سورىغاندا، ئاللاھ ئۇنىڭغا مەغپىرەت تىلەشكە رۇخسەت قىلمىغان. چۈنكى رەسۇلۇللاھنىڭ ئانىسى ئۆز قەۋمىنىڭ دىنىدا — يەنى بۇتلارغا چوقۇنىدىغان ھالەتتە ئۆلگەن ئىدى. يەنە بىر دەلىل، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆز ئاتىسى ھەققىدە سورىغان بىر كىشىگە: «ئۇ دوزاختىدۇر» دېگەن. سۇئال سورىغۇچىنىڭ چىرايىدىكى قايغۇنى كۆرگەندىن كېيىن: «شۈبھىسىزكى، مېنىڭ ئاتاممۇ، سېنىڭ ئاتاڭمۇ دوزاختىدۇر» دېگەن. (يەنى ئۇلار مۇسۇلمانلار ئارىسىدا بولمىسىمۇ، ھەق دىن كېلىشتىن بۇرۇن بۇتلارغا چوقۇنۇپ ئۆلگەنلىكى ئۈچۈن ئۆزرىلىك سانالمىغان).
چۈنكى رەسۇلۇللاھنىڭ دادىسى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەن، ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالادىن باشقىغا ئىبادەت قىلغان ھالەتتە ئۆلگەن. (ئەھۋال شۇنداق ئىكەن)، مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ياشاپ تۇرۇپ بەدەۋىيگە، ھۈسەيىنگە، ئابدۇلقادىر جەيلانىيغا، مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە، ئەلىگە ياكى باشقىلارغا (ئۇلاردىن ھاجەت تىلەش، ئۇلارنى دۇنيانىڭ ئىشلىرىنى تەسەررۇپ قىلالايدۇ دەپ ئېتىقاد قىلىش ئارقىلىق) ئىبادەت قىلىۋاتقانلارنىڭ ئەھۋالى قانداق بولار؟
مانا مۇشۇنداق كىشىلەر ۋە ئۇلارغا ئوخشاشلارنىڭ ئۆزرىسى رەسۇلۇللاھنىڭ ئانىسىنىڭ ۋە دادىسىنىڭ ئۆزرىسى قوبۇل قىلىنمىغىندىنمۇ بەكرەك قوبۇل قىلىنمايدۇ. چۈنكى بۇ خىل كىشىلەر مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىدا ياشاپ تۇرۇپ، قۇرئان كەرىم كۆز ئالدىدا (قولىدا) تۇرۇقلۇق چوڭ شىرك سادىر قىلغانلاردۇر. شۇنىڭدەك رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننىتىمۇ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا مەۋجۇت، ئەمما ئۇلار قۇرئان ۋە سۈننەتتىكى شىركتىن ئۇزاق تۇرۇش بۇيرۇقىنى چۈشىنىشتىن ۋە ئۇلارغا رىئايە قىلىشتىن يۈز ئۆرۈمەكتىدۇر.
ئىككىنچى تۈردىكىلەر بولسا، جاھىللىق (بىلمەسلىك) سەۋەبلىك ئۆزرىلىك سانىلىدىغانلاردۇر. مەسىلەن، دۇنيانىڭ چەت جايلىرىدا، ئىسلامدىن يىراق ئەللەردە چوڭ بولغانلار ياكى باشقا سەۋەبلەر بىلەن دەۋەت يەتمىگەن «ئەھلى فەترەت»كە (پەيغەمبەرلەر ئارىلىقىدىكى دەۋر كىشىلىرىگە) ئوخشاشلار. بۇلار جاھالىتى سەۋەبلىك ئۆزرىلىك سانىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئىشى ئاللاھ تائالاغا تاپشۇرۇلىدۇ.
توغرا قاراش شۇكى، قىيامەت كۈنى ئۇلاردىن ئىمتىھان قىلىنىدۇ (يەنى ئۇلارغا بۇيرۇق بېرىلىدۇ)؛ ئەگەر ئىتائەت قىلسا جەننەتكە كىرىدۇ، ئەگەر ئاسىيلىق قىلسا دوزاخقا كىرىدۇ. بۇنىڭ دەلىلى ئاللاھ تائالانىڭ: {وَمَا كُنَّا مُعَذِّبِينَ حَتَّى نَبْعَثَ رَسُولًا} «بىز پەيغەمبەر ئەۋەتمىگۈچە (ھېچكىمگە) ئازاب قىلمايمىز.» [ئىسرا سۈرىسى، 15-ئايەت] دېگەن سۆزى ۋە بۇ ھەقتە كەلگەن سەھىھ ھەدىسلەردۇر.
كاتتا ئالىم ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ ئۆزىنىڭ «تەرىقۇل ھىجرەتەين» (طريق الهجرتين) ناملىق كىتابىنىڭ ئاخىرىدا، مۇكەللەپلەرنىڭ (مەسئۇلىيەت ئىگىلىرىنىڭ) تەبىقەلىرىنى زىكىر قىلغاندا، بۇ مەسىلىنى ئىنتايىن تەپسىلىي بايان قىلغان؛ پايدىسىنىڭ كاتتىلىقى يۈزىسىدىن، تېخىمۇ تەپسىلىي چۈشەنچىگە ئىگە بولماقچى بولغانلارنىڭ شۇ ئەسەرگە مۇراجىئەت قىلىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ.» (مجموع فتاوى ومقالات الشيخ ابن باز: 4/ 26)
