ئىسلام يېتىپ كەلگەن تۇرۇپ، ئۇنىڭغا كىرمىگەنلەرنىڭ ھۆكمى | ئىمام ئىبنى باز پەتىۋاسى

ئىسلام يېتىپ كەلگەن تۇرۇپ، ئۇنىڭغا كىرمىگەنلەرنىڭ ھۆكمى

ئىمام ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ پەتىۋاسى

سوئال: بىر كىشى مۇنداق دەيدۇ: «ئىسلام ۋە ئىمان پەقەت رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ پەيغەمبەرلىكى بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ، بەلكى ئىسلام بىلەن ئىمان — مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئەۋەتىلىشتىن بۇرۇن بولسۇن ياكى كېيىن بولسۇن — ئاللاھقا قانداقلا بىر سۈرەتتە ئىبادەت قىلغان بارلىق ئىنسانلارغا ئومۇمىيدۇر (يەنى شۇلارنىڭ ھەممىسى مۆمىن-مۇسۇلمان سانىلىدۇ).» بۇ قاراشقا نېمە دەيلا؟

جاۋاب:
مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەۋەتىلىشتىن بۇرۇن، ئۆتكەنكى پەيغەمبەرلەرگە ئىمان ئېيتقانلارنىڭ ھەممىسى جەننەت ئەھلىدۇر. كىمكى مۇساغا، ئەيساغا، ھۇدقا، سالىھقا ۋە بارلىق پەيغەمبەرلەرگە ئىمان ئېيتىپ، شۇ ھالەتتە ئۆلگەن بولسا، ئۇ جەننەت ئەھلىدىن بولىدۇ.

ئەمما مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەۋەتىلگەندىن كېيىن، مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئەگەشكەنلەردىن باشقا ھېچكىم جەننەتكە كىرەلمەيدۇ. رەسۇلۇللاھ ئەۋەتىلگەندىن كېيىن يەر يۈزىدىكى بارچە ئىنسانلارنىڭ ئۇ زاتقا ئىمان ئېيتىپ ئەگىشىشتىن باشقا نىجاتلىق يولى يوقتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ((كل أمَّتي يدخلون الجنة إلَّا مَن أبى)) «ئۈممىتىمنىڭ ھەممىسى جەننەتكە كىرىدۇ، پەقەت (كىرىشتىن) باش تارتقانلارلا كىرەلمەيدۇ». ساھابىلەر: «يا رەسۇلۇللاھ، باش تارتقۇچى كىم؟» دەپ سورىغاندا، رەسۇلۇللاھ: «كىم ماڭا ئىتائەت قىلسا جەننەتكە كىرىدۇ، كىم ماڭا ئاسىيلىق قىلسا (جەننەتكە كىرىشتىن) باش تارتقان بولىدۇ (يەنى دوزاخقا كىرىدۇ)» دېگەن.

ئەبۇ ھۇرەيرە ھەدىس سۆزلەپ،  رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان: ((والذي نفسي بيده، لا يسمع بي أحدٌ من هذه الأمة: يهودي ولا نصراني، ثم يموت ولم يُؤمن بالذي أُرْسِلْتُ به إلَّا كان من أهل النار)) «جېنىم ئىلكىدە بولغان زات بىلەن قەسەمكى، بۇ ئۈممەتتىن (يەنى مېنىڭ زامانىمدىكى ئىنسانلاردىن) مەيلى يەھۇدى بولسۇن ياكى ناسارا بولسۇن، كىم مەن توغرۇلۇق ئاڭلاپ تۇرۇقلۇق، مەن ئەۋەتىلگەن دىنغا ئىمان ئېيتمىغان ھالەتتە ئۆلىدىكەن، ئۇ چوقۇم دوزاخ ئەھلىدىن بولىدۇ.» (مۇسلىم 153)

شۇڭا، مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەۋەتىلگەندىن كېيىن، پەقەت ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەردىن باشقا ھېچكىم جەننەت ئەھلىدىن بولالمايدۇ. جەننەت ئەھلى بولىدىغانلار پەقەت رەسۇلۇللاھقا (مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە) ئەگەشكەنلەردۇر. ئەمما كىمگە ئۇنىڭ خەۋىرى يېتىپ تۇرۇپ، ئۇنى ئىنكار قىلسا ۋە ئىمان ئېيتمىسا، ئۇ دوزاخ ئەھلىدىن بولىدۇ.

ئەمدى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ خەۋىرى يەتمىگەن، پەيغەمبەر ھەققىدە ۋە قۇرئان ھەققىدە ئاڭلىمىغان «ئەھلى فەترەت» (دەۋەت يەتمىگەنلەر) گە كەلسەك، ئۇلارنىڭ ئىشى قىيامەت كۈنى ئاللاھ تائالاغا تاپشۇرۇلىدۇ. ئاللاھ ئۇلارنى قىيامەتتە ئىمتىھان قىلىدۇ. كىم ئىمتىھاندىن ئۆتسە (ئىتائەت قىلسا) جەننەتكە كىرىدۇ، كىم ئۆتەلمىسە دوزاخقا كىرىدۇ. ئاللاھتىن سالامەتلىك تىلەيمىز.

ئەمما كىمگە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ خەۋىرى يېتىپ كەلگەن، قۇرئان  يېتىپ كەلگەن تۇرۇپمۇ ئىمان ئېيتمىسا، ئۇ دوزاخ ئەھلىدىن بولىدۇ. ئاللاھتىن ئامانلىق تىلەيمىز.

— مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

مەنبە: https://binbaz.org.sa/fatwas/3045/حكم-من-بلغته-رسالة-الاسلام-ولم-يدخل-فيه

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ